مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1536|ئىنكاس: 25

سۆزى باشقا، قىلىقى باشقىلارنىڭ ئاقىۋىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1039
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3673
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 11:30:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەي دىنىي زىيالىيلار !خەلقىمىز نېمە ئۈچۈن «موللامنىڭ دىگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما» دەيدۇ ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟!
ھەزرىتى ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ ، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ : ”قىيامەت كۈنى بىر ئادەم دوزاخقا تاشلىنىدۇ، ئازابنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئۇنىڭ ئۈچەي-باغرى چىقىپ كېتىدۇ، ئۇ ئادەم خۇددى تۈگمەندە ئايلانغان ئېشەكتەك ئايلىنىدۇ، دوزاخ ئەھلى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ، ‹ ھوي پالانى! ساڭا نېمە بولدى؟ سەن ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ يامان ئىشتىن توساتتىڭغۇ ؟ › دەيدۇ . ئۇ :‹ مەن باشقىلارنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ، ئۆزۆم قىلمايتتىم، يامان ئىشتىن توسۇپ، ئۇ ئىشنى ئۆزۇم قىلاتتىم ›دەپ جاۋاب بېرىدۇ“ . (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان )
بۇ ھەدىسنى ئوقۇغاندا ئادەمنىڭ بەدىنى قورقۇنچتىن تىترەپ كىتىدۇ . كىشىلەرنى ھەقىقەتكە چاقىرىپ ، ئۇلارنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ، ناچار يامان ئىشلارنى توسۇش ئىسلام دىننىڭ 8 چوڭ ئاساسنىڭ بىرى . لېكىن كىشىلەرگە ياخشى- ياماننى بىلدۈرىدىغان ئۆلىمالار ، داموللاملار، مەخسۇملار ئۆزلىرى بىلگەن، چۈشەنگەن ھەقىقەتكە ئۆزلىرى ئەمەل قىلمىسا ، ياخشى ئىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزلىرى ئەمەل قىلمىسا ، گۈناھ-مەسىيەتلەرنى بىلىپ تۇرۇپ تەرك ئەتمىسە ، ئۇنداق كىشىلەرنىڭ سۆزلىرى باشقىلارغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ ئۆز نەپسىنى ئىسلاھ قىلمىغان ئادەم جەمئىيەتنى قانداق ئىسلاھ قىلىدۇ ؟ دىن ئوقۇغان، ياخشى- ياماننى پەرق ئىتىدىغانلار ئىلمىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاۋام خەلق ئارىسىدا ”موللامنىڭ دىگىننى قىل، قىلغىنىنى قىلما“دەپ ماقال چىققان . چۈنكى بەزى دىنىي كىشىلەرنىڭ سۆزى باشقا ، ئەمەلى باشقا ، ئۇلار قۇرئان ھەدىستىن سۆزلەيدۇ ، لېكىن قىلغان ئىشى سۆزىگە ماس كەلمەيدۇ . ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى مانا مۇشۇ ھەدىستە كۆرسىىتلگەندەك بولىدۇ .

ئى پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۆلىمالار!
ئاللاھ ئۆز سۆزىگە ئەمەل قىلمايدىغانلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ :
ئى مۆئمىنلەر ! سىلەر نېمە ئۈچۈن قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دەيسىلەر ؟ ( يەنى ئەمەلدە سىلەر قىلمايدىغان ياخشى ئىشلارنى نېمە ئۈچۈن ئاغزىڭلاردا قىلىمىز دەيسىلەر ؟) سىلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشنى (قىلىمىز) دېيشىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئۆچ (كۆرۈلىدىغان ئىشتۇر) . −سۈرە سەف، 2-3 -ئايەتلەر
بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر ئوخشاش بولمايدۇ . ئىلىمنىڭ كۆپىيىشىگە قاراپ ئەمىلى كۆپەيمىگەن كىشى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ . كىشىلەرگە ياخشىلىقنى سۆزلەپ بىرىپ ، ئۆزى ئەمەل قىلمايدىغان ئالىم ، خۇددى سۇ ساقلايدىغان، لېكىن ھىچ نەرسە ئۆسمەيدىغان شورلۇق يەرگە ئوخشايدۇ . ئىمام غەززالى كىشىلەرگە ھەقىقەتنى يەتكۈزۈپ ئۆزى ئەمەل قىلمايدىغان كىشىنى مۇنداق سۈپەتلەيدۇ :”بىلىپ تۇرۇپ ئەمەل قىلمايدىغانلار خۇددى كىشىلەرگە ئىلىم ئۆگتىپ ئۆزى بىلىمسىز قالىدىغان دەپتەرگە ، پىچاقنى ئۆتكۈر قىلىپ ئۆزى كەسمەيدىغان بىلەيگە ، كىشىلەرگە كىيىم تىكىپ ئۆزى يالىڭاچ قالىدىغان يىڭنىگە ئوخشايدۇ “ .
ئاللاھ تائالا سۆز-ھەرىكىتى بىردەك بولمىغانلارغا مۇنداق دەيدۇ :
كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزەڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟ ھالبۇكى سىلەر كىتابنى ئوقۇپ تۇرىسىلەر، چۈشەنمەمسىلەر ؟ −سۈرە بەقەرە :44-ئايەت
ھۆرمەتلىك ئۆلىمالار !
ۋەزىپىمىز ئىنتايىن ئىغىر ، ئاقىۋىتىمىز ئىنتايىن خەتەرلىك ، دىنىي ئىلىم ساھەسىگە كىرگەن ، ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولغان ، كىشىلەر ئارىسىدا ئالىم دەپ تونۇلغان ئىكەنمىز ، كىشىلەرگە قىلىدىغان نەسىھەتنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە قىلىشىمىز ، كىشىلەرگە تەۋسىيە قىلغان ياخشىلىقنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ئىجرا قىلىشىمىز، يامان ئىشلارنى ئاۋۋال ئۆزىمىز تاشلىشىمىز ، ئاندىن باشقىلارغا ۋەز نەسھەت قىلىشىمىز كېرەك .
ئىمام ئەزەمنىڭ قېشىغا بىر ئايال بالىسىنى ئېلىپ كېلىپ :” بۇ بالا تولا ئۈزۈم يەپ مېنى خاپا قىلىدۇ ، بىر نەسھەت قىلىپ قويسىلا “ دىگەنىكەن ، ئىمام ئەزەم :” ئۈچ كۈندىن كېيىن كېلىڭ ، نەسھەت قىلىپ قوياي“دەپتۇ . ھىلىقى ئايال ئۈچ كۈندىن كىيىن بالىسىنى ئېلىپ كەلگەنىكەن ، ئىمام ئەزەم بالىغا ”بالام، ئۈزۈم يېمەڭ“دەپتۇ . ئايال ئاچچىقلىنىپ: ”نەسھەتلىرى شۇنچىلىكمۇ؟ بۇ گەپنى ئۈچ كۈن ئالدىدا كەلگەندە دېسىلىرى بولمامتى “ دەپتۇ . ئىمام ئەزەم :” ئۈچ كۈن ئالدىدا مەن ئۈزۈم يېگەنىدىم ، ئۇ چاغدا بالىغا ئۈزۈم يېمەسلىك توغرىسىدا بىر كۈن سۆزلىسەممۇ تەسىر قىلماسلىقى مۇمكىن ئىدى ، ئۈچ كۈندىن بېرى مەن ئۈزۈم يېمىدىم ، ئەمدى مېنىڭ مۇشۇ بىر ئېغىز سۆزۇم بىلەن بۇ بالا ئۈزۈم يەيمەن دەپ سىزنى خاپا قىلمايدۇ“ دەپتۇ.
ئۆلىمالارنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلماسلىقى ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ تەسىر قىلماسلىقىغىلا ئەمەس، گۈناھ-مەئسيەتلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە ، جەمئىيەتنىڭ بۇزۇلۇشىغا، ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكۇملىرىنىڭ ئىجرا قىلىنماسلىقىغا سەۋەپچى بولىدۇ. چۈنكى خەلق ئۇلارنى يولباشچى دەپ قارايدۇ . يەنى ئىنسان ئاڭلىغىنىدىن كۆرگىنىگە بەكرەك ئەمەل قىلىدۇ . ئۆلىمالارنىڭ گۈناھ ئىشلارنى قىلغانلىقىنى كۆرگەن خەلق پالانى ئالىممۇ قىلىدىكەن دەپ ، گۇناھ-مەئسيەتكە سەل قارايدىغان ، ئاللاھ تائالادىن قورقمايدىغان بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئىمان، ئەخلاق ئاجىزلىشىدۇ، جەمئىيەت بۇزۇلۇشقا باشلايدۇ ، كىشىلەر چۈشكۈنلىشىدۇ . نەتىجىدە پۇتۇن جەمئىيەت ئاللاھ تائالانىڭ غەزىۋىگە ئۇچراپ، ئىككى دۇنيادا خارلىققا قالىدۇ . ئۆلىمالار تارتىدىغان جازانىڭ باشقىلارغا قارىغاندا ئېغىر بۇلۇشنىڭ سەۋەبى مۇشۇ بولسا كېرەك .
دىن ئوقۇغان ، ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن ياشلار ، كىشىلەرگە ئۇستاز بولىدىغان ئالىملار ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى، ئاندىن بالا-چاقا ، ئۇرۇق-تۇغقانلار، جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشىمىز كېرەك . چۈنكى ياخشى جەمئىيەت سالىھ كىشىلەردىن بارلىققا كىلىدۇ . ئۆز نەپسىنى ئىسلاھ قىلالمىغان كىشى باشقىلارنى ھەرگىز ئىسلاھ قىلالمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ئادەم ئىسلاھنى ئۆزىدىن باشلىشى ، نەپسىنى يامان ئىشلارىدن توسۇپ ، ياخشى ئىشلارغا كۆندۈرۈشى كېرەك . چۈنكى كىشىلەرگە سۆزلەش ، ماقالە يېزىش ، كىتاپ يېزىش ئاسان ، لېكىن ئۇ ئىشلارنى ئۆزىگە تەتبىقلاش ئىنتايىن تەس ، شۇڭا ئاۋۋال ئۆز نەپىسمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىز مۇھىمدۇر .
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :
نەپسىنى يامان ئىشلاردىن پاكلىغان ئادەم نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ ، نەپسىنى پىسقى-فۇجۇر بىلەن كەمسىتكەن (نەپسىنى يامان ئىشلارغا كۆندۈرۈپ خارلىغان) ئادەم زىيان تارتىدۇ . −سۈرە شەمەس ، 9-10 ئايەتلەر
بىز بۇ يەردە ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي دېمەكچى ئەمەس، بەلكى ئاۋۋال ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش، ئاندىن باشقىلارنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىمەكچى. چۈنكى باشقىلارنى ئىسلاھ قىلىش ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشقا باغلىق . مۇنداق بىر ھېكمەتلىك گەپ بار : بىر ئادەمنىڭ مىڭ ئادەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا قىلغان ئىشى ، مىڭ ئادەمنىڭ بىر ئادەمگە قىلغان نەسىھىتىگە تەڭ .
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىككى ئىشنى تەڭ ئېلىپ بارغانلارغا رەھمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ :
”مۆئمىن ئەرلەر ، مۆئمىن ئاياللار بىر بىرلىرى بىلەن دوستتۇر . ئۇلار كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ . يامان ئىشلاردىن توسىدۇ . نامازنى تولۇق ئادا قىلىدۇ ، زاكات بىرىدۇ . ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ . ئەنە شۇلارغا ئاللاھ رەھىم قىلىدۇ . ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىپتۇر ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر . −سۈرە تەۋبە، 71-ئايەت
ئاللاھ تائالا ھۇد ئەلەيھىسالامنىڭ سۆزىنى ھېكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ :
مەن سىلەرنى بىر ئىشتىن مەنئىي قىلىپ ، ئۇنى ئۆزۇم قىلماقچى ئەمەسمەن ، مەن پەقەت كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئىسلاھ قىلىشنىلا خالايمەن. مېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىم پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن بولىدۇ. ھەممە ئىشتا ئاللاھقا تايىنىمەن ۋە ئاللاھقا يۈزلىنىمەن . −سۈرە ھۇد، 88- ئايەت
ئاللاھ تائالادىن بىزنى سۆزىمىز ۋە ئىشىمىز بىردەك بولغان ۋە ئاللاھ تائالادىن قورقىدىغان كىشىلەردىن قىلىشنى تىلەيمىز. يۇقىرىقى ھەدىستە دېيىلگەندەك ھالغا چۈشۈپ قىلىشتىن پاناھ تىلەيمىز،- ئامىن!



مەنبە:ئەرتۈرك بىلوگى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاردا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-22 11:33 AM  


ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH

مېرۇل مەرگەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 878
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 130
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 550 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 12:04:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما، ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن دوستۇم ، تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت.......

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23269
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3203 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 12:10:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن قېرىندىشىم .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90866
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 460
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2013-1-30
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 12:12:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38839
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3707
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 545 سائەت
تىزىم: 2011-4-26
ئاخىرقى: 2013-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 12:40:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك  تىمىڭىزغا   رەھمەت قېرىندىشىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91323
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 321 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 01:05:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،  بەكمۇ  ئىسىل  تىما يوللاپسىز، ئاللاھ  سىزگە رەھمەت قىلسۇن! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە  ياخشىلارنىڭ قاتارىدا قىلسۇن!
ئاللاھ  بىزلەرنى  دورامچىلىقتىن ساقلىسۇن،  ھەممىمىزگە  مۇستەھكەم  ئىمان ئاتا قىلسۇن!

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94066
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 222
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2013-3-29
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 01:05:41 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86400
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 144
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-10-23
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 01:24:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر يولدىكى ئەمەس.
باشقىلارغا قارىغاندا يولىمىزغا سەل يېقىنراق دىيىش كېرەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89660
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 87
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2013-1-6
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 01:26:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dimukrat يوللىغان ۋاقتى  2013-4-22 01:05 PM
بۇددىسلارغا قارىغاندا يەھۇدى خىرىستىيانلار بىز بىلەن  ...

بىز بىلەن ئەمەس ،سىز بىلەن بىر يولدا ئوخشايدۇ .


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93013
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 249
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 01:31:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس دىدڭىز بىز بىلەن بىر يۇلدا ئەمەس سىز بىلەن بىر يۇلدا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش