  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىزلەر : 
 
كەمىنە ئالدىراشچىلىقلار ئىچىدە كۆپ يازما يوللىيالمايۋاتقان بولساممۇ ئۈندىدار ئىشلىتىش جەريانىدا يېقىندىن بىرى ئۈندىداردا بەزى ئويۇنلارنىڭ ياشلىرىمىز ئارسىدا ئاتالمىش مودا بولۇپ كەتكىنىگە شاھىت بولۇپ تورىۋاتىمەن ، يەنى بۇ ئويۇنلار ئاساسلىقى مەن پالانچى بىلەن مۇھەببەتلەشتىم ، مەن پالانچىغا تىگىدىغان بولدۇم ، پالانچى ماڭا خوتۇن بولىدىغان بولدى دىگەندەك تۇترۇقسىزلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە كىشىنى ھۆ قىلىدىغان دەرجىدە بولۇپ كەتتى ،بۇ ئويۇننىڭ يېڭى نەشىرىگە تىرناق ئىچىگە (بۇ ئويۇن ئەمەس ، راس ) دىگەندەك ئەسكەرتىشلەر قوشۇلغاندىن كىيىن ئەسلىدىنلا ياشلىرىمىزنىڭ ئىدىلوگىيسىگە ، مۇھەببەت قارشىغا ئانچە - مۇنچە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بۇ نەرسىنىڭ رولى سەلبىي تەرەپكە كىتىۋاتىدۇ ، نەتىجىدە خۇددى ‹بۆرە كەلدى › دىگەن مەسەلدىكىدەك يېقىن دوسلىرىمىز ، ئاغىنە - بۇرادەرلەر راس سۆزلىسىمۇ ‹ ۋاي ماڭەۋاي › ‹ بۇمۇ ئويۇنمۇ ؟› دەيدىغان ، ھەتتا قىلغان راس سۆزلەرگە پەرۋا قىلمايدىغان ئەھۋال شەكىللىنىپ ئۈلگۈردى ، ئۇنىڭسىزمۇ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى خەلقىمىز نىكاھ ، مۇھەببەت دىگەننى يۈكسەك ئورۇنغا قويىدىغان ، بۇنى ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىدىغان تۇرسا ،ئاتالمىش ئويۇن سەۋەبىدىن بۇ مۇشۇنداق ئەرزانلىشىپ كەتسە تازا ئوبدان بولمامدۇ قانداق ؟ باش سۈرەت ئالماشتۇرۇش ، ئىمزا يازدۇرۇش قاتارلىقلاردىن كىيىن چىقىۋاتقان ئاتالمىش ئۈندىدار تويلىرى بارغانچە لاۋزىلىشىپ خېلى يېقىن دوسلىرىمنىمۇ قارا تىزىملىككە تىقىشقا مەجبۇر قىلدى ، ئارقىمۇ ئارقا يوللىنىۋاتقان ، ئۈندىدار دوسلۇق چەمبىرىكىگە لىققىدە توشۇپ كەتكەن توق قىلىش ، مۇھەببەتلىشىش دىگەندەپ ئاتالمىش ئويۇنلارنى كۆرۈپ سىتودىنتلىرىمىزنىڭ بەك توي قىلغۇسى كىلىپ كىتىۋاتامدۇ نىمە ‹ قىزلىرىمىزنىڭ بەك ئەرگە تەككۈسى ، يىگىتلىرىمىز بەك خوتۇن ئالغۇسى كىلىپ كىتىۋاتامدۇ نىمە دەپ ئويلاندۇرۇپمۇ قويدى ، گەپنىڭ قىسقىسى قىممەتلىك نەرسىلەرنى زورلاپ ئەرزانلاشتۇرمىساق : 
 
تۆۋەندىكىسى شۇ ئاتالمىش ئويۇنلارغا جاۋاپ ، پېقىر بىلەن ئوخشاش كۆز قاراشتىكىلەر خالىغانلار ئۈندىداردا تارقاتسا بولىدۇ . 
 
ئۈندىدار ۋە بوشلۇقلاردىكى ئاتالمىش توي قىلىش ئويۇنىغا : 
-يىگىتلەر دەيدۇ: 
ئۈندىداردا توي قىلدىم خوتۇن ئالدىم بىردەمدە  ، 
خوتۇن دىگەن ئەرزانكەن  ئۈندىداردا تور بەتتە .  
ئاجراشماقمۇ بىردەملىك ئۆچۈرۋەتسەم ئىش پۈتتى ، 
‹تىگەي › دىسە  ئالىمەن ئەتە يەنە ھۆرمەتتە  . 
 
-قىزچاقلار دەيدۇ: 
ئەرگە تەگدىم توردىلا ئۈندىداردا مەرىكە ، 
ئەرگە تەگمەك شۇنچىلىك ئىش ئىكەنغۇ ئەسلىدە، 
ئەتىسىلا تۇرىمەن كارۋىتىمدىن قىز بولۇپ .  
خوتۇن بولدۇم دىگەنگە ئىز قالامتى يۈزۈمدە ، 
 
  
 
تۇرسۇنبەگ ياسېن 
 
 
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   52arslan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-22 08:33 PM  
 
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |