يىـڭى ئــەزا
ئانام سەن
(مۇخەممەس) پەرزەنت ئىشقى ئوتىدا كۈيۈپ يۈرگەن ئانام سەن، ھەر قەدەمدە مەڭزىمگە سۈيۈپ يۈرگەن ئانام سەن. قاباھەتلىك تۇرمۇشتا يېنىپ تۇرغان ئانام سەن، بەختىيار شاھ تەختىمدە كۈلۈپ تۇرغان ئانام سەن. ئەھتى ۋاپا ئەيلەشنى كۈيلەپ تۇرغان ئانام سەن. بىر قۇلۇڭدا بۆشۈكنى ھەم دۇنيانى تەۋرىتىپ، ئايرىلغاندا يېنىڭدىن ئەسلەپ مەڭگۈ ياد ئېتىپ. پىراقىمدا كۈل بۇلۇپ تامچە-تامچە ئېقىتىپ، بەختىم تىلەپ ئاللاھتىن ھەر نامازدا دۇئا قىپ. ھەربىر تىنىق ،نەپسىمدە تۇتىيادەك ئانام سەن. دەرت-ئەلەمنى يۇشۇرۇپ كۈلۈپ يۈردۈك شادلىنىپ، ئاتەش كەبى ئاپتاپتا كۈيۈپ يۈردۈڭ قاقلىنىپ. جىلۋە كۆرسەڭ چىھرىمدە قان يۈگۈرۈپ ھاللىنىپ، خىزمەت ئىزدەپ كۈن بۇيى ھەر شەھەردە خىللىنىپ. مۇشەققەتنى يار قىلغان قەدىردانىم ئانام سەن. قىزىپ قالسام كىچىدە بۇلۇپ كەتتىڭ پايپىتەك، كىرپىك قاقماي ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ يار يۈلەك. خىزىر سۈپەت ئىنساندىن ماڭا يەنە نە كېرەك. ئەللەيلىنىپ باغرىڭدا شوخ ئەركىلەپ بوپ تەنتەك. جاھاندىكى ھەممىنى تارتۇق قىلغان ئانام سەن.
مەنبەسى:ئۈزۈم
پاش قىلىش
مەخەتجان
ئۈمىدلىك ئەزا
دائىملىق ئــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ