|
|
|
|
چاۋشىيەندىكى بالا ئەسكەرلەر
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگىنتىلىقىنىڭ 4-ئاينىڭ 19-كۈنى پىڭراڭدىن بەرگەن خەۋىرى:چاۋشىيەندە يېڭى بىر تۈركۈم كەلگۈسىدىكى ئەسكەرلەر-يەنى قۇرۇق سۆڭەك بولۇپ قالغان،چاچلىرى قىرقىۋىتىلگەن 11ياشلار ئەتىراپىدىكى ئۆسمۈر بالىلار ۋەنجىڭتەيدىكى ئىنقىلابىي مەكتەپتە گۇمپا مەشىق قىلۋاتقان بولۇپ،ئۇلار ھاۋاغا قاراپ مۇشىت ئاتماقتا.بۇ يەدىكى ئوقوتقۇچى-ئوقوغۇچىلارنىڭ دېيىشچە ئۇلار جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق جەڭگە تەييارلىق قىلىۋىتىپتۇ.
چاۋشىيەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۈزىندىلەر، شۇئارلار ۋە تەشۋىقاتلار يېڭدىن ئىشلەنگەن بولۇپ ئۇلاردىكى ئاساسلىق ئىدىيە بولسا:<<ئامىرىكا جاھانگىرلىكى ۋە ئۇلارنىڭ غالچىللىرى>>غا قارشى جەڭ قىلىش ،ئاندىن قالسا كورىيگە.2009-يىلدىن بۇيان چاۋشىيەندە ئىقتىسادىي شۇئارلار كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، چاۋشىيەننىڭ يېراق مۇساپىلىق راكىتا قويۇپ بىرىپ، ئامىرىكىنىڭ جازالاش تەدىبىرى قوللانغاندىن كىيىن ئامىرىكىغا قارشى شۇئارلار يېڭدىن باش كۆتىرىشكە باشلىغان .
ھەربىي مەكتەپتىكى تورغا چىقالمايدىغان كومپىيۇتىردا ئوقوغۇچىلار ئادەتتە <<كىم جۇڭئىن بىرنىڭ ئاتىمىز>>دىگەندەك شۇئارلارنى ئىنگىلىزچە مەشىق قىلىدىكەن.ۋەنجىڭتەيدىكى ئىنقىلابىي مەكتەپنىڭ كەڭ- كۇشادە مەكتەپ ھويلىسىدا ئۇلار بىئولوگىيە،تارىخ، چەتئەل تىلى ئۈگەنگەندىن سىرىت، پىڭراڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن مەزگللەردىن بۇيانقى دۈشمەنلىك ھەركەتلىرى قاتتىق پاش قىلنىدىكەن.
بىزنىڭ ھەربىي مەكتەپنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىشىمىز؛چاۋشىيەن ياشلىرىنىڭ كاتتا تەبىرىكلەش پائالىيەتلىرىدىكى توغرا بولغان ماھارەتلەرنى قانداق ئىگىلىگەنلىكىنى؟ ھەربىي يۈرەشلەردىكى شۇئارلارنى قانداق بىرلىككە كەلتۈرگەنلىكىنى؟-بايقىشىمىزغا ياردىمى بولدى.بىر تۈركۈم ئۇچىسىغا ھەربىي فورما كىيگەن ئوقوغۇچىلار ھەربىي ئوقۇتقۇچىنڭ يېتەكچىلىكدە قوللىرىنى تەڭ بىرلىككە كەلتۈرۈپ مەشىق قىلۋاتقان بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەركىتى ناھايتى توغرا ئىدى.
مەنبە:http://bbs.tiexue.net/post_6675877_1.html
|
|
|
|
|
|