|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز پوتپول سۇيەر مۇنبەرداشلار مەندىن سىلەرگە ئالى سالام ، گەپنىڭ پوس كالىسىغا كەلسەم بىز يەنى 2013يىلى 4ئاينىڭ 20كۇنى شەنبە تۇنۇگۇن ، غۇلجا ناھيە بايتوقاي كوماندىسىنىڭ تەكلىبى بىلەن يولغا چىقتۇق ، يول ئۇزاق بولغانلىقى ئۇچۇن 1سائەت ئەتراپىدە يەنى سائەت 30؛8دا بىرىپ بولدۇق ، بىرىشىمىز بىلەن ئۇلار بىزنى قىزغىن كۇتىۋالدى ، بىز بىردەم ھاردۇقىمىزنى ئالغاندىن كىيىن كىيىم كىچەكلەرنى ئالماشتۇرۇپ 15مىنۇت ئەتراپىدا مەشىق ئىلىپ باردۇق ، ئۇنىڭدىن كىيىن يەنى بىز بىلەن ئوينايدىغان كوماندىلارنىڭ نەچچە كوماندا ئىكەنلىكىنى بىلدۇق ، بۇ كۇماندىلار بولسا ، 1ساھىپخان غۇلجا ناھيە بايتوقاي كوندىسى ، 2غۇلجا ناھيە ئۇيغۇر ئۇچئۇن زەپەر كوماندىسى بولوپ مەسلەتلىشىش ئارقىلىق بىز 1مەيدان مۇسابىقىنى غۇلجا ناھيە ئۇيغۇر ئۇچئۇن زەپەر كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىنى باشلىدۇق مۇسابىقە ۋاقتى 90مىنۇت قىلىندى ، مۇسابىقە مەيدانى بايتوقاي مەيدانى بولوپ بۇ مەيدان بىرخىل تەپى چىم مەيدانى بولوپ بىرخىل ئادەمگە ھۇزۇر بىرىدۇ ، مۇسابىقە باشلىنىپ 8مىنۇتقا قەدەم قويغاندا ئەپسۇس قارشى تەرەپ يەنى غۇلجا ناھيە ئۇيغۇر ئۇچئۇن زەپەر كوماندىسى بىر توپ ئۇرىۋالدى ، ئارقىدىن بىزنىڭ كۇشلۇك ھۇجۇم كۇچەيتىشىمىز ئارقىلىق كەينى كەينىدىن 3توپ ئۇرۇپ غەلبىنى قولغا كەلتۇردۇق ، توپ ئۇرغان باللار ، ھۇجۇمچى ئىرلان ، دىلمۇرات ، جىلىل قاتارلىقلار ، بىردىن توپ ئۇردى ،
ئىلى دىيار كوماندىسى 3-1زەپەر كوماندىسى
زەپەر كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقە تۇگەپ 5مىنۇت بولا بولمايلا بايتوقاي كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتۇق ، مۇسابىقە ناھايىتى دوستانىلىق بىلەن ھەم كەسكىن ئوينالدى ، مۇسابىقە ۋاقتى يەنە شۇ 90مىنۇت قىلىندى ، مۇسابىقە باشلىنىپ 5مىنۇت بولا بولمايلا ئەپسۇس قارشى تەرەپ يەنى بايتوقاي كوماندىسى ئالدىنقى يىرىم مەيداندا كەينى كەينىدىن 2توپ ئۇرىۋالدى ، كىيىنكى يىرىم مەيدان باشلىنىپ مۇسابىقە 10مىنۇتقا قەدەم قويغاندا ھۇجۇمچىمىز ئىرلان بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2-1قىلدۇق ، مۇسابىقە ۋاقتى يەنە 35مىنۇت قالغان بولسىمۇ لىكىن بىزنىڭ باللارنىڭ يىرىپ قىلشى سەھەپ بولدىمۇ بەك كۇچەپ كەتمىدى ھەم توپمۇ كەتكۇزۇپمۇ قۇيمىدۇق شۇنداق قىلىپ مۇسابىىقە ئاياقلاشتى ، نەتىجىدە 1-2غۇلجا ناھيە بايتوقاي كوماندىسى غەلبە قىلدى ، توپ ئۇرغان ھۇجۇمچى ئىرلان
ئىلى دىيار كوماندىسى 1-2بايتوقاي كوماندىسى
ئەمدى بىر ئاز دەم ئىلىپ قايتايلى دەپ تۇرساق يەنى غۇلجا ناھيە يىڭتام يىزىسىنىڭ مىرات كوماندىسى بىز بىلەن بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينىساڭلار دەپ ئالدىمىزغا كەپتۇ ، ئامال قانچە ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت دىگەن گەپ بار شۇنىڭغا بولىدۇ ئوينايلى دىيىشتۇق ،بىز چۇشلۇك تاماق يەپ بولوپ ئۇلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن يىڭتام يىزا مىرات كوماندىسىنىڭ مەيدانىغا بىرىپ مۇساقىنى باشلىدۇق ۋاي ئاللا تونىڭ قىزغىنلىقى نىمىدىگەن چوڭ ئە ئۇ يەرنىڭ خەلقى توپ خۇمار خەلىق ئىكەن بىزنىڭ كىلىشىمىز بىلەنلا ئادەم لىق تولدى ، مۇسابىقە ۋاقتىنى 80مىنۇت قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى ، مۇسابىقە ناھايىتى دوستانىلىق بىلەن باشلاندى 5مۇنۇت ئوتمەيلا ئەپسۇس قارشى تەرەپ يەنى مىرات كوماندىسى 1توپ قايتۇۋالدى ، بىزمۇ بوش كەلمىدۇق ھۇجۇمنى كۇچەيتىش ئارقىلىق كەينى كەينىدىن 3توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 1-3قىلىلىپ ئالدىنقى يىرىم مەيدان ئاخىرلاشتى ، كىيىنكى يىرىم مەيدان باشلىنىپ مۇسابىقە 35مىنۇتقا قەدەم قويغاندا قارشى تەرەپ يەنى يىڭتام مۇران كوماندىسى بىر توپ قايتۇرۋىلىپ نەتىجىدە 2-3غەلبىنى قولغا كەلتۇردۇق ، مۇشۇ بىر كۇن 3مەيدان مۇسابىقە ئويناپ بەك ھىرىپ كەتتۇق ،توپ ئۇرغان باللارھۇجۇمچى ئىرلان ،دىلمۇرات، جىلىل قاتارلىقلار ، شۇنداق قىلىپ مۇشۇ بىركۇن 3كوماندا بىلەن مۇسابىقە ئويناپ كوڭوللۇك قايتىپ كەلدۇق ،
ئىلى دىيار كوماندىسى 3-2يىڭتام مىرات كوماندىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tetanek تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-21 06:27 PM
|
|
|
|
|
|