مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 734|ئىنكاس: 3

رىتى ئۇممۇ خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھاياتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 688
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17236
تۆھپە نۇمۇرى: 2055
توردا: 1219 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-8-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 09:54:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەزرىتى ئۇممۇ خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھاياتى
مەككىدە دەسلەپ مۇسۇلمان بولغانلار كاپىرلارنىڭ ھەر تۈرلۈك بېسىم ۋە زۇلۇملىرىغا ئۇچرىغان ئىدى. كاپىرلار چارىسىز مۇسۇلمانلارنى دىنىدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك ـ تۈرلۈك زۇلۇملارنى قىلاتتى. بىچارە مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالاغا بولغان ھەقىقىي ئىمان ۋە چىن ئىخلاس بىلەن دۈشمەنلەرنىڭ كۆتەرگۈسىز قىيناشلىرىغا سەۋر ـ تاقەت قىلاتتى. كاپىرلارنىڭ زۇلمى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلاشماقتا ۋە تاقەت قىلغىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلمەكتە ئىدى. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇسۇلمانلارنى ھەبەشىستانغا بېرىڭلار، ئۇ يەرنىڭ پادىشاھى ئادىل بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدا ھېچكىم زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ، بەلكى ئاللاھ سىلەرنى ئۇ يەردە نىجاتلىققا ئېرىشتۈرەر، دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزى بىلەن بىر نەچچە مۇسۇلمانلار ئانا يۇرتىنى، ئىسسىق ئۆيىنى، سۆيۈملۈك ئائىلىسىنى تاشلاپ، كۆرمىگەن ـ بىلمىگەن بىر ياقا يۇرتقا ھىجرەت قىلدى.
ھەزرىتى ئۇممۇ خالىد ئەنە شۇ غېرىپلىق ۋە مۇساپىرچىلىق يۇرتى ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىپ بارغان مۇسۇلمان بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەمەت بولۇپ، ئۇممۇ خالىد دېگەن كۇنيە بىلەن مەشھۇر بولغاندۇر. دادىسى خالىد ئىبنى سەئىد، ئانىسى ھۇمەينەدۇر. ئۇممۇ خالىد بالاغەتكە يەتكىلى ئاز قالغانغا قەدەر ھەبەشىستاندا ياشىدى.
ھەزرىتى ئۇممۇ خالىد ھەبەشىستان پادىشاھى نەجاشىدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سالام ئېلىپ كەلگەن دېڭىز كارۋىنىنىڭ بىرى بولغان بەختلىك زات ئىدى. بۇ يولۇچىلىق مۇنداق باشلىغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېرى مۇرتەد بولۇپ تاشلىۋەتكەن ھەزرىتى ئۇممۇ ھەبىبەنى نىكاھىغا ئېلىش ئۈچۈن نەجاشىغا مەكتۇب ئەۋەتتى. نەجاشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارزۇسىنى دەرھال ئورۇنلىماقچى بولدى. ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇممۇ خالىدنىڭ دادىسى خالىد ئىبنى سەئىدنى ئۆزىگە ۋەكىل قىلدى. پادىشاھ غايىب نىكاھ قىلغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ھەدىيەلەر بىلەن ئۇممۇ ھەبىبەنى دېڭىز ئارقىلىق رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەۋەتمەكچى بولۇپ، مۇسۇلمانلاردىن بىر كارۋان تەشكىللەپ مەخسۇس بىر كىيمە بىلەن ئەرەبىستانغا يولغا سالدى. پادىشاھ ئۆزى كىيمە ماڭىدىغان پورتقا كېلىپ كارۋاننى ئۇزاتتى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سالام يوللىدى. بۇ كارۋاننىڭ ئىچىدە ھەزرىتى ئۇممۇ خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ بار ئىدى.
ھەزرىتى ئۇممۇ خالىد يولدا ئويغا پاتتى: ئەرەبىستان قانداق يەردۇ؟ مەككە قانداق بىر شەھەردۇ؟ ئۇ ئانىسىدىن مەككە، كەبە ۋە كەچقۇرۇندىكى شامالدا لىڭشىدىغان خورما دەرەخلىرىنى ئاڭلىغان ئىدى. ئەجەبا كەبە قانداق يەردۇ؟ ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆيى بولغاندىن كېيىن ناھايىتى چوڭ بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ ھەممىدىن چوڭدۇر.
بۇ كارۋان مەككىگە ئەمەس مەدىنىگە بارماقچى. مۇسۇلمانلار بۇ يولۇچىلارنى "كىمە ئىگىلىرى" دەپ ئاتايتتى. ھەزرىتى ئۇممۇ خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە ئويغا پاتتى. كىچىككىنە ئەقلى بىلەن ئويلايتتى. بۇ دېڭىز نېمىدېگەن يوغان! بۇ كىمە شۈنچە ئادەملەرنى كۆتۈرۈپ سۇنىڭ ئۈستىدە قانداق تۇرىدىغاندۇ؟ سۇلارنى يېرىپ قانداق ماڭىدىغاندۇ؟ ماڭىمىز ـ ماڭىمىز تۈگىمەيدۇ بۇ يول. قاچان تۈگەيدىغاندۇ؟ تۈگىسۇن بۇ يول، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا تىزراق بارايلى! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قانداق كىشىدۇ؟ ئۇ بويى ئۇزۇن، ئاسمانغا تاقىشىدىغان كىشىدۇ.x
ھەزرىتى ئۇممۇ خالىد كىچىككىنە قولىنى پىشانىسىگە قويۇپ، ئۇزاقلارغا قارايتتى ۋە يولنىڭ تىزراق تۈگىشىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تىزراق كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى.
ئى كىمە دوستلىرى! كىمە ئىگىلىرى خۇش كەپسىلەر! دېگەن ئاۋاز ھەزرىتى ئۇممۇ خالىدنى چۆچىتىۋەتتى. ئورنىدىن تۇرۇپ قارىدى. پۈتۈن مەدىنە خەلقى ئۇلارنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. دېڭىز تۈگەپ، يول ئاخىرلاشقان ئىدى. ھەممە خۇشال خورام بىر ـ بىرى بىلەن قۇچاقلىشاتتى، بىر ـ بىرى بىلەن سالاملىشاتتى، ئۆيلىرىگە دەۋەت قىلىشاتتى. مەدىنە خۇددى ئۆز ئۆيى ۋە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتىنى ئىدى. مەدىنە سۈيى، ھاۋاسى، تۇپراقلىرى ۋە بۈكباراقسان خورما دەرەخلىرى بىلەن ئۇلارغا قۇچاق ئاچقان ئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ كۆزىدە ئەڭ گۈزەل شەھەر مەدىنە شەھىرى ئىدى.
يولۇچىلار بىر ئازدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بارماقچى ئىدى. ئۇممۇ خالىدنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا سېرىق كۆينىكىنى كەيگۈزۈپ، ساچلىرىنى تاراپ تەييارلىدى. ھەزرىتى ئۇممۇ خالىد يەنە ئويغا پايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى ياخشى كۆرەمۇ؟ ئانام ـ دادام رەسۇلۇللاھ بىزنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، دېگەن ئىدى. بىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ھەبەشىستانغا ئەۋەتكەن ئىكەن. چۈنكى مەككىدە مۇسۇلمانلار قىين ـ قىستاقتا قالغان ئىكەن. مېنى كۆرۈپ باقمىدى رەسۇلۇللاھ! مېنى كۆرسە ياخشى كۆرەمۇ؟
مانا ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كەلدى. رەسۇلۇللاھنىڭ بويى ئاسمانغا تاقاشمايتتى ئەمما شۇنداق چىرايلىق، كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان، نۇر يۈزلۈك كىشى ئىدى. ھەزرىتى ئۇممۇ خالىد رەسۇلۇللاھنى بالىلىق كۆزى بىلەن كۆرەتتى ۋە بالىلىق قەلبى بىلەن سۆيەتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئېلىپ قۇچۇغىدا ئولتۇرغۇزدى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ساقاللىرىنى ۋە پەيغەمبەرلىك مۈھۈرىنى ئويناشقا باشلىدى. دادىسى خالىد خىجىل بولۇپ، قىزنى ئالماقچى بولدى، لېكىن رەسۇلۇللاھ، قويغىن، ئوينىسۇن، دېدى ۋە ئۇنىڭ سېرىق كوينىكىنى كۆرسىتىپ: سەنەھ ، سەنەھ دېدى. بۇ ھەبەشىستانچىدا گۈزەل دېگەن بولاتتى. كىچىك قىز رەسۇلۇللاھقا بالىلىق كۆزلىرى بىلەن قاراپ كۈلەتتى. مەدىنە ھاياتى مانا مۇشۇنداق باشلىدى. ئۇممۇ خالىد ئۆزىگە ئاداشلارنى تاپتى. دادىسى رەسۇلۇللاھنىڭ مەخسۇس كاتىپى بولدى.
بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە كىيىم ـ كېچەك ھەدىيە كەلدى. كىيىملەرنىڭ ئىچىدە كەشتىلەنگەن كىچىك بىر كۆينەك بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلىرىدىن بۇنى كىمگە بېرەيلى؟ دەپ سورىدى. ھېچكىم جاۋاب بەرمەستىن جىم تۇرۇشتى. رەسۇلۇللاھ ماڭا ئەمەتنى ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. دەرھال ئۇممۇ خالىدنى ئېلىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھېلىقى نەقىشلىك كۆينەكنى ئۇنىڭغا ئۆز قولى بىلەن كەيگۈزۈپ، ئەمەت! سەنەھ، سەنەھ (يەنى گۈزەل، ساڭا ياراشتى) دېگەندىن كېيىن، ئۈچ قېتىم "بۇ ئۈستۈڭدە كونىرىسۇن" دەپ دۇئا قىلدى. بۇ « سېنىڭ ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولسۇن، كىيىم كونىراپ كەتسۇن» دېگەن سۆز.
ئۇممۇ خالىد ئانىسىنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، كۆينىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىيىسى، نېمىدېگەن گۈزەل بىر ھەدىيە! ئۇ ئانىسىغا رەسۇلۇللاھ مېنى مەك ياخشى كۆرىدۇ، ماڭا ھەدىيە بەردى، ماڭا دۇئا قىلدى، مېنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدۇ، مەنمۇ ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن، دېدى.
ھەزرىتى ئۇممۇ خالىد توي قىلىش يېشىغا يەتكەندە، جەننەت بىلەن خۇشخەۋەر بېرىلگەن ئون ساھابىنىڭ بىرى ھەزرىتى زۇبەير ئىبنى ئاۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ياتلىق بولدى ۋە ئۇنىڭدىن خالىد ۋە ئۆمەر ئاتلىق ئىككى پەرزەنتى دۇنياغا كەلدى. ھەزرىتى ئۇممۇ خالىد رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئىككى ھەدىس رىۋايەت قىلغان، ھەر ئىككى ھەدىس سەھىھ بۇخارىدا باردۇر. ئاللاھ تائالا ھەزرىتى ئۇممۇ خالىدقا ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلدى. ئۇھىجرىينىڭ 90ـ يىلى ۋاپات بولدى. ئاللاھ ھەزرىتى ئۇممۇ خالىد ۋە باشقا بارلىق ساھابە كىراملاردىن رازى بولسۇن. بىزگە ھەزرىتى ئۇممۇ خالىدتەك رەسۇلۇللاھنى سۆيۈشنى نېسىپ قىلسۇن. ئامىين!


تەييارلاپ سۇنغۇچى: نۇرئالەم ياسىن.
http://bbs.merifet1.com/read.php?tid=7153&u=341


ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23689
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3739 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 12:17:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91247
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1225
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 01:36:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! ئىسل تىما

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2602
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 569 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 06:30:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!!!!!!

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش