شۇنداق كۈنلەر بار
مەغرۇر تاغنىڭ يىمىرلىپ قىلىشلىرى بار،
قۇياشنىڭمۇ سارغىيىپ پېتىشلىرى بار.
شۇنچە ئېسىل ياسىغان سارايلىرىڭنىڭ،
بىر كېچىدە سۇ بېسىپ كېتىشلىرى بار.
زار يىغلايسەن قاقشايسەن كىم پەرۋا قىلار،
شادلىق تۈگەپ قايغۇنىڭ كىلىشلىرى بار.
مەن-مەن دېگەن نوچىنىڭمۇ كۈنلەر بىرىدە،
قولى قىسقا سالپىيىپ قىلىشلىرى بار.
يىقىلغانغا قول بىرەر ئىنسان چىقماق تەس،
بايۋەتچىنىڭ نان تىلەپ يۈرۈشلىرى بار.
بەرگىنىنى ئىلىپ كەتسە باي غوجامنىڭمۇ
قاتتىق نان يەپ ھەم لاي سۇ ئىچىشلىرى بار.
شۇنداق كۈنلەر كەلسە ھەم ئىشەنگەن يارنىڭ،
تارتىشمايلا يۈز ئۆرۈپ كېتىشلىرى بار.
كېرىلگەننىڭ ئامەت،پۇل...بايلىقلىرىغا
بىر كۈن ھامان تاۋۇتتا يېتىشلىرى بار...
-مەلىكە
2013-يىلى4-ئاينىڭ22-كۈنى يېزىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-22 07:52 PM