ھەشەمەتلىك ئېسىل ساراي - ئىللىق ئۆيۈمگە يەتمەيدۇ ،
قىستا - قىستاڭ كاتەك ھويلا-كەڭرى دالامغا يەتمەيدۇ .
ئىسمى تولا ئاش-تاماقلار -توقاچ نېنىمغا يەتمەيدۇ ،
باي بولدۇم دەپ مەغرۇرلۇقتىن -شۈكرى كۈنۈمگە يەتمەيدۇ .
يۇرت-يۇتلاردا قايناق بازار -ئۈرۈمچىگە يەتمەيدۇ ،
ئۆزبەكلەردە گۈزەللەر كۆپ - ئۇيغۇر قىزىغا يەتمەيدۇ .
ھىندىستاندا ناخشا ياڭرار -مۇقامىمغا يەتمەيدۇ ،
ھەر دۆۋلەتتە تولۇق بولسىمۇ -ئۆز يۇرتۇمغا يەتمەيدۇ .
ئۆزگە يۇرتتا سۇلتان بولدۇم -ئۆزگە ماڭا باش ئەگدى ،
ئۆز يۇرتۇمدا دېھقان بولۇپ ،كەتمەن چاپقانغا يەتمەيدۇ .
بويرۇپ يېدىم ئېسىل تاماق ،تۇرار جايىم ھەشەمەت ،
ئۆز ئۆيۈمدە تۇزىنى تېتىپ ،لەغمەن يىگەنگە يەتمەيدۇ .
شارۇلخاننى دوراپ يۈردۇق ،مازلاندۇققۇ بىر مەھەل ،
چىڭلۇڭنى دوراپ چاچ ئۆستۈرۈپ ،كوچا كەزدۇق بىر مەھەل.
چۈشەنمەستىن ئېيتىپ يۈردۇق - لېيدى گا گا ناخشىسىنى ،
ئەمدى يەتتۇق ماز ناخشىلار - مۇقامغا ھەرگىز يەتمەيدۇ .
قولدىن چۈشمەس ھاراق-تاماكا -سۆھبەتلەرگە يەتمەيدۇ ،
رېستۇراندا ،دىبادا يۈردۇق-ئۆي كۈلكىسىگە يەتمەيدۇ .
سورۇنلاردا سۆزلەپ يۈردۇق -مەشرەپكە ھەرگىز يەتمەيدۇ ،
بەلنى تولغاپ ئويناپ يۈردۇق -مىللىي ئۇسۇلغا يەتمەيدۇ .
كۆپ تىل بولۇش ئەسلى شەرەپ ،بۇنى ئېنىق بىلىمىز،
ئۆز تىل ئۇنتۇش ئەسلى نۇمۇس-قەدىرلىگەنگە يەتمەيدۇ .
بەس تالىشىپ ئۆگنمەكتە ،ئۆزگە تىلنى ياقتۇرۇپ ،
پىششىق بىلىڭ ئۆز تىلىمىزنى -ئۇيغۇر تىلىمغا يەتمەيدۇ .
كافىرلارنىڭ بۇتى باردۇر -تونۇپ ئەگەشتى اللا غا ،
خىرىستىئان -ئەيسا دەيىتتى - ئۇمۇ كالامغا(ئۇلۇغ اللەنىڭ قۇدىرەت كامالى) ئەگشتى .
توغرا دىنىمىز مۇسۇلماندۇر -يۆلەنچۈكىمىز اللەدۇر ،
يۆلەك بولار ئېتقادىمىز ، ئىمانغا ھەممە يەتمەيدۇ .
مەنبە ؛ئائىشە (شىرىن )
تولۇقلىما مەزمون : بۇ توغۇرلۇق ئويلۇنىۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان . جەمىئەتتە كۆرگەن ، كۆرۈۋاتقانلىرىمنى يېزىپ چىقتىم . بەزى سۆزلەر سەل باغلاشماي قالدى ، شۇنداقتىمۇ مۇنبەرداشلار توغرا چۈشۈنۈپ ئوقۇغايسىزلەر .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 326ayixa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-21 12:09 PM