شۈكرى دېدىم قايتا-قايتىلاپ
ئۇھ،بۈگۈن دەم ئېلىش
پەقەت بەش مىنۇتلا
بەش مىنۇتلا ئۇخلىۋالاي
دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بەرگەندەك،
كېتىپتىمەن تاتلىق ئۇيقۇغا،
كىرىپتىمەن چۈشلەر قوينىغا،
غەم ئەندىشەم ئۇچۇپ كەتكەندەك.
تۇيۇقسىز تەۋرەپ كەتتى
كارىۋات
ئىشىك
دېرىزە
غاراس-غۇرۇسلاپ،
داراق-دۇرۇقلاپ،
خۇددى ئورنۇڭدىن تېز تۇر دىگەندەك.
كۆتۈرۈلۈپ چۇقان
ئېتىلىپ چىقتۇق ياتاق سىرتىغا،
ئىشىكلەردىن قىستىشىپ،
دېرىزىدىن سەكرىشىپ.
شۈكرى دېدىم ئىچىمدە،
ئامان-ئېسەن تۇرغانغا.
يەر تەۋرىدى،
تەۋرىدى بەلكىم
كۆتۈرەلمەي گۇناھىمىزنى.
بۈگۈنگە قەدەر
تۇرۇپ-تۇرۇپ سىلكەر ئۆزىنى.
يەنە شۈكرى دېدىم
جېنىم تەندە تۇرغانغا.
يەر يۇتتى نۇرغۇن كىشىنى،
بۇندىن بۇرۇنمۇ يۇتقان ئىدى.
بەزىنى ئۆلگەندە
بەزىلەرنى تىرىكلا پېتى.
ئىز-دېرەكسىز كەتتى بەزىلەر،
كەتكەندۇر بەلكىم قارۇندەك.
نەچچە ئاي بۇرۇنلا تېخى
ئاسماندىن تاش چۈشكەن ئىدى،
تېخىمۇ بۇرۇن
لۇت قەۋمىگە تاش ياغقان ئىدى.
دەۋەتتە ئىدى لۇت قەۋمىگە
بىراق قەۋمى ناشايان ئىدى.
بەلكىم ئوخشاشتۇر ھازىرقى بىزگە،
بىز مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ
ئۇسسۇل-تانسا بىلەن
ھاراق-رومكا بىلەن
ئۆتكۈزىمىز ئىككى ھېيتنى.
تاش ياغدۇرۇلغان قەۋم
دۈم كۆمتۈرۈلگەن شەھەر
سۇ ئېتىلغان تونۇر
ھەممىسى
ئىبرەت ئىدى ئىبرەت.
بىراق يەنە باسماقتا،
ئىمانى سۇس بىزلەرنى غەپلەت.
بىزلەر ساق،
ھەممىمىز ساق،
ھەمراھ بولغاچقا ھىممەت ھەم رەھمەت،
بەلكىم بولغاچقا پەرقلىق ئۈممەت.
يۈز بەرمەكتە ئارقا-ئارقىدىن،
خۇددى بىزنى ئويغان دىگەندەك.
دەپ بولغان ئىدى
1400يىل بۇرۇن
ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ
بىلىندى ماڭا
ھازىرغىچە دەۋاتقاندەك.
شۈكرى دېدىم قايتا-قايتىلاپ،
ئىمانىمنى بەرگەچكە ساقلاپ.
تېنىمنى ھەم سالامەت قىلغان،
ئاللاھىمنى توختىماي يادلاپ.
22-ئاپرېل،چېڭدۇ