چارە
ھېكايە
كىشىلەر تۇرمۇشتا تۈرلۈك،تۈمەن قىسمەتلەرگە دۇچكېلىدۇ.بەزىلەرنىڭ ئامەت قۇشلىرى سايراپ تۇرسا يەنە بەزىلەرنىڭ تەقدېرى كاج كېلىپتۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە تېڭىرقىشىدۇ.
گاھ خاماندا غۇلاچىڭنى كېرىيسەن،
گاھ ئېتىزدا ئارپا- بۇغداي تېرىيسەن.
تەمتىرەيسەن بىرنى ئىككى ئېتەلمەي،
مەنچە بولسا ھايات دىگەن ئەنە شۇ.
ئالىم بىر جەمەت كىشىلەرنىڭ دادىسىدىن قالغانئاشۇ ئالقانچىلىك يەرگە تەلمۈرۈشۈپ ئۆتۈشىنى راۋا كۆرمىدىمۇ ياكى جەنۇبيېزىلىرىدىكى ھاشاردىن زېرىكتىمۇ ئەيتاۋۇر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خۇشلىشىپ شەھەرگەقاراپ يول ئالدى .ئۇ يول بويى ئۆزى بېرىپمۇ باقمىغان شەھەر توغۇرلۇق شېرىنخىياللارنى قىلاتتى گاھىدا ئىچىدە كۈلۈپمۇ قوياتتى.ئۇ سەل ئەسلىگە كەلگەندەكئەتراپىدىكىلەرگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن پوكاندەك قىزىرىپ كەتتى ۋەيەردىن ئۈستۈن قارىماستىن يەنىلا شۇ باش –ئاخىرى يوق خىياللار دېڭىزىدا ئۈزۈشكەباشلىدى…
مانا ئۇنىڭ شەھەرگە كەلگىنىگىمۇ ھەش-پەش دىگۈچەيېرىم يىلدىن ئاشتى ئۇ يازىنچە قۇرۇلۇشلاردا ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىدىن ئازراقلائېلىپ قېلىپ قالغىنىنى خوتۇن –بالىلىرىغا ئەۋەتكەندى.كۆڭلىدە يازنى كۆرۈپئائىلىسىدىكىلىرىنىمۇ شەھەرگە ئەكىلىۋېلىشنى ئوغلى بىلەن قىزىنى شەھەردەئوقۇتۇشنىمۇ ئويلاپ قويغاندى…
قىشنىڭكېلىشى بىلەن ئىش تېپىشمۇ قىيىنلىشىشقا باشلىدى ئۇ توپ-توغرا بىر ئايدەك خىزمەتئىزدىگەن بولسىمۇ لېكىن يەنىلا ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى.ھەي نېمىشقىمۇ بىرەركەسىپ ئۆگەنمىگەن بولغىيتىم ،ئىسىت بىرەر كەسىپ بىلگەن ھېچ بولمىساناۋايلىق،ساتىراچلىق دىگەندەكلەرنى ئۆگىنىپ قويغان بولسام قىينالمايلا جان باقارئىكەنمەن دەپ ئويلايتى ئىچىدە.لېكىن قۇرۇق خىيالغا مۈشۈكمۇ ئاپتاپقا چىقمايدىغانلىقىنىبىلگەن ئۇ بەل قويىۋەتمەي يەنىلا خىزمەت ئىزدەش بىلەن مەشغۇل ئىدى.بىر كۈنى ئۇنىڭكاللىسىغا شۇنداق بىر خىيال كېلىپ قالدى ۋە سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرۇپ ،كونا ئۆيسايمانلىرىنى ساتىدىغان جايغا بېرىپ بىر ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن قول ھارىۋۇسىنىئالدى-دە،ئۈمۈدلەنگەن قىياپەتتە غېربخانىسىغا يول ئالدى.ئۇ شەھەرنىڭ شىمالىدىن9كۇۋادىرات كېلىدىغان ئۆينى ئىجارىگە ئالغان بولۇپ ئۆيدە بىر دانەكارىۋات،دوپپامچىلىك مەش،ئىككى تال ئورۇندۇق،بىر دانە كونا چامادان ۋە بىر تاليوتقان كۆرپىدىن باشقا كۆزگە چېلىققۇدەك نەرسە يوق ئىدى.ئۇ ھاراۋۇنى قوروغا سۆرەپكىرگەندىن كېيىن زەنجىر بىلەن قۇلۇپىلاپ قويۇدى ۋە سەل ئىشەنمىگەن قىياپەتتەقۇلۇپنى قايتا بىر نەچچە رەت تارتىپ باققاندىن كېيىن ئۆيىگە كىرىپ كەتتى مەشتىكىئوت ئاللا بۇرۇن ئۆچكەن ، ئۆينىڭ سىرتتىنئانچە پەرقى يوق ئىدى.ئۇ سەل دېمىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن قوللىرىنى بىر ەنچچە رەتئۇۋۇلىۋەتتى ھەم ئۇچاققا ئوت يېقىشقا كىرىشتى…
ھەممە ئۇيقۇ دۇنياسىغا غەرق لېكىن ئۇ نېمىشقىدۇرئۇخلىيامايتتى،شېرىن خىياللار ئۇنى قىينىماقتائىدى .ھەي تۇرمۇش دەپ پىچىرلايتى ئۇئۆزىگە…
سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرغان ئۇ، ھارىۋىسىنىسۆرىگىنىچە ئۇيان-بۇيان مېڭىشقا باشلىدى سوغۇق نەشتىرىنى ئايىماي سانجىيتى لېكىنئۇ يەنىلا ئالىمنى قورقۇتالمىدى.
-نەگە بارىسەن؟
-ئەسكى پۇرۇچ يىغىمەن.
-كىرىشكە بولمايدۇ. بۇ گەپلەردىن ئالىمنىڭقەدىمى ئۇيان –بۇيان ئۆزگىرىشكە باشلىدى شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن قورانىڭ ئالدىغاكەلدى لېكىن كىرىشكە مۈمكىن بولمىدى.كەچقۇرۇن ئۇ ھاراۋۇسىغا بېسىلغانئەخلەتخانىدىن تېرىۋالغان ئازغىنە بوتۇلكا،قەغەز يېشىك قاتارلىقلارنى سېتىش ئۈچۈنئەسكى پۇرۇچخانىغا باردى.دەل شۇ پەيتتە پاناق بۇرۇن،توڭكەي چىش،ۋىجىككىنا كەلگەنبىرى بىر مۇنچە نەرسىنى ئەكىلىپ ساتتى.ئالىم كۆڭلىدە مۇنۇنىڭ قورولارغا قارايدىغانتونۇشى بار ئوخشايدۇ دىگەنلەرنى چاقماق تېزلىكىدە ئويلاپ ئۈلگۈردى ۋەئۆزىنىڭتونۇۇشىنىڭ يوقلۇقىدىن سەل ئۆكۈندى.ئارىدىن بىر نەچچە كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى ئالىمبۈگۈنمۇ يەنە ئادىتى بويىچە ھاراۋۇسىنى سۆرەپ چىقتى بىر نەچچە دەرۋازىنىڭئىشىكىدىن ھەيدەلگەن ئۇ ئەخلەت ساندۇقىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى تۇيۇقسىز ھېلىقىپاناق بۇرۇن پەيدا بولدى ۋە خالتىسىنى يۈدگەن پېتى بىر قورانىڭ دەرۋازىسىدىنبىمالال كىرىپ كەتتى .بايا مىنى كىرگۈزمىگەن ئىدىغۇ ئەمدى ئاۋۇنى كىرگۈزىۋەتتىغۇدىگەنلەر ئۇنىڭ خىايلىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى.شۇنداق قىلىپ ھەش-پەش دىگۈچە بىر نەچچەئاي ئۆتۈپ كەتتى …
بۈگۈنئۇنىڭ ئۇيقۇسى زادىلا كەلمىدى قانداق ئىش؟نېمە ئۈچۈن دىگەن سۇئاللار ئۇنى قىينايتىئۇ ئاخىرى بىر ھەقىقەتنى چۈشەنگەندەك بولدى-دە،شېرىن ئۇيقۇغا كەتتى.مانا ئۇ كوچادوقمۇشىدىن ئۆتۈپلا ھېلىقى پاناق بۇرۇن،چوقۇر،ۋىجىككىنا،توڭكايچىش،ئاغزى يوغانكەسىپدېشىغا يولۇقۇپ قالدى .ھەر نمە بولسا تەلىيىم ئوڭ ئىكەن دىگەنلەرنى خىيالقىلغاچ ھارىۋۇسىنى سۆرىگەن پېتى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتى ۋە يانجۇقىدىن بىر تالتاماكا چىقىرىپ تۇتۇپمۇ ئۈللگۈردى.
ــ ھە قانداق ئەھۋالىڭ؟سوداڭ ياخشىمۇ سورىدىئالىم ئۇنىڭدىن.
ــ ياخىشى ،خېلى ياخشى بۇ دىگەن دەسمايەكەتمەيدىغان سودا تۇرسا دىدى ئۇ جاۋابەن.
ــ سېنىڭ ھاراۋاڭ يوقمۇ؟
ــ يوق .
ــ نىمىشقا ؟
ــ مەن يۇرتتىن يېڭىلا چىقتىم شۇنداق بولغاچقاھارۋۇ ئالمىدىم .كېيىنچە بىر گەپ بولار دەيمەن.
ــ ئەمىسە ئىككىمىز شېرىك بولايلى، قارا مېنىئولتۇراق رايونلىرىغا كىرگۈزمەيدىكەن ،سەنبولساڭ بىماللا كىرىپ كېتىدىكەنسەن.ھارۋۇنى مەن سۆرەي نەرسە يوق ۋاقىتلاردا سەنچىقىۋال قانداق دەيسەن؟بىر ئاز ئويلۇنىۋالغاندىن كېيىن –بولىدۇ دىدى جاۋابەن پاناقبۇرۇن.شۇنداق قىلىپ ئالىم ھاراۋۇنى سۆرىگىنىچە شېرىكى بىلەن يۈرۈپ كەتتى مانائۇلار بىر ئولتۇراق رايونىنىڭ ئالدىغا كەلدى.
ــ توختا!نەگە بېرىشىسەن؟
ــ ئەسكى پۇرۇچ يىغىمىز دىدى پاناق بۇرۇن ھىجايغانقىياپەتتە.
ــ بۇ كىم ؟
ــ ياردەمچىم.شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن دەرۋازىدىنكىرىپ كەتتى ئالىم ئۆزىنىڭ تاپقانچارىسىدىن مەمنۇن بولغان ھالدا يېنىدىكىگە قاراپ قويدى.ۋە بۇمۇ بولىدىغان چارەئىكەن دىگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-24 11:26 AM