مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1544|ئىنكاس: 9

تاماقخانىدىكى ئىشلارتوغرىسىدا‹‹ئۈچ غەيۋەت›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈمەن مەن ئۈچۈن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 696
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 19381
تۆھپە نۇمۇرى: 970
توردا: 440 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاماقخانىدىكى ئىشلارتوغرىسىدا‹‹ئۈچ غەيۋەت››

مېنىڭ ئۇيغۇرمىللى تاماقخانىلاربىلەن مۇناسىۋەتلىك خىزمەت قىلىۋاتقىنىمدا بىرنەچچە يىلدىن ئاشتى .بۇ جەريانىدا خىلى كۆپ ئىشلارنى كۆردۈم، خىلى كۆپ داڭلىق شەخىسلەرنى ئۇچراتتىم ،شۇڭابۈگۈن مەن تاماقخانىلاردا ھېس قىلغان ھەم تاماقلىنىۋاتقان كىشىلەردەيۈز بىرىۋاتقان بەزەن مەسىلىلەر توغرىدا ئۆز چۈشەنچىلىرىمىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتمەكچىمەن .
ھازىر كىشىلەرنىڭ خىزمەت رىتىمىنىڭ تىزلىشىشى ،تاماق ئىتىشكە ۋاقىت يىتىشمەسلىك سەۋەبلىك تاماقخانىلار كۈنسىرى ئاۋاتلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى ،بۇ گەرچە بىر ياخشى ئەھۋال بولسىمۇ ،لېكىن جەمىئەتتە يەنە بىر قىسىم ناچار مەسىلىلەرنى ئىلىپ كەلدى بىرىنجىدىن مېنىڭچە ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى ئاياللار (قاتارچاي مەسلىسى دېسەكمۇ بولىدۇ )
ئاياللار باراۋەرلىكى ،ئەركىنلىكى تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بۇ جەميەتتە ،ئاياللارنىڭ ئورنى كۈنسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى ،بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھالىرىدە خىزمەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە ئەركىنلىك ئىلىپ كەلدى ،ئىقسادى ئەركىنلىك ئاياللارغا ئەرلەرگە بىقىنماي ئۆزئالدىغا مالىيە باشقۇرۇش بوشلۇقى ئىلىپ كەلدى ،ئەلۋەتتە ئاياللارنىڭمۇ ئۆزى تاپقان پۇلنى ئۆزى ئالدىغا باشقۇرۇش ،ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار ،لېكىن شۇ ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇق دائىرىسى بەك كىڭىيىپ كېتىش سەۋەبلىك ،بىرقىسىم ئائىلىلەردە ۋە كەڭ جەمىيىتىزدە بىرقىسىم مەسىلىلەر كېلىپ چىقىشقا باشلىدى ،مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا جەمىيەتتە ئەرلەرنىڭ يىتەكچىلىك ئورنى كۈنسىرى سۇسلىشىپ تەڭپۇڭسىزلىق ئالامىتى كۆرۈلۈش ئاللىقاچان يىلتىز تارتىپ بولدى .
شۇ مەسىلىلەرنىڭ مەلۇم بىرقىسمى بولغان قاتار چاي مەسلىسىگە كەلسەك ئاياللار ئىقتىسادى بارەۋەرلىككە ئىرىشكەندىن كېيىنكى ئۇلارنىڭ تۇنجى ئىشى ئۆز مەنىۋىيتىنى بىيىتىش ۋە ئۇنىڭدا كەم قالغان يەرلەرنى تولۇقلاش بولىدۇ. ئەلۋەتتە ،بۇ بىيىتىشنىڭ تۇنجى قەدىمى ‹‹قاتارچاي›› ئاتالغان ،مۇشۇ سورۇندىن باشلانغان بولسا كېرەك ،قاتارچاي ئەسلىدە ئاياللارنىڭ كۆرۈشەلمىگەن دوستلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغان، ھال –مۇڭ بولىشىدىغان ،بىر-بىرىنىڭ ئىشلىرىغا مەسلىھەت كۆرسىتىدىغان شۇ ئارقىلىق مەنىۋىيەتتە كەم قالغان ئازار يىگەن ئورۇنغا مەلھەم ئىزدەيدىغان سورۇن ئىدى ؟لېكىن ھازىرچۇ ،بىر-بىرىگە ئۆزىنىڭ كەيگىنىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان ،ئۆزىنىڭ چىرايىنى تاشقى گۈزەللىكىنى بازارغا سالىدىغان ،كەچكىچە غەيۋەت قىلىپ ئىرىنىڭ ،يەنە بىرسىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ غاجايدىغان سورۇنغا ئايلانغىلى تۇردى ،بۇرۇن ئاساسلىق مائاشلىقلار قاتلمى بۇ سورۇنغا ئىشتىراك قىلغان بولسا ھازىر ئائىلە ئاياللىرى ،ھەم يېڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ياكى يېڭىلا خىزمەتكە چىققان قىزلارغىچە ‹‹ئىشەك ئىشەكتىن قالسا قۇلاقنى كەس ››دېگەندەك كەڭ ئومۇملىشىشقا قاراپ يۈزلەندىتىخى ھەرئايدا بىر قىتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ قاتارچايلار 15كۈندە بىرقىتىمغا ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپىيىپ كەتتى .تىخى شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ناھايىتى ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ ،چۈشتىن بۇرۇن بىر قاتار چايدىن چىقسا ،چۈشتىن كېيىنلىكى يەنە بىر قاتار چايغا قاتناشقان ئاياللارنىمۇ كۆردۈم .قاتار چاي بولىدىغان سورۇندا بولىدىغان سورۇندا بولىدىغان پاراڭلار ئۆزى ئۈچۈن ياكى جەمىيەت ئۈچۈن بىرە پايدىلىق گەپ پايدىلىق ئىشلار بولغىنىنى كۆرمۈدۈم ،بىرقىتىم بىر ئايالنىڭ ئاغزىدىن مۇنداق گەپنى ئاڭلىدىم .
-نېمە قىلىسەن ئۇنداق لاۋزىنى ئاداش ،بالا دېگەن ئۆلمىسە چوڭ بولىدا ؟بالا بار دەپ قاچانغىچە چىدايسەن....؟
ئىشنىقىلىپ بەزى ئاياللارنىڭ بۇنداق سورۇندىكى گەپلىرىنى ئاڭلىسىڭىز چىدالايمىز قالىسىز ،تىخى بەزى ئاياللارنىڭ كېچە سائەت 12لەرگىچە تا تاقايمىز دېمىگۈچە قۇرۇق گەپ قىلىشىپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان ،ئاياللار قاتارچايدا ئولتۇرسا ئەرلەر نېمە ئىش قىلماقچى ؟بالىلارچۇ ؟تېخى شۇ قاتارچايلاردا بۇيرۇتقان چايلىرىنى قۇيىدىغان ئادەم تاپالماي سەن قۇي ،سەن قۇي دىيىشىپ مەن قۇيالمايتتىم دېگەننى ئۇيالماي دىيىشىدۇ ،شۇ ياشقىچە چاي قۇيۇشنى ئۈگەنمىگەن ئايال باشقا تاماق ئىتىشنى قاچانلىققا ئۈگىنىدۇ ،ئۆينىڭ لەغمىنى ئوخشىمىسا ،ياكى ئوچاق قازاننى توپا باسسا ئەركىشى بولغان كىشى تالادىكى ‹‹مەنتەڭگە ››ئۆزىنى ئۇرماي نېمە قىلىدۇھېس قىلىشىمچە قاتار چايدىكى ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پاراڭلىىرى تۈركىيە كىنولىرى توغرىسىدىمۇ بولىدۇ ،بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ يىقىندا تەرجىمە قىلىنغان ‹‹مۇقەددەس يۈز يىل ››فېلىمى توغرىسىدا خىلى كۆپ پاراڭ قىلىشقىنىنى ئاڭلىدىم ،بۇ فېلىمنىڭ جەمىيەتنىڭ ھەر تەرەپلىرىگە بولۇپمۇ ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئاياللارغا خىلى زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئىنىق ،دىن دۈشمەنلىرى ۋە مىللەت دۈشمەنلىرى ئىشلىگەن تارىخ ئىنىق بۇرمىلانغان بۇ فېلىم شۇ دەۋىردە ئەڭ گۈللەنگەن ئوسمان ئىمپىريىسىنى تۇتۇقلاشتۇرۇپ بۇرمىلاپلا قالماي ئوردا ئىچىدىكى يىرىم يالىڭاچ كېيىنگەن ،سۇيۇق ۋە ھاياسىز ئاياللارنىپ تىپىك ئوبرازى مىللىتىمىز ئاياللىرىنىڭمۇ دورايدىغان، ھەۋەسلنىدىغان ئىشىغا ئايلاندى ،بولۇپمۇ فېلىمدىكى ئاياللارنىڭ چىراي شەكلىنىڭ ئوخشاشلىقى مەدىنىيەت جەھەتتە يىقىنلىق سەۋەبلىك ئاياللار بىلىپ بىلمەي كېيىنىش جەھەتتىن دوراۋاتقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.كورىيەنىڭ قىسقا يوپكىلىرى ،يەنە قايسى بىرلىرىنىڭ ئىچىغا كىيىدىغىنى تىشىغا كىيىپ دورىۋىلىشىدىنمۇ ،شۇ فېلىمدىكى مەيدىنىڭ بەك ئوچۇق ئىچىلىپ كېتىشى ئاياللارغا بەك تەسىر قىلدىمۇ تاڭ،‹‹دۇككانغا تىزىپ قويغان مالغا ئوخشاش كۆرۈپ تاللاپ سىتىۋال دېگەندەك ››بازارغا سىلىشلىرى ھەرقانداق بىر ئۆزىنى ئەركەك سانايدىغان كىشىنىڭ ۋىجدانىنى قايناتماي قالمايدۇ ،تېخى ئوچۇق قالغان مەيدىسىنى كۆرمەي قالمىسۇن دېگەندەك شۇ ئوچۇق قالغان يەرلىرىگە ئاللىقانداق نەرسىلەرنى زولاپ ئىسىۋىلىشلىرى ،بۇلارنى كۆرگىنىمدە شۇ ھاياسىز ئاياللارغا ئەمەس بەلكى شۇ ئاياللارنىڭ ئارقىدىكى ئۆزىنى ئەركەك ساناۋاتقان ئەرلەرگە ئىچىم ئاغرىيدۇ ،تەڭقىسلىق ،موھتاجلىق ،بوشاڭلىق ئارىلاشقان شۇ بىچارە چىرايلار.
ئىككىنجى بىرمەسىلە ئايرىمخانا مەسلىسى ،
ئۇيغۇر تائام مەدىنىيىتىگە قاچاندىن بىرى ئايرىم ئۆي ،(بوشاڭ ،يازو )سىڭىپ كېردى بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ،بۇرۇنقى كىچىك ئاشخانىلىرىمىزدا بۇنداق گەپيوق ئىدى، لېكىن تەرەققىيات بولۇپمۇ خۇيزۇلار ئاچقان توخۇگۆشى قورىمىخانىسىنىڭ دىيارىمىزدا ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ پۇلنى دەپلا ئىككى كىشى بولسىمۇ ئايرىمخانىغا باشلاپ تاماقخانىلىرىمىزدا ئايرىمخانىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشىگە سەۋەب بولدى دېيىشكە بولىدۇ ،ئايرىمخانا ئىچىلغىنى ياخشى لېكىن .ئىككى ئۈچ  كىشىگىمۇئايرىمخانا ئىچىپ بىرىپ ئۇلارنىڭ خالىيدا ھەرخىل قىلىقلارنى قىلىشقا سورۇن ھازىرلاپ بىرىشى بىلەن كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئايرىمخانىنى ئارزۇلايدىغان ئىددىيە كۈچىيىپ كەتتى ،بولۇپمۇ قەشقەردىكى كىشىلەر تونۇش بىلىشلەردىن بەك خۇدۇكسىرەمدۇ تاڭ ،ئۆز ئايالى ئانىسىمۇ بىلەن كېرىپمۇ ،ئايرىمخانا سوراپ كېتىشلىرى تونۇشلار ئۇچراپ قالمىسۇن دەپ قەستەن ئايرىمخانىغا كېرىۋىلىشلىرى ئەلۋەتتە كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .چوڭ زال بولسا قۇپقۇرۇق پەقەت ئورۇن قالمىغاندا ئامالسىز ئولتۇرۇشلار نېمە قىلىمىز ئەركىن ئازادە ئولتۇرۇپ تاماق يەيمىز دەپ كېرىپ  بىراۋلاردىن خۇدۈكسىرەش، ئۆزىمىز ھالال تاپقان پۇلىغا تاماق يېگەندىكىن نېمە بوپتۇ ؟ئۆز ھالال جۈپتىڭىز بىلەن ئولتۇرۇپ ئىچىلىپ يىيىلىپ يەڭ ،باشقا جەھەتتە شۇنچىلىك بوغۇلساقمۇ تاماقخانىدا بولسىمۇ ئەركىن ئازادە ئولتۇرۇپ غىزالىنىڭ .تىخى بەزىلەرنىڭ گىپىگە كۈلۈپ كېتىمەن ،ئادەم كۆرمەيدىغان خالى جاي بارمىدۇ دىيىشلىرى ؟شۇنداقلارنىڭ سۇئاللىرىغا قوپاللارچە نەچچە قىتىم جاۋاب بىرىۋەتكىنىم تاماقخانا دېگەن تاماق يەيدىغان جاي ،ئۇنىڭ ھەممە يىرىدە ئادەم بار دېگەنلىرىم .
ئەلۋەتتە بۇ ئايرىمخانىلارغا كېرمەڭ دېگىنىم ئەمەس ھەم ئايرىمخانىدىن ئاغرىنغىنىم ئەمەس ،ھەقىقەتەن مىللەت ۋە شەخىسنىڭ مۇھىم گەپلىرىنى ،جۈپتىلىرىنى نامەھرەمدىن ساقلاشنى ئويلايدىغانلار ئايرىمخانىغا كېرىشسە پاراڭلاشسا مەن ئۇنىڭغا نارازى ئەمەسمەن لېكىن ئايرىمخانىنى ئىشرەتخانىغا ،قىمارخانىغا، باشقىلاردىن قورقۇپ خۇدۈكسىرىدىغان كىشىلەرگە شۇنى دەيمەنكى تاماقخانا ئادەم كۆرۈپ تۇرىدىغان ئادەملەر مىڭىپ تۇرىدىغان ،ھەرقانچە ئايرىمخانا بولسىمۇ سوراقسىز ئىشىك چىكىلمەيلا كېرىدىغان ئورۇن .
ئۈچىنجى مەسىلە مېھماندوستلۇقمۇ چىكىدە بولسۇن .
ئۇيغۇر خەلق تارىختىن بىرى مېھماندوستلىقى، مەردلىكى بىلەن مەغرۇرلىنىپ كەلگەن ،‹‹بىساتىڭدىن نېمە بولسا ،مېھمىنىڭدىن ئايىما ››‹‹تۆكۈۋىتەر مېھمان كەلدى ،ئۆيگە دەپ ››دەيدىغان نۇرغۇن مېھماندوستلۇققا ئائىت ماقال-تەمسىللىرىمىز، ئەمەلى ئىش-ھەركەتلىرىمىز بار ئەلۋەتتە .لېكىن ھازىر مېھماندارچىلىقىمىز ئۆيدە ئەمەس بەلكى تاماقخانىلىرىدا بولىدىغان بولدى ،چۈنكى ئۆيلىرىمىز كىچىكلەپ كەتتى ،لېكىن ھازىرقى ھەقىقى دوستلۇق مېھماندارچىلىقىمىزنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ ،غەرەزلىك دوست مېھماندارچىلىقى ،مانداقچە ئىيتقاندا خۇشامەتچىلىك مېھماندارچىلىقى ئاۋۇپ كەتتى ،بەزى كىشىلىرىمىز باشلاپ كېرگەن مېھمانلىرىغا مېھماندارلىچىقىغا قاراپ كىشىنىڭ ئەقلى ھەيران قالىدۇ ،ساھىبخانمۇ ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىسىكەن ،ئاتا-ئانىسىغا قىلمىغان ئىشلىرىنى شۇ مېھمانلىرىغا ،ئاتا-ئانىسىغا يېگۈزمىگەنلىرىنى شۇ مېھمانلىرىغا يىگۈزۈپ ساھىبخانلارنىڭ مېھماندوستلۇقى ھەقىقەتەن چەكتىن ئىشىپ كەتكەن مېھماندارچىلىق ،زورلاپ يىگۈزۈلگەن تاماق ،جانغا سىلىنغان قارماق .دېگەننى بىلمەمدىكىنە ئۇ ساھىبخانلار يەپ بولالمىسىمۇ ئۆزىنىڭ مېھماندوستلۇقىنى ،مەردلىكىنى باشلىقىغا مېھمىنىغا كۆرسەتمەكچى بولغاندەك بۇيرۇتقان تاماقلىرى ،شۇ مەردلىك قىلىۋاتقىنىڭىزدا بالىڭىزئەرزان  ئەخلەت يىمەكلىك يەپ ئۇخلاپ قالماقتا ،ئايلىڭىز ئۆزىگە تاماق ئىتىشنى ئىغىر كۆرۈپ ئاچ ئولتۇرماقتا ،قوشنىڭىز ئەتراپىڭىزغا قاراڭ گۆشنىڭ قىممەتلىكىدە ئاي-ئايلاپ ئاغزى گۆشكە تەگمىگەن كىشىلەر بار ،مېھماندوستلىقىڭىزنى مەردلىكىڭزنى ئۇلارغىمۇ ئازراق ئىلىپ قويۇڭ ،شۇنداق قىلسىڭىز باشقىلارنىڭ ئالدىدا بەك ئىگىلىپ كەتسىڭىزمۇ ؟ئەل-جامائەت ئالدىدا قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ ماڭالايسىز ،مېھماندارچىلىقمۇ لايىقدا چىكىدە بولسۇن .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Eltekin + 99 كەمچىلىكنى تۈزەتكۈلۈ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 99   باھا خاتىرىسى

قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77608
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3516
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-3-18
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
EN

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 441
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويغا سالدىغان ئېسىل تىما بوپتۇ.

بۈگۈنكى خورلۇق  ئەتىدىكى ئىسيان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95166
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-4-21
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Ayallar orni aksiqe quxup ketbardu ! Agar orni yukri bolsa bundak "katar qay "digendak narsilar bolmas idi

مېرۇل مەرگەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 878
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 130
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 550 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-4-27
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تېلىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ، ئاناتىلىڭىزنى قەدىرلەڭ، بىلمىسىڭىز ئۆگىنىڭ، ئۇنىڭ قەدرىنى سىز قىلمىسىڭىز باشقىلار سىزگە قەدىرلىشىپ بەرمەيدۇ........

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3250
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ قاتاچاي دىگەن نەرسە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارسىدىمۇ خېلى ئومۇملىشىپ قاپتۇ ، ئاتا  -ئانىسنىڭ قان تەرى بەدىلىگە كەلگەن پۇلنى بۇزۇپ چېچىپ  ئويناۋاتقانلار باكەن،باكەنلا ئەمەس كۆپكەن،قاچانمۇ تۈزىلە بۇنداقلا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92652
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 712
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەييييييييييييييييييي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45517
يازما سانى: 432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5192
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 535 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66853
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3303
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2011-11-25
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
{:14:}{:14:}{:14:}{:14:}

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94896
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2013-4-15
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزغا كۆپ رەىمەت،بىر نەرسىنى خاتا دەپسىز ،قەشقەردە ئانىسىنى،ۋە ئايالىنى،ئاچا_سىڭىللىرىنى ئاشخانىغا ئەكىرىپ ئايرىمخانىغا ئەكىرىپ ئايرىم غىزالاندۇغىنى خاتا ئەمەس،تاماقنى شۇ ئاياللا سەت ياكى گۈزەل تاماق چايناشلىرىنى باشقىلارغا كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈندۇر،قەشقەرنىڭ ئۇ ئىشلىرىدىن قۇسۇر ئىزلىمەڭ،قالغان كۆز قاراشلىرىڭىزغا قوشۇلمەن.قەشقەرنى چۈشنۈپ ئاندىن گەپ قىلىڭ.ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ئۆزۋاختىدا (چۈمبىلىڭنى قايرىۋەت سەنمۇ ئىنسان بالىسى )دەپ ناخشا تولاپ ،چۈمبەلنى ئەمەس بەزەنلەر ھەممىنى ھەتتا شەرمۇ _ھايانىمۇ قايرىۋەتتى،قەشقەرنىڭ شۇ ئەرلىرىنىڭ شۇ ئۆزىنىڭ قىز ئاياللىرىنى بولسىمۇ نامەھرەمدىن ساقلىغىلى قويايلى،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش