مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 231|ئىنكاس: 2

گۈلىستان ھەققىدە رىۋايەت...چۆچەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9181
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 337 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 03:56:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                 گۈلىستان ھەققىدە رىۋايەت...چۆچەك
                                        ئاپتۇرى:تۈركلان


         زامانلارنىڭ زامانىسىدا تەكلىماكان بوستانلىقىدا ناھايتى كاتتا بىر شەھەر دۆلىتى بولغانىكەن.بۇ مەملىكەتكە شاھ سۇلتان ئىسىملىك بىر پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىكەن.مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پۇقرالار پادىشاھنىڭ ئادىللىقىنى ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي ماختايدىكەن.شاھ سۇلتان دىمىسىمۇ ئادىللىق بىلەن يۇرت سورايدىكەن.شۇ سەۋەبتىن بۇ مەملىكەت ناھايتى ئاۋاتلىشىپ ،پۇتۇن جاھانغا نامى پۇر كىتىپتۇ.بۇ مەملىكەتنىڭ نامى مۇقامۇل ئىكەن.بۇ نامنىڭ كىلىپ چىقىشىدا مۇنداق بىر ۋەقە يۇز بىرىپتىكەن:
         ناھايتىمۇ ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى ھازىرقى مۇقامۇل مەملىكىتى باشقا بىر دۆلەتنىڭ يايلىقى ئىكەن .لىكىن بۇ زىمىننى كۇھىقاپتىن كەلگەن دىۋىلەربېسىۋاپتۇ.ئۇلار قىلىدىغان بارلىق ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ يەنە تېخى ئىنسانلارغا زىيان ساپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ دۆلەتنىڭ پادىشاھى ئۆز زىمىنىدىن بۇ دىۋىلەرنى يوقىتىشقا بەل باغلاپتۇ.ئۇ تۇمەنلىگەن جەڭچىلىرىنى قاتتىق مەشىقلەندۈرۈپ ،دىۋىلەرگە قارشى ئۈزى باش بۇلۇپ  جەڭگە ئاتلىنىپتۇ.كېچە كۈندۈز دىگۈدەك قاتتىق ئېلىشىش ئارقىلىق باھادىر شاھ دىۋىلەرنى ئاخىرى بۇ زىمىندىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ.لىكىن شۇنداق قا رىسا يايلاق ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىۋىتىلگەن،سۈپسۈزۈك سۇلار قان ئارلاش ئېقىۋاتقان،بوستانلىقىلار بولغانغان.ئۇ  بۇ تۇپراقنى تۈزەپ ئىلگىرىكىدىنمۇ گۈزەل بىر بوستانلىققا ئايلاندۇرماقچى بۇلۇپتۇ.چوڭ ئوغلىنى ئۆز مەملىكىتىگە پادىشاھ قىلىپ سايلاپ ،ئۆزى تۈمەنلىگەن جەڭچىلىرى بىلەن بۇ زىمىنى گۈللەندۈرۈشكە ئاتلىنىپتۇ.
       ئايلار ئۈتۈپ ،يىللار ئۈتۈپ  بۇ ماكان راستىنلا بىر گۈزەل  بوستانلىققا ئايلنىپتۇ.بىراق پادىشاھ بۇنىڭلىق بىلەن قانائەت ھاسىل قىلماي،ئۆز مەملىكىتىدىن ئسىل كۆچەت خىللىرىنى گۈللەر ئۈرۈقلىرىنى ئەكەلدۈرۈپ بۇ مۇنبەت زىمىنغا تىكىپتۇ.كۆچەتلەر ئۈسۈپ گۈللەر ئۈنۈپ بۇ يېشىللىققا تولغان بوستانلىقنى يەنىمۇ گۈزەللەشتۈرۋىتىپتۇ.
       پادىشاھنىڭ بىر مۇقامۇل ئىسىملىك تەدبىرلىك ۋەزىرى بار ئىكەن .ئۇ بۇ گۈزەل ۋادىلاردىن ھۇزۇرلانغاچ كۆڭلىگە تۇيۇقسىز بۇ بوستانىلىققا بىر شەھەر بەرپا قىلىش خىيالى كىلىپ قاپتۇ،ھەمدە بىر قاتار پىلانلارنى ئۆزى بىر قوللۇق تۈزۈپ چىقىپ  پادىشاھقا كۆرسىتىپتۇ.پادىشاھ ئۇنىڭغا شۇنداق دەپتۇ:- ئەگەر بۇ يەرگە راستىنلا بىر شەھەر قۇرۇشقا كۈزۈڭ يەتسە ئىشنى باشلىغىن ،شۇنىڭ ھېسابىغا بۇ شەھەرنىڭ نامىنى سېنىڭ ئسمىڭ قىلىپ بەلگىلەيمەن ئەۋلادلار سېنى مەڭگۈ ياد ئېتىپ تۇرىدۇ.ۋەزىر بۇنىڭغا خوشال بۇلۇپ ئۆز ئىشىغا كىرىشىپ كىتىپتۇ.ئارىدىن كۆپ  يىللار ئۆتكەندە ۋەزىر راستىنلا جاھاندا بىر سانالغۇدەك ھەيۋەتلىك بىر شەھەرنى قۇرۇپ چىقىپتۇ.پادىشاھ ۋەدىسىدە تۇرۇپ بۇ شەھەرنىڭ نامىنى مۇقامۇل قىلىپ بەلگىلەپ پۇتۇن مەملىكىتىگە مۇقامۇلنىڭ تۆھپىسىنى جاكارلاپتۇ.پادىشاھ بولسا  كىچىك ئوغلىنى ئۆزى بىلەن بىللە بۇ مەملىكەتكە ئېلىپ كىلىپ ،شاھزادىنى تەخىت ۋارىسى قىلىپ  سايلاپ ئۆزى ئاخىرقى ئۆمرىنى تىنىچلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈپتۇ.
      ھازىرقى پادىشاھ شاھ سۇلتان مۇقامۇلنىڭ يەتتىنچى شاھى ئىكەن.ئارىدىن تالاي يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ ،مۇقامۇل شەھىرى ئۈزىنىڭ كۆركەم قىياپىتىنى ساقلاپ كەپتۇ.ئۇلار ئانا مەملىكىتى بىلەن ئۈزۈلدۈرمەي قۇدا -باجىلىق  مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەپتۇ.بۇنىڭ بىلەن يىراق ئارلىقتىكى بۇ ئىككى يىلتىزداش مەملىكەتنىڭ يېقىن مۇناسىۋىتى داۋاملىشىپ كەپتۇ.
        شاھ سۇلتان ئەجدادلىرىنىڭ ئىش ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ خەلقىنى داغدام يوللارغا باشلاپتۇ.پادىشاھنىڭ ئادىللىقى بىلەن پۇقرالار باشقا مەملىكەت كىشلىرىگە ماختىندىكەن.ھەتتا مۇقامۇلنىڭ ئانا مەملىكىتىمۇ مۇقامۇلنى <ئادىل شەھەر>،ئۇلارنىڭ پوقرالىرىنى <ئادىل شەھەرنىڭ پوقرالىرى >دەپ ئاتايدىكەن.
       شاھ سۇلتاننىڭ ئىككى ئوغلى بار  ئىكەن .چوڭىنىڭ ئىسمى شاھ بۆرە،كىچىكىنىڭ ئارسلان ئىكەن.ئۇلار قەلەمدىمۇ ،ئەلەمدىمۇ تەڭ يىتىشكەن بەرنا يىگىتلەردىن بۇلۇپ چوڭ بۇلۇشقا باشلاپتۇ.ئانا مەملىكەت پادىشاھىنىڭمۇ ئوخشاشلا ئىككى ئوغلى بۇلۇپ ،شاھ سۇلتان بۇنىڭلىق بىلەن ئىككى مەملىكەتنىڭ توغقاندارچىلىقىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن  ئەنسىرەيدىكەن.
        شۇنىڭ بىلەن شاھ سۇلتان ھەر  كۈنى خوداغا يېلىنىپ دۇئا تىلاۋەت قىلىپ  بىر قىز پەرزەنت بىرىشنى ئىلتىجا قىلىپتۇ.كۈنلەر ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۈتىۋىرىپتۇ.بىر يىلى مۇقامۇل مەملىكىتىدە باھار بالدۇر  كەپتۇ.ھەممە ياق بۇرۇنقىدىنمۇ يېشىللىشىپ سۈپسۈزۈك سۇلار ئابىھايات زەمزەمدەك كىشىگە ھۇزۇر بىغىشلاپتۇ.باغلار گۈل چېچەكلەرگە پۈركىنىپ بۇلبۇللار خەندان ئۇرۇپ سايرىشىپتۇ.دەل مۇشۇ خىسلەتلىك چاغدا شاھ سۇلتاننىڭ كىچىك توقىلى ھامىلدار بۇلۇپتۇ.شاھ سۇلتان ئۆز شەھىرىدىكى گۈل چېچەكلەرنىڭ شۇنچىلىك گۈزەللىشىپ ،شەھەرنىڭ باشقىچە تۈسكە كىرىپ قالغانلىقىغا قاراپ ،تۇغۇلماقچى بولغان پەرزەنتىنىڭ قىز بۇلۇشىنى يەنىمۇ ئارزۇ قىلىپتۇ.تۇققۇز  ئاي تۇققۇز كۈندىن كىيىن شاھ سۇلتاننىڭ كىچىك توقىلى راست دىگەندەك بىر قىز تۇغۇپتۇ.شاھ سۇلتان پۈتۈن شەھەرگە يارلىق چۈشۈرۈپ قىزنىڭ شەرىپىگە 41 كۈن زىياپەت قىلىدىغانلىقنى ھەمدە پۈتكۈل شەھەر ئاھالىسىنىڭ بۇ زىياپەتكە داخىل بۇلۇپ كىتىشىنى جاكارلاپتۇ.قىزنىڭ شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ زىياپەتنىڭ    ناھايتى كاتتىلقىدىن كۈللى -جاھاندىكى بارلىق كىشلەر بۇ خەۋەرنى بىلىپتۇ.
     زىياپەتتتىن كىيىن  شاھ سۇلتان قىزغا ئىسىم قۇيۇش ئۈچۈن ئوردا ئۆلىمالىرىنى ،دانىشمەنلىرىنى چاقىرتىپتۇ.بىر نەچچە ئۆلىمالار ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويغاچ ئۆزى ئويلاشقان ئىسىملارنى دەپ بېقىپتۇ.لىكىن شاھ سۇلتان بۇ ئىسىملارنىڭ ھېچقايسىسېنى قۇبۇل قىلماپتۇ.ئارىدا بىر دانىشمەن ناھايتى تەمكىنلىك بىلەن پادىشاھقا ئۆز پىكىرىنى بايان قىلىپتۇ،:   
            -ئى مۆھتۈرەم سۇلتانىم  ،ئەسلىرىدىن چىقىپ قالغان ئوخشايدۇ،كىچىك توقاللىرى بۇ قىزغا ھامىلدار بولغان چاغدا بۇ شەھەر گۈل چېچەكلەرگە پۈركەنمىگەنمىدى؟ئاۋات شەھەر بەئەينى گۈلىستانغىلا ئوخشاپ قالغان ئەمەسمۇ؟بۇ بىر بىشارەت بۇلۇشى  ،بۇ مەملىكەت بۇ قىزنىڭ تۇغىلىشى بىلەن  تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشى مۇمكىن .شۇڭا بۇ قىزغا  باھارنىڭ بىشارىتى بولغان گۈلىستان دىگەن ئىسىمنى قويساقمىكىن دەيمەن.
      شاھ سۇلتان ئويلاپ باقسا بۇ دانىشمىنىنىڭ  دىگىنى ئورۇنلۇق شۇنىڭ بىلەن سىلەر قانداق قارايسىلە دىگەندەك قىلىپ باشقا ئۆلىمالىرىغا قاراپتۇ .ئۇلار قۇشۇلدىغانلىقىنى بۈلدۈرۈشۈپ  باش لىڭىشتىشىپتۇ.
       شاھ سۇلتان ئانا مەملىكىتىگە ۋە پۈتكۈل مۇقامۇلغا  قىزىنىڭ ئىسمىنىڭ گۈلىستان بۇلىدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ.پۇتۇن خەلىق ھەتتا جان جانىدارلار بۇنىڭدىن سۈيىنىشىپ توي -بەزمە قىلىشىپتۇ.شاھ سۇلتان ئانا مەملىكىتى بىلەن قۇدا باجىلىقنىڭ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغانلىقىدىن شاتلىنىپتۇ.
        كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋىرىپتۇ،يىللار بىر بىرىنىڭ كەينىدىن قوغلىشىپ ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپتۇ.گۈلىستان ئۆلىمالارنىڭ  ۋە ئاكىلىرىنىڭ  تەربىيلىشى ئارقىسىدا ئەخلاقىي پەزىلەتتە يىگانە بىر قىز بۇلۇپ چوڭ بۇلۇپتۇ.كۈندىن كۈنگە نۇرلىنۋاتقان گۈزەل چېھرى ئۇنى تىخىمۇ جىلۋىگەر ،ھۆسىن جامالدا تەڭداشسىز ساھىبجامالغا ئايلاندۇرۇپتۇ.
        كۈنلەرنىڭ بىرىدە گۈلىستان ئۆزىنىڭ خاس چار بېغىدا كۆلگە قاراپ چېچىنى تاراۋاتسا ،تۇيۇقسىز شامال چىقىپ يەر جاھان تەۋرىگەندەك بۇلۇپتۇ،ئاسماندا قارا تۈتەك پەيدا بۇلۇپ ،گۈلىستاننى قۇرقۇنۇچقا ساپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھاللا ئۈزىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ كىتىپتۇ .ھەم دېرىزىسىدىن قارا تۈتەكنىڭ ئوردا تەرەپكە قاراپ سۈرۈلۈپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ ،كۆڭلى بىر نىمىنى تۇيغاندەك بۇلۇپ دەرھال ئوردا تەرەپكە قاراپ ئات  ساپتۇ.لىكىن ئوردىغا كىرىپ قارىغۇدەك بولسا ھەممە ئۆلىما .دانىشمەنلەر بىر چوڭ  چەمبەر ھاسىل قىلىشىپ تۇرغۇدەك .گۈلىستان دەرھال چەمبەرنى يېرىپ ئۈتۈپ قارىغۇدەك بولسا  شاھ ئاتىسى سەكراتتا قالغان ئادەمدەك ياتقان.گۈلىستان <شاھ ئاتا> دىگىنىچە ئۈزىنى شاھ  ئاتىسىنىڭ باغرىغا ئېتىپ باشقىلاردىن نىمە بولغانلىقىنى سورىشىپتۇ.لىكىن ھىچكىم بۇنىڭغا جاۋاب بىرەلمەپتۇ.ئۇلار پەقەت بىر قارا تۈتەكنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ئاندىن شاھ سۇلتاننى ئورىۋالغانلىقىنى ،ئاندىن نىمە ئىشلىكىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە قارا تۈتەكنىڭ يوقاپ كىتىپ شاھ سۇلتاننى مۇشۇنداق ھالەتتە كۆرگەنلىكىنى ئيتىشىپتۇ.
        -بۇ زادى نىمە ئىش ؟نىمە ئۈچۈن ئۇ قارا تۈتەك ئاتامنى ئورىۋالىدۇ؟ئۇ قارا تۈتەك زادى نىمە ؟-گۈلىستان زار -زار يىغلىغىنىچە ئۇلاردىن شۇنداق دەپ سوراپتۇ.ئاڭغىچە ئۇنىڭ ئىككى ئاكىسىمۇ لەشكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۋاتقان جايدىن ئوقتەك يىتىپ كىلىشىپتۇ.شاھ بۆرە بولغان ۋەقەلەرنى بىر قۇر ئاڭلىغاندىن كىيىن
دانىشمەنلەردىن بۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ،دانىشمەنلەردىن بىرى:
       -بۇنى دىۋىلەر قىلدۇقمىكىن دىسەك دىۋىلەر مۇنداق كارامەتلەرگە ئىگە ئەمەس،دىمەك بىزنىڭ يەنە بىردۇشمىنىمىز كۆپەيگەندەك قىلىدۇ.-دەپتۇ.
      شۇ ئارىدا شاھ سۇلتاننىڭ كىچىك ئوغلى ئارسلان ئوتتۇرغا چىقىپ دانىشمەنلەرگە ۋە كۆپچىلىككە قاراپ مۇنداق بىر ئىشنى بايان قىلىپتۇ:
         _بىر كۈنى لەشەرلىرىم بىلەن  شەھەر چارلاپ  كىتىۋاتقان ئىدىم ،ئۇ قاراڭغۇلۇق قاپلىغان بىر  كېچە ئىدى،تۇيۇقسىز ئالدىمغا بىر نىمجان بوۋاي ئۇچراپ قالدى،مەن ئۇنى يۆلەشتۈرۈپ ،لەشكەرلىرىمگە داۋاملىق چارلاشنى بۇيرۇپ بۇ بوۋايدىن ھال سورىماقچى بولدۇم.مەن قۇلۇمدىكى جىن چىراقنى ئۇنىڭغا يېقىن تۇتۇپ قارىغىنىمدا بەك ھەيران قالدىم .ئۇنىڭ يۈزلىرىدىن نۇر يېغىپ ،كۆزلىرى چاقناپ تۇراتتى، قارىماققا  كېسەل بۇلۇپ قالغاندەك كۈرۈنمەيتتى.
        -بوۋا بۇ كېچىدە تالادا نىمە قىلىلا ؟-دەپ سورىدىم.
       بوۋاي بىردەم  تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن سۆز باشلىدى:
       -بالام مىنى بىر بىشارەت سەن بىلەن كۈرۈشتۈرۈشكە مەجبۇرلىدى.سىلەرنىڭ نەچچە يۈز يىللىق  دۇشمىنىڭلار دىۋىلەر ھازىر بەك كۈچلىنپ كەتتى.ئۇلار قۇدرەت ئىلاھى دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىلاھنى  تېپىپ،  ئۇنى شەيتان بىلەن بىرلىشىپ  ئالداپ ئۇنىڭدىن ھەر خىل سىھىر ئۆگىنىۋاپتۇ.ئۇلارنىڭ ھىيلىسى بەك كۆپىيىپ كەتتى.ئاز كۈنگە قالماي ئۇلار سىلەرنى پەراكەندە قىلىشى مۇمكىن.
    _مانا بۇ سۆزلەرنى دەپ بۇلۇپلا بوۋاي ئۆزىنى ئاشكارلاشنى خالىماي يىراقلارغا  كىتىپ قالدى ،لىكىن مەن مۇقامۇلنىڭ مۇستەھكەم سېپىلى ۋە قۇدرەتلىك ئەسكىرىي كۈچىگە بەك ئىشىنىپ كىتىپ بۇ ئىشلارنى سىلەردىن پىنھان تۇتقان ئىدىم .ئەمدى بىلدىمكى دىۋىلەرنىڭ بىزلەردىن غالىپ كىلەلەيدىغان سىھرىي كۈچى بارلىقى راست ئىكەن .ئەگەر ئۇ بوۋاينىڭ دىگىنى راست بولسا بۇ ئىشنى چۇقۇم دىۋىلار قىلغان  .-دەپتۇ ئارسلان ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ.
      -ياق بىزدىن غالىپ كۈچى بولسىمۇ بىز چۇقۇم ئۇلارنى يېڭىشىمىز كېرەك ،بىزنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولىمىز يېڭىش ئۇنداق بولمايدىكەن ،دىۋىلەرنىڭ بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىزغا قىلغانلىرى قايتا تەكرارلىنىدۇ.ھىچكىم مۇقامۇلنىڭ قان ئىچىدە ئىڭراپ يېتىشىنى خالىمايدۇ.ئەگەر  ئۇ بوۋاي دىگەن قۇدرەت ئىلاھى راستىنلا مەۋجۇت بولسا مەن ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ بىزگە ياردەم بىرىشكە چاقىرىمەن.بۇنى كىچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ،مەن ھازىرلا يولغا چىقاي._دەپتۇ شاھ بۆرە.
         _ مەنمۇ سەن بىلەن بىللە بارىمەن،-دەپتۇ ئارسلان .مەنمۇ بىللە بارىمەن ،كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى شۇنداق دەپ توۋلىشىپتۇ.بىراق شاھ بۆرە تەمكىنلىك بىلەن:
   -ياق سىلەر قېلىشىڭلار كېرەك ،بولمىسا مۇقامۇلنى كىم قوغدايدۇ.مەن ھەممە جاينى كىزىپ بولسىمۇ بۇ ئىلاھنى تاپماي قويمايمەن.
       شۇنداق قىلىپ شاھ بۆرە ئوردىنى تاشلاپ قۇدرەت ئىلاھىنى ئىزدەپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ.ئۇ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن،ئەمدى بىز گەپنى كۇھىقاپتىكى دىۋىلەردىن ئاڭلاپ باقايلى:
      مەغرۇر ،ھاكاۋۇر دىۋىلەر ئۆز ئوڭكۈرلىرىدە  شالىلىرىنى ئېقىتىشىپ مۇقامۇل تۇغۇرلۇق گەپ تالىشىپ تۇرۇشقانىكەن.راستىنلا دىۋىلەر مۇقامۇلغا كەلگەن بۇلۇپ ،ئۇلار قۇدرەت ئىلاھىدىن راستىنلا سىھىر ئۆگنىپ مۇقامۇلغا ئۆزلىرىنى كۆرسىتىپ قۇيۇش ئۈچۈن بارغانىكەن.لىكىن ئۇلار گۈلىستاننىڭ گۈزەل چىھرىگە مەپتۇن بولغان ،ئاندىن شاھ سۇلتاندىن قىزىنى ئۇلارغا بەرسە بۇ مەملىكەتكە ھىچنىمە قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان .باھادىر شاھ بۇ تەلەپنى  ئۆزىگە قىلىنغان ھاقارەت ھېساپلاپ،دىۋىلەرنىڭ تەلىپنى رەت قىلغانلىقتىن ،دىۋىلەر ئۇنىڭغا سىھىر ئىشلىتىپ ئۇنى سەكراتقا چۈشۈرۈپ قويغان ئىكەن.دىۋىلەر ئۆز ئارا شۇلارنى دىيىشكەچ ،ئەتە يەنە بېرىپ ئۇلارنى ئاۋارە قىلىدىغانلىقىنى ئيتىشىپ قاتتىق ئۇيقۇغا كىتىشىپتۇ.
      مۇقامۇل مەملىكىتى شاھ بۆرە كەتكەندىن كىيىن جىددىي ھالەتكە كىرىپ ،ھەممە كىشلەر ئۇرۇشقا تەييارلىق ھالىتىدە تىك تۇرۇشۇپتۇ،گۈلىستان بىلەن ئاكىسى ئارسلان سەركەردىلەر بىلەن بىر قاتار پىلانلارنى تۈزۈشىپتۇ.ئەتىسى دىۋىلەر كۈچلۈك بورانغا ئايلىنىپ شەھەر خەلقىگە ھۇجۇم قىلىپتۇ،بۇنداق ھۇجۇمغا قارىتا ھەشەر خەلقى ئامالسىز قاپتۇ.ھەممەيلەن پاناھلىنىدىغان جاي ئىزدىشىپ تەرەپ-تەرەپكە قېچىشىپتۇ.دىۋىلەر شەھەرنى بىر ۋاققىچە ساراسىمگە سېلىپ نۇرغۇن ئىمارەتلەرنى ۋەيران قىلىپ بولغاندىن كىيىن شەھەر خەلقىگە تەھدىت سېلىپ مۇنداق دەپتۇ :بىزگە كېرىكى پەقەت سىلەرنىڭ ئامراق مەلىكەڭلار شۇنى بىزگە قايتۇرۇپ بەرسەڭلارلا سىلەرگە ھىچ چېقىلمايمىز .لىكىن شەھەر خەلقى غەيرەتكە كىلىپ ،ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى ئيتىشىپتۇ،بۇ ۋاقىتتا دىۋىلەر ئەسەبىيلىشىپ تۈمەنلىگەن شەھەر پۇقرالىرىنى  تىرىك يۈتىۋىتىپتۇ.ھايات قالغانلار ئامان قېلىش ئۈچۈن قېچىشقا باشلاپتۇ.
      گۈلىستان بولغان ئىشلارنىڭ ئەسلىدە ئۆزى سەۋەبلىك يۈز بىرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ،قاتتىق قايغۇرۇپتۇ.ئۇ خەلقنىڭ تىنىچلىقى ،بەختى ئۈچۈن ئۆز جېنىنى قوربان بىرىشكە رازى بۇلۇپتۇ  . لىكىن شەھەر خەلقى بۇنىڭغا قەتئىيلىك بىلەن قارشى چىقىپ:
      -مەلىكەم ھەرگىز ئۇنداق قىلمىغايلا سىلى بىزنىڭ مۇقامۇلنىڭ سىموۋۇلى ،سىلى بولمىسىلا بىزگە ياشاش ھارام .-دەپ پەقەتلا ئۇنىماپتۇ.ئارسلانمۇ ئۇنىڭ ئۇنداق قىلىشىغا يول قويماپتۇ.لىكىن گۈلىستان خەلىقنىڭ ئاھۇ زارىنىڭ پەلەككە يەتكەنلىكىنى كۈرۈپ پەقەت چىدىيالماپتۇ.بۇ ئىش مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن بىز ئەمدى گەپنى شاھ بۆرىدىن ئاڭلايلى:
       شاھ بۆرە شۇ ماڭغىنىچە تالاي تاغ داۋانلارنى كەينىگە قالدۇرۇپ ،سانسىزلىغان چۆل جەزىرىلەردىن ئۆتۈپ كۆرگەنلا كىشلەردىن قۇدرەت ئىلاھى توغرىسىدا ئۇچۇر ئىگەللەپ مىڭىپتۇ .لىكىن ھىچ كىشى ئۇنىڭ نەدە تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەپتۇ.
     بىر كۈنى شاھ بۆرە مېڭىپ مېڭىپ بىر تاغقا دۈچ كەپتۇ .ئۇ مۇشۇ يەردە بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈپ ئاندىن سەپىرىنى داۋاملاشتۇرماقنى كۆزلەپ، تاغدىن بىرەر مۇۋاپىق پاناھلىنىدىغان جاي چىقىپ قالارمىكىن دەپ ئىزدەپ قارىسا تاغ باغرىدا بىر ئۆڭكۈر تۇرغان.ئۇ شۇ يەرگە كىرىپ پاناھلىنىپتۇ .قاراڭغۇ چۇشۇپ ھەممە جاينى گۈگۈم پەردىسى قاپلىغان بىر چاغدا ئۆڭكۈرنىڭ بىر بۇلىڭىغا بېرىپ ئۇيقۇغا كىتىپتۇ.بىر چاغدا ئۇ غەلىتە بىر  ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك ھېس قىلىپ ،ئاستا بېشىنى كۆتىرىپ قارىسا ،تۇرقى بەتبەشىرە بىر نەچچە مەخلۇق ھەدەپ ئادەملەرنىڭ  جەسەتلىرىنى كاۋاپ قىلىشىپ تۇرغان.شاھ بۆرىنى شۇنداق سۈر بېسىپتىكى ،ئاۋازى چىقىپ كەتكىلى تاس قاپتۇ.شاھ بۆرە بۇ مەخلۇقلارنىڭ تېخى ئۆزىنى بايقىمىغانلىقىنى پەملەپ ،بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇلاردىن قۇتۇلماقچى بۇلۇپ چارە ئىزدەشكە باشلاپتۇ.ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىسا ئۆڭكۈرنىڭ كەينى بىر يىراقلارغا سۇزۇلغان تاغ تونىلىدەك كۈرۈنۈپتۇ.نىمە بولسام شۇنى كۈرەمەن دەپ ،شۇ تونىلغا  قاراپ پەم بىلەن يۈرۈپ كىتىپتۇ.مىڭىپتۇ ،مىڭىپتۇ،خېلى ئۇزاق ماڭغاندىن كىيىن ،يۇپيۇرۇق بىر جايغا كەپ قاپتۇ.ئۇ جاينىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر بوۋاي يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تىلاۋەت قىلىۋاتقان ئىكەن.شاھ بۆرە قاتتىق ھەيران قاپتۇ،ئىنسى جىنىڭ سايىسى يوق بۇ جايدا بۇ بوۋاي نىمە قىلىدۇ؟ئۇ  شۇنداقتىمۇ بۇ بوۋاينىڭ بىر ئادەم نەسلىدىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ ئۇنىڭغا سالام قىلىپتۇ:
      -ئەسسالاممۇ -ئەلەيكۇم  بوۋا،
     بوۋاي ئتتىك شاھ بۆرىگە قاراپتۇ .بوۋاينىڭ چىرايىدا شاھ بۆرىنىڭكىدەك  ھەيرانلىق ئالامىتى كۈرۈنمەپتۇ.ئۇ ئۇرنىدىن تۇرۇپ سالام قايتۇرۇپ شۇنداق دەپتۇ :
        -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،بالام سەن بۇ يەرگە قانداق بۇلۇپ كەپ قالدىڭ ؟بۇ يەرنى ئىنسان بالىسى تاپالمايتتى ،تاپالىغان تەقدىردىمۇ ئوڭكۈر ئاغزىدىكى ئىككى دىۋىدىن قىچىپ قۇتۇلالمايتتى .سەن ئۇلاردىن قانداق قۇتۇلدۇڭ ؟قانداق بىر ۋەج بىلەن بۇ يەرگە كىلىپ قالدىڭ؟
      شاھ بۆرە بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى بىر بىرلەپ سۆزلەپ  ئۈزىنىڭ قۇدرەت ئىلاھىنى ئىزدەپ يولغا چىققانلىقىنى ،ھەمدە بۇ جايغا دىۋىلەرنىڭ دىققەت قىلمىغان  پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ كىرىپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بىرىپتۇ.
        بوۋاي ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ :
      -سىنىڭ غەيرىتىڭگە ئاپىرىن ،قارىغاندا سەن ئۇلۇغ ئىشقا ئاتلانغاندەك تۇرۇپسەن ھەمدە خۇدا سېنى  ئۆز پاناھىدا ساقلاپتۇ.-دەپتۇ
     -سىلى قانداق بۇلۇپ بۇ يەرگە كىلىپ قالدىلا ؟-دەپ باياتىندىن بىرى ئۆزىنى ئەجەبلەندۈرگەن بۇ سۇئالنى سوراپتۇ شاھ بۆرە.
     -بالام ،مەن دەپ كەلسەم بۇ بىر ئۇزۇن ئىشلار .مەن سەن ئىزدەپ يۈرىۋاتقان قۇدرەت ئىلاھى بۇلىمەن.بۇنىڭدىن نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرى زىمىننى دىۋىلەر ۋەيران قىلىۋەتكەچكە مەن خۇدانىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن  زىمىنغا چۈشۈپ دىۋىلەرنى يوقاتماقچى بولدۇم.لىكىن بىر باھادىر  شاھ دىۋىلەرنى يۇقىتىپ ئۇ زىمىنغا بىر شەھەر بەرپا قىلىپتۇ.ئۇ شەھەر دەل سەل كەلگەن جاي مۇقامۇل بۇلىدۇ ئوغلۇم .بۇمۇ خۇدانىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى .كىيىن دىۋىلەر زىمىنغا مىنىڭ كەلگەنلىكىمنى بىلىپ مېنى ئىزدەپ مەندىن ياردەم تەلەپ قىلىشتى .لىكىن مەن ئۇلارغا ياردەم قىلمىدىم .چۈنكى خۇدانىڭ بۇيرۇقىسىز مەن ھىچكىمگە ياردەم قىلالمايتتىم .لىكىن ئىنسانلارنىڭ دوشمىنى بولغان شەيتان خۇدانىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە ئۆزگىرىپ ماڭا يالغان خەۋەر ئېلىپ كەلدى ،ئۇ دىيىشىچە ماڭا دىۋىلەرگە قۇدرەت كۈچى بىرىش تۇغرىسىدا خۇدادىن پەرمان چۇشۇپتىمىش .مەن سەل ئىككىلىنىپ قالغاندەك بۇلۇپ تۇرغاندا شەيتان مىنى خۇداغا ئاسىيلىق قىلىشقا پېتىندىڭ دەپ  تەھدەت سالدى مەن ئىلاجىسىز ئۇنىڭ گىپىگە كىرىپ دىۋىلەرگە ياردىم قىلدىم ،لىكىن ئاخىردا بىلدىمكى مەن شەيتاننىڭ دامىغا چۈشۈپتىمەن .دىۋىلەر قۇدرەت كۈچىگە ئىرىشۋالغاندىن كىيىن شەيتان بىلەن بىرلىشىپ مىنى مۇشۇ ئوڭكۈرگە نەزەربەنت قىلدى .مەن ئۆتكۈزگەن خاتالىقىم ئۈچۈن خۇدانىڭ بۇ ئۇرۇنلاشتۇرىشىغا بوي سۇنۇپ بۇ جايدا كۈندە مۇشۇنداق تىلاۋەت قىلدىم . ئىلگىرى چۈشۈمدە بىر ياخشى بىشارەت كۆرگەنىدىم .لىكىن نىمە بىشارەت  ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنىدىم ،مانا بۈگۈن  بىشارەت ئاشكارلاندى.
        -بوۋا  سىلى نىمە ئۈچۈن ئىلاھىي كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىپ بۇ جايدىن چىقىپ كەتمەيدىلا؟ -دەپ سوراپتۇ شاھ بۆرە.
      -مەن ئۇنداق قىلالمايمەن ،چۈنكى شەيتان مىنى ئازدۇرۇپ مىنىڭ بارلىق كۈچۈمنى دىۋىلەرگە ئۆتكۈزۈپ بىرىشكە بويرۇغان .مەن شۇ چاغدا  بۇنىڭ بىر  توزاق ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ ،ئاز بىر قىسىم كۈچۈمنى ئېلىپ قالغان ئىدىم .لىكىن بۇ كۈچۈم بىلەن دىۋىلەرگە تاقابىل تۇرالمايتتىم .شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ جايدا ئۇلار تەرىپىدىن سولاپ قۇيۇلدۇم .لىكىن ساڭا بىر خوشخەۋەر ئېيتاي ئوغلۇم ، قۇدرەت كۈچىگە ئىگە بولغان دىۋىلەرنىڭ يۈرەكلىرى بىر بىرى بىلەن تۇتىشىپ كىتىدۇ .يەنى ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ بىرىنى ئۆلتۈرەلىسەڭ  ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈلىدۇ .لىكىن ھازىر ئۇلارغا  تاقابىل تۇرماق بەك قىيىن ،چۈنكى ئۇلاردا قودرەت كۈچى ھازىرلانغان .سەن ئۇلارنى يەڭمەكچى بولساڭ ئۇلارنىڭ بىخودلىقىدىن پايدىلانساڭ بۇلىدۇ   .مەن ساڭا بىر ئامال دەپ بىرەي ،  ئۆڭكۈر ئاغزىدىكى دىۋىلار ھەركۈنى چۈش ۋاقتى بىلەن يىراقلارغا كىتىپ ،كەچ بولغاندا قايتىپ كىلىدۇ .ئۇلار مىڭىشتىن بۇرۇن ۋە كەلگەندە مىنى بىر تەكشۇرۋىتىپ ئاندىن ئۆز ئىشلىرىنى قىلىشىدۇ .سەن ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇلارنىڭ دىققەت قىلمىغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ،ئۆڭكۈرنىڭ تېشىغا چىقىپ   كەتكىن .لىكىن ئىسىڭدە بولسۇن  ئۇلار سىنىڭ چىقىپ كەتكەنلىكىڭنى بىلگەندە  سىنىڭ ھىدىڭنى بىلىپ قالىدۇ .ئۇلار ئادەمنىڭ  ھىدىنى بىلىپ  قالغاندا ئەتراپنى ئاختۇرۇپ شۇ كىشىنى ئىزدەشكە باشلايدۇ .سەن مۇشۇ ۋاقىتنى كۆزلەپ يەنە ئوڭكۈرگە كىرىپ كەتكەن ،ئوڭكۈر ئاغزىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بىر كىچىك كامار بار  ،سەن شۇ يەرگە كىرىۋىلىپ ئۇلارنىڭ قايتىپ كىلىشىنى كۈتكىن .ئۇلار كەلگەن ھامان ،پەملەپ تۇرۇپ بىرىنىڭ كەينى ئۇمۇرتقا تەرىپىگە قىلىچىڭنى سانجىغىن، ئۇلارنىڭ يۈرىكى ئەنە شۇ يەردە .ئۇنىڭ يۈرىكىگە سانجىيالىساڭلا ئۇمۇ  ئۇلىدۇ ،ئۇنىڭ ھەمراھىمۇ ئۈلىدۇ.
       شاھ بۆرە بوۋايغا كۆپ رەھمەتلەرنى ئېيتىپ ،ئوڭكۈر ئاغزىغا قاراپ ئاتلىنىپتۇ .تۈن نىسبى بولغاچ دىۋىلەر شاھ بۆرىگە دىققەت قىلماپتۇ .شاھ بۆرە ئۆڭكۈردىن ئوڭۇشلۇق چىققاندىن كىيىن ،ئەپلىك بىر جاينى ئىزدەپ يۇشۇرنىۋاپتۇ .دىۋىلەر شاھ بۆرە چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ،ئادەمنىڭ ھىدىنى سەزگەندەك بۇلىشىپتۇ.ئۇلار سەل ھۇشىغا كىلىپ دىققەت قىلغۇدەك بولسا راست دىگەندەك ئادەمنىڭ ھىدى كىلىۋاتقان .شۇنىڭ  بىلەن ئۇلار دەرھال ئۇرۇنلىرىدىن قۇزغىلىشىپ شاھ بۆرىنى ئىزدەشكە باشلاپتۇ .ئۈلارنىڭ كۆزلىرى تۇلۇن ئايدەك يۇرۇپ ئەتراپنى تەكشۈرۈشكە باشلاپتۇ .شاھ بۆرىنى خۇدا ئۆز پاناھىدا ساقلاپتۇ ،ئۇ چەبدەسلىك بىلەن يەنە ئۆڭكۈر ئىچىگە كىرىپ  بوۋاي دىگەن ھېلىقى كامارغا كىرىۋاپتۇ.دىۋىلەر بىر ھازا ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كىيىن ،يەنە ئۆڭكۈر ئىچىگە قايتىشىپتۇ ،لىكىن ئۇلار دىققەت قىلغۇدەك بولسا پۇراق دەل ئۆڭكۈر ئىچىدىن چىقىۋاتقان.شۇ ئارىدا بىر دىۋە شاھ بۆرە تۇرغان كامارنىڭ ئۈستىگە كىلىپ تۇلۇنئايدەك پارقىراق كۆزلىرى بىلەن شۇنداق قارىشىغا شاھ بۆرە زەرب  بىلەن ئۇنىڭ كۈزىگە قارىتىپ قىلىچ سانجىپتۇ .لىكىن قىلىچ ئۇنىڭ يۈرىكىگە بارمىغاچ ،يەنە بىر دىۋە ئۆلمەپتۇ ،شاھ بۆرە مەن ئەمدى ھايات قالمايدىغان بولدۇم دەپ قاتتىق ھۇدۇقۇپ تۇرغاندا ،ئۈزىگە خىرىس قىلىش ئالدىدا تۇرغان يەنە بىر  دىۋە يەر چىشلەپتۇ .ئەسلىدە قۇدرەت ئىلاھى ئۇنىڭ كەينى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا قول سېلىپ يۈرىكىنى سۇغۇرۋالغان ئىكەن .بۇنى كۈرۈپ شاھ بۆرە قۇدرەت ئىلاھىغا كۆپ رەھمەتلەرنى بىلدۈرۈپ  تازىم بەجا كەلتۇرۇپتۇ.قودرەت ئىلاھى  ئۇنىڭغا  دەرھال بېرىپ مۇقامۇلغا خوشخەۋەر يەتكۈزىشنى تاپىلاپتۇ .ھەمدە ئۈزىنىڭمۇ بىللە بارىدىغانلىقىنى ئيتىپتۇ .
          ئەمدى مۇقامۇلنىڭ شاھ بۆرە كەتكەندىن كىيىنكى ۋەقەلىرىگە قۇلاق سېلىپ باقايلى :
         گۈلستان خەلقنىڭ  ئاھۇ-زارىغا چىدىماي ،شەھەردىن يۇشۇرۇنچە چىقىپ كىتىپ دىۋىلەر كىلىدىغان يولغا قاراپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ .ئەتىسى يەنە ھۇجۇمغا كەلگەن دىۋىلەر ساھىبجامال مەلىكە گۈلىستاننى كۈرۈپ ،ناھايتى خوشال بۇلۇشۇپتۇ.گۈلىستان دىۋىلەرنىڭ ئۆز ئەسلىگە قايتقانلىقىنى كۆرگەندىن كىيىن ،يېنىدىكى كىچىك خەنجىرىنى قىنىدىن چىقىرىپ كۆكرىكىگە نىقداپ تۇرۇپ دىۋىلەرگە مۇنداق دەپتۇ:
     -مەن سىلەر بىلەن بىللە كىتىشكە رازى .لىكىن سىلەر يەنە پەيلىڭلاردىن يانماي مۇقامۇلغا پارەكەندىچىلىك سالىدىكەنسلەر ماڭا مەڭگۈ ئىرىشەلمەيسىلەر.يەنە شاھ ئاتامغا  قىلغان سىھرىڭلارنى بىكار قىلىسىلەر ،بولمايدىكەن مەن ئۈزۈمنى ئۆلتۈرۋالىمەن
     دىۋىلەنىڭ كاتتىبېشى بۇنىڭغا قۇشۇلدىغانلىقىنى بۈلدۈرۈپ ئۇنى  كۈھىقاپقا ئىلىپ كىتىپتۇ.مۇقامۇل شەھىرى گۈلىستاننىڭ  يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ بۇنىڭدىن قايغۇرۇپ تۇرسا شاھنىڭ ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ  ھەم ھەيران قاپتۇ ھەم  شاتلىنىپتۇ .لىكىن شاھنى غەمكىنلىك تۇمانلىرى قاپلاپتۇ .ئەجدادلىرى ياراتقان مۇقامۇلنىڭ ئۆزىنىڭ قۇلىدا ۋەيران بۇلۇپ كىتىشىدىن ،گۈلىستاننى ئەمدى قايتا كۈرەلمەسلىكىدىن قاتتىق قايغۇرۇپتۇ.شاھ  غەم قايغۇ سەۋەبىدىن يەنە ئاغرىپ يىتىپ قاپتۇ.ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي شاھ بۆرە قۇدرەت ئىلاھى بىلەن مۇقامۇلغا يىتىپ كەپتۇ .
لىكىن قارىسا شەھەر خەلقىنىڭ چىھرىدە غەم تۇمانلار ئۇرۇن ئالغان ،شەھەر ئىمارەتلىرى قايتىدىن ياسىلۋاتقان .ئارسلان ئۇنىڭغا بولغان ئەھۋاللارنى بىرمۇ  بىر سۆزلەپ بىرىپتۇ.شاھ بۆرە بۇنىڭغا قاتتىق  قايغۇرۇپ قۇدرەت ئىلاھىنى باشلاپ شاھ ئاتىسىنىڭ ھۇزۇرىغا كەپتۇ .شاھ سۇلتان غەمكىن ھەلەتتە گۈلىستاننىڭ ئىسمىنى تەكرارلاپ ياتقانىكەن.شاھ بۆرىنى كۈرۈپ كۆز ياشلىرىنى توختىتۋالالماپتۇ.شاھ بۆرە ئۈزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى بىر بىرلەپ سۆزلەپ بۇلۇپ :
        -ئۇنى ئىزدەپ باقتىڭلارمۇ ؟-دەپ سوراپتۇ  .
       -ھەئە ئىزدىدۇق ،شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالمىدۇق .-ئارسلان ئاكىسىغا شۇنداق دەپ جاۋاب بىرىپتۇ.
      تەكرار   ئاڭلىغان بۇ  گەپلەردىن شاھ سۇلتاننىڭ دىلى يەنىمۇ ئىزىلىپتۇ.
     شۇ ئارىدا شەھەر خەلقىنىڭ قىيقاس چۇقانلىرى ئاڭلىنىپتۇ .شاھ بۆرە باشلىق كىشلەر نىمە بولغاندۇ دەپ سىرىتقا چىققۇدەك بولسا گۈلىستاننى ئىزدەپ كەتكەنلەر ،ئۇنى نىمجان ھالەتتە ئېلىپ كەلگەن ئىكەن .ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ئۇلار ئۇنى دىۋىلەر كىلىدىغان يولنىڭ مۇقامۇلغا يەتتە كۈنلۈك كىلىدىغان جايىدىن مانا مۇشۇنداق ھالەتتە ئېلىپ كەپتۇ ،يولدا ئاز تولا ئوڭشىلىپ سۇ ئىچىپتۇ ،ۋە تائام يەپتۇ .لىكىن  شەھەرگە ئاز قالغاندا ھوشىدىن كىتىپتۇ.
      شاھ سۇلتان گۈلىستاننىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ،ئۇنى باغرىغا بېسىپ يىغلاپ تۇرۇپ خىزمەتكارلارغا  ئوردا تىۋىپلىرىنى چاقىرىشقا  بۇيرۇپتۇ.ھەكىملارنىڭ كۆڭۈل قۇيۇپ داۋالىشى ئاستىدا گۈلىستاننىڭ چىھرىگە قان تۇلۇپ بۇرۇنقى گۈزەللىكى ئەسلىگە كەپتۇ.ئۇ ماغدۇرىغا كىلىۋالغاندىن كىيىن شاھ ئاتىسىغا ۋە باشقىلارغا  بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بىرىپتۇ.ھەمدە ئۈزىنىڭ ئۇ يەردە تۇرۇپ ئۆز شەھىرىنى سىغىنغانلىقىنى ئيتىپ  زار زار يىغلاپتۇ.شاھ بۆرە ئۆلتۈرگەن دىۋىنىڭ تەسىرى بىلەن كۇھىقاپتىكى  بارلىق دىۋىلار ئۈلۈپ تۈگىگەندىن كىيىن ،گۈلىستان ئالدى كەينىگە قارىماي بەدەر  قىچىپتۇ .سانسىزلىغان  تاغ جەزىرىلەردىن ئۆتۈپتۇ .قورسىقى ئاچسا ياۋا كۆكتات تېرىپ يەپتۇ .ھايات قېلىش ئۈمىدى ئۇنى  بارلىق ئازابلارنى يېڭىشكە رىغبەتلەندۈرۈپتۇ.شۇنداق قىلىپ مۇقامۇلغا يەتتە كۈنلۈك يول قالغاندا ھوشىدىن كىتىپ يىقىلىپتۇ  .
          گۈلىستاننىڭ مۇقامۇل ئۈچۈن چەككەن جاپالىرى ھەممەيلەننى تەسىرلەندۇرۇپتۇ.شاھ سۇلتان بۇ ئىشلارنى ئوردا پۇتۇكچىلىرى تەرىپىدىن خاتىرە قىلىپ قالدۇرۇپ كىيىنكى ئەۋلادلارغا يالداما قىلىپتۇ.قۇدرەت ئىلاھى  بولسا  خۇدا تەرىپىدىن ۋەھىي كىلىپ خودانىڭ يېنىغا ئېلىپ كىتىلىپتۇ.
       بىركۇنى خىيال بىلەن يولدا كىتىۋاتسام ،ئالدىمغا غايىپتىن پەيدا بولغاندەك  كۈرىنىشى قەدىمي كىتابلارغا ئوخشايدىغان بىر پۈتۈك پەيدا بولدى.ئېچېپ ئوقۇپ باقسام ،قەدىمكى بىر شەھەر -مۇقامۇل توغرىسىدا ،ۋە ئۇنىڭ گۈزەل مەلىكىسى گۈلىستان توغرىسدا  بايانلار بار ئىكەن ،شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشلارنى مسرانىمغا    يوللاي دەپ بۇ يازمىنى يېزىپتىمەن.ھە راست ئۇ بايانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى  بىر جۇملىسى ئارىلىپ قاپتۇ:
        شۇنىڭدىن كىيىن مۇقامۇل شەھىرى ئۆزىنىڭ پارلاق تارىخىنى باشلاپتۇ.


                                           تۈگىدى

                               2009-يىلى 12-ئايلاردا يېزىلغان
                              2013-يىلى 04-ئايلاردا تۈزىتىلدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turklan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-21 08:05 PM  


مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2059
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10112
تۆھپە نۇمۇرى: 962
توردا: 342 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 12:07:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى رىۋايەت ئىكەن...  ئانا يۇرۇت جاندىن ئەزىز...

    ئۆزىڭىز توقۇدىڭىزمۇ ياكى؟

ئىمان روھنىڭ قاراۋۇلى،ئەخلاق ئىززەتنىڭ سەرمايىسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9181
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 337 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 01:42:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
TaRKiN يوللىغان ۋاقتى  2013-4-22 12:07 PM
شۇنداق ياخشى رىۋايەت ئىكەن...  ئانا يۇرۇت جاندىن ئەزىز... ...

ئەلۋەتتە ئۈزۈم يازدىم .كىچىك چاغلىرىمدا بەك تولا ئۇقۇيتۇم ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنى ،كىيىن 17ياشلارغا كىرگەن چاغلىرىمدا يېزىقچىلىققا ئاجايىپ ھەۋەس قىلىدىغان بۇلۇپ كەتتىم .ھەتتا تاماق  يىمەي يېزىقچىلىق  قىلغان چاغلىرىم بولغان  .بۇ چۆچەك ئەنە شۇ چاغلاردىك  يىزىقچىلىقىمنىڭ كارتىنىسى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
TaRKiN + 50 ماختاشقا تېگىشلىك!..قە.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش