مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 139|ئىنكاس: 0

ھاياتلىقنىڭ يىلتىزى ئۈمىد [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆزياش←شېئىر ئىشقىدا يانغان يۈ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5641
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 264 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 02:55:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاياتلىقنىڭ يىلتىزى ئۈمىد


مەمەتئابدۇللا ئۆزياش



بار ئىدى بەك يېقىن دوستتىن ئىككىسى،
چىقتى ئۇلار بىر نىيەتتە سەپەرگە.
ماڭدى يوللار، ئاشتى داۋان، قۇملۇقتا،
تېخى يىتىپ كېلەلمىگەن مەنزىلگە.


ئەپسۇس يېرىم يولدا ئۇلارنىڭ سۈيى،
ھاياتىغا ئېلىپ كەلدى خەتەرنى.
بىرى ئۈزدى ھاياتلىقتىن ئۈمىدنى،
بىرى سۇ دەپ داۋام قىلدى سەپەرنى.


ئۈمىدلىكى ئۈمىدسىزگە تۇتقۇزدى،
ئىچىدە بەش پاي ئوقى بار تاپانچا.
ئۈمىدسىزى سورىدى ئۇ دوستىدىن،
«تاپالمىساڭ يانارسەنمۇ ئارقاڭغا؟»


ئۈمىدلىكى جاۋاب بەردى دوستىغا،
بول خاتىرجەم كېلىمەن بولسام ئامان.
سەنمۇ ئۈزمە ئۈمىدىڭنى جان دوستۇم،
ھەر سائەتتە ئاتقىن بىر پاي ئوق ھامان.


ئۈمىدلىكى ماڭدى دەرھال سۇ ئىزدەپ،
ئۈمىدسىزى قالدى ئەمدى گۇماندا.
چىرمىۋالدى ئۇنى ھەرخىل خىياللار،
تۆت پاي ئوقنى تۈگەتتى بىردەمدىلا.


بىر پاي ئوقلا قالدى ئاڭا يۆلەنچۈك،
ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك بىلمىدى.
تۇرسا بۇنداق ئۇنى كۈتۈپ خەۋەرسىز،
شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتىمۇ كەلمىدى.


ئۈمىدىنى ئۈزدى ئاخىر پۈتۈنلەي،
تاپانچىنى ئالدى ئەنسىز قولىغا.
تەپكىسىنى باستى نەقلەپ بېشىغا،
«پاڭ!»قىلدىيۇ، ئايلاندى ئۇ مۇردىغا.


قايتىپ كەلدى كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا ئۇ،
ئەكەلگىنى ئەمەس ئىدى سۇ پەقەت.
باشلاپ كەلدى نۇرغۇنلىغان كارۋاننى،
بىراق ئۇنىڭ تاپقىنى بولدى جەسەت...



مەنبە:مەمەتئابدۇللا مەتتوختى ئۆزياش



readdata-2_mh001.jpg
شېئىر ئۇ شائىرنىڭ چىن ھېسسىياتى،
شېئىرغا مۇجەسسەم  چىنلىق  ھەقىقەت.
شېئىر ئۇ كۆڭۈلگە ھۇزۇر بەرگۈچى،
شۇڭا مەن شېئىرنى قىلىمەن ھۆرمەت.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش