رەزىللىك قەلبىمگە سىڭمەكتە ئاستا
رەزىللىك قەلبىمگە سىڭمەكتە ئاستا،
شۇم نىيەت قەلبىمنى قىلماقتا قامال.
ۋىجدانىم تىركىشەر شۇم نىيەت بىلەن،
ماڭغۇم بار ھەر يولدا ۋىجدانى ھالال.
رەزىللىك قەلبىمگە سىڭمەكتە ئاستا،
ئۆچمەنلىك قەلبىمنى كور قىلدى بەلكىم.
نەسىھەت قىلماڭلار ئاڭلىغۇممۇ يوق،
بۇ سەۋەپ بىر كۈنى يىگەيمەن ۋايىم
رەزىللىك قەلبىمگە سىڭمەكتە ئاستا،
بىلىمەن مەن چۇقۇم ئېزىۋاتىمەن،
ئۆزۈمنى بۇ يولدىن تارتىپ باقساممۇ،
مەن يەنە شۇ يولغا مېڭىۋاتىمەن.
مەندىن ئەمدى سۆيگۈ سورىما
مەندىن ئەمدى سۆيگۈ سورىما،
ئەمدى سۆيگۈ بەرمەيمەن ساڭا.
بىلمىگەنتىڭ قەدرىمنى شۇ چاغ.
ئەمدى سىرلىق قارىما ماڭا.
مەندىن ئەمدى سۆيگۈ سورىما ،
ئىشەنمەيمەن ئەمدى مەن ساڭا،
ئەقىدەمنى خارلىدىڭ شۇنچە.
ئەمدى ھەركىز كۈرۈنمە ماڭا.
مەندىن ئەمدى سۆيگۈ سورىما،
ياشىغۇم بار ئەمدى سەنسىزلا.
كەت يېنىمدىن كۈرۈنمە ھەرگىز،
نەپرىتىم بار ساڭا پەقەتلا.
مەنبە: ئۆزۈم