مۇنبەردىن نىمىلەرنى ئۈگەندىڭىز ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك . پېقىردىن مۇنبەرداشلىرىمغا سالام . تېمامنىڭ باشلىنىشىدىلا گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەيۋاتىمەن . شۇڭا گەپ سۆزلىرىم سەل ئوڭ تەتۈر چىقىپ قېلىشى مۇمكىن ، بولسا توغرا چۈشەنسەڭلار . مەن بۇ مۇنبەرگە كەلگىلى تەخمىنەن ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ ، توردا تۇرغان ۋاقتىم 1800 ئەتراپىدا ئىكەن ، تىزىملاتماي كۆرگەن ۋاقىتلىرىممۇ خېلى بار . مەن گەرچە كونا ئەزا ھىساپلانمىساممۇ ئانچە يېڭىمۇ ئەمەس . بەزى تورداشلار ئىمزايىمغا ۋە ھالەت سۆزۈمگە قاراپ مىنى ساراڭمۇ بۇ دەپ قېلىشى مۇمكىن . شۇنداقتىمۇ مىنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى بىر ئاڭلاپ باقساڭلار .
مۇشۇ يېقىندىن بېرى مۇنبەردە ئۇرۇش جىدەل سەل كۆپىيىپ قالدى . قايسى تېمىغا قارىسا ئىنكاس ئىككى بەتكە بارماي تۇرۇپلا مۇنبەرداشلار بىر بىرسىنى تىللىغان ياكى تېما ئىگىسىنى تىللىغان گەپ بىلەن تۇشۇپ كىتىدىكەن . مەسىلەن .بىرسى psy نىڭ بىر ناخشىىىنى چىقىرىپ قويسا خۇددى ناخشىنى شۇ بىچارە بالا ئېيتقاندەك تىللاپلا چۈشۈپ كەتكەن . ياقتۇرمىسا چىقىپ كەتسىلا بۇلىدىغۇ . ناخشىنى چەكلەيدىغان تەقۋا مۇسۇلمان بولسا تېمىدىلا ناخشا دەپ بولغاندىكىن كىرمىسىلا بۇلىدىغۇ . بىرسى چانايمەن دەپ شېئىر يىزىپ چىقارسا بۇنىمۇ تىللاپ ، بىرسى بۇنى ناخشا قىلىپ ئېيىتسا ئۇنى يەنە بىر نىمە دەپ تىللاپ . يەنە مەسىلەن مەن مەكتەپنى چۈشەندۈرۈپ بىر تېما يازسام بىر تورداش بىسمىللاسىدىلا مەكتەپ دىگەن ئۇقۇيدىغان يەر ئەمەس دىگەندەك ئىنكاسلارنى يىزىپ يۈرگەن ، بەزى تېمىلار بار تېخى ئىنكاس بىلەن تېمىنىڭ قىلچە باغلىنىشى يوق ، بىرسى پۈچەك ئىنكاستىن بىرنى يازىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن جەڭ باشلىنىدۇ ،بىربىرسىنى تىللاپلا . يەنە مەسىلەن بىر تورداش دۆلەت كوماندىسىدىكى بىر ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچى قىزنى چۈشەندۈرۈپ بىر تېما يىزىپتىكەن ئۇنىمۇ تىللاپ ۋەيران قىلىۋەتكەن گەپ ، مۇسۇلمان ئەمەسكەن ، يېپىقراق كىيىم كەيمەمدۇ دەپ . بۇنىڭغا توۋا دىمەي ئامال يوقتە . ئەمدى ۋاسكىتبول دىگەننى ئۇزۇن يوپكا بىلەن ئوينىغىلى بولمايدۇ دە . بەش قولنى بىراقلا ئېغىزغا سالغىلى بولمايدۇ دە . ئەمدى خۇدايىم ئىنساپ بەرسە ئۇ قىزنىڭمۇ جەيناماز ئۈستىگە چىقىدىغان ۋاقىتلىرى كىپقالار . بۇنداق مىسال دىگەن ساماندەك .
ئۆتكەندە بىر تېمىغا (شىنجاڭ پۇتبولچىلىرى گۇاڭجۇدىن پويىزدا ئۈرەتۇرۇپ كەلدى) دىگەن تېمىغا بىر ئىنكاس يازغانتىم . بىرسى ئۇچۇر قىلىپ تىللاپ قالدى ئەمما ، تىللىغىلى يامان ئۇستىكەن . تاس قالدى تۇغۇلغان يېرىمگە كىرگۈزۋەتكىلى . مۇشۇنداق ئىشلار تۈپەيلى نۇرغۇن ئىلغار پىكىرلىك مۇنبەرداشلىرىمىز مۇنبەردىن ئايرىلدى .
تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن ، مەن مۇشۇ مۇنبەردە 1800 سائەت چۆرگىلەپ يۈرۈپتىمەن . مەن بۇ ۋاقىتتا نىمىلەرنى ئۈگەندىم ؟
بۇ مۇنبەردە زىيالىيلارمۇ بار ، ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار ، دىھقانمۇ بار ، ئىشچىمۇ بار ، جەمىيەت باللىرىمۇ بار ، ئىشقىلىپ ھەر قايسى ساھەلەردىن بار ، ئۈرۈمچى ، قەشقەر ، ئاقسۇ ، خوتەنلەردىنمۇ بار ، بېيجىڭ شاڭخەي ھەتتا ئامىرىكا ۋاشىنگىتوندىن تارتىپ كورىيە سېئولغىچە بار . شۇڭا مۇنبەردە قىلىشىدىغان گەپ تېمىلىرىمۇ ناھايتى نۇرغۇن . مەن بۇ يەرلىرىدىن ناھايتى خوشال . نەزەر دائىرەمنى سەك كېڭەيتىۋالايمەن ، باشقا يەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى يۈزەكى بولسىمۇ چۈشىنەلەيمەن .
گەپنىڭ ئاخىرىدا مۇنبەرداشلارغا كىچىككىنە تەكلىۋىم ، بولسا تېما يوللىغۇچىنى ئازراق ھۆرمەتلىسەك ، باشقۇرغۇچىلارمۇ سەل ئەستايىدىل بۇلۇپ پاخپاخ ، تەسىرى ياخشى ئەمەس ، ئىملا خاتالىقى ئېغىر تېمىلارنى تەستىقلىمىىساڭلار . مۇنبەرداشلار پىكىرنى ئەركىن قىلسا ، باشقىلار يازغان ئىنكاسنى نەقىل ئېلىپ ئىنكاس يازغانغا تويغۇزۋەتمىسەڭلار . بۇ دىگەن مۇنبەر ھەممە ئادەم ئويلىغىنىنى دەيدۇ ، بولسا مۇشۇنىڭغا بوشلۇق قالدۇرۇلسا . ئەمدى ھەدىىدىن زىيادە خاتا كۆزقاراش بولسا ئۇنىڭ يولى باشقا . بولسا ھەممەيلەن ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز سوراپ بىر ياخشى بولغان مۇنبەر مۇھھىتى بەرپا قىلساق . بولسا ھەممە تېمىغا ھەدىدىن مۇسۇلمانچىلىق نوقتىسىدىن تۇرۇپ مۇئامىلە قىلمىساڭلار . مۇسۇلمان بۇلىدىغان يەردە مۇسۇلمان بۇلىمىز ، ئۇيغۇر بۇلىدىغان يەردە ئۇيغۇر بۇلىمىز .
گەپنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ھەممەيلەن مۇشۇ مۇنبەردە نىمىلەرنى ئۈگەنگەنلىكىمىزنى ، نىمىلەرنى ھېس قىلغانلىقىمىزنى بىر ئورتاقلىشىپ باقساق دىگەن ئۈمۈتتىمەن . بەلكىم بۇ تېمىمۇ بەزى تورداشلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن . ھۇجۇم قىلىۋىرىڭلار ، مەن تەييارلىق قىلغاچ تۇراي .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rahmansaykin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-24 10:39 PM