مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1726|ئىنكاس: 21

سارغايغان ياپراق-پوۋىست [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86461
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


سارغايغان ياپراق



(پوۋىست)



                                          «بىردەملىك خوشاللىق مەڭگۈلۈك بەخىتنىڭ گۇۋاھچسى بۇلالمىغىنىدەك ،

                                          بىردەملىك ئازاپمۇ مەڭگۈلۈك بەخىتسىزلىكنىڭ گۇۋاھچىسى بۇلالمايدۇ.»


                                                                 خاتىرەمدىن.



          كەچكى شەپەقنىڭ شەلپەردەك قىزارغان ئاجىز نۇرلىرى بىلەن تەكۆك بىلەن بوي تالاشقان

رەت -رەت بىنالار ،قۇڭغۇزدەك توختاۋسىز كىتىۋاتقان ماشىنىلار،ھەسەن-ھۈسەندەك

رەڭمۇرەك نۇر چېچىپ تۇرۋاتقان كوچا چىراغلىرى كۆزلەرنى قاماشتۇرۇپ، بۇ شەھەرنى

گۇياكى جەننەتتەك گۈزەل ئارامگاھ،،شاھ قەسىرىگە ئوخشىتىپ قويغانىدى. ئەمما

ھىچكىممۇ بۇ جەننەتنىڭ كەينىگە ئاللىقانداق چۈشىنىكسىز سىرلارنىڭ يۇشۇرنىۋالغىنىنى

تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى.تۇيۇقسىز ھاۋا گۈلدۈرلەپ بۇ گۈزەل مەنزىرىنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە

ئېلىپ قاراڭغۇ زۇلمەتكە ئاستا-ئاستا باشلاپ كىرمەكتە ئىدى.مانا،مانا تەبىئەتنىڭ سوۋغىسى

سۈپىتىدە دانە-دانە تامچىلار پارقىراپ تۇرغان سىمۇنت يەرلەرگە بىردىن-ئىككىدىن چۈشۈپ

داغ،سەپكۈن باسقان قىزنىڭ يۈزىگە ئوخشىتىپ قويغانىدى.

ئالدىراش كۈنلۈك تۇتۇپ قاياقلارغىدۇر ئالدىرىشىۋاتقان كىشىلەرئارىسىدىن مىھرىزات

گادىرماچ خىيال دېڭىزىغا چۈكۈپ بىر خىل رىتىمدا كىتىۋاتاتتى.

-كۆز بامۇيا، قارغۇمۇ سىز، نىمانداق كالىدەك ئۈسۈپلا ماڭىسىز؟-مىھرىزات تۇيۇقسىز

بوم،غاراڭ-غۇرۇڭ چىققان سادادىن چۆچۈپ بېشىنى كۈتۈرۈپ شۇنداقلا قارىشىغا ئالدىدا

بەستىلىك ،ئېگىز،قارامتۇل سېمىزراق كەلگەن يۇغان قۇساق بىر يىگىت كۆزلىرىنى ھازىرلا

چاناقلىرىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك چەكچەيتىپ تۇراتتى.

-ھە،كە  كە چۈرۈڭ ،ئەپەندىم مەن دىققەت قىلماپتىمەن،-مىھرىزات نىم قىلىشىنى

بىلەلمەي ئاغزى گەپكىمۇ كەلمەي تىلى گاچچىلىشىپ كىتىۋاتاتتى.

-قانداق قاملاشمىغان قىز بالىسىز،قاراپراق ماڭمامسىز يول دېگەننى،ھىلىغۇ

ماڭا سۇقۇلۇلدىڭىز،بىرەر ماشىنا كىلىپ قالغان بولسا ئىش باركەنتۇق-يىگىتنىڭ سۆزى

ئاخىرلاشماي قىزنىڭ يۈزى ئالمىدەك قىزىرىپ قايتا كەچۈرۈپ سورىماقچى بۇلىۋېدى،

يىگىت سەت بىرنى ئالايغىنىچە يانداپلا ئۈتۈپ كەتتى. مىھرىزات ئېغىر ئۇھسىندى.

بېشنى ئۈزلۈپ كەتكەن قاپاقتەك ساڭگىلاتقىنىچە يول ياقىسىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ

ئۈلگۈردى.قىزىل رەڭلىك يىڭى ئالغان سومكىسىدىن بىر بوتۇلكا مىنىرال سۇنى ئالدىدە

يىنىش-يىنىشلاپ ئوتلىۋالغاندىن كىيىن (ئۇھ) دەپ ئۇلۇغ كىچىك تىندى.بۇ كەڭرى

جاھانغا بېشى پاتقىدەك بىرەر تۈشۈكنىڭ چىقمىغىنىدىن كۆزلىرىدىن نەچچە تامچە

يىپى ئۆزۈلگەن مارجاندەك دۇمىلاپ چۈشتى. كۆز ئالدىدايۈرەك باغرىنى تىلغۇدەك

كەچمىشلىرى بىر-بىرلەپ كىنو لىنتىسىدەك  زاھىر بۇلۇشقا باشلايتتى.



ئاچچىق ئەسلىمە



مىھرىزات نۇرۇز ئىيىنىڭ 13-كۈنى يىراق يىزىنىڭ چەت قۇملۇق كەنتىدە يۇرۇق دۇنياغا

كۆز ئاچتى.ئاپىسى گۈلسۈمخان تۇنجى پەرزەنتى مىھرىزاتقا شۇنچىلىك ئامراق ئىدى.

دادىسىمۇ قۇلىدىن چۈشۈرۈمەي كۆتۈرۈپ ئوينىناتتى. مىھرىزات تۇغۇلغاندىن تارتىپ بۇ

ئائىلە باشقىچە خۇشاللىققا تۇلغان بۇلۇپ شۇ يىلى قوي-كالىلار قوزىلاپ،مۇزايلاپ ،

توخۇ ،ئۆردەكلەرمۇ چۆجە چىقىرىپ ،ئىتىزلاردىنمۇ ھوسۇل ئېلىپ خىلىلا ھاللىنىشقا

باشلىغانىدى.

دادىسى مەمەتقارى دىھقان بۇلسىمۇ شۇ يۇرت ئىچىدىكى بىلىملىك

،مەرىپەتپەرۋەر مۆتىۋەرلەردىن ئىدى.بوۋىسى مەرھۇم ئەختەم بوۋايمۇ مەڭگۈلۈك جۆرىسىدىن

ئايرىلغاندىن بۇيان تۇرمۇشتا شۇنچىلىك  قىينالسىمۇيالغۇز  ئوغلى مەمەتقارىغا پۈتكۈل

ئاتىلىق ھەم ئانا ئورنىدا مىھرىنى بېرىپ قۇشنا يۇرتتىكى دىننى ،پەننى مەكتەپلەرگە

بېرىپ ھەم ئۆيدىمۇ ئۆزى ئانچە مۇنچە ئاغزىغا ئىلىم سالغاچ  ،ئاتا-بوۋىسىدىن مىراس

سۈپىتىدە قالغان ھۆنەرلەرنى ئۈگىتىپ  ئىشچان سۇمباتلىق يىگىت قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىققان

ئىدى. دادىسى ئەختەم بوۋاينىڭ چىقىشقاق ،كۈيۈمچان ،ئاق كۆڭۈل مىجەزىنى سىڭگەن

مەمەتقارىمۇ ئۆزىنىڭ كىلىشكەن ،ئارتىسلاردەك قەددى قامىتى،قاملاشقان بۇرۇتلىرى،

بىر جۈپ زىناقلىرى بىلەن شۇ يۇرتتىكى ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ سەركىسى بۇلۇپ قىزلارنى ئىشقىدا

كۆيدۈرۈپ كۈل قىلاتتى  . كەتمەننى دۇلىسىغا ئارتىپ ئىتىز قىرلىرىدا بىر ناخشا ياڭراتقىلى

تۇرسا ئەتراپىغا ئۇششاق بالىلار چۇرقۇرۇشۇپ ئۇلىشىۋالاتتى .شۇ ئەسنادا قاسىم بوۋاينىڭ

كەنجى قىزى گۈلسۇمخانغا كۆزى چۈشكەن مەمەتقارى يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى ئوتتۇرىغا

سېلىپ ،گۈلسۇمخاننىڭ ئۈيىگە ئەلچىلىككە بارغۇزدى .گۈلسۇمخاننىڭمۇ بالاغەتكە يەتكەندىن

تارتىپ مەمەتقارىنىڭ بېغىغا ئوغۇرلۇققا چۈشۈپ نەچچە ئىتەك ئۆرۈكنى ئېتىزلىققا ئاپىرىپ

يەيتتى. مەشرەپ، تويلاردا  مەمەتقارى دۇتار،داپ چېلىپ ناخشا ئېيتسا، قاشلىرىغا دەمدەك

ئوسمىنى قاپقارا ئېچىتىپ ،شاھى ئەتلەس كۆينەكلىرىنى كىيىپ ،چېچىنى قىرىق قاراقچىدەك

40 تال ئۆرۈپ ،ئۈنچە دوپپىلىرىنى كىيىپ ،كىشى كۆڭلىنى لال قىلغۇدەك بەللىرىنى

تولغاپ ئويناپ مەمەتقارىنىڭ ئەتراپىدن پەرۋانىدەك ئەگىپ كىتەلمەيتتى . شۇ ئەسنادا

يۈرەككە ئوتلار تۇتىشىپ مەمەتقارى گۈلسۇمخاننىڭ ئۈيىنى مارىلاپ كىتەلمەيدىغان ،

ئېتىز ئېرىق ئىشلىرىغىمۇ ،ئانچە –مۇنچە قارىشىپ ،سۇ تۇتۇپ بېرەتتى . چارۋىلارغا

خالتا-خالتا ئوتنى يايلاقتىن ئورۇپ ئەكىلىپ  ئېشەك ھارۋىسىغا بېسىپ گۈلسۇمخاننىڭ

ئۈيىگە تۇشۇيتتى .قاسىم بو ۋايمۇ مەمەتقارىنى بارا-بارا ئۆز ئوغلىدەك كۆرۈپ  باشقىچە

ئامراق بۇلۇپ كەتتى .شۇنداق  قىلىپ ئىككى ياش مۇرات –مەخسەتلىرىگە يېتىپ كەنىت

بويىچە ئەڭ قىزىقان  توي نەغمىسىنى ياڭراتتى .  ئۇزاق ئۈتمەي مىھرىزاتمۇ بۇ ئالەمگە

ئاپىرىدە بۇلۇپ قۇش خوشاللىق ئېلىپ كەلگەنىدى .كەنتتىكىلە بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە

شۇنچىلىك ھەۋەس  قىلاتتى .مەمەتقارى دىھقانچىلىقتىن باشقا مەرھۇم دادىسىدىن

ئۆگەنگەن ياغاچچىلىق،تامچىلىق ،پۈتۈكچىلىك دىگەندەك ئىشلاردىن ئانچە- مۇنچە

خەۋىرى بولغاچقا مەھەللىنىڭ نۇرغۇن ئۆي ئىمارەتلىرى ،ياغاچچىلىق ئىشلىرى مەمەتقارىنىڭ

قۇلىدا پۈتكەنىدى . كەنتتىكىلەنىڭ ھەممىسى ھۆرمەتلەپ مەمەتقارى ئۇستام دىيىشەتتى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە،كەنىتنىڭ قۇشۇمچە بۇغالتىرلىقىنى قىلىپ خىلىلا يۈز ،ئىناۋەت تېپىپ

قالغانىدى. گۈلسۇمخانمۇ سەنئەتخۇمار، ئىشچان ئايال بولغاچقىمۇ ھەممە كىشى بەكلا

ئامراق ئىدى.كەنتتىكى مەشرەپ سامالار بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ نەغمە ناۋاسىدا قىزىيدىغان

بولغاچقا .كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ بىر جۈپلەرنى،ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك

ماسلاشقانلا دەپ ماختىشاتتى.

تۇنجى پەرزەنتى مىھرىزاتمۇ ئانىسىدەك ھۆسنى-جامالدا

يىتىشكەن بەرنا قىزلاردىن بۇلۇپ چوڭ بۇۇلۇپ قالغانىدى.

-دادا،ما يىمۇ؟-مىھرىزات يىرتىلىپ كەتكەن چىرايلىق باغاقنى قويلارغا يەم بىرىۋاتقان

  دادىسىغا كۆرسىىپ:

-باغاق ،قىزىم ،نەدىن تاپتىڭىز بۇنى ،قىز بالا دىگەن ئەسكى

تۈسكى نەرسىلەرنى تېرىپ يۈرسە ياخشى بولمايدۇ-دادا شۇنداق

دىگەن قىزنىڭ كۆڭلىكىنى قاقتى.

-دادا ،باگاك دىگەن يىمۇ، چىيلالىق گۈي باكەن،ئونايمە-مىھرىزات چۈچۈك تىللىرى بىلەن باغاققا تىكىلىپ قارغاچ كەينىگە بۇرۇلۇشقا تەمشەلدى.

-مىھرىزاتىم، قۇنچىقىم مىنى ھاببا ئىتىڭە گۈلۈم-دادا ئاتىلىق مىھرى

بىلەن مىھرىزاتنى باغرىغا بېسىپ،پىشانىلىرىگە سۈيۈپ ئەركىلەتتى.

-شاقىلىڭ چۇقۇيۇپ كەتتى-قىزئاستاغىنا دادىسىنىڭ قوينىدىن

يۇلقۇنۇپ چىقىپ يوتىسىدا ئولتۇردى.

-قىزىم ،باگاك دىگەن قىز بالا چوڭ بۇلۇپ تۇيى بولسا مۇشۇنى ھەممە كىشىگە تارقىتىپ

مىھمان چاقىرىدىغان نەسە،تۇيىڭىز بولغاندا مۇشۇنى بىزمۇ ئېلىپ تارقىتىمىز

كەنتتىكىلەرگە-دادىنىڭ جاۋابىدىن مىھرىزات مەمنۇن بولدىمۇ يىقىملىق كۈلۈمسىرەپ

دادىسىنىڭ ساقال باسقان يۈزلىرىگە يىنىككىنە بىرنى سۈيۈپ قۇيۇپ پىلتىڭلاپ

يۈگۈرگنىچە 6-7 چۈجىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كىتىۋاتقان مىكياننى  باغقا كىرىپ كەتتى.

مەمەتقارى قىزىغا قاراپ پەخىرلەنگەچ ئۈنلۈك ئاۋازدا:

مىھرىزات،مىھرىزۇت ،قىزىم تۇخۇ چۇقىلىۋالمىسۇن يەنە-ۋارقىرىدى.باغدىن مىھرىزاتنىڭ

توخۇلارغا گەپ قىلىپ چۇلدۇرلىغان ئاۋازىنى بوشقىنا ئاڭلىغان ئەمەتقارى داستىكى يەمنى

ئوغۇرغا قاتار سېلىۋەتكەندىن كېيىن ئۆيگە كىردى.

-خوتۇن قوساق داپ چېلىپ كەتتى دەيمەن،يىگىدەك نەرسەڭ بارمۇ ،-ئىشچان ،مىھرى

ئىسىق گۈلسۇمخان ئۇچاقنىڭ يىنىغا قۇيۇلغان كونا ،قارىداپ كەتكەن ئىشكاپنىڭ

ئاستىدىكى تارتمىسىنى ئاختۇرۇپ، چىپەرىقۇت دەستۇرخاننىڭ ئىچىدىن  تۈنۈگۈن  

پىياز،يۇمغاقسۈت چىكىپ ،ياغ،تۇخۇم ئىلەشتۈرۈپ يىقىلغان تۇغاچتەك نانلار ئارىسىدىن

بىرىنى تاللاپ ئالدىدە بىر بوردا ئۇشتۇپ ئىككى قىلىپ يىرىمىنى دەستۇرخانغا يۈگەپ

يىرىمىنى مەمەتقارىغا سۇندى.

-مانى يەپ قوسقىڭىزنى گولىغاچ تۇرىڭە ھىلى ئوخشۇتۇپ،

قىلدەك ئېشىپ لەڭمەن ئىتىمەن ،ناننى جىق يەۋېلىپ تۇيغۇزىۋالسىڭىز ئۈزەم ئىتىپ ،ئۈزەم يىمەي يەنە-دىدى،دە مىيىقىدا كۈلۈمسىرەپ قۇيدى.

-ۋاي خوتۇن بىز بار يەردە تامىقىڭ ئاشمايدۇ ،دەيمەن،ھەممىنى يەۋېتىمەن ،پەقەت يەپ

بۇلالماي قالسام قۇشنىمىز گايىتكام ئاغرىپ قاپتۇ شۇنىڭغا بىر چىنە ئەچىققاچ يۇقلاپ

كىرەمەن،بوۋاينىڭ ھىچنىمىسى يوق ئاش-تاماقتا قىينىلىپ قالدى-مەمەتقارى بىر تەرەپتىن

ناننى يۇغان يۇغان يالماپ ئامبۇردەك چىشلىرىدا چاينا چاينىمايلا يۇتۇپ سوپىنىڭ قىرغىقىدا

ئولتۇردى.

-ۋايجان ،سىز تۇلا كوتۇلداپ يەنە يىڭنە چۇقۇلدى مانا-گۈلسۇمخان يىڭنىنى قۇيۇپ

بارماقلىرى ئارىسىدىن چىقىۋاتقان قاننى سۈرتىۋاتتى.

-ئەكىلە خوتۇن مەن قاراپ باقاي،سۈيۈپ قۇيسام قان چىقمايدۇ-مەمەتقارى ئايىقىنى

سېلىپ سۇپىغا چىقىشقا ئۇرۇنىۋېدى.

ۋىيىي قانداق قىلاي،قېلىن-گۈلسۈمخاننىڭ ئاناردەك قىزارغان يۈزلىرى 10 نەچچە تال

ئۆرۈلگەن چاچلىرى ئارىسىدىن كۆرۈنمەي قالغانىدى.

-مەمەتقارى ئۇستام،گۈلسۇمخان!!! ئۆيدە ئادەم بارمۇ؟ ۋۇي.... قىزلىرى قوللىرى قان ،

يول بۇيىدىكى ئېرىقتا يىغلاپ ئولتۇردۇ- قوشنىسى پاتەمخاننىڭ چىقىراق ئاۋازى ھويلىدىن

ئاڭلىنىشقا باشلىدى.

ئەمەتقارى چايناۋاتقان ناننى تىزلا يۇتتىدە ئايىقىنى كىيىپ -كىيمەي ئۇقتەك يۈگۈرۈپ تالاقا ئېتىلدى. گۈلسۇمخاننىڭ چىرايىمۇ تامدەك تاتىرىپ كەينىدىن چىقتى. دەرۋەقە مىھرىزاتنىڭ قولىرىدىن

قان ئوقتەك ئىتىلىپ چىقىۋاتاتتى.كۆينەكلىرى تۇپا يەردە ئېغىناپ ياتقان يېرىدىن مەمەتقارى بالىنى

باغرىغا بېسىپ ئەركىلىتىشكە باشلىدى.

-يۈرەك پارەم يىغلىماڭ جىنىم ،قىزىم  يىغلىماڭ،سىز يىغلىسىڭىز مەن بەرداشلىق بىرەلمەيدىكەنمەن –دەپ مىھرىزاتقا تەسەللى بىرىۋاتاتتى.

-بايا چىجىنى تۇتىۋالغان ،پەيلىيىنى يۇلۇپ ئويناۋاتشام يۇگان

تۇخا كىيىپ چۇكىۋايدى قۇلۇمنى،ۋاي قۇيۇم ،ھۈھۈھۈھۈ...-مىھرىزات دادىسىنىڭ بوينىغا چىڭ ئېسىلىپ ھۆركىرەپ يىغلايتتى.

-قىنى بايام ،قايشى تۇخا،ئۆلتۈيۈپ تىيىشىنى تەتۈي شويمىشام،خەپ مىنىڭ مەلىكەمنى چۇقىلىغىدەك بوپتىما....-مەمەتقارى  قىزنى پەپىلىگەچ،قوشنىسى پاتەمخانغا رەھمەت ئىيتقاچ باشلىرىنى لىڭىشتتى. گۈلسۇمخانمۇ مىھرىزاتنىڭ ھالىغا قاراپ بالىنىڭ كىيىملىرىنى قاققاچ قۇچىقىغا ئالدى. گۈلسۇمخان بىلەن مەمەتقارى قىزى مىھرىزاتنى پەپىلەپ نىمىلەرنىدۇر پىچىرلىشىپ كىرىپ كەتتى.


  شۇنداق قىلىپ مىھرىزاتمۇ مەكتەپ يېشىغا تۇشۇپ قالدى.مەمەتقارى قىزىنى يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپكە بەردى. بۇ توغرىسىدا ئايالى گۈلسۇمخان بىلەنمۇ خىلىلا تەگىشىپ قالغانىدى.گۈلسۇمخان يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچنى يىراق كۈرۈپ قوشنا كەنىتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرۇشقا شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ يولدىشى مەمەتقارى زىنھار قۇشۇلمىدى.

-ھاياتىمدىكى بىر تاللا قىزىمنى چۇقۇم ياخشى مەكتەپتە ئۇقىتىمەن.مەيلى قانچىلىك جاپا تارتسام مەيلىكى چۇقۇم ياراملىق ئادەم قىلىپ يىزىمىزغا ئوقۇتقۇچى قىلىمەن-دەيتتى. دەرۋەقە بۇ كەنت بىلەن يىزا بازىرى ئارلىقى 10 نەچچە كىلومىتىر كىلەتتى.

بىچارە مەمەتقارى ھەر كۈنى ئەتىگەن ،كەچتە مىھرىزاتنى ئىشەك ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلەتتى. شۇ سەۋەپلىك ئۆيدىكى ئېغىر يىنىك ئىشلار گۈلسۇمغا قالغانىدى.ئېتىز ئېرىقنىڭ ھۇسۇلىنى يىغىدىغان ۋاقىت بولغاچقىمۇ دىھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە  ئېتىزلارغا سۇ تۇتىدىغان ،ئۇتاق ئۇتايدىغان،پاختا تىرىدىغان..... قاتارلىق ئىشلار خېلىلا كىچىكىپ كەتكەنىدى.

شۇنداق بولسىمۇ مەمەتقارى قىزىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى يېڭىشقا تەييار ئىدى.


       شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدەمىھرىزاتقا تۇيۇقسىز قىزىل چىقىپ نەچچە كۈن مەكتەپكىمۇ بارالمىدى .

پۈتۈن بەدىنى ئىشىشىپ كەتتى.گەپمۇ قىلماي،كۆزىنىمۇ ئاچماي ياتاتتى. ئاغزىدىن بىر قۇشۇق سۇمۇ

ئۈتمەيتتى. مەمەتقارى بىلەن گۈلسۇمخان ئۈزۈمنى سىقىپ سۈيىنى ئىچكۈزدى.يەرلىك تىۋىپلاردىن دورا سوقتۇرۇپ ئەكىلىپ ئىچكۈزۈپمۇ باقتى. ھەتتا بىر چۆجىنى ئۆلتۈرۈپ تىرىسىنى سويۋەتكەندىن كىيىن مىھرىزاتنىڭ قورسىقىغا

باستى .ئىشقىلىپ كۆزى كۆرگەن،قۇلىقى ئاڭلىغان بارچە ئامالنى قىلىپ باقتى،لىكىن ھىچ ئۈنۈمى بولغاندەك ئەمەس ئىدى.

ئەتىسى سەھەردە مەمەتقارى قوشنىسى ساۋۇتتىن 300 كوي ئۆتنە

ئېلىپ ناھىيىدىكى چوڭ دوختۇرخانىغا ئاپارماقچى بۇلۇپ تەييارلاندى.قوي- كالىلارغا ئازراق بىدە تاشلاپ بەرگەندىن كىيىن گۈلسۇمخاننى ئۆيدە قۇيۇپ ئىشەكنى ھارۋىغا قىېتىپ مىھرىزاتنى ياتقۇزدى.ئۈستىگە قارا تاۋار يوتقاننى چۈمكەپ ياپتى.دەرۋازا يىنىدا سايەتاشلاپ تۇرغان قېرى سۈگەتنىڭ تېلىدىن بىر تال سۇندۇردى.

گۈلسۇمخانغا قىيمىغان ھالدا مەنىلىك بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئېشەكنى سۆگەت تېلى بىلەن بېرنى قۇيۇپ (خىت) دىگىنىچەمۇڭ باسقان مەھھەللىنىڭ تۇپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان يۇلىدىن يىراقلىشىقا باشلىدى.

بىردە قىزىغا قاراپ يۈزلىرىنى سىيلىسا،بىردە ئاللاھتىن ئامانلىقىنى تىلەييتتى. شۇ ئەسنادا مەمەتقارىنىڭ كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش دۇمىلاپ چۈشتى. يۈرەك باغرى ئاچچىق ئەلەمدە

ئۆرتىنەتتى. خىلمۇخىل يامان خىياللارنى قىياس قىلىپ ئېغىرئۇھسىناتتى. شۇنداق قىلىپ

مەمەتقارى4-5 سائەت يول يۈرۈپ ئاخىرى ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا يىتىپ كەلدى.

ئېشەكنى دوختۇرخانا چوڭ ئىشىكىنىڭ  يان تەرىپىىدىكى قاسناقتا تەڭگىدەك ئالتۇن يۇمۇرماقلىرىنى سايە تاشلاپ تۇرغان تېرەككە باغلىدى.

كۆرپىلەرنى بىر قۇر تۈزەشتۈرگەندىن كىيىن دەرۋازىۋەن ئايالغا ھارۋىغا قاراپ قۇيۇڭ دىگەندەك ئىشارە قىلىپ مىھرىزاتنى كۆتۈرۈپ دوختۇرخانا ئىچىگە كىردى.ئادەتتە ناھىيە بويىچە بىردىنبىر چوڭ دوختۇرخانا بولغاچقىمۇ ھەر قايسى يىزا –كەنتلەردىن كىلىدىغان دېھقانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. بەخىتكە يارىشا مەمەتقارى تۇرۇشلۇق كەنىتنىڭ سىكىرتارى موللەمەتنىڭ كۈيئوغلى بۇ دوختۇرخانىدا ۋىراج دوختۇر بۇلۇپ كارىدۇردا تۇيۇقسىز ئۇچرىشىپ قېلىپ قىزغىن سالاملاشتى. شۇنداق قىلىپ بۇ ۋىراجنىڭ ياردىمىدا تىزلا ياتاققا

ئالغۇزۇپ 2 كۈن ئوكۇل ئۇرۇش،قايتا قايتا دورا ئىچكۈزۈش ئارقىلىق مىھرىزاتنىڭ قىزىتمىسى يىنىپ

بەدىنىگە چىققان قاپارتمىلار ئانچە-مۇنچە يۇقاشقا باشلىدى. ھىلىقى ۋىراج دوختۇر بىر خالتا

سۈرىيدىغان ،ئىچكۈزىدىغان دۇرىلارنى تۇتقۇزۇپ ،چىقىپ كەتسە بۇلىدىغانلىقى ئېيتتى.مەمەتقارى قەۋەتلا خوشال بۇلۇپ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ چىھرىدە كۈلگە يۈگۈردى.. مىھىرزاتنىڭ يۇمشاققىنە

قۇلىنى چىڭ تۇتقىنىچە ئېشەك ھارۋىسى تۈيىگە باردى. قىزىنى

ياتقۇزۇپ ھارۋىنى بىر قۇر تۈزەشتۈگەندىن كىيىن سەپەرگە ئاتلاندىن. بىراق ئىشېەكمۇ 2 كۈندىن بۇيان مىھرىزاتنىڭ كىسىلىگە تەڭ قايغۇرغاندەك شۇنچىلىك ماغدۇرسىز،سۇلغۇن كۈرىنەتتى.ئۇلار

پىت مىڭىشىدا تەستە ئىلگىرلەپ زۇگال چۈشەي دېگەندە ئۆيگە يىتىپ كەلدى.

غىرىبانە ھويلىدىن ئەمدىلا كىرىشىگە ئىشىككە قاراپ ،تەلمۈرۈپ يىغلاپ كۆزلىرى مۇشتەك ئىشىغان

گۈلسۈمخان ھارۋا ئىچىدەشىرىن ئۇيقۇغا كەتكەن قىزى مىھىرزاتنى قۇچىقىغا ئېلىپ پىشانىسىنى تۇتتى.

يۈرىكى ئەنسىز سۇقۇپ بوغۇزىغا كەپلىشىپ قالغان گۈلسۇمىخان بالىنىڭ يۈز-كۈزلىرىدىكى

قاپارچۇقلارنىڭ ئاندا-مۇندا قالغانلىقىنى كۈرۈپ ئاللاھقا نەچچە قېتىم ھەمدۇسانا ئۇقۇغاچ بالىنى

ئۈيگە ئەپ كىردى.قىزىق ھۇرى چىقىپ تۇرغان سۇيقاشنى پۇشۇرۇپ بالىسىغا نەچچە پۈۋدەپ ئىچۈرۈشكە باشلىدى.

مىھرىزاتنىڭ سالامەتلىكى  بارغانسىرى ئەسلىگە كېلىپ بۇ ئائىلە قايتا جانلىنىشقا باشلىدى.



مانا ئارلىقتا نەچچە يىللار ئۈتۈپ مىھرىزاتمۇ تۇللۇقسىز ئوتتۇرىغا چىقىپ قالدى.مەمەتقارى بىلەن

گۈلسۇمخان دۈشەنبە بازاردىن ئاتىيىن قىزىغا بىر ۋېلسىپىت سىتىۋالغاندى. مەمەتقارى مىھرىزات

ئۈچۈن ئاسماندىكى ئاينى ئۈزۈپ بىرىشكىمۇ رازى ئىدى.مىھرىزات ھەر كۈنى بىر تال نانى بوغچىسىغا

سېلىپ ماڭسا كەچتەقايتىپ كىلەتتى .قىزى كەپ بولغىچە گۈلسۇمخان باغدىكى

سەي،كۆكتاتلارنى ئۇتاپ ،تاقلايتتى. كۈچۈرەتتى. سۇ قۇياتتى.تۇرمۇشى بىر خىل رىتىمدا مىڭىۋەردى.


ئارىدىن نەچچە يىللا ئۈتۈپ بارغانسىرى قۇرغاقچىلىق بۇلۇپ يىزا بۇيىچە سۇ قىس بۇلۇپ كەتتى. ئۇنى

ئاز دەپ بۇ يىلقى يازنىڭ پىژقىرىپ ئىسىسىقىدا پۈتۈن ئالەم تۇنۇردەك قىزىپ كەتكەنىدى.

ھەتتاكى ئاياقنى سېلۋېتىپ يالاڭ ئاياغ يەرگە دەسسىسە شۇ ھامان كۈيۈپ قاپارچۇقلاپ قالاتتى.

  شۇ چاغلاردا كۆز تەككەندەك زىرائەتلەرگە ئۇمۇمىيۈزلۈك قىزىل ئۆمچۈك چۈشۈپ بىۋاستە

ئىقتىسادى زىيان  يۈز نەچچە مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنىدى.بۇلتۇرقى ئاشلىقلارمۇ تۈگەي دىگەنىدى.

مال باھاسىمۇ بىراقلا ئۆرلەپ كەتتى.   مەمەتقارى ئائىلىسىدىكىلەرگە مەلۇم دەرىجىدە

ئىقتىسادى بىسىم ئېلىپ كەلگەنىدى. مىھىرزاتمۇ بويىغا يىتىپ ئاپىسىنىڭ ياش ۋاقتىنى بېسىپ چۈشكىدەك تۇمۇچۇقتەك قىز بۇلۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھىيىدىكى ياتاقلىق مەكتەپتەئۇقۇيتتى. ئايلىق

خىراجىتىمۇ خىلىلا جىق ئىدى.مەمەتقارى يالغۇز قىزىنىڭ بوينىنى قىسماسلىق ئۈچۈن ھۈنەرۋەنلىق

قىلىپ ئائىلىنى قامداي دىدىيۇ ، يىزا بويىچە ھەممە دېھقانلارنىھالى خاراپ بولغاچقا ئۇ پىلانمۇ ئاقمايتتى.

ئويلا –ئويلا ئاخىرىشەھەرگە كىرىپ ئىشلەشنى قارار تىپىپ تەييارلىق قىلدى.

بۈگۈن دەم ئىلىش كۈنى بولغاچقىمۇ مىھرىزات ئۆيگە قايتىپ كەلگەنىدى.

-دادا، مۇئەللىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تەكرارى ئۈچۈن ماتىريالئالىسىلەر، 150 كويدىن ئالغاچ كىلىڭلا دۈشەنبە كۈنى يىغىۋالىمەن دەيدۇ ،قانداق قىلىمەن.باشقا ساۋاقداشلىرىم ئالدىدا سارغىيىپ

قالارمەنمۇ؟-مىھىرزات مەيۈسلەنگەن ھالدا دادىسىغا ياللىدە قاراپكۆزلىرىنى ئويناتتى.

قىزىنىڭ گۈزەل رۇخسارىدىكى مىسكىنلىكنىكۆرگەن مەمەتقارى:

-خاتىرجەم بول قىزىم ،كىچىكىڭدىن مەن سېنى ئەڭ ياخشى شەھەردىكى ياخشى مەكتەپلەردە

ئۇقىتالمىساممۇ ھەر ھالدا كەنتىمىزدىكى سەن بىلەن دىمەتلىك بالىلارغا قارىغاندا ھەر ھالدا خىلى

ياخشى مەكتەپكە بېرىپ  بوينىۇڭنى قېسىپ قويمىدىم.ھالا بۈگۈنكى كۈنلۈكتە 150 كوي پۇلنى دەپ

سىنى ساۋاقداشلىرىڭ ئالدىدا سارغايتىپ قۇيارمەنمۇ، داداڭلا بۇلدىكەن ئالىي مەكتەپكىچە  ئۇقۇتىمەن قىزىم .سەن مىنىڭ پەخرىم،جىنىم يۈرەك پارەم-مەمەتقارى شۇنداق دىگەچ قىزنى ئاتىلىق مىھرى بىلەن

باغرىغا مەھكەم بېسىپ يىغلىۋالدى.

مىھرىزات قانداقتۇر بىر خىل تەشۋىش ئىچىدە ئالدىدا يىغلامسىراپ تۇرغان گۈلسۇمخان ۋە دادىسىغا گۇمان بىلەن قارايتتى.نىمىشقىدۇر بۇخىل سۇس كەيپىياتتا سەۋەبىنى سورىغۇسى كەلمەيتتى .

مەمەتقارى سوقما تامنىڭ تۆشىكىگە تىقىپ قويغان كونا پايتىمىغا

يۈگەلگەن بىر تۈگۈنچەكنى ئالدى-دە 150 يۈەننى قىزنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزدى. ئەتىسى ئەتىگەندە ئايالى

بىلەن خوشلىشىپ مىھىرزاتنىڭ ياتىقىغا كىرىپ تاتلىققىنە ئۇخلاۋاتقان مىھىرزاتنىڭ پىشانىسىگە

يىنىككىنە بىرنى سۈيۈپ قۇيدى. قىزنىڭ چىرايىغا تويماي قارايتتى.

گۈلسۇمخاننىڭ چاقىرىشى بىلەن سىرتقا كۆزى قىيمىغان ھالدا ئارغامچا بىلەن بىرى سۆرىگەندەك

تەستە ئېغىر قەدەملىرىنى يۈتكىدى.شۇنداق قىلىپ مىھىرزاتنىڭ كونا ۋېلسىپىتىنى پاختا تۈكىدىغان

ئۆيدىن ئېلىپ چىقىپ بىر قۇر سۈرتكەندىن كىيىن ،ئايالىغا ئەڭ ئاخىرقى 50 يۈەندىن 20 يۈەننى

تۇتقۇزۇپ 30 يۈەننى يانچۇقىغا مەھكەم سالدى. گۈلسۈمخاننىڭ تۇقاچلىرىدىن -6-7 تالنى بوغچىسىا

تۈگدى.  كىم ،بىلسۇن بۇ قىتىملىق ئايرىلىشنىڭ مەڭگۈلۈك ئايرىلىش بۇلۇپ قالىدىغىنىنى؟


ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتمەي كەنىتتەتىجارەت ئىشى بىلەن ياقا-يۇرتقا چىقىپ كەتكەن ئەمەرجاندىن گۈلسۇمخان شۇمخەۋەرنى تاپشۇرۋېلىپ ئۆز قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەي قالدى. ھاپىلا شاپىلا ،تەييارلىق قىلىپ ،ئەمەرجاننىڭ موتوسىدا شەھەرلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كىرىپ قاققان قۇزۇقتەك داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. مەمەتقارى باش-كۈزى داكا بىلەن تېڭىلغان،

بىر پۇتى كارۋاتنىڭ ئۈستۈن تەرىپىگە ئېسىلغان،قان-زەدەپ

قۇيۇلۇپ ئاپپاق يۇتقاننى خىلىلا داغ قىلىپ بولغانىدى. كۆز

چاناقلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان ئاچچىق يىغا بىلەن ئېرىگە چىڭ ئېسىلىپ ھۆڭرەپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ پۈتۈن قەۋەتنى بېشىغا كىيىشكە باشلىدى. دوختۇر-سىستىرالار دىن بىر قانچىسى كىرىپ زورلاپ سىرتقا ئىتتۈرۈپ ئەچىقىپ كەتتى. نەق مەيداندىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ ئۈزىنى تۇتالمىغان ئۆمەرجان خۇددى بىر مەيدان ئېچىنىشلىك ،تىراگىدىيىلىك كىنو كۆرگەندەك نىمە قىلارىنى بىلەلمەي

گۈلسۇمخاننىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ چىقتى.

-گۈلسۈمخان ھەدە،سەۋىر قىلىڭ،مەمەتقارىكام ياخشى ئادەم،

ساقىيىپ كىتىدۇ-شۇگەپنى ئاران ئېغىزىدىن چىقىرالىدى. قانداقمۇ سەۋىر قىلغىلى بولسۇن دەيسىز؟  گۈلسۇمخاننىڭ پاخپايغان

چاچلىرى چۇۋۇلغان ، ئۆز-ئۈزىنى كاچاتلاپ  يىغلايتتى،قاقشايتتى.

-مەمەتقارىكام،شەھەرگە كىلىپ ،بىر قۇرلۇش ئورنىدىن ئىش تېپىپتىكەن، ئىشقا چۈشۈپ ئۇزاق بولماي تام چوقىسىدا ياغاچ ئەچىقىۋاتقان چىغىدا ئىھتىياتسىزلىقتىن سىيرىلىپ كېتىپ يەرگە يىقىلىپ چۈشۈپتۇ.ئىشنى ھۆددىگە ئالغان ئادەم قۇقۇپ كىتىپ قېچىپ كىتىپتۇ.

ئىش ئىگىسى مىڭ تەسلىكتە 3 چاقلىق موتۇسىكىلىت تېپىپ دوختۇرخانىغا ئەكەپتۇ. ھىلىمۇ مەن بىر

ئاغىينەمنى يوقلىغىلى كېلىپ مەمەتقارىكامنى تۇنۇپ قاپتىمەن .بولمىسا قانداقمۇ قىلاتتىۇق.-ئەمەرجان

ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى چۈشەندۈرگەچ،گۈلسۇمخانغا تەسەللىي بىرىپ پەپىلەيتتى.

-مىھرىزات بىلمىسۇن، بولمىسا ئۇقۇشىغا تەسىر يېتىپ قالىدۇ،قالغىنى سىلى مەن ،كەنتتىكىلە

بولغاندىن كىيىن ھەل قىپ كىتەرمىز-ئۆمەرجاننىڭ سۆزلىرى گۈلسۇمخانغا ئانچە مۇنچە تەسەللىي بولدىمۇ.يىغىسى سەل پەسكويغا چۈشتى.

-مەمەتقارى مىھرىزاتقا بەكلا ئامراقتى. ئەمدى بالىنى قانداقمۇ ئۇقىتارمەن ،بىر ئۆينى قانداقمۇ

چۆرگىلىتەرمەن-گۈلسۇمخانئىچىدە ئۈنسىز يىغلاپ ھىقىلدايتتى...


-5- كارۋاتنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى كەلدىمۇ؟ بىمارنىڭ يۈرەك سۇقىشى تىزلىشىپ كەتتى-سىستىرا قىزنىڭ ئاۋازى بىلەن تەڭ دوختۇرلار يۈگۈرۈپ كىرىپ ،مەمەتقارىنىڭ يۈرىكىنى كۈچەپ باستى.

كۈزلىرىنى قارىپ قارچۇقلىرىغا قارايتتى،ئاپپاراتمۇ يۇقىرى-تۈۋەن

ھالەتتە ئەنسىز ئاۋازدا ۋارقىرايتتى. يىرىم سائەتلەر جىددى

ئېلىشىش ئارقىلىق قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي مەمەتقارى بۇ ئالەمدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ ،جان ئۈزگەنىدى.

مەمەتقارىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىى،ھۈھۈھۈھۈ، ئاھ بۇ ماڭا نىمە كەلگۈلۈك،دوختۇر مەمەت قارىنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭلا، ھۈھۈھۈۈۈۈۈۈۈۈۈۈۈۈۈۈۈۈۈۈۈ ،ئۇ ھايات ،ئۈلمەيدۇۇۇۇۇۇۇ،دوختۇرررررر- گۈلسۇمىان  مەمتقارىنىڭ بېشىنى قۇچىقىغا ئېلىپ سىلىكىپ تۇرۇپ ئىسمىنى چاقىراتتى.

-مەمەتقارى، مىنى يالغۇز قىزىمىزنى مۇشۇنداقلا تاشلاپ قۇيۇپ قاچامسىز؟ بىز ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ھۈھۈھۈھۈ ....مىھرىزاتنى دوسلىرى يىتىمەك دېسە قانداق قىلارمەنننننننن،كىممۇ قىزىم دەپ ئەركىلىتەر...ھۈھۈھۈ -سىستىرالار گۈلسۇمخاننىڭ بىلىكىدىن يالاپ دىگۈدەك تارتىپ ئەچىكەتتى. دوختۇرلار مەمەتقارىنىڭ جەستىنى  ئاق رەختە يىپىپ قۇيۇپ مىيىتنى ئەچىكەتتى. ئەتراپتىكىلەرمۇ ئىختىيارسىز

كۆز-يىشى قىلىشتى.


نەزىر –چىراغ ئىشلىرىمۇ بىرىلىپ بولدى. گۈلسۇمخان غىرىبانە

كۈلبىگە قاراپ مەمەتقارىنىڭ سىماسىنى ئىزدەيتتى. ئىشتان-كۆينەكلىرىدىن ھىدلىرىنى پۇرايتتى. مىھىرزاتمۇ خامۇش غەمكىن يۈردى.دادىسىنىڭ سۈرىتىنى سومكىسىدىن ئايرىماي تويماي قارايتتى.

خوددى ھازىرلا ئىشىكنى ئېچىپ پەيدا بۇلۇپ قالىدىغاندەك ھويلىغا تىكىلىپ قارايتتى.

كۈنلەر ئۈتۈپ ،ئايلار ئۈتۈپ مىھىرزات غۇرگەلچىلىكتە دىگۈدەك تۇلۇق ئوتتۇرىنى غەلبىلىك تۈگىتىپ  ئۈيگە قايتىپ كەلدى.

گۈلسۇمخانغا ئەمدىلىكتە پۈتكۈل ئېتىزنىڭ ئىشلىرىدىن تارتىپ

ئۈينىڭ ،مال ۋارانلارنىڭ ئىشلىرىگە ئارتىلدى،ماغدۇرىدىن قالغاندەك يۈزىدىكى قورۇقلار بارغانسىرى

ئاينىشقا باشلىدى. چاچلىرىغىمۇخىلى ئوبدانلا ئاق سانچىلغانىدى. كەنتتىكى ياشقا چوڭ ئاياللار

گۈلسۇمخانغا بىر قانچە لايىقنى تۇنۇشتۇرغان بولسىمۇ گۈلسۇمخان رەت قىلدى. چۈنكى ئاخىرقى ئۈمرىنى مىھرىزاتقا ئاتاپ قويغانىدى. مەمەتقارىغا بولغان ئەقىدىسى قىلچىمۇ سۇسلاشمىغانىدى.

بىر كۈنى مىھرىزات جاڭگاللىقتىن قوي بېقىپ قايتىپ كېلىپ

ئاپىسىنىڭ دادىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىنكى تۇنجى كۈلكىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.

-ئاپا نىم بولدۇڭ،بىرەر كىم ھىيتلىق پۇل بەرمىگەندۇ ساڭا..-

مىھرىزات ئاپىسىغا تىكىلىپ تۇرۇپ-بىرەر خوش خەۋەر بولسا

ئىيت جۇمۇ بىرلىكتە خوشال بۇلايلى. مىھىرزات ئاپىسىنىڭ قىشىغا كېلىپ ئولتۇردى. گۈلسۇمخان:

-مىھىرزات ،كۆزۈكنى چىڭ يۇمۇپ ،ئىككى قۇلۇڭنى ئاچە،-گۈلسۇمخان ئارقىسىدىن چىرايلىق لىپاپىغا

ئورالغان بىر قەغەزنى مىھرىزاتنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزدى.

-مۇبارەك بولسۇن قىزىم،شىنجاڭ  ئونۋېرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىدىن چاقىرىق كەپتۇ،يارايسىز قىزىم،يۇرتىمىزدا تۇنجى بۇلۇپ ئالىي مەكتەپكە ئۈتىدىغان بولدىڭىز-گۈلسۇمخان تىل بىلەن

تەسۋىېرلىگۈسىز ھاياجان ئىلكىدە قىزنىڭ پىشانىسىگەيېنىش ينىشلاپ سۈيۈپ كەتتى.

-ۋاھھھھھھ مەن ئالىي مەكتەپكە ئۈتۈپتىمەننننننننننننن.ۋاھھھھھ....دادا،داداااااااااااااااااا مەن ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇيدىغان بولدۇم-مىھىرزاتنىڭ خوشاللىقى پەكەككە يەتتى.

شۇنداق قىلىپ گۈلسۈمخان ئوقۇش پۇلىنى غەملەش ئۈچۈن ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن بىر –بىرلەپ قەرىز

سوراشقا باشلىدى.كەنىت رەھپەرلىرىمۇ قاراپ تۇرمىدى.شۇنداق قىلىپ ئانا-بالا ئىككەيلەن يول تەييارلىغا تۇتۇش قىلدى.مىھرزات ئاپىسىبىلەن دادىسىنىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ ئۇزۇندىن –ئۇزۇن دۇئا قىلغاندىن كىيىن قۇلىدىكى نەچچە ئوچۇپ قۇناقنى تەپسىلىي چاچتى.قەۋرە يىنىدىكى تاشنى باش تەرىپىگە ئېلىپ تىكلىدى. گۈلسۈمخان ئېلىۋالغان ئاكراتسىيە دەرىخنىڭ نوتىسىنى ئاياغ تەرىپىدىكى لىيگەندەك يەرنى چوت بىلەن كولاپ

تىكتى.تۈۋىگە مىھرزات ئۆز قۇلى بىلەن يېنىش-يېنىشلاپ قاندۇرۇپ سۇ قۇيدى. چۆرىسىنى پاخال چۇگالار

بىلەن دالدا قىلدى.

شۇنداق قىلىپ كۈتكەن مىنۇتلارمۇ يېتىپ كىلىپ مىھىرزات كەنتتىكى 100 نەچچە ئۆيلۈك كىشىلەرنىڭ

ئۇزىتىش بىلەن يىراق سەپەرگە كەنىت باشلىقىنىڭ ئوغلى مىرزات بىلەن  ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇسقا

ئولتۇرۇپ يۈرۈپ كەتتى.........

داۋامى يىزىلىۋاتىدۇ....

                     مەنبەسى: ئۆزۈم



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94851
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 64
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2013-4-15
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن داۋامىنى تېزراق يوللىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلمە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3250
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىززىپ ئوقۇۋاتقانتىم ، داۋامى قاچان چىقا ؟

ھەر بىر كۈن يېڭى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68760
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4017
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 705 سائەت
تىزىم: 2011-12-6
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخىشى باشلىنىپتۇ.داۋامىنى يېزىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ھە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 300
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولۇق يىزىلىپ بولغاندا يوللىسىڭىز نەقەدەر ياخشى بولار ئىدى ،ئارىسىغا ئىلان قىستۇرماي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93971
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2013-3-27
ئاخىرقى: 2013-4-27
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭمۇ داۋامىنى تەققەززارلىق بىلەن كۈتىدىغان بولدۇق......

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇركۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86182
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 561
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامال بار مۇشۇ ھىكايىنىڭ  ئاخىرنى بولسىمۇ  پاجىئە بىلەن ئاخىرلاشتۇرمىڭە  ئۆتۈنۈپ قالاي ...



ئەدىبياتىمىزدىكى مۇشۇ پاجىئەچىلىك  قاچانمۇ بىر ئاخىرلىشار دەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91024
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 79
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2013-2-2
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ھى ھى  ھىچ  ئىلان باردەك  ئەمەسقۇ...       ھاڭۋاققان  چىراي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91024
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 79
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2013-2-2
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ھى ھى  ھىچ  ئىلان باردەك  ئەمەسقۇ...       ھاڭۋاققان  چىراي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 300
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
samatjan0998 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-23 06:16 PM
ھى ھى ھى  ھىچ  ئىلان باردەك  ئەمەسقۇ...       ھاڭۋاققان  چىر ...

كىنونى ئاپتۇر قويىدۇ ،ئۇ دەم ئالغان چاغدا ئىلاننى بىز قىستۇرمىز مۇشۇنداق ،پەيزى يەگە  كەگەنتى ،ھەيييي...ئىڭەك يۆلەپ ئولتۇرۇپ مۇگۇدەيدىغان بولدۇم ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش