مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 907|ئىنكاس: 25

«تەكشۇرۇش » ساتىرا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سىز ئۇزىڭىزگە ئى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4687
يازما سانى: 1800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14964
تۆھپە نۇمۇرى: 544
توردا: 7379 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 01:17:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

" تەكشۈرۈش "


(ساتىرا)


ئىشخانىدىن بىر كۈنلەر چىقىپ كېتەر "تەكشۈرۈش"،

زىرىكسىلا يۇرتمۇ-يۇرت كىزىپ كېتەر"تەكشۈرۈش"،

" تەكشۈرۈش"نىڭ پەيزىنى سۈرۈپ كېتەر "تەكشۈرۈش"،

ئاران كەلگەن ئارامنى بۇزۇپ كېتەر "تەكشۈرۈش"،

دايىم شەنبە يەكشەنبە كىلىپ كېتەر "تەكشۈرۈش".


قارشى ئالدۇق ھارمىدۇق كېلەر پات-پات گۈلدۈرلەپ،

تەكشۈرۈشى يۈزەكى كەتمەس ئانچە ئىچكىرلەپ،

( ئۈچ-تۆت كۈندە تەكشۈرۈپ بولالامدۇ بىر-بىرلەپ)

ئىشلىرىمىز كېتەرمۇ شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرلەپ،

ئات ئۈستىدە گۈللەرنى كۆرۈپ كېتەر "تەكشۈرۈش".


قايسى يۇرتتا قايسى چاغ، قايسى مىۋە پىشقاننى،

نىشانلايدۇ ئالدىدىن دەستىخانلار مول چاغنى،

ساقىت قىلماس نەزەردىن قىرغاۋۇلنى-توشقاننى،

باھا بېرەر "ياخشى!"دەپ شىرەگە جىق تىزغاننى،

ھەقسىز نازۇ-نىممەتلەر يېقىپ كېتەر "تەكشۈرۈش".


قاپاقلىرى تۈرۈلەر باشلىمىساق باغلارغا،

كۈندە يۆتكەپ-يېڭىلاپ ئايرىم ئارامگاھلارغا،

رېستۇرانلار تار كىلىپ مەنزىرىلىك تاغلارغا،

قىلۇر ئىما-ئىشارەت تانسا،ناخشا-سازلارغا،

بۇ دەملەردىن شاتلىنىپ،كۈلۈپ كېتەر"تەكشۈرۈش".


سەۋەپ بولۇر كىسىشكە نەچچە قوينىڭ بېشىنى،

( پۇرسەت نەدە ئىلغاشقا قايسى ئەركەك-چىشىنى)

يىمەك-ئىچمەك مول شۇنچە ساناپ بولماس خىلىنى،

"بىز كەلدۇق"دەپ تۆۋەننىڭ مۈكچەيتىدۇ بېلىنى،

جىق يەپ سېسىق كىكىرىپ يۈرۈپ كېتەر "تەكشۈرۈش".


ياتقان بىلەن ئۈيىدە بارمۇ شۇنداق تاماقلار؟

پىتىر مانتا،نارىن چۆپ،سامسا،تونۇر كاۋاپلار،

بوتولكىسى مىڭ كويلۇق كاتتا ھاراق-شاراپلار،

ئىچكىنىگە تەنتەنە،بارمۇ ئالقىش-چاۋاكلار،

شوڭا تىنماي سەپەرگە مېڭىپ كېتەر "تەكشۈرۈش".


يالغان يازغان سان-ساناق،ئارخىپلارنى ۋاراقلاپ،

شان-شەرەپكە ئېرىشەر جىق كۈتكىنى پالاقلاپ،

باھا نەدە،ئىش نەدە ئەمىليەتتىن يىراقلاپ،

كۆرەڭلەيدۇ ساختىلىق،ھەقىقەتنى تۇۋاقلاپ،

ئىشنى شۇنداق تەكشۈرسە سېسىپ كېتەر "تەكشۈرۈش".


"تۆۋەن" ئاتلىق سىيىرنى ئاچ موزايدەك ئېمەدۇر،

كۈتۈش ئاددى بوپ قالسا بىزگە توڭ-توڭ تېگەدۇر،

تۇرۇپ بەرسەك " خوش-خوش"دەپ تەخەي قىلىپ مىنەدۇر،

بۈگۈن بىرنى ئۇزاتساق ئەتە بىرسى كېلەدۇر،

يۇرتنى بەڭۋاش كەلكۈندەك بېسىپ كېتەر "تەكشۈرۈش".


نامى شۇنداق چىرايلىق " خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈش"،

ئەمما بۈگۈن كۆردۇقكى،ئەسلى مەقسەت يەپ يۈرۈش،

ئەۋج ئالدى پۇقرادا شوڭا ئۇنى سەت كۆرۈش،

بىر خوشاللىق ئىش شۇكى:"تەكشۈرۈش"نى كەتكۈزۈش،

گەپ قىلمىساق ھەددىدىن ئېشىپ كېتەر "تەكشۈرۈش".


زىرىكىشى پەس بولۇپ سۈرۈپ راھەت پەيزىنى،

ئېلىپ ماڭار ياناردا بېشى سوغات-زەللىنى،

(بىرىپ بولدى خىزمەتكە كۆڭلىدە سان-بەلگىنى)

شۇ يول بىلەن ياندۇرار،ئۇمۇ كۆڭۈل قەرزىنى،

دەپتىرىگە"ئىلغار"دەپ يېزىپ كېتەر "تەكشۈرۈش".


چىقتى "پاكلىق مىزانىي" مەركەز يازغان كىتاپقا،

كۆرمىدىڭمۇ كور بولۇپ كەلدى نۇرى ئەتراپقا،

ئوبدان ئۈگەن"مىزان"نى تىقىپ قويما ئىشكاپقا،

ئەس-ھۇشۇڭنى يوقاتما چىقىۋېلىپ پىكاپقا،

بېشىمىزدا ياڭاقنى چېقىپ كېتەر "تەكشۈرۈش".

مەنبە : باغراش تۇرىدىن يوتكەپ كىلىندى


رىۋايەت

سىز ئۇزىڭىزگە ئى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4687
يازما سانى: 1800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14964
تۆھپە نۇمۇرى: 544
توردا: 7379 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 01:20:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تور ئارلاۋىتىپ ئۇچۇرتۇپ قالدىم ، بەكلا ئەينەن يېزىلغاندەك قىلىدۇ شۇڭا تورداشلارنىڭ كۇرۇپ بېقىشى ئۇچۇن كۇچۇرۇپ ئەكىلىپ يوللاپ قويدۇم ، بەزى باشلىقلار مىنى تىللاپ يۇرمڭلا ئەمدى ، بەزىلىرى ئەمىليەتكە بەكلا توغرا كىلىدىكەن شۇ .

رىۋايەت

تاماكا چەكمەڭ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7410
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 6430 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 04:36:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېيىنكى قېتىم باشقا توردىن تېما كۆچۈرسىڭىز ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ يوللاڭ. ھازىر ئاپتور ئىسمى قوشۇپ قويۇڭ.

مايماق بولۇر شاخ مەيلىگە قويغاندىن،
يىغا ياخشى ئانا تىلسىز كۈلگەندىن.

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7686
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 212 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2013-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 04:37:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ نەگە  باسىڭىز  تەكشۈرۈش با ھازىر  ۋس   باشقا

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن بوپ كىتىشىدىن پاناھ تىلەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3686
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 335 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 05:15:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  باشلىق كىلىدۇ.............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91323
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1314
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 418 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 05:29:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bodak010 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-24 01:20 PM
تور ئارلاۋىتىپ ئۇچۇرتۇپ قالدىم ، بەكلا ئەينەن يېزىلغا ...

قالتىس ياخشى يېزىلغان ساتىرا ئىكەن،  ئاپتۇرنىڭ ئىسمىنى  ھازىر بولسىمۇ  ئەسكەرتىپ قويۇڭ!   بولمىسا   بۇ   ساتىرانىڭ  ئاپتۇرنى  سىز ئوخشايدۇ  دىيلىپ قالمىسۇن...
مۇشۇنداق  بىر  ياخشى  ساتىرا  بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا  سىزگە  تەشەككۈر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1193
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 241 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 05:41:29 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە

بۈگۈنكى خورلۇق  ئەتىدىكى ئىسيان

دەيمۇ - دىمەيمۇ ؟

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78710
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2414
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2012-4-12
ئاخىرقى: 2013-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 05:51:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
axek13999649893 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-24 04:37 PM
شۇ نەگە  باسىڭىز  تەكشۈرۈش با ھازىر  ۋس   باشقا

ئۇيغۇر  تېلىغا  ھۆرمەت  قىلايلى .  . .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91514
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 733
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2013-2-11
ئاخىرقى: 2013-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 05:53:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭغا مۇزىكا ئشلەپ باشلىق كىلدۇ دىگەن ناخشىغا ئوخشاش لېنتىغا ئالسا بوپتىكەن..........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89621
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 260
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-1-5
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 05:57:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەۋەپ بولۇر كىسىشكە نەچچە قوينىڭ بېشىنى،

( پۇرسەت نەدە ئىلغاشقا قايسى ئەركەك-چىشىنى)

يىمەك-ئىچمەك مول شۇنچە ساناپ بولماس خىلىنى،

"بىز كەلدۇق"دەپ تۆۋەننىڭ مۈكچەيتىدۇ بېلىنى،

جىق يەپ سېسىق كىكىرىپ يۈرۈپ كېتەر "تەكشۈرۈش".

توۋۋا...نەق جايىغا كەلتۈرۈپسىلە ،....



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش