پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ بىر قېتىملىق سۆھبىتى
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس رېۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلار بىلەن ئولتۇراتتى. بىر گورۇھ يەھۇدىيلار كىلىپ دېيىشتى: ئى مۇھەممەد ! بىز سەندىن ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نېسىب قىلغان، ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق بىر مۇرسەل پەيغەمبەرگە ياكى مۇقەررەب پەرىشتىگە بەرمىگەن ئىشلار توغرىلىق سورايمىز.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : سوراڭلار، دېدى. ئۇلار : ئى مۇھەممەد ! ئاللاھ سېنىڭ ئۈممىتىڭگە پەرز قىلغان بەش ۋاقىت ناماز توغرىلىق سۆزلەپ بەرگەن،-دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: كۈن چۈشلۈك تىكلىنىشتىن قىسايغاندا بارلىق نەرسىلەر پەرۋەردىگارىمىزغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، بىزمۇ شۇ چاغدا پىشىن ئوقۇيمىز. ئەسىر ۋاقتى ئادەم ئەلەيھىسسالام چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگەن ۋاقىتتۇر، ( بىز شۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىش ئۈچۈن ئەسىر ئوقۇيمىز ). شام ۋاقتى ئادەم ئەلەيھىسسالام خاتالىقىغا تۆۋە قىلغان ۋاقىتتۇر. خۇپتەن ۋاقتى بارلىق مۇرسەل پەيغەمبەرلەر ناماز ئوقۇغان ۋاقىتتۇر. كۈن ئەمدى چىقىشقا باشلىغاندا شەيتاننىڭ ئىككى مۈڭگۈزىنىڭ ئارىلىقىدىن چىقىدۇ، بۇ چاغدا بارلىق دىنسىزلار ئاللاھنى تاشلاپ قويۇپ ئۇنىڭغا باش ئۇرىدۇ، بىز بولساق ئۇنىڭدىن ئىلگىرى (تاڭ ئەمدىلا يورۇۋاتقاندا ) بامداد نامىزىنى ئوقۇيمىز.
يەھۇدىيلار: راست ئېىيىتتىڭ، دېيىشىپ، ئۇ بەش ۋاقىت نامازنىڭ ساۋابى توغرىلىق سوراشتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: پىشىن ۋاقتىدا دوزاخ شىددەت بىلەن يالقۇنجايدۇ، بۇ چاغدا پىشىن ئوقۇغان مۇئىمىن كىشىگە ئاللاھ تائالا دوزاخنىڭ ئازابىنى ھارام قىلىدۇ. ئەسىر ۋاقتى، ئادەم ئەلەيھىسسالام چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگەن ۋاقىت بولۇپ، بۇ چاغدا ئەسىر نامىزى ئوقۇغان مۇئىمىن بەندە گۇناھىدىن قۇتۇلۇپ، ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈندىكىدەك مەسۇم ھالەتكە چىقىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : « نامازنى ۋە ئوتتۇرا نامازنى مۇھاپىزەت قىلىڭلار ( قولدىن بەرمەڭلار )، ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچىلار بولغان ھالەتتە ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار » دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى. شام ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋىسىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىت، ھەر قانداق بىر مۇئىمىن بۇ نامازنى ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن ئوقۇغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالادىن مەقسىدىنى تىلىسە، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ تىكىلىنى بېرىدۇ. خۇپتەن نامىزى ( كېچە قاراڭغۇلۇقىنىڭ رەسمىي باشلانغان ۋاقتى بولۇپ ) گۆر قاراڭغۇ جايدۇر، قىيامەتمۇ زۇلمەت كۈندۇر، ھەرقانداق بىر مۇئىمىن كېچە قاراڭغۇلىقىدا خۇپتەن نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن يول ماڭسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە دوزاخنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى ھارام قىلىدۇ. سىرات ( كۆۋرۈكى ) دىن ئۆتكۈزىدىغان نۇر ئاتا قىلىدۇ. كىمكى قىرىق كۈن جامائەت بىلەن بامداد نامىزى ئوقۇسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە دوزاختىن، نىپاكتىن قۇتۇلۇش يولى بېرىدۇ،-دېدى.
يەھۇدىيلار: راست ئېىيىتتىڭ،-دېدى. ئۇلار يەنە: نېمە ئۈچۈن ئاللاھ تائالا سېنىڭ ئۈممىتىڭگە ئوتتۇز كۈن روزا تۇتۇشنى پەرز قىلدى؟ باشقا ئۈممەتلەرگە ئۇنىڭدىن ئارتۇق روزا تۇتۇشنى پەرز قىلدى؟،-دەپ سوراشتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ئادەم ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا چەكلىگەن مېۋىدىن يېگەندە ئۇ مېۋە ئۇنىڭ قورسىقىدا ئوتتۇز كۈن ئۆپچۆرىسىدە تۇرۇپ قالغان ئىدى، شۇ ۋەجھىدىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئوتتۇز كۈن ئاچ يۈرۈشنى بۇيرىدى. روزا تۇتقان مەزگىلدە كېچىدە تاماق يېيىش ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز مەخلۇقلىرىغا ئىنئام بەرگەنلىكى ئىدى.
يەھۇدىيلار: راست ئېىيىتتىڭ،-دېدى. ئۇلار يەنە: سېنىڭ ئۈممىتىڭ روزا تۇتسا قانداق ساۋاب بېرىلىدۇ؟- دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ھەرقانداق بىر مۇئىمىن رامىزان ئېيىدا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن روزا تۇتسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئالتە خىسلەت بېرىدۇ. بىرىنچىسى، جۇزام ئىللىتىنىڭ مىكروبىنى ئۇنىڭ تېنىدىن يوقىتىدۇ. ئىككىنچىسى، ئۆزىنىڭ رەھمىتىگە يېقىن قىلىدۇ. ئۈچىنچىسى، ياخشى ئىشلارنى ئۇنىڭغا نېسىب قىلىدۇ. تۆتىنچىسى، قىيامەت كۈنى ئۇ ئاچلىقتىن، ئۇسسۇزلۇقتىن ئامان قالىدۇ. بەشىنچىسى، قەبرە ئازابىنى ئوڭاي قىلىدۇ. ئالتىچىسى، جەننەتتە مۇكاپاتلار بېرىدۇ.
يەھۇدىيلار: راست ئېىيىتتىڭ،دېدى. ئۇلار يەنە: سېنىڭ باشقا پەيغەمبەرلەردىن بولغان قانداق ئارتۇقچىلىقلىرىڭ بار،-دېيىشتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بارلىق نەبى پەيغەمبەرلەر ئاللاھتىن ئۆز ئۈممىتىنىڭ ھالاك بولۇشىنى تىلىدى.مەن بولسام ئۇلارنى ئاللاھتىن تىلىۋېلىشنى تاللىۋالدىم،-دېدى.
يەھۇدىيلار: راست ئېىيىتتىڭ ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، بىز شۇنىڭغا گۇۋاھلىق ئېيتىمىزكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھ يوق، ھەمدە سەن بولساڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇرسەن،-دېيىشتى.
مەنبە: « خەزىنەتۇل ئەسرار كوبرا » ناملىق كىتاب