مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 708|ئىنكاس: 7

‹‹ھۈسەينىيە››دىكى ئىزتىراپلىق ئويلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈمەن مەن ئۈچۈن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 700
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 19060
تۆھپە نۇمۇرى: 970
توردا: 445 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 02:13:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

<<ھۈسەينىيە››دىكى ئىزتىراپلىق ئويلار

ئاپرىل ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىركۈنىدە مەن ئۇيغۇر يېڭىچە مىللى مائارىپىنىڭ بۆشۈكى بولغان ،ئۈستۈن ئاتۇش ئىكىساق ‹‹ھۈسەينىيە ››مەكتىپىگە قاراپ يول ئالدىم .ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مىللى مائارىپىمىز ئىغىر كىرزىس،خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ،ئۇيغۇر يېڭى زامان مائارىپىنىڭ تۇنجى ماشئىلى يىقىلغىنىغا مانا 130 يىل بولغان مۇشۇ كۈنلەردە بۇ قۇتلۇق ماكاننى كۆرۈپ ئۆزۈمگە تەسەللى ،ئۈمىد ئىشەنچ ،تىپىش نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە بوسەپەرگە چىقتىم ،يول بويى كۆرىۋاتقىنىم يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاقىر تاغلار ،شوپۇر بالا قويۇۋالغان مۇزىكىنىڭ كۈچلۈك ئاۋازى قوشۇلۇپ مېنىڭ ئويلاۋاتقان خىياللىرىمنى پات-پات ئۈزۈپ قوياتتى ،مەن خىيالىمدا ئويلايتتىم ،‹‹ھۈسەينىيە ››مەكتىپى قانداقراق مەكتەپتۇ ،دەرس ئۆتۈش ئۇسسۇلى بولۇپمۇ بالىلار تەربىيلەش جەھەتتە باشقا مەكتەپلەرگە قارىغاندا قانداق ئوخشىماسلىق باردۇ؟بولۇپمۇ مېنى باشلاپ چىققان دوستۇم ئىيتقان ‹‹ھۈسەينىيە››خاتىرە سارىيىنى بىر كۆرگۈم بار ئىدى ،دوسۇمنىڭ دەپ بىرىشىچە ئۇخاتىرە سارىيىدا ئاتۇش ئىكىساق پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئوينىغان توپى بار ئىكەن ،شۇ توپنى قولۇمغا ئىلىپ شۇ شاھانە يىللارغا قايتقۇم كەلدى .شۇ زامانلاردا ئەنگىليە ،شىۋىت ،كونسۇل پۇتبول كوماندىلىرىنى يەڭگەنىدۇق ھە؟!ھازىرچۇ ؟ئىغىر كىرزىسقا دۇچ كەلگەن پۇتبولچىلىقىمىز .....يەنە تىخى مەن بىرەر پىشقەدەم مائارىپچى كىشى بىلەن ئالاقىلىشىپ سۆھبەتلىشىشنى ،سۆھبەت سۇئاللىرىنى ئويلاپ كېلىۋاتاتتىم .
خىيالدىن باش كۆتۈرۈپ قارىغىنىمدا ئاللىبۇرۇن ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ ياپيىشىل مەھەللىرىگە كېرىپ قالغانىدىم ،مەن ئاتۇش كىشىلىرى ،ئاتۇش ھەققىدە ئازراق چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولساممۇ ئاتۇش تەرەپكە (ئۈستۈن ئاتۇشقا )تۇنجى قىتىم چىقىشىم ئىدى شۇڭا مەن ماشىنىدا ئولتۇرغاچ كۆرگەن ،قەشقەر يۇرتلىرىدىن ئوخشىمىغان بەزى يەرلىرىنى يۈزە يىزىپ ئۆتەي ،قەشقەر يېزىلىرىدىن ئالاھىدە پەرقى بولمىسىمۇ بىرقەدەر پاكىز كۆرىنىدىغان يوللار ،يەنە بىركۆرگىنىم مەيلى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرغان بولسۇن ،مەيلى ئۆزئىختىيارىچە بولسۇن ،ھەر ئۆينىڭ ئالدىدابىردىن كىچىك ئەخلەت ساندۇقى تۇراتتى ،يەنە مەن كۆرگەن 4-5مەسچىتنىڭ سىرتتىكى پىشايۋىنى پۈتۈنلەي ئەينەك بىلەن توسۇلغانىدى ،بىزنىڭ يۇرتلاردا بولسا پەردە بىلەن يىپىلاتتى ياكى ئوچۇق قويۇلاتتى ،شۇ ئىشلارغا نەزەر تاشلاپ بىردەمدىلا كۆزلىگەن مەنزىلىم ئىكىساق كەنتى ئالدىغا كىلىپ بوپتىمەن ،ماشىنىدىن چۈشۈپ كۆرگىنىم ئىكىساق كەنتى ھويلىسى ئىدى ،بۇ كەنىتنىڭ ھويلىسى ئالاھىدە پەرقلىق بولمىسىمۇ ھويلنىڭ غەرب تەرىپىگە ئەينى دەۋردە ئىكىساق پۇتبۇل كوماندىسىدا توپ تەپكەن يەتتە ئەزىمەتنىڭ سۈرىتى ، ئاكا –ئۇكا مۇسابايوفلارنىڭ مەشئەل تۇتقان سۈرىتى سىزىلغانىدى .كەنت ھويلىسىغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن مېنى تەقەززا قىلغان ئىكىساق باشلانغۇچ مەكتەپ ئالدىغا كەلدۇق ،مەكتەپ دەرۋازىسىدىن سەل يىراقتىكى ئاكا-ئۇكا مۇسابايوفلارنىڭ ھەيكىلىنى كۆرۈپ ھاياجان ئىلكىدە تىز-تىز قەدەم بىلەن مىڭىشقا باشلىدىم ،مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئەمدى كېرىشىمگە توساتتىن بىرىنىڭ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .
-توختاڭلار ؟مەكتەپ دەرۋازىسى يىنىدىن بىر بالا چىقىپ بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى .
-نەگە بارىسىلەر؟
ماڭا ۋاكالىتەن يىنىمدىكى دوستۇم جاۋاب بەردى .
-قاراڭ ،مەن مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ،شۇڭا دوستۇم بىلەن بۇ مەكتەپنى كۆرگىلى كەلگەن.
ھىلىقى بالا بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كېيىن .
-ھە بوپتۇ ،ئۇنداق بولسا كىملىكىڭلارنى بىرىڭلار ؟چىققاندا قايتۇرۇپ بىرىمەن دىدى .
ئاغىنەم بىلەن ئىككىيلەن غودراپ تۇرۇپ كىملىكىمىزنى بىرىشىپ مەكتەپكە كېرىپ كەتتۇق .
مەكتەپ ئىچىگە كېرىپلا ئىغىر سۈكۈنات ئىچىدە ،ئۇيغۇر يېڭىچە مىللى مائارىپىنىڭ تۇنجى مەشئىلىنى ياققان ،باۋۇدۇن مۇسابايوف،ھۈسەن مۇسابايوف،ھەيكىلىگە قاراپ بىردەم تۇرۇپ كەتتىم .بۇندىن بىر يىرىم ئەسىر بۇرۇن جاھالەت ،تەپرىقىچىلىق باسقان بۇ دىيارىمىزغا تۇنجى مەشئەل مانا بۇيەردىن يىقىلغانىدى ،بۇ مىللى مائارىپ ئۇچقۇنى كېيىنچە پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغانىدى ،بىرىنىڭ ئىزىنى بىرى باسقان ئىزچىلار بۇ مەشئەلنى قولدىن-قولغا يەتكۈزۈپ ھازىرقى زامان مىللى مائارىپىمىزغىچە يەتكۈزۈپ كەلدى .






مەن شۇلارنى ئويلىغاچ ھەيكەلنىڭ ئەتراپىنى ھەيكەل يىنىدا پۇتبول تىپىۋاتقانلارنىڭ قاپارتما ھەيكىلى ئويۇلغانىدى ،مەن ھەيكەلنى بىر قۇر ئايلىنىۋەتكەندىن كېيىن مەكتەپنىڭ باشقا تەرەپلىرىنى ئايلاندىم.







بۇ ‹‹ھۈسەينىيە ››مەكتىپىمۇ تارىخنىڭ چاقىغا ماسلىشىپ كەتكەن بولسا كېرەك ئالاھىدە پەرقلىق يەرلىرىنى ئۇچراتقىلى بولمايتتى ،شۇنداق بولسىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەندە تۇنجى ئۇل سىلىنغان بۇ جايدا بەزىبىر ئىزنالارنى تاپقىلى بولاتتى ،باشقا مەكتەپلەردىن ‹‹ھۈسەينىيە ››مەكتىپىنىڭ پوتبۇل مەيدانى خىلىلا ئۆلچەملىك مەيدان ئىدى ھەم مەيدانغا ئونلىغان پۇتبول قويۇلغانىدى ،ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە بولسا ئۇيغۇر تارىخى ،ھەم ئاتۇش تارىخىدا ئۆتكەن داڭلىق شەخىسلەر ،مائارىپچى يولباشچىلار ،ئالىملارنىڭ سۈرىتى ئىسىلغانىدى .

























مەكتەپنى بىر قۇر ئايلىنىۋەتكەندىن كېيىن ئۈچىنجى قەۋەتتىكى خاتىرە سارىيىنى كۆرۈش ئۈچۈن دوستۇم مۇشۇ مەكتەپتە ئىشلەيدىغان تاغىسىدىن خاتىرە سارىيىنى كۆرۈشىمىزگە ياردەم بىرىشىنى ئىيتتى ،دوستۇمنىڭ تاغىسى ،ھەم بىر نەچچە ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ئاچقۇچنى خىلى ئىزدىگەن بولسىمۇ ئاچقۇچ بىر-بىرىگە ئىتىرىلىپ يۈتۈپ كەتتىمۇ تاڭ يوق بولۇپ چىقتى ،شۇنداق قىلىپ مېنىڭ خاتىرە سارىيىنى كۆرۈش ئارزۇيۇممۇ يوققا چىقتى .

ئەمدى بىز بۈگۈنكى سەپىرىمىزنىڭ ئىككىنجى باسقۇچى بولغان كۆك گۈمبەز (ھەبىب ئەجەم مازىرىغا )سەپىرىمىزنى باشلىدۇق ،كۆك گۈمبەز ئۈستۈن ئاتۇش ئىكىساق كەنتىنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ 1898-1899-يىللىرى ھۈسەنباي ،باۋۇدۇنباي تەرىپىدىن بىنا قىلىنغانىدى ،ئۇلارنىڭ ئاتىسى بولغان مۇسا ھاجىممۇ بۇ مازارغا دەپنە قىلىنغان .





















بۇگۈمبەز ئىچىدىكى
كى تارىخى شەخىسنىڭ قەبرىگاھى بار بولۇپ ،سۇلتان ئەجەم ،ئىككىنجى
قەبرىگاھتا ھەبىب ئەجەم دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئىككى تارىخى شەخىسنىڭ قەبرىسى جايلاشقان چوڭ قەبرىگاھتا ياتقان تارىخى شەخىسنى يەرلىك  كىشىلەرھەزرەت پاشايىم دەپ ئاتاپ كەلمەكتە ،سۇلتان ئەجەم دېگەن سۆزگە كەلسەك سۇلتان‹‹پادىشاھ››دېگەنلىك بولۇپ شۇ دەۋردىكى ئەڭ يۇقىرى ھۆكۈمرانغا خاس سۆز .ئەجەم دېگەن سۆز ئۆز دەۋردىكى ئەرەبلەر ئۆزىدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ سۆزىنى بىلمىگەچكە ‹‹بۇلار ئەجەم ،گاچا ئىكەن ››دەپ قارىغان ،سۇلتان ئەجەمنىڭ ياشىغان تارىخى دەۋرى قاراخانىيلارنىڭ ھۆكۈمرانى سۇلتان سۇتۇق بۇخراخاننىڭ چوڭ ئوغلى مۇسا بايتاش ،سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ نەۋرىسى ئەلى ئارسىلانخاننىڭ دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ ئەلى ئارسىلانخان20ياشقا كېرگەندە سۇلتان ئەجەمنىڭ قىزى زۇلەيخانى ئەمرىگە ئالغان ،ئەلى ئارسىلانخان زۇلەيخادىن مەريەم خانىم ،ئەھمەد،ناسىر ،مەنسۇر مۇھەممەت قاتارلىق پەرزەنتلەرنى كۆرگەن ئەلى ئارسىلانخان قارا خانىيلار پادىشاھلىق تەختىدە يىگىرمە يىل ئولتۇرۇپ 997-يىلى يېڭىساردىكى دىنى ئۇرۇشتا شىھىت بولغان ،بۇ چاغدا ئەلى ئارسىلانخان 37 ياشتا بولۇپ ئۇنىڭ قىينئاتسى سۇلتان ئەجەم قارا خانىيلارنىڭ مۇشۇ دەۋرگە تەئەللۇق ئادەمدۇر .مۇسابايوف جەمەتىدىكىلەر ئۆزىنى مۇشۇ ئۇرۇققا كىشىلەر دەپ قارايدۇ .
ھەبىب ئەجەمگە كەلسەك ئەرەبچە ‹‹ھەبىب ››دوست دېگەن مەنىگە ئىگە ‹‹ئەجەم››گاچا مەنىسىگە ئىگە مىلادى 13-ئەسىرلەردە شىنجاڭدا سوپىزىم پائالىيىتى تارقىتىش ئۈچۈن كەلگەن ،ھەم ھەزرەت پاشايىم مازىرىدا تۇرۇپ قالغان ھەم قازا قىلىپ شۇيەرگە دەپنە قىلىنغان .(ئاتۇش دېگەن كىتابتىن ئىلىندى )














ۋە ياسىلىشى خىلى كۆركەم لاھىيلەنگەن بولۇپ ،يۈز نەچچە يىللاردىن





بۇيان رىمىنۇت قىلىنماي يەنە مۇشۇ ھالىتنى ساقلاپ قالغىنىغا قارىغاندا ئەينى دەۋرلەردە خىلىلا مۇستەھكەم سىلىنغاندەك قىلاتتى ،بىر قاراشتا قەشقەردىكى ئاپپاق خوجا مازىرىنىڭ ئاساسى گۈمبىزىدىن قىلىشمىغۇدەك قىلىپ تۇراتتى ،لېكىن كۆپ يىللاردىن بۇيانقى تەبىئى ئاپەت، يەر تەۋرەش،ھەم ئۇزۇن مۇددەت رىمىنۇت قىلىنماسلىق سەۋەبلىك گۈمبەز خىلى زور زىيانغا ئۇچرىغان بەزى يەرلىرىگە چاك كەتكەن ،بەزى يەرلىرى چۈشۈپمۇ كەتكەن ،كاھىش پارچىلىرى ،چاك كەتكەن تاملارنى كۆرگەن بولساممۇقەبرە ئىچى يىزىۋىتىلگەن خەتلەر ئىسىم بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى ، لېكىن بەزى قەبرىلەردە كۆرگىنىمدەك ھەرخىل لاتىلار چىگىلمىگەنىدى، بۇمۇ بەلكىم ئاتۇشتا سوپىزىمنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئاجىزلىقىدىن دىرەك بەرسە كېرەك قەبرە ئىچىگە كېرىپ بىر قۇر كۆرگەندىن كېيىن ئورنىتىلغان پەشتاقلار ئارقىلىپ گۈمبەز ئۈستىگە چىقتۇق ئاستىدىن گۈمبەز ئۈستىگىچە تەخمىنەن 31 پەشتاق بىلەن چىقتۇق ،گۈمبەز ئۈستىگە چىققىنىمىزدا ئىكىساق كەنىتىنىڭ خىلى يەرلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى ،

گۈمبەزنىڭ ئۈستىدىن ئەتراپقا نەزەر تاشلىغىنىمدا خىياللىرىم بۇنىڭدىن 130 يىل ئاۋۋالقى ئەسلىمىلەرگە كەتتى ،مانا شۇ قىتىملىق يېڭىلىق مائارىپ ھەركىتىنىڭ ئۇل سالغۇچىلىرى بولغان ئاكا-ئۇكا مۇسابايوفلاردىن باشلانغان مەرىپەتچىلىك ھەركىتى كېيىنچە پۈتكۈل شىنجاڭغا تارالغانىدى ،ئەلۋەتتە بۇقىتىملىق ھەركەتنىمۇ كۈچلۈك ئىقتىسادى ياردەمدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايتتى ،ئىكىساقتا يەنە كېيىن قۇرۇلغان‹‹ ھەبىب زادە››دارىلمۇئەللىمىنمۇ جەنۇبتىكى مىللى مائارىپىمىزغا يادرولۇق كۈچ بەرگەنىدى ،چۆچەك ،ئىلى، تۇرپان ،ئۈرۈمچىدىكى مىللى مائارىپ ئاقارتىش ھەركەتلىرىمىزمۇ ئەنە شۇنداق ئوت يۈرەك بايلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ ئىقتىساد ئاجرىتىشى بىلەن بولغانىدى ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن ئەزەلدىن بىر سەپتە مىڭىپ كېلىۋاتقان مۇھىتىلار جەمەتىدىن مەخسۇت مۇھىتى ،مەھمۇت مۇھىتىلارمۇ ئەنە كېيىنكى ئاكا-ئۇكا مۇسابايوفلارنىڭ داۋامى ئىدى، ئۇلارمۇ مىللى مائارىپ ھەركىتى ،مىللەتنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قۇربان بەرگەنلەر ئىدى .بۇ كۈنلەردىچۇ؟تۇيۇقسىز خىياللىرىم ھازىرقى ئەڭ تەسىر قوزغىغان ،ئانا تىل يەسلىسى ،ھەم ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇشقا كەتتى،بۇنىڭغا كۈچ چىقىرىۋاتقان گۈلەن مۇئەللىم باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم مائارىپچى زىيالىيلار ،ئۇلارنىڭ ئارقا تەرىپىدە تۇرۇپ قوللاۋاتقان بىر قىسىم مەرىپەتپەرۋەر بايلىرىمىز كۆز ئالدىمغا كەلدى ،مانا ئۇلار مۇشۇ دەۋرىمىزدىكى ،ئابدۇقادىرداموللا ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ،مەمتىلى تەۋپىقلەرنىڭ ئازباسارى ئىزچىلىرى ئەمەسمۇ ؟مانا شۇ نامسىز بايلىرىمىز مۇسابايوفلاردەك ،مۇھىتىلاردەك مەرىپەتۋەرلىرىمىز ئەمەسمۇ ؟مەن گۈلەن مۇئەللىمنى تۇنجى يازمىلىرىنى ئوقۇغان چىغىمدا خاتا چۈشەنچىگە كىلىپ قالغان ئىكەنمەن ،‹‹چەتئەلدە ئىككى توكتوك نەرسىنى ئۈگىنىپ كېلىپلا ،مىلىتىمىزگە نەچچە ۋاقىتىن بىرى ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشقانلارنى يوققا چىقارغىنى تۇردىغۇ ››دەپ ئويلاپتىكەنمەن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن مۇئەللىمنىڭ يازمىلىرىنى ،ھەم قىلىۋاتقان ئەمەلى ھەركەتلىرىنى كۆرۈپ مۇئەللىمگە بولغان قايىللىقىم كۈندىن –كۈنگە ئاشتى ،مۇئەللىمنى ئۇچرىتىش پۇرسىتىگىمۇ ئىگە بولدۇم ،تۇنجى قىتىم مۇئەللىمنى ئۆزىنىڭ مەكتىپىگە ئۇچراتقىنىمدا ئىنتايىن كەسكىن ،جانلىق ،بىر ئوبراز نامايان بولدى ،ئىككىنجى قىتىم ئۇچراتقىنىمدا بولسا مۇئەللىمنىڭ دادىسى قازاقىلىپ كېتىپ 5كۈنلەر بولغان ۋاقىتلار ئىدىغۇ دەيمەن ،رامىزان ئايلىرىنىڭ باشلىرى ئىدى مۇئەللىمنىڭ بىشىدىكى دوپپا شۇنچىلىك ياراشقانىدى ،ئامرىكىدا ئوقۇغان كىشىمۇ دوپپا كەيسە يارىشىدىكەنغۇ ؟ئامرىكىنىڭ ئىدىيىسىنى مەدىنىيىتىنى غەربلىكلەرنىڭ ئاغزىدا ئەمەس،ياكى كىتابلىرىدىن ئەمەس ،بەلكى ئۇيغۇرنىڭ ھەزىم قىلىپ پىششىقلانغاندىن كېيىنكى ھاسىلاتىدىن چۈشەنسەك نېمىدىگەن ياخشى ھە؟كېيىنمۇ بىر نەچچە قىتىملاپ مۇئەللىمنى ئۇچراتتىم مۇئەللىمنىڭ ئاددى-ساددا كېيىنىشى خۇددى يېزىلىمىزدىكى دېھقانلاردەك خۇشپىچىم مۇلايىملىقى ،ئاممىۋى مۇناسىۋەتكە ماھىرلىقى ھەرقانداق ئادەمنىڭ قايىللىقىنى قوزغىماي قالمايدۇ ،مۇئەللىمنى تۇنجى قىتىم كۆرگەن كىشى مۇشۇ ماڭا گىپىنى قىلىپ بەرگەن ئابدۇۋەلى ئايۇپ شۇما؟دەپ ھەيران قىلىشىدۇ؟ھەرقانداق كىشىنىڭ قانداقلىقى ئۇنىڭ تاشقى گۈزەللىكىدە ئەمەس مۇشۇ يەردە دەپ يۈرەكنى تۇتقانلىقى ھىلىمۇ يادىمدا ،تەۋپىق ،ئۇيغۇر ،ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئىزىنى باسقان ،روھىنى مەڭگۈ ئەسلەۋاتقان مۇئەللىمىنڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلىدىم ،دەل شۇ ۋاقىتتا كاللامغا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆزئۆيىدە قەستكە ئۇچرىغىنى ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئۆز غايىسى ئۈچۈن كاللىسىنىڭ ئىلىنغىنىنى ،مەمتىلى تەۋپىقنىڭ تۈرمىدە ئوتتا كۆيۈپ كەتكىنى ،قۇتلۇق ھاجى شەۋقنىڭ تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگىنىنى ئويلاپ ....يەنە تالاي ئەزىمەت باھادىر لىرىمىزنىڭ ھەق ئۈچۈن قانلىرىنىڭ ئاققۇزغىنىنى ئويلاپ ئىچىم ئاچچىق ئىزتىراپقا تولدى ،مۇئەللىم جاسارەت-غەيرىتىڭىز ،ھىممەت شىجائىتىڭىز ئەشۇلارنىڭ ئىزىنى باسقاي ،قىسمىتىڭىز مەڭگۈ ئۇكۈنلەردىن يېراق قىلغاي .مۇسابايوفلارنىڭ نۇرى چىچىلغان بۇزىمىنغا قاراپ تۇرۇپ ئۇلار بىنا قىلغان گۈمبەز ئۈستىدە تۇرۇپ شۇنداق خىتاب قىلماقتىمەن سىلەر ياققان مەشئەلنىڭ نۇرلۇق يالقۇنى بۇ ئەزىز زىمىنىمىزدا 130 يىل يالقۇنلىدى ،يەنە سىلەرنىڭ مۇشۇنداق ئوت يۈرەك ئىزباسارىڭلارلا بولىدىكەن ،سىلەرنىڭ ئوتۇڭلار يەنە 130يىل ياق تا ئەبەدكىچە يالقۇنلايدۇ مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alzaman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-21 02:40 AM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2013-5-1 11:59 PM):

قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

تۈمەن ئۆركىشى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 2017
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18388
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10350 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 12:48:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈرەتلەرنىڭ بىرسىمۇ ئېچىلمىدى . تەھرىرلەپ قۇيۇڭ .

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79482
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3317
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 01:59:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېنى رەسىم ...؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6222
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9563
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 02:05:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بو تمىنى كۇرۇپ بەك تەسرلەندىم. ئوتلوق ھسيات  چەكسز ئۇمۇت پۇتۇن ھۇجۇدومنى قاپلىدى. مىللى موئارىپنىڭ تۇنجى يىقلغان نورلوق چىرىغى « ھۇسەنىيە » مەكتىۋى 130يىلدىن بىرى قەدى كۇتۇرۇپ كىلىۋاتدو. بىرنىڭ ئىزنىنى بىرى بىسپ ھازىرغا كەلدى. موسابايۇپلارنىڭ بو نورلوق مەشئەل چىرىغى مەڭگو ئۇچىمەيدو.

ئاللا نىڭ ھەر بىر بەرگەن سۇۇغىتى سەۋەپسز ئەمەستور.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88317
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 320 سائەت
تىزىم: 2012-12-8
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 04:24:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىمنىڭ بىرسىمۇ ،چىقماپتۇ...............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1073
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7054
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 06:26:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۈسەينىيە مەكتىپى ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بۆشۈگى 。

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9172
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1650 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 12:41:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك سەپەربۇپتۇ. رەسمىلەرنى قايتا يولاپ قويسىڭىز بۇپتىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1961
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9295
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 5317 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 01:30:26 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇستۇن ئاتۇشقا  كىلدىغالىقىڭىزنى بىلگەن بولسام ئالدىڭىزغا چىقاكەنمەن

دۇشمىنىمگە ئۆزەم تىتىيمەن ، دوسلىرىمنىە قەستىدىن ساقلىغىن ئاللاھ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش