ئوت كۆيىدۇ غېرىبلىقىمدا
مەن بىر ئوۋچى تەلىيى قاچقان،
ئايدىڭدىكى تەنھا كىيىك سەن.
قاپقان قۇرسام ئۆزۈملا چۈشەي،
كۆرەلمىسۇن چەنلىگەن مەرگەن.
سەن بىر تۇپ گۈل ئەڭ ئېگىزدىكى،
تىمتاس دېڭىز قارا كېچىلەر.
سۇ دولقۇنلاپ نەپەس ئالمايدۇ،
گۈل تۇتقانچە كۆيىدۇ سەھەر.
تاغدىن كەلدى كۆيگەن سادالار،
سىرغىپ كىردى تەن-تەنلىرىمگە.
ئېقىنىڭغا سوزۇلۇپ بارار،
قىپيالىڭاچ بىر دەريا مەندە.
يۈرىكىمدە ياپيېشىل ئارمان،
ئايلانماقتا چوغقا ، قوقاسقا.
ئالتۇن رەڭگە كىردى يۇلتۇزلار،
جىمجتلىقىم ئېغىر ئۇيقۇدا.
ۋاقىت ۋەيران قىلغان سايلىقتا،
تاتلىق ئۇيقۇ ئۇخلار تاشلاردا.
چۈش كۆرىدۇ ئۆلۈم تېنىمدە،
ئوت كۆيىدۇ ئەگىم قاشلاردا.
يېشىللىقنى چاقىردىم قېنى،
يارىلانغان سۇسلىغان تىلدا.
ھىسلىرىمدا چايان كۆشەيدۇ،
ئوت كۆيىدۇ غېرىبلىقىمدا.
سۇغا قاراپ ئۇسسىغان قۇملۇق،
ۋاقىرايدۇ ئېرىقنى بويلاپ.
سۆيگۈ بېرىپ يۇلغۇن، توغراققا،
دۇرت ئوقۇيدۇ ئاسمانغا قاراپ.
غېرىبلىقى يالغۇز دەرەخنىڭ،
يىغلار ئۆكسۈپ تەنھالىقىمدا.
ئوت تۇتاشقان ئەگىم قاشلىرىڭ،
يۈرىكىمدە يالقۇنجىماقتا.
ئورمىنىنى سېغىنغان قۇشلار،
(قۇشلىرىنى سېغىنغان ئورمان.)
يېشىللىققا يانداشقان ئۈنۈم،
سۇغا قاراپ كۈلەر باياۋان...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-22 11:52 AM