ئۇيغۇردىن
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
قۇياش بولۇپ تەڭ تۆكىدۇ مېھرىنى،
ئاشىق بولۇپ ئاي سۆيىدۇ چېھرىنى.
ئۇيغۇر بىلەرئاي،قۇياشنىڭ سېھرىنى،
ھەققە تەسلىم پىكرى ھېكمەت ئۇيغۇردىن.
قۇم لېۋىدە تەكلىماكان قۇياشى،
كارۋان ئىزى _ قەدىم تارىخ سىماسى.
ئۆملۈك،بىرلىك بارچە ئۇيغۇر دۇئاسى،
يەتتە ئىقلىم مېھرى-ھىممەت ئۇيغۇردىن.
كۆيدۈرىدۇ ئۇيغۇردېگەن مۇھەببەت،
قوشماق كېلەر ئۇيغۇربىلەن مەرىپەت.
ئۇيغۇر بىلەن گۈزەل ئانا تەبىئەت،
دىل بىسيارى نان-بەرىكەت ئۇيغۇردىن!
مەزمۇت توغراق سايىسىدە شوق تارىم،
ناخشا ئېيتسام تاغ بويىدا سادايىم،
سەھنىلەردە ئۇيغۇرلۇقۇم __ ساپايىم
ئەسلى ساپا چىن پەزىلەت ئۇيغۇردىن...