مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 958|ئىنكاس: 10

‹‹ ئادەت تۈرمىسى››دىن قىچىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سۈكۈتلەر ئورۇنسىز ئەمەس!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39404
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3328
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2011-5-2
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 08:00:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     <<ئادەت تۈرمىسى>> دىن قىچىش ! بۇ پىكىرنى زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندىم << ئۆزلۆك گىرۋەكلىرىدە>> ناملىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى،ھەقىقەتەنمۇ ئادەم ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ناچار ئادەتلەرنى تاشلىماي تۇرۇپ ،ھىچقانداق ئىشىدىن بەرىكەت تاپالمايدىكەن،يىقىندىن بۇيان مەن ئۆزۆم بايقىغان ۋە باشقىلار ماڭا ئەسكەرتكەن يامان ئادەتلىرىمنى تاشلاش ئۈچۈن بىر << تۈرمىدىن قىچىش>> پىلانى تۈزگەن ۋە شۇ پىلان بويىچە ئىش كۆرگەن ئىدىم،بەلگىلىك نەتىجىگە ئىرىشتىم،ھازىرمۇ شۇ پىلانىمنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتىمەن.
   شۇ تاپتا پىلانىمنى ئىجرا قىلىش يولىدا ھىس قىلغانلىرىمنى ۋە ئىرىشكەن نەتىجىلىرىمنى بۇ مۇنبەرگە يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن،مەقسىتىم : شۇ يامان ئادەتلەر سىلەردە بار بولسا تاشلاڭلار ،تاشلاشقا نىيەت قىلساڭلار تاشلىيالايسىلەر،بىزدىكى<< سۈت بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ>> دىگەندەك ماقال -تەمسىللەر بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە،ئىنسان نىمىنى نىيەت قىلسا ئاللاھ شۇنى بىرىدۇ،ئىنسانى تاكامۇللۇق سەپىرىگە بىرلىكتە ئاتلىنايلى دىمەكچىمەن.ھەممىمىز ئويلاپ باقساق بولىدۇ،ئىنسانلىق بۇرچىمىز بىلەن شۇ يامان ئادەتلەرگە خوش دىمەستىن ياشاۋەرسەك ،ئۇ ناچارلىقلىرىمىزنىڭ سورىقى بولماسمۇ؟ ئىنسانى تاكامۇللۇق ئۈچۈن مۇجادىلە قىلمىساق ئۇ چاغدا بىزنىڭ ئىنسان قىلىپ يارىتىلىشىمىزنڭ مەنىسى نىمە؟
  ئەمەلىيەتتە مىنىڭ بۇ قىسقىغىنە كۈرىشىم يۇقارقى سۇئاللارغا تولۇقى بىلەن جاۋاب بىرەلمەيدۇ،ئەمما سىلەرگە ئازراق بىر نەرسىنى ھىس قىلدۇرالىسا ،ھىچ بولمىسا ئۆزۆڭلارنى تىڭشاش مىنۇتلىرىغا مۇشەررەپ قىلالىسا مەن شۇنىڭغا خوش.
  1.مەن بىر مۇسۇلمان ئائىلىسىدە چوڭ بولغان،ئەمما نامازنى چوڭلارنىڭ ھەيدەكچىلىكىسىز ئوقۇمايتتىم،ئوقۇساممۇ شۇنچىلىك تىز ئوقۇيتتىم،يىقىندىن بۇيان نامازنى ئۆزلۈكۈمدىن ئادا قىلىۋاتىمەن،ئۆز رازىلىقى بىلەن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇشنىڭ لەززىتىنى تىتىشقا مۇيەسسەر بولدۇم،دۇئالىرىمنىڭ ئىجابەت بولىۋاتقىنىنى كۆرىۋاتىمەن.
  2.قۇرئان ئوقۇيالايتتىم،ئەمما يىلدا بىرەر پارىمۇ خۇشيىقىپ ئوقۇپ قويمايتتىم،يىقىندىن بۇيان كۈندە بىر پارە قۇرئان ئوقۇشنى ئۆزۆمگە ۋەزىپە قىلدىم،مانا ھازىر ئۆزۆمنى شۇنچىلىك ئازادە،ئاللاھقا يىقىندەك ھىس قىلىمەن.
  3.بۇرۇن بامداتتىن كىيىنلا يەنە ئۇخلايتتم،ھازىر بولسا بامدات ئوقۇپ بولۇپ ،قۇرئان ئوقۇيمەن .تەڭشىلىپ قالغان بىئولوگىيىلىك سائىتىم ئۇيقۇغا زورلىسا سوغۇق سۇدا بىشىمنى يۇيىۋىتىپ،ئىشىمنى داۋاملاشتۇرىمەن،نۇرغۇن ئادەم غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋاتقاندا،رىزىقلار تەقسىم قىلىندىغان بۇ سائەتتە مەن كۈندىلىك پىلانىم بويىچە ئىشىمغا كىرىشىپ بولىمەن،سەھەردە بىر-ئىككى سائەتلىك ھەرىكەتتىن كىيىن قىلغان ناشتىمۇ تازا جايىغا سىڭىدىكەن،كەچكىچە ئادەم ئۆزىنى روھلۇق ھىس قىلىدىكەن.ئىشقىلىپ نامازدىن كىيىن ئۇخلىماسلىقنڭ پايدىسى بەك جىقكەن.
  4.كىتاب-ژۇرنال ئوقۇمايتتىم ،پايدىسى يوق دەپ ئويلايىتتىم،ھازىر سومكامدىن << شىنجاڭ مەدەنىيىتى>> ژۇرنىلىنى ئايرىمايمەن،بىكار بولساملا كىتاب ئوقۇيمەن،كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرگەندىن بۇيان ئۆزۆمنى يالغۇز ھىس قىلمايدىغان ،مىللىتىم ،قىرىنداشلىرىم ئالدىدا قانداقتۇر بىر ۋەزىپەم باردەكلا ھىس قىلىدىغان بولدۇم ،ۋاقتىم شۇنچىلىك مەنىلىك ئۆتىۋاتىدۇ،يىقىندا پايدىلىق كىتابلارنى تىزىملاپ،ئايلىق كىتاب ئوقۇش پىلانى تۈزۈپ،شۇ پىلان بويىچە ئوقوپ چىقماقچىمەن.
  5.بەك ھۇرۇن ئىدىم،ھەممە ئىغىرچىلىقىمنى ئۆيدىكىلەرگە سالاتتىم،ھازىر ئۆزۆمنىڭ ئىشىنى ئۆزۆم قىلغاندىن سىرت كۈندە مەلۇم ۋاقىت چىقىرىپ چوڭلارغا ياردەملىشىشنى پىلانىمنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلدىم،چوڭلار بىلەن بىللە ئىش قىلىش بەك كۆڭۈللۈك ھەم تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىكەن.
  6.بۇرۇن ۋاقىت تاپساملا تورخانىغا يۈگرەيتتىم ،توردا ئويۇن ئويناش بىلەن كۈننى كەچ قىلاتتىم،ھازىر تورخانىغا بارىدىغان ۋاقتىمغا چەك قويدۇم،تورغا چىقساممۇ ئويۇن ئويناشنىڭ ئورنىغا مۇنبەر ئارىلايدىغان بولدۇم،تورخانىغا تولا قىچىپ كىتىپ چوڭلارنى بەك خاپا قىلغانتىم،يىقىندا ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىرىپ بۇرۇن قىلغانلىرىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىدىم،،،،ئۆز ئوغلىنىڭ سەمىمىيىتىدىن تەسىرلەنگەن ئاتا-ئانىنىڭ ھالىتىنى بۇ  يەردە مەن تەسۋىرلىيەلمەيمەن،،،،
  7.ئۇخلاشتىن ئىلگىرى تىلىفۇندا چ چ ئىچىپ مەۋھۇم دۇنيادىكى << چوكان>>،<<موماي>> لار بىلەن شۇنداق لاۋزا پاراڭلارنى قىلىشاتتىم،كىچىسى كۆرىدىغان چۈشلىرىممۇ شۇنچىلىك لاۋزا ئىدى،ھازىر كەچلىكى چ چ ئىچىپ سالماسلىق ئۈچۈن تىلىفۇننى ئالماشتۇرىۋەتتىم.ۋاختىدا ئۇخلاپ سەھەر تۇرۇشنىڭ قانچىلىك روھى ئوزۇق بولىدىغىنىنى ھىس قىلماقتىمەن،ئۆچىۋاتقان يۇلتۇزلارغا خوش دىيىشنىڭ،سۈزىلىۋاتقان ئۇپۇققا قاراپ تۇرۇپ ئاللاھقا ئېستىغفار ئىيتىشنىڭ،سەھەر قوياشىنى كۈتىۋىلىشنىڭ ئادەمگە قانچىلىك گۈزەل تۇيغۇلارنى ئاتا قىلدىغىىنى پەقەت شۇنداق قىلىپ باققانلارلا بىلىدۇ.
  ھازىرچە مۇشۇ،يەنە ئۆزۆمدە يىڭىدىن بايقالغان ناچار ئادەتلەرنى تۈزۈتىشكە تىرىشىۋاتىمەن.ئەلۋەتتە بۇ << ئادەت تۈرمىسى>> دىن قىچىش پىلانىمغا زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندىمنڭ << ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە>> ناملىق كىتابى تۈرتكە بولدى،مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن زۇلپىقار ئەپەندىمنڭ تىنىگە سالامەتلىك،ئائىلىسىگە بەخت،ئامرىكىدىكى ئوقۇشىغا مۇاپىقىيەت تىلەيمەن.ناچار ئادەتلىرىمنى دۆلەت ساناپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە مىنى شۇ كىتابنى ئوقۇشقا زورلىغان بىر دۇستۇمغا تەشەككۈر ئىيتىمەن.
                                                                 مەنبە : ئۆزۆم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ATAMAN99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-21 08:00 PM  


شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىدۇكى،كۆزلەر كۆزلەرگە قادىلىدىغان،قەلىبلەر ئۈنسىز سۇئال تاشلايدىغان.قىنى كۆرەمىز كىمنىڭ كۆزىدىن ياش ئاقىدىكىن،،،،.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3475
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 701 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 09:27:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم ئۆزتەقدىرنىڭ تۆمۈرچىسى ،

كومپىيۇتىر،يانفۇن ،ئىلكتىرئۈسكۈنلىرى ،توكچلق ئۇستاملىرى جەمگاھى ______http://www.xjefan.com/

ئۆزياش←شېئىر ئىشقىدا يانغان يۈ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5641
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 264 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 10:13:27 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئابدۇقادىر جالالىدىن،ئەسەت سۇلايمان،زۇلپىقار بارات ئۆزباش قاتارلىق تەتقىقاتچى ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.

شېئىر ئۇ شائىرنىڭ چىن ھېسسىياتى،
شېئىرغا مۇجەسسەم  چىنلىق  ھەقىقەت.
شېئىر ئۇ كۆڭۈلگە ھۇزۇر بەرگۈچى،
شۇڭا مەن شېئىرنى قىلىمەن ھۆرمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93051
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 178
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 10:48:07 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تيما ئىگىسى بۇ خۇددى مەن بىلەن ئوخشاپ كىتىدىغان تەسىراتكەن .... زۇلپىقار ئۆزباش  ئەپەندىم! ئاللاھ  تىنىڭىزنى  سالامەت قىلسۇن .. سىز  بىزنى  ھەقىقەتەن  ئويلاندۇردىڭىز   ... بىزگە  زور  بىلىم  بەردىڭىز .. ئەڭ  ياخشى، نادىر  ئۈلگىمىز  بولدىڭىز  بىزنى ئوزىمىزگە ئەڭ ماس  كىلىدىغان تۇرمۇشىمىز ۋە ئوگىنىشىمىزگە بىۋاستە تەتبىقلاشقا بولىدىغان  رامكا  بىلەن تەمىن ئەتتىڭىز ...كوپ  لىملېرىمىزنىڭ  كىتاب  ماقالىلېرىنى  ئوقوغان بولساممۇ،  ئەسەر لېرىڭىزدىن كوپ مەنپەئەت،ئىلھام  ئالدىم ...بۇ  ئارىدا ئەسەرلېرىڭىز  ئىلان  قىلىنمىدىغۇ؟   مەن  كەبى  نۇرغۇن  قېرىندىشىڭىز  كۈڭۈل  بۆلىشىڭىزگە  مۇھتاج ........ ئەسەرلېرىڭىز  شۇ قەدەر  يېقىملىق ۋە  تېتىملىق ... بىزنى  ئەڭ  چۈشەنگەن  كىشىلا  بىزگە  سىزدەك  ئاڭ  مەنپەئەتلىك بىلىمنى  بىرەلەيدۇ ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92921
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 03:36:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ھەقىقەتەن ئادەم ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئىش ئىكەن ..... ئاللا ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت بەرسۇن . << ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە ›› ناملىق بۇ كىتابنىڭ ئېلكىتابى بارمۇ ؟ بار بولسا يوللاش ئادىرىسىنى يوللاپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 441
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 04:30:25 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزنى ئوقۇپ شۇ كىتاپنى بىر ئوقۇغۇم كېلۋاتىدۇ.

بۈگۈنكى خورلۇق  ئەتىدىكى ئىسيان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95073
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 06:05:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  رەخمەت قىلسۇن قېرىندىشىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93051
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 178
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  كىتاب  ھەقىقەتەن  يېنىدىن  ئايرىماي  ئۇزۇقلىنىشقا  ئەرزىيدۇ .. بۇلۇپمۇ  ئۆزىگە سۇئال قويۇپ تاكامۇللۇق  ئىزدەۋاتقان ھەربىر  قېرىنداش  بۇ  كىتابنى  ساقلاپ  قويسا  نەچچە  ئون  قېتىم  ئۇقۇسا  ئەرزىيدۇ .......    ئاشۇرۋەتكەن  بۇلۇشۇم  مۇمكىن .....دوستۇم  ېاخشىسى  ئۆزىڭىزلا  بىر  ئوقۇمامسىز ... يۇشۇرماي  ئېيتسام  مەن  بۇ  كىشىنىڭ  ھەر  بىر  يازمىسنى  تەقەززالىق  بىلەن ساقلايدىغان   بوپقالدىم ..... مەن  بۇ  كىشىگ  بەك  قايىل بولسام  كىرەك قارىغاندا ....... ئۆزباش  ئەپەندىم  ھازىر  دوكتۇرلۇقنى  تۈگەتتىمىكىن   ... ھېچ  خەۋىرى يوققۇ....

تىرىشىش+ئىرادە=مۇۋاپپىقىيەت

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83894
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 891
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2012-8-13
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار  !
سالام دوسلۇقنىڭ يولىنى ئاچىدۇ .
سالامنى ئىلىك ئالغۇچى سالامەت بولىدۇ .
سالام قىلغۇچى كىشىگە ئامانلىق تىلەيدۇ .
سالام كىشىلەرنى يامانلىقتىن سالامەت ساقلايدۇ .
  يۈسۈپ خاس ھاجىپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45144
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3029
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقىەتەن ياخشى ئۇسۇللار كەن . بىز مۇ ئادەتلىرىمىزنى ئۆزگەرتىسەك بولغۇدەك .

     كۆپ تەشەككۇر !!!!!!!!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش