ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم !تورداشلار! ھەممەڭلارغا مەن تاشبالىقتىن سالام!
ئالدى بىلەن مۇنبەردىكى مىسكىن ئايغا رەھمەت ئېيتىمەن،چۈنكى مەن بايا مىسكىن ئاينىڭ "مەن بىلەن" دىگەن تىمىسىنى ئوقۇپ خۇرسەن بولغان ھەم مۇنۇ مىسرالارنى :{مىسرانىمدا ئۇرۇشماي ئۆتەلەمسەن مەن بىلەن، ئىلمى بولغان ئىنكاسنى كۈتەلەمسەن مەن بىلەن.}ئىنكاس شەكىلدە تەقلىد قىلغان ئىدىم.
شۇنىڭ بىلەن ماڭا مىسكىنئاي چاقچاق قىلىپ:بۇمىسرالىرىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇپ مىسرانىمدىكى مەن بىلەننى تەقلىد قىلۋەتمەمسىز دەپ ئېيىتتى.
شۇنىڭ بىلەن بۇ تاققا - تۇققا تەقلىدنى ئۆزۈمنى چاغلىماي تىما شەكلىدە يوللىدىم.
تورداشلار ئوقۇپ تىللاپ كەتمەڭلار ھە !
مەن بىلەن
مىسرانىمدا ئۇرۇشماي ئۆتەلەمسەن مەن بىلەن،
ئىلمى بولغان ئىنكاسنى كۈتەلەمسەن مەن بىلەن.
مۇنبەر دىگەن ئۈگۈنۈش سورىنىدۇر ئەي دوستۇم،
مەغرۇرلۇقنى تاشلاشقا كۆنەلەمسەن مەن بىلەن.
ئەسەر يېزىش مۈشكۈلدۇر ،خالى ئەمەس نۇخساندىن،
مەدەت بېرىپ ھەقدارنى يۆلەلەمسەن مەن بىلەن.
تور بەت دىگەن مەۋھۇمدۇر ئۇندا كۆپتۇر" قىيامەت"،
نەسھەت بىلەن ئاچچىقنى يۈتەلەمسەن مەن بىلەن.
تورداشلىرىم ئېسىلدۇر ،شۇڭا دەيمەن قېرىنداش،
مەن سۆيگەندەك مۇنبەرنى سۈيەلەمسەن مەن بىلەن.
مۇنبەر دىگەن شاتلىقنىنڭ ئېتىزىدۇر سەن بىلسەڭ،
دەل ۋاختىدا ھەر كۈنى ئۈنەلەمسەن مەن بىلەن.
"نە قىسمەت بار بار بېشىڭدا بىركۈن ئەجەل يەتكەندە"،
مەن كۆيگەندەك دوسلارغا كۆيەلەمسەن مەن بىلەن.
مەنبە :تاشبالىق