باشلىق كەپتۇ
ئەسكەرتىش ؛پەقەت شەخىسنىڭ خاھىشى بويىچە يېزىلدى، قالايمىقان ئىنكاس يازماڭ
يىغىن زالى شۇنچىلىق جىمجىتلىققا چۆمگەن ، مەكتەپ مۇدىرى باشلىق ھەممە ئۇقۇتقۇچىلار خۇددى بىر نەرسىدىن قورققاندەك بىر- بىرسىدىن خۇدۇكسىرەيتى، نېمىلەرنىدۇر دېيىشىپ كۇسۇرلىشاتتى، بولۇپمۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ چىرايى تامدەك تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ تېخى تۈنۈگۈنكى ئۇقۇتقۇچىلار ئالدىدىكى مەغرۇرانە قىياپىتىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.
-نېمە بولغاندۇ؟
-ئاڭلىسام تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر مەكتەپ خىزمىتىنى لاياقەتسىز قىلىپ باھالاپتىمىش.
-توۋا دەڭلار،ھەر يىلى ئالدىنقى ئورۇننى قولدىن بەرمەي كېلىۋاتىمىزغۇ؟
-ھېلىمۇ ، نەچچە ھەپتىلەپ پالاقشىپ كەتتۇق ، چۇقۇم باشقا بىر ئىش بولغان چېغى .
....خەپشۈك، خەپشۈك!
كىشىلەر بىر نېمىلەرنى دېيىشىپ يەنە جممىدە بولۇپ قالدى ، ھەممىنىڭ كۆزى ئىشىك بۇسۇغىسىدا ئىدى، ئۇلار گەرچە ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەپتىن بۇ يەرگە يىغىلغانلىقىنى بىلمىسىمۇ لېكىن ئۆزىدىن بىر قاتلام يۇقىرى تۇرىدىغان رەھبەرنىڭ دېگىنىنى قىلىپ كۆنۈپ كەتكەن ، مانا يېرىم سەئەتچە بولۇپ قالدى ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئىككى كىشلىك ئورۇن تېخىچە قۇرۇق ، ئۆزىنى مەكتەپنىڭ خوجىدارى دەپ بىلگەن مۇدىرنىڭ بۈگۈن قوينىڭ قوزىسىدەك يۇۋاشلىشىپ قالغىنىنى كۆرمەمدىغان، مۇدىرمۇ ناگان-ناگاندا ئىشك تەرەپكە قاراپ قوياتتى....
مۇدىر شۇنىڭغا ھەيران ئىدى، تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر زادى نېمىشقا رەنجىپ قالدىكىنە ، مەكتەپ خزمەت دوكلاتىدىن رازى بولمىدىمۇ يا، مەكتەپنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى سۈپەت كۆرسەتكۈچلىرى ...بۇلاردىن چاتاق چىقىشى پەقەتلا مۇمكىن ئەمەس ، چۈنكى بۇ مەكتەپ ھەر يىلى تەكشۈرۈش جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن، بۇ قېتىمممۇ چۇقۇم ئالدىنقى ئۇرۇنغا چىقىمىز دەپ ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا تېخىمۇ پۇختا تەييارلىق قىلغان ئىدى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاپاسىنى دېمەيلا قۇياي ، ھەتتا ئۇقۇتقۇچىلارمۇ پاتپاراق بولۇپ كېتىشكەنىدى، مەكتەپ يېڭىچە تۈسكە كىرگەن ، پەقەت قوپارغان خىشلىرى بىلەن چاپلىغان كاھىشلىرىلا ئۆزىنىڭ كونىلىقىدىن بىشارەت بېرىپ تۇرمىسا باشقا ھەممە يېڭىلانغان، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نېمىشقا ؟گادىرماچ خىياللار بىلەن بېشى قاتقان مۇدىر ئۆزىمۇ ئۇقماي مۈگىدەپ قالدى،كىشىلەر بۇ مۈگىدەشتىن پۇرسەت ئوغرىلاپ يەنە كۇسۇر-كۇسۇر پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى .بايا مۇدىردىن ئەيمىنىپ ئازادە نەپەس ئېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان مۇئەللىملەر ئەمدى ئىشەك بازىرىدا سودا قىلىشىۋاتقان خېرىدارلاردەك ئۈنلۈك پاراڭلىشىشقا چۈشكەنىدى ، ھەممە ئۆزىنى ئۇنۇتقان ئۇلارنىڭ كۈلكىلىرىمۇ شۇنچىلىك تەبىئىي، قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ئەيتاۋۇر ، ئىشىك قىيا ئېچىلىپ بىر سىما كۈلگەن پېتى يىغىن زالىغا كىرىپ كەلدى ، بىراق ھەممە ئۆز پاراڭلىرى بىلەن مەشغۇل ، توساتتىن مۇدىرنىڭ جۆيلىگەن ئاۋازى بۇ ئازادە كەيپىياتنى بۇزىۋەتتى،
-ياخشى تەييارلىق قىلىڭلار!
مىكروفۇندىن چىققان بۇ جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن ھەممە مۇئەللىملەر سەگەكلەشتى بولغاي ، شاپپىدە پاراڭلىرىنى توختاتتى، مۇدىرمۇ بېشىنى لىككىدە كۆتۈرۈپ يېنىدا ئولتۇرغان كىشىگە قاراپ چۆچۈگىنىچە يەنە جايىدا مۇككىدە ئولتۇرۇپ قالدى دە، دەقىقە ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن يەنە قايتا سالماقلىق بىلەن ئوتنىدىن تۇرۇپ بۇ كىشىنى تۇنۇشتۇرۇشقا باشلىدى.
-بۇكىشى ، مەكتىپىمىزگە تەكشۈرۈشكە كەلگەن رەھبەر بولىدۇ ، قېنى قىزغىن قارشى ....
مۇئەللىملەرنىڭ ھەممىسى ھەيران قېلىشتى ، توۋا دەيتى بەزەنلىرى
-باياتىن بېرى ئۆز ئىشىمىز بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈرىۋېرىپتىمىز دېسە،
-مەن تېخى يېڭى مۇئەللىم ئوخشايدۇ دەپ ، كىرگىنىگە ئانچە پەرۋامۇ قىلماپتىمەن .
-ھەقاچان بىزنى مەدەنىيەتسىز ، تومپاي كۆرۈپ قالدى بۇ باشلىق .
كىملەرنىڭدۇر ئىما قىلىشى بىلەن كوتۇلداۋاتقانلارنىڭ ئېغىزى شاپپىدە توختىدى ، ئانغىچە مۇدىر گېلىنى قاتتىق بىر قىزغىنىچە يېنىدا ئولتۇرغان كىشىنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى .
-ياخشىمۇ سىلەرئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار، قېنى باياتىنقىدەك ئەركىن پاراڭلىشىۋېرىڭلار ، نېمە شۈكلەپ كەتتىڭلار؟
باشقىلار بۇ كىشىنىڭ گېپىدىن سەل تەئەججۇپلىنىپ بىر بىرسىگە قاراشتى .ئۇ كىشى گېپىنى داۋام قىلىۋاتاتتى.
-بۇ تۈرمە ئەمەسقۇ ؟ ئەركىن پىكىر يۈرگۈزۈش سورۇنى ، شۇنداق بولغانىكەن يەنە نېمىگە جىمىپ كەتتىڭلار..
ئوقۇتقۇچى خانىملار رائىس سەھنىسىدە تۇرۇپ سۆزلەۋاتقان كىشىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ گاڭگىراشقان ھالدا بىر-بىرىگە ئەيمىنىپ قارىشاتتى .ئەزەلدىن بىرە باشلىقنىڭ بۇنداق سىلىق ، يېقىشلىق سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ قەلبىدە بۇ باشلىققا بولغان بىر خىل ھۆرمەت تۇيغۇسى شەكىللەندى .ئەجەپ...باشلىقكىنا بۇ دەپ قېلىشتى بەزى رەھبەرلەر ياقىسىنى چىشلەشكە ئاران ئۈلگۈرۈپ .
توساتتتىن بىرىنىڭ يېنىدىكى يانفۇن سايراپ كەتتى ، يىغىن زالىدىكى ھەممە كىشىنىڭ كۆزى شۇ كىشىگە تىكىلگەنىدى ، يانفۇن ئىگىسىمۇ قاتتىق جىددىيلىشىپ كەتكەن بولسا كېرەك ، ئالدىراشچىلىقتا تېلفۇننى ئېتىۋېتىشكە ئۇرۇندى بولغاي ئېھتىياتسىزلىقتىن قولىدىكى تېلفۇن يەرگە چۈشۈپ كەتتى ، تېلفۇننىڭ تاراققىدە يەرگە چۈشىشى بىلەن تېلفۇن پەشتاقتىن بىر تاقلاپ-ئىككى تاقلاپ ئۇدۇل ھېلىقى رەھبەرنىڭ لېكسىيە ئۈستىلىگە ئۈسۈپ توختىدى . تېلفۇننىڭ سايراپ كېتىشىدىن قاقاقلاپ كۈلگەن كىشىلەر ئەمدىلىكتە بولسا قانداق ئاقىۋەتنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولغاندەك ئۈن-تىنسىز بولۇپ قېلىشقانىدى .تېلفۇندىن چىققىنى قانداقتۇر بىر مۇزىكا قوڭغىرىقى بولماستىن بەلكى باشلىقتىن ئاغرىنىپ دەت ئەلىمىنى تۆكۈش ئۈچۈن بەزى بىر باشلىقلارغا دتلاش ئۈچۈن يېزىلغان باشلىق كېلىدۇ دېگەن ناخشىنىڭ باشلىنىش مۇزىكىسى ئىدى ، ئەمدىلىكتە ناخشىنىڭ باشلىنىش قىسىمىغا كەلگەنىدى .
جىمى پۇقرا يۇيۇپ تارانسۇن باشلىق كېلىدۇ....
....................................................
بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىكى قىسقىغىنە سايرىغان يانفۇن مۇزىكىسى ئاراقىلا سايراپ توختاپ قالدى ، شۇ تاپتا ھەممىنىڭ كۆزى يەردىكى شۇ تېلفۇندا ئىدى .ھىچكىم يەردىكى تىلفۇننى ئېلىشقا پېتىنالمايتى ، ھەتتا تېلفۇننىڭ ئىگىسىمۇ پۇتى كۆيگەن تۇخۇدەك قىلىدىغان قىلىق تاپالماي قالغانىدى .بىردەملىك سۈكۈتتىن كېيىن باشلىق ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ پەسكە چۈشكىنىچە تېلفۇننى قولىغا ئېلىپ شۇ جايىدا تۇرۇپلا سۆزلەشكە باشلىدى .
-ياخشىمۇ سىلەر ،ھەجەپ ئېسىل ،نېمىدېگەن ياخشى ناخشا ئىدى بۇ ،ئېسىت ، لېكىن تۇللۇق چىقماي قويدىدە ، قايسىڭلاردا بار قايتىدىن قويايلى بۇ ناخشىنى .
باشلىقنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كىشىلەر قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىشكەنىدى .
- تەنە قىلمىدىم ، مەن ئامراق ناخشىلەرنىڭ بىرى بۇ ، بۇ ناخشىدىن پۇقرالارنىڭ باشلىق ئالدىدىكى ھەقىقىي قەلبىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ ،بەلكىم ئۇ ئاكىمىزنىڭ بۇ ناخشىنى تېلفۇن مۇزىكىسى قىلىپ قويغىنىدا باشقىچە سەۋەبىمۇ باردۇ، مېنىڭچە بۇ ناخشىنى ھەممىڭلار بۇرۇنمۇ نەچچە ئاڭلاپ كەتكەنسىلەر ، لېكىن ھەممىڭلار بۇ ناخشىنىڭ قىممىتى توغرىسىدا ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ، لېكىن مەن بۇ ناخشىنى ئاڭلىغان چېغىمدا شۇنداق بىر قارشنى بىلىپ يەتكەن ، يەنى شۇ كۈندىن باشلاپ باشلىق دېگەن قانداق گەپ دېگەننى ئېنىق چۈشەنگەندەك قىلغان ، ھەممىڭلار ئويلىشىڭلار مۇمكىن باشلىق دېگەن ھەممىنى باشقۇرىدۇ ، ھۆكۈمى ئەڭ ئىتتىك ،شۇنداقلا ئەڭ ئەركىن ئادەم دەپ، توغرا مەنمۇ مۇشۇ باشلىقلىق ئورنىغا ئىنتىلگىچە شۇنداق خىيالدا بولغان ،لېكىن، لېكىن مۇشۇ ناخشا مېنى قايتا ئويغاتتى، مېنىڭ قارىشىم باشلىق دېگەن باشتا لىق دېگەن گەپ ،ئۇنداقتا باشتا نېمە لىق ؟ بۇ ھەممە باشلىق ۋە باشلىق بولغۇسى بار كىشىلىرىمىز ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە ، بۇ سىز باشلىق بولسىڭىز سىزگە كەلگەن مەسئۇلىيەتنىڭ مۇنداقچە ئېيىتقاندا سىزگە بولغان بېسىمنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، باشتا نېمە لىق ؟ كىملەر دېيەلەيدۇ، ئەتراپىمىزغا قارىساق نۇررغۇن باشلىقلار ئۆزىنىڭ نۇپۇزىدىن پايدىلىنىپ خەلىقنى ئەزمەكتە ، ئۇلار شۇ نۇقتىنى ئۇنتۇپ قالغانكى ئۇلار بۇ باشلىق دېگەن نامنى دەل بىزدەك باشلىقلارغا بەرگۈچى خالىس كىشى،پۇقرالار بېشىدا تېخىمۇ جىق بېسىمنىڭ بولىشىنى خالىمىغاچقا باشلىق دېگەن نامنى بىزدەكلەرگە ئىشىنىپ تاپشۇرغان لېكىن بىزچۇ ؟بپۇقرالار ئۈچۈن نېمە قىلىشىپ بەردۇق، ئەكىسچە بەزەنلىرىمىز ئۇلارنىڭ بېسىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋەتتۇق،ئەمدى سىلەردە باشلىق بولۇش ئالدىدا تۇرغان كىشىلەرنىڭ ھالىچۇ ، مانا بۈگۈنكى تەكشۈرۈشتىنلا بۇنى ئېنىق ھىس قىلىۋالغىلى بولىدۇ.
بولدى بەز گېپىمىزنىڭ مەزمۇنى بۈگۈنكى يىغىن تېمىسىدىن سەل چەتنەپ كەتتى كەچۈرۈڭلار .
باشلىق شۇنداق دېگىنىچە تېلفۇننى ئىگىسىنىڭ ئېلىۋېلىشىغا ئىشارەت قىلدى . تېلفۇنىنىڭ سايراسقا مۇناسىپ بولمىغان مۇزىكىنى سايرىتىپ قالغىنىدىن تەشۋىشلەنگەن كىشى ئوڭايسىزلانغىنىچە ئاستا بېرىپ تېلفۇننى ئالغىنىچە يېنىغا بېرىپ ئولتۇردى، كىشىلەر تېخىمۇ ئەجەپلىنەرلىك ھىسيات بىلەن باشلىققا قاراپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قېلىشقانىدى.بىرەمدىن كىيىن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئاۋازى مەيدانننىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزدى .
-قېنى ھۆرمەتلىك ئۇقۇتقۇچى ،ئىشچى خىزمەتچىلەر نۆۋەتتە بىر يۇقىرىىن تەشۈرۈشكە كەلگەن رەھبەرنىڭ بۈگۈنكى تەكشۈرۈشتىن خۇلاسىلىگەن قىسقىچە گېپىنى ئاڭلاپ باقايلى ، قېنى ...
گۇلدۈراس چاۋاك ئاۋازى بىلەن باشلىق ئاستا ئورنىدىن تۇردى ۋە كىشىلەرنى ئاستا پەسلەپ قېلىشقا دەۋەت قىلىپ گېلىنى قىرغىنىچە سۆزىنى باشلاشقا كىرىشتى .
ئەسسالام ھۆرمەتلىك ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر ، بۈگۈن مائارىپ نازىرىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە سىلەرنىڭ مەكتەپنى ئۇقۇ -ئۇقۇتۇش ئىشلىرىنى تەكشۈرگىلى كەلدىم ، ئاڭلىشىمچە بۇ مەكتەپ نەچچە يىلاردىن بۇيان شەھىرىمىز بۇيىچە ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش سېپىدىكى ئىلغار مەكتەپ بولۇۋېتىپتۇ ، شۇنداق بولغاچقىلا مەن يۇقىرىغا دەپ مۇشۇ مەكتەپنى بىر تەكشۈرۈپ باقمايمەنمۇ دېگەن نىيەت بىلەن سىلەرگە ئۈچ كۈن ئاۋال خەۋەر قىلىپ قۇيۇپ مانا بۈگۈن تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەرنى باشلاپ مەكتىپىڭلارغا كېلشىم، ئەمدى مەن نېمە ئۈچۈن ئۈچ كۈن ئاۋال تەكشۈرۈپ كېلىمەن ،بۇنىسىمۇ ماڭا نامەلۇم ، ئەلۋەتتە مەنمۇ يۇقىرىدىكىلەرنىڭ يوليۇرۇقى بۇيىچە ئىش قىلمىسام بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل تەكشۈرۈش ھازىر ھەممە مەكتەپلەردىكى ئومۇملاشتۇرۇلغان ئىش بولۇپ قالدى ، شۇڭا مەنمۇ ئامالسىز سىلەرگە ئۈچ كۈن مۆھلەت بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدىم ، خۇدايىم بۇيرىسا ئۇشتۇمتۇتلا تەكشۈرگىلى كېلىدىغان تەكشۈرۈش گۇرۇپىسى، مائارىپ نازارىتى ، ۋە مەكتەپلەردىمۇ ئومۇملىشىپ قالار، خوش، راست گەپنى قىلسام مەن سىلەرنىڭ بۇ ئۈچ كۈننى ئۆزىگە بېرىلگەن پۇرسەت دەپ قارايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن بۈگۈنكى تەكشۈرۈش مېنى راستىنلا بىئارام قىلدى .كىرىپلا كۆزۈم چۈشكىنى مەكتەپنىڭ مەيدانى بولدى ، شۇنچىلىك پاكىز ، بىر خىل روھىم كۆتۈرۈلۈپ قالغاندەك ھىس قىلدىم ، ھايال ئۆتمەيلا قوڭغۇراق چېلىندى ، مەن تېخى دەرستىن چۈشۈش قوڭغىرىقى دەپ ئويلاپ بىر مۇئەللىمنىڭ يىتەكلىشى بىلەن ئۇقۇتۇش بىناسىغا كىرىپ كەتتىم ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىدا تۇرۇپ دېرىزىدىن شۇنچە قارىغان بولساممۇ لېكىن مەيداندا نە بىر بالىنىڭ سىماسى يوق ، شۇئانلا سائىتىمگە قارىسام ...مانا بۇنى قانداق چۈشىنەي ، بالىلارنىڭ ئۇقۇش بىلەن ئارام ئېلشى مۇۋاپىق بولمىسا ، يەنە قانداقمۇ مائارىپنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولسۇن .مەيدان تاكى ھازىرغىچە شۇنچە پاكىز ، قارىغاندا بالىلار 10مىنۇتلۇق تەنەپۇسنىڭ نېمىلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك ، قېنى مەيداندىكى بالىلارنىڭ پۇتىدىن چۈشكەن قۇڭۇر رەڭ توپىلار ، قېنى مەيداندىكى شوخ قىلىقلار ، سىلەر ئۇقۇغۇچىلارغا دورا ئىچكۈزگەندەك مېنىڭ كېلىدىغانلىقىمنى ئىچكۈزىۋەتتىڭلارمۇ ئەيتاۋۇر ، تېخى بايا بىر نەچچە ئۇقۇغۇچى كارىدورا شۇنداق خوشال قىيغىشىپ ئويناپ كېتىپتىكەن ، مېنىڭ كەلگەنلىىكىمنى كۆرۈپلا باشلىق كەپتۇ دەپ پىچىرلىغىنىچە ئاستا غايىپ بولدى، بەلكىم سىلەر مېنىڭ نېمىشقا مەكتەپنىڭ ئۇقۇتۇش خىزمەتلىرى بىلەن ئەمەس بەلكى بالىلارنىڭ كىچىككىنە ئىشى بىلەن قالغانلىقىمدىن ئەجەپلىنىپ قالغانسىلەر ، لېكىن شۇنى بىلىپ قۇيۇڭلار بۇ مەكتەپ ، ھەرگىزمۇ تۈرمە ئەمەس، ئەركىن ئۇقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بىرەلمىسەڭلار يەنە سىلەرنىڭ ئۇقۇتۇشۇڭلاردىن سۆز ئاچقىلى بولامدۇ ؟ سۆزلەي دېسەم بۇ ئىنچىكە ئىشلار بەك كۆپ ، شۇڭا بۈگۈنكى يىغىنىمنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچە خۇلاسە قىلىۋەتسەم تەكشۈرۈش نەتىجىسى يەنى سىلەرنىڭ مەكتىپىڭلارغا قويغان نۇمۇر نۆل ، بەلكىم كىلەر قېتىم يەنە كېلىشىم مۇمكىن لېكىن ئۇ قېتىم چاندۇرماستىن كېلىمەن، سۆزۈم تامام .
باشلىق شۇنداق دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇشقا باشلىدى، كىشىلەر ھاڭۋېقىپ نېمە قىلشىنى بىلەللەلمەي قېلىشقانىدى ، شۇ شۇ تاپتا ئۇلارنىڭ شۇنداق دېگۈسى كېلەتتى .
-باشلىق كەپتۇ، باشلىق كەپتۇ .
مەنبەسى: ئەپچىلەم