مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3139|ئىنكاس: 44

توختى پوكان ۋە پالتىچى ئارخات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91717
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1009
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 144 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 11:56:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

توختى پوكان ۋە پالتىچى ئارخات

(ئالتىنچى ھېكايە)

ئابلىمىت غۇجابدۇللا قاراقاش

بۈگۈن «يېزا ئاساسى قاتلام خىزمەتلىرىگە تەكشۈرۈپ- يىتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى» ئۈچۈن تۈۋەنگە چۈشكەن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي-ئەمەلدارلارنىڭ بىمالال يول يۈرۈشى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن مەركىزى يوللارغا تۇتىشىدىغان بارلىق چېغىر يوللارنىڭ ئېغىزىنى مەھكەم قامال قىلىپ تۆت-بەش سائەتكىچە بىرە تال قۇرت-قوڭغۇز ياكى ئۇچار -قاناتنىڭ چوڭ يولغا كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ بۇ ۋەزىپىنى ئۇڭۇشلۇق تاماملىدۇق.
ۋەزىپە ئاخىرلىشىپ چۈشكە يېقىن ئېغىزىمىزدا نەم دىدارى يوق ئىش ئورنىمىزغا كىلىپ يەنە كۈندىلىك خىزمەتلىرىمىزگە چۈشۈپ كەتتۇق، كىشىلەر «دۇنيادا ئۇ بولماق تەس، بۇ بولماق تەس» دىيىشىدۇ، مەن ئويلايمەن دۇنيادا ھەممىدىن ساقچى بولماق تەس ، بىز ساقچىلارنىڭ دەردىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، بىزگە شەنبە-يەكشەنبە يوق، ھېيت-بايرام دەم ئېلىش يوق، سەككىز سائەت ئىشلەپ ئۇندىن كېيىن ئارام ئېلىڭ دەيدىغان گەپ يوق، قاچان بىرە يەردە ئىش چىقىپ قالسا كېچىنى-كېچە دىمەي، سوغۇقنى-سۇغۇق دىمەي خىزمەتكەئاتلىنىپ كېتىمىز، ئالدىغان ئايلىقىمىز باشقىلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش، بەرگەن كاماندىروپكا راسخۇتىمۇ بىر ۋاقلىق تاماققا يىتىدۇ ياكى يەتمەيدۇ، «كۆز بىلەن كۆزنىڭ ئوتتۇرىسىدا بۇرۇن بولمىسا بىر-بىرىنى يەيدۇ» دىگەندەك بىزنىڭ بۇ خەقلەر بىردەم تىنچ تۇرسا ئىچى پۇشۇپ قالدۇ، ھە دىسىلا بىر-بىرى بىلەن بوغۇشقان، ھېلى سۇتالىشىپ ئۇرۇشقان، ھېلى خوتۇن تالىشىپ پىچاقلاشقان، بىرسى توخۇ ئوغۇرلىسا بىرى تۇخۇم ئوغۇرلىغان، بىرسى تامغا شۇئار چاپلىسا، يەنە بىرسى ئەرز قىلىمەن دەپ مەركەزگە بېرىۋالغان، «مۇقىملىق،مۇقىملىق، يەنە مۇقىملىق»،بىزنىڭ مۇشۇنداق جاپا تارتىشىمىز بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق، تەنقىد-ئۈستىگە تەنقىد، يېغىن ئۈستىگە يېغىن، تېخى ئاڭلىساق بەزى كىشىلەر يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاقلىرىغا بەخت تىلىگەندە ئېغىزىدىن شالۇك ئېقىتىپ «بالام چوڭ بولساڭ كاتتا بايلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن ياساقچى بولارسەن، يا ئاقچى بولارسەن، ئامىن!» دەپ سېسىق گەپلەرنىمۇ قىلارمىش،ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ نەدە ئۇنداق ئارتۇق پۇلىمىز، نەدە ئۇنداق ئارتۇق ھوقۇقىمىز، ئىشقىلىپ ئانىسىنىڭ بىجىقىنى قاتتىق چىشلىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساقچى بولىدىكەن...
چۈشتىن بۇرۇن يولدا رەھبەرلەرگە يول بىكارلايمىز دەپ سىيگىلىمۇ ئارام بولمىغان ئىدى، خالىجايدىن يېنىپ دۈجۈرنىلىك ئۈيىگە ئەمدى كىرىشىم كارىۋات ئۈستىدە بىرپارچە كونۋىرىت تۇرۇپتۇ، يېزىدىكى خانىم قىزلارنىڭ بىرەسى ماڭا يۇشۇرۇنچە كۈيۈپ قېلىپ يازغان خېتى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ ئالدىراپ كونۋېرتنى ئاچتىم، كىم بىلسۇن خەتنىڭ مەزمۇنى باشقىچە تۇراتتى:

ھۆرمەتلىك ساقچى تاغىلار:
سىلەر تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ھېلىقى ئەڭ چوڭ قاتىل قاچقۇننىڭ ئىزدىرىكىنى بىلىپ قالدىم، بىرىدىغان سۆيۈنچىنىڭ كۆپلىكىنى ئويلاپ بۇ نامسىز خەتنى يازدىم، ئۇ بۈگۈن ئاخشام قارا   قۇزۇق بازىرىنىڭ قاغىلىق كەنتىدىكى مۇسا باينىڭ ئۆيىدە قۇنۇپ قالىدۇ،پۇرسەت غەنىيمەت، قاچقۇن تۇتۇلغاندا سۆيۈنچىنى ئالغىلى بارىمەن!

مەن خەتنى كۆرۈپ ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خوش بولدۇم-دە باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغايۈگۈردۈم. باشلىق مەلۇماتىمنى كۆرۈپ شۇئان گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ قويغان-تۇتقىنىنى بىلەلمەي قالدى ھەمدە خىزمەتداشلارنى يېغىپ بۈگۈن كەچتىكى ھەرىكەتنىڭ پىلانىغا ئۆتۈپ يان قۇراللارنى تارقىتىشقا باشلىدى.
كەچمۇ يىتىپ كەلدى، كېچە سائەت ئون ئىككىلەر ئەتراپىدا بىز پىلان بويىچە ئون نەچچەئادەم قاغىلىق كەنتىدىكى سېكرىتارىنىڭ ئۈيىگە خۇپىيانە بېرىپ ئۇنىڭدىن مۇسا باينىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلدۇق:
- سىلەرنىڭ قاغىلىق كەنتىدە مۇسا باي دەپ بىرى بارمۇ؟،- سورىدى باشلىقىمىز سېكرىتاردىن.
- بىزنىڭ قاغىلىقتا مۇسا باي دەپ يوق لېكىن مۇسا توكۇر دەپ بىر قېرى چال بار،-دېدى سېكرىتار نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي سەل جىددىلىشىپ.
- ئۇنىڭ لەقىمى نېمە؟
- مۇسا توكۇرنىڭ لەقىمى شۇ توكۇر ئىدى، باشقا لەقىمى...
- كەنىتتە يەنە باشقا مۇسا باي دەپ بىرى بارمۇ-يا؟،-دەپ سورىدى باشلىق ئىنچىكىلەپ.
- ھە راست، مۇسا توكۇر ئىلگىرى مۇشۇ يۇرتنىڭ ئەڭ چوڭ باي پومېشچىكى ئىكەندۇق،مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى ھەركەتتە باشقىلار ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنى ئۇرۇپ چېقىپ ماڭالمايدىغان قىلىپ قويغاچقا باي دېگەن لەقىمى«توكۇر»دېگەن لەقەمگە ئالمىشىپ قاپتىكەن، شۇمىدۇ-يا؟
- شۇ بۇلىشى مۇمكىن، دەرھال يول باشلاڭ!
- توۋۋا بۇ بىر جۇپ بۇۋاي-مومايلار كەنتىمىزنىڭ يۈز ياشتىن ئاشقان ئۆمۈر چولپانلىرى ئىدى،-دېدى سېكرىتار ئالدىمىزدا مېڭىۋاتقاچ ئېغىر خورسىنىپ،- شۇ قېرى ھالى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ بۇرۇتىغا چالما تىزغانمىدۇ بۇلار؟
بىز ئون نەچچە مىنۇتتەك پايپاسلاپ مېڭىپ دۆڭنىڭ كەينىدىكى بىر يېگانە ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدۇق، سېكرىتار قۇلىقىمىزغا مۇشۇ ئۆينىڭ مۇسا توكۇرنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىنى پىچىرلاپ ئېيتتى، ئاي يۇرۇقىدا بۇ ئۆي شۇنداق پاكار شۇنداق ئەبجەق كۆرىنەتتى. بىزئون نەچچە ئادەم بۇ ئۆيدىكى ۋەھشى قاتىلنى قاچۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئارقا باغنىڭ شورىسىدىن ئۆمىلەپ كىرىپ بۇ ۋەيرانە ئۆينىڭ تۆت ئەتراپىنى ئۆگزىدىن باشلاپ تولۇق قورشاپ چىقتۇق، ئاندىن پىلان بويىچە باشلىق قاتارلىق بىر قانچىمىز ئايۋاننىڭ ئىشىكىگە پەم بىلەن يېقىنلىشىپ قۇلىقىمىزنى قوش قانات ئىشىكنىڭ شېلىغا چىڭ يېقىپ ئۆي ئىچىدىكى تىۋىشقا قۇلاق سالدۇق. ئۆينىڭ ئىچى تۇيۇقسىز گۈلدۇر-گۇپپاڭغا تۇلۇپ قوناق سوققاندەك «دۆڭ!...دۆڭ!» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ قىيا-چىيا باشلاندى...قانداقتۇ بىر كىملەرنىڭ يىغا –زارى، ئاھۇ-نالىسى ئايۋاننىڭ ئىچىنى بىر ئالدى...
مۇشۇ تاپتا ۋەھشى قانخور قاتىل ئۆزىنىڭ قان خۇمارىنى بېسىش ئۈچۈن بۇ ئۆيدىكى بوۋاينى پىچاق بىلەن ئەمەس كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋاتاتتى...بىچارە موماي بولسا ئۇنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ بىر ياندا ئۇنىڭغا توختىماي يىغلاپ يالۋۇراتتى...قاتىل ئۇرۇپ ھاردىمۇ ياكى بۇۋاي توقماق زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتىمۇ دۆڭىلدىگەن ئاۋازنىڭ ئورنىغا ئەمدى «گۆس-گۆس» قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىشقا باشلىدى، شۇنداقتىمۇ قاتىل تەلۋىلىكىدىن، كۈچىدىن قالمىغاندەك تۇراتتى، ھەر بىر قېتىم گۆسۈلدىگەندىكى زەربىنىڭ تەسىرىدە بىز دەسسەپ تۇرغان يەر تىتىرەپ ئايۋاننىڭ ئىشىكىدىكى زەنجىرمۇ ئىككى يانغا پۇلاڭشىپ بىچارە مۇماينىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىدىن چىققان زەئىپ يالۋۇرۇش ئاۋازلىرىنى قۇلىقىمىزغا تۈزۈك ئاڭلاتقۇزمايۋاتاتتى...
بىز بۇ ۋەھشىلىكتىن چىشلىرىمىزنى غۇچۇرلىتىپ ھۇجۇمغا تەييار بولدۇق لېكىن بۇنداق چوڭ قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكەتلىرىدە بۇيرۇقسىز قالايمىقان ھەرىكەت قىلىشقا بولمايتتى، بىز تىت-تىت بولۇپ ئارىمىزدىكى يېشى ھەممىدىن كىچىك، يۈزى ھەممىدىن چوڭ بولغان سىياسى يېتەكچىگە قارىدۇق، سىياسى يېتەكچى ئاخىرى «غەزەپلىنىشكە بولمايدۇ، سوغۇققان بۇلۇڭلار، پەم بىلەن دۈشمەننى قاپقانغا سەكرىتىش كېرەك!» دېگەن ئۇلۇغۋار بۇيرۇقنى بەردى.
بىز بۇ بۇيرۇققا ئاساسەن غەزىپىمىزدىن يېنىپ ئۆزىمىزنى بېسىۋالدۇق-دە
ئېھتىيات بىلەن ئىشىكنى ئاستا ئىتتىردۇق، قوش قانات ئىشىك ئىچىدىن تاقاقلىق ئىدى، باشلىق قۇلىغا يان قورالىنى ئېلىپ ئۇنى بەتلىۋالغاندىن كېيىن سېكرىتارغا ئىشىكنى يىنىك چەككۈزدى...
ئۆي ئىچىدىن جاۋاب يوق.
ئىشىك قاتتىقراق قېقىلدى...
يەنە سادا يوق.
ئەكسىچە ئۆي ئىچىدىن بىچارە مۇماينىڭ «خوش بۇلاي غۇجام، ماڭا رەھىم قىلىڭ! ماڭائىچىڭىز ئاغرىسۇن غۇجام» دەپ يىغلامسىرىغان ئاۋازى چىقىشقا باشلىدى. دېمەك ۋەھشى قاتىل ئەمدى زەھەرلىك قۇلىنى مومايغا سۇنىۋاتاتتى.
ئەمدى كىرمىسەك مۇماينىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغىلى بولمايتتى، باشلىق شۇئان چىشىنى غۇچۇرلاتقىنىچە كەينىگە قوچىقارچىلاپ يېنىپ ئىشىكنى كۈچەپ بىر تىپىشى بىلەن ھەممىمىز«مىدىرلىما!» دەپ ۋارقىراشقىنىمزچە ئايۋانغا باستۇرۇپ كىردۇق،ھەممەيلەننىڭ قۇلىدا بىردىن تاپانچا مىنىڭ قۇلۇمدا بولسا تۆت ماي چۈشىدىغان قول چىراغ...
مەن دەرھال قول چىراقنى سۇپىغا تۇتتۇم، سۇپىدا بىر كىشىلىك يوتقان-كۆرپە سېلىنىغلىق تۇراتتى. ئۆينىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدا ئادەم باردەك ئەمەس، باشقىلار دەرھال قازناق ئۆيگىچە چارلاپ چىقتى-ئادەم يوق.
مۇشۇ تاپتا بۇ خۇنخور قاتىل قورققىنىدىن يوتقاننىڭ ئىچىگە بېشىنى تىقىۋېلىپ چىڭ پۈركىنىۋالغاندەك تۇراتتى، ئۇنىڭ بەدىنى قورقۇنچىدىن لاغ-لاغ تىترىگەچكە ئۈستىدىكى يېپىنىۋالغان يوتقانمۇ توختىماي مىدىرلايتتى...
- بىز ساقچى! قۇلۇڭنى كۆتەر!
قاتىل بىزنىڭ چاقماق تېزلىكىدىكى باتۇرانە ھەرىكىتىمىزدىن جان-پېنى چىقىپ،ئەس-ھۇشىنى يوقاتقان بولسا كېرەك بېشىنى چىقىرىش تۈگۈل جاقىلداپ تىتىرەپ يوتقاننى تېخىمۇ ئاستىن-ئۈستۈن مىدىرلىتىشقا باشلىدى...
غەزەپكە كەلگەن باشلىقىمىز تاپانچىنى ئۇ ئەبلەخنىڭ بېشىغا توغۇرلاپ تۇرۇپ يوتقاننى كۈچەپ تارتتى...
يوتقان يېرىم ئېچىلدى...
يوتقاننىڭ ئىچىدە بىر جۇپ باش ...
قاتىلنىڭ قارىسىمۇ يوق...
مەن قول چىراقنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە تۇتتۇم- بىر بۇۋاينىڭ تاز بېشى بىلەن بىرمۇماينىڭ تازىلىق قەغىزىدەك پۈرلىشىپ كەتكەن ياغاق يۈزى...
كۈچلۈك ئېلېكتر نۇرى بۇۋاينىڭ كۈزىنى ئاز-تولا غىدىقلىغان بولسا كېرەك، ئۇھاسىرىغان پېتى بېشىنى كۈتۈرۈپ قۇلۇمدىكى قول چىراغقا قارىغاندەك قىلدى، قارىسام ئېغىزىدا بىر تال چىش ئەۋلادى يوق، يۈزلىرى چىبەرقۇتتەك قورۇق باسقان، قېرىغىنىدىن مۈكچىيىپ چىمچىلاق بارمىقىمدەكلا بولۇپ قالغان ۋىجىك بىر بۇۋاي...
«توۋۋا قىلمىدىم! ... ئۆلەي دەپ قالغان ماۋۇ ئىككى قېرىنى؟...»
بۇۋاي قۇلۇمدىكى قول چىراغقا قاراپ قۇيۇپ چېكىسىدىكى مۇنچاق-مۇنچاق تەرنى ئالقىنى بىلەن سۈرتىۋېتىپ يەنە ئىت تالاشقاندەك ئاۋاز چىقىرىشىپ «خورەك» كە چۈشۈپ كەتتى. ئاڭغىچە باشلىقىمىز غەزەپتىن بۇ ھايۋانلارغا ۋارقىرىدى:
- ئاناڭنى بىزنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭ قېرى كۇسپۇرۇچلار!
ئۇلاردىن يەنە ھېچ سادا يوق.
- ۋاي بولدى قىلىشە ئىتنىڭ باللىرى!
ئۇلار بۇ يېقىندا توختايدىغاندەك ئەمەس.
ئاڭغىچە ھويلىدا قالغان سېكرىتار كەينىمىزدىن يۈگۈرۈپ كىرىپ بىزگە تەسەللى قىلدى:
- ۋوي بۇلارغا ۋاقىرىغاننىڭ پايدىسى يوق باشلىق، قۇلاق قېتىش پاڭقاي بۇلار!
- ۋاي بۇ خەقنىڭ كۆزىمۇ كۆرمەمدۇ سېكرىتار؟،- ۋارقىرىدى ئاچچىقىدىن يېرىلاي دەپ قالغان باشلىقىمىز تەلەتىنى بۇزۇپ.
- ھەر ئىككىلىسىنىڭ كۆزىگە ئاق چۈشۈپ قالغىلى نەچچە يىل بولدى شۇڭا ئۆيىدە توكىمۇ يوق، يۈز ياشتىن ئېشىپ كەتتى دىسىلە بۇ خەق!
دەل مۇشۇ چاغدا يوتقاندىكى بۇ بىئەدەپ قېرىلاردىن ئاز-تولا زۇۋان چىققاندەك بولدى:
- ۋاي قۇرغۇيۇم... بىردەمدە ئورغاقنى بەلگە قىستۇردىلىيا... ئورما تېخى تۈگىمىدى ناۋىتىم غۇجام!،-دېدى جېنى تۇمشۇقىغا كىلىپ قالغان چىشى يوق موماي ناھايىتى بوش ھەم ئىللىق ئاۋازدا غىڭشىپ.
- توختا...توختا ئۇز خېنىمىم، بىر شەپە بار،- دېدى بۇۋاي كاڭىلداپ ھۆتەلگىنىچە بېشىنى كۈتۈرۈپ ئەتراپتىكى تىۋىشقا زەن سالغاندەك دىققەت قىلىپ،- قويلار ئېغىلدىن چىكەتكەنمىدۇ-يا ئاق ئۈجمەم؟
بىز بۇلارنىڭ بىر-بىرىنى ئاتاشقاندىكى ماز گەپلىرىدىن ياقىمىزنى چىشلەپ بىر–بىرىمىزگە قارىشىپ نېمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي قالدۇق.
شۇ چاغدا ئۆلەي دەپ قالغان «ئاق ئۈجمە» دىن جاۋاب كەلدى:
- ئېغىلنى ئەتكەن قارىم غۇجام، ئىتلارنىڭ كۇسۇيدىغان مەزگىلى ئەمەسمۇ، چوقۇم ئەشۇ ئىتلارنىڭ شەپىسى، كارىلىرى بولمىسىنا ئۇ لالما ئىتلار بىلەن، كەلسىلە خاماننى ئالىدىغان چاغ بولدى پەلۋېنىم!
- ۋاي تاتلىقىم! ....ۋاي تاتلىقىم!،-بۇۋاي شۇنداق دىگىنىچە مومىيىنى ئەركىلىتىپ ئورغاقنى قۇلىغا ئالدى.
بۇ چاغدا يوتقاننىڭ بىر بېشىدا بۇ ئاللا-كارامەتنى كۆرۈپ تۇرغان يەنە بىرخىزمەتدىشىم بۇ «ناھەقچىلىق» قا چىدىيالماي توۋلاپ كەتتى:
- كىم لالما ئىتكەن ؟ ئېغىزىغا بىر سالايمۇ بۇ ئۆلمىگەن قېرىنىڭ؟
بۇنى ئاڭلاپ مىنىڭمۇ غۇرۇر-ۋىجدانىم ئېچىشقاندەك بولدى-دە ئالدىراپ ۋارقىرىدىم:
- كۇسۇپ قالىدىغانغا بىز يا قانجۇق ئىت بولمىساق؟ بىز دېگەن ئىمانى ئەركەك بۆرەئىت جۇما ماز قېرى!،- مەن شۇنداق دەپ توۋلىغاچ ئۇلارنىڭ ئىت بېشىغا دەسسەش ئۈچۈن پۇتۇمنى راسا ئېگىز كۆتۈردۈم.
- ۋاي بولدى قىلىشە! مېڭىسىنى قاغا چوقۇۋالغان ئىتنىڭ باللىرى! نېمە ئۆزەڭگە ئېلىۋالىشىسەن بۇ گەپنى، كىم ئىتكەن؟،- ۋارقىردى باشلىق غەزەپ بىلەن ئىككىمىزگە ئالىيىپ.
- بىز...بىز...
- ئۆچۈرە چىراقنى! ھەرقانچە ئاناڭ سىنى قول چىراغ بىلەن تۇغقان بولسىمۇ چىراغچى ھابدال!،-دەپ ۋاقىرىدى باشلىق ماڭا قاراپ خىقىراپ.
مەن ئىزانى ئاڭلاپ دەرھال قول چىراقنى ئۆچۈردۈم، باشلىق «تۈفىي!» دېگىنىچە سوپىدىن يەرگە سەكرەپ چۈشۈپ ھويلىغا ماڭدى، بىزمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇ يۈزى قېلىنلارنىڭ يېنىدىن ئايرىلدۇق.
باشلىق ھويلىغا چىقىپ چىچاڭشىغىنىچە تاماكىسىنى قۇلىغا ئالدى، مەن دەرھال ئۇنىڭغاخۇشامەت قىلىپ چاقماقنى ياققاچ كېكەچلىدىم:
- ئەمدى... قانداق قىلىمىز باشلىق؟
- قانداق قىلاتتۇق، ئاناڭنى ئالىمىز!،-باشلىق شۇنداق دىگىنىچە قۇلۇمدىكى چاقماقنى كۈچەپ ئۇرۇپ ئاللىقاياقلارغا چۈشۈرۈۋەتتى. مەن باشلىقنىڭ ئاچچىقىدىن قورقۇپ شۇك بولۇپ قالدىم. قېرىشقاندەك باشلىقنىڭ چاقمىقىدىن ئوت يانغىلى ئۇنىماي يەنە ماڭاۋارقىرىدى:
- ھەي چىراقچى!
- خوپ باشلىق!
- ئوت!
قۇلۇمدىكى قول چىراقنى يۇرۇتۇپ نېرىغا چۈشۈپ كەتكەن چاقماقنى تېپىپ باشلىقىنىڭ تاماكىسىغا قايتىدىن ئوت سۇندۇم:
- قايتايلىمۇ باشلىق؟
- خەپ ئىگەكىم خەت تاشلىغان ھەزىلەكنى تاپمىسام!
بىز شۇنداق قىلىق بۇ قېتىمقى ھەركەتنى تاماملاپ ئىشخانىغا قايتتۇق.

* * * * * * * *

بۈگۈن سىياسى يېتەكچى بىلەن ئىككىمىزگە ساقچىخانىدا نۆۋەتچىلىك قىلىش ۋەزىپىسى كەلگەن ئىدى، بىز بىر-بىرىمىزنىڭ گېپىنى ئوبدان ئۇقۇشالمىساقمۇ لېكىن ئىجىل دوستلاردىن ئىدۇق. ئۇ ياشتا مەندىن كىچىك بولسىمۇ خىزمەتتە تەجرىبىلىك، باغرى ئادەتتىن تاشقىرى يۇمشاق،تۇغما خەنزۇۋان يىگىت ئىدى.
قاش قارايغان چاغ ئىدى ئۇ ئىچكىرىدىكى ئىشخانىدا مەن سىرتىدىكى ئىشخانىدا بىرئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتاتتۇق. تۇيۇقسىز ئىشخانىنىڭ ئىشىكى«گۈلدۈر-قاراس»قىلغان ئاۋاز بىلەن دەھشەتلىك ئېچىلىپ بىرسى بوراندەك ئېتىلغىنىچە ئۇدۇل مىنىڭ ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كىلىپ ماڭا ۋارقىرىدى:
-بىسىمى ئاللاھۇ ئەكبەر! كاپىرمۇ ياكى مۇسۇلمانمۇ سەن؟
كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ قارىسام بويى ئىككى-ئۈچ مېتىردىن ئاشىدىغان بەستى دىۋىدەك، چاچ-ساقالدىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق، شىياۋلىن ئىبادەتخانىسىدىكى راھىبلارغائوخشايدىغان تاقىرباش بىر ئارخات كۆزلىرىدىن قان تېمىتقان ھالدا قۇلىدىكى پالتىنى بېشىمغا چەنلەپ تۇرۇپتۇ...
«ئاھ ئۇلۇغ خۇدا، ئەمدى نېمە كارامەت بۇ... »
-ئەلھەمدۇلىللاھ مۇسۇلمانمەن غوجى ئاكا!...
شۇ بىر ئېغىز گەپنى دېگەنلىكىم ئىسىمدە، ئاڭغىچە يېڭىدىن كېيگەن خىزمەت ئىشتىنىمغا شارقىرىتىپ سىيىۋاتقىنىمچە ئۇنىڭ ئالدىغا «داككىدە» تىزلاندىم...
- يەنە بىر دېگىنە!
- ئىللا-بىللا مۇسۇلمان پۈشتىمەن... غوجى ئاكا!
-قانداق ئىشىنىمەن؟
مەن يۈكۈنۈپ ئولتۇرغىنىمچە ئۆزەمگە ئەڭ پىششىق بولغان ئايتەلكۇرسىنى ئۈنلۈك ئۇقۇپ ئۇنىڭ قۇلىدىكى پالتىغا قارىدىم... پالتا تېخمۇ ئېگىز كۈتۈرۈلدى... دېمەك ئايەتنى خاتا ئوقۇپتىمەن، ئىش چاتاق... ئەمدى پۈتۈن زېھنىمنى يېغىپ سۈرە ياسىننىڭ ئالدىنقى مۇبىيىننى ئالدىراپ قىرائەت قىلغاچ بېشىمنىڭ ئۈستىدىكى پالتىغا قارىدىم...پالتائاستا-ئستا تۆۋەنلەشكە باشلىدى....
- بۇپتۇ، بىر قوشۇق قېنىڭدىن كەچتىم!،-دېدى ئارخات غەزەپ بىلەن يەرگە بىرنى تۈكۈرۈپ،- شېرىكىڭ قەيەردە؟
- ئۇ...ئۇ...ئىچىدىكى ئۆيدە يوق!
ئارخات پالتىنى يەنە بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرگىنىچە ئىچكىرىدىكى ئۆيگە قۇيۇندەك كىرىپ كەتتى، مەن قورقۇنچىدا خاتا گەپ قىلىپ سالغانلىقىمنى ھېس قىلىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئىمىلەكلىگەن پېتى كىردىم، خىزمەتدىشىم ئاقتىمۇ -كۆكتىمۇ يوق....دەرىزىنىڭ تېشى پولات –تۆمۈربىلەن ھىم قاپلىنىغلىق...ئۈستەل ئىشكاپلارنىڭ ئىچىگە چوڭراق كىتاپمۇ پاتمايدىغاندەرىجىدە...خۇدايا توۋۋا...ئاسمانغا ئۇچۇپ چىكەتكەنمىدۇ دېسەم ئىشخانىنىڭ تۈنىكى يوق، يەرگە كىرىپ كەتكەنمىدۇ دېسەم ئىشخانىنىڭ تېگى يۇمشاق قۇم ئەمەس...
پالتىچى ئارخات ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى-دە پالتىنى ئېگىز كۈتۈرۈپ بېشىمنى چەنلىدى:
- مىنى ئالداپسەن!
- خۇدا ھەققى...تېخى بايىلا بار ئىدى....
-بۈگۈن كىمنىڭ بولسا بېشىنى چاپقىنىم –چاپقان!
- غوجاكا ماڭا رەھىم قىل! مۇسۇلمانمەن پىرقىمەن!
مەن كۆزلىرىمنى چەكچەيتىپ لاغ-لاغ تىترىگىنىمچە ئۇنىڭ پۇتىنى قۇچاقلىدىم.
- ياق، بۈگۈن مەن قان قىلمىسام بولمايدۇ!
ئۇ شۇنداق دىگەچ پالتىنى تېخىمۇ ئېگىز كۈتۈرۈپ تەكبىر چۈشۈرۈشكە باشلىدى. مەن ئاللا-توۋۋا  قىلىپ ھۆركىرەپ يىغلىغىنىمچە ۋارقىرىدىم:
- توختاپتۇر، بىر ئارزۇيۇم بار ئاكا!
- ئېيتە تىز!
مەن ئۆزەم ئەڭ ئامراق بولغان بېشىمدىكى ساقچى شەپكىنى قۇلۇمغا ئېلىپ ئۇنىڭدىكى دۆلەت گىربىنى يېڭىم بىلەن سۈرتۈپ بېشىمغا رۇسلاپ كەيدىم-دە مارجاندەك ياش تۆكۈۋاتقان كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇۋېلىپ ئېيتتىم:
-ئەمدى چاپە ئاكا!
-مىنى نېمە چاغلايسەن، بېشىڭدىكى دۆلەت گىربىنى پالتا بىلەن چاپىدىغان ساراڭمۇ مەن؟
ئارخاتنىڭ تاققۇ-تۇققۇ گىپىدىن ھەيران بولۇپ كۆزۈمنى لاپپىدە ئاچتىم، قارىسام بۇ مىس كاللا ئارخاتنىڭ ئۇچىسىدا ساراڭلار ساناتورىيىسىنىڭ نومۇر سالغان كىيىمى...
«ئاھ خۇدا ...بۇ ساناتورىيىدىن قاچقان رەسمىي ساراڭ ئىكەنغۇ!»
كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ پۇت-قولۇم تېخىمۇ تىتىرەشكە باشلىدى.
-سەن...سەن...،- دېدىم كېكەچلەپ كۈزۈمدىن ئاققان ياشلارنى يېڭىم بىلەن سۈرتۈپ تۇرۇپ،-زادى نېمە قىلاي دەيسەن؟
- سەن تېخى مىنى ھۆل قىشقا دەسسەتمەكچىما؟ سەن مىنى دۆلەت گىربىگە ھاقارەت قىلدۇرۇپ ئارقىدىن مىنى سىياسى جىنايەتچى قىلىپ ئۆمۈرلۈك تۈرمىدە ياتقۇزماقچىما؟مىنى ساراڭ كۆرۈپ قاپسەندە؟

«ئوخخۇ ماۋۇ ساراڭنى... تېخى ئادەم ئۆلتۈرۈپ بولۇپ تۈرمىدە ياتماي مىھمانخانىدا ياتىدىغان ئوخشايدۇ بۇ...تازا ئۆلچەملىك ساراڭغا ئۇچراپتىمەن ئەمەسمۇ... ئاھ ئۇلۇغ خۇدا!...مەن ئەمدى تۈگىشىپتىمەن!»
ئۇنىڭ ساراڭلىقىنى بىلىپ كاللامغا تۇيۇقسىز بىر ئەقىل كەلدى:
-توختا...توختا!...مىنى چاپىدىغانغا مىنىڭ جىنايىتىم زادى نېمە؟،-مەن شۇنداق دەپ جازانى ۋاقىتىنچە كەينىگە سۆرىمەكچى بولدۇم.
-چۈشۈمدە ئايان بولدى، سەن ساقچىلىق شەنىڭگە داغ چۈشۈردۈڭ، بىرىنچىدىن سەن يانچۇقچى-ئوغرىلاردىن باشلاپ زەھەر ساتىدىغانلارغىچە بىر شېرىك، ئۇلارنى تۇتىسەن-قۇيۇپ بىرىسەن، ئىككىنچى سەن جالاپ-پاھىشىلەر بىلەن بىر شېرىك، ئۇلارنى تۇتىۋېلىپ ئىقرارى بويىچە ئوينىشىدىن كۆپلەپ پول ئالىسەن، ئارقىدىن پاھىشىلەرنى يەنەقويۇۋېتىسەن، ئۈچىنچىدىن كىشىلەردىن قالايمىقان جەرىمانە ئالىسەن، ئالغان پۇلنى يۇقىرىغا تولۇق ئۆتكۈزمەيسەن... تۆتىنچىدىن يامانغا يانتاياق بولۇپ بالائوغرىلىرىنى تۇتمايسەن... بەشىنچىدىن ...ئالتىنچىدىن...ئىشقىلىپ سەن سېپى ئۈزىدىن ئوغرى!
مەن بۇلارنى ئاڭلاپ بۇ ساراڭ ئارخاتنىڭ راستىنلا غەيىپتىن بىرە كارامىتى بارلىقىغا گۇمان قىلىپ قالدىم، چۈنكى ئۇ مۇشۇ تاپتا مىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىمنى كەينىمدىن يۈرۈپ بىرمۇ-بىر خاتىرىلىگەندەك يىپتىن-يىڭنىسىغىچە دەپ بېرىۋاتاتتى.
- توغرا مەن خاتا قىپتىمەن لېكىن مىنى ئۆلتۈرسەڭ يامان بولىدۇ!،-دېدىم دەرھال پىلانىم بويىچە ۋاقىتنى تېخىمۇ كەينىگە سوزۇش ئۈچۈن.
ئارخات كۈلۈپ كېتىپ يوق ساقىلىنى سىلىغاچ ماڭا مۇراجەت قىلدى:
- خوش، قۇلىقىم سەندە!
- مەن ناخشا-ئۇسۇلغا ناھايىتى ماھىر، مىللەتنىڭ تىرىك بايلىقىمەن، شۇڭا مىنى ئۆلتۈرۈش گۇناھ!
-ئوغرىلىقتىن بۆلەك مۇنداقمۇ ھۈنىرىم بار دېگىن!،- ئۇ شۇنداق دىگەچ ياندىكى ئورۇندۇقنى تارتىپ ئولتۇرۇپ ئالدىرىماي بۇيرۇق قىلدى،- قېنى ناخشاڭنى باشلا!
«خەپ ساراڭ!...خەپ ساراڭ!» جاننىڭ تاتلىقلىقىدا ئىچىمدە بۇ ساراڭ بىلەن ئۇنىڭ قۇلىدىكى پالتىنى ياسىغان تۆمۈرچى ئۇستىنى نەچچە مىڭنى تىللاپ ئۆزەم ياخشى بىلىدىغان «ئازاد زامان» دېگەن ناخشىنى باشلىدىم ، ناخشام باشلىنا - باشلانماي جاھىل ئارخات قۇلىدىكى پالتىنى كۆتۈرگىنىچە ماڭا ھۆركىرىدى:
- بولدى، بولدى، بۇ ناخشىنى ئاناڭغا ئۇقۇپ بەر! ماڭا ھىندىستان كىنولىرىنىڭ ناخشىسى كېرەك!
«ماۋۇ ساراڭنىڭ مودىلىقىنى!؟ ھىندىستاننىڭ دەپ كەتكىنىنى تېخى!؟»
- قايسى كىنونىڭ ئاكا؟
- سەرگەرداننىڭ!
بىز ئۇ چاغلاردا ھىندىچىنى بىلمىگەچكە ھىندىستاننىڭ بۇ كىنوسىدىكى ناخشىلارغا ئۈزىمىز بىلىپ يەرلىك تېكىستلەرنى سېلىۋالغان ئىدۇق، مەن ئالدى بىلەن بۇ كىنودىكى غەمكىن ۋە سۇزۇپ ئوقۇيدىغان ناخشىنى باشلاپ كەتتىم:


                                               ئۇزۇن چاپىنىم بېيدى،
                                              چوغ چاچراپ كۈيەپ قالغان،
                                              ئون بەش ياشتىكى يايرىم،
                                              ئېلىشىپ قەپ ئۆلەپ قالغان.

ناخشامدىن بىر كۇپلىت تۈگىمەستە ساراڭ ئارخات يىغلاپ ئېقىپ كەتتى-دە كۈزىدىكى ياشلارنى يېڭى بىلەن سۈرتكەچ يەنە ماڭا بۇيرۇق قىلدى:
- مىنى بوش يىغلات ھاراملىق! شوخ پەدىگە ئۇقۇ شوخ پەدىگە!
- ماقۇل ئاكا!
- ئېيتە تىز!
- ئەمىسە گۈلمەرەمنى باشلىدىمما؟
- ياق، ھىندىستان!
- يەنە ھىندىستان؟
- شۇنداق!«دىسكو چولپىنى» ھىندىستان!
ئۇ شۇنداق دەپ توۋلىغىنىچە بۇلۇڭدىكى تۇپا باسقان سۈپۈرگىنى ئالدىمغا تاشلىدى.
- بۇنى نېمە قىلىمەن ئاكا؟
- گىتار قىلىپ چال! ،- ئۇ يەنە سېسىپ كەتكەن لاتا خېيىنىڭ بوغۇچىنى يىشىپ ماڭاسۇندى،- بۇنى پىشانەڭگە چىگىۋال!
«ئالە شەھىرىڭنى! ئەمدى مەن بولمىغان چولپان قالغانمىدىۋۇلا؟! ئاھ پاتمىخان! ئاھ پاتمىخان! سەن قەيەرلەردە جېنىم خوتۇن!...سەن بىچارىغا قۇيۇپ بەرمىگەن ئويۇنلىرىمنى بۇ ساراڭغا ئۇرۇندىدىمغۇ ئەمدى!»
كۆزۈم پالتىدا شەپكەمنى يانغا ئېلىپ قۇيۇپ سېسىق بوغۇچنى پېشانەمگە ئايلاندۇرۇپ چەگدىم،قۇلۇمغا گىتارنى ئېلىپ ھەسرەت ئىچىدە «دىسكو چولپىنى» دىكى ئەڭ شوخ ناخشىنىڭ بىرى بولغان«ئاييامۇ دىسكو-دەنسا،خالىجايدىكى پوقنى يەمسا...» دېگەن ناخشىنى توۋلاشقاباشلىدىم. ساراڭ ئارخات بۇ شوخ ناخشامدىن بەك خۇشال بولدى، ناخشا تۈگەيدىغان باسقۇچقا كەلگەندە ئۇ قۇلىدىكى پالتىنى يەنە كۆتۈرۋېلىپ ناخشىنى توختىماي داۋاملاشتۇرۇشىمنى ئىشارەت قىلدى، مەن ئەمدى شۇ كىنودىكى ئايال چولپاننىڭ ئەڭ شوخ بولغان«زۇبى-زۇبى –زۇبى»دېگەن ناخشىسىغا چۈشۈپ كەتتىم...
دەل مۇشۇ چاغدا كۈتۈلمىگەن ئىشتىن بىرسى يۈز بەردى، يەنى شۇ  ھىندىستاننىڭ كىنولىرىداسەللە يۆگىۋالغان بىرسى نەيدەك بىرنىمىنى پۈۋلەپ چالسا ئۇنىڭ يېنىدىكى چوڭ پۇلۇقتىن بىر دانە كۆز ئەينەكلىك يىلان ئاستا-ئاستا بېشىنى چىقىرىپ نەيدىن چىققان مۇڭ ئاۋازغا تەڭكەش قىلىپ تولغانغان پېتى لەرزان ئۇسۇلغا چۈشىدۇ ئەمەسمۇ؟ مانا ھازىر بۇ مەيداندا شۇنىڭدەك ئىشتىن بىرى يۈز بەردى...
مەن «زۇبى-زۇبى –زۇبى» نىڭ ئەڭ ھاياجانلىق ئەڭ شوخ قىسمىغا كەلگەندە ئىشخانىنىڭ بۇرجىكىدىكى ئامبارغا ئەكىرىش ئۇنتۇلۇپ قالغان كونا مەش تىرىقشىپ ئۇنىڭ ئېغىزلىقى ئۆزلىگىدىن ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى، ئېغىزىمغا ئىسسىق سۇ كىلىپ قورققىنىمدىن ئارخاتقا قارىدىم، ساراڭ ئارخات بىر ماڭا بىر مەشكە قاراپ قۇيۇپ خىيالى ھالدا بېشىنى لىڭىشتىپ ناخشىنى داۋاملاشتۇرۇشىمغا ئىشارەت قىلدى، مەن ناخشامنى ئېيتىۋاتقاچ پۈتۈن زېھنىم بىلەن مەشنى كۆزەتتىم...
مەشنىڭ ئېغىزلىقى تەدرىجىي كۈتۈرۈلدى...ئېغىزلىقنىڭ ئاستىدا قاپقارا بىرچىراي...بۇ قاپقارا چىراينىڭ يۈزىدە ئاپئاق ئىككى چېكىت...كېيگەن كىيىملىرى پۈتۈنلەي قارا... خۇدايا توۋۋا...بۇ مىنىڭ تۇنجى قېتىم ئالۋاستىنى كۆرۈشۈم ئىدى...
قارا كىيىملىك ئالۋاستى مەشتىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ بەل ۋە كاسىسىنى تولغاپ ناخشامغا تەڭ جۈر بولۇپ ئۇسۇلىغا چۈشۈشكە باشلىدى...بۇ قارا ئالۋاستى بىزنىڭ مەشرەپلەردىكى بېشىدا چېنە-تەخسە كۆتۈرۋېلىپ ئوينايدىغان ئۇسۇلىغا بەك ھەۋەس قىلسا كېرەك، بېشىدىكى مەشنىڭ تۆمۈر ئېغىزلىقى كاسسىنى ھەرقانچە تولغىسىمۇ چۈشۈپ كەتمەي تۇراتتى...
مەن ئىچىمدە«بۇ ساراڭنىڭ ئابايامقى ئالدىن بىلەر كارامىتى ئەسلىدە  مۇشۇ جىن-شاياتۇنلىرىدىن كەپتىكەن-دە!» دىگەننى ئويلاپ قورققىنىمدىن ئارخات تەرەپكە يېقىنراق تۇرۇپ ناخشىنى جان-جەھلىم بىلەن تېخىمۇ ئۈنلۈك توۋلاپ ئۇقۇشقا باشلىدىم، ئۇسسۇلچى ئالۋاستى پۇتىنى مەشنىڭ ئىچىدىن چىقارماي تۇرۇپ بەل ۋە كاسىسى بىلەن ماڭا يېقىندىن ماسلىشىۋاتاتتى، بىر چاغدا بۇ قارا ئالۋاستى ئىككى پىشىنى ئالدىغا چىگىپ كىندىكىنى ئۇچۇق قۇيۇپ ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتتى، قارىسام ئۇچۇق قالغان كىندىك قىسمى ئاپئاق كۆرۈنمەسمۇ، مەن بىر ئىشتىن گۇمان قىلىپ دەرھال ئۇنىڭ قارا كىيىمىگە زەن سالدىم، تۈگمىسى ماڭا شۇنداق تونۇش... ئاھ خۇدا بۇ مىنىڭ ھېلىقى خىزمەتداش بۇرادىرىم شۇ ئەمەسمۇ؟
كۈزۈمگە ياش كىلىپ يۈرۈگۈم يېرىلغۇدەك خوش بولدۇم، چىرايىمغا قان يۈگۈرۈپ كۆڭلۈم بىر ئاز ئارامىغا چۈشكەندەك بولدى...
«ھەي بىچارە بايقۇش! ساڭا ئۇسۇل ئويناشنى كىم قۇيۇپتۇ ، بۇنداق چاغدا ئەرەب ئۇسۇلى ئوينايمەن دەپ يۈرگىچە مەھەللەڭدە يالغۇز قالغان بىچارە ئاناڭنىڭ ئوچۇقىغا ئوت قالاپ يۈرسەڭ بولمامدۇ، ھەي ئسىت، ھەي ئىسىت، ئەجەل سىنى ئاخىرى بۇ يەرگە سۆرەپ ئەكەپتۇ-دە!ئەمدى بۇنى مەندىن كۆرمە...»
ناخشىنى ئېيتقاچ بېشىمنى كۈتۈرۈپ ئارخاتقا قاراپ تامنىڭ بۇرجىكىدىكى مەشنى ئىشارەت قىلىشقا باشلىدىم.
ئارخات ئىككىمىزنىڭ ناخشا-ئۇسۇلىدىن ھوزۇرلىنىپ غىڭشىغىنىچە ناھايىتى خۇشال ئولتۇراتتى، مەن ناخشا ئېيتقاچ ئىما-ئىشارەتنى كۈچەيتىۋاتاتتىم، ئۇ مىنىڭ قىلغان كۆز ئىشارىتىمنى ئۇقالماي جىلە بولۇپ پالتىنى ماڭا چەنلەپ توۋلىدى:
- ناخشىنى توختاتما، ھېلى بىكار!...
مەن مەقسىتىمنى ناخشامغا قىستۇرۇپ بايان ئەيلىدىم:
زۇبى-زۇبى-زۇبى... ئوۋ... زۇبى-زۇبى-زۇبى...
مەشنىڭ ئىچىدىكى... ئاۋۇ...زۇبى-زۇبى-زۇبى...
ساراڭ ناخشامنى پەقەت چۈشەنمەيۋاتاتتى.
- زۇبى-زۇبى-زۇبى... ئۇسسۇلچىغا قاراڭ...زۇبى-زۇبى-زۇبى...
  زۇبى-زۇبى-زۇبى...چانايتقىنى ئاشۇ شۇ... زۇبى-زۇبى-زۇبى...

مەن ناخشىنى توختاتماستىن پۇتۇمنى ئۇدارغا كىلىشتۈرۈپ ھېلى ئالدىغا-ھېلى كەينىگە يۆتكەپ مەقسىتىمنى چۈشىنەلمىگەن ساراڭ ئارخاتقا پۈتۈن بەدىنىم بىلەن ئىشارەت قىلىشقا باشلىدىم.
- سەن ھەزىلەكما؟
- زۇبى-زۇبى-زۇبى... ياق،ياق... زۇبى-زۇبى-زۇبى...
- ئەمىسە نېمانداق قاش-كۆزۈڭنى ئوينىتىپ يۈرىسەن ماڭا؟
- زۇبى-زۇبى-زۇبى... شېرىكىم ئاشۇ شۇ... زۇبى-زۇبى...
ئۇسۇلغا چۈشكەن زەڭگى... دەل مىنىڭ شېرىكىم زۇبى-زۇبى...
مەن ناخشا ئېيتقاچ قۇلۇمدىكى گىتارنىڭ دەستىسىنى بۇرجەكتىكى زەڭگى ئۇسسۇلچىغا چىنەشكە باشلىدىم.
مىس باش ئارخات ئىشارىتىمنى ئاخىرى چۈشەندى، بۇ قېتىم ئۇ پالتىنى بېشىدىن ئېگىز كۈتۈرۈپ مەشنىڭ يېنىغا يۇپۇرۇلۇپ بېرىپ ئۇسسۇلچىنىڭ بېشىنى چەنلىدى. ئاڭغىچە ناخشا دۇنياسىغا غەرىق بولۇپ «ئەرەب قىزى» نى  ئويناۋاتقان بۇرادىرىم كۆزىنى «لاپپىدە» ئېچىپ خۇددى ئالدىن بىلەر موللا تاپقاقتەك «ئاللاخۇ ئەكىبەي!ئاللاخۇ ئەكىبەي!» دەپ ئۈنلۈك توۋلىغىنىچە يەنە مەشنىڭ ئىچىدىن قانداق چىققان بولسا مەشنىڭ ئىچىگە شۇ پېتى كىرىپ كەتتى. ھەتتا مەشنىڭ تۆمۈر ئېغىزلىقىمۇ شۇنداق جايىغا چۈشۈپ يېپىلدى.
«ماۋۇ كارامەتنى...بۇ كاساپەت جەينىكىمدەك كىچىك مەشكە قانداق پاتقاندۇ دېسەم ئەسلىدە مۇنداق تۈگۈلەلەيدىغان ھۆنىرىمۇ باركىنا بۇنىڭ؟ قاچانلاردا ئىمان ئېيتقان بولغىيتتى بۇ گۇي، پالتا جازاسى يەنە ئەمدى مىنىڭ بېشىمغا كىلەرمۇ-يا؟» كۈزۈمگە قايتىدىن ياش ئېلىپ دەرھال گىتارنى تاشلاپ ناخشىنى توختاتتىم.
- بۇنىڭ ئىچىدىكىسى مۇسۇلمانمۇ؟،- ۋارقىرىدى ئارخات غەزەپ بىلەن ماڭا مەشنى كۆرسىتىپ.
- ئىسمى ھەم تەكبىردىن قارىغاندا... مۇسۇلمان ئوخشايدۇ غوجى ئاكا!،-دېدىم يەردىن بېشىمنى كۆتۈرەلمەي ھاسىرىغىنىمچە تەمتىرەپ.
- ئەستەخپۇرۇللاھ...چۈشتە نېمە يېگەن سەن خەق؟
- مانتا يېگەن ئاكا!
- نېمە مانتىسى؟
- گۆشنىڭ ئاكا!
- ئەمىسە بۇ يەر كۈدە بۇراپ كەتتىغۇ؟،- دېدى ئارخات بۇرنىنى بىر قۇلى بىلەن چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ.
- بۇرادىرىم كۈدە مانتىسى يىگەندەك قىلىۋىدى!
- ئەستەخپۇرۇللاھ ،-دېدى ئارخات ئۆلگۈدەك ۋارقىراپ،- مانىڭغا ئېيت! بىردەم شاتىراقلىماي تۇرسۇن، مەن كۈدىگە ئۈچ!
- ئاكا بىز...
- خۇدا ھەققى مانىڭغا ئېيت، ئەمدى چىقارمىسۇن دەيمەن! بولمىسا كۆتىگە ماۋۇ پالتىنىڭ سېپىنى تىقىۋېتىمەن!
- ماقۇل...ماقۇل! مەن دەي...
- مەشنىڭ يېنىغا كەل!
مەن ئۆمىلىگىنىمچە كونا مەشنىڭ يېنىغا كىلىپ ئارخاتقا تەلمۈرۈپ قارىدىم. ئارخات يېڭى بىلەن بۇرنىنى چىڭ ئىتىپ تۇرۇپ يەنە ۋارقىرىدى:
- ماۋۇ چىچقاق خۇتۇننىڭ بالىسىغا ساۋاق بەر!
- مەن...مەن...،- دەپ كېكەچلەشكە باشلىدىم نېمىدىن ساۋاق بېرىشىمنى بىلەلمەي.
ئارخات پالتىنى كۆتۈرگىنىچە مىنى چېپىشقا تەييار بولۇپ بۇيرۇق قىلدى:
- ئۆگەتمەي ئولتۇرىسەنغۇ ھەي تاپى! مەن ئالدىرايمەن!...
- ۋاي مەن ئۆگىتەي...مەن ئۆگىتەي... مىنى ئۆلتۈرمە ئاكا!،-مەن ھۆكىرەپ يىغلىغىنىمچە يالۋۇرۇشقا باشلىدىم.
- ئەمىسە ئۆگەت!
- نېمىنى ئۈگىتىمەن جېنىم ئاكا؟
- ئاللا بىر ، مۇھەممەد ئاللانىڭ ئەلچىسى دىگەننى!
- ماقۇل ئاكا ماقۇل!
«قول ئالدىغا ئىگىلىدىغۇ، ئەمدى بۇ گۇيغا تەۋھىدنى ئۇيغۇرچە ئۆگەتسەم توغرا دەپ سېلىپ پالتا نۆۋىتىنى ماڭا ئۆتىنىپ بەرمىسۇن، ئەڭ ياخشىسى دېيىش قېيىنراقىنى ئۆگىتەيچۇ!» مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ مەشكە قاراپ ئۈنلۈك ھەم تىز ئۇقۇشقا باشلىدىم:
- لا ئىلاھە ئىللەللەھۇ، مۇھەممەدىن رەسۇلۇللاھ!
مەشنىڭ ئىچىدىن شاتۇتىنىڭ ئاۋازىدەك ناھايىتى ئۈنلۈك ھەم جاراڭلىق بىر ئاۋاز چىقىشقا باشلىدى:
- لا ئىلاھە ئىللەللەھۇ، مۇھەممەدىن رەسۇلۇللاھ!
«ئوھ ...ماۋۇ ئىشنى... ئۇنىڭ ھازىرقى تەلەپپۇزى مىنىڭكىدىنمۇ ئۆلچەملىك چىقىۋاتىدۇ-يا... ئادەتتە ئۇيغۇرچە گەپنى چۈشەنمەيدىغان، قىلالمايدىغان بىر ئادەم ئىدى، تۇرۇپلا ئەرەبچىگە شۇنداق كەلدىيا بۇنىڭ تىلى! كاساپەتنىڭ دادىسى داموللا بولغىيتتىمۇ-يا؟»
بېشىمدا كۈزىنى پارقىرتىپ تۇرغان ساراڭ ئارخات مەشنىڭ ئىچىدىن چىققان جاۋابتىن رازى بولۇپ بېشىنى لىڭىشىتتى ئاندىن ماڭا يەنە بۇيرۇق قىلدى:
- توختىماي مىڭ مەرتىبە ئۆگەت!
- ماقۇل غوجى ئاكا...
- يەنە بىر گەپ!
- لەببەي ئاكا...
- كىلەر قېتىم كۈدە مانتىسى يېيىشمە!
- ماقۇل ئاكا، ئەمدى ھەرگىز كۈدە مانتىسى يېمەيمىز...
- ئەمدى كۈدە مانتىسى يېيشسەڭ قانداق قىلىدىغانلىقىمنى بىلەمسەن؟
- بىلىمىز ئاكا...
- كۆتۈڭگە ماۋۇ پالتىنىڭ سېپىنى تىقىپ ئاغىزىڭدىن سۇغۇرۇپ ئالىمەن!
- شۇنداق ئاكا...
- بېشىڭدا قاراپ تۇرىمەن، مىڭدىن بىرسى كام بولۇپ قالسا كاللاڭنى ئالىمەن!
- چاتاق يوق ئاكا...
- ئەمىسە كۈزۈڭنى يۇمۇپ ساۋاقنى باشلا!
- ماقۇل ئاكا...
مەن بارمىقىمنى چىقىرىپ ساناپ تۇرۇپ كۈزۈمدىن دەريادەك ياش ئاققۇزغىنىمچە بايامقى كەلىمىنى بىرمۇ-بىر ئۇقۇشقا باشلىدىم، مەشنىڭ ئىچىدىن چىققان يىغا ئارىلاش ھەسرەتلىك ئاۋازمۇ مىنىڭ ئاۋازىمغا ئەگىشىپ ۋاقتى- ۋاقتىدا چىقىۋاتاتتى.
ئالاھىزەل يېرىم سائەتلەردىن كېيىن تۇيۇقسىز باشلىقنىڭ بېشىمدا ۋاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى، كۆزۈمنى ئېچىپ كەينىمگە قارىسام ئارخاتنىڭ ئورنىدا باشلىقىم غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ بۇرنىنى قوش قوللاپ تۇتقىنىچە ماڭا ئالىيىپ قاراپ تۇرۇپتۇ.
شۇنداق قىلىپ ئەتىسى ئۇسۇلچى قېرىندىشىم بىلەن ئىككىمىز «خەلق ساقچىسىنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرگەن ، ساقچىلىق سالاھىيىتى يوق، مۇناپىق-خائىنلار!» دېگەن گۇناھ بىلەن شەھەرگە جىددى يالاپ يۆتكىلىنىپ ئايرىم تەكشۈرۈش ئۈيىگە سولاندۇق. بۇ جاھانغا نېمەبولۇپ كەتتى-تاڭ،  بىز سۇراققا تارتىلىپ ئاق-قارا ئايدىڭ بولۇپ بولغىچە باشلىقىمىز بولغان پارىخور ئەبلەخنىڭ قۇلىغا كويزا چۈشۈپ بىزدىن بۇرۇن قاماقخانىغا كىرىپ موما يەپ يېتىپ بۇپتۇ. شۇنداق پارتىيىمىز ئەزەلدىنلا ئادالەتلىك، خەلقپەرۋەر پارتىيە ئىدى، دېمەك مۇشۇ مەزگىلدە تەشكىل ئادالەت قىلىچى قېنىدىن سۇغۇرۇپ ھەددىدىن ئاشقان پارىخور-چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ كۆتىگە تۈگمە قادىغىلى تۇرۇپتىكەن،بىزمۇ تازا ئىتتىك بازاغا ئۈلگۈرۈپتىمىز...
«بالا كەلسە قوش كەپتۇ» دىگەندەك مىنىڭ بۇ بىر قانچە يىل ئىچىدىكى خۇپىيانە قىلغان قىلمىش-ئەتمىشلىرىم ئارقا-ئارقىدىن پاش بۇلۇشقا باشلىدى، بارلىق يېگەن نەخ پۇل-زاڭ ماللىرىمنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇردۇم. مەن تاش سانىسام پارتىيە-ھۆكۈمەت قۇم سانايدىكەن،تەشكىل ئارغامچىنى بىر يېغىش بىلەن يېگەن-ئىچكەنلىرىم توخۇ-كەپتەرگىچە قۇڭامدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقتى، يېگەن تۇخۇمنىڭ ئېقىنى-ئاق، سېرىقىنى-سېرىق چىقىرىشقا مەجبۇرى بولدۇم. ماڭا ئۇنى-بۇنى بىرىپ ئىشلىرىنى قىلدۇرۇۋالغان ھېلىقى تېگى پەسلەرنىڭ ھەممىسى بېشىمغا كۈن كەلگەنلىكىنى بىلىپ مىنى بىر-بىرلەپ پاش قىلدى، ھەتتا ماڭا ئېلىپ بەرگەن بىر تال تەرخەمەكتىن باشلاپ بىر تال مۇز كالتىكىگىچە چالا قويمىدى...ئاچىمىز ھېلىقى نۇرى قىمارۋازنى توغرا دەپتىكەن «ئوغرى بولسىمۇ پەيزى بار نېمىكەن»دەپ. پەقەت ئەشۇ نۇرى دېگەن يالاڭتۆشلا يەتتە مىڭ يۈەننىڭ ئىس-بۇسىنى چىقارمىدى، بولمىسا ئىشىم تېخىمۇ چاتاقتى، شۇنداقتىمۇ ئانام مىنى ئوغۇل دەپ تۇغۇپتىكەن، ھەممىگە ئىقرا بولۇپ ھەممىنى ئۆز بوينۇمغا ئالدىم...
ئالغان پارىلىرىم بەك جىق بولمىغاچقا تەشكىل ئىلگىرىكى تۆھپەم ۋە ھازىرقى«چېرىكلەرنى تازىلاش» ھەركىتىدە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىمنى كۆزدە تۇتۇپ ماڭا يەنەبىر قېتىم چىقىش يولى بەردى- پارتىيىلىكتىن چىقىرىلىپ خىزمەتتىن ھەيدىلىش بىلەن بىرگە ئىككى يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا شەرەپ بىلەن بىلىم ئاشۇرۇشقا ماڭدىم.
كېيىن ئاڭلىسام مىنىڭ ئۇ بىچارە ھەمساۋاق رەققاس ئىنىم شۇ ئىشتىن كېيىن ئېلىشىپ قېلىپ كىمنى كۆرسە چاس بىرىپ سالام قىلىدىغان، ئارقىدىنلا «ئاللاھۇ ئەكبەر!ئاللاھۇ ئەكبەر!» دەپ توۋلىغىنىچە ھىجىيىپ تۇرىدىغان بولۇپ قاپتىمىش، تەشكىل ئۇنى ھېلىھەم يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا زېرىكمەي داۋالىۋېتىپتۇدەك.

1997-يىل

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xayhim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-24 12:31 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
boraoghli + 91 تەپەككۇرى كۈچلۈك
yakta + 10 ئولتۇرۇپ داۋامىنى كۇت.
koqkarbay + 20 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 121   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80924
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4063
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 605 سائەت
تىزىم: 2012-6-1
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 02:36:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر نادىر ئەسىرىڭىزنى بىز بىلەن يۇز كۆرۇشتۇرگۇنىڭىزگە كۆپ رەخمەت .كۇلۇپ بولالماي قالدىمغۇ ،زۇبى ..زۇببى غا بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   @يۇرتۇم@ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-24 02:40 PM  


ياشاش ئۈچۈن ھېچكىمگە يالۋۇرمىدۇق ، ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ھېچكىمگە يالۋۇرمايمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91717
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1009
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 144 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 02:45:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
@يۇرتۇم@ يوللىغان ۋاقتى  2013-4-24 02:36 PM
يەنە بىر نادىر ئەسىرىڭىزنى بىز بىلەن يۇز كۆرۇشتۇرگۇنى ...

رەھمەت قېرىندىشىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3459
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2013-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 03:35:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا
كۈلۈپ ئۈلگىرەلمەي قالدىم ، نىمانداق قىززق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89834
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1002
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2013-1-10
ئاخىرقى: 2013-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 03:38:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز.....  كۆپ رەخمەت ....   ناخشىڭىزنى بەك ياختۇدۇم...

ئادەم ھاياتىدا شۇنداق ياشاش كېرەككى،ئۆتكەن كۈنلىرىگە پۇشايمان قىلمايدىغان بولسۇن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8817
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11882
تۆھپە نۇمۇرى: 369
توردا: 4195 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 03:40:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۈم،
ھەممە ھىكايلىرڭىزنى ئوقۇپ كەلدىم، باشقا مۇنبەرلىدىن ئىزدەپ يۇرۇپ ئوقۇدۇم. ئەزەلدىن ھىكايە ئوقۇمايتىم.
ھازىرمۇ ھەممە ئىشلىرمنى تاشلاپ ئوقۇپ تۈگەتتىم.
ئۆمۈدۈم  : ھىكايلىرڭىز ئۈزلۈپ قالمىسا  دەيمەن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91717
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1009
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 144 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 03:53:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oygak2005 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-24 03:40 PM
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۈم،
ھەممە ھىكايلىرڭىزنى ئوقۇپ كەلدىم ...

قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ھېكايەمنى ئۇقۇغانلىقىڭىزدىن خوش بولدۇم، ئاللا ئىگەم خالىسا يەنە تىرىشىمەن، بارلىق تورداشلىرىمغا كامالى ھۆرمەت بىلەن سالام!!!

ئوۋچىنىڭ مىلتىق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2426
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15187
تۆھپە نۇمۇرى: 372
توردا: 4509 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2013-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 04:01:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈلۈپ تېلىقىپ قالايلا دىدىم .  ھەقىيقى ساقچى تۇرمۇشى ئىكەن بۇ

ئەڭ يىڭى خەلقئارا خەۋەرلەر ئۇيغۇر خەۋەر تورىدا تور ئادىرسىمىز :  www.uynews.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86182
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 589
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 243 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2013-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 04:02:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يانا بارمۇ ياكى بۇ مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشامدۇ ‹    مەن ھەممىنى ئوقۇپ  بوپتىمەن بۈگۈن مانا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91717
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1009
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 144 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 04:06:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا خالىسا يەنە يازىمەن!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش