مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 183|ئىنكاس: 2

ئويغاق ھېسلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19425
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6142
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 03:15:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەلەم

ئاداۋەت  ئۇرقىنى چاچمىسۇن قەلەم  ،
سەۋەنلىكنى  ئاچمىسۇن  قەلەم    .
نۆۋىتى  كەلسە  ئاداۋەت  ئۈچۇن ،
ئۆزگىگە  تاش  ئاتمىسۇن  قەلەم .

ۋىجدانلارنى  ساتمىسۇن   قەلەم ،
يالغانلارنى  قاتمىسۇن   قەلەم  .
ئاتلانسۇن  ئۇ  ۋەتىنىم  ئۈچۇن ،
غەمسىز   ئۇخلاپ  ياتمىسۇن قەلەم.

ھەقىقەتنى  سۆزلىسۇن  قەلەم ،
ھەم  خەلىقنى  كۆزلىسۇن قەلەم.
تارىخلاردىن  ئىزلار  قالدۇرۇپ،
مەڭگۈلۈككە  گۈللىسۇن  قەلەم .

ھىدايەتتە  گۈللىسۇن   قەلەم ،
يەنە  كۆپلەپ تۆللىسۇن قەلەم.
ئىلىم -پەننى  ئەلگە  تونۇتۇپ،
مەڭگۈلۇككە  ئۆلمىسۇن  قەلەم.

  پىنھان   سۆيگۈ

يۈرەكتە سىر  بولۇپ قالغان مۇھەببەت،
پىنھاندا ئاشىقلىق  پىنھاندا   سۆيگۇ  .
سىر  تۇتتۇم  سۆيگۈمنى بۇ بىر ھەقىقەت،
مەڭگۈلۇك  ساقلىنار  يۈرەكتە  كۆيگۇ.


يىراقكەن  مەن  ماڭغان ۋىسال يوللىرى،
پىنھاندا  ساقلايمەن سۆيگۈمنى  ئەبەت .
سەبىيلىك ،پاكلىقىم كەتمىسۇن  ئۇزاپ ،
گۈل  بولۇپ  ئۇنگۈسى بىر كۇن  ساداقەت ،


سىر تۇتقان  نەرسىلەر مەڭگۈ  قەدىرلىك ،
شۇڭا مەن  پىنھاندا  كۆيدۇم   نىگارغا .
قەلبىمنى  چۇشەنسەڭ ،باققىن ماڭا  بىر،
يۈرەكتە  سۆزۇم  بار  ساڭا  ئېيتارغا  .


      ھەپتە  ناخشىسى

دۇشەنبىدە ياتاق تۇرمۇشى ،
مول ھوسۇنلۇق باشلىنار شۇندا.
سەيشەنبىدە ياتاق  تۇرمۇشى،
كۇلكە چاقچاق ياڭرايدۇ بۇندا.

چارشەنبىدە باشلىنار  ھىجران.
ئاتا-ئانا سېغىنىپ  ئارمان.
پەيشەنبىدە  توشۇپ قاپتۇ نان،
كىملەر بولار دەرتلەرگە  دەرمان.

جۇمە كەلسە ھالىمىز خاراپ .
پۇل بولمىغاچ تەييار چۆپ چىلاپ.
شەنبە  كەلسە  ئۈمىد ئۇچقۇنى،
يول  ئالىمىز  ئۆيلەرگە  قاراپ .

يەكشەنبىدە  ئائىلىدە  بىز ،
شادلىقىمىز  دېڭىزدەك چەكسىز.
ياتاق مېھرى بىزلەرنى چىللاپ،
قىيالماستىن  ماڭىمىز  شەرتسىز .

مېنىڭ   تىلىكىم   

سامالارغا   ئايلىنىپ كەتسەم،
مېنى خەلقىم  قۇچاقلاپ سۆيسە.
گۇلخانلارغا ئايلىنىپ  كەتسەم،
ئوتلىرىمدا  شۇ قىزلار  كۆيسە .

ئارمانلارغا ئايلىنىپ كەتسەم .
بەخىتلەرگە يار بولۇپ  ئۆتسەم.
قىزىل گۇلگە ئايلىنىپ  كەتسەم،
كېپىنەكنى  ھەر كۇنى  كۇتسەم .

يامغۇرلارغا  ئايلىىنىپ كەتسەم،
دېھقان  تاغام كۇلۇپ  شادلانسا .
قوراللارغا  ئايلىنىپ  كەتسەم ،
ۋەتەن ئۈچۈن  جەڭگە  ئاتلانسا.

ئۇستاز  قولىدا بور بولۇپ  قالسام ،
سەبىيلەرگە  تەلىملەر  بەرسەم .
گۈل باغلارغا  ئايلىنىپ  قالسام ،
گۈل -چېچەككە بەرگىلەر  تەرسەم.


-تۇرغۇن .تالىپ ئەنقارى


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87088
يازما سانى: 502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 968
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 07:09:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەپتە ناخشىسى ... ناخشا تېكىستىمۇيا ...؟

شىرئەلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92168
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 291
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش