كۆپ نىكاھلىق بولۇشنىڭ ھۆكمى
ھەقىقەتەن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تەئالا بەندىلىرىگە قادىر بولالىسا ئۆز ئاياللىرى ئوتتتۇرىسىدا زۇلۇم قىلىپ قويۇشتىن ياكى ئادىل بولالماي قېلىشىدىن قورقمىسا، ئۇلارنىڭ كۆپ نىكاھلىق بولىشىغا رۇخسەت قىلدى. بۇ توغرىسىدا سۈرە نىسا ئۈچىنچى ئايەتتە : « ئەگەر يىتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن، (يەنى تەربىيەڭلاردا بىرەر يىتىم قىز بۇلۇپ، ئۇنىڭغا شۇ قىزغا باراۋەر تۇرىدىغان قىزغا بىرىلىدىغان مەھرىنى بېرەلمەسلىكىڭلاردىن قورقساڭلار) ، ئۇنى تەرىك ئىتىپ، ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئېلىشىڭلارغا بولىدۇ. ئەگەر ( ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ. بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يېقىندۇر.» دىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ كۆپ ئاياللق بولغان. ئۇ ۋاپات بولغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ نىكاھىدا توققۇز ئايالى بار ئىدى. بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خاس قىلىنغان، لىكىن ھەر قانداق بىر ئۈممەتنىڭ تۆتتىن ئارتۇق نىكاھلىنىشىغا بولمايدۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛ ئىسلام كەلتۈرۈپ كىرگەن ساھابىلەرنىڭ ئىچىدىكى تۆتتىن ئارتۇق ئايالى بولغانلىرىغا تۆت ئايالىنى ئىختىيار قىلىپ قالغانلىرىدىن ئايرىلىشقا بۇيرىغان.
ھەر بىر مۇسۇلمانغا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنىشى، ئاللاھنىڭ شەرىئەت قىلىپ بەرگىنى بۇيىچە تۆتتىن ئارتۇق نىكاھلانماسلىقى ۋاجىپتۇر. ئەگەر تۆت ئايال بىلەن نىكاھلىنىشقا قادىر بولالىسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدائادىل مۇئاملىدە بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەققىنى تولۇقى بىلەن بىرەلىسە ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ يوقتۇر، بەلكى قادىر بولالىغان كىشىگە بۇنداق قىلىش ياخشىراقتۇر. چۈنكى بۇنداق بولغاندا ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىنى ھارامدىن پاك تۇتىشى، كۆزىنى نامەھرەمدىن ساقلىشى، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ كۆپىيىشىدەك نۇرغۇن ياخشى تەرەپلىرى بار، ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى كۆپەيسە ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدۇ، ۋە ئۆز ئاتا ئانىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇ كىشى ئۈچۈن چوڭ بىر ياخشىلىق ھاسىل بولغان بۇلىدۇ.ئەگەر بۇنىڭدا شۇنداق كۆپ مەنپەئەت بولمىغان بولسا ئىدى، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى، ۋە ھەممىدىن ئەبزىلى، ياخشىلىققا ھەممىدىن ھېرىسمەن بولغان پەيغەمىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەرگىزمۇ قىلمىغان بولاتتى. ئاللاھ تەئالاپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆپ ئاياللار بىلەن نىكاھلىنىشىدا ئەر-ئاياللارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىسلام دىنىنى يەتكۈزۈش، دەئۋەت قىلىش، ۋە ئىسلام دىنىنى كەڭ تارقىتىش قاتارلىق نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ھاسىل قىلىپ بەرگەن.
بىر مۇئمىن شەرىئەتنى ياخشىلاشنى، ئەۋلادىنى كۆپەيتىشنى، پاكلىقنى ۋە كۆزىنى نامەھرەمدىن ساقلاشنى نىيەت قىلسا، ئىككى ياكى ئۈچ ياكى تۆت ئايال بىلەن نىكاھلىنىشقا مۇھتاج بۇلىدۇ. ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا بىر ياكى ئىككى ياكى ئۈچ ئايال كۇپايە قىلمايدۇ، بۇ تەلەپ قىلىنغان شەرئى ئىشتۇر. ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ئەر ياكى مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئۇنىڭغا ئىتىراز بىلدۈرىشى، ئۇنىڭغا قارشى تۇرىشى، تىلىۋىزىيە ياكى رادىئو ئىدارىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا زىت كىلىدىغان سۆزلەرنى تارقىتىشى جائىز ئەمەس. بەلكى ھەر قانداق بىر ئىلان قىلىش ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىشى ۋاجىپتۇر، بۇ شەرئىي ئىشنى ئىنكار قىلىشى لايىق ئەمەس. ھەر قانداق ئىلان قىلىش ۋاستىلىرى، ئوقۇش ۋە ئاڭلىتىش ۋاستىلىرىدا ۋە ئاممىۋى پىكىر كۆز قارشىنى تارقىتىش ۋاستىلىرىدا ئىشلەيدىغان كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا زىت كىلىدىغان ماقالىلەرنى تارقىتىشى جائىز ئەمەس. بەلكى ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى ئېلان قىلىش ۋاستىلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بۇنداق ئىشلارنىڭ سادىر بۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ئاللاھتىن قورقۇپ ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلاردىن يىراقلاش تۇرىشى ۋاجىپتۇر.
بىر مۇسۇلمان ئىككى ياكى ئۈچ ۋە ياكى تۆت ئايالنى ئېلىشقا قادىر بولۇپ تۇرۇپ، ھۆر ئاياللارنىڭ ئۆيىدە تۇل ئولتۇرۇپ قېلىشىغا رازى بولامدۇ؟ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقىدىغان، رەھمىتىدىن ئۈمۈتۋار بۇلىدىغان بىر مۇسۇلماننىڭ بۇنداق قىلىشى جائىز بولمىغان يەردە، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقىدىغان، رەھمىتىدىن ئۈمۈتۋار بۇلىدىغان بىر مۇسلىمە ئايالنىڭ بىر ياكى ئىككى ياكى ئۈچ ئايالى بار بىر ئەر بىلەن بىللە بولىشى، ئۇنىڭ ئەرسىز تۇل ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكىنىدىن ياخشىراق ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرۇپ، بۇ ئىشلارنى ئىنكار قىلسا بولامدۇ؟ بەلكى ئاللاھ تەئالا بۇ ئەرنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇنىڭغا ھالالنى رىزىق بىرىشى، ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان سالىھ پەرزەنتلەرنى ئاتا قىلىشى مۇمكىن، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇ ئۆزىنى پاك تۇتىشى، كۆزىنى نامەھرەمدىن ساقلىشى، ياخىشى سۆزلەرنى ئاڭلىشى ۋە مال دۇنياسى خاتىرجەم بۇلىشى مۇمكىن.
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە ئىسلام دۆلەتلىرى خۇسۇسەن بىزنىڭ ھۆكىمىتىمىزنىڭ بۇ ئىشنى ئاشكارا قىلىشى ۋە كۈچلەندۈرىشى، بۇنىڭغا قارشىلىق قىلغان ھەر قانداق ئوقۇش، ئاڭلىتىش ياكى كۆرۈش ۋاستىلىرىنى توسىشى بەلكى ئۇنى ئىنكار قىلىشى ۋاجىپتۇر.
مەن ۋە شۇنداقلا ئاللاھتىن قورقىدىغان ھەر بىر مۇسۇلمان، رادىئودا ياكى تىلىۋىزوردا ۋە ياكى گىزىتلەردە (كۆپ ئاياللىق بولۇپ ئۇلارغا ئادىل بولالماسلىقتىن قورققان ياكى قادىر بولالمىغانلاردىن باشقا) ئاللاھنىڭ ئوچۇق كەلتۈرگەن شەرىئىتىگە زىت كىلىدىغان ئايالىنى بىرگە قىسقارتىشنى تەۋسىيە قىلىدىغان سۆزلەرنى ئوقۇپ، ئاڭلاپ، شۇنداق تېلىۋىزىيەلەرنى كۆرۇشنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ، بەلكى قاتتىق يامان كۆرىدۇ. چۈنكى كۆپ ئاياللىق بولۇشقا ئاللاھ ئۇچۇق رۇخسەت قىلغان،
لېكىن ئىككى ياكى ئۈچ ۋە ياكى تۆتنى ئېلىشقا قادىر بولالىغانلارغا گۇناھ يوقتۇر بەلكى ئۇلار بۇنداق قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ دىنىنى ئاشكارا قىلىشنى، ئۈممەتنى كۆپەيتىشنى، كۆزىنى نامەھرەمدىن ساقلاشنى ۋە نىكاھقا مۇھتاج بولىۋاتقان مۇسلىمە ھەمشىرىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى نىيەت قىلغان بولسا ئۇلار ئەجىر بىرىلگۈچى ۋە شۈكۈر قىلىنغۇچى بولىدۇ.
ھەر بىر مۇسۇلمان ئەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئاللاھنىڭ شەرىئەت قىلىپ بەرگەن ھۆكمىگە رازى بولىشى، بۇ ھۈكۈمگە ئىتىراز بىلدۈرۈشتىن ساقلىنىشى، شۇ سەۋەپلىك ئاللاھ تەئالانىڭ ئۇلارنى ئازاپلاپ قۇيىشىدىن قورقىشى ۋاجىپتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىم سۈرە مۇھەممەد 9ـ ئايەتتە: «بۇ (يەنى ئۇلارغا كەلگەن ئازاپ) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى ، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاپنى، (يەنى قۇرئاننى) يامان كۆرۈش بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى بەرپات قىلدى.» دىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ شەرىئەتنى يامان كۆرگەن كىشىنىڭ ئەمەللىرىنىڭ بەرپات بۇلىشىنى ياكى ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا دىنىدىن چىقىپ كىتىشىدىن قورقىمەن!! ئاللاھدىن خاتىرجەملىكنى تىلەيمەن! ئاللاھ تەئالا يەنە قۇرئان كەرىمدە: « بۇ (ئازاپ) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى ئۇلارئاللاھنى دەرغەزەپ قىلىدىغان ئىشلارغا ئەگەشتى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى (يەنى ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى ) ياقتۇرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلدى» دىدى، سۈرە مۇھەممەد 28ـ ئايەت. بۇيەردىكى مەقسەت بولسا، ھەر بىر مۇئمىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقىدىغان، رەھمىتىدىن ئۈمۈتۋار بۇلىدىغان بولسا، ئاللاھ تەئالا شەرىئەت قىلىپ بەرگەن ئىشلارغا رازى بولىشى، ئاللاھ غەزەپ قىلغان ئىشلارغا غەزەپ قىلىشى، ئاللاھ يامان كۆرگەن ئىشلارنى يامان كۆرىشى، ئاللاھ ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى ياخشى كۆرىشى ۋاجىپتۇر، ئاللاھدىن ھەممەيلەنگە خاتىرجەملىك ۋە ھىدايەتنى تىلەيمىز!
كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۆيىدە تۇل ئولتۇرۇپ قالغان ئاياللارنىڭ كۆپلىكىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، شەيىخ ھەزرەتلىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقامدۇق؟
ھەقىقەتەن بۇ ئىشلار شۇنداق بۇلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاياللارنىڭ ھەممىسىگە كەلگەن ئەلچىلەرنىڭ گڧەرچە ئايالى بار بولسىمۇ ئۇلارنى قايتۇرماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئۇلارنى ئىپپىتىنى ساقلاش، كۆزلىرىىنى نامەھرەمدىن ساقلاش ۋە ئۆزلىرىنىڭ ماللىرىن ىساقلاش ئۈچۈن ، ئايالى بولمىغان بولسۇن ياكى ئىككى ئۈچىنچىسى ۋە ياكى تۆتىنچىسى بولسىمۇ نىكاھلىنىشقا ئالدىراشنى تەۋسىيە قىلىمىز. مەن مۇشۇلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئاللاھدىن ھەممىمىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان ئەمەللەرگە باشلىشىنى سورايمەن!!!
توي قىلىشقا قادىر بولالىغان ئەرلەرگە ئاياللارنى ئەپۇ قىلىپ، ئاللاھ تەئالا ھالال قىلغان رەۋىشتە نەسلىنى كۆپەيتىشكە تەۋسىيە قىلىمەن.
ئاللاھ پاناھ بەرسۇن، كۆپىنچە كىشىلەر ئىككىنچى نىكاھلىنىشقا قوشۇلمايدۇ، لىكىن ئاللاھ ھارام قىلغان رەۋىشتە ئاشنا ئويناپ يۈرىدۇ!!
ئەرنىڭ ئايالى مۇسلىمە بىر ئايالنىڭ شەرئى يول بىلەن ئىرىگە مۇھىملىقىنى، ئىرىنىڭ بەزى ۋاقىتلاردا ھارام ئىشلارغا ھەتتاكى زىناغا بېرىپ قالىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ ئۇنىڭغا بىرىنى نىكاھلاپ قۇيۇشنى مۇھىم بىلمەيدۇ، ئىرى نىكاھلاپ ئالغان تەقدىردىمۇ ئاچچىقلاپ غەزەپ قىلىپ ئىنكار قىلىدۇ!! بۇنىڭغا "لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللا" دېمەي بولمايدۇ. ھارام ئىشنىڭ يۈز بىرىشىگە رازى بۇلىدۇيۇ، ھالال ئىشقا رازى بولمايدۇ!! بۇ چوڭ مۇسىبەت دىننىڭ ئاجىزلىقى ئىماننىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئىسلامى كۆز قاراشنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بولغاندۇر، ئاللاھدىن ھىدايەت ۋەخاتىرجەملىكنى تىلەيمىز!
ھەزرەتلىرىدىن نىكاھلانماقچى بولغان قىز ئاياللارغا بىرنەسىھەت قىلىپ بىرىشلىرىنى سورايمەن، بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئائىلىسى يوق يالغۇز ئاياللارغا ئاز بولسىمۇ نەفەقە بىرىپ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش نىيىتى بىلەن توي قىلىدۇ ئەمما ئۇ كىشىنىڭ يەنە بىر ئايالى ئۆيدىن چىقىپ كېتىش، ئەرگە قارشى تۇرۇش، بالىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلماسلىق قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ، مۇشۇنىڭغا بىر تەنبىھ بەرسىلە بوپتىكەن؟
ئۇ ئايالنىڭ بۇ قىلمىشى مۇنكەر ئىشدۇر، ئۇ ئايالنىڭ بۇنداق قىلىشى لايىق ئەمەس، قايسىبىر ئايالنىڭ ئىرىگە بۇنى ئىنكار قىلىشى ياكى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىشى لايىق ئەمەس، ئۇ ئايال ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياكى باللىرىغا ئەسكىلىك قىلىشى لايىق ئەمەس، ئۇ ئاللاھ مۇباھ قىلغان ئىشنى قىلدى. شۇنداق، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلسا ئۇنى چەتكە قاقسا، ئادىل بولمىسا ئۇ ئايالنىڭ سۆز قىلىشى، ياكى مەھكىمىگە بېرىپ شىكايەت قىلىشى دۇرۇس، ئەمما ئۇنداق بولمىسا سەبىر قىلىپ ئەجىر ئۈمۈت قىلىپ ئولتۇرسا بولىدۇ.
ئەمما ھەمىشە ئۇ ئەردىن ياخشىلىقنى كۆرۈپ تۇرسا، ھەتتاكى ھازىر بىر ئىش بولسا سەبىر قىلىپ ئاللاھدىن ئەجىر ئۈمۈت قىلىپ، ئۇنىڭغا ياخشىلىقنى تەقدىر قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىپ، سەبىرنى ياردەم قىلىشىنى تىلەپ ئولتۇرسا ئاللاھ ئۇنىڭغا يېقىندا بىر نىجاتلىق چىقىش يولى قىلىپ بىرىدۇ. بۇ ھەقتەئاللاھ تەئالا سۈرە نىسا 19- ئايەتنىڭ بىر قىسمىدا :« سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىرئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.» دىگەن ، يەنە سۈرە بەقەر 216ـ ئايەتتە :«سىلەرگە ئۇرۇش پەرىز قىلىندى، ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر، سىلەر بىر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن زىيانلىقتۇر،(سىلەرگە نىمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ) ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر، (شۇنىڭ ئۈچۈن ) ئاللاھ بۇيرىغانغا ئالدىراڭلار.» دىگەن .
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تەئەلا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، بۇ ئىشلارغا كۆپىنچە ئەرلەرنىڭ ئايالىغا بەك مىھرىبانلىقى ۋە ئۇنىڭ مۇھەببىتى سەۋەپ بولىدۇ، ئۇ ئىككىنچى ئايالىدىن بىرىنچىسىدىن كۆرمىگەن كۆپ نەرسىلەرنى كۆرىدۇ، بىرىنچىسىنىڭ ئەخلاقى ياخشى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ياخشى، دىنى كامىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بەكرەك مىھرىبانلىق قىلىدۇ، ئىككىنچى ئايالىنى تالاق قىلغاندىن كىيىن بىرىنچى ئايالىغا بولغان مۇھەببىتى ئاشىدۇ، ئايالغا بەك ئالدىراڭغۇلۇق قىلىش لايىق ئەمەس، بۇنىڭدا كۆپ ياخشىلىق بولىدۇ. ئەگەر ئەر بۇ ئىشلاردىن خالى بولۇپ ئاياللىرى ئارىسىدا ئادىل بولالىسا ئاللاھقا شۈكرى، مۇئمىن دىگەن مۇئمىن بىر تۇققىنىغا ئۆزى ياخشى كۆرگەننى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش قىز ئايال ھەمشىرىلەرگىمۇ ئاللاھنىڭ ھەققىدە ئۇلارغا ياخشى جۈپلەرنى ۋە ئەۋلاتلارنى رىزىق قىلىپ بىرىشىنى ياخشى كۆرىشى كىرەك.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :« سىلەرنىڭ بىرىڭلار مۇئمىن بۇرادىرىگە ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ياخشى كۆرەلمىگۈچە كامىل مۇسۇلمان بولالمايدۇ» دىگەن. شۇنىڭدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسىگە قارىساق، ئۇ مۇئمىن ھەمشىرىسىگە ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ياخشى كۆرەلمىگۈچە ئىمانى كامىل بولمايدۇ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرنىڭ سۆزى مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا ئۇمۇمەن قارىتىلغاندۇر، ئاللاھ ھەممىگە ياردەم قىلغۇچىدۇر!!
شەيخ ھەزرەتلىرى ئاللاھ تەرەپكە چاقىرىق قىلغۇچى ئايال مۇشۇ ئۇسلۇبتىكى نەسىھەت بىلەن نىكاھلانغان قىز ئاياللارغا نەسىھەت قىلىپ بەرسە تەسىرى ياخشى بولارمۇ؟
شۇنداق، مەن ئاللاھقا چاقىرغۇچى ئاياللارغا، ئىلىم ئۈگەنگۈچى ۋە ئۈگەتكۈچى قىز ئاياللارغا ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىش بىلەن بىرگە بۇ ھەقتە كۆپرەك ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئاللاھ تەئالانىڭ ئۇلارنى بىزنى ھىدايەتكە باشلىغىنىغا ئوخشاش ئۇلارغا توغرا كۆز قاراشنى رىزىق قىلىشىنى، ئۇلارنىڭ قىز ئاياللارغا بۇ ئىشنى تەۋسىيە قىلىشىنى، بۇنىڭدىكى ياخشىلىقلارنى ئۇلارغا كۆپرەك چۈشەندۈرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن، ئۇلارنىڭ ئەر ئاياللارغا ئورتاق پايدىلىق بولغان بۇ ئىشتا ئۆز ئەرلىرىگە ياردەمچى بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن، ھەقىقەتەن ھىدايەت تاپقان ھەقىقەتكە چاقىرغۇچى ئاياللارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزىنىڭ قىز ئاياللارنىڭ قەلبىدە ئازراق بولسىمۇ تەسىر پەيدا قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئاخىردا ئىلىم ئۈگەنگۈچى، ئىلىم ئۈگەتكۈچى ۋە ئىلىمنى تەھلىل قىلىپ بېقىش ئويلىنىپ بېقىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ھەر بىر قىز ئاياللىرىمىزنىڭ كۆپ ياخشىلىققا ئىگە بولغان بۇ ئىشنى ئويلىنىپ تەدبىر قىلىپ بېقىشىنى سورايمەن.
ئاللاھ ھەممىگە ياردەم قىلغۇچىدۇر!
سەئۇدى ئەرەبىستان مۇپتىسى سۈننەتچى ئالىم ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ.
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇسىلىم
باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرسىڭىز ئەسلى ئادرىسىنى قىستۇرۇپ قويىشىڭىزنى سورايمەن،