مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1053|ئىنكاس: 10

ئىھ.!ياشلىق ،ئىھ !كىنۇخانىلار ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

DUNYA,,MUHABBATKA,TULSUN.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6527
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9852
تۆھپە نۇمۇرى: 387
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غۇلجا شەھەرلىك كىنۇ-تىياتىرخانا غۇلجا شەھىرىدىكى كىنوخانىلار ئىچىدە يىشىمۇ ئەڭ كىچىك ۋە كۆز ئالدىمىزدا يوقىلىۋاتقان ئەڭ ئاخرقى بىرسىدۇر ،چېقىلىۋاتقان كىنوخانا خارابىسىغا قاراپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى ،مەندىكى بۇ ھىسيات مەن بىلەن دەۋرداش ھەممەيلەندە بولىشى تەبىئىي ئىدى.ھازىرقى ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قىزغىن خاتىرىنى ئەسكە سالىدىغان ئەڭ ئاخرقى يادنامىسىنى تۈگىگەن ئىدى .30يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ كىنوخانا ،كىنۇخاننىڭ كونىراپ رىمۇنىت قىلىنماسلىقى،ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۆلچەمگە يەتمەسلىكى ،ئۇل ئەسلىھلەرىنىڭ كونىرىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن غۇلجا شەھەر خەلقىنىڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى ئىلىپ بۇ يىل 4-ئاي ئىچىدە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىن پۈتۈنلەي غالىب بولدى.خارابىغا قاراپ خىياللىرىم ئەينى چاغلاردىكى ئىنتايىن قايناق مەنزىرە ،غۇلجا شەھرىنىڭ كىنوچىلىقى ئەڭ يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن مەزگىللەر كىنۇ لېنتىسىدەك بىرمۇ-بىر ئۆتۈشكە باشلىدى ،كىنوخانىلارنىڭ ئالدى كىنۇ كۆرۇش ئۈچۈن كەلگەن قىز-يىگىت،چوڭ -كىچىك بىلەن لىق تۇشقان ،شىمىشىكىچى،تاڭگاچى،تاۋۇزچى،تاتلىق سۇچى ،كاۋاپچى،تۇخۇمچىلارنىڭ بازار چىللاشلىرى ،يەشىك قەغىزىدىن ياسىۋالغان نومۇ تاختىلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇشقان ۋەلسىپىت ساقلىغۇچىلار ...بىلەت سىتىۋىلىش ئۈچۈن ‹‹جەڭگە››ئاتلانغان ياشلارنى دىمەيسىز!ئولارنىڭ بەزىلىرى بىر-ئىككى ھەمراھىنىڭ ھە-ھۇ دېيىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ باشلىرى ئۇستىدىن ئارتىلىپ بىردەمدىلا بىلەن ساتىدىغان تۆشەككە قولىنى تىقىپ بولاتتى،مەخسۇس بىلەتچىلەرمۇ بار ئىدى ،ئولار ھەمىشە قۇيۇلىدىغان كىنولارنىڭ ئۇچۇرنى ئىگىلەپ تۇراتتى-دە ياخشى كىنولارنىڭ بېلەتلىرىنى نەچچە كون بۇرۇن بىر نەچچەيلەن بۆلۈشۈپ ئىلىۋىلشاتتى،ئاندىن 10نەچچە پۇڭدىن سىتىۋالغان نەچچە ئۇن پۇڭدىن سىتىپ ئوتتۇرىدىن نۇرغۇن پايدىغان ئېرىشەتتى بەزى يىگىتلەر قىز دوستىنىڭ ئالدىدا خىجالەتتە قالماسلىق ئۈچۈن نەچچە ئۇن پوڭغا ھاينىغا  سىتىلغان بىلەتلەنىمۇ سىتىۋالاتتى،كىنۇلار كىچىلىك ۋە كۈندۈزلۈك مەيدان دەپ قويۇلاتتى،بەزى كىنوخانىلار يازلىق قولوب قىشلىق قولوب دەپ يازلىق ۋە قىشلىق كىنۇ قويۇش مەيدانى بولاتتى.كۈندۈزلۈك ياكى كىچىلىك مەيدانلار بولسۇن كوپىنچە كىنوخانىلاردا ئىچىدە بوش ئورۇن قالمايتتى ،ئوتتۇرا رەتتىكى ئورۇنلارنىڭ بىلىتنى ھايانكەشلەر ئوبدان پۇلغا يارىتاتتى.
ئەينى يىللىرى غۇلجا شەھرىدە ‹خەلق ›كىنوخانىسى ،‹ئاممىۋى ››كىنوخانا ،نۆۋەتتە چېقىلىۋاتقان شەھەرلىك كىنۇ -تىياتىرخانا بولۇپ 10نەچچە يازلىق قىشلىق كىنوخانا بار ئىدى ،ئۇنىڭ ئىچىدە 50-يىللارنىڭ دەسلىپىدە قورۇلغان كىنوخانا ‹خەلق ›كىنوخانىسى .ئەڭ كېيىن قورۇلىغىنى 1984-يىلى قۇرۇلغان غۇلجا شەھەرلىك كىنۇ -تىياتىرخانا ئىدى .
شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا كىشىلەر قاتلىما ئورۇندۇقلارنى كۆتۇرۇلۇپ ئۇستى ئۇچۇق كىنوخانىلاردا كىنۇ كۆرۇشكە باشلىغان چاغلاردىلا غۇلجا شەھىرى كىنوچىلىقتا شانلىق باسقۇچقا كىرىپ بۇلغاندى .20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە غۇلجا شەھىرىدىكى كىنۇ قويۇش ئاپپاراتلىرى قولدا كۆتۈرۈشكە بولىدىغان قىلىپ ياسالغان بولۇپ ،كىنۇ فىلىملەرنىڭ كۆپىنچىسى سۇۋىت ئىتپاقىنىڭ ئاۋازسىز كىنولىرى ئىدى ،30-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۇيغۇر،قازاق قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى مەبلەغ توپلاپ غۇلجا شەھرىدىكى ئەڭ دەسلەپكى كىنوخانا ‹ئاممىۋى كولوب›نى سالغان ۋە بۇ يەردە تۇنجى كىنونى كورگەنىدى.50-6--يىللارغا كەلگەندە كىنوچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاممىنىڭ كۇنسىرى ئىشىپ بىرىۋاتقان ماددىي ۋە مەنىۋى ئىھتىياجىغا ئەگىشىپ ‹خەلق ›كىنوخانىسى ،‹بوستان ›،‹لوجى›كىنۇخانلىرى ئارقا -ئارقىدىن قورۇلدى.
1985-يىلدىن 1992-يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىلى كىنوچىلىقىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى ئىكەن .90-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن تارتىپ ئائىلىلەردە سىن قويغۇ ،تىلىۋىزورنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ كىنوخانىلارنىڭ تىجارىتىگە تەسىر قىلدى.ئەينى ۋاقىتلاردا قويۇلغان ئېسىل كىنولار  كىنولار ،كەچلىك كىنوغا بېرىشى ،كىنودىن قايتىشى ،70-80-يىللارنىڭ ياشلىرى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان كىنوخانىلارنى چوقۇر ياد ئىتىدۇ ،ئۇلار چوڭقۇر ئەپسۇسلۇق ئىچىدە جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىلىپ كەلگەن بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بۇلدى . زامانىۋى  رەقەملەشكەن سۈپەتلىك كىنوخانا ۋە شەھىرىمىزدە يىڭىدىن قورىلىۋاتقان   ئاممىۋى -مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى بۇندىن كىيىنكى مەنىۋى تەشنالىقىمىزنى چوقۇم قاندۇرىدۇ .
ئىلى كەچلىك گىزىتى 13-ئاپرىل سانى رەخىمجان قۇرباننىڭ (كىنۇخانىلار ياشلىق ئەسلىملىرمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى)ناملىق  ماقالسىدىن قىسقارتىپ ئىلىندى.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20421
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4055 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېھ!شۇنداق بىر دەۋىرلەر بولغان ئىدى.
《سەرگەردان》،《چارلىز چاپلىن كومېدىيىلىك فىلىملىرى》،《كۆۋرۈك》،《كونا مىلتىق》،《كازاندىرا كۆۋرىگى》،《خاسىيەتلىك ئادەم》،《ئانارخان》،《مۇز تاغدىن كەلگەن مېھمان》،《يول باشلىغۇچى》،《بەخت ناخشىسى》،《غېرپ-سەنەم》،《رەنانىڭ تويى》.....قاتارلىق فىلىملەرنى كىنوخانىدا تويماي كۆرگەن ئىدۇق.

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 2949
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 30120
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2614 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        كىچىك  ۋاقىتلىرىمدا  يېزىمىزنىڭمۇ   بىر كىنوخانىسى   ۋە   مەمەت  كىنو  باشچىلىغىدىكى  بىر  كىنو  قويۇش ئەترىتى  بولىدىغان، شۇنداقلا  دادۈيلەرگە (كەنتلەر)گە   كىنو  قويغىلى  بارىدىغان  بىر  ئېشەك  ھارۋىسىمۇ  بولىدىغان، دادۈيلەرگە (كەنتلەر) گە  كىنو  قويغىلى بارسا  كىم  ئېشەككە  بىر  يۈدە  ئوت - چۆپ  ياكى  يەم خەشەك  ئېكىلىپ  بەرسە  شۇنى  ھەقسىز  كىرگۈزەتتى.
       مەنمۇ  ھەر  چارشەنبىگىچە  (بازار كۈنى)   گېچە  سەككىز  موچەن ئىختىساد قىلىپ   كىنوخانىغا  كىرىپ ئىككى  كىنو  كۆرەتتىم،         ‹‹ ياپما ئەنلىك، كەڭ ئېكرانلىق  رەڭلىك ھىكايە فىلىم     X X X X  ، تەڭرىتاغ  كىنو  سىتودىيسى تەرجىمە قىلىپ، ماگىنىت يالىتىپ  كۆپەيتىپ  تارقاتتى ››         دېگەندەك  گەپلەر  غۇۋا  يادىمدا  قاپتۇ.  تەرەققىيات  تېيىز، مېھرى  مۇھاببەت  چوڭقۇر دەۋىرلەركەنتۇق.
     
   ‹‹ چۈيۈن باش ئارخات››     ‹‹ئۇچقۇر قاراقچى››    ‹‹لوڭمىن ئۆتىڭى››    ‹‹ يىلان جىلغىسىدىكى  كارامەت قوشۇن››     ‹‹ قان  ياشقا تولغان مۇھاببەت نەپرەت››   ‹‹بىر تامچە  قان››   ‹‹ئالۋاستى ئوردىسىدىكى جەڭچى››   ‹‹ جوڭگو باتۇرلىرى›› ‹‹ئېزىتقۇ››  
‹‹ ئىنتىقام ››..................شۇ  چاغلاردا  بىز كۆرگەن كىنولار ئىدى.
  ھازىرمۇ  يوقارقى كىنولاردىن بىرىنى كۆرسەم  ئىختىيارسىز شۇ چاغلارنى ئەسلەپ  قالىمەن.


ھەي  تولىمۇ  غەمسىز،ئۇنتۇلماس  ئۆسمۈرلىكىمىز  دە  شۇ،   مەڭگۈ  كەلمەسكە  كەتكەن.....


   

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 2949
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 30120
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2614 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        كىچىك  ۋاقىتلىرىمدا  يېزىمىزنىڭمۇ   بىر كىنوخانىسى   ۋە   مەمەت  كىنو  باشچىلىغىدىكى  بىر  كىنو  قويۇش ئەترىتى  بولىدىغان، شۇنداقلا  دادۈيلەرگە (كەنتلەر)گە   كىنو  قويغىلى  بارىدىغان  بىر  ئېشەك  ھارۋىسىمۇ  بولىدىغان، دادۈيلەرگە (كەنتلەر) گە  كىنو  قويغىلى بارسا  كىم  ئېشەككە  بىر  يۈدە  ئوت - چۆپ  ياكى  يەم خەشەك  ئېكىلىپ  بەرسە  شۇنى  ھەقسىز  كىرگۈزەتتى.
       مەنمۇ  ھەر  چارشەنبىگىچە  (بازار كۈنى)   گېچە  سەككىز  موچەن ئىختىساد قىلىپ   كىنوخانىغا  كىرىپ ئىككى  كىنو  كۆرەتتىم،         ‹‹ ياپما ئەنلىك، كەڭ ئېكرانلىق  رەڭلىك ھىكايە فىلىم     X X X X  ، تەڭرىتاغ  كىنو  سىتودىيسى تەرجىمە قىلىپ، ماگىنىت يالىتىپ  كۆپەيتىپ  تارقاتتى ››         دېگەندەك  گەپلەر  غۇۋا  يادىمدا  قاپتۇ.  تەرەققىيات  تېيىز، مېھرى  مۇھاببەت  چوڭقۇر دەۋىرلەركەنتۇق.
     
   ‹‹ چۈيۈن باش ئارخات››     ‹‹ئۇچقۇر قاراقچى››    ‹‹لوڭمىن ئۆتىڭى››    ‹‹ يىلان جىلغىسىدىكى  كارامەت قوشۇن››     ‹‹ قان  ياشقا تولغان مۇھاببەت نەپرەت››   ‹‹بىر تامچە  قان››   ‹‹ئالۋاستى ئوردىسىدىكى جەڭچى››   ‹‹ جوڭگو باتۇرلىرى›› ‹‹ئېزىتقۇ››  
‹‹ ئىنتىقام ››..................شۇ  چاغلاردا  بىز كۆرگەن كىنولار ئىدى.
  ھازىرمۇ  يوقارقى كىنولاردىن بىرىنى كۆرسەم  ئىختىيارسىز شۇ چاغلارنى ئەسلەپ  قالىمەن.


ھەي  تولىمۇ  غەمسىز،ئۇنتۇلماس  ئۆسمۈرلىكىمىز  دە  شۇ،   مەڭگۈ  كەلمەسكە  كەتكەن.....


   

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

پادىشاھ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80202
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 255 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بەزىدە مەھەللەم چۇقبازارنىڭ بارغانسىرى ئۆزگىرىپ  قەدىمىلىكى بۇرۇنقىدىن سۇسلاپ قىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ خورسىنىپ كىتىمەن.  لىكىن يەنە نەچچە ئون يىل ئۆتسۈن ئۇ مەڭگۈ مىنىڭ قەلبىمدە مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مىھرى ئىسسىق ئاتەش مەھەللەمدۇر.

قانۇن تۈزۈملەرگەئاڭلىق رىئايەقىلايلى!..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80386
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4400
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2012-5-20
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى  2013-4-23 06:10 PM
كىچىك  ۋاقىتلىرىمدا  يېزىمىزنىڭمۇ   بىر كىنوخانىسى ...

ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم!
ئۇزۇندىن بىرى ھەر قانداق تېمىغا كىرسەم شۇ تېمىنى ئۇقۇپ بۇلۇپ ئىنكاسلار ئارىسىدىن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى ئىزلەيمەن، تاپالىسام خىلىلا قىزىقىپ ئوقۇيمەن، چۈنكى سىز ۋىجدان، غۇرورلۇق ھالدا خېلىلا ناۋاتتەك گەپ قىلىسىز.
تەكلىپ: (كەچۈرۈڭ) بۇ ئىنكاسىڭىزغا «دادۈي» دىگەن گەپنى ئالمىسىڭىزمۇ بۇلاتتى، بۇ گەپ سىز دىيىشكە ماس كەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ.
========
مەنمۇ 10-15 يىللار ئىلگىرى (ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا تەتىل مەزگىللىرىدە) سىزگە ئوخشاش ھەر چارشەنبە (يېزىمىزنىڭ بازار كۈنى) ھېچ ئىش قىلمايلا كىنوخانىغا كىرىپ ئەجەپ قىزىقىپ كۈرەتتىم شۇ كىنولارنى. ئادەمنى شۇنداق مەپتۇن قىلىۋالاتتى.
بىراق ھازىرقى ۋاقىتلاردىچۇ؟ ئۆيدە تىلۋىزوردا نۇرغۇن قاناللاردا كىنو قۇيىۋاتسا نىمىشقىكىن پەقەتلا كۆرگۈم كەلمەيدۇ، شۇ ۋاقىتلار مەڭگۈ كەلمەسكە كەتتىدە.

ئەيىپ- نوقسانلارنى ئاۋۋال ئۆزىڭىزدىن ئىزلەڭ، غەيۋەت قىلماڭ، ئاچچىقىم كىلىپ قالىدۇ

توغرا يول ھەمىشە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 445
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11883
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 239 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىڭلار بالا ۋاقتىڭلاردا كىنو كۆرگەن پەيتىڭلارنى ئەسلەپ كىتىپسىلەر ، مەنمۇ ئەسلەپ قوياي ...ئارىسىغا خوخا تىكەنلەر ئۈنۈپ كەتكەن  ، شالنى مىخلاپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئورۇندۇق قىلىۋالغان يېزا كىنوخانىسىدا كىچىك چاغلىرىمدا دادامنىڭ يوغان چاپىنىغا يۆگىنىپ كۆزلىرىمنى مىت قىلماي ئولتۇرۇپ كىنو كۆرۈپ كىتەتتىم  ، تاملارغا قارا قاغىدەك ئولتۇرۇپ كەتكەن بالىلار ، كىنو لىنتىسى كۈيۈپ كەتسە ئاق لاتىغا چىراق يۇرىقىدا يوغاااان «ئازگال »پەيدا بۇلۇپ ، كىنوخانا ئىچى «ۋووووي !! »دىگەن ئۈن بىلەن ئۆرە تۆپە بۇلپ كىتەتتى ،  ئىكراندا تازا قىزىق ئېتىشماق بولىۋاتقاندا لاپپىدە توك كەتسە ، كۈرۈڭ ، ماتۇرچى بىلەن كىنوچىنى تىللاپ كىتىۋاتقان ، باشلىرىغا داڭگال ، كونا ئاياق، چۇقەيلەرنى ئېتىپ كىتىۋاتقان ....ئالامەت قىزىق كۈرۈنۈشلەر چىقىۋاتقاندا ئۈستى ئۇچۇق سەھرا كىنۇخانىسىنىڭ ئاسمىنىدا گۈلدۈر قاراس  چاقماق چېقىپ شارقىراپ يامغۇر يېغىپ كىتىۋاتقان شۇ كېچىدە ...ھەي ....ئويلىسام بەكلا قىزىق ، ئەمدىلا 9-10ياشقا كىرگەن ۋاقلىرىم ، ھىندىستاننىڭ «نۇرى» نى كۈرىۋېتىپ نۇرى ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپ ئۆلىۋالغان چاغدا ، دادامغا كۆرسەتمەي يۇم -يۇم يىغلاپ كەتكەن ئىدىم ، ھازىرقىدەك ئىسىمدە ....ھازىرقى ھىندىستان كىنولىرىدا نۇرىدەك شەرمى ھايالىق قىزنى كىنونى مالتىلاپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ ...ھە راست ، كىنودىن قايتقىچە مەھەللىنىڭ لالما ئىتلىرى قاۋاپ ئارام بەرمەي دادام قولىغا ئىلىكتىرنى ئېلىۋېلىپ ئىتنىڭ كۆزىگە يېقىپ ئۇنى قاچۇرغاندىن سىرت ئۇزۇن تاياقتىن بىرنى ئېلىۋالاتتۇق ، ھۆيلا ئالدىغا كەلگەندە ئاندىن «ئۇھ » دەپ تاياقنى تاشلاپ دادامنىڭ ئالدىدا شاپاشلاپ ئۆيگە كىرىۋالاتتىم ، مانا بۇ بالىلىقتىكى كىنوخانىدىن قايتقان ئەسلىمىلىرىم .......... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Gvljahan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-24 01:55 AM  


ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

ياخشى سۆزلىگەنن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18197
يازما سانى: 544
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9904
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 3830 سائەت
تىزىم: 2010-11-20
ئاخىرقى: 2013-4-27
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ 4-5 ياش ۋاقتىمدىكى يازلىق ئاممىۋى كىنوخانىدا «بەخت ناخشىسى» كىنوسىنى كۆرگىنىم ھازىرمۇ يادىمدا، ھەممە ئادەم جىمجىت كىنو كورەپ ئولتۇرسا، گۇلنار قىز ئۇسۇل ئويناپ بولۇپ كېرىمنى ئىزدەپ باغچىغا كىرگەندە، كېرىم گىتتار بىلەن دەرەخكە چىقىۋالغان يەرىدە «كېرىم سىز نەدە؟» دەپ نەچچە قېتىم چاقىرىدىغان كۆرۈنۈش چىققىنىدا، مەن ئۆزۈمنىڭ كىنو كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ يۇقۇرى ئاۋازدا «ئەنە ئۇ دەرەخكە چىىقىۋالدى» دەپ ۋاقىراپ كېتىپتىكەنمەن، ئۆپچۆرەمدىكى جىمى تۇققانلار ھەم تاماشىبىنلار قاتتىق كۈلۈپ كەتكەن ئىدى... شۇنىڭدىن كېيىن ۋاقىرماس بولغان. كېيىن ھىندىستاننىڭ گابار شىڭگىر چىقىدىغان فىلمى ئىسمى نىمىدى؟ ھە راست «قىساس ئوتى» نى كۆرگەندە يىغلاپ كەتكەن ئىدىم، مەنلا ئەمەس جىق ئاداملەر يىغلىغان  ئىدى، ھى ھى ھى.... ئەمدى چوڭ بولغاندا يىغلىمايدىغان بوپ قالدۇققۇ تاڭ، يۈرەكلەر قېتىپ كەتسە كېرەك. بىزنىڭ يۇرتتىكى كىنوخانىلار 1995-يىلنىڭ بېشىدىلا چېقىلىپ بازار بوپ كەتكەن دېسە!...

ياشلىقىڭدا تىرىشمىساڭ ، قېرىغاندا پۇشايمان قىلىسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90948
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 72
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2013-1-31
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىك ۋاقىتلاردا يازلىق كىنۇخانىلارنىڭ تىمىدىن ئارتىلىپ كىرەتتۇق،،،،كوزەتچى كەلگىچە تاماشبىن ئارىسىغا كىرىۋالاتتۇق،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3475
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 701 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتتىگەندە كىنونىڭ غەيۋىتنى قىلغلى تۇرپسلە؟ كىنوھازىرمۇ بارغۇ؟ قەشقەرتەۋەلكدە ھەربىركەنتنىڭ يىلغا24مەيدان ،ھەرئىيغا2مەيدان ،بۇنىڭدىن بىرمەيدىنى تەشۋىقات ھۆججەتلك فىلم ،يەنە بىرسى قىزىللاشقان ھىكايە فىلم ، مەنمۇ شۇنداق بىركىنوچىنىڭ شاگىرتى بولمەن ، ھۈنەرئۈگەنگىلى دەسلەپ كىرگەن 2004-يىللىرى كىنونى ئەسلگە كەلتۈردى ، دەسلەپتە لىنتلق كوناتىپتكى ئاپپاراتتا كىنو قۇيدۇق ، مەنمۇ كۈندۈزى دۇكاندا كەچ تەرپى كىنو قۇيغلى بىللە باراتتىم ، 2006-يىلى ھازىرقى رەقەملك ئاپپاراتنى تارقىتىپ بەردى ،ھازىرقى رەقەملك ئاپپارات 50000ئەتىراپدا، سۈرەت سۈپتى ،ئاۋاز سۈپتى ‹‹ئۈچ ئۆلچەم››گە يەتكەن ، ئاۋازى سترورلۇق ، ئادەتتتە بۇئاپپاراتنى كومپيۇتىر بىلمگەنلەر ئىشلتەلمەيدۇ، ھازىرمۇ ۋاقتىم بولسا كەنىتلەرگە بىللە بىرىپ كىنوقۇيشۇپ بىرىمەن ،      ئەممازە ئاپپارات ،ئۈسكىنە نوچى بولغان بىلەن كىنو سۈزۈك بولغنى بىلەن ،ۋەقەلكى پۈتۈنلەي قىزىللاشقان ،خەن ئاكلار بىللە ھەممە كىنولاردا، ئۇيغۇرلار ئۆزى ئىشلگنمۇ شۇ،

كومپىيۇتىر،يانفۇن ،ئىلكتىرئۈسكۈنلىرى ،توكچلق ئۇستاملىرى جەمگاھى ______http://www.xjefan.com/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش