مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2865|ئىنكاس: 63

تۇرپاندىكى دوستلارغا كۆكلەم سالىمى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20572
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 12:46:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا ھايت-ھۇيت دېگۈچە 2013-يىلىمۇ ماي ئايلىرىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرۇپتۇ،دىيارىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدا يەر زېمىن ئويغىنىپ،باھارنىڭ مەيىن شامىلى يۈزلىرىمىزنى سىپىماقتا،ئالتۇندەك قۇياش نۇرى سېخىلىك بىلەن نۇر چېچىپ ھەممەيلەننىڭ دىللىرىنى ئىللىتماقتا،،قۇشلار بەس-بەستە چۇرقىرىشىپ سايرىسا،يېڭى نوتىلارنىڭ،يېڭى چېچەكلەرنىڭ،نەم تۇپراقنىڭ ئىللىق ھىدى كىشىنى مەستخۇش قىلماقتا،بالىلىرىمىز ھويلا-ئارام،مەھەللە كويلاردا قىن-قىنىغا پاتماي چۇرقىرىشىپ ئويناشماقتا،چوڭ ياشتىكى دادا-ئاپىلىرىمىز باھار مەۋسۈمىدىكى قۇياشنىڭ سېخى نۇرلىرىدىن ھوزۇر ئېلىپ ئاپتاپ سۇنغاچ تۈگىمەس پاراڭلىرىنى سېلىشسا،ئىشچان دېھقان قىز-يىگىتلىرىمىز بىپايان ئېتىز،گۈزەل باغلىرىمىزدا تولۇپ تاشقان غەيرەت شىجائەت بىلەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ باھار شامىلىغا جۆر بولۇپ ئەمگەك ناخشىسىنى ياڭراتقاچ گۈس-گۈس كەتمەن چاپماقتا،ئاقكۆڭۈل،خۇشپېئىل چارۋىچىلىرىمىز گۈزەل لىباسقا پۈركەنگەن مەخمەلدەك يايالاقلاردا ئات چاپتۇرۇپ،ئاق بۇلۇتتەك قوي پادىلىرى ئارىسىدىن ،ئوماق قوزىچاقلارنى قوللىرىغا ئېلىپ سۆيۈنمەكتە ،رەڭگا-رەڭ چېچەكلەر بەس-بەستە ئېچىلىپ،يۇرت-ماكانلىرىمىز تەبئىەتنىڭ بۇ گۈزەللىك بەخش ئېتىشىدىن تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كەتتى،كەڭ دالا يېشىللىققا پۈركەندى، سۈزۈك سۇلار شىرقىراپ ئېقىشقا باشلىدى،يىراقتىن ئاق بۇلۇتلار ئارىسىدا ئاسمان بىلەن بوي تالىشىپ تۇرغان كۆكۈش تەڭرى تېغى كۈمۈشتەك پارقىراق ھەيۋەتلىك بۇغدا چوققىسىنى تاج قىلىپ تاقاپ،ئۈرۈمچى خەلقى بىلەن تۇرپان خەلقىگە كۈلۈپ باقماقتا.
مانا ئۈرۈمچى ئۇزۇنغا سوزۇلغان قەھرىتان مۇز دۇنياسىدىن ئويغىنىپ باھارنى كۈتىۋالدى،ئۈرۈمچىنىڭ گۈزەل باھارى كىشىنى ھەقىقەتەن مەپتۇن قىلىدۇ،بولۇپمۇ ئۈرۈمچى خەلقىنىڭ باھارغا بولغان تەشنالىغى ئۆزگىچە ئىنتىزار ئىچىدە بولىشى مۈمكىن.ماڭسا ئايىغى چىقمايدىغان سەرەڭگە قېپىدەك تىزىلىپ كەتكەن ئېگىز بىنا-قۇرۇلۇشلىرى كۈن نۇرىنى توساپ،شاۋوقۇن سۈرەنلىك قاتمۇ-قات سېلىنغان يول كوچىلىرىدىكى مىغ-مىغ ئادەم دېڭىزى،موكىدەك ئايىغى ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئاپتوموبىللارنىڭ شاۋقۇنى قۇلاقنى پاڭ قىلسا ،جىددى تۇرمۇش رېتىمى،ئېغىر خىزمەت بېسىمى،ئالتە ئايغا سوزۇلىدىغان زېمىستان قىشنىڭ جاندىن ئۆتىدىغان سوغۇقى،قستا-قىستاڭ ئاپتوبۇسلىرى،شۇنداقلا  قوغۇشۇن رەڭلىك ئاسمىنى بىز ئۈرۈمچىلىكلەرنى خېلى ئوبدان بىزار قىلىدۇ،بۇ شەھەردىكى ئىنسانلار باھار پەسلى كېلىشى بىلەن تەبئى ھالدا تەبىئەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە،تېنچ-گۈزەل يېزا قىشلارغا،شاۋقۇنسىز مۇھىتقا ئىنتىزار بولىدۇ،ھەم شۇنداق بىر جايغا بېرىپ كۆڭۈل بېسىمىنى يېنىكلىتىشنى ئىستەيدۇ،بۇنداق ئىستەك ئۈرۈمچىلىكلەردە دىيارىمىزدىكى ھەرقانداق بىر يۇرتتىن يۇقۇرى بولىشى ئېنىقلا.
ئەمدى گەپنىڭ نەق ئۆزىگە كەلسەك،گۈزەل تۇرپان دىيارىنىڭ مەركىزى تۇرپان شەھىرى شەھىرىمىز ئۈرۈمچىگە پەقەت 180كىلومېتىرلا كېلىدۇ،تۇرپان ئەزەلدىن ئۈرۈمچىلىك سايەھەتچىلەرنىڭ ئالدىن تاللاش نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن.تۇرپاننىڭ ئۆزگىچە جۇغاراپىيىۋى جايلىشىش ئورنى،ھاۋاسى،تەبىئى مۇھىتى،ئۆزگىچە مىللى خاسلىققا ئىگە مەدىنىيىتى پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتىدۇ.بۇنىڭدىن سىرت ئۈرۈمچىلىكلەر بىلەن تۇرپانلىقلار ئوتتۇرسىدا يېقىن ئۇرۇق-تۇقانچىلىق،دوست بۇرادەرلىك،قۇدا-باجىلىق،ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى بىرقەدەر قويۇق.ھەر  قېتىملىق ھېيت-بايراملاردا
ئۆز-ئارا بېرىپ كېلىش ئىشلىرى،ئۆز-ئارا يوقلىشىش ئىشلىرى يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرلىدۇ.تۇرپاننىڭ ئۆزگىچە ساياھەت ئەۋزەللىگىنى بىر-بىرلەپ دېمىسەممۇ ھەممەيلەنگە ئايان.لېكىن بىز ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ تۇرپانغا ساياھەت،ئويۇن-تاماشىغا بېرىش سانىمىز بەك كۆپ بولۇپ،مەسىلەن ئالدىمىزدىكى ماي بايرىمىدا تۇرپانغا بېرىشنى كۆڭلىگە پۈكۈۋاتقان دوستلار نەچچە ئونىمىڭغا يېتىدۇ،بولۇپمۇ 5-6-ئايلاردا تۇرپانغا بېرىش ئەڭ يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۈرلۈدۇ.بۇ بىرتەرەپتىن ئۆز-ئارا دوستلۇقنى،چۈشۈنۈشنى كۈچەيتسە يەنە بىر تەرەپتىن تۇرپان خەلقىگە نۇرغۇن ئىقتىسادى نەپ ئېلىپ كېلىدۇ.
   تۇرپانغا بېرىشتا مۇنداق مەسىلە ھەممىمىزنى ئويلاندۇردۇ،يەنى خەنزۇچە تور بەتلىرىدە تۇرپان ساياھەت نۇقتىلىرى تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان،لېكىن ئۇيغۇرچە ئۇچۇر مەنبەلىرىدە بۇ ئىشقا سەل قارالغان،زامانىۋى ئالاقە ۋاستىلىرىدىن پايدىلنىش تازا ئۈنۈملۈك بولمىغان.مەن ھەر قېتىم تۇرپانغا بارغاندا دوستلىرىم بىلەن ئەڭ پىنھان،تېنچ سەھرادىكى دېھقانلارنىڭ ساياھەت نۇقتىسىنى تاللايمىز،لېكىن شۇنداق جايلارنى تېپىش ئاسان ئەمەس،تەشۋىقات ياخشى ئىشلەنمىگەنلىك ئاساسىلىق سەۋەپ،ئۇلاردا پەقەت ئىسىم كارتىسىلا بار.ئىنتېرنېتتىن ئاساسەن پايدىلانمايدۇ.شۇنداق بولغاندا تۇرپانغا ساياھەتكە بارغانلار تۇرپاننىڭ ئەڭ تۈپكى ساياھەت ئۆزگىچىلىكلىرىدىن بەھرىمان بولالمايدۇ،تۇرپاننىڭ بۇ خىل بايلىغى،ئالاھىدىلىگى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمايدۇ.
مېنىڭ سەمىمى تەكلىۋىم،تۇرپاندىكى مۇشۇ ساھەدىكى دوستلار ھەمكارلىشىپ مۇشۇنداق بىر تەشۋىقات سۇپىسىنى قۇرۇپ چىقاساڭلار،ياكى بىرەيلەن تۇرپان مىللى ساياھەتچىلىگىدىكى قېرىنداشلارنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ سايەھەت نامىدىن مۇشۇنداق بىر تور بېكەتنى قۇرۇپ چىقسا،بىز تەرەپ-تەرەپتىن ئىزدەپ يۈرمەي،پەقەت بىرلا بېكەتتىن بۇ ھەقتىكى  بارلىق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولساق،بېرىشتىن بۇرۇن ئالدىن زاكاز قىلساق،بىزگىمۇ بەك قولايلىق بولغان بولاتتى.
ئاخىردا تۇرپاندىكى قېرىنداشلارنىڭ تۇرمۇشىغا بەخت،ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
تۇرپانلىق دوستلارنىڭ مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلى بىلەن ئۆزلىرى بىلىدىغان ياخشى دەپ قارىغان مىللى ساياھەت نۇقتىلىرىنى تەۋسىيە قىلىشلىرىنى،تەشۋىق قىلىپ قويۇشلىرىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن!رەخمەت سىلەرگە.

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86944
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2700
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 01:40:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   تونۇلغان فلوكنۇرشۇناس ئەدىپ ،ھاجى راجىھ ئابدۇرىشىت يازغان ‹‹تۇرپانغا ساياھەت››ناملىق كىتاپ پات ئارىدا نەشىردىن چىقىدۇ.سەمەرىلىك ئەمگەكلەر بىلەن يېزىلغان بۇ كىتاپ دىگەن يېرىڭىزلاردىن چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!؟.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86944
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2700
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 01:40:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   تونۇلغان فلوكنۇرشۇناس ئەدىپ ،ھاجى راجىھ ئابدۇرىشىت يازغان ‹‹تۇرپانغا ساياھەت››ناملىق كىتاپ پات ئارىدا نەشىردىن چىقىدۇ.سەمەرىلىك ئەمگەكلەر بىلەن يېزىلغان بۇ كىتاپ دىگەن يېرىڭىزلاردىن چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!؟.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 01:41:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلەر تۇرپاندىكىلەر 1 - ئايدىمۇ يازلىق كالتە يەڭ كىيىملەر بىلەن يۈرىشىدۇ دەيدۇ .
يەنە ماي ئېيىنىڭ بېشىدىلا ئۈرۈك پىشىپ بولىمىش،،راسمىدۇ ؟

مۇھتاجىلىق بەك يامان

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 01:42:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرپاندىكى ھەر كۈنۈڭۈزلارنىڭ كۆڭۈللۈك ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17224
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8258
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 929 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 01:46:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ مۇشۇ بايرامدا تۇرپانغا بارىمەن ``` تۇرپانغا بارىدىغان تورداشلار مەن بىلەن ئالاقىلەشسەڭلار ساياھەت ئورۇنلىرىغا ھەقسىز ئەكىرىپ قويىمەن`````مەسلەن تۇرپان مۇنارى ، يارغول قەدىمى شەھىرى ``دېگەندەك ساياھەت ئورۇنلىرىغا```` بولمىسا بېلەت باھاسى بەك قىممەت 60 كويغۇ دەيمەن```

كۆيچى كۇلۇبى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ````

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 01:48:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2013-4-24 01:41 PM
بەزىلەر تۇرپاندىكىلەر 1 - ئايدىمۇ يازلىق كالتە يەڭ كىيى ...


بىرىنچى ئايدا  ئۇنداق يۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ،ئۆرۇك پىشمىدى تېخى، لىكىن جۇجەم پىشىتى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rizwangul0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-24 05:52 PM  


ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 01:50:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rizwangul0995 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-24 01:48 PM
بىرىنچى ئايدا  ئۇنداق يۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ،ئورۇك پ ...

جۈجەم دىگەن نىمە گەپ ئۇ ؟

مۇھتاجىلىق بەك يامان

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 01:51:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2013-4-24 01:50 PM
جۈجەم دىگەن نىمە گەپ ئۇ ؟

ئۇجمىنى بىز جۇجەم دەيمىز تۇر پاندا بۇلۇپمۇ لۇكچۇندە

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86944
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2700
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 01:56:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rizwangul0995 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-24 01:51 PM
ئۇجمىنى بىز جۇجەم دەيمىز تۇر پاندا بۇلۇپمۇ لۇكچۇندە

جۈجەملەر پىشىپ قاپتۇ ،
ساپاقىدا مەي باغلاپ.
چوكانلار تۇرۇپ قاپتۇ،
يىگىت ساقلاپ چاچ تاراپ!.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
rizwangul0995 + 10 چوكانلار ئېرىنى ساقلى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش