بىسمىللاھىرەھمانىرەھىم-ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن!
-اﷲ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ(يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت قىلىدۇ، شەنىنى ئۇلۇغ قىلىدۇ، دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ)، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن (پەيغەمبەرگە) مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار (چۈنكى رەسۇلۇللا نىڭ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەققى چوڭدۇر، ئۇ سىلەرنى گۇمراھلىقتىن
ھىدايەتكە، زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا چىقارغۇچىدۇر) ---33-سۈرە ئەھزاپ 56-ئايەت
-
سىلەرگە-اﷲ نى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە اﷲ نى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگەـ رەسۇلۇللا ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر
---33-سۈرە ئەھزاپ 21-ئايەت
-مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، لېكىن (ئۇ) اﷲ نىڭ پەيغەمبىر ى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر (اﷲ ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلىكنى ئاخىرلاشتۇرغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق پەيغەمبەر كەلمەيدۇ)، اﷲ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر (سىلەرنىڭ سۆز- ھەركىتىڭلاردىن ھېچ نەرسە اﷲ غا مەخپىي ئەمەس)---33-سۈرە ئەھزاپ 40-ئايەت
مۇھەممەت ئەلەيھىسالام-ئەڭ ئاخىرقى ،ئەڭ مۇكەممەل پۈتۈن ئىنسانىيەت،پەرىشتە ۋە جىنلارغا قىيەمەتكە قەدەر ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر.
مۇھەممەت-مەدھىيلەشكە ئەرزىيدىغان،نۇرغۇن يۈكسەك خىسلەتلەرگە ئىگە زات.
پەيغەمبەر-پارسچە سۆز بولۇپ<<خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچى>>دېگەنلىكتۇر،قۇرئاندا رەسۇل ياكى نەبى دېيىلىدۇ.
ئەلەيھىسالام-ئۇنىڭغا سالام ۋە ياخشىلىق بولسۇن.
سەللىللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم-ئاللاھتىن ئۇنىڭغا سالام ۋە ياخشىلىق بولسۇن.
رەزىيەللاھۇ ئەنھا-ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن.
مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ تۇغۇلىشى
مۇھەممەت سەللىللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم-مىلادىيە 571-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى دۈشەنبە كېچە سەئۇدىي ئەرەبىستان مەككە شەھەرىدىكى قۇرەيىش قەبىلىسىنىڭ ئەڭ مۆتىۋەر ئائىلىسى-ھاشىم جەمەتىدە دۇنياغا كەلگەن.
مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ ۋاپاتى
مۇھەممەت سەللىللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تۇلۇق ئادا قىلغاندىن كېيىن مىلادىيە 632-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى دۈشەنبە 63 يېشىدا سەئۇدىي ئەرەبىستان مەدىنە شەھەرىدىكى مەسجىدىي نەبەۋىينىڭ سول تەرىپىگە جايلاشقان
ھۇجرە شەرىپ-ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھۇجرىسىدا ۋاپات بولغان.جان ئۈزگەن يەرگە دەپنە قىلىش پەيغەمبەرلەرگە خاس خۇسۇسىيەتلەرنىڭ بىرى بولغاچقا مۇھەممەت سەللىللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى جان ئۈزگەن يەر-ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھۇجرىسىغا دەپنە قىلىنغان.مۇھەممەت سەللىللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسى ھازىرمۇ شۇ ئۇرۇندا ساقلىنىپ راۋزائى مۇتاھھارا-ئەڭ پاكىز باغچا دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.مىلادىيە 634-يىلى ئەبۇ بەكرى سىدىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا
ۋاپات بولغاندا ھۇجرا شەرىپكە-مۇھەممەت سەللىللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان.مىلادىيە 644-يىلى ئۆمەر خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋاپات بولغاندا ئۇمۇ مۇھەممەت سەللىللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان.خەلىپە ئۆمەر دەپنە قىلنغان بۇ جاينى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆزى ئۈچۈن ساقلىغان بولۇپ،ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھا سورىغانلىقتىن بېرىۋەتكەن ئىدى.مۇھەممەت سەللىللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسى مەسجىتنىڭ مۇنبىرى تەرىپىدىن بىرىنچى قەبرە بولۇپ،ئۇندىن كېيىن ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھا،ئاندىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قەبرىلىرى كېلىدۇ.