مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4799|ئىنكاس: 55

ئۆزگىچە مەن بىلەن ( ئىجابى شاخلانمىلار) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىسكىن ئاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85981
يازما سانى: 567
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2220
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 333 سائەت
تىزىم: 2012-10-12
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 02:32:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەن بىلەن
(ئىجابى شاخلانمىلاردىن توپلام)

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى، مەنكى مىسىكىن ئايدىن ھەر قايسىڭلارغا قولۇمنى كۆكسۈمگە ئېلىپ ، بېشىمنى مەيىن شامالدىكى ئەتىرگۈلنىڭ غۇنچىسىدەك  لەرزان ئىگىپ تۇرۇپ، ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن ئۇيغۇرچە ئوتلۇق سالام!
  مەقسەتكە كەلسەم ،يىقىندىن بۇيان نەزىرىدىن جامالىدىن ئىجادىيىتىدىكى شېئىر ھەزرەتئېلى ئورۇنلىغان "مەن بىلەن" ناملىق ناخشا كەڭ قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا ئالقىشقا مۇيەسسەر بولغىنى ھەممەيلەنگە ئايان، قارىسام يىقىندىن بۇيان ئۇ شېئىر خۇددى ھېلىقى "چانايمەن" گە ئوخشاش شاخلاپ، "سىتودېنلار تىلى"،" ئاقسۇ تىلى" قەشقەر تىلى" دەپ نەچچە پارچە بوپتۇ،  ئۇلارنى بۇيەرگە ئەچىقمىدىم،  

   قايسى كۈنى بىر ساۋاقدىشىم ماڭا ئۈندىدار ئارقىلىق ئىسلامچە مەن بىلەن نى ئەۋەتىپتۇ، ئەپسۇس ئۇ ساۋاقدىشىمدىن سۈرۈشتۈرۈپمۇ ئەسلى ئاپتۇرىنى تاپالمىدىم،  قارىسام مەزمۇنى شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ،    شۇڭا سىلەر بىلەن ئورتاق بەھىرلىنىش ، ھەمدە يېڭى "مەن بىلەن“ نىڭ ئىجابى مەنىدىكى شاخلانمىللىرىنى بىر يەرگە توپلاش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يوللىدىم، ئەيىپكە بۇيرىماي ، سەۋرچانلىق بىلەن ئوقۇپ چىققايسىلەر،


                  مەن بىلەن
                  (ئىسلامچە)

ناماز ئوقۇپ بىر ئۆمۈر ئۆتەلەمسەن مەن بىلەن
جەننەت دىگەن يىراقتا كۈتەلەمسەن مەن بىلەن
ھەق يول دىگەن ھەر ۋاقىت شەيتان بىلەن بىر تۇققان
ئېزىتقۇغا ئېزىقماي يۈرەلەمسەن مەن بىلەن

بەندە دىگەن ئاجىزدۇر، گۇناھى بار ھەر تۈرلۈك
دۇئا قىلىپ كېچىدە، تۈنەلەمسەن مەن بىلەن
ئېيتالمايدۇ ھېچكىممۇ ،جەننەت يولى ئاسان دەپ
ھەق يول ئۈچۈن ھەممىدىن كېچەلەمسەن مەن بىلەن

ئاتا-ئانا تاپىنى جەننەت دەيدۇ پەيغەمبەر
شۇ جەننەتنى مېنىڭدەك سۆيەلەمسەن مەن بىلەن
نە قىسمەت بار بېشىمدا، دىن دۈشمەنلەر ئالدىدا
ئىمانىڭدا چىڭ تۇرۇپ، كېتەلەمسەن مەن بىلەن
     2013-يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنى    --ئۇيغۇرى

.... ياخشى چىقىپتۇ ھە؟!!  دەرۋەقە ھەر بىر مۆمىن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىر ئوقۇپ بېقىشىغا ئەرزىگۈدەككەن....

  يىقىندا خىزمەتداشلار توپىمىزدا بىر خىزمەتدىشىمىز مەن بىلەن نىڭ ئوغۇللار تىلىدا يېزىلغىنىنى ئەۋەتىپتۇ، ئەپۇ قىلغايسىلەر، ئاپتۇرىنى يەنە تاپالمىدىم...

                      مەن بىلەن
                      (ئوغۇللار  تىلى)
                           
يانچۇقۇمدا كۆپ پۇل يوق، يۈرەلەمسەن مەن بىلەن
لىكىن بىرگە تىرىشىپ ئۆتەلەمسەن مەن بىلەن
بەش ئەزايىم ساق لىكىن ئانچە كېلىشكەن ئەمەس
نومۇس قىلماي بىر ئۆمۈر ئۆتەلەمسەن مەن بىلەن

ئۆيۈم ئەمەس داچىدا، پەقەت ئاددى بىنادا
گۈزەل ئىللىق ئائىلە قۇرالامسەن مەن بىلەن
مېنىڭدە يوق ماشىنا، ھەتتا ئايفون تىلىفۇنمۇ
ئەمما گۈزەل كېلەچەك كۈتەلەمسەن مەن بىلەن

ئاتا-ئانام ياشانغان، ئالسام دەيمەن دۇئانى
خاتىرجەم كۆز يۇمغىچە كۈتەلەمسەن مەن بىلەن
ئېغىر كۈنلەر كەلسىمۇ كۈلپەت چۈشكەن بېشىمغا
ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم بار دىيەلەمسەن مەن بىلەن
                                                     --(تىكو)
...

ئارىمىزدا ئوغۇللارنىڭ مۇشۇ تەلىپىنى ئورۇنلىيالايدىغان ئېسىل قىزلىرىمىزدىن قانچىسى بارددۇ؟؟  مەنچە ئارىمىزدىكى كۆپ ساندىكى قىزلىرىمىز  ئۆزنىڭ نېمىلەرنى قىلىش، نېمىلەرنى قىلماسلىقىنى بىلىپ يىتەيدۇ، شۇنداقلا ، ئۆز ئەخلاق پەزىلىتى بىلەن قىزلارغا، كەلگۈسىدىكى ئاياللارغا، كېلەچەكتىكى ئانىلارغا خاس مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالايدۇ . شەخسەن مەن ئۆزۈم ھۆددە قىلالايمەنكى، ئاللاھ خالىسا مەن كەلگۈسىدىكى جۈپتى ھالالىمننىڭ بۇ جەھەتتىكى كۈتكەن ئۈمۈدىنى ئاقلاشقا ئىشەنچىم كامىل...

    قارىسام ، ماڭا ھېچ  بىر قىزلار تىلى بىلەن يېزىلغىنى ئۇچىرىمىدى،   بىز قىزلارنىڭمۇ ئەلۋەتتە ئۆزمىزىگە چۇشلۇق كەلگۈسى ھەمراھىمىزدىن كۈتىدىغانلىرىمىز بولىدۇ دە... شۇنىڭ بىلەن ، يۇقارقىلاردىن ئۆرنەك ئېلىپ،  بىز قىزلارنىڭ، يەنى كەلگۈسىدە بىر ئائىلىگە ئايال، پەرزەنتىمىز گە ئانا بولغۇچىلارنىڭ تىلى بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ قويدۇم... شائىر ئەمەسمەن،  قاملاشمىغان يەرلىرى بولسا سەمىمى تەكلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

                مەن بىلەن
                   (قىزلار تىلى)

مېنى سۆيۈپ بىر ئۆمۈر ئۆتەلەمسەن مەن بىلەن
مېنى قوغداپ مەڭگۈلۈك، يۈرەلەمسەن مەن بىلەن
خىزمەت بىلەن ئائىلە ھەمىشىلا بىر تۇغقان
ئىشتىن چۈشسەم ئالغىلى كىلەلەمسەن مەن بىلەن.

ئايال قەلبى بەك نازۇك، گاھ كۈلىدۇ، گاھ يىغلار
كۆز ياشلىرىم تۆككەندە سۈرتەلەمسەن مەن بىلەن
دىيەلمەيدۇ ھېچكىممۇ، ئايال مەڭگۈ چىرايلىق
رۇخسارىمدىن كەتكەندە يۈرەلەمسەن مەن بىلەن

مۇھاببەتكە سەمىمىي ئىشەنچ كېرەك ھەم ۋاپا
ۋاپادار بوپ بىر ئۆمۈر ئۆتەلەمسەن مەن بىلەن
دوست-دۈشمەنلەر ئالدىدا قارىلانسام گەر ناۋادا
قولۇم يىتلەپ ئالدىدىن، كېتەلەمسەن مەن بىلەن

ئاپام-دادام مەن ئۈچۈن خۇددى خىزىر -پەرشتە
بىر ئۆمۈرگە ھۆرمەتلەپ ئۆتەلەمسەن مەن بىلەن
كەلگۈسۈمدە نە  قىسمەت  كۈتمەكتە ھەم بىلمەيمەن
شۇ قىسمەت ھەم كۈلپەتتە يۈرەلەمسەن مەن بىلەن

       2013-يىل 4-ئاينىڭ 23-كۈنى                 --مىسكىن ئاي

   
خاتالاشمىسام، ماۋۇ قىزلار تىلى  يالغۇز  مېنىڭلا ئەمەسم بەلكى خېلى كۆپ سانلىق قىزلىرىمىزنىڭ يۈرەك سۆزىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ دەپ قارايمەن،  قېنى ئارىمىزدا قىزلىرىمىزنىڭ ئەشۇ، ئاددىيغىنە، ئەمما يۈرىكىدىكى يۇقارقى تەلىپىنى ئورۇنلاپ، لاياقەتلىك ئەر بولالايدىغان مەردانە يىىگىتلىرىمىزدىن قانچىسى باردۇ؟؟  مەنچە  ئارىمىزدا ئاز ئەمەس...
  






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-24 07:20 PM  


كۈلكىللىرىمگە كۆز تەگمىسۇن

ئۈمىدسىزلىك يىرىم ئۆلۈم.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60672
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3587
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 894 سائەت
تىزىم: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 04:56:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ ...    ئالامەت ئىسىل چىقىپتۇ.   

ياخشى قىلاممىساممۇ لاھىيەلەپ باقتىم.
4440559_192619096563_2.jpg





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pak-nur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-24 06:28 PM  


man bilan.jpg
man bilan ot.jpg
بىلىملىك گېلى ۋە تىلىنى ياخشى باشقۇرۇشى كىرەك، گېلى ۋە تىلىغا ھېزى بولۇش ئۈچۈن بىلىملىك بولۇشى كىرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3313
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 358 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 04:56:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن !!  ھارمىغايسىز !.

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 05:01:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر بىرى دىن ئىسىل شئېرلار كەن ،بىرىنچىسىنى ئۇن دىداردا كۆرگەن ،قالغان ئىككىسىنى كۆر مەپـتىكەنمەن ساقلاپ قويدۇم رەھمەت. ناخشىسىنى قىتىپ يوللاپ قويسىڭىز ياخشى بۇتتىكەن مىنىڭچە

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3142 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 05:04:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ھەر يۇرتنىڭ نۇسخىلىرىمۇ بار.

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 05:09:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىلەن  دىگەن، قاچان چىققان ناخشىكەن؟ خىلى بوپتۇ، ناخشىلارغا دىققەت قىلماي يۈرگىلى.قاچانلىكى قارىسا ، ئاھ كۆيدۈم دىگەندىن باشقا ناخشا بولمىغاچقا.


مىسىرانىم- مۇنبىرىنىڭ ئۈندىدار تۇپى بارمۇ؟


ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38839
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4020
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 799 سائەت
تىزىم: 2011-4-26
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 05:10:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مىسرانىمدا  ئۇرۇشماي  ئۆتەلەمسەن مەن بىلەن
ئىلمى بولغان ئىنكاسنى   يازالامسەن مەن  بىلەن

                                                                              ياخشى يېزىلغان مەن بىلەنلەركەن .
                                                                           

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94805
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2013-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 05:11:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57513
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4556
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 375 سائەت
تىزىم: 2011-9-22
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 05:13:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مەن بىلەن دېگەن ناخشىنى خىلى ئاڭلاپ قويىمەن، ناخشا تىكىستىمۇ ياخشى.

مىسكىن ئاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85981
يازما سانى: 567
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2220
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 333 سائەت
تىزىم: 2012-10-12
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 05:13:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rizwangul0995 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-24 05:01 PM
بىر بىرى دىن ئىسىل شئېرلار كەن ،بىرىنچىسىنى ئۇن دىدارد ...


رەھمەت~  ئەسلى مەنمۇ ئەسلى تېكىسىتىنىمۇ  ئەڭ بېشىغا ئېلىشنى ئويلاشقانتىم لىكىن، بىرسى ئاساسەن ھەممەيلەنگە تونۇشلۇقكەن،  يەنە بىرسى بېشىنى كۆرۈپلا كونا تېمىكەن  دەپ  پىشىنى قېقىپ چىكىتىپ قالمىسۇن دەپ شۇڭا ئالمىغانىدىم...
   ھە راس،  شۇ  ناخشا كىرىشتۈرۈشنى بىلمەيمەن...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   happy123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-24 05:16 PM  


كۈلكىللىرىمگە كۆز تەگمىسۇن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش