مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 330|ئىنكاس: 4

ۋىجدان كەپتىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88712
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2412
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 11:55:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ۋىجدان  كەپتىرى




غەم ئىچمەكتە ئېتائىتمىز ،
سەجدىلەردە سۈرمەيلى خىيال .
سازاڭ بولۇپ قىمىرلاپ كېلەر،
يارىلانغان  بىر سەبىي ئامال .
ئۇسسىغاندا كاۋاك كۆڭۈللەر ،
قوشماق مېغىز بولار قىزىقىش .
قايمىقىدىن يىرتىلىپ بولۇپ،
يىشىل رەڭدە كېلەر ئېزىقىش .
يەتتە ياشتا سوزۇلغان كۆڭۈل ،
يەتمىش ياشتا قايتار ئەسلىگە.
تۈكلىرىنى قىلماي ھازىدار ،
كىم قايتىدۇ ئەركەك پەسلىگە.
رەڭلىك دۇنيا باھا تالاشماس ،
<كىم ئاشتى >غاچۈشسە ئەنئەنە  .
ئالا بۆرەك بولغاچ ئىچمىز ،
سوغۇق دۇنيا قىلىدۇ تەنە.
داڭگاللارغا يازدۇق شەجەرە ،
بامىقىمىز باقمىدى يۇمشاپ .
تىرنىقىمغا بەرسەم يېڭى نام ،
كىر شەيتانلار كېتىدۇ باتناپ .
پاكار ئىكەن ئىگىزلىكىمىز ،
قۇش قانىتى تەگدى چوققىغا .
يىلتىزلارغا يەتمەي ۋېتامىن ،
ئەجەل تەگدى نىشان _ چوققىغا.

رەڭگىمىزدىن توپا ئۆرلىدى،

رەنجىگەندەك قىلىدۇ ھاۋا .

ئاقسىغاندەك قىلىمىز دائىم ،

ئېغىز ئېلىپ بولمىدى يارا.

كىيەلمىدۇق ئازادە كىيىم ،

سۇغارمىدۇق ئومۇرتقىمىزنى .

تەلەيلەرنى قىلىپ چوكا مۇز ،

يىتىم قىلدۇق ئەللەي تومۇزنى .

يېرىلىمىز پەسىل تاللىماي ،

ھالسىرماقتا قەۋىم پويىزى .

پوق يىگۈزدى قوشنامغا قاغا ،

بەتتام بولدى ئەل - يۇرتنىڭ تۇزى.

مەس ھالەتتە تۇغۇلدى سەھەر ،

چالا كۆيدى قۇياش مۈڭگۈزى.

ئەبجەش بولغاچ ئېرىق قىرلىرىم ،

ياش تۆكىدۇ يالپۇزنىڭ كۆزى.

موزايلىرىم ئىكەن باغلاقلىق ،

قوزىلىىرم قۇيرۇق سېغىندى.

پارقىرايدۇ مىسىران قىلىچ،

كاپ - كاپ كۈچۈك بۇيرۇق سېغىندى!


سائەتلەرنى يىمەكتە كېچە ،

چېچەكلىمەي جان ئۈزدى ئانام .

ئىبادىتىم تۆكۈلدى شاختىن ،

كېلەر ھەپتە بولماقتا بانام .


باش ئىگىمەن قۇلىقىم يۇمشاق ،

پىچىرلىغان چىشقا تالقانمەن .

ساقلاپ تۇرغان ساختا كومزەكنى،

بىر بىتەلەي نامسىز ئالقانمەن.




تۈگەنچە



سېيرىلماقتا سېغىنىشىمىز ،
سارغايماقتا ئەخلاق دەپتىرى .
باچكىلىرى بولغاچقا قىسىر،
ئۇچالمىدى ۋىجدان كەپتىرى.



ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-23 12:06 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77608
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3516
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-3-18
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45093
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 33
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 824 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاك يېرىلغان يەرگە سۇ قۇيغاندەك ياقتى شېئىرلىرىڭىز

ھىجرانىم تامچىلاپ ئاخىر بولدى كۆل،
ياشلىق مەۋسۇمى ئۇ توزۇغان بىر گۈل.

مېرۇل مەرگەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 878
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 130
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 550 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-4-27
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرەكنىڭ بېغىشىغا بېرىپ توختەيدىكەنغۇ ما شېئىرلىرىڭىز  ئېسىل.............  قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىز ھارمىغاي شېئىرلىرىڭىزنىڭ داۋامى بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ...........

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

پەقەت ئاپئاق كۆڭۈلنىڭ دوستمەن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 1242
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 62076
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2948 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋىجدان كەپتىرى كەتمە يىراقلاپ،
قەدرلىك ھەقىقەتكە بولساڭمۇ زار.
بىرقولدىن كەتسەڭمۇ ئۈچۈپ،
ئىگىمىز ھەرگىزمۇ قىلمايدۇ خار،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش