مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2360|ئىنكاس: 47

مەن ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇيمۇ ياكى ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قان ئىچدە قان ......

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68484
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2631
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2013-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 09:52:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلرى نەگە كەتتى؟ دىگەن تىمىغا ياندىشىپ بىر كەلىمە :

ئەسسالام. تىمىڭىزنى ئوقۇشتىن بۇرۇن تېمىسىغا قاراپلا ئىككىمىزنىڭ بۇ ھەقتە خىيال بولسىمۇ ئورتاقلىقىمىز بار ئىكەن دەپ ئويلىدىم. تىمىنى ئۇقۇپ كېتىپ بېرىپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى.ئەمەلىيەتتە بۇنى تامامەن بۇلاردىن كۆرۈشكە « ئۇقۇغۇچىلار» بولمايدۇ. مەنمۇ تۇلوقنى ئىچكىردە ئوقۇغان ، ئۆتكەن يىلى ئالى مەكتەپكە ئىمتاھان بەردىم، بىراق مەلۇم سەۋەپ تۈپەيلى  ئالى مەكتەپكە بارمىدىم« ئۆتەلمىگەنلىكىمدىن ئەمەس». قانداقلا بولسۇن شۇنچىلا ئۇقۇپتىمەن دەپ بۇ يىل قايتا بىر ئىمتاھان بىرەي دەپ ئويلىدىم .

شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى مەلۇم ۋىلايەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا سانىلىپ كەلگەن تولوق ئوتتۇردىنىڭ 3. يىللىقىغا كىرىپ ئوقۇدۇم . بۇ دادامنىڭ پىكىرى ئىدى.مەن ئەدەبىياتنى خەنزۇچە ئۆگەنگەن ئىدىم . لېكىن بۇ يەردە ئۇيغۇرچە ئەدەبىيات ئۆگۈنۈش قارارىغا كەلدىم، شۇنداق قىلىپ بىلىمنى مەھكەم باغلاپ، ئون كۈنچە ئەدەبىيات ئۆگۈنپتىمەن ، ئەلۋەتتە دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا تىرىشتىم ، دەرىسخانا ئىچىدە بولسا مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلىدىم.
ھەپتىدىن كېيىن ۋىلايەتنىڭ بىر تۇتاش ئىمتاھانىغا قاتناشتىم. مەكتەپ بويىچە ئەدەبىيات نەتىيجەم 3.بولوپ چىقى.
  كۈنلەر شۇ تەرەققىدە ئۆتمەكتە ئىدى. ئانا تىلىم بىلەن راۋان بولمىغان ياكى تەلەپپۇز خاتالىقى ساقلانغان ھەر قايسى پەن دەرسىلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاشقا باشلىدىم، راستىمىنى ئېيتسام بىر نەرسە چۈشەنگەندەك ئەمەس. مەن بۇنى ئۇيغۇرچە تەپەككۇرىمنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى دەپ قاراپ خاتىرە قالدۇرۇپ، دەرستن چۈشۈپ تاماقتىن باشقا ۋاقىتتا ئۆگۈنۈش قىلدىم. ئۆزۆمدە  ئاز تولا ئىلگىرلەش بولغاندەك ھېس قىلدىم.
ۋاقىت ئۆتۆپ مەن  بۇ مۇھىتقا پۈتۈنلەي كىرىپ بولغاندىن كېيىن ، ئوقۇتقۇچىلار كۆزۆمگە باشقچە «كۆرۈنىشكە » باشلىدى.
شۇنداق، ئۇلارنىڭ سەۋىيەسى بەزى بىر ئۇقۇغۇچىلارنىڭكىگىمۇ يەتمەيدىكەن ، مەسئۇليەتچان ئەمەسكەن، دەرس ۋاقتىنى ئاساسلىقى ياخشى ئۆگۈنۈڭلار دېيىشتەك نەسىھەت بىلەن ۋە ياكى ھەرخىل تەنبىھ سۆزلەر بىلەن توشقۇزىدىكەن، نېمە ئۈچۈن سىنىپقا كىرىپ دەرس ئۆتتى؟ ئۆزى قانچلىك؟ قانچىلىك نەرسە بىلىدۇ؟ بۇلار بىلەن ھىساپلىشىدىغانلا يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەن. ئايرىم چىقىپ بىلمىگەنىنى سورسىڭىز قوپال مۇئامىلە بىلەن، ياكى تولوق بولمىغان مۈجمەل بىر چۈشەنچىنى كاللىڭىزغا سولاپ قويدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن مەكتەپنى تاشلاپ، سىرتقا چىقىپ ئۆگۈنۈش قىلغاچ ئىشلىمەكچى بولدۇم. دادامغا دىسەم قەتئى قوشۇلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئانامغا چىرايلىق گەپ قىلىپ يالۋۇرۇپ ماقۇل كەلتۈرۈپ، دادامغا خوش دىمەي ئۈرۈمچىگە چىقىپ كەتتىم.
چوڭ شەھەر، قايناق مەنزىرە، سوغۇق كەيپىياتلىق ئۈرۈمچى مىنى بىر خىل سوغوق شامال ۋە سىم-سىم يامغۇر بىلەن قارشى ئالدى.
  بىر نەچچە دوستلىرىمنىڭ ياردىمىدە تىزلا بىر ئۆي مۈلۈك شىركىتدە ئىشلىدىم .بىكار بولسام كىتاپ كۆردۈم .لېكىن مەن ئۈچۈن ئېشىنچە ۋاقىت يەنىلا كۆپ ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن قۇشۇمچە بىر ئىش قىلاي دەپ يەنە باشقا بىر ئىزلىدىم ،ئۆزۈم كومپىيوتىرنى چۈشەنسەممۇ بەزى تېخنىكىلىق قۇراللارنى تازا بىلمىگەچكە ،ھەم بىر يەردە مۇقىم خىزمىتىم بولغاچقا  ئىش تاپماق ئاسانغا چۈشمىدى. سائەتلىك ئىش قىلاي دىسەم ئىشىغا چۈشلۈك ھەق بەرمەيدىكەن ، ھەم ئۇقۇغانلار قىلىدىغان ئىش ئاز ئىكەن ، شۇنىڭ بىلەن نەچچە كۈن ئۆتۆپ كەتتى، بىر كۈنى بىر تورخانىغا كىرىپ خىزمەتچى ئالدىغانلىقىنى كۆرۆپ شۇ يەردە ئىشلمەكچى بولدۇم.
بۇ يەردە مەن كىچىسى سائەت 10 دا ئىشقا چىقىپ سەھەر سائەت 6 دە ئىشتىن چۈشەتتىم. ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمدا 8:30 دا ئىشقا چىقىپ  كەچتە 5 تە ئىشتىن چۈشەتتىم ،ئارلىقتا تاماق يەپ بىرەر ئىككى سائەت ئۇخلاشقا بولاتتى، تەلىيمگە ئىككى جاينىڭ ئارىسى بەش مىنۇتلۇق يول بولوپ ياتىقىم بىلەن تۇلىمۇ يېقىن جايدا ئىدى.
خىزمەت باشلاپ كەتتىم ، ھىساپلاپ باقسام مۇشۇ پېتى ئىشلىسەم ئايلىق  كىرىمىم 5000 غا يېقىن چىقىدىكەن . لېكىن سەل چارچاپ قالدىغىنىم ئىنىق ئىدى. شىركەتتە ھەپتىدە بىر كۈن دەم ئېلىشىم، تورخاندىمۇ ھەپتە بىر كۈن دەم ئېلىشىم بار ئىدى، تورخاندا شەنبە، شىركەتتە يەكشەنبە كۈنى دەم ئالاتتىم ، شۇنداق قىلىپ ھەپتە ئاخىرى خېلى كۆپ ۋاقىتىم چىقاتتى.
ئەمدى گەپنىڭ پوسكاللسىغا كەلسەك :
مەن ئىچكىردە ئۇقۇغان ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ،ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە  ساۋاقداشلرىىم خېلى بار ئىدى. ئىچكىردىكى ھەر قايسى داڭلىق ئۇنۋېرسىتلاردىمۇ ساۋاقداشلىرىم بار ئىدى، ئىچكىردىكىلەر بىلەن  تېلفۇندا توردا دائىم دېگۈدەك كۆرۆشۈپ تۇردۇم ،ئۈرۈمچىدىمۇ ھەر يەكشەنبە كۈنى مەن «ئالىي مەكتەپ» سەيلىسى قىلاتتىم.
ئىچكرىدىكى دوستلىرىم : بىچارىلەر، ھەر كۈنى دەرس سانىنىڭ ئازلىقىنى، ئەمما دەرسلىرىنىڭ تولىمۇ قىيىن ئىكەنلىكىنى قەغىش قىلىشپ دەرت تۆكىدۇ. ئۇلارغا جەمىئەتكە چىقىپ بىرەر ئىش قىلىپ بېقىش مەسلەھەتى بەرسەم ، بىر نەچچىسى مەكتەپنىڭ تازىلىق ئىشلىرىدىن ئاز تولا كىرىم قىلغاندىن باشقا  سىرت بىلەن ئالاقە قىلمايدىكەن، مۇھىت بۇ يەردىكى چوڭ مەسىلە بولۇپ ھىساپلىندۇ ئەلۋەتتە، بىراق........، ھۆكۆمەت ، مەكتەپ، ئائىلىنىڭ ئۇلارغا بىرىدىغان، ياردەم ، تۇرمۇش پۇللىرى يىتەرلىك ھالەتتە ئىكەن، تاماقتىن قىينىلىپ، يالغۇزچىلىق تارتتىپ قالغانلىقىنى،شۇڭا پات-پات بىر نەچچە مەكتەپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ يىغىلىىشپ ئولتۇردىغانلىقىنى دېيىشىدۇ ئۇلار. ئەلۋەتتە بۇنى چۈشىنىش كىرەك . ئۇلار يالغۇز، ئانىسى ، دادىسى ، تۇققانلىرى بۇ يەردە، ئەلۋەتتە يالغۇزچىلىق تارتىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ خىراجىتى ئومدانلا يۇققىرى ئىكەن بۇنداق چاغلاردا، نېمە دېسىڭىز ، ئۇلار بىر يىغىلسا بىر نەچچە شەھەر ئاتلاپ بىر  يەرگە يىغىلىدىكەن ، ئاندىن تاماق . كىرا ياتاق بولوپ بىر ئايلىق پۇلنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تۈگەيدىكەن ، ئاندىن  قايتىپ كلىپ مەكتەپتىن چىقماي كىلەركى ئاينى ساقلايدىكەن .
سىنىپتا ئامال بار ئارقىدا ئولتۇرۇشنى ئىزدەيغان، دەرس ۋاقتىدا ئۇخلاپلا چىقىدىغان ئىشلار جىقكەن...........
  ئۇلار خەنزۇچىنى بىمالال سۆزلىيەلەيدىكەن، كومپىيوتېرنى  يامان ئەمەس بىلىدىكەن. بىراق شارائىت يوقكەن ، قايتىپ كىلىپ شىنجاڭدا تەكلماكاندىكى قۇملۇققا سېڭىپ كىتىەمدىكىن ، قانداقلىكى بىر ئۇرۇنغا بارسىڭىز ئۇلارنىڭ سايسي يوقنىڭ ئورنىدا، ئاساسلىقى خەنزۇ خىزمەتچى، يا ئۇيغۇر كارخانىلىرىمىز شۇنداق جىق ئەمەس، يا بىر تۇنۇلغان كارخانلىرىمىز كۆپ ئەمەس، ئەلۋەتتە ، بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ھەر ھالدا ئۇيغۇر كارخانىچىلىقى تەرققىقى قىلىپ  بىريەرگە باردى ، بىراق ئۇيغۈرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭغا نىسبەتەن، شۇنچىلا كۆپ ئۇقۇغۇچىلار رولى نىمە ئۈچۈن شۇنچىلا يىتەرسىز؟ ئۇلار زادى نەگە كەتتى؟ئۇقۇپ كەلگەن بىر نەچچلەننى ئۇچراتتىم،بىراق ئۇلار خىزىمىتىدىن دىگەندەك  رازى ئەمەسكەن، مەمۇرلىق ئىمتاھانى بىرىپ بولوپ چىقىپ يېىزىلاردىكى كەنىتلەرگە سېكرىتار ياردەمچى، ياردەمچى تېخنىك ياكى بولمىغاندا ھەر قايسى ئورونلاردا ئىشقا چۈشكەن بولوپ، خىزمەت شارائىتىنى ئۆزىنىڭ بىلىم سەۋىيەسىگە ماس دەپ قارىمايدىكەن. خىيالى بويىچە بولغاندا ئۈرۈمچدەك چوڭ شەھەردە بىرەر چوڭ ئىدارىدە ئىشلەشنى ياكى مۇشۇ يەردە چوڭراق بىر ئىدارىدە چوڭراق ئەمەل بىلەن ئۆتۆشنى ئارزۇ قىلدىكەن ، لېكىن مەن قارىسام ئۇلاردا تىرىشچانلىق يەنىلا كەم ئىكەن . مانا بۇ بىزنىڭ ئالي مەكتەپ ئوقۇچىلىرىمىز ئىكەندە دىدىم ئىچىمدە..............
شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ساياھىتىمۇ مېنى مول بىلىمگە ئىگە قىلدى. ھەر ھەپتىدە ھەر قايسى ئۇنۋېرستىتلاردىكى دوسىتلىرىم ساۋاقداشلرىم بىلەن كۆرۈشتۈم ، يۇققىرىسى دوكتۇرلوقتا ئۇقوۋاتقاندىن باشلاپ تۈۋەندە ئوتتۇرا تېخنىكومغا ئەمدىلا كىرگەنلەر بولدى.

شىنجاڭدىكى بۇ دوستلىرىممۇ ياخشىى باللىلار ھەممىسى ، ماڭا ئوخشاش سەھرادا چوڭ بولغان يېزا بالىلىرى، ئەمما شۇنداق ياخشى بالىلارمۇ.....
    ئۈرۈمچىدە بۇنداق جىق تۇنۇش دوستلىرىمنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن . ھەممسىى بىلەن كۆرۆشۈپ بىر گە تاماق يەپ ئەھۋاللىشىتىم، يېڭى دوسىتلارنىمۇ تۇتۇپ ئۈلگۈردۈم. ھەممىسى بىر خىل ئالدىراشتەكلە...

  خىزمىتىم بىرەر قۇز ئىزىغا چۈشكەندىن كېيىن مەن ئۇلارنىڭ مەكتەپلىرىگە بېرى ئايلىنىپ كەلدىم .تېخى ياتاقلىرىدا بىرەر كىچىدىن قۇنۇپ سىردىشىپمۇ ئۈلگۈردۈم. ئىشقىلىپ ھەر ھالدا ياخشى ئىكەن ، بۇلارنىڭ ئىچكىردىكىلەر بىلەن ئوخشىمايدىغان تەرىپى شۇكى زېرىكىش ئازراق ، تاماقتا قىينالمايدىكەن، ئەمما مۇھىت ۋە شارائىت بۇلارغا تامامەن بار بولسىمۇ يەنىلا سىرتقى مۇھىت بىلەن ئالاقە قىلىشنى تازا ياقتۇرمايدىكەن، ئاساسلىقى شۇ كومپيوتىر ۋە قىز دوستلىرى ئۇلارنىڭ خىيالىنى ئىگىلىگەن بولوپ مەكتەپتە دائىم بولۇپ تۇرىدىغان پائالىيەتلەر ئۈچۈن ئالدىراشلا يۈرىدىغاندەك كۆرۈنىپ كەتتى. نېمە ئۈچۈن خەنزۇ تىلىدا ،ئەڭ مۇھىم بولغان كومپىيوتىردا بولسىمۇ شىركەتلەرنىڭ تەلىپىگە يىتەلمەيدىغانلىقىنى زادى چۈشەنمىدىم.

شۇنداق قىلىپ ، ئۈرۈمچىدە بۇيىلنىڭ بېشىغىچە تۇرۇپ قالدىم ، كېيىن ئۆيدىكى بەزى ئىشلار تۈپەيلى خىزمىتىمنى تاشلاپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئۆيدىكى ئىشلار بىر قاتار بېسىققاندىن كېيىن  مەن يەنە بىر يەردە ئشلەي دەپ ئويلاپ ھازىر ئىشلەۋاتقان شىركەتتە كەلدىم، كېلىپ ئەتىسى مىنى ئۈرۈمچىگە تەربىيەلەشكە ئورونلاشتۇردى، ئۇ يەردىن يىگىرمە كۈندە قايتىپ كىلىپ ئىشقا چۈشتىم ، بۇ يەردىكى ئىشلار تېخىمۇ ئالدىراش بولماي قالدى، ئاساسلىقى بازار ئېچىش ۋە سېتىش خادىمى بولوپ ئىشلەۋاتىمەن، يەنە كىسلىم تۇتۇپ بىكار تۇرغۇم كەلمەي تەرجىمانلىق قىلاي دەپ بىر نەچچە شىركەتتە قاتراپ، بىر شىركەتنىڭ  ئىشتىن سىرتقى تەرجىمان گۇرپىسىغا كىرىدىم. بۇ تەرەپتىن كىرىم قىلسام ، بىر تەرەپتىن تەرجىمە قىلىۋاتقان ماتىرياللاردىكى بىلىملەرنى ئۆگۈنىۋالىدىم ،بىراق بۇ ئىش گاھى بار گاھى يوق بولوپ چىقتى، شۇڭا ئائىلە ئۇقۇتقۇچىلىقى قىلدىم،  لىكىن بۇ بەك ئاز مۇئاشلىق ئىشكەن دەپ .ھەركۈنى كەچتە خەنزۇتىلى كەسپى تىل تەربىيلەش مەكتىۋدە دەرس ئۆتۆشكە دىيشتىم ، ئەتە ئۆگۈگىچە بۇ ئىشنىمۇ باشلاپ كەتسەم............

    لېكىن قاچانغىچە ھېلى ئۇ ئىشنى ، ھېلى بۇ ئىشنى قىلىپ يۈرەرمەن دەپ ئويلايمەن دائىم، مانا ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا ئاز قالدى ، ۋاقىت چىقىرىپ ئانچە مۇنچە ماتىريال كۆرەۋاتىمەن، لېكىن ئاشۇ ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن، ئۇقۇۋاتقان دوستلرىغا قاراپ سەل ئۇقۇغۇم كەلمەي قالدى. بەزى ئۇلار قىلمىغان بولسا مەن قىلسام بولمىدىمۇ دەپ ئويلاپ كىتىمەن ، يەنە تىزلا ئۆزۆمگە قايتىپ  تۆت يىل ئۇقۇپ چىققۇچە ئۆزۆمنى رارۇس بىر تۈزۈپ بولالايمەن ، ئۇقۇپ بىر ئىشقا چىقىپ بولغىچە نىمە كۈنلەرنى كۆرەرمەن دەپ ئويلايمەن، مەن زادى قانداق قىلاي؟
ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇيمۇ ياكى؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قان. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-23 10:52 PM  


كەتكەنلەردىن كەلگەنلەر يوق ، كەتمىگەندىن كەتمىگەنلەر !

ئۈمىدسىزلىك يىرىم ئۆلۈم.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60672
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3965
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 699 سائەت
تىزىم: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2013-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 11:51:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ يۇرىتتا ئوقۇپ خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىسا «پالانچىنىڭ بالىسى ئوقۇپ خىزمەت تاپالماپتۇ» دەپ گەپ تاپىدۇ، خۇددى ئوقوغانلا ئادەم ھۆكۈمەت ئورنىدا خىزمەت قىلىشى كىرەكتەك.
ھازىر يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئوقۇۋاتقان بالىلار مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئوينايدىغاننى ئوينايدۇ، ئاتا-ئانىسىغا يالغان گەپ قىلىپ پۇل سالغۇزۇپ تاماشا قىلىدۇ، پىراكتىكىغا چىققاندا بولسا نەمۇ نە قاترايدۇ خىزمەت ئىزدەپ .    شۇ كوچىدا كىتىپ بارغان ئاقسا، غىلجىڭ، مودا كىيىنىپ كىتىپ بارغان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاتا-ئانىسى دىھقان، ياكى تۇرمۇشى ئۇنچىۋالا باياشات ئەمەس. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pak-nur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-24 11:55 AM  


بىلىم ئالماشتۇرۇش ھەم ئۈگۈنۈش مەقسىتىدە  ئۇيغۇر photoshop توپى قۇرۇلدى، قىزىقسىڭىز توپقا قىتىلىڭ!                         QQ群:200287551           ------›››  ئىنسان قىلغان ياخشى-يامان  ئىشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگۈچىدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92894
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 877
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 195 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 12:15:50 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭغا جاۋاپ بەرمەك بەك تەس جۇمۇ....
ھەي!!!!
بۇرۇن نان قېپى دەپ بىر تىيمىنى كۆرگىنىم ئىسىمدە...
ھەم مەھەللەمدە خېلى ئوقۇغان شۇ ئوقۇش جەريانىدا  60000(ئاتمىش مىڭ) كوي قەرىزگە بۇغۇلغان بىر قىز بار
ئەمما ھازىر خىزمىتى يوق ھەم دىندىن ئانچە خەۋىرىمۇ يوق(كىيىم-كىچەكلىرى بۇنىڭغا دەلىل)  يا ئۇ دۇنيالىقى يوق،   يا بۇ دۇنيالىقىنىڭ تايىنى يوق شۇنداراق بولۇپ قالدى.
ئوقۇپ بولۇپ خىزمەتكە ئۇرۇنلىشىش ئاسان ئەمەس، ئۇيغۇرغا ئىش يوق،  ئۇيغۇرلار ھەر ساھە ھەر كارخانىلاردىن بارا بارا سىقىلىپ چىقىرۋېتىلىشكە باشلىدى.

ئەسلى پەننىمۇ ئۆگىنىش پەزىر ئىدى ، ئەمما....... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   subat- تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-24 12:23 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90866
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 454
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2013-1-30
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 12:51:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بىرىش بەك قيىن ،مىنىڭچە سىز  ئىسلاھمنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئوقۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93971
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 133
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2013-3-27
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 01:00:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسىرىڭىز ياخشى يىزىلىپتۇ! نەق ھازىرقى ئەتراپىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان ئەمەلىي ئىشلاربۇ.....ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئوقۇماسلىق نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىزنىڭ بىشىنى قاتتۇرىدىغان مەسلە؟ بەزىبىر كىشىلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇسىمۇ بەرىبىز ھازىر خىزمەت تاپقىلى بولمايدۇ دىگەندەك بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشلار بار. ھازىر دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرى شۇنداق ياخشى نۇرغۇنلىغان ئىنتىھان بىرىپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش سىياسەتلىرى بار... بىراق شۇ ئالىي مەكتەپ پۈتتەرگەن ياشلىرىمىز ئۆزلىرى مەكتەپتە ياخشى ئوقىماي 4-5يىل ۋاقتىنى ئويۇن تاماشا بىلەن ئۆتكۈزۈپ قورسىقىدا بىر تىيىنلىق ئوماچ يوق قايتىپ كىلىدۇ، شۇنداقلا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى نابۇت قىلىدۇ.  شۇڭا مەنچە بولغاندا گەپ يەنىلا ئادەم ئۆزىدە . كونىلارنىڭ تىرىشقان تاغ ئاشار دەيدىغان گىپى بار  تىرىشچانلىق بولغاندىلا چوقۇم بىر نەتىجىسى بولىدۇ.

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇركۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86474
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 475
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 01:04:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇڭ،ئوقۇغانغا ئىش بار ئىش بارغا نان بار،بىر تەرەپتىن ئوقۇغاچ بىر تەرەپتىن ئىشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ،ئادەم دىگەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەنىت كادىرى بولغانلارغىلا ئەمەس ،نازارەتتە ئىشلەۋاتقانلارغىمۇ قاراش كېرەك.مىنىڭ ئىچكىرىدىكى تونۇشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى ياغلىق چىگىدۇ،چەتئەلگە ئوقۇشقا چىكەتكەنلەرمۇ بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82322
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2180
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 496 سائەت
تىزىم: 2012-6-30
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 01:39:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىڭىزنى ئوقۇدۇم،يازمىلىرىڭىزدىن سىزنىڭ خېلى ئىرادىلىك،جۈرئەتلىكىڭىز نى كۇرۇۋالغىلى بولىدىكەن جەمئىيىتىمىزدىمۇ سىزدەك ئويلايدىغانلار تېخمىمۇ كۆپەيگەن بولسا ھە! ئوقۇڭ ئۇكام ئوقۇڭ سىزدە ئۈمۈت بار ئىكەن ئوقۇپ بىرەر قالپاق ئېلىڭ ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ يۇرىشىدۇ چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلالىشىڭىزغا مەن ئىشىنىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91895
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 551
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-2-19
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 02:46:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنجى سۈرىنىڭ نامى نېمە؟

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 747
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2465
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2739 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 02:51:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ياخشىسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ئەۋزەل شارائىت يار بەرسىلا ، بۇ ئىككى يازمىنى كۆرۈپ قىسمەنلىك ئارقىلىق ئۇمۇمىيلىقنى ئىنكار قىلىنغانلىقىنى ھىس قىلدىم . ئالىي مەكتەپتە تولىسى ئابىستىراكىت ئۇقۇملار سۆزلىنىدۇ ، ئىنتىھانلار شۇ ئابىستىراكىت ئۇقۇملارنى ئاساس قىلىنىپ چىقىرىلىدۇ ، چۈنكى جۇڭگۇ مائارىپى شۇنداق .
  سىز بىز كومپىيىتىر تەربىيلەش كۇرسىدا ئوقۇسىڭىز كىرىپ بىر ھەپتىدىلا كومپىيىتىرنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئەمەلىي بىلىم ئۆگىنىسىز ، لىكىن تولۇق كۇرس ئوقۇسىڭىز بىرىنجى يىلى كومپىيتىرنىڭ كىلىپ چىقىشى ، تارىخى ... ماتىماتىكا ، توك يولى ، ئىنگىلىزچە ، ماۋزىدوڭ ، لىنىن ، ماركىس ئىدىيىلىرى ، ئىنگىلىزچە ، ھازىر ئىشلەتمەيدىغان ھەر خىل دىتاللار قاتارلىقلارنى ئۆگىنىسىز ، ئاندىن قالسا تۈگىمەس پائالىيەتلەر ، لىكسىيىلەر ...  بار . كىسىپ ئىيتىمەنكى ئالىي مەكتەپتە 4 يىل ئۆگەنگەن  ئەمەلىي بىلىمنى تەربىيلەش كۇرسلىرىدا بەل چىڭ بولسا بىر يىلدا ئۆگىنىپ بولغىلى بولىدۇ . ئۇنداق بولسا نىمە ئۈچۈن يەنە تۆت يىل ئوقۇش كىرەك ؟ چۈنكى بۇ تۆت يىل بۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسى بار ، بىز تۆت يىل ئىچدە ئۆگەنگەن ئەمەلىي بىلىمدىن باشقا نەرسىلەرنى بىر يىلدا ئۆگىنىپ بولغىنى بولمايدۇ .
  يەنە يىغىپ ئىيىتساق ئالىي مەكتەپ مائارىپى كۆرگەنلەر بىلەن كۆرمىگەنلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ، پىكىر قىلىش چوڭقۇرلۇقى ۋە يۆنىلىشى ئوتتۇرىدا پەرىق بار . ئالىي مەكتەپتىن بىزگە قالىدىغان ئەڭ چوڭ مىۋە سىسىتىمىلىق تەپەككۇر شەكلى .
  ئەگەر ئۆزىگە ئىشەنچى بولسا ئوقۇغان مىڭ ئەۋزەل ، چۈنكى ھەممە ئادەم بىلگايتىستەك ئوقۇشنى تاشلاپ مىليادنىر بولالىشى ناتايىن !
  ئەگەر ئوقۇپ قالسىڭىز بىردىنبىر نەسىھىتىم ئالىي مەكتەپتە دوسىت تاللاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەيسىز ، چۈنكى كىشى ئالىي مەكتەپتە تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئالاھىدە ئۇچرايدۇ ، شۇڭا ياخشى دوسىت تاپالمىسىڭىز باشقىلارغا ئارىلىشىپ پوق يەپ قالىدىغان گەپ .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
urhunbaturi + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

بىر مىللەت ئۇرۇشتا ئەمەس ،بەلكى سۈكۈتتە يوقىلىدۇ .

ھايات ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساب

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16558
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6780
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 03:03:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچە بولسا ئالىي مەكتەپنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇڭ،خىلى تىرىشچان بالا ئىكەنسىز،ئىشىنىمەنكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا تىرىشسىڭىزلا چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايسىز.....

بەزىلەر ئەرلەرنى دەيدۇ باغىرى تاش،
سەۋەبى ئاددىيلا  تۆكمىگەچكە ياش.
ۋە لىكىن ئەرلەرمۇ مۇھەببەتكە باي،
مېھرى بەك ئللىقتۇر گوياكى  قۇياش.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش