مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 221|ئىنكاس: 7

تاللانغان روبائىلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8817
يازما سانى: 274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11882
تۆھپە نۇمۇرى: 369
توردا: 4195 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 06:04:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1
سەن ئۈچۈن مەدىھىيىگە سۆزلىرمىز ئازدۇر،
بارچىڭىنى  كۆرۈشكە كۆزلىرمىز ئازدۇر.
بەرگەنگە شۈكرى يوق غەپلەتتە كەتتۇق،
رەببىم دەپ بىرشقا  يۈزلىرىمىز ئازدۇر.

2
تەقدىرنىڭ قولىدىن ئىتىلغان تاشسەن.
ھەسرەتلىك بىر كۆزدىن تۆكۈلگەن ياشسەن،
مىڭلىرى يولۇڭنى توسسىمۇ قات-قات،
ئاقىۋەت ئۆزۈڭگە سەن ئۆزۈڭ باشسەن.

3
                        
ۋەتەن بىر ئالتۇن تاج ئۇ بىشىڭىدىكى
ئەڭ شېرىن لەززەت ھەم ئۇ  ئىشىڭدىكى.
چۆللەردە قاغچىراپ يىرلىساڭ چاك-چاك،
بىر كەۋسەر بۇلاق بىل! ئۇ قىشىڭدىكى.

4
ئالەمنىڭ بارىدا سەن بىز ھېچنىمە ،
ھەۋەسنىڭ قوينىدا ھەقسىز ھېچنىمە.
ئەجەلنىڭ ئورغىقى ئورسا بىر كۈنى،
شۇ ئارزۇ-ھەۋىسىڭ سەنسىز ھېچنىمە .

       5
ھاياتتا بەزىدە كۈلۈپ ئۆتىسەن،
بەزىدە ئاھ-پەرياد ئۇرۇپ ئۆتىسەن.
ھەق يولدا بولمىساڭ ئەزىزىم بىلگىن،
دوستۇم دەپ دۇشمەننى سۆيۈپ ئۆتۈسەن.
       6
ھەق دېسە قازاندەك قايناپ كىلىسەن،
گەپ بەرمەي قۇچقاچتەك سايراپ كىلىسەن.
ئىشەندىم دەيسەنيۇ مېڭ گۇمان بىلەن،
بەرىبىر ئۆزۈڭنى ئالداپ كىلىسەن.
           
            7
ھاياتىڭ مەخسىتى يەپ-ئېچىش بولسا،
مەنپەتچۈن ھەممىدىن ۋاز كىچىش بولسا.
ئۆلمەستىن گۆرۈڭگە كىرىۋال، يوقال،
مىسكىننى ھەر جايدا زار ئېتىش بولسا.

8            
ئەقىلىسز باشىڭنى يانجى، تاشلا، كەت،
ھەتتاكى مەڭگۈگە ئۇنى تەرىك ئەت.
قەلىبكە ئىمان بىل، ئەقىلگە ھېكمەت،
ئۆزۈڭمۇ پىشقىن دە خاملارغا ئۆگەت.

9
ئادەمنىڭ يامىنى ساتقىن مۇناپىق.
ھەق يولدىن تانغىنى قاچقىن مۇناپىق.
ھەق يولنى تار قىلىپ كۆرسۈتۈپ كەلگەن،
ھەممىدىن يامىنى ئاشقىن مۇناپىق.
10
يولدىمىز،ئوڭدىمىز مەمنۇن ئەمەسمىز ،
بىپەرۋا ،ئۈزگۈنمىز، مەجنۇن ئەمەسمىز.
پۇتۇلمىش تەقدىردە  كىلىپ كەتسەكمۇ ،
ھىچ زامان بىر ئىشقا مەجبۇر ئەمەسمىز .

11
  توۋا بىز ئاسانلا كۆنۈپ قالىمىز،
كۆندۈقمۇ، تاللىماي سۆيۈپ قالىمىز.
دۇشمەن كىم، دوست كىم ئايرىماي كەلگەچ،
بىر ئۆمۈر خارلىقتا يۈرۈپ قالىمىز.

    12
ھاياتتىن نىشانسىز ئۆتۈپ كەتتۇق بىز،
نامىسىز يۇلتۇزدەك كۆچۈپ كەتتۇق بىز.
شۇ بۆيۈك نىممەتنىڭ قەدرىگە يەتمەي،
بار يوقنىڭ ئورنىدا كىلىپ كەتتۇق بىز .

  13
ئادالەت شەمشىرى سۇنغىنى نەۋاخ،
دىللاردا قارا تۈن تۇنگىنى نەۋاخ.
بىز ھەقتىن ئاداشتۇق بولدۇق خار-زەبۇن،
قارا قول يۇرەكنى يونغىنى نەۋاخ.

  14
بۇ قەلىب تۈزەلسە بۇ تەن تۈزۇلەر،
ئەيىپلىك بولسىمۇ بەدەن تۈزۈلەر.
بىر ئەزىز ۋەتەنىڭ گۈل-غۈنچىسى بىز،
شۇ گۈللەر تۈزەلسە ۋەتەن تۈزىلەر.

     15
قىسمەتلەر قامۇسى بىزدىكى ھايات،
نى كۈنلەر كىلىدۇ كەلمەستىن نامات.
ئۆمۈدنىڭ چىرىغى ئۆچمىسە دىلدىن ،
قىسمەتلەر بولغۇسى بىزلەرگە قانات.

  16   
  ناداندىن ھىچ زامان ئەقىل ئىزدىمە ،
ئۆزەڭگە ئۇنۇڭدىن نەقىل ئىزدىمە .
ھە دىگىن، سەبىر قىل، ئۇنى تەرىك ئەت ،
ئىزىپ سەن ئۇلاردىن ئاقىل ئىزدىمە .

17
بۇ دۇنيا ئوچۇق بىر سىناق مەيدانى ،
بىز ئۇنىڭ خۇش -پۇراق لالى-رەيھانى .
قىسمەتلەر ئىچىدىن كەلسەك ئاھ ئۇرۇپ ،
بىز ئۈچۈن يوق ئۇنىڭ ئۈنى ،خەندانى .


18   
ھەق ئوچۇق، يول ئوچۇق ، ماڭماق سېنىڭىدىن ،
شۇ يولنى تاپمىقىڭ ئەقىل كۆزۇڭدىن .
قەلەملەر توختىغان ، دەپتەر يىپىلغان ،
ئۆزەڭنى ياراتماق ئەمدى ئۆزۈڭدىن .

19
بىزئاجىز،مەھكۇم ھەم مەزلۇم ئەمەسمىز،
ھەق يولدىن سۆزلىدۇق مەجنۇن ئەمەسمىز.
بۇ زامان ئەۋزەلدۇر ساڭا بىزلەردىن ،
لىكىن بىل، زۇلمەتكە  تەسلىم ئەمەسمىز.

20
دىڭىزدىن تامچىدۇر بىزدىكى ئىلىم،
ئەڭ كىچىك پارچىدۇر بىزدىكى ئىلىم.
ھەممىنى ئېنكار قىلپ، يالغان دەپ كەلدىڭ،
ئېيتقىن، قانچىدۇر بىزدىكى ئىلىم؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20232
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6052
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 643 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 07:58:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن، تىرىشىڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 536
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 08:44:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ روبائىلار ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ، ئەجرىڭىزگەرەھمەت!

ئاللاھقا شۈكرى !

ئۆزياش←شېئىر ئىشقىدا يانغان يۈ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5641
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 264 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 10:14:43 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت،ياخشى رۇبائىيلاركەن

شېئىر ئۇ شائىرنىڭ چىن ھېسسىياتى،
شېئىرغا مۇجەسسەم  چىنلىق  ھەقىقەت.
شېئىر ئۇ كۆڭۈلگە ھۇزۇر بەرگۈچى،
شۇڭا مەن شېئىرنى قىلىمەن ھۆرمەت.

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18829
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1846 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ روبائىلار ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ، ئەجرىڭىزگەرەھمەت!

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89695
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 905
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2013-4-27
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە رەخمەت . بولسا ئاپتورىنى يېزىپ قويغا بولسىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8817
يازما سانى: 274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11882
تۆھپە نۇمۇرى: 369
توردا: 4195 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
koxmak101 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-23 08:54 AM
ئەجرىڭىزگە رەخمەت . بولسا ئاپتورىنى يېزىپ قويغا بولسىڭ ...

ئاپتۇرى مەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3250
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز ، ياختۇردۇم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش