مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1070|ئىنكاس: 9

ھەقىقى بەخىت بۇ يەردە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12101
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 406 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 11:57:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ماقالە ئاپتورى: شەيخ يۈسۈف ئەلقەرداۋى




تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇللاجان كېرەم


بۇلاق ژۇرنىلىنىڭ 2003- يىللىق 2- سانى




ھەر بىر ئادەم-يۇقىرىدا ئىدىيىۋى قاراشلىرى پىشىپ چېكىگە يەتكەن پەيلاسوپلاردىن، تۆۋەندە ئادەتتىكى ساددا كىشىلەرگىچە، تاجۇ تەخت ئىگىسى بولغان پادىشاھ، ۋەزىرلەردىن تارتىپ ئاددىي كەپىلەردە ياشايدىغان نامرات پۇقرالارغىچە ھەممەيلەن بەختلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. جاھاندا بەخت ئىزدىمەيدىغان ياكى جاپا تارتىشنى خالايدىغان بىرەر ئادەم بارلىقىنى بىلمەيمىز.

ئۇنداقتا، بەخت زادى نەدە؟

«بەخت نەدە؟» دېگەن بۇ مەسلە قەدىمدىن بۇيان كىشىلەرنى گاڭگىرتىپ كەلدى.

نۇرغۇن كىشىلەر بەخت مەۋجۇت بولمىغان يەرلەرگە بېرىپ بەخت ئىزدەپ، نەتىجىدە سۇ يوق يەردىن مەرۋايىت ئىزدىگەندەك، قۇرۇق قول قېلىپ، ھېرىپ ھالىدىن كېتىپ ئۈمىدسىزلىنىپ، ھېچنىمىگە ئىگە بولالماي پەرىشان يېنىپ كەلدى.

راست، تالاي ئەسىرلەردىن بۇيان ئىنسانىيەت رەڭگارەڭ ماددىي پاراغەت ۋە خىلمۇخىل ئارزۇلار ئۈستىدە سانسىز سىناقلارنى باشتىن كەچۈردى. لېكىن، ئۇلار ئاخىرقى ھېسابتا كىشىلىك ھاياتنىڭ بەختىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. بەزىدە ھەر قېتىملىق يېڭى بەھرىمەن بولۇش ۋە سىناپ كۆرۈشلەر ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ ئاۋارىچىلىك، ئازاب ۋە قايغۇ-ھەسرەت تېپىپ بەردى.

ماددىي تۇرمۇشنىڭ ھۇزۇرلۇق بولۇشى بەختمۇ؟

بەزىلەر ھەقىقەتەن شۇنداق دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئۇلار بەختنى بايلىقنىڭ كۆپلىكىدە، تۇرمۇشنىڭ باياشاد بولۇشىدا ۋە ئۇلاردىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشتا دەپ قارايدۇ. ئۇنداق بولسا، تۇرمۇش سەۋىيسى ناھايىتى يۇقىرى دۆلەتلەر پۇقرالىرىنى كىيىم- كېچەك، يىمەك-ئىچمەك، ئۆي-زىمىن، قاتناش ۋاستىلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئاسانلىقلار بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن تەلەپلىرىنى تولۇق قاندۇردى. لېكىن، ئۇلار نېمە ئۈچۈن داۋاملىق دەرد تۆكىدۇ، تۇرمۇشنى ھامان بەختسىز ھېس قىلىدۇ ۋە ھەمىشە ئېغىرچىلىق ۋە خاپىلىقنىڭ دەردىنى تارتىدۇ؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن يېڭى يول ئېچىپ بەخت ئىزدەيدۇ؟

ئەخلاقىي ۋە مەنىۋى قىممەت جەھەتتە ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن ئەيىبلىنىپ باقمىغان ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى روزى يۈسۈپ بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى شۇ ژۇرنالدا ئىككى پارچە ئاخبارات تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلدى. ئەسەرگە «راھەتباغدىكى ئادەملەر» دېگەندە شۋېتسىيە ئاھالىسىنى نەزەردە تۇتقانىدى. ماقالىدە شۋېتسىيىلىكلەرنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيسى ناھايىتى يۇقىرى دۆلەتتە ياشاۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا نامراتلىقتىن، قېرىپ كېتىشتىن، ئىشسىز قېلىشتىن، بالا- قازاغا ئۇچراپ قېلىشتىن قورقۇشنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، سەۋەب بۇ دۆلەتتە ھەربىر ئادەمگە كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بەختسىزلىككە ئۇچرىغاندا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭغا قەرەللىك ھالدا كۆپ ياردەم بېرىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، شۋېتسىيلىكلەرنىڭ نامراتلىق ۋە ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقتىن زارلىنىشىغا ئورۇن قالمىغانلىقى بايان قىلىنغان.

راست، شۋىتسىيىدە خەلقنىڭ دارمىتى يۇقىرى، يىللىق كىرىم كىشى بېشىغا 526 مىسىر فوندىدىن، يەنى ھەر ئايغا 43 مىسىر فوندىدىن توغرا كېلىدۇ.

شۋىتسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيسىنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيسى مۇنداق دەرىجىگە يەتكەن: دۆلەتتىكى ھەرقايسى تەبىقە كىشىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تۇرمۇش پەرقى پۈتۈنلەي دېگۈدەك تۈگىگەن. بۇ يېغىندى باجنى بېكىتىش ۋە ھەرخىل تىپتىكى سالامەتلىك ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. بۇ تەدبىرلەر باشقا دۆلەتلەردە كۆپ ئۇچرىمايدۇ.

«ھەربىر شۋېتسىيىلىك ياشاش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولىدۇ. ئاغرىپ قالغاندا قۇتقۇزۇشتىن، تۇرمۇش ئىقتىدارىدىن ئايرىلغاندا ياردەمدىن، تۇرمۇش خىراجىتىنىڭ يۇقىرىلىقى سەۋەبىدىن بېرىلىدىغان ياردەمدىن، ئۆي ئېلىشقا بېرىلىدىغان ياردەمدىن، كۆزىدىن ئايرىلىپ قالسا قۇتقۇزۇشتىن بەھرىمەن بولىدۇ... بۇ ياردەم، قۇتقۇزۇشلار بەھرىمەن بولغۇچىغا نەق پۇل بىلەن بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ- كىچىك دوختۇرخانىلار پۈتۈنلەي ھەقسىز داۋالاشنى يولغا قويىدۇ.»

«توي قىلغان ھەربىر ئايالغا دۆلەت بىر كىشىلىك ئاياللار ياردەم پۇلى بېرىدۇ. بۇنداق خىراجەت تۇغىدىغان ئاياللارنىڭ دۇختۇرخانىدا ياتقان ھەممە چىقىمىنى، تۇغۇلغان ھەربىر بۇۋاققا بېرىلىدىغان قوشۇمچە ياردەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

«ئەمگەكتە كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرگە قارشى تۇرۇش سۇغۇرتىسى بىر خىل مەجبۇرىيەت تۈزۈمى ھېسابلىنىدۇ.»

«شۋېتسىيىنىڭ ئۆسمۈرلەرگە بەرگەن ئىجتىمائىي ياردىمىنىڭ ئەھۋالىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ھەر بىر بالا 16 ياشقا كىرگۈچە ھەر يىلى 40 فوند قوشۇمچە ياردەم ئېلىپ تۇرىدۇ. سالامەتلىكىنى ئاسراشتىن ھەقسىز بەھرىمەن بولىدۇ؛ 14 ياشقا كىرگۈچە تەتىل مەزگىلىدە ھەقسىز ساياھەت قىلىدۇ.»

«ئوقۇغۇچىلار ھەربىر باسقۇچتا ھەرخىل مەكتەپلەردە تەربىيە ئالىدۇ. ئوقۇش خىراجىتى كەچۈرۈم قىلىنغاندىن باشقا، مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ فورمىسى، تاماق خىراجىتى بېرىدۇ، تىرىشىپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارغا ھەر قېتىمدا 250 فوند ئۆسۈمسىز قەرز پۇل بېرىدۇ.»

«يېڭىدىن توي قىلغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئۆي سايمانلىرىنى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن، دۆلەت تۆۋەن ئۆسۈم بىلەن 250 فوند قەرز بېرىدۇ. بۇ قەرزنى بەش يىلدا قايتۇرۇپ بولسا بولىدۇ.»

«شۋېتسىيە خەلقى دۆلەتكە تاپشۇرغان ھەرخىل باجلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى دۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىغا سەرىپ قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى سەككىز پىرسەنتىنى نەق پۇل بىلەن چىقىم قىلىدۇ. بۇنداق جىق پۇل ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خام چوتىغا، ئۇنىڭدىن قالسا مائارىپ مىنستىرلىقىنىڭ خام چوتىغا ئىشلىتىلىدۇ.»

يۇقىرىقىدەك ھەر تەرەپلىمە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتلەر بولسىمۇ، ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرى شۋېتسىيلىكلەرنىڭ تۇرمۇشتا خاتىرجەم ئەمەسلىكىنى، ھەر قاچان، ھەر جايدا ئاۋارىچىلىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى، جىددىيلىك ۋە ئېغىرچىلىق ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىنى، شۇڭا كىشىلەرنىڭ نارازى بولۇپ، ئۈمىدسىزلىنىپ يۈرگەنلىكى، نەتىجىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈۋېلىش ( بۇ ياشاش رايى قايتقان ئونمىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئۇچرىغان ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قوللىنىپ ئادەتلەنگەن ئۇسۇلى ) ئارقىلىق ئازابلىق ۋە بەختسىز كىشىلىك ھاياتتىن قۇتۇلماقچى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرى ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇ بەختسىز ۋەقەلەرنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان سىر تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئېتىقادنىڭ كەملىكى ۋە چۈشۈپ قېلىش تۇيغۇسىدىن ئىبارەت.»

ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ئەڭ باي دۆلەت. ئۇنىڭ كۆككە يەتكەن بىنالىرى، ئالەم كېمىلىرى بار؛ ئالتۇن-كۈمۈش ھەر تەرەپتىن بۇ دۆلەتكە كىرىپ تۇرىدۇ. لېكىن، بۇنداق بايلىق ئامېرىكا خەلقىگە ھەقىقىي بەخت بېرەلمىدى. ئامېرىكىلىق بىر مۇتەپەككۇرنىڭ: «نيۇ-يورىك شەھىرىنى تۇرمۇش پاجىئەسى ۋە بەختسىزلىكىنى بېزەپ تۇرغان چىريلىق سايىۋەن» دېگىنىنى ئاڭلىغانىدۇق.

ئەمەلىيەتتە مەيلى شەرقلىقلەر ياكى غەربلىكلەر بولسۇن، يىراقنى كۆزلەيدىغانلىكى ئادەم ئامېرىكىلىقلارنىڭ پاجىئەلىك ۋە بەختسىز ئەھۋالىنى ئېنىق كۆزىتەلەيدۇ. مەسلەن، شەرقنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى سەييىد قۇتۇبنىڭ « مەن كۆرگەن ئامېرىكا» ناملىق كىتابىدا بۇ مەسىلە ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغان؛ غەرب ئالىملىرىدىن فرانسىيلىك ئايال ئەدىب فرانسىۋا زېسار جىننى نيۇ-يورىكنى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلىپ، دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن كىتاب يېزىپ، تەسىراتىنى بايان قىلغان. ئۇ كىتابتا مۇنداق بىر ئابزاس سۆز بار:«نيۇ-يورىك ئامېرىكىلىقلارنى بېسىپ تۇرغان ئېغىر يۈك بولۇپ قاپتۇ. بۇ شەھەرنىڭ يۈرىكىنىڭ سوقۇش سۈرئىتى ئاھالىسىنىڭ يۈرىكىنىڭ سوقۇشىدىن تېخىمۇ قاتتىق ئىكەن. ئەمەلىيەتتە نيۇ-يورىك ئاھالىسى ئۇچرىغان كرىزىس پىسخىكا جەھەتتىكى كرىزسىتىن ئىبارەت. بۇ تۇرمۇش رېتىمى ھەم كۈچلۈك، ھەم تېز، ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ مۇسكۇللىرىدا ئالدىراقسانلىق ۋە ئاسان خاپىلىنىشنىڭ قېنى ئېقىپ تۇرىدىكەن. ئۇلار ۋاقىتنى ئىمكانقەدەر تېجەشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. لېكىن، ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنشنى بىلمەيدىكەن.»

پروفېسسور كۇرۇن ۋىلسونمۇ نيۇ-يورىكنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە گۈللىنىشىنى بايان قىلغاندا، بۇ شەھەردە « چىرايلىق نىقاب دىلخەستىلىك ۋە بەختسىزلىكىنى يېپىپ تۇرىدۇ» دەپ تەسۋىرلىگەن.

شۇڭا، بايلىقنىڭ مول، يېتەرلىك بولۇشى بەخت بولۇشى ناتايىن، شۇندقلا ئۇ بەختنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئامىلىمۇ ئەمەس. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بايلىق بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، بايلىقنىڭ ئىگىسى بەزىدە ئاپەتكە ئۇچراپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئاللا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە مۆمىنلەرگە: « ئۇلارنىڭ مال-مۈلكى ۋە ئەۋلادى سېنى ئەجەبلەندۈرمىسۇن، ئاللا ئۇلارنى بۇ دۇنيادا شۇ نەرسىلەر بىلەن ئازابلاشنى ۋە ئۇلارنىڭ كاپىر پېتى جان ئۈزۈشىنى ئىرادە قىلىدۇ» ① دەپ ئاگاھلاندۇرغانىدى. بۇ يەردە ئېيتىلغان «ئازابلاش» جاپا-مۇشەققەت تارتىش، بىئارام بولۇش، ئاغرىپ قېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خۇددى ھەدىس شەرىپتە: « سەپەر جاپانىڭ بىر قىسمىدۇر» دېيىلگەندەك، ئىشلىتىلگەن سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسىمۇ شۇ بولۇپ، ھازىرىقى بۇ دۇنيادىكى روھ ۋە بەدەننىڭ ئازابىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنى بايلىق ۋە بۇ دۇنيالىقنى ئەڭ چوڭ ھەۋەس، چەكلىك بىلىمنى ئاخىرقى غايە قىلغان ئادەملەردە ھەمىشە كۆرۈپ تۇرىمىز. بۇ خىل ئادەملەرنىڭ قەلبى ئازار يېگەن، ئىدىيسى ئازابلانغان، مەنىۋى يۈكى ئېغىرلاشقان بولىدۇ. بۇنداق ئادەملەر نامراتلىقتىن نارازى بولىدۇ، بايلىققا شۈكرى قىلمايدۇ. قەلبىدە ئۆزىنى ئازابلايدىغان بۇنداق كىشىلەر توغرىسىدا ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە كونكرېت بايان قىلىنغان. مۇھەممەد ئەلەيھسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاخىرەتكە ھەۋەس قىلغۇچىنىڭ دىلىغا ئاللا شۈكرى- قانائەت ئاتا قىلىدۇ. بۇ دۇنيالىقنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ دۇنيالىققا قىزىققۇچىغا ئاللا نامراتلىقنى ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ زېھنى پېشانىسىگە بۇرۇن پۈتۈپ قۇيۇلغانلىرىدىن» (تىرمىزى توپلىغان).

خۇددى ئىبنى قەييۇم « قايغۇرغۇچىغا ياردەم » ناملىق كىتابىدا ئېيتقاندەك: « دۇنيادا زېھنىي قۇۋۋىتى چېچىلىپ كېتىش، ئىرادىسى بوشاپ كېتىش، تويماسلىقتىن ئارتۇق ئېغىر جازا بولمايدۇ». ئەگەر كىشىلەر رېئاللىققا مەستلەرچە مۇھەببەت باغلىسا، ئۇلارغا ئاشۇنداق جازادىن قۇتۇلۇشقا توۋلاپ ياردەم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بۇ دۇنيادا روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن تارتقان ھەرخىل ئازابلار ئىچىدە ھەمىشە ئىڭراپ، شىكايەت قىلىپ، ياردەم سورايدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيادىكى پايدىسىز خاپىلىققا ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى بىر- بىرىنى ئالدايدىغان، ئۆز-ئارا دۈشمەنلىشىشىدىغان رەھىمىسىز رېئاللىققا چىداشلىق بېرەلمەي قالىدۇ. خۇددى بىر دانىشمەن ئېيتقاندەك: « كىمكى بۇ دۇنياغا ئاشىق بولسا، شۇ كىشى ئۆزىنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تەربىيلەپ، ھەر خىل بەختسىز ۋەقەلەرگە چىدىيالايدىغان ئادەتنى ھازىرلىسۇن». بۇ دۇنيالىققا ئاشىق بولغان ئادەمگە مۇقەررەر ئازاب، دائىملىق ھارغىنلىق، تۈگىمەس قايغۇدىن ئىبارەت مۇشۇنداق ئۈچ خىل روھىي ھالەت ھەمراھ بولىدۇ. چۈنكى بۇ دۇنيالىققا ئاشىق بولغان ئادەم بۇ دۇنيادىن نېمە نەپكە ئىگە بولغان بولمىسۇن، تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. خۇددى ھەدىس شەرىپتە ئېيتىلغاندەك: « مۇبادا ئادەم ئەلەيھسسەلامنىڭ ئەۋلادلىرى (ئىنسانلار) ئىككى جىلغىغا لىق تولغان ئالتۇنغا ئىگە بولسا، ئاشۇنداق 3-ئالتۇن جىلغىسىنى ئىزدەيدۇ» (بۇخارى، مۇسلىملار توپلىغان). ئېسا ئەلەيھىسسەلام پانىي دۇنيانى سۆيىدىغان كىشىلەرنى ھاراقكەشنىڭ ھاراقنى قانچە كۆپ ئىچسە، شۇنچە قاتتىق مەست بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئوخشىتىدۇ.

ئۇرۇق-ئەۋلادنىڭ كۆپ بولۇشى بەخت ھېسابلىنامدۇ؟

بالىلارنىڭ كۆپ بولۇشى، نەۋرە-چەۋرىلەرنىڭ چۆرگىلەپ يۈرۈشى ھەقىقەتەن تۇرمۇشتىكى ياخشى ئىش، بۇ دۇنيالىقنىڭ زىننىتى. لېكىن، نۇرغۇن بالىلار، نەۋرىلەر ئاتا- ئانىسىغا ۋە چوڭلارغا ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلار چوڭلارغا ۋاپادارلىق ۋە ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماي، ۋاپاسىزلىق، قارايۈزلۈك قىلىدۇ، ھەتتا بەزى بالىلار چوڭلاردىن قالىدىغان بايلىقنى كۆزلەپ، ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ، ئاتا-ئانىسىنى تويغۇزۇۋېتىدۇ.

رېئال تۇرمۇشتا بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقىغا، ئاتا-ئانىسىنى خارلىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن غەلىتە ھادىسىلەرنى كۆرگەنمىز، شۇنداقلا بۇ خىل ھادىسىلەرگە دائىر تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز رىۋايەتلەرنىمۇ ئاڭلىغانمىز. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بىۋاپالىقىدىن غەزەپلىنىدۇ. لىئېر پادىشاھى شېكىسپىرنىڭ ئۆز ئاغزى بىلەن مۇنداق قاتتىق نالە  قىلىدۇ:« ۋاپاسىز بالىنىڭ ئاتا-ئانىغا تېپىپ بەرگەن ئازابى يىلان چاققاندا پەيدا بولغان ئازابتىنمۇ ئېغىر بولىدۇ.»

خوش، شۇنى سوراپ باقاي: ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلاردىن بەھرىمەن بولىدىغان ۋاپادارلىقىنى نېمە يوق قىلىۋېتىدۇ؟ بۇنداق ئاتا-ئانىلار چەكىسىز بىتەلەيلىككە ۋە ئۇزۇن مۇددەت قايغۇغا دۇچار بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلماي تۇرالامدۇ؟

ئىلىم- پەن كىشىلەرگە بەخت ئېلىپ كېلەلەمدۇ؟

ماتېرىيالىستلارنىڭ سىناق قىلغان پەنلىرى يىراق ئارىلىقتىكى كىشىلەرنى يېقىنلاشتۇردى ھەمدە ئىنساننىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلىرىنى تۈگىتىپ بەردى. ئۇنداقتا، بۇنداق پەن ئادەم بەختىنى ئەمەلگە ئاشۇرالامدۇ؟ ئوقۇرمەنلەر قانداق قارايدىكىن؟

خۇددى دوكتۇر مۇھەممەد ھۈسەيىن ھەيكەل (1956-1888) مىسىرلىق مەشھۇر ئەدىب، تارىخشۇناس « ئېتىقاد، بىلىم، پەلسەپە» ناملىق كىتابىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك: « پەن بىزگە ھاياتلىقتىكى نۇرغۇن شەيئىلەرنى ئېچىپ بەردى ھەمدە ھاياتلىقتىكى بەختتىن پايدىلىنىشىنى مەلۇم دەرىجىدە ھازىرلاپ بەردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇلارنى ھەرقانداق ئادەم تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغانىدى» مانا بۇ پاكىت.

شۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر پاكىت شۇكى، بىلىم ئېلىشقا ئىنتىلىش ئادەمدىكى ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ كىشىلەر بىرەر شەيئىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇ شەيئى بىلەن ئۇنىڭ ئىچكى مۇناسىۋەتلىرىنى يۇغۇرۇۋېتىدۇ. كىشىلەر بىلىم ئېلىشنىڭ مۇشۇنداق تۈرتكىسى بىلەن شەيئىلەرنىڭ سىرى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر قىلىدۇ ياكى ئۆزىگە بويسۇنغان پەن قانۇنىيەتلىرى ئۈستىدە يېڭىۋاشتىن ئىزدىنىدۇ. لېكىن، يەنە بىر خىل ئوخشاش پاكىتمۇ شۇكى، بىلىش بەخت ئامىللىرىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالالمايدۇ، بەلكى قىسمەن بىلىش كۆپ ھاللاردا كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە خاتىرجەمسزلىك، ئىدىيىدە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدۇ.

بەخت- ياخشى ئارزۇ. ئۇ ھەمىشە پارلاق قاناتلىرى بىلەن ئالدىمىزغا ئۇچۇپ كېلىدۇ. كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭ ھاۋادىكى ئاتوملىرىدىن نەپەسلىنىمىز. ئۇنى كۆكسىمىزگە تولۇق سۈمۈرۈۋېلىشنى ئارزۇ قىلىمىز. لېكىن، ئۇنىڭ ئارزۇيىمىزنى مەڭگۈ قاندۇرالمايۋاتقانلىقىنى  ھېس قىلىمىز. ئادەم ئەلەيھىسسەلامدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە كىشىلەر «بەخت» نىڭ كەينىدىن چېپىپ يۈردى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەرنى بەختسىزلىكنىڭ ئالۋاستىسى كەينىدىن تۇتۇۋېلىپ، ئۆزى ئىزدىگەن «بەخت» كە يېتىپ بارغۇچە، «بەخت» كە يېتىشۋالدىم دەپ قارىدى. شۇڭا، بۇنداق بەخت ئىلىم- پەننىڭ ئىچىدە بولمايدۇ. چۈنكى، ئىلىم-پەن بىر خىل ئارزۇ بولۇپ، ئارزۇنىڭ كەينىدە بەخت مەۋجۇت ئەمەس. نۇرغۇن ئالىملار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىلم-پەنگە بېرىلىپ، يىل بويى باش چۆكۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ. ئۆمرى ئاخىرلاشقاندا، پۇشايمان بىلەن ئويغىنىدۇ ۋە ئازابلىنىدۇ. ئۇلار شۇغۇللانغان ئىلىم- پەن ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاپىلىق ۋە قايغۇ پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شاگىرتلىرىغا كىشىلىك ھاياتتا تەبىئىي خۇسۇسىيەت بويىچە ئىش قىلىش، ئىلىم-پەن ئارقىلىق غايىبنىڭ سىرلىرىنى يېشىشكە ئۇرۇنماسلىق توغرىسىدا ۋەسىيەت قىلدۇ.

ھازىر بىزدىكى ئىلىم-پەننىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ. لېكىن، چەكسىز ئالەم بىلەن سېلىشتۇرغاندا، پەننىڭ دائىرسى يەنىلا تار. شۇڭا، گىرمانىيىلىك پەيلاسوپ نىتسى ۋە ئىلىم يولىدا ئۆمرىنى سەرپ قىلغان بەزى ئالىملار كېيىنكىلەرگە:« ئىلىم-پەن بىر قىسىم غايىبنىڭ پەردىسىنى چوقۇم ئاچىدۇ. لېكىن، ئالىملار ئاشۇ بىر قىسىم غايىبنىڭ سىرلىرىنى كۆرەلىگەندە، ئۇلارنىڭ تولىمۇ يىراق، ئىنتايىن چەكىسىز ئىكەنلىكىنى بېلىپ، ئۆزىنىڭ ئاجىز ۋە كۆزگە ئىلغۇچىلىكى يوق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئەمەلىيەتتە بولمىغان سەراپنى قوغلىشىپ يۈرىدۇ، ئۇ سەراپنىڭ ئاخىرقى چېكىدە ھەممە ھەقىقەت بولغان تەقدىردىمۇ» دەپ ۋەسىيەت قىلغانىدى.

زامانىمىزدىكى ئەنگىلىيىلىك پەيلاسوپ روسىسىل (ئۇنىڭ قاراشلىرى ماتېرىيالىستىك بولسىمۇ) كىشىلەرنىڭ ئىلىم- پەننى ۋاستە قىلىپ، تەبىئەت دۇنياسى بىلەن كۈرەش كىلىش داۋامىدا غەلىبە قىلالمىغانلىقىنى، ئىلىم- پەندىن ئىبارەت بۇ قورالنىڭ بۇ جەھەتتە ئۇلارغا ھېچقانداق پايدا بەرمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. شۇڭا، روسسىل كىشىلىك ھاياتتىكى بۇ جەڭگاھتا دىننىڭ باشتىن-ئاخىرغىچە غەلىبە قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

ئامېرىكىلىق مەشھۇر پىسخولوگىيە دوختۇرى دوكتور ھېنرى دانك ئىلىم-پەنگە ۋە ئىدىيە ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش باھانىسى بىلەن غايىبقا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا قارشى تۇرۇپ:« يالغۇز ئىلىم- پەنگە تايىنىپلا كىشىلەرگە ھەقىقىي بەختنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ پۇرسىتىنى يارىتىپ بەرگىلى بولمايدۇ» دېگەنىدى.

«ئەمەلىيەتتە، ھازىرقى ئىلىم- پەن ساھەسىدىكى ھەبىر تارماقتا قايمۇقۇشنىڭ يالقۇنى ئۇلغىيىپ كەتكەن ئەھۋاللار مەۋجۇت. دىمەكچىمەنكى، ئىدىيە ئەركىنلىكى كۆزدە تۇتۇلغان مەسىلىلەر ھەددىدىن ئارتۇق تەكىتلىنىپ كېتىپ بارىدۇ. ھازىر بەزى پىسخولوگلار شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، ئۇلار ئىدىيىگە مۇتلەق تايانغانلىقتىن، كىشىلەرنىڭ بەختىنى ۋەيران قىلىۋەتتى ».

« كىشىلىك ھاياتتىكى تېرەن سىرلىق مەسىلىلەرنى ئىلىم- پەن تەرەققىياتى ۋە ئىلىمى بىلىشتىن ئىبارەت بۇ يول ئارقىلىق ھەرگىز ئۈنۈملۈك ھەل قىلالمايمىز. ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى گاڭگىراشنىڭ كۆپىيشىدىن، جەمئىيەتنىڭ قالايمىقان بولۇشىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھەممە ئىلىم-پەن كۈندىلىك ھاياتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىدىن ئىبارەت بايراق ئاستىدا ئېنىق بىرلىككە كەلگەن ئەھۋال ئەمەلگە ئاشمىغاندا، بۇ ئىلىم-پەنلەر ئۆزىنى كەشىپ قىلغان ئالىملارنىڭ ئىدىيسىنى ئازاد قىلالمايدۇ. ئەكىسىچە، ئىلىم-پەن ئۇلارنىڭ ئىدىيسىنى گۇمران بولۇش ۋە ھېرىپ كېتىش يولىغا باشلاپ كىرىدۇ. دېمەكچىمەنكى، دىنىي ئېتىقادقا تايىنىش لازىم» (ھېنرى رانك:« ئېتىقادقا قايتىش» ناملىق كىتابنىڭ 81-82-بەتلىرى).

دېمەك، بەخت بايلىقنىڭ كۆپلىكىدە ئەمەس، نام-ئابرۇي، ھوقۇقتىمۇ ئەمەس، بالا-نەۋرىلەرنىڭ كۆپ بولۇشىدا ياكى بەزى مەنپەئەتلەرگە ئىگە بولۇشتىمۇ ئەمەس، ماتېرىيالىستىك ئىلىم-پەندە تېخىمۇ ئەمەس.

بەخت شەكىلسىز، چوڭقۇر مەنىلىك نەرسە بولۇپ، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، ئاز-كۆپلۈك بىلەن ئۆلچىگىلى ۋە سېلىشتۇرغىلىمۇ بولمايدۇ؛ ئۇنى خەزىنىگە سېلىپ قويغىلى، پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ.

لېكىن، كىشىلەر بەختىنى ئۆز دىلىدا ھېس قىلالايدۇ، يەنى ئادەم روھى پاك، كۆڭلى خاتىرجەم، ئوچۇق-يورۇق، ۋىجدان ئازابى تارتماي يۈرسە، مانا شۇنىڭ ئۆزى بەخت ھېسابلىنىدۇ.

شۇڭا، بەخت ئادەمنىڭ سىرتىدىن كىرمەيدۇ، بەلكى ئىچىدىن چىقىدۇ.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر ئەر كىشى خوتۇنىغا خاپا بولۇپ: « سېنى چوقۇم نەس باستۇرىمەن» دەپتۇ. ئۇنىڭ خوتۇنى ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن:« سەندە مېنى بەختلىك قىلىدىغان ھوقۇق بولمىغاندەك، مېنى نەسمۇ باستۇرالمايسەن، ئەگەر بەختنى مائاش بىلەن ئىپادىلىگىلى بولسا ، ماڭا مائاش بېرىشنى توختاتساڭ بولىدۇ؛ بەختنى زىبۇزىننەت، كاتتا كىيىملەر بىلەن ئىپادىلىگەن بولساڭ، ئۇلارنى بەدىنىمدىن ئېلىۋالساڭ بولىدۇ. لېكىن، بەخت سەن ياكى ھەممە ئادەم چاڭگاللاپ تۇرىدىغان نەرسە ئەمەس» . ھېلىقى خوتۇننىڭ ئېرى ھەيران بولۇپ سوراپتۇ:« ئۇنداق بولسا، بەخت دېگەن نېمە؟ ئۇ نەدە؟ » خوتۇن ناھايىتى تەبىئىيلىك بىلەن مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىپتۇ:« مەن ئېتىقادىمدىن بەختكە ئىگە بولغانمەن، ئېتىقادىم قەلبىمدە، قەلبىمنى مېنى ياراتقان ئاللادىن باشقا ھەر قانداق ئادەم كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس.»

مانا بۇ ھەقىقىي بەخت. بۇ خىل بەختنى كىشىلەرنىڭ شاپائەت ياكى ئاداۋەتى بىلەن تارتىۋالغىلى بولمايدۇ. بۇ خىل بەختتىن ۋىجدانلىق ئەر-ئايال مۆمىننىڭ ھەممىسى خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ. بىر دىنىي قېرىندىشىمىز مۇنداق دېگەن:« بىز ھەقىقەتەن بەخت ئىچىدە ياشاۋاتىمىز، ئەگەر پادىشاھلار، ۋەزىرلەر، گېنېراللار بىزنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىمىزنى بىلسە، بۇنىڭ ئۈچۈن قىلىچىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، بىز بىلەن دۇئېلغا چىقىدۇ.»

مۇشۇنداق مەنىۋى شادلىققا چۆمگەن يەنە بىر دىنىي قېرىندىشىمىز قاتتىق مەپتۇن بولغان ھالدا مۇنداق دېگەن:« ئەگەر بېھىشتىكى ئادەملەر مېنىڭ ھازىرقى مۇشۇنداق مۇھىتىمدا بولسا، ئۇلار چوقۇم گۈزەل تۇرمۇشتا بولغان بولىدۇ». بۇنداق بەختنىڭ ئىلتىپاتىغا ئىگە بولغان كىشىلەر تەقدىرنىڭ رەھىمسىز تاسقاشلىرىغا پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن، ئېغىر تۇرمۇشنىڭ ۋەھشىيانە كۈلپەتلىرىگىمۇ پىسەنت قىلمىغان.  ئۇلار كىشىلىك ھاياتتىكى ئازابلارنى پەيلاسوپلارنىڭ نەزىرى بىلەن ئوپېراتسىيە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئازاب ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپاتقا ئايلىنىپ قالغان، ئۇلار ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولغان. لېكىن، باشقىلارنىڭ قارىشچە، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە مۇئەييەن ماددىلارنى سۇيۇقلاندۇرۇپ، ئاندىن تۇرمۇشتىكى ئاپەتنى ئامەتكە ئايلاندۇرۇۋېتەلەيدىغان ئالاھىدە بىر خىل مەنىۋى بەزلەر باردەك قىلىدۇ.

ماددىنىڭ ئىنسان بەختىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇئەييەن ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمايمىز. چۈنكى، ئاللانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھسسالام مۇنداق دېگەن:« پەزىلەتلىك خوتۇن، ياخشى ئۆي، مۇۋاپىق قاتناش قۇرالى-ئىنسان بەختلىرىنىڭ بىرىدۇر» ( ئەھمەد توپلىغان).

لېكىن، ماددا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىيەلمەيدۇ، كەڭ ئورۇنمۇ ھازىرلىمىغان. ئاچقۇچ ساندا ئەمەس، سۈپەتتە. كىشىلەر ماددا پەيدا قىلغان خاپىلىقتىن قارنى-كۆكسىنى تار قىلماي، خاتىرجەم يۈرەلىسە، ناھايىتى بەختلىك ھېسابلىنىدۇ. خوتۇنى ئەسكى بولۇپ، ئاددى كۈلبىدە ياتسا، قاتناش قۇرالى ناچار بولسا، ئادەمنى بىزار قىلىدىغان بۇ نەرسىلەر كىشىنى تىت-تىت قىلىۋېتىدۇ. لېكىن، كۆڭلى خاتىرجەم، تېنى ساغلام بولسا، تۇرمۇشتا ھەددىدىن ئارتۇق جاپا تارتىپ كەتمىسىمۇ، رىزىققا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. بۇنداق شۈكرى-قانائەتمۇ ئادەمنىڭ بەختىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھسسالام ئاجايىپ توغرا ئېيتقان:« كىم سەھەر تۇرسا، كۆڭلى خاتىرجەم، تېنى ساغلام بولسا، شۇ كۈنلۈك تەمىناتىغا ئىگە بولسا، ئۇ ھالدا پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭ ئىلكىدە بولغاندەك بولىدۇ» (سەھىبۇل بۇخارى توپلىغان) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Hislet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-21 11:59 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2013-4-22 09:57 AM):

ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12101
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 406 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 09:26:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما تو تاقىلىشتىن بۇرۇن .ىسلام بىرلەشمە مۇنبىرى تەرەپىدىن  تارقىتىلغان بولۇپ شۇ ۋاقىتتا ھەرقايسى مۇنبەرلەردە كەڭ تارقالغان ...شۇ ۋاقىتتا ساقلىۋالغاندىم بۈگۈن ساقلانمىلىرىم .ارىسىدا .ۇچۇرتىپ قىلىپ قايتا يوللاپ قويدۇ ...بۇ گەرچە نەچچە يىل بۇرۇنقى تىما بولسىمۇ قىممىتى يەنىلا يىڭى..

ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12101
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 406 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 09:38:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


جىنلار راستىنلا مەۋجۇت ئەمەسمۇ؟
[tr][/tr]


ئىلاۋە: كىشىلەر جىنلار ھەققىدە ھەرخىل پەرەزلەرنى قىلىشماقتا..راستىنلا بىر قىسىم كىشىلەر ئىيتقاندە جىلار يوقمۇ بۇنىڭغا قىززىقسىڭىز بۇ تىمىنى تولۇق ئوقۇڭ



(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى ساڭا قۇرئان تىڭشاشقا ئەۋەتتۇق، ئۇلار قۇرئان تىلاۋىتىگە ھازىر بولغاندا (بىر ـ بىرىگە): «جىم تۇرۇڭلار» دېيىشتى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتىشتى [29]. ئۇلار ئېيتتى: «ئى قەۋمىمىز! ھەقىقەتەن بىز مۇسادىن كېيىن نازىل بولغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھەق دىنغا ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىڭشىدۇق» [30]. «ئى قەۋمىمىز! اﷲ قا دەۋەت قىلغۇچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە اﷲ قا ئىمان ئېيتىڭلار، اﷲ بەزى گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ساقلايدۇ» [31]. كىمكى اﷲ قا (ئىمان ئېيتىشقا) دەۋەت قىلغۇچىنىڭ (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ) دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىسا، ئازابتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، اﷲ تىن باشقا (ئۇنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى) ياردەمچىلەر بولمايدۇ، ئۇلار (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغۇچىلار) ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتىدۇر [32]. ئۇلار (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى كۇففارلار) بىلمەمدۇكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان ۋە ئۇلارنى يارىتىشتا چارچاپ قالمىغان اﷲ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟ دۇرۇس، ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر [33]. كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە (ئۇلارغا): «بۇ (يەنى سىلەر تېتىۋاتقان ئازاب) راست ئەمەسمۇ؟ » (دېيىلىدۇ) ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە راستتۇر» دەيدۇ، اﷲ (ئۇلارغا): «كاپىر بولغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ [34]. (ئى مۇھەممەد!) سەن (مۇشرىكلارنىڭ سالغان جاپاسىغا) ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر سەۋر قىلغاندەك سەۋر قىلغىن، ئۇلارغا بولىدىغان ئازابقا ئالدىراپ كەتمىگىن. ئۇلار (ئاخىرەتتە) ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەندە، (ئۇلار دۇنيادا) گويا كۈندۈزدە بىر دەملا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، (بۇ قۇرئان سىلەرگە) تەبلىغدۇر، پەقەت پاسىق قەۋملا ھالاك قىلىنىدۇ [35].

بۇقىسىم سۈرە ئوتتۇرغا قويغان مەسىلىلەرنىڭ يىڭى بىر مەيدانىدۇر؛

قۇرئاننى ئاڭلىغان، ۋە ئۇلار قۇرئان تىلاۋىتىگە ھازىر بولغاندا بىر ـ بىرىگە: «جىم تۇرۇڭلار» دەپ نىدا قىلىدىغان ۋە قەلىبلىرى ئىمانغا قايتقان ۋە  قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتقان ۋە ئۇلارغا مەغفىرەت ۋە نىجاتلىق بىلەن خۇش بىشارەت بىرىدىغان ۋە ھەقتىن  يۈز ئۆرۈش ۋە ئازغۇنلىقتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان بىر توپ جىنلارنىڭ قىسىسىنىڭ ئىپادىلەش ئۇسلۇبى بۇ ئىشلارنى خەۋەر ئۇسلۇبىدا بايان قىلغان.

بۇ سۈرىنىڭ بۇ ئىشلارنى خەۋەر ئۇسلۇبىدا بايان قىلىشى قۇرئان  ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى چەككەن ۋاقىتتا «جىم تۇرۇڭلار» دىگەن سۆزىدە بۇ سۈرەت بىلەن ۋە قۇرئاننىڭ ئۇلارنىڭ قەلبىگە مۇشۇنداق تەسىركۆرسىتىشىنى تەسۋىرلەپ بىرىش بىلەن گەۋدىلەنگەن.

جىنلارنىڭ قەۋمىگە ھىكايە قىلغان ۋە ئۇلارنى دەۋەت قىلغان ئىش ھەركەتلىرىدە بۇلارنىڭ ھەممىسى گەۋدىلىنىدۇ. .  

بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرئاننىڭ ئىشلىرىدىن بولۇپ ئۇ ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى ھەركەتلەندۈرىدۇ چۈنكى قۇرئان ئەسلى كىشىلەرگە مۇشۇ مەقسەتتە كەلگەن. قۇرئان ھەقىقەتەن تەسىرلىك مىلودىيە بولۇپ قەلىبلەرنى ناھايتى قاتتىق بۇرايدۇ.

بۇ ۋاقىتتا جىنلارنىڭ تىلى بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كىتابى بىلەن بۇ قۇرئاننىڭ مۇناسىۋىتىگە ئىشارەت قىلىش كىلىدۇ.

بۇ ئىشارەت جىنلار بىلىدىغان ۋە ئىنسانلار ئۇنىڭدىن غاپىل قالغان بۇ ھەقىقەتنى ئىلان قىلىدۇ. بۇ كۆرۈنۈشتە سۈرىدە كەلگەن ئەھۋاللار بىلەن ماسلىشىدىغان چوڭقۇر ئىلھام ئاشكارە بولىدۇ.

شۇنىڭدەك جىنلارنىڭ سۆزىدە ئوچۇق كائىنات كىتابىغا ئىشارەت قىلىش كىلىدۇ.

بۇ كىتابنىڭ  اللەنىڭ ئاسمان زىمىننى يارىتىشتىكى ئاشكارە قۇدىرتىنىڭ دەلىللىرى ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرش ۋە قايتا تىرىدۈرۈش قۇدىرتىگە گۇۋاھلىق بىرىدۇ.. ئۇ ئىنسانلار جىدەللىشىۋاتقان ۋە ئىنكار قىلىۋاتقان مەسىلىدۇر.

ئاخىردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مۇشىرىكلارغا سەبىر قىلىشقا ۋە ئۇلارغا كىلىدىغان ئازاپنى ئالدىراتماسلىققا ۋە ئۇلارنى بەگلەنگەن ۋاقىت كىلىپ بولغىچە ئۆزھالىغا قويۋىتىشكە بۇيرۇش كىلىدۇ.

ۋەھالەنكى ئۇلارغا بىرىلگە ۋاقىت ناھايتى قىسقا ۋاقىتتۇر.  گويا كۈندۈزدە بىر دەملا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئۇلارغا بىرىلگە ۋاقىت ئۇلارغا ھالاك قىلىشتىن ئىلگىرى ھەقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىرىلگەن ۋاقىتتۇر.  

_  _  _


﴿ (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى ساڭا قۇرئان تىڭشاشقا ئەۋەتتۇق، ئۇلار قۇرئان تىلاۋىتىگە ھازىر بولغاندا (بىر ـ بىرىگە): «جىم تۇرۇڭلار» دېيىشتى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتىشتى [29]. ئۇلار ئېيتتى: «ئى قەۋمىمىز! ھەقىقەتەن بىز مۇسادىن كېيىن نازىل بولغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھەق دىنغا ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىڭشىدۇق» [30]. «ئى قەۋمىمىز! اﷲ قا دەۋەت قىلغۇچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە اﷲ قا ئىمان ئېيتىڭلار، اﷲ بەزى گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ساقلايدۇ» [31]. كىمكى اﷲ قا (ئىمان ئېيتىشقا) دەۋەت قىلغۇچىنىڭ (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ) دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىسا، ئازابتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، اﷲ تىن باشقا (ئۇنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى) ياردەمچىلەر بولمايدۇ، ئۇلار (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغۇچىلار) ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتىدۇر [32]. ئۇلار (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى كۇففارلار) بىلمەمدۇكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان ۋە ئۇلارنى يارىتىشتا چارچاپ قالمىغان اﷲ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟ دۇرۇس، ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر [33].

پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن قۇرئان ئاڭلىغان بىر توپ جىنلارنىڭ سۆزى مۇكەممەل ئەقىدە ئاساسىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

ۋەھيىنى تەستىقلاش، تەۋرات بىلەن قۇرئان ئوتتۇرسىدىكى ئەقىدە بىرلىكى، توغىرا يولغا باشلايدىغان ھەقنى ئىتىراپ قىلىش،ئاخىرەتكە ۋە مەغفىرەتكە ، ئازاپقا ئىلىپ بارىدىغان ئەمەللەرگە ئىمان ئىيتىش، اللەنىڭ مەخلۇقاتلارنى يارىتىش كۈچى ۋە ئىقتىدارىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىلا ئىبادەت قىلىشقا لايىق دەپ ئىقرار قىلىش، ۋە كائىناتنى يارىتىش بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش ئوتتۇرسىنى باغلاش...بۇلار سۈرە ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئەقىدە ئاساسى ۋە سۈرە  باشقا قىسىملىرىدا ئوتتۇرغا قويىدىغان ئەقىدە مەسىللىرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلار ئالىمىدىن باشقا بىر ئالەمدىكى جىنلارنىڭ تىلى بىلەن كەلگەن.  

ببز بۇ سۆزلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشتىن بۇرۇن جىنلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىش-ھەركەتلىرى توغىرسىدا سۆزلەپ ئۆتۈشنى توغىرا تاپتۇق.

قۇرئاننىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قۇرئان ئاڭلاش ئۈچۈن بارغان بىر توپ جىنلارنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىنى تىلغا ئىلىشى ۋە ئۇلار دىگەن ۋە قىلغان ئىشلارنى ھىكايە قىلىشى...بۇنىڭ ئۆزى جىنلارنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىش-ھەركىتىنى تەستىقلاشقا يىتەرلىكتۇ.ۋە يەنە جىنلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزلىگەن ئەرەپچە قۇرئاننى ئاڭلاشقا قادىر ئىكەنلىكىنى تەستىقلاشقا، ۋە جىنلارنىڭ ئىمان ۋە كۇفرىنى.. ھىدايەت ۋە ئازغۇنلۇقنى قوبۇل قىلىدىغان اللەنىڭ مەخلۇقى ئىكەنلىكىنى تەستىقلاشقا يىتەرلىكتۇ.

بۇ يەردە بۇ ھەقىقەتلەرنى ئىسپاتلاش ۋە تەكىتلەشنىڭ ئورنى يوق؛ چۈنكى ئىنسان اللە ئىسپاتلاپ بولغان بۇ ھەقىقەتلەرنى تىخمۇ ئاشۇرۇپ ئىسپاتلاشقا ئىگە بولالمايدۇ.

لىكىن بىز بۇيەردە ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىكى بۇ ھەقىقەتلەرنى روشەنلەشتۈرۈپ ئۆتىمىز.

شۈبھىسىزكى ئەتىراپىمىزدىكى بۇ كائىنات نۇرغۇنلىغان سىرلارنى، ماھىيەت ۋە سۈپەت ۋە تەسىر جەھەتتە بىزگە ئىنىق بولمىغان نۇرغۇن كۈچلەرنى ۋە مەخلۇقاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىز مۇشۇ كۈچلەر ۋە سىرلارنىڭ قوينىدا ياشاۋاتىمىز. بىز ئۇلاردىن ئازغىنىسىنى بىلىمىز، لىكىن نۇرغۇنلىرىنى بىلمەيمىز. بىز ھەركۈنى مۇشۇ سىرلارنىڭ بىر قىسمىنى ئىچىۋاتىمىز. بۇ كۈچلەرنىڭ بەزىسىنى چۈشۈنۈپ يىتىۋاتىمىز. بىز مۇشۇ مەخلۇقاتلارنىڭ بەزىسىنى- بەزىدە ئۇنىڭ ئۆزىنى، ۋە بەزىدە ئۇنىڭ سۈپىتىنى، يەنە بەزىدە ئەتىراپىمىزدىكى كائىناتتا ئۇنىڭ تەسىرلىرىنى بىلىۋاتىمىز.

بىز ھىلىمۇ ئۆزىمىز ۋە ئاتا-ئانىلىرىمىز ۋە ئەجدادلىرىمىز ۋە باللىرىمىز ۋە نەۋىرلىرىمىز ياشاۋاتقان كائىناتنى بىلىش يولىنىڭ بىشىدا تۇرىۋاتىمىز. بىز كائىناتنىڭ كىچىك زەررىلىرىدىن بىرى بولغان يەرشارى ئۈستىدە ياشاۋاتىمىز...

پۈتۈن يەرشارى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھەجىمى ۋە ئىغىرلىقىغا سىلىشتۇرغاندا(كىچىكلىكىدىن) تىلغا ئىلىشقا ئەرزىمەيدىغان پىلانىتتۇر!!!

بىز بۈگۈن- يولنىڭ ئەۋۋىلىدە- تۇرۇپ  بىلگەن نەرسىلەر پەقەت 500يىل بۇرۇنقى كىشىلەرنىڭ بىلگىنىگە سىلىشتۇرغاندا جىنلارنىڭ ھەيران قىلىشىدىنمۇ چوڭراق ئەجەپلىنىشنى قوزغايدۇ. ئەگەر بىركىشى 500يىل بۇرۇنقى كىشىلەرگە بىز بۈگۈن سۆزلەۋاتقان ئاتۇمنىڭ سىرلىرى توغىرسىدا بىرنەرسە دىسە ئەلۋەتتە ئۇلار ئۇ كىشىنى ساراڭ دەپ ئويلايدۇ ياكى ئۇنى ساراڭدىنمۇ غەلىتىراق سۆزلەۋاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ!  

بىز ئىنسانىي تاقىتىمىز دائىرسىدە مۇشۇ زىمىندىكى خىلافەتچىلىك ئۈچۈن تەييارلانغان نەرسىلەرنى خىلافەتچىلىكنىڭ تەقەززاسىغا مۇۋاپىق ھالەتتە، اللە بىزگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن دائىرىدە بىللەيمىز.

ئۇ نەرسىلەر بىزگە سىرلىرىنى ئىچىپ بىرىدۇ، بىزگە بويسۇنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز زىمىندا خىلافەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالايمىز..بىزنىڭ بىلىشىمىز ۋە كەشپىياتىمىز ئۆزنىڭ خاراكتىرى ۋە دائىرسىدىن ھالقىپ كىتەلمەيدۇ.-(ئىنسانىيەتنىڭ ئۆمىرى ھەرقانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ۋە بىزگە بويسۇندۇرۇلغان كائىنات كۈچلىرى ۋە بىزگە ئاشكارە بولغان كائىنات سىرلىرى ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ)-ئاشۇ دائىردىن يەنى اللەنىڭ ھىكمەت ۋە تەقدىرىگە مۇۋاپىق ھالەتتە بىز بۇ زىمىندا خىلافەتچىلىك ئۈچۈن مۇھتاج بولغان دائىردىن  چىقىپ كىتەلمەيدۇ.

كەلگۈسىدە بىزنۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىمىز ۋە بايقايمىز، بىزگە بۇ كائىناتنىڭ سىرلىرى ۋە ئىنرگىيىلىرىدىن ئاجايىپ نەرسىلەر ئاشكارە بولىدۇ.

ئۇ ۋاقىتتا بۈگۈنكى ئاتۇمنىڭ سىرلىرى كەلگۈسىدىكى ئاشۇ كەشپىياتلارغا سىلىشتۇرغاندا كىچىك بالىنىڭ ئويۇنىغا ئوخشاپ قالىدۇ! لىكىن بىز ئىلىم مەرىپەتتە ئىنسان ئۈچۈن بەلگىلەنگەن دائىرە ۋە اللە بەلگىلەپ بەرگەن دائىرە ئىچىدە بولىمىز. اللە مۇنداق دەيدۇ:

﴿سىلەرگە ئازغىنە ئىلىم بىرىلدى﴾

بۇ ئىلىم كائىناتتىكى سىرلار ۋە غەيبى ئىشلارغا سىلىشتۇرغاندا بەك ئازدۇر.ئۇنى پەقەت ياراتقۇچى ۋە سىر ۋە غەيىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى اللە بىلىدۇ. ۋە يەنە بىز اللە نىڭ ئىلمىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكى ۋە ئىنسان ئىلمىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كىرەك. بۇ توغىرسىدا اللە مۇنداق دەيدۇ:

﴿ ئەگەر يەر يۈزىدىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى قەلەم بولغان، دېڭىز (سىيا) بولغان، ئۇنىڭغا يەنە يەتتە دېڭىز (نىڭ سىياسى) قوشۇلغان تەقدىردىمۇ اﷲ نىڭ سۆزلىرىنى (يېزىپ) تۈگەتكىلى بولمايدۇ،


بۇ ھالەتتە بىز-بىزگە مەلۇم بولمىغان غەيىب دۇنياسىدىن ۋە بۇ كائىنات كۈچلىرى ۋە سىرلىرىدىن بىر نەرسىنىڭ بىزنىڭ ئەقلىمىزدىن ياكى تەجىربىلىرىمىز دائىرسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنلا  ئۇنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىگە ۋە ئۇنى تەسەۋۋۇ قىلىش ياكى قىلماسلىققا جەزىم قىلالمايمىز.

بىز ئەقلىمىزنىڭ ۋە روھىمىزنىڭ سىرلىرىنى بىلىشىمىز ئۇياقتا تۇرسۇن تىخىچە جىسمىمىزنىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنىڭ سىرلىرىنى بىلىشكە قادىر بولالمىدۇق.

بۇ يەردە بىزگە -ئۇ ۋە ئۇنىڭ ماھىيتى ئاشكارلىنىدىغان پىلان ئىچىگە كىرمىگەن پەقەت ئۇنىڭ سۈپىتى ياكى تەسىرى ياكى مەۋجۇتلىقى ئاشكارە بولغان نۇرغۇنلىغان سىرلار بولىشى مومكىن.بۇ بىزگە خىلافەتچىلىك ۋەزىپىسىدە ھىچقانداق پايدا يەتكۈزمەيدۇ.

ئەگەر اللە –(بىزنىڭ تەجىرىبىمىز ۋە بىزگە بىرىلگەن ئىلىمىز ئارقىلىق ئەمەس بەلكى)- ئۆزكالامى ئارقىلىق بىزگە بىز ئۈچۈن تەقسىم قىلىنغان مۇشۇ سىرلارنى ۋە كۈچلەرنى ئىچىپ بەرسە بۇ ھالەتتە بىزنىڭ يولىمىز شۇكى بىز بۇ ھەدىيەلەرنى تەشەككۇر ئىيتىش ۋە تەسلىم بولۇش بىلەن كەم-زىيادە قىلماستىن قوبۇل قىلىمىز. بىز مۇشۇ مەرىپەتكە ئوخشاش نەرسىلەرنى بىردىن-بىر مەنبەيىمىزدىن    قوبۇل قىلىلىمىز. چۈنكى بىزگە پەقەت مۇشۇ دەرىجىدە بىرىلدى. بۇ يەردە  بىز مۇشۇ  سىرلارنى قوبۇل قىلىدىغان يەنە بىر مەنبە   يوق!

قۇئاننىڭ تىكىستلىرىدىن  ۋە سۈرە جىننىڭ  تىكىستلىرىدىن – (بۇ جىنلارنىڭ ئۆزىدىن سادىر بولغان ھادىسىلەر ئىكەنلىكى ئەڭ كۈچلۈك)- ۋە قۇرئاندىكى باشقا تەسىرلىك  تىكىستلەر ئارقىلىق ۋە بۇ ھادىسە توغىرىسىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى ئارقىلىق بىز جىنلاردىن ئىبارەت بەزى مەخلۇقلارنى بىلىشكە قادىر بولىمىز..ئۇنىڭدىن باشقىنى بىلمەيمىز..

     بۇ ھەقىقەتلەر بۇ يەردە جىن ناملىق ئوتتىن يارتىلغان  بىر مەخلۇقنىڭ بارلىقىنى خۇلاسىلەپ چىقىدۇ.

بۇ ئىبلىسنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالام توغىرسىدىكى تۆۋەندىكى سۆزىدە كەلگەن:

﴿ئىبلىس: ‹‹مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق. مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ›› دېدى [12]

ئىبلىس جىنلاردىن ..بۇھەقتە اللە مۇنداق دەيدۇ:

﴿ئىبلىس جىنلاردىن ئىدى.ئۇ رەببىنىڭ ئەمىرىگە ئاسىيلىق قىلدى.﴾


ئىبىلىسنىڭ نەسىلى جىنلارنىڭ نەسلىدىندۇر.

بۇ مەخلۇقنىڭ ئىنسانغا ئوخشىمايدىغان خۇسۇسىيەتلىرى بار. ئۇلارنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئوتتىن يارىتىلىشى.

يەنە بىرى ئىبلىس كىشىلەرنى كۆرەلەيدۇ. بىراق كىشىلەر ئۇنى كۆرەلمەيدۇ. اللە ئىبلىس توغىرسىدا مۇنداق دىدى:

﴿ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ گوروھى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ لىكىن سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر.﴾

يۇقارقى ئايەتتىين كۆرۈۋىلىشقا بولىدىكى ئىبلىسنىڭ ئىنسانلارغا ئوخشاش قەبىلە ۋە گوروھى بار. اللە مۇنداق دەيدۇ:

﴿ ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ گوروھى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ.. ﴾

ئۇنىڭ بۇ يەرشارىدا ياشاش ئىقتىدارى بار .-(لىكىن بىز ئۇنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيمىز)- اللە ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئىبلىس توغىرسىدا مۇنداق دىگەن:

﴿ ﷲ ئېيتتى: ‹‹سىلەر بىر ـ بىرىڭلارغا (يەنى شەيتان ئىنسانغا، ئىنسان شەيتانغا) دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەجىلىڭلار پۈتكەنگە قەدەر يەر يۈزىدە تۇرىسىلەر ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىسىلەر›› [24]

سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا بويسۇندۇرۇلغان جىنلار سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا زىمىندا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بىرەتتى. بۇلار زىمىندا ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.

ئۇلارنىڭ يەرشارى سىرتىدا ياشاش ئىقتىدارىمۇ بار. اللە جىنلار توغىرسىدا مۇنداق دىگەن:

﴿ (جىنلار ئېيتتى) «بىز (ئاسمان ئەھلىنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاش ئۈچۈن) ئاسمانغا (چىقىشنى) تىلىدۇق، ئاسماننىڭ كۈچلۈك مۇھاپىزەتچىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) بىلەن ۋە (كۆيدۈرگۈچى) يۇلتۇزلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق [8]. بىز ھەمىشە (ئوغرىلىقچە تىڭشاش ئۈچۈن) ئاسماننىڭ ئولتۇرۇشقا بولىدىغان جايلىرىدا ئولتۇراتتۇق، كىمكى ئەمدى (ئوغرىلىقچە) ئاڭلاشقا ئورۇنىدىكەن، ئۇنى كۆزىتىپ تۇرغان كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلارنى بايقايدۇ [9]

جىنلارنىڭ ئىنسان چۈشەنچىسىگە تەسىر كۆرسىتىش ئالاھىدىلىكى بار. ئۇلارغا –(اللەنىڭ بەندىلىرىدىن باشقا)- ئازغان كىشىلەرگە يوليورۇق بىرىشكە روخسەت بىرىلگەن.

اللە لەنەتكەردى ئىبلىس بىلەن بولغان دىئالوگنى ھىكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿سىنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەم سىنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىڭدىن باشقا ھەممە كىشىنى(توغىرا يولدىن) ئازدۇرىمەن﴾

بۇ ھەقتە بۇندىن باشقا ئايەتلەرمۇ بار. لىكىن بىز ئىبلىس قانداق ۋەسۋەسە قىلىدۇ؟ قانداق يوليورۇق بىرىدۇ؟ قانداق قورال بىلەن؟  بۇنى بىلمەيمىز.

ئۇ ئىنساننىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تىلىنى چۈشىنەلەيدۇ. بۇنىڭ دەلىلى بىر توپ جىنلارنىڭ قۇرئاننى ئاڭلىشى ۋە چۈشىنىشى ۋە ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىشىدۇر.

جىنلار ھىدايەت ۋە ئازغۇنلىقلارنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى سۈرە جىندا كەلگەن:

﴿ بىزدىن مۇسۇلمانلار ۋە ھەق يولدىن چىققۇچىلارمۇ بار، مۇسۇلمان بولغانلار توغرا يولنى ئىزدىگەن بولىدۇ [14]. توغرا يولدىن چىققۇچىلار جەھەننەمگە ئوتۇن بولىدۇ» [15]

ئۇلار قەۋمىنىڭ قىشىغا ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتتى، ۋە ئۇلار قەلىبلىرىدە ئىمان بار لىكىن قەۋمىنىڭ ئىمان ئىيتمىغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن  ئۇلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلدى.

مانا بۇ جىننىڭ ئىشلىرىدىكى جەزمى بولغان تەرەپلەردۇر. ئۇ بىزگە يىتەرلىكتۇر.

بۇنىڭدىن ئارتۇق تەپسىلاتلارنىڭ دەلىلى يوق.

ئەمما بۇ ئايەتلەر ئىشارەت قىلىدىغا ھادىسىلەرگە كەلسەك –سۈرە جىننىڭ بارلىق ئايەتلىرى ئىشارەت قىلغاندەك-

بۇ ھەقتە نۇرغۇنلىغان رىۋايەتلەر بار بولۇپ بىز ئۇلارنىڭ ئەڭ سەھىھلىرىنى دەلىل كەلتۈرىمىز:

ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم، ئىمام ئەھمەد، ئىمام بەيھەقى قاتارلىقلار نەقلى قىلغان ھەدىستە ئىبنى ئابباس -رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما-مۇنداق دىگەن:«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىنلارغا قۇرئان ئوقۇپ بەرمىگەن ۋە ئۇلارنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر توپ ساھابىلىرى بىلەن ئوكاز بازىرىغا كىتىۋاتقان ئىدى. شۇ چاغدا ئاسمان خەۋىرى بىلەن جىنلارنىڭ ئوتتىرسىدا ھەقىقەتەن توسالغۇ پەيدا بولدى. ئۇلارغا كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلار ئىتىلاتتى. جىنلار باشلىقلىرىنىڭ يىنىغا قايتىپ كەلگەندە باشلىقلىرى: سىلەرگە نىمە بولدى؟- دىيىشتى، ئۇلار بىز بىلەن ئاسمان خەۋىىرىنىڭ ئوتتۇرسىدا توسالغۇ پەيدا بولدى، كۆيدۈگۈچى يۇلتۇزلار بىزگە ئىتىلدى-دىيىشتى. باشلىقلىرى: سىلەر بىلەن ئاسمان خەۋىرى ئوتتىرسىدا توسالغۇ پەيدا بولغىنىغا قارىغاندا، چوقۇم بىر يىڭى ئىش يۈز بىرىپتۇ. سىلەر زىمىننىڭ مەشرىق ۋە مەغرىبلىرىغا ئاتلىىنىڭلار! سىلەر بىلەن ئاسمان خەۋىرى ئوتتىرسىدا نىمە ئىش بولغىنىغا قاراڭلار!-دەپ بۇيرۇق بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن ئاسمان خەۋىرى ئوتتىرسىدا نىمە ئىش يۈز بەرگىننى  بىلىش ئۈچۈن زىمىننىڭ مەشرىق ۋە مەغرىبلىرىغا ئاتلاندى. تەھامە تەرەپكە قاراپ ماڭغان بىر توپ جىنلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىشىغا كىلىشتى. دەل شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇكاز بازىرىغا قاراپ يولغا چىقىپ  نەخلە دىگەن جايغا كەلگەندە ساھابىلىرى بىلەن بامدات نامىزى ئوقىۋاتاتتى. جىنلار قۇرئان ئاڭلاپ ئۇنىڭغا قۇلاق سىلىشتى. ئۇلار:  اللەنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى بىز بىلەن ئاسمان خەۋىرى ئوتتىرسىدا توسالغۇ بولغان نەرسە مانا مۇشۇ –دىيىشتى. ئۇلار ئۇيەردىن قەۋمىنىڭ قىشىغا قايتقاندا ئى قەۋمىمىز:

﴿بىز توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ئاڭلىدۇق [1]. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، پەرۋەردىگارىمىزغا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمىز [2]﴾..

ئاندىن اللە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۈۋەندىكى ئايەتنى چۈشۈردى:

﴿(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «بىر قانچە نەپەر جىننىڭ (قۇرئان) تىڭشاپ (ئىمان ئېيتقانلىقى) ماڭا ۋەھيى قىلىندى»

ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا جىننىڭ سۆزى نەقلى قىلىندى.

   مۇسلىم، ئەبۇداۋۇد، تىرمىزى -ئۆز ئىسنادى بىلەن- ئەلقەمەدىن نەقلى قىلىنغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئىبنى مەسئۇد -رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ-غا: جىننىڭ ۋەقەلىكى بولغان كىچىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سىلەردىن بىرىسى ھەمراھ بولغانمۇ؟-دىدىم. ئىبنى مەسئۇد دىدىكى: ئۇكىچىسى بىزدىن ھىچكىم ئۇنىڭغا ھەمراھ بولمىغان، لىكىن بىز ئۇنىڭ بىلەن ئۇ كىچىدە بىللە ئىدۇق. بىز ئۇنى يوقىتىپ قويدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىز ۋادى ۋە جىلغىلارنى ئىزدىدۇق. ئۇنى تاپالمىغاندىن كىيىن : ئۇ چۆچىتىلدى  ياكى سۈيقەستكە ئۇچىراپتۇ-دىدۇق.

بىز كىشىلەر ئۆتكۈزگەن ئەڭ قورقۇنۇچلۇق كىچىنى ئۆتكۈزدۇق.

ئەتتىگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىرا تەرەپتىن كەلدى. بىز ئى اللەنىڭ ئەلچىسى: بىز سىنى يوقۇتۇپ قويدۇق،.ئىزدىدۇق لىكىن تاپالمىدۇ.

بىز كىشىلەر ئۆتكۈزگەن ئەڭ قورقۇنۇچلۇق كىچىنى ئۆتكۈزدۇق- دىدۇق.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مىنىڭ قىشىمغا جىنلارنىڭ دەۋەتچىسى كەلدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باردىم. ئۇلارغا قۇرئان ئوقۇپ بەردىم»-دىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىز بىلەن بىرگە ماڭدى ۋە بىزگە جىنلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئوتلىرىنىڭ ئىزلىرىنى كۆرسىتىپ قويدى. جىنلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قانداق يىمەكلىكلەرنى يىيىش توغىرسىدا سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

ئۇنىڭغا اللەنىڭ ئىسمى تىلغا ئىلىنغان ھەرقانداق سۆڭەك سىلەرنىڭ يىمەكلىكىڭلار،ئۇ سۆڭەك سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تولۇق گۆش بولۇپ چۈشىدۇ.

ھايۋانلارنىڭ تىززەك ۋە ماياقلىرى سىلەرنىڭ ئۇلاغلىرىڭلارنىڭ   يىمەكلىكى»-دىدى.

ئۇ بىز ئىنسانلارغا ۋەسىيەت قىلىپ دىدىكى:« ھەرقانداق سۆڭەك ۋە تىززەك ياكى ماياق بىلەن ئىستىنجا (ئەۋرىتىڭلارنى سۈرتمەڭلار) قىلماڭلار چۈنكى بۇ ئىككىسى قىرىندىشىڭلار بولغان جىنلارنىڭ يىمەكلىكى»..-دىدى.

ئىبنى ئىسھاق –بۇ ئىبنى ھىشام رىۋايەت قىلغان تارىختا بار- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاغىسى ئەبۇ تالىب ۋاپات بولغان كىيىن تائىفقا سەقىف قەبىلىسىدىن ياردەم سوراپ چىققاندىن كىيىنكى  بىر توپ جىنلارنىڭ خەۋىرىنى كەلتۈردى. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  ۋە مەككىدىكى مۇسۇلمانلارغا مۇشرىكلارنىڭ ئەرزىيەتلىرى قاتتىق كۈچەيگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام ئۇلاردىن ياردەم سوراپ بارغاندا ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قەبىھ ئۇسۇلدا رەدىيە بەردى. ۋە نادان كىشىلەرنى ۋە كىچىك بالىلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەرزىيەت يەتكۈزۈشكە قىززىقتۇرىدى.  ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تاش ئىتىپ ئىككى پۇتىدىدىن قان ئاققۇزدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەزمۇنى چوڭقۇر بولغان ئۇلۇغ تەسىرلىك دۇئالار بىلەن رەببىگە يۈزلەندى: «ئى اللە مەن ساڭا كۈچىمنىڭ ئاجىزلىقى،چارىسىزلىكىمنى،ۋە كىىشلەرنىڭ مىنى خارلىماسلىقىنى ساڭا شىكايەت قىلىمەن. ئى ئەڭ رەھىمدىل رەببىم سەن ئاجىز كىشىلرنىڭ رەببى. سەن مىنىڭ رەببىم. سەن مىنى كىمگە تاشلاپ قويىسەن؟ماڭا قاپىقىنى تۈرىدىغان يىراق دۈشنەنگىمۇ ياكى مىنىڭ ئىشلىرىمغا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان دۈشمەنگىمۇ؟ ئەگەر سىنىڭ ماڭا غەزىپىڭ بولمىسا مەن بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايمەن. لىكىن سەندىن مىنى سالامەت قىلىشىڭنى سورايمەن. مەن زۇلىمەتلەرنى يورۇتقان ۋە دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىشى ئۇنىڭغا بويسۇنىدىغان يۈزىڭنىڭ نۇرى بىلەن سەندىن ماڭا غەزەپلەنمەسلىكىڭنى ياكى ماڭا غەزىپىڭنىڭ چۈشمەسلىكىنى تىلەيمەن. رازىلىق سەن رازى بولغىچە ساڭا خاستۇر. سەندىن باشقا ھىچقانداق تايانچىم يوقتۇر.»..   

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەقىف قەبىلەسىنىڭ ياخشىلىقىدىن ئۈمۈدسىزلەنگەندە تائىفتىن مەككىگە قايتتى. ئۇ نەخلە دىگەن جايغا كەلگەندە يىرىم كىچە بولغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقىۋاتقاندا اللە زىكرى قىلغان بىر توپ جىنلار ئۇنىڭ يىنىدىن ئۆتتى. ۋەھالەنكى ئۇلار يەتتە نەپەر جىن ئىدى. ئۇلار قۇرئاننى ئاڭلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامىزىدىن پارىغ بولغاندا ئۇلار ئۆز قەۋمىنىڭ قىشىغا ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتتى. ئۇلار ئىمان ئىيتتى ۋە ئاڭلىغان قۇرئانغا ئاۋاز قوشتى. اللە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى بىرىپ مۇنداق دىدى:

﴿(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى ساڭا قۇرئان تىڭشاشقا ئەۋەتتۇق،

دىگەن  ئايەتتتىن...

﴿...اللە سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ساقلايدۇ» [31]

دىگەن ئايەتكىچە نازىل بولدى. ھەمدە اللە مۇنداق دىدى:

﴿(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «بىر قانچە نەپەر جىننىڭ (قۇرئان) تىڭشاپ (ئىمان ئېيتقانلىقى) ماڭا ۋەھيى قىلىندى


دىگەن ئايەت ئۇلارنىڭ  سۈرىدىكى قىسسىسىنىڭ ئاخرىغىچە نازىل بولدى.

ئىبنى كەسىر تەپسىردە ئىبنى ئىسھاقنىڭ رىۋايىتىنى تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن ئىزاھلايدۇ:‹ بۇ سەھىھ لىكىن ئۇنىڭ جىنلارنىڭ ئاشۇ كىچىدە قۇرئان ئاڭلىغانلىقى توغىرىسىدا باشقىچىە كۆز قاراش بار. چۈنكى جىنلارنىڭ قۇرئان ئاڭلىشى ۋەھيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بولغان. ئۇنىڭغا يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئىبنى ئابباسنىڭ ھەدىسى  ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ۋاپات بولغاندىن كىيىن تائىفقا چىققانلىقى دەلىلى بولىدۇ. بۇجىنلارنىڭ ۋەقەلىكى ئىبنى ئىسھاق ۋە باشقىلار جەزىملەشتۈرگەندەك ھىجرەتتىن بىر ياكى ئىككى يىل بۇرۇن بولغان.

اللە بۇ ئىشلارنى ئوبدان بىلىدۇ.

بۇ يەردە بۇندىن باشقا نۇرغۇ رىۋايەتلەر بار .بىز مۇشۇ رىۋايەتلەرنىڭ ئارىسىدىن ئىبنى ئابباسبىڭ رىۋايىتىگە ئاساسلىنىمىز. چۈنكى ئىبنى ئابباسبىڭ رىۋايىتى قۇرئان ئايەتلىرىگە مۇۋاپىق كىلىدۇ:

﴿(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «بىر قانچە نەپەر جىننىڭ (قۇرئان) تىڭشاپ (ئىمان ئېيتقانلىقى) ماڭا ۋەھيى قىلىندى

مانا بۇ شۇنىڭغا كەسكىن دەلىل بولىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھادىسلەرنى ۋەھيى يولى ئارقىلىق بىلگەن ۋە ئۇلارنى كۆرمىگەن ۋە ھىس قىلمىغان. بۇ رىۋايەت ئىسناد جەھەتتە باشقا ھەرقانداق رىۋايەتتىن كۈچۈكتۇر. بۇ رىۋايەت بىلەن ئىبنى ئىسھاقنىڭ رىۋايىتى ماسلىشىدۇ. شۇنىڭدەك ئىبنى ئابباسنىڭ رىۋايىتىنى قۇرئاندىكى جىنلارنىڭ سۈپىتى توغىرىسىدىكى ئايەت كۈچلەندۈرىدۇ:

﴿ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ گوروھى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ لىكىن سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر.﴾..

بۇ يەردە ھادىسلەرنى روشەنلەشتۈرۈشنىڭ ئەھمىيتى بار.

_  _  _


(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى ساڭا قۇرئان تىڭشاشقا ئەۋەتتۇق، ئۇلار قۇرئان تىلاۋىتىگە ھازىر بولغاندا (بىر ـ بىرىگە): «جىم تۇرۇڭلار» دېيىشتى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتىشتى [29]

ئۇنداقتا بىر توپ جىنلارنىڭ قۇرئان ئاڭلىشى تاسادىبى بولغان ھادىسە بولماستىن اللەنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولغان ئىدى. جىنلارنىڭ بۇندىن بۇرۇن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تونۇغاندەك ئاخىرىقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ  پەيغەمبەرلىكنى تونىشى ۋە ئۇلاردىن بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئىمان ئىيتىشى ۋە خۇددى ئىنساننىڭ شەيتانلىرىغا تەييارلانغاندەك جىنلارنىڭ شەيتانلىرىغا تەييارلانغان جەھەننەم ئوتىدىن قۇتۇلىشى اللەنىڭ تەقدىرىدە بولغان ئىدى.

قۇرئان بىر توپ قۇرئان ئاڭلاۋاتقان-( ئۇلارنىڭ سانى ئۈچتىن ئونغىچە بولغان ئارلىقتىكى جىنلاردىن ئىبارەت )- جىنلارنىڭ كۆرۈنىشىنى تەسۋىرلەپ بىرىدۇ، ۋە ئۇلارنىڭ ھىس-تۇيغۇسىدىكى تەقۋادارلىق، قۇرئاندىن تەسىرلىنىش، ئازاپتىن قورقۇش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاغا يۈزلىنىش.. قاتارلىق ئوي پىكىرلەرنى سۈرەتلەپ بىرىدۇ.


﴿ ئۇلار قۇرئان تىلاۋىتىگە ھازىر بولغاندا (بىر ـ بىرىگە): «جىم تۇرۇڭلار» دېيىشتى


بۇ سۆزلەر قۇرئان ئاڭلاش جەريانىدىكى بارلىق پوزىتسىيىلەرنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.


﴿ قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتىشتى

بۇ ئايەتمۇ يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى قۇرئاننى دىققەت بىلەن ئاڭلاشتىن پەيدا بولغان تەسىرنى سۈرەتلەپ بىرىدۇ.

ئۇلار پۈتۈن دىققىتى بىلەن قۇرئان ئاڭلىدى. قۇئان تىلاۋىتى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن دەرھال قەۋمىنىڭ  يىنىغا قايتتى. ئۇلارنىڭ قەلبى ۋە ھىس-تۇيغۇلىرى قۇرئاننىڭ بۇيرۇقلىرىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدىغان ۋە ئۇنى يەتكۈزۈشتە ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشتا سۆرەلمىلىك قىلىپ تۇرالمايدىغان ئىلھامنى ھىس-قىلدى.

ئۇ ھىس-تۇيغۇلىرى يىڭى بىر نەرسىگە تولغان ۋە  ئۇنى بۇ يوليورۇقلار ھەركەتلىنىشكە ۋە ئۇنى قارشى ئىلىشقا ۋە ئۇنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشكە ئۈندەيدىغان  غالىب بىر كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغا كىشىنىڭ روھى ھالىتىدۇر.


﴿ ئۇلار ئېيتتى: «ئى قەۋمىمىز! ھەقىقەتەن بىز مۇسادىن كېيىن نازىل بولغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھەق دىنغا ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىڭشىدۇق» [30]

ئۇلار دەرھال قەۋمىنىڭ قىشىغا قايتىپ:  ھەقىقەتەن بىز مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن كىيىن نازىل قىلىنغان، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كىتابىنى تەستىقلايدىغان يىڭى بىر كىتابنى ئاڭلىدۇق-دىدى.  

ئۇنداقتا ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كىتابىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇلار بۇ قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى ئاڭلاپلا ئىككى كىتاپ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىرەتنى بىلگەن، ئۇ ئايەتتە ئەمىليەتتە مۇسا ئەلەيھسسالام ۋە ئۇنىڭ كىتابى تىلغا ئىلىنمىغان بولىشى مومكىن، لىكىن بۇ ئايەتلەرنىڭ خاراكتىرى- بۇ ئايەتلەرنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كىتابى ئىلىنغان مەنبەدىن ئىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

-نىسپى جەھەتتە-  ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ تەسىرلىرىدىن يىراق بولغان بۇ جىنلارنىڭ قۇرئان ئايەتلىرىدىن لەززەت ئىلىشى بىلەنلا ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بىرىشى قۇرئاننىڭ اللە تەرەپتىن چۈشكەنلىكىگە دەلىلدۇر ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ يەردە جىنلار قەلىبلىرى ھىس قىلغان ۋە خۇرسەن بولغان ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:


﴿ھەق دىنغا ۋە توغرا يولغا باشلايدۇ

بۇ قۇرئاندا ھەق ۋە ھىدايەتنىڭ ئورنى بەك چوڭ. قەلبى پەقەتلا ئۆلگەن كىشى قۇرئانغا قارشى تۇرىدۇ؛ پەقەت سەركەش ۋە مۇتەكببىر ۋە باشقۇرغىلى بولمايدىغان ئىپلاس ھاۋايى ھەۋەسكە بىرىلگەن روھ ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىدۇ.

شۇڭا قۇرئان ئۇلارنىڭ قەلىبلىرىگە تۇنجى قىتىم تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن بۇ قەلىبلەر بۇ گۇۋاھلىقنى سۆزلەيدۇ، ۋە ئۆزىگە تەسىر كۆرسەتكەن نەرسنى بايان قىلىدۇ.   

جىنلار تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئۆزلىرىگە ۋاجىپ بولغان چوقۇم ئادا قىلىشقا تىگىشلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى:


﴿ «ئى قەۋمىمىز! اﷲ قا دەۋەت قىلغۇچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە اﷲ قا ئىمان ئېيتىڭلار، اﷲ بەزى گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ساقلايدۇ» [31]


جىنلار مۇشۇ كىتابنىڭ زىمىنغا چۈشىشىنى اللە تەرەپتىن ئىنسان ۋە جىنغا كەلگەن چاقىرىق دەپ ھىسابلىدى.

ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇنىڭ مۇشۇ قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىشى ۋە ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ مۇشۇ قۇرئاننى ئاڭلىشى بىلەنلا ئۆزلىرىنى اللەغا دەۋەت قىلىدىغان دەۋەتچى دەپ ھىسابلىدى. دەرھال ئۇلار قەۋمىگە خىتاب قىلدى:


﴿«ئى قەۋمىمىز! اﷲ قا دەۋەت قىلغۇچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە اﷲ قا ئىمان ئېيتىڭلار،

شۇنىڭدەك جىنلار ئاخىرەتكە ئىمان ئىيتتى، ئۇلار ئاخىرەتكە ئىمان ئىيتقان ۋە اللەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقاندا اللەنىڭ گۇناھلارنى مەغفىرەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئازاپتىن قۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلدى-دە قەۋمىگە جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر يەتكۈزدى ۋە ئۇلارنى ئۆزى بىلگەن نەرسىلەر بىلەن اللەنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇردى.  

      ئىبنى ئىسھاق بۇ ئايەتتە جىنلارنىڭ سۆزى ئاخىرلاشتى دەپ نەقلى قىلىدى. لىكىن سۈرىنىڭ ئۇسلۇبى بۇ ئىككى ئايەتنىڭمۇ جىنلارنىڭ سۆزلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

بىز تۈۋەندىكى ئايەت بىلەن بۇنى كۈچلەندۈرىمىز:


﴿ كىمكى ﷲ قا (ئىمان ئېيتىشقا) دەۋەت قىلغۇچىنىڭ (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ) دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىسا، ئازابتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، اﷲ تىن باشقا (ئۇنى ﷲ نىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى) ياردەمچىلەر بولمايدۇ، ئۇلار (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغۇچىلار) ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتىدۇر [32

بۇ ئايەت جىنلارنىڭ قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرىشىنىڭ داۋامىدىن ئىبارەت. ئۇلار قەۋمىنى ئىمان ئىيتىشقا ۋە اللەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشقا دەۋەت قىلدى. شۇڭا جىنلارنىڭ قەۋمىگە اللەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشماسلىقنىڭ قورقۇنۇچلىق ئاقىۋەت ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى ۋە اللەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمىغان كىشىنىڭ اللەنىڭ ئازابتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ كىشىنىڭ ﷲ تىن باشقا (ئۇنى ﷲ نىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى) ياردەمچىلەرنى تاپالمايدىغانلىقىنى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغۇچىلارنىڭ  توغىرا يولدىن ئازىدىغانلىقىنى بايان قىلغانلىقى ئىھتىمالغا ئەڭ يىقىندۇر.  

شۇنىڭدەك ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئايەتلەر جىنلار اللەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمىغان كىشىلەردىن ئەجەپلەنگەن ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزىشنى ئويلىغان، ۋە بۇ يەردە اللەنىڭ جازاسىدىن باشقا ھىساب يوقلىقىنى ئويلىغان ھالاتتە قەۋمىگە قىلغان جىنلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئىكەنلىكىنى بەكراق ئىھتىمال تۇتىدۇ.


﴿ ئۇلار (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى كۇففارلار) بىلمەمدۇكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان ۋە ئۇلارنى يارىتىشتا چارچاپ قالمىغان اﷲ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟ دۇرۇس، ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر [33]

بۇ  سۈرىنىڭ ئەۋۋىلىدە تىلغا ئىلىنغان كائىناتنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرغان كىتابىغا نەزەر سىلىشتىن ئىبارەت.

كۆپىنچە قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇسلۇبى سۈرىدىكى بىۋاستە سۆز بىلەن ئۇنىڭغا ئوخشاش قىسسىدە كەلگەن سۆزنىڭ ئوتتۇرىسىنى ماسلاشتۇرىشنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ئاندىن ئىككى مەنبەنىڭ ئارىسسنى بىر ھەقىقەت ئۈستىدە ماسلاشتۇرىدۇ.

كائىنات كىتابى دەسلەپتە ئاسمان-زىمىننى يارىتىشتكى ئاجايىپ قۇدىرەتكە گۇۋاھلىق بىرىدۇ. ۋە بۇ كىتاب ئىنسان تۇيغۇسىغا ئۆلگەندىن كىيىنكى تىرىلدۈرۈشنىڭ ئاسان ئىكەنلىكىنى ئىشارەت قىلىدۇ. بۇ ئۆلگەندىن كىيىنكى تىرىلدۈرۈش بۇ يەردىكى ئەسلى مەقسەتتۇر.

مەسىلىنىڭ سۇئال-جاۋاب شەكىلدە ئوتتۇرغا قويىلىشى بۇ ھەقىقەتلەرنى بەلگىلەشكە ئەڭ كۈچلۈك رول ئوينايدۇ. ئاندىن كىيىن ئومومى چۈشەندۈرۈش كىلىدۇ:



﴿ ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر


بۇ ئايەت بولغان ياكى بۇندىن كىيىن بولىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بۇ قۇدىرەتنىڭ دائىرسى ئىچىدىكى تىرىلدۈرۈش ۋە ئۇندىن باشقا ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


مەنبە: قۇرئان كەرىم تەپسىرىدىن


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Hislet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-20 07:40 PM  





ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12101
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 406 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 09:56:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Hislet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-22 10:03 AM  


ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95058
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 01:25:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىم سەھەر تۇرسا، كۆڭلى خاتىرجەم، تېنى ساغلام بولسا، شۇ كۈنلۈك تەمىناتىغا ئىگە بولسا، ئۇ ھالدا پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭ ئىلكىدە بولغاندەك بولىدۇ



مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19242
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1868 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 11:53:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەخىت كىلىدۇ نەدىن  پىشانەڭدىكى تەدىن.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77608
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3534
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2012-3-18
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 10:44:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12101
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 406 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمام ھەسەن بەننا
 
 
تۇغۇلۇپ يېتىلىشى
 
ھەسەن بەننانىڭ تولۇق ئىسمى: ھەسەن ئەھمەد ئابدۇراخمان بەننا بولۇپ، 1906- يىلى ئۆكتەبىرنىڭ 14-كۈنى مىسىرنىڭ بۇھەيرە ئۆلكىسى مەھمۇدىيە شەھىرىدە ئوتتۇرىھال دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى بۇھەيرە ئۆلكىسى مەھمۇدىيە شەھىرىدىكى فۇۋۋە ناھىيىسى ئىدفىنا يېزىسىدا تېرىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى.
ئۇنىڭ بوۋىسى ئابدۇرراهمان تۇرمۇشى تۆۋەن دېھقان ئىدى. ئۇنىڭ بالىسى شەيخ ئەھمەد ئانىسىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېرىقچىلىق ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈپ، مەھەللىسىدىكى قارىخانىغا كېرىپ قۇرئان كەرىم يادلىغان ۋە تەجۋىد قائىدىلىرىنى ئۆگەنگەن. ئاندىن ئىسكەندەرىيە شەھىرىدىكى ئىبراھىم پاشا مەسچىتىدە شەرىئەت بىلىملىرىنى ئوقۇغان، ئوقۇش ئارىلىقىدا قوشۇمچە سائەت رېمۇنت قىلىش دۇكىنىغا شاگىرتلىققا كېرىپ بۇ كەسىپنى پۇختا ئىگىلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن سائەت رېمۇنىت قىلىش ۋە باشقا تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، شۇ سەۋەبتىن ئۇ  سائەتچى دېگەن نام بىلەن تونۇلغان.
شەيخ ئەھمەد ھەدىسشۇناس بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنى يېتىلدۈرگەن ۋە بۇ ساھەدە يېتىشىپ چىققان. ھەدىسشۇناسلىق ساھەسىدە نەتىجە يارىتىپ بىر قانچە ئەسەر يېزىپ قالدۇرغان. "ئىمام ئەھمەدنىڭ مۇسنەد ناملىق كىتابىنى رەتلەشتىكى ئاللاھنىڭ ئىلھامى" ناملىق ئەسەر ئەنە شۇ نەتىجىلەرنىڭ بىرى. مانا مۇشۇ كىشىنىڭ تەربىيىسىدە ھەسەن بەننا يېتىشىپ چىققان ۋە دادىسىنىڭ كۆپلىگەن خاراكتېرىنى ئۆزلەشتۈرگەن. شۇنداقلا دادىسىنىڭ قولىدا سائەت رېمۇنىت قىلىش ۋە كىتاب مۇقاۋىلاش ھۈنىرىنى ئۆگەنگەن.
 
ھايات سەپىرىنىڭ باشلىنىشى
ھەسەن بەننا ئوقۇشنى مەھمۇدىيەدىكى قارىخانىدىن باشلىغان، بىر قانچە قارىخانىدا يۆتكىلىپ ئوقۇغان، قارىخانىدا ئۆتكۈزگەن مۇددەت ئانچە ئۇزۇن بولمىغان، بۇ جەرياندا قۇرئان كىرىمنى تولۇق يادا ئېلىپ بولالمىغان. چۈنكى ئۇ  قارىخانىلاردىن زېرىكىپ، ئۇ يەردە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالمىغان. شۇ سەۋەبتىن دادىسىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي تولۇقسىز مەكتەپكە كىرگەن. دادىسى ئۇنىڭ تولۇق قارى بولىشىنى كۆزلەيتتى. ھەسەن بەننا قۇرئان كىرىمنى ئۆيدە يادلاپ تۈگىتىشكە ۋەدە بەرگەندىن كېيىن ئاندىن دادىسى ئۇنىڭ تولۇقسىزدا ئوقۇشىغا قوشۇلغان.
تولۇقسىز مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن دەمەنھۇر شەھىرىدىكى بىرىنچى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىكىگە كىرگەن. 1923-يىلى قاھىرەدىكى دارىلئۇلۇم فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1927- يىلى ئوقۇش تاماملىغان. ئۇ دارۇلئۇلۇمغا ئوقۇشقا كىرگەن مەزگىل فاكۇلتېتنىڭ دەرس پروگراممىلىرى تازا ئۆزگىرىۋاتقان دەۋرگە توغرا كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن تىل- ئەدەبىيات، شەرىئەت، جۇغراپىيە ۋە تارىخ بىلەن بىرگە بىئولوگىيە ماددىسى، قانۇن- تۈزۈم ۋە سىياسىي ئىقتىساد دېگەندەك دەرسلەرنى ئۆگەنگەن.
ھەسەن بەننانىڭ يۇقىرىقى ساھەگە تەۋە كىتابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ كۇتۇپخانىسى بار ئىدى. ئۇنىڭدىن سىرت مىسىردا نەشىر قىلىنىۋاتقان "مۇقتەتاف" (ئۈزۈندە)، فەتھ (ئازادلىق)، مانار ژۇرنىلى ۋە باشقا نەشرى ئەپكارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 تۈرلۈك ژۇرناللارغا مۇشتەرى ئىدى. ئۇنىڭ كۇتۇپخانىسى ھازىرغا قەدەر ئوغلى سەيفۇل ئىسلامنىڭ ئىلكىدە ساقلانماقتا.
ھەسەن بەننا ئىسمائىلىيە ۋىلايىتىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە 19 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن قاھىرە شەھىرىگە يۆتكىلىپ كېرىشنى ئويلىغان. 1946- يىلى ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا سورىغاندا ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىگە بېرىلىدىغان بەشىنچى دەرىجىدىكى كادىرلىق مەنسىپىگە ئۆرلىگەن ئىدى. بۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن كۈندىلىك نەشىر قىلىنىدىغان" ئىخۋان مۇسلىمۇن" گېزىتىدە خىزمەت قىلغان. ئاندىن مۇستەقىل كېرىم مەنبەسى يارىتىش ئۈچۈن 1947- يىلدىن باشلاپ «شىھاب» (ئۇچقۇن) ناملىق ئايلىق ژۇرنالنى نەشىر قىلغان. بىراق بۇ ژۇرنال 1948- يىلى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى ئىخۋان مۇسلىمۇن جامائىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى بىلەن تاقىلىپ قالغان.
ھەسەن بەننانىڭ ھاياتىدىن ئۈزۈندە:
ھەسەن بەننا بىر قانچە دىنىي ئۇستاز ۋە ئالىملاردىن تەسىرلەنگەن. ئۇلارنىڭ قاتارىدىن دادىسى شەيخ ئەھمەد، مەھمۇدىيەدىكى رەشاد مەدرىسىسى ۋە «ئىسئاد» (بەختلىك قىلىش) ژۇرنىلىنىڭ ئىگىسى شەيخ مۇھەممەد زەھران، (جاۋاھىر قۇرئان) ناملىق تەپسىرنىڭ ئاپتورى شەيخ تەنتاۋى جەۋھەرىدىن ئىبارەت. تەنتاۋى جەۋھەرى ئىخۋان مۇسلىمۇن جامائىتى بىرىنچى قېتىم نەشىر قىلغان ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
ھەسەن بەننا 1927- يىلى دارىلئۇلۇم فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىسمائىلىيە شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. كېيىنكى يىلى يەنى 1928- يىلى ئىخۋان مۇسلىمۇن جامائىتىنى قۇرۇپ چىققان. لېكىن ئۇ تەشكىلاتنى قۇرۇشتىن ئىلگىرى (مەنىۋى ئەخلاق جامائىتى)، مەھمۇدىيەدىكى (ھارام ئىشلارنى چەكلەش جامائىتى) ۋە دەمەنھۇر شەھىرىدىكى (تەسەۋۋۇپ ھەسافى سۇلۇكى) دېگەندەك بىر قانچە دىنى جامائەت ۋە ئىجتىمائىي ئۇيۇشمىلاردا پائالىيەت ئېلىپ بارغان.  شۇنداقلا 1927- يىلى مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ۋە بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغان.
ھەسەن بەننا ئۆزى قۇرۇپ چىققان ئىخۋان مۇسلىمۇن تەشكىلاتى تەرەققى قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك قاتلاملىرىغا كەڭرى تارىغان، 40- يىللارنىڭ ئاخىرىدا مىسىردىكى ئەڭ كۈچلۈك سىستېمىلىق سىياسى ئىجتىمائىي كۈچكە ئايلانغان. شۇنداقلا كۆپلىگەن ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىدە تارماق شۆبىلىرى ئېچىلغان.
ھەسەن بەننا ھەر دائىم جامائىتىنى سىياسىي پارتىيە ئەمەس، ئۇ ئىسلاھات مەزمۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە جەم قىلغان، ساپ - سۈزۈك توغرا ئىسلامغا قايتىشقا ۋە ئىسلامنى ھايات پرىنسىپى قىلىپ بەلگىلەشكە ھەرىكەت قىلىدىغان ئىدىيە دەپ تەكىتلەيدىغان ئىدى.
ئۇنىڭ ئىسلاھات مېتودى تەربىيە ئۇسۇلىغا، نىشانلىنىۋاتقان ئۆزگەرتىش (ئىسلاھات) ئېلىپ بېرىش ھەرىكىتىدە تەدرىجى يول تۇتۇشقا تايىنىدۇ. بۇ ئىسلاھات مېتودى مۇسۇلمان شەخس، مۇسۇلمان ئائىلە، ئاندىن مۇسۇلمان جەمئىيەت، ئاندىن مۇسۇلمان دۆلەت، ئاندىن ئىسلام خەلىپىلىكنى شەكىللەندۈرۈشكە، ئاخىرnدا بارلىق ئىنسانلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش ئۈچۈن دۇنياغا ئۇستازلىق قىلىش باسقۇچىغا يېتىشنى نىشانلايدۇ.
ھەسەن بەننا 1928- يىلدىن تارتىپ 1949- يىلغىچە 20 يىل جەريانىدا ئىخۋان مۇسلىمۇن تەشكىلاتىنى يېتەكلەپ ماڭىدۇ. ۋەفد پارتىيىسى ۋە سەئدى پارتىيىسى بىلەن بىر قانچە سىياسى كۈرەشلەرگە قاتنىشىدۇ، بىراق تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ھالقىلىق باسقۇچقا يەتكەن مىسىرنىڭ ۋەتەن مەسىلىسىگە قارىتىدۇ. شۇ ۋاقىتتا مۇستەملىكىچى ئەنگلىيە ۋەتەننىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولغانغا قەدەر ئەنگلىيىگە بېسىم قىلىش ئۈچۈن مىسىرنى فوندستېرلىڭ  پۇل بىرلىكىدىن چىقىپ كېتىشكە چاقىرىدۇ. مۇشۇ مەقسەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىخۋانلار بىر  قانچە قېتىم قۇرۇلتاي ئاچىدۇ ۋە ۋەتەننىڭ ھەققىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزىدۇ. شۇنداقلا سۇۋەيس قانىلى رايونىدا ئەنگلىيە ئوفىتسېرلىرى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ بىر قانچىنى مەخپى ئۇجۇقتۇرىدۇ.

پەلەستىن مەسىلىسى
ھەسەن بەننا پەلەستىن مەسىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇنى بارلىق ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىسى دەپ قارايدۇ. ئۇ داۋاملىق «ئەنگلىيىلىكلەر بىلەن يەھۇدىلار ئىنقىلاپ، كۈچ كۆرسىتىش ۋە قان تىلىدىن باشقا بىر تىلنى چۈشەنمەيدۇ» دەپ تەكىتلەيدىغان ئىدى. ئۇ غەرب دۇنياسى بىلەن يەھۇدىلارنىڭ تىل بىرىكتۈرۈپ ئىسلام دۇنياسىغا قارشى ئىتتىپاق ئورناتقانلىقىنى ھېس قىلغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ 1947- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن پەلەستىننى پارچىلاش توغرۇلۇق چىققان قارارنى رەت قىلىپ، -پەلەستىن زېمىنىنىڭ ئەرەب مۇسۇلمان زېمىن ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن- پەلەستىن زېمىنىدا جىھاد قىلىشقا بارلىق مۇسۇلمانلارنى چاقىرغان، بولۇپمۇ ئىخۋان مۇسلىمۇن تەشكىلاتىغا ئالاھىدە چاقىرىق قىلغان.
ئۇ بۇ توغرىدا: « قىيامەت كۈنى بولغانغا قەدەر پۈتۈن پەلەستىن زېمىنىنىڭ ئەرەب مۇسۇلمان زېمىنى ھالىتىدە ساقلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن ئىخۋان مۇسلىمۇن جانلىرىنى ۋە ماللىرىنى تەقدىم قىلىدۇ» دەيدۇ.  1948 -يىلى 6- ماي كۈنى ئىخۋان مۇسلىمۇن تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلما ھەيئىتى مۇستەملىكىچى يەھۇدىلارغا قارشى مۇقەددەس جىھادنى ئېلان قىلىدىغان بىر قارارنى ئالغان. ھەسەن بەننا 1948- يىلدىكى ئۇرۇشتا ئىخۋان مۇسلىمۇن مۇجاھىدلىرىدىن پىداكارلانى ئەۋەتكەن. مانا مۇشۇ مەسىلە 1948- يىلى مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئىخۋان مۇسلىمۇن تەشكىلاتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋېتىشى ئۈچۈن قارار تەستىقلىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر. نەتىجىدە بۇ قارار ئىخۋان مۇسلىمۇن تەشكىلاتى بىلەن نەقراشى يېتەكچىلىكىدىكى ھۆكۈمەت ئارىسىدا  توقۇنۇشنىڭ يۈز بېرىشىكە سەۋەب  بولغان.
مۇسۇلمانلارنى ئىككى ئەسىردىن بۇيان مەشغۇل قىلىۋاتقان ۋە بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان ئويغىنىش مەسىلىسىدە ھەسەن بەننانىڭ جانلىق توغرا قاراشلىرى ۋە ئۆتكۈر نەزەرىيىلىرى بار ئىدى. ھەسەن بەننا ئويغۇنۇش مەسىلىسىنى بىر تەرەپتىن ياۋروپاغا مۇستەملىكە بولۇش ۋە تەۋە بولۇشتىن ئازات بولۇشقا؛ يەنە بىر تەرەپتىن مۇسۇلمانلار قولغا كەلتۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان ئىلمىي تەرەققىياتقا باغلىغان ئىدى.
ھەسەن بەننا بۇ توغرىدا: «ئەگەر بىز چەتئەلنىڭ ئارىلىشىۋېلىشىدىن ۋە دەخلى-تەرۇز قىلىشىدىن ئۆزىمىزنى ئازات قىلمىساق ئەھۋالىمىز ياخشىلانمايدۇ ۋە ئىچكى جەھەتتىكى ئىسلاھات پىلانىمىز ئىشقا ئاشمايدۇ» دېگەنىدى.
ئۇ يەنە:«ئىسلام ئۈممىتى ئىلىم- پەنسىز ئويغىنالمايدۇ، تەرەققى قىلالمايدۇ، كاپىرلار ئىلىم- پەننىڭ ياردىمى بىلەن بىزگە خوجايىن بولغان» دېگەن.
ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ- ئادەت، ئىستىل ۋە يۈرۈش- تۇرۇشتا ياۋروپاغا تەۋە بولۇپ قېلىشى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىگە توسالغۇ  بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارايتتى. ئۇ بۇ توغرىدا: « ياۋروپادىن قۇتۇلىشىمىز كېرەك دەپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن جار سېلىپ، ۋە ياۋروپانىڭ مۇستەملىكچىلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ تۇرۇپ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ياۋروپانىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرىنى ئۇلۇغ بىلىپ، ئادەتلىرىگە كۆنۈپ ۋە تاۋار-ماللىرىنى يەرلىك مەھسۇلاتلىرىمىزدىن ئارتۇق كۆرىشىمىز زىتلىق پەيدا قىلمامدۇ؟» دېگەن.
ھەسەن بەننا ئاياللار مەسىلىسىنى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى دەپ قارايتتى، شۇڭا «مۇسۇلمان خانىملار» نامى بىلەن مەخسۇس بىر قىسىم پەيدا قىلغان. ئۇ: «ئىسلام دىنىي ئاياللارغا ئۇلارنىڭ شەخسىي، مەدەنىي ۋە سىياسىي ھوقۇقىنى تولۇق بەردى» دەپ كۆپ قېتىم تەكرارلىغان. شۇ  ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھەققى-ھوقۇقنى جارى قىلدۇرغاندا رېئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە- ئۆلچەملەرنى تۈزگەن.
ھەسەن بەننا ياۋرۇپا ئوتتۇرا ئەسىردە تونۇغان مەنىدىكى (ئىلاھى ھۆكۈم) دىنىي ھۆكۈمەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا پەقەت چاقىرىق قىلغان ئەمەس. بەلكى كېڭەش (پارلامېنت)، ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدىكى ئىسلامى ھۆكۈمەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا چاقىرىق قىلغان. خەلق باشقۇرىشىدىكى قانۇن-تۈزۈم ھۆكۈمەت سىستېمىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن ۋە ئۇنى دۇنيادا مەۋجۇد بولۇۋاتقان قانۇن- تۈزۈملەر ئىچىدە ئىسلامغا ئەڭ يېقىن تۈزۈم دەپ ئېتىبارغا ئالغان.
 
ئەسەرلىرى
ھەسەن بەننانىڭ كىچىك ھەجىملىك ئەسەرلىرى ئىخۋان مۇسلىمۇن تەشكىلاتنىڭ ئومۇمىي ئىدىيىسى ۋە مېتودىنى تونۇشنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ «دەۋەت ۋە دەۋەتچىنىڭ تەزكىرىسى» ناملىق بىر قانچە قېتىم بېسىلغان كىتابى بولسىمۇ، بىراق بۇ  كىتاب ئۇنىڭ ھايات باسقۇچلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدۇ، بۇ  كىتاب ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ 1942- يىلىغىچە بولغان ئارلىقنى تەسۋېرلەپ بېرىدۇ.
ئۇنىڭ قىسقا ھەجىملىك ماقالىلىرى ۋە تەتقىقاتلىرى خېلى كۆپ بولۇپ، ھەممىسى ئوتتۇزىنچى ۋە قىرىقىنچى يىللاردا چىقىدىغان ئىخۋان مۇسلىمۇن تەشكىلاتنىڭ گېزىت ۋە ژۇرناللىرىدا نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭغا قوشۇمچە ئۇنىڭ «ئاللاھقا دەۋەت قىلىش» تېمىلىق  بىرىنچى ماقالىسى «ئىسلام ئازادلىق ژۇرنىلىدا» بېسىلغان.
 
ئالىملارنىڭ ھەسەن بەننا توغرىسىدىكى قاراشلىرى
ھەدىسشۇناس ئالىم ناسىرىددىن ئالبانى ھەسەن بەننا ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئىخۋان مۇسلىمۇن ژۇرنىلى قاھىرەدە چىقىدىغان چاغدا، ئۇستاز شەيخ سەييىد سابىق مەزكۇر ژۇرنالدا  «سۈننەتنى چۈشنىش» دېگەن تېما ئاستىدا ماقالە ئېلان قىلىدىغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ماقالىلىرى كېيىنچە بىزنىڭ ئىسلام فىقھىسىنى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ ئاساسىدا چۈشىنىدىغان مېتودىمىز بويىچە ماڭىدىغان مۇسۇلمانلار پايدىلىنىدىغان كىتابقا ئايلىنىپ «فىقھىسسۈننە»(يەنى سۈننەتنى  چۈشىنىش) دېگەن تېما ئاستىدا كىتاب بولۇپ چىقتى. بۇ  ماقالىلەر كىتاب بولۇپ بېسىلىشتىن ئىلگىرى مەن بۇ ماقالىلەرنى كۆرۈۋاتقىنىمدا، بىر قانچە مۇلاھىزىلىرىمنى مەزكۇر ژۇرنالغا ئەۋەتىپ، نەشىر قىلىنىشنى تەلەپ قىلغانىدىم. ئۇلار ماقالەمنى نەشىر قىلىشتىن سىرت، ماڭا ھەسەن بەننادىن رىغبەتلەندۈرۈش مەكتۇپى كەلگەنىدى».
ئۇ يەنە:  «ھەسەن بەننا يازغان مەكتۇپنىڭ يوقۇلۇپ كەتكىنىگە قانچە ئەپسۇسلىنىمەن، نەدە قالغاندۇ! بىلمىدىم. بىز داۋاملىق ھەسەن بەننا ھەققىدە سۆز قىلغىنىمىزدا قېرىنداشلىرىم ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار ئالدىدا: ئەگەر ھەسەن بەننانىڭ مۇسۇلمان ياشلارنى كىنوخانا، ئويۇنخانا ۋە قەھۋەخانىدىن تارتىپ چىقىرىپ؛ ئۇلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، بىر دەۋەت ۋە بىر ئىدىيىگە بىرلەشتۈرگەنلىكىدىن باشقا ئارتۇقچىلىقى بولمىسىمۇ؛ پەزىلەت، شەرەپ ۋە ئارتۇقچىلىق جەھەتتە ھەسەن بەنناغا يېتىپ ئاشىدۇ.  بىز بۇ گېپىمىزنى چىن قەلبىمىزدىن دەۋاتىمىز، رىيا قىلىپ ياكى مۇجامىلە قىلىپ دەپ قويمىدۇق» دېگەن  ئىدى.(1)
---------------------------------
(1)- http://khomri.jeeran.com/mojadidon/hassanelbanna.html
 

ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12101
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 406 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەممەد قۇتۇبنىڭ ھاياتى(ئىلىم)

مۇھەممەد قۇتۇبنىڭ ھاياتى




مۇھەممەد قۇتۇب 1919-يىلى مىسىرنىڭ ئاسيۇت شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئاتىسى ھاجى ئىبراھىم قۇتۇب ئاسيۇتقا قاراشلىق كالىئا يېزىسىدا ۋەتەن پارتىيىسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.
  مۇھەممەد قۇتۇب شەھىد سەييىد قۇتۇبنىڭ ئەڭ كىچىك قېرىندىشى بولۇپ باشقا قېرىنداشلىرى بولسا نەفىسە ، ئەمىنە ، ھامىدە قۇتۇبىلاردۇر.
  مۇھەممەد قۇتۇب تولۇق ئوتتۇرا مەكتەبنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، قاھىرە ئونىۋېرسىتىتى ، ئىنگىلىز فىلولوگىيىسى فاكۇلتىتىنى ۋە ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار سىنىپىنى پۈتتۈرگەن. ئونىۋېرسىتىتىدىكى ۋاقتلاردا بىر تەرەپتىن پىسخولوگىيە ئىلمى ھەققىدە تەربىيە ئالغان ۋە يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلامنى ئۆگەنگەن ۋە تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانغان.
  كېيىن  مەككىدە ئۈممۇل كۇرئا ئۇنىۋېرسىتىتدا فىروپىسورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.بۇنىڭدىن باشقا ئاكادىمىك خىزمىتىنى قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتقىقاتىغا يېتەكچىلىك قىلغان.
  مۇھەممەد قۇتۇب ئەسەرلىرىدە  ئۆزگىچە خاسلىق بىلەن «ئىلىم» ئىسمى ئالدىدا مۇسۇلمانلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرىلىشى ئىستەلگەن ئاتېئىزىم ئىدىيىسى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان دەۋىرداش فىكىر ئادەملىرى بىلەن ھىسابلىشىشقا تىرىشتى، مۇسۇلمانلارنى بۇنداق جاھىلى چۈشەنچىلەرگە قارشى ئويغاق بولۇشقا ، ھەق يولدا مۇستەھكەم بولۇپ مېڭىشقا چاقىردى.
  مۇھەممەد قۇتۇبنىڭ 20 دىن ئارتۇق ئەسىرى بار بولۇپ ۋە بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تۇرۇكچىگە تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇ تۇركىيىدە تونۇلغان بىر ئىسلام مۇتەپپەكۇردۇر...
  مۇھەممەد قۇتۇب ئاكىسىنىڭ  ئۆزىگە تەپەككۇر قىلىش ۋە يېزىقچىلىق قىلىشىدا يېتەكچىلىك  قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن « مەرھەۇم سەييىدنىڭ سايىسىدا ئىسلامنى يېزىقچىلىق ئارقىلىق باشقىلارغا بۈلدۈرۈشنى بىر مۇقەددەس ۋەزىپە قىلدىم . »

مۇھەممەد قۇتۇبنىڭ تۈرمە ھاياتى
ئۇستاز مۇھەممەد قۇتۇب 7 يىلغا يېقىن تۈرمىدە ياتقان ۋە ئاكىسىنىڭ مۇجادەلىسىگە ئورتاق بولغان . مىسىر جۇمھۇرىيەت باشلىقى جامال ئابدۇ ناسىر  رەھبەرلىكىگە قارشى بەرگەن مۇجادەلە سەۋەبلىك 1954يىلى تۇرمىگە كىرگەن  ۋە 1955يىلى قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما 1965-يىلى تەكرار تۇتۇلغان.
  ئۇستازنىڭ تۇتۇلىشىنى زەينەپ غەززالى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىدۇ :«5-ئاۋغۇست كۈنى سەييىد قۇتۇبنىڭ تۇتۇلغىنىنى بىلدىم . مۇھەممەد قۇتۇب ئەسلىدە بىرقانچە كۈن بالدۇر تۇتۇلغان ئىدى.»
  زەينەب غەززالى زىنداندىكى ۋاقتىدا ئۇنىڭدىن «مۇھەممەد قۇتۇبنىڭ تەشكىلاتى نېمە؟» دەپ سورىغان.
  زەينەب غەززالى «بۇرۇنمۇ بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى بەرگەن ئىدىم. مۇھەممەد قۇتۇبنىڭ تەشكىلاتى يوقلىقىنى ، پەقەت ئىسلام تېمىسىدا يازىدىغان بىر تەتقىقاتچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدىم. ئۇنىڭ پۈتۈن ئىشى ئىنسانلارغا توغرا يول كۆرسەتمەكدۇر. مۇسۇلمانلارغا ئىسلام چۈشەنچىسىنى بىلدۇرمەك ۋە ئاڭلاتماقدۇر. ئىنسانلار بۇلارنى بىلگەندىن كېيىن ئىشەنگەنلىرى ۋە تەرجىھ ئەتكەنلىرى شەكىلدە زورىيىدۇ  . » دەپ جاۋاب بەرگەن.
  مۇھەممەد قۇتۇبنىڭ تۇرمە ھاياتى 1971-يىلىغا قەدەر داۋام قىلغان.
  مۇھەممەد قۇتۇبنىڭ «20-ئەسىر جاھالىيتى» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرى ۋە بۇ توغرىسىدا بەزى ياشلارنىڭ بۇ تېمىدا سۇئال سۇرىماق ئۈچۈن ئۇنىڭ قېشىغا بارغانلىقى ئۇنىڭ «جامال ئابدۇناسىرنى قەستلەشنى پىلاتلاۋاتىدۇ» دىگەن قالپاق بىلەن تۈرمىگە كىرىشكە سەۋەب بولغان.  
  شەھىد سەييىد قۇتۇب قېرىندىشىنىڭ تۈرمىگە كىرىشىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلغان :«29-ئىيۇل قېرىندىشىم مۇھەممەد قۇتۇب تۇتۇلدى. مەن 2-ياكى 3- ئاۋغۇستدا قاھىرەگە كەلدىم. مۇھەممەدنى ئىزدەۋاتقان ساقچىلار 2كۈن بۇرۇن ئۆينىڭ ھەر تەرىپىنى پايلاپ يۈرگەن ئىكەن .
  قاھىرەگە بېرىپ كېتىپ تۇرىدىغان يېقىنلىرىمىدىن ئەزىم بەكىر ۋە رىفات بەكىر دىن يۈز بېشى ئەھمەد رىساھ غا خەت ئەۋەتىپ مۇھەممەد ئەھۋالىنى سورىدىم. خەتدە مۇھەممەدنىڭ قانۇنسىز تۇتۇلغانلىقىنى ۋە قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەنلىكىمىزنى ، مۇھەممەدنىڭ تۇتۇلىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ كېسەللىكىمگە قارشى ماڭا قىلغان مۇئامىلىسىنى شىكايەت قىلدىم چۈنكى ئىككى كۈن ئاۋال كېچە ئامانلىقىنى قوغدۇغۇچىلار دېرىزىدىن ئۆيگە كىرىپ ئۆينى قالايمىقان ئاختۇرغان ۋە ماڭا ھايۋانلارچە مۇئامىلە قىلغان ئىدى...
  ئەۋەتكەن شىكايەت خېتىدە ، بېرتراند رۇسسەل ھۈكۈمىتى تەنقىد قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئىلگىرى تۇتۇلغاندا كۆرگەن مۇئامىلە بىلەن مۇھەممەدنىڭ تۇتۇلۇشىنىڭ ئالدى كەينىدە ئۇچرىغان مۇئامىلە ئوتتۇرىسىدا ئاسمان زىمىن پەرىق بارلىقىنى ، مۇھەممەدنىڭ بىر يازغۇچى ئىكەنلىكىنى ، ھىچ بولمىسا مۇھەممەدنىڭ قەيەردە تۇتۇلغانلىقىنى بىلىشنى تولىمۇ خالايدىغانلىقىمنى بىلدۇردۇم.
بۇ خەتدىن 5 كۈن كېيىن 9 -ئاۋغۇست كۈنى مەن تۇتۇلدۇرم ...»
  شۇنداق مۇھەممەد قۇتۇب ئامانلىق ئىچىدىن ئورۇن ئالغان ئالىم بولغىنىدەك ئۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان. ئەمما ئۇنىڭ تۇتۇلىشىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ بېشىغا چوڭ بىر ئىېغىرچىلىق ئەكەلگەنلىكى بىر قاراشدىنلا بۈلىنىپ تۇراتتى.
  شۇنداق قىلىپ مۇھەممەد قۇتۇب ، ھىچ مەھكىمە تەرىپىدىن چىقىرىلمىغان قارلاش بىلەن ئۆمرىنىڭ 7 يىلىنى تۈرمىدە تۈرلۈك ئىشكاللار ۋە قىيىن قىستاقلار بىلەن مەھرۇملۇق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن. كېيىن مىسىرنى تەرك ئېتىپ سەئۇدى- ئەرەبستانىغا ماكانلاشقان.
  ئۇستاز مۇھەممەد قۇتۇب شۇئان ياشاپ بەرسە بۇ بىز ئۈچۈن چوڭ بەخىت ، ئۇستاز 86 يېشىدا ۋاپات بولغان

ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12101
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 406 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمام ئەھمەدنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
 
بىسمىللاھىرراھمانىرراھىم
 
نەسەبى ۋە سۈپەتلىرى:
ئىمام ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھىجىرىيە 164-يىلى (مىلادى 780-يىلى) رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىدا باغدات شەھرىدە بىر ساپ ئەرەب ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى شەيبان قەبىلىسىدىن بولۇپ نەسەبى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەسەبى بىلەن تۇتىشىدۇ.
ئىمام ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېلىپ چىققان شەيبان قەبىلىسى قەدىمدىن بۇيان قەيسەرلىك، ھىممەت ۋە غەيرەت بىلەن داڭ چىقارغان قەبىلە بولۇپ ئىسلامىيەتتىن كېيىن كۆپ مەيدانلاردا غەيرەت كۆرسەتكەن.
ئىمام ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاتىسى مۇھەممەد ئەسكەر ئىدى، چوڭ دادىسى ھەنبەل سەرەخس شەھرىگە ۋالىي بولغان، كىشىلەر ئىمام ئەھمەدنى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل دەپ ئاتىسىغا ئەمەس چوڭ دادىسىغا مەنسۇب قىلىپ كەلگەچكە شۇنداق تونۇلغان، ئىمام ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئائىلىسى باغدادتا ئابباسىيە خىلاپىتىدىكى دۆلەتتە خىزمەت قىلاتتى.
ئىمام ئەھمەد ئائىلىسىدىن ئىززەت، قەيسەر ئىرادە، مۇستەھكەم ئىمان، سەۋرچانلىق ۋە چىداملىق بولۇش قاتارلىق سۈپەتلەرنى مىراس ئالغان، ئۇ ئۆسۈپ چوڭ بولغانسېرى بۇ سۈپەتلەر ئۇنىڭدا تېخىمۇ تولۇقلىنىشقا باشلىدى، ھەرتۈرلۈك ۋەقە-ھادىسىلەرگە يولۇققانسىرى تەجرىبىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ بۇ سۈپەتلەر تېخىمۇ ئېنىق گەۋدىلىنىشكە باشلىدى، ئۇ ئاتىسىدىن كىچىك قالغاچقا، ئۇنى ئانىسى بىلەن قالغان تۇغقانلىرى تەربىيىلەپ ئۆستۈردى.
ئاتىسى ئۇنىڭغا ئولتۇرۇشقا بىر ئۆي، بىر پارچە تېرىيدىغان يەر مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يەردىن ھاياتىنى قامداشقا ئارانلا يەتكۈدەك ھوسۇل چىقاتتى، بۇ ئاز مەھسۇل بىلەن ئىمام ئەھمەد باشقىلارغا ھاجەتمەن بولماي ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.
جانابى ئاللاھ ئىمام ئەھمەدكە بۇ ئېسىل نەسەب بىلەن بىرگە بەش خىسلەت ئاتا قىلغان، بۇ بەش خىسلەت قانداق بىر كىشىدە بولىدىكەن ئۇ كىشى كىچىك ۋە بىمەنە ئىشلاردىن يىراقلىشىپ ئۈستۈنلۈككە ۋە چوڭ ئىشلارغا قاراپ يۈزلىنىدۇ، بۇ بەش خىسلەت تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1- شەرەپلىك ئېسىل نەسەب.
2- كىچىكىدىن تارتىپ ئۆزىگە تايىنىپ ياشاشقا كۆندۈرگەن يىتىملىق.
3- نورمال كەمبەغەللىك. شۇڭا ئۇ بايلارنىڭ ھاكاۋۇرلىقىدىن، كەمبەغەل - نامراتلارنىڭ خارلىقىدىن خالىي بولغان.
4- قانائەت. پەقەت بىر ئاللاھتىنلا قورقۇپ، باشقا ھېچقانداق كۈچكە پەرۋا قىلماسلىق، ئىلمىي ئۈستۈنلۈككە ئىنتىلىش.
5- زىرەك ئەقىل ۋە ئىلغار ھوشيارلىق.
ئىمام ئەھمەد يۇقىرىقى سۈپەتلەردە ئۇستازى ئىمام شافىئىيغا ئوخشايتتى، ئەمما ئىمام ئەھمەدنىڭ ئەرەب نەسەبى بىلەن پەخىرلەنگەنلىكى كۆرۈلمىگەن.
 
تەربىيىسى:
ئىمام ئەھمەد باغدادتا تەربىيىلەنگەن، ئانىسى ئۇنى كىچىكىدىن تارتىپلا قۇرئان كەرىمگە يۈزلەندۈرگەن، ئۇ كىچىك چېغىدىلا قۇرئان كەرىمنى يادلاپ بولغان، ئۇنىڭدا كىچىكىدىنلا زېرەكلىك ۋە تەقۋادارلىق سۈپەتلىرى كۆرۈنگەن، ئۇ ئۆز دېمەتلىكلىرى ئىچىدە ئۆرنەك قىلىنىدىغان بالا ئىدى، قۇرئان كەرىمنى يادا ئېلىپ تىل بىلىملىرىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئۇ يېزىقچىلىق ۋە تەھرىرلەش بىلىملىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن دىۋانغا كىرگەن. ئۇ دىۋاندا ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلىسىگە ئەۋەتىدىغان خەتلىرىنى يېزىپ بەرگەن، ئۇنىڭ دۇرۇستلىقى ۋە ئەدەب - ئەخلاقىنىڭ ئۈستۈن بولغانلىقى ئۈچۈن ئاتا - ئانىلار ئىمام ئەھمەدتەك بىر بالىسى بولىشىنى ئۈمىد قىلىشاتتى.
ئەگەر ئۆسمۈر بالا چوڭ ئادەمنىڭ ئۇرۇغى دەپ قارالسا، ئىمام ئەھمەدنىڭ كىچىك چاغلىرىدىكى سۈپەتلىرى ئۆلىمالارنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
ئەينى زامانلاردا باغدادتا شۇ ئەسىردىكى بارلىق ئىلىم - پەنلەر بار ئىدى، ئىمام ئەھمەدنىڭ مايىللىقى دىنىي بىلىملەرگە بولغاچقا ئالدى بىلەن تىل ۋە لۇغەت بىلىملىرىنى ئۆگەندى، چۈنكى بۇ بىلىملەر دىنىي بىلىملەرنىڭ قورالى. تىل بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن ئىمام ئەھمەدنىڭ ئالدىدا ئىككى يولدىن بىرىنى تاللاش بار ئىدى، بۇ ئىككى يول فەقىھلەر يولى بىلەن ھەدىسچىلەر يولى ئىدى.
دەسلەپتە ئىمام ئەھمەد ھەدىسچىلەرنىڭ يولىنى تاللىغان، ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە رەھمۇتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ شاگىرتى ئىمام ئەبۇ يۈسۈف رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن ھەدىس ئۈگەنگەن، كېيىن باشقا ھەدىسچىلەرگە يۈزلەنگەن، ئۇ باغدادتا ھەدىس ئوقۇپ يەتتە يىل(179-186- ھـ) نى ئۆتكۈزگەن.
 
ئىلىم يولىدىكى رىيازەتلىرى:
ئىمام ئەھمەد ھىجىرىيە 186-يىلىدىن تارتىپ ھەدىس ئۆگىنىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلانغان، ئۇ بەسرە، كۇفە، ھىجاز ۋە يەمەن قاتارلىق يۇرتلارغا سەپەر     قىلىپ ھەدىس ئالىملىرىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن دەرس ئاڭلاپ ھەدىس ئۆگەنگەن، بەسرىگە بەش قېتىم، ھىجازغىمۇ بەش قېتىم سەپەر قىلغان، ھىجازدا ئىمام شافىئىي بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن باغدادتا ئىككىنچى قېتىم ئۇچرىشىپ ئىمام شافىئىيدىن فىقھى ئۇسۇللىرىنى ئۆگەنگەن، ئۇندىن كېيىن ئىمام شافىئىي بىلەن مىسىردا كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشكەن بولسىمۇ ماددىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن مىسىرغا سەپەر قىلالمىغان.
ئىمام ئەھمەد ھىجازغا ئۈچ قېتىم پىيادە مېڭىپ بارغان، ئۇ ئىلىم تەلەپ قىلىشتا جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرىشنى مۇھىم دەپ قارايتتى، چۈنكى ئاسانلا قولغا كېلىپ قالغان نەرسە ئاسانلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھەدىس ئىلمىنى ئۆگنىش يولىدا ھىجرەت نىيىتى بىلەن سەپەرگە چىقاتتى.
ئىمام ئەھمەد ئىلمىي تەرەپتىن يېتىشىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئىلىم يولىدا سەپەرگە چىقىشنى توختىتىپ قويمىغان، ئۇ ھەدىس ئىزدەپ كىتابلىرىنى دۈمبىسىگە يۈدۈپ ئىسلام ئەللىرىنى كېزىپ يۈرگەن، كۆپ ئىلمى بىلەن كۇپايە قىلىپ توختاپ قالمىغان، ھەتتاكى ئۇ ئىماملىق مەرتىۋىسىگە يەتكەندىن كېيىنمۇ ھەدىس ئىزدەشكە بولغان جىددىي تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرغان، بىر كۈنى ئۇنىڭ دەرس ئاڭلاپ يېزىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەن بىرسى ئۇنىڭغا: " سىز بۇ مەرتىۋىگە يەتكەن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمامى تۇرۇقلۇق دەرس ئاڭلاپ يېزىپ ئولتۇرامسىز؟" دەپ سورىغاندا ئۇ : "قەلەم بىلەن قەبرىگە" دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ مۇنداق دەيتتى: "مەن قەبرىگە كىرگۈچە ئىلىم تەلەپ قىلىمەن". ئۇ ئىلىپ ئوقۇشتا يادلاشقىلا تايانمايتتى، بەلكى ئاڭلىغان ھەرقانداق دەرسنى يېزىپ ساقلايتتى.
 
ئىمام ئەھمەد فىقھىنىڭ ھەدىسكە تايىنىدىغانلىقى:
ئىمام ئەھمەد ئوقۇشتا ھەدىس رىۋايەت قىلىش ئىلمى بىلەن بىرگە فىقھى ۋە ھۆكۈم چىقىرىش ئىلمىنى ئوقۇغان.
ئۇ ئىراق فەقىھلىرىنىڭ كىتابلىرىدا ئىلمىي ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرالمىغان بولسىمۇ، ياكى بەزى فەقىھلەرنىڭ تۇتقان يولىنى ياقتۇرمىسىمۇ يەنىلا فىقھى ئىلمىنى ئوقۇشقا كۆڭۈل بۆلگەن.
ئۇ ھەدىس ئوقۇشتا يادلاش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ھەدىسنىڭ غايىلىرىنى ۋە فىقھى مەنىلىرىنى چۈشۈنۈپ ئوقۇغان، ئۇ ساھابىلەرنىڭ پەتىۋالىرىنى ۋە فىقھىنى تەتقىق قىلغان، شۇنداق قىلىپ ھەدىس بىلەن فىقھى ئىمام ئەھمەدتە جەم بولغان، بۇنىڭغا ئاساسەن ئىمام ئەھمەدنى خۇددى ئىمام مالىك رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىگە ئوخشاشلا بىرلا ۋاقىتتا ھەم مۇھەددىس ھەم فەقىھ دېيىشكە بولىدۇ، لېكىن ئىمام مالىك فىقھى تەرەپتىن تېخىمۇ ئوچۇقراق ئىدى.
دېمەك ئىمام ئەھمەد ھەدىس، فىقھى ۋە ئەرەب تىلى بىلىملىرىدىن باشقا ئىلىم ئوقۇشقا يۈزلەنمىگەن.
ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى خاۋارىج، شىئە، جەھمىييە ۋە موئتەزىلە قاتارلىق ھەرخىل پىرقە-ئېقىملارنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ۋە پرىنسىپلىرىدىن خەۋەردار بولغان.
ئىمام ئەھمەد ھەدىس ئىلمىنى ئۆز ئەسرىدىكى بارلىق مەنبەلەردىن ئۆگەنگەن، ئۆز ئەسرى بىلەن پىكرىي جەھەتتىن تۇتاشقان، دىنغا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ بەزى بىلىملەردە چوڭقۇرلاپ مۇتەخەسسىس بولغاندىن كېيىن مېۋە بېرىش پەيتى كەلگەن، ئۇ قىرىق ياشقا كىرگەندىن كېيىن دەرس ئوقۇتۇش ۋە پەتىۋا بېرىشكە ئولتۇرغان، كىشىلەرگە كەمتەرلىكى، زۇھدى-سالاھى ۋە شۆھرەتتىن قېچىش رىغبىتىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن تونۇلۇپ مەشھۇر بولۇپ كەتكەن، ئۇ شەرەپ ۋە شۆھرەتتىن قاچسىمۇ شەرەپ بىلەن شۆھرەت ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ ماڭغان.
بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئىمام ئەھمەد ساپ سەلەفىي ھايات كەچۈرەتتى، ئۇ شۇ دەۋرنىڭ جېدەل-ماجىرالىرىدىن يىراقلىشىپ ھەرتۈرلۈك سىياسىي، ئىجتىمائىي،     پىكرىي ۋە ھەربىي تالاش - تارتىشلاردىن يىراق تۇرۇپ ئۆز روھى ۋە پىكرى بىلەن ساھابىلەرنىڭ ساماسىدا پەرۋاز قىلىشنى تاللىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىلمى ھەدىس ۋە ھەدىس فىقھىدىن ئىبارەت ئىدى، ھەرقانداق بىر مەسىلىدە ساھابىلەرنىڭ ئىزدەنگەنلىكىنى ئاڭلىغان بولسا ئاندىن ئىزدىنەتتى، ئەقلىي مەسىلىلەردە چوڭقۇرلاپ كىرىشكە كۈچىمايتتى.
ئىمام ئەھمەد ياشىغان ئەسىردە ئىسلامىي ئەقىلگە يات بولغان پىكىر ۋە كۆزقاراشلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى، سەلەفىيلار بۇنىڭغا قارىتا ئىككى خىل پوزىتسىيىدە بولدى: بىرىنچىسى تاقابىل تۇرۇش ۋە ئېلىشىش ئۇسۇلى، ئىمام ئەھمەد ئىككىنچى تەرەپتە تۇرۇپ بۇ ئېقىملار قاينىمى ئىچىدە غېرىپ بولۇپ ياشاشنى تاللىدى، ئۇ روھى ۋە پىكرى بىلەن بىرىنچى دەۋردىكىلەرنىڭ دۇنياسىدا ياشىدى، ھەتتاكى ئۇنى كۆرگەن بەزى كىشىلەر: "زاماندا كېچىكىپ كەلگەن چوڭ تابىئىي" دەپ سۈپەتلىگەن.
ئىمام ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇرۇنقىلار ئىزدەنمىگەن مەسىلىلەرنى پەيدا قىلغانلار بىلەن مۇناسىۋەتنى پۈتۈنلەي ئۈزگەن، ھەتتاكى ئۇ ۋاپات قىلغانغا ئۇلارغا رەددىيە بېرىشنى ئۆزىگە راۋا كۆرمىگەن، ئۇ بۇ يولدا (قۇرئان مەخلۇقمۇ ئەمەسمۇ؟) دېگەندەك پىكرىي غەلۋىلەردە قىيىن-قىستاق، ئىشكەنجىلەرگە ئېلىنىپ تۈرلۈك ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئىمانى، قەيسەر ئىرادىسى ۋە بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئارتۇقلىقىدىن ھەممە سىناق ۋە ئىبتىلالاردىن سالامەت ئۆتۈپ ئىسلام تارىخىدىكى داڭلىق قەھرىمانلارنىڭ بىرى بولغان.
مەشھۇر تۆت مەزھەبنىڭ بىرىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ئىمام ئەھمەد ھىجرىيە 241-يىلى باھار ئايلىرىدا باغدادتا ۋاپات بولغان، جىنازىسىغا سەككىز يۈز مىڭ كىشى قاتناشقان، ئاللاھ ئۇ زاتقا كەڭ رەھمەت قىلغاي.
 
    (ئىمام ئەبۇ زۇھرەنىڭ (ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل) ناملىق ئەسىرىدىن سۈزۈپ ئېلىندى)
تەييارلىغۇچى: ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ

ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش