مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3241|ئىنكاس: 23

مۇراجىئەت!؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2890
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16635
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2554 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 11:25:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مۇراجىئەت!؟

سۈكۈت قىلىش ،ۋىجدانسىزلىقنىڭ ئالامىتى.
                                     - ۋ،ئى.لېنىن
سۈكۈت،سۈكۈت، سۈكۈت ئىچىدە پارتىلاپ چىقمىغانلار  سۈكۈت ئىچىدە ۋەيران بولىدۇ.  
                                       -   لۇشۈن.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى،

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەت رەھبەرلىگى،

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم سېكرىتارى،

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمەت باشلىقى

جىڭ ناھىيەلىك پارتكوم سېكرىتارى،
جىڭ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەت  ھاكىمى،
داخىيەنزى بازارلىق پارتكوم سېكرىتارى،
داخىيەنزى بازارلىق خەلق ھۆكۈمەت باشلىقى،

شەھەر قۇرۇلىشى ئىدارىسى تارماقلىرى                                        گە:

                بىزكى مۇراجىئەت قىلغۇچى  بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىڭ ناھىيە داخىيەنزى بازىرىدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسى ،شۇ توغرىلىق ئىلتىماس قىلىمىزكى بازىرىمىز 40نەچچە مىڭ نوپۇسقا ئىگە،مەملىكەتتىكى 500چوڭ بازارنىڭ بىرى .بۇ بازاردا 6مىللەتتىن تەركىپ تاپقان دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ھەر مىللەت ئاممىسى ۋە خەنزۇلار  بار.     
               يېقىنقى يىللاردىن بېرى سىياسەت شەھەردىن كۆرە، يېزىدا كۆپرەك ئەمىلىلىشىپ پۇقرالارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ،يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش قۇرۇلۇشى ،توۋار ئۆي قۇرۇلۇشى ،يول قۇرۇلىشى ،سۇ ئىنشائات ۋە باشقا ساھەدىكى ئونۋېرسال  قۇرۇلۇشلار  كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە  باشلىنىپ  ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرنى بارلىققا كەلتۇردى ،جۈملىدىن بۇخىل ئىللىقلىق قۇرۇلىشى ۋە ئۇنىڭ مەيىن  شامىلى پۇقرالارغا دۆلەت سىياسىتى ۋە قانۇنىنىڭ مۇقەددەسلىگىنى بىۋاستە ھېس قىلدۇدى .داخيەنزى بازىرىمىزغا 1980-يىللاردىن بۇيان ،پۇتۇن مەملىكەتكە ،ئاپتونوم رايۇنغا ،ئاپتونوم ئوبلاستقا،ۋە ناھىيىگە تونۇلغان پىشقەدەم ۋە ئۇتتۇرا ياش خەنزۇ ،ئۇيغۇر ،موڭغۇل ،قازاق ،خۇيزۇ قاتارلىق ئىخىتىساسلىق رەھبەرلەر باش بولغان ۋە بولىۋاتىدۇ.
              بۇ رەھبەرلەر پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ يېزا-بازار سىياسىتىنى،مىللى سىياسىتىنى داخىيەنزى خەلقىنىڭ دېھقانچىلىق ،ئورمانچىلىق ،چارۋىچىلىق ،سۇچىلىق ، پاختا -كەندىر توقۇمىچىلىق سىياسىتىنى ئەل رايى قۇرۇلۇشى  بويىچە ئۆلچەملىك ئېلىپ بارغان ، بارالىغان ۋە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى  ھەل قىلغان  قىلالىغان   بولسىمۇ ،ئەپسۇسكى  ھەممە مىللەتكە ئورتاق پايدىسى تېگىدىغان ناھىيىتى ئاددى ئەمما تەسىر دائىرسى خېلى چوڭ بولغان بىر يۈرۈش قۇرۇلۇشنى30-40 يىلدىن بېرى  ئېلىپ بارالمىغانلىقى ئۈچۈن باشقا قىلغان ئەمگەكلىرى كۆزگە  كۆرۈنمەي،تىلغا ئېلىنماي  كېلىۋاتىدۇ.
               ئۇ بولسىمۇ خەنزۇ يولداشلارنىڭ چوشقا گۆشى ساتىدىغان ۋە سويىدىغان بىر يۈرۈش دۇكان،زامانىۋى  <<قۇشخانا>>قۇرۇلۇشىنىڭ  ھازىرغىچە سېلىنماسلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپتىكى ئاممىغا كەلتۈرۈپ بېرىۋاتقان نارازىلىق پىكىرىنىڭ ھەل بولماسلىقى!
             چۈنكى بىرقىسىم چوشقا گۆشى ساتىدىغان ۋە  سويىدىغان ئەر -ئايال خەنزۇ قاسساپلار (بۇنىڭ ئىچىدە ئىت ،ئىشەك سويىدىغان پىشقەدەم قاسساپلارمۇ بار) جاندارلىرىنى خالىغان يەردە،خالىغان ۋاقىتتا سويىۋەرگەچكە بازار ئىچىدىكى ‹‹سەرگەردان ئىت ،مۈشۈكلەر››ئۇنىڭ تاشلىۋېتىلگەن ئىچ باغرىنى، بەزلىرىنى خەلق مەيدانى ،چىملىق ۋە يول بويلىرى ،دوختۇرخانا ئەتراپىدا  سۆرەپ يۈرۈپ ،يىگىنىنى يەپ ،يىمىگىنىنى چىۋىنلەرگە تاشلاپ بېرىپ ،چىۋىنلەردىن ئاشقان گۆش -ياغلار ئاپتاپتا تۇرۇپ  چىرىپ ،سېسىق پۇراق بۇ <<مەدەنىيەتلىك بازار>>نىڭ  ھاۋاسىنى ،مۇھىتىنى،پۇقرالارنىڭ نورمال كەيپىياتىنى  بۇلغاپ دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ غەزىپىنى قوزغاشقا سەۋەپچى بولماقتا. بىزدە<< بىر تال توڭگۇز تۈكى كىرگەن قوراغا قىرىق كۈن پەرىشتە كىرمەيدۇ>> دەيدىغان دىنى ئەقىدە كۈچلۈك بولغاچقا ،بۇ ئىشلارنى دەسلەپ 1985-يىللاردا <<بورتالا گېزىتى>>ئىدارىسىنىڭ بىر نەپەر مۇخبىرىغا ئىنكاس قىلغان ، مۇخبىر  ئۆز ۋاقتىدا  بۇ ئىشقا جىددى قاراپ  <<ئاممىنىڭ ئىنكاسى>> سۈپىتىدە گېزىتكە چىقارغان .ئارىدىن چارەك ئەسىر ئۆتكەن بولسىمۇ خەنزۇ يولداشلارغا يازدا سالقىن، قىشتا ئىسسىق ئازادە ،يورۇق،قولايلىق بىر يۈرۈش چوشقا گۆشى سېتىش ۋە چوشقا سويۇش دۇكىنى(قۇشخانا) سېلىپ بېرىلمىدى ،ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى يوللۇق  تەلەپلىرىمۇ ئېتىۋارسىز قارالدى.يولدىن ئۆتكەن قاتناش ۋاستىلىرى،پىيادىلەر،يولۇچىلار بەزىدە بۇ تاشلاندۇق مەرەزلەرگە دەسسەپ قېلىشتىن خالى بولالماي كەلدۇق.
            گەرچە شەھەر قۇرۇلىشى ئىدارىسىدىكى ئۇيغۇر ،قازاق،خۇيزۇ تازىلىقچىلار قوشۇنى بۇ مەينەتچىلىكلەرنى تازىلاپ ئۇنى ئەخلەت ساندۇقىغا جىمىقتۇرغان بولسىمۇ ئۇنىڭ سېسىق پۇرىقىنى بىر تەرەپ قىلىشقا بولۇپمۇ ئۆزخان ،ئۆز بەگ قاسساپلىق قىلىۋاتقان خەنزۇ يولداشلارنىڭ  مۇنتىزىم بىر يەردە تۇرۇپ قاسساپلىق قىلىشىغا قوماندانلىق قىلىپ بولالمىدى. ئۇلار مۇھىم بولغان قاتناش ئېغىزلىرىنى ،يول بويلىرىنى ئىگەللەپ ھەر تۈرلۈك ئاۋارىچىلىق ۋە كۆڭۈلسىزلىككە سەۋەپچى بولىۋاتىدۇ.
       بۇ ئىشلار ...
1>.مىللى مۇناسىۋەتنى ،سىياسى-ئىقتىسادى  ،ئىجتىمائى ،قانۇنى ۋە ئەخلاقى شەرت-شارائىت ،مۇھىتقا باغلىق بولغان بىر قاتار  مەسىلىلەرنى مۇشۇ رايۇندا ئىجرا قىلىشقا ، كۈچىنى   كۆرسىتىشكە  كەلگەندە <<بېگىمنىڭ قورسىقى توق ،قۇلى بىلەن ئىشى يوق>> دەيدىغان   بىر قىسىم تەييارتاپ مەمۇرلارنىڭ  <<گاس،گاچا،كور>>بولىۋالغانلىقىنى  چۈشەندۈرىدۇ.بۇ <<گاداي موللىنىڭ ئەزىنىنى جامائەت ئاڭلىماس >>بولىۋالغاندەك  بىر رىئاللىقنى چۈشەندۈرىدۇ.
    بۇ ئىشلار ...
2>.   <<جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى مىللى تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى>> 1984(-يىلى ماقۇللانغان)نىڭ <<ئاساسى قانۇن>>دا بەلگىلەنگەن ھوقۇق -مەجبۇرىيەتلىرىگە ،مىللەتلەر ئالاھىدىلىگى ۋە ئېھتىياجىغا،ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنى ئېتىقاد مەسىلىسىگە  تەشكىلنىڭ ،رەھبەرلەرنىڭ ،ۋە بىر قىسىم خەنزۇ پۇقرالارنىڭ ئەمەلى جەھەتتىن ھەقىقى  ئېتىۋار بېرىپ ئۆزى بىلەن باشقىلارنى باراۋەر ئورۇنغا قويۇپ كېتەلمەيۋاتقانلىغىنى،مەنسىتمەسلىك ۋە كەمسىتىش تۇيغۇسىدا بولىۋاتقانلىغىنى چۈشەندۈرىدۇ...
    بۇ ئىشلار ...
3> .  <<جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى يىمەكلىكلەر تازىلىقى قانۇنى >>1982(-يىلى ماقۇللانغان).<<جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى>>غا بولغان تونۇش چۈشەنچە ۋە  <<جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى مۇھىت ئاسراش قانۇنى>>غا،<<جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى باج ئېلىش- باشقۇرۇش >>قانۇنىغا  بولغان مەسۇلىيەتنىڭ بىزدە ھەرتەرەپلىمە ئادا بولالمايۋاتقانلىغىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرىدۇ .

          1985 -يىللاردا ئۇيغۇر قاسساپلارغا مۇنتىزىم بىر يۈرۈش قوي ،كالا سويۇش دۇكانلىرى سېلىپ بېرىلدى ۋە ئاقچى مەيدان بىلەن داخىيەنزى بازار پاسىلىغا300نەچچە كۇۋادىرات مېتىرلىق قۇشخانا سېلىپ بېرىلىپ تارقاق ۋە چېچىلاڭغۇ ھالەتتىكى قاسساپلىق قىلمىشىغا خاتىمە بېرىلدى .نەتىجىدە بىر پۈتۈن بازارنىڭ مۇھىم بولغان يىمەكلىك بازىسى تەرتىپكە چۈشتى .بىراق خەنزۇ قاسساپلار مۇشۇنداق ئەۋزەل مۇھىتتىن بەھرىمەن بولالمىغاچقا ئۇلار سەييارە ۋە كۆچمەن ھالەتتە قاسساپلىق قىلىپ بازار مۇھىتىغا ئېغىر نۇقسان يەتكۈزدى.بىز بۇخىل قۇرۇلۇشنى قىلىشقا توسالغۇ بولىۋاتقان  ئوبىكتىپ- سوبىكتىپ سەۋەپلەرنى مۇنداق يەكۈنلەپ باقتۇق:
<1>.بۇ خىل قۇرۇلۇشنى سېلىشتا  پۇقرالارنىڭ شۇنچە كۆپ تۇرالغۇ زېمىنلىرىنى مۇۋاپىق باھالاپ سېىتىۋىلىپ قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان پارتكوم ،خەلق ھۆكۈمەت ۋە قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىرىنىڭ  ئاتالمىش<< يەر >>قىيىنچىلىقى يوق !
<2>.شۇنچە كۆپ قۇرۇلۇشلارنى بولۇپمۇ  بىر قىسىم ئىشلىتىش مۇددىتى توشمىغان يېڭى  قۇرۇلۇشلارنىمۇ  چېقىپ قايتا سېلىۋاتقان ئىدارە جەمئىيەت  ئورگانلارنىڭ مەبلەغ قىيىنچىلىقى ،ۋاقىت قىيىنچىلىقىمۇ يوق!
<3>. بۇنىڭدا پەقەتلا بىر قىسىم رەھبەرلەرگە مەزكۇر قۇرۇلۇشتىن تېگىدىغان پايدا -مەنپەئەت ئاز نىسبەتنى ئىگەللىگەچكە مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك قۇرۇلۇش بۈگۈنگىچە سۆرىلىپ كەلمەكتە . دەپ چۈشىنىپ كەلدۇق .
<4>. مىللى مەسىلىنى،دىنى مەسىلىنى، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەپ تەكىتلىگەن بىلەن ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەت ،كىشىلىك ئىززەت -ئابرويىغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك ۋە ئېتىۋار بېرىش ، ئەھمىيەت بېرىش خىزمىتىنىڭ ئېغىزدىكى قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.
<5>.داخېيەنزى بازىرىدىكى ئاتالمىش <<ساغلاملىق كوچا>>سىنىڭ ئەمەلىيەتتە چوشقا گۆشى سېتىش ۋە مۇھىتنى بۇلغاش كوچىسىغا ئايلىنىپ قالغانلىغىنى چۈشەندۈرىدۇ.
          نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئىقتىسادى تەرەققىيات ، مەدەنىيەت تەرەققىياتى ، ئاممىغا ھەرتەرەپلىمە قولايلىق شەرت-شارائىتنى   تۈزەش، ئوڭشاش ، تەرتىپكە سېلىش ،مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ،كېسەللىك ۋە يۇقۇملىنىشقا قارىتا ئەتراپلىق مۇلازىمەت  قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىۋاتىدۇ .
           بولۇپمۇ دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىنىڭ ئۆرپ-ئادەت ،ئەنئەنىسىگە ،ئىززەت-ئابروي ،غورۇرىغا ھۆرمەت قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈشنى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنىڭ بىر مەزمۇنى دەپ قاراۋاتىدۇ.       بۇ خىل سىياسى قاراش  يولداش   جاڭ زېمىن تەكىتلىگەن << جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ غورۇرى>>غا ھۆرمەت قىلىش قارىشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە دەپ قارايمىز .  بۇ ئىشلارغا ۋە ئۇنىڭ ئىجراسىغا خەلق قۇرۇلتىيى ،سىياسى قانۇن ساھەسى،دىنى بىرلىكسەپ تارماقلىرى بىپەرۋا  قارىماي ئالاھىدە مەسىلە سۈپىتىدە قاراپ ۋاقتىدا ،ئۈنۈملۈك چارە قوللىنىپ خەنزۇ <<قېرىنداش>> قاسساپلىرىمىزنىڭ مەدەنى ،پاكىزە مۇھىتتا قاسساپلىق قىلىش شارائىتىنى ياخشىلاپ بازىرىمىزنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى تۇر قۇرۇلىشى قاتارىدا  بۇ ئىشنى چوقۇم  بالدۇرراق  ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى كۆپچىلىك بىردەك مۇراجىئەت قىلدۇق ؟
             باھانە- سەۋەپلەر كۆرسىتىلمەي يېڭى دەۋردىكى بىر زامانىۋى  چوشقا گۆشى سېتىش ۋە سويۇش دۇكىنى ياكى قۇشخانىسىنىڭ  قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ،مۇۋاپىق ئورۇنغا  سېلىپ بېرىلىشىنى بىردەك تەكلىپ  ۋە  تەلەپ قىلىمىز؟!

       جىڭ ناھىيە داخيەنزى بازىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىدىن  ...

2012يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى   


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93235
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 908
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 578 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 01:52:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     بۇ ھەقىقىتەن جىددى بىر تەرەپ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشكەن.

ئوۋچىنىڭ مىلتىق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2426
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15599
تۆھپە نۇمۇرى: 372
توردا: 4728 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 01:54:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا تەكلىپنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ رەئىسى يولداش نۇربەركرىگە ياكى سىياسى كېڭەشتىكى باشقا رەھبەرلەرگە ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بىر نەتىجە چىقىشى مۇمكىن بولمىسا ..

ئەڭ يىڭى خەۋەرلەر ئۇيغۇر خەۋەر تورىدا تور ئادرىسىمىز : http://www.uyhawar.com

مىسكىن ئاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85981
يازما سانى: 555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2012-10-12
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 02:43:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا......كۆڭلۈم ھەجەپ غەش بولدى مېنىڭ.... كەرەملىك ئاللاھ،  ئاۋۇ مۇناپىقلارنى كۆزىمىزدىن ھەم كۆڭلىمىزدىن يىراق قىلغايسەن.....

كۈلكىللىرىمگە كۆز تەگمىسۇن

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3009
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 02:51:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەخىرسىز مەسىلە  !

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11151
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2794 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 03:02:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bodakkiz يوللىغان ۋاقتى  2013-4-24 02:38 PM
جىڭ ، دايىخەنزى دىگەن جايلار قەيەردە ؟ مەن بىلمىدىمغۇ . ...

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى يەرلەرنى دەيدۇ . داخىيەنزىنىڭ بۇرۇنقى نامى تارقىيا . جىڭنىڭ نامى نىمىكىن ؟

مۇھەببەتسىمان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23196
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7448
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 739 سائەت
تىزىم: 2010-12-21
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 03:47:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bodakkiz يوللىغان ۋاقتى  2013-4-24 02:38 PM
جىڭ ، دايىخەنزى دىگەن جايلار قەيەردە ؟ مەن بىلمىدىمغۇ . ...

شىنجاڭ خەرىتىسىنى كۆرۈڭ،ئۇيغۇرچە نامى تارىختا بولىشى مۇمكىن.

مەن شۇنداق بىر جىسىم مۇھەببەتسىمان...

مۇھەببەتسىمان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23196
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7448
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 739 سائەت
تىزىم: 2010-12-21
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 03:48:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى  2013-4-24 03:02 PM
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى يەرلەرنى دەيدۇ  ...

تارازا

مەن شۇنداق بىر جىسىم مۇھەببەتسىمان...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11151
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2794 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 03:50:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muhabbatsiman يوللىغان ۋاقتى  2013-4-24 03:48 PM
تارازا

بازارمىكى دەيمىنا مەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36697
يازما سانى: 816
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3118
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 4933 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 03:57:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەييييييييييي بىزنىڭ مەھەلىدىمۇ بار مۇشۇنداق ئېش، تېخى ھارامدىن تۆرەلگەن نىجىس ئۇيغۇر مۇناپىقلار نىمە چاتىقىڭ سىنىڭ ھويلاڭدا سۇيمىغاندىكىن دەيدۇ نۇمۇس قىمماي
ئاشۇنداق مۇناپىقتىن مۇشۇ مۇنبەردىلا بار تېخى

ئايرىم قۇشخانىدا ئايرىم بازاردا قىممامدۇ ئۇنى

سۇقۇلدىغان ساندال بۇلغۇچە، ئۇرىدىغان بازغان بۇل
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش