چانىغىن
چانىماقچى بۇلۇپسەن، قېنى ئەمىسە چانىغىن،
ئاپامنىمۇ، مىنىمۇ، دادامنىمۇ چانىغىن.
چوڭ بۇلۇپ شۇ كەمگىچە، قۇچقاچ سۇيۇپ باققانمۇ؟،
يۈرەك بولسا شۇنچىلىك، مومامنىمۇ چانىغىن.
گەپلىرىڭدىن ئەي يىگىت، تاۋى نازۇك ئوخشايسەن؟،
كېچىلىرى ئۇخلىماي، يىغلاپ يۈرگەن ئوخشايسەن؟.
بىلىكىڭدە كۈچ بارمۇ، چەيدو كۆتۈرۈپ يۈرگىدەك،
ئەگەر بولساڭ رۇس يىگىت، قېنى ئەمسە چانىغىن.
ئاڭلىسام چانىماقچى بۇلۇپسەن ئاكامنىمۇ؟،
كۈرۈپ باقمىغان ئوخشايسەن، ئېيىقتەك دادامنىمۇ؟.
چەيدو، پىچاق كۆتۈرگەنگە كەلمەيدۇغۇ مۇھاببەت،
چىدىمساڭ ئامال يوق، قېنى ئەمسە چانىغىن.
چانىماقچى بولدۇڭ سەن، قاسساپمۇ يە ئاشپەزمۇ؟،
چەيدۇ، پىچاق، پالتىنى سەن ئىشلىتىپ كۆنگەنمۇ؟.
كۈنۈپ قېلىش بەك يامان، كۆيگەندىنمۇ خەتەرلىك،
ئۇدۇم بولسا داداڭدىن، مەيلى دەيمەن چانىغىن!
يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ، يىگىتنىڭ سۆزى قەسەم،
شۇڭا دىمە چانايمە، ئاقماي قالمىسۇن ۋەدەڭ.
مۇھەببەتنىڭ دەردىدە چىرايىڭ بۇپتۇ بەترەڭ،
جاندىن تويساڭ يامانكەنسەن، قېنى ھەممىنى چانغىن.
بىلىپ تۇردۇم سەن ماڭا، كۈيۈپ قاپسەن ئۇزاقتىن،
پىراقىمدا قىينىلىپ، ئۆتەلمەپسەن توساقتىن.
ئۇيغۇر ئوغلى ئەزەلدىن، نامەرت ئەمەس مەرت كىلور،
نامەرت بولساڭ بىلى بوش، قېنى ئەمسە چانىغىن.
يىيەلەمسەن بىر ئوغلاق، كۆرمەي تۇرۇپ موككىدە،
ماڭالامسەن زەپەردەس، مەيدە كىرىپ مەللىدە.
قالدۇرۇپ رەقىپلەرنى، ئۈزەلەمسەن پەللىدە،
بارمۇ شۇنداق غورورۇڭ، بولمىسا قېنى چانىغىن.
ماڭالامسەن ئالدىدا، خەلققە ئاپەت كەلگەندە،
تۇرالامسەن ئالدىدا، ۋەتەنگە كۈلپەت يەتكەندە.
بولالامسەن مىللەتنىڭ پەخىرلىنەر ئوغلانى،
بولالمىساڭ ئامال يوق، قېنى ئەمسە چانىغىن.
چانايمەن دەپ يۈردۈڭ سەن، ئۇيغۇردا ئۇنداق ئىللەت يوق،
چىدىمىساڭ ھەرگىزمۇ، گۈلزارلىقنىڭ گۈلى يوق.
يىگىت بولساڭ بەردەم بول، خۇش پىئىل ھەم كەڭ قوساق،
بولالمىساڭ مەردانە، قېنى ئەمسە چانىغىن.
ئەركەك بولساڭ ياشىغىن، مەيدە كىرىپ ئەركەكتەك،
داداممۇ ھەرگىز تاش ئەمەس، ئىرىتىمەن ناۋاتتەك.
شۇندا بىرگە ئۆتەيلى، باغدىكى قىزىل گۈلدەك،
ئۈمۈتسىز ئەرشور يەردۇر، ئۈمۈد كۈتمىسەڭ چانىغىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۆگەن0996 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-24 04:53 PM