دىلدا بارىن بايان ئەيلە ئەي تىلىم.
تىلىمدا ئېھسان نۇرى چاچىدۇ دىلىم.
ئۇيغۇرمەن، ئۇيغۇردۇر ئانا تىلىم،
يوق جاھاندا سېنىڭدىن ئۆزگە خىلىم!
-ئانا!-دەپ، چىققانمۇ تۇنجى تىلىم،
بىلمەيمەن، بىلسەم تىلىمدا -ئانام!
بۇ تىل پەرۋىشىدە چوڭ بولدۇم مانا،
تىللىسىمۇ رازىمەن ئۆز تىلدا بالام؟!
******************
(ھەربىر مىسرا ياكى ئىككى مىسرادا ئۇيغۇر تىلى ئېپلىبەسىدىكى بىر ھەرىپ بار)
"ئا"دىن ئاققان ئالەمچە مېھر،
ئېقىپ كەلدى ئەل ئارا قەلبىمگە.
"ب"ى دىن چىققان بۇرچۇم مىزانى،
چىڭ تۈگۈلگەن ئۇشبۇ قەلىمىمگە!
"س"دىن كەلگەن چىن ساداقەت،
سەممىيلىك بىلەن تاپتى دىلدا راۋاج.
"ئې" چىققاندا ئېغىزدىن ئېمىزگىسىز،
"ئى"دىن تاپتىم ئەقلىمگە ئىلاج.
"ئە"نى تاپتىم تۇنجى رەت ۋەتەندىن،
ئەقىدىگە يىپىشتىم بولۇپ پەرۋانە.
-نان!-دېگەندە "ن"ىنى چىشلەپ، زوقىدا
تونۇر بېشىدا ئانامغا بولدۇم "دىۋانە".
"ت"ىنى بىلدىم تەنگە ھەرەج يېتىپ،
كەلگىنىدە شىپا ئېلىپ بېشىمغا تىۋىپ.
قۇل بولغىنىمدا "ق"غا ئىخلاس بىلەن،
ئۇخلىماق راۋا ئەمەس بولدى قېنىپ.
يار تۇتۇپ"ي"نى سېغىندىم ھەر كېچە،
ياستۇقىمغا باشىم قويۇپ ئاھ ئۇرۇپ.
فەرھاد ئىشقى بىلدۈردى فىكىرى قىلدۇرۇپ،
شېرىن كېلەر دەپ، سەھەر يۇ ، شامىدا تۇرۇپ...
مۇھەببەتنى ھېس قىلدىم"م"قەددىدە،
رىشتىدە تاپتىم ئۈزۈلمەس زەررە يىپىنى.
قالمىدىم مەنزىلىمدىن زوقىم بىلەن،
زارلىنىپ، كۆرسىتىپ دىل يارام قات- قېتىنى؟
كەلمىشىم كەچ كۈزدە "ك"ىدىن يىراق،
كەتمىكىم ئاسان بولمىدى كېچىپ،بىراق....
پۈتتىما، پۇرسەت تاپقىنىمدا يار ئۈچۈن،
ئۆلتۈرسىمۇ، كۆيدۈرسىمۇ ئىشقى پىراق!
لال بولۇپ ئۇز جامالىغا "ل"ى دا ئەقىل،
چەشمىلەر ئوخچۇپ تۇرار مىسلى زىلال!
ھەسرىتىمدە بىلدىما،"ئاھ!"ىمدا"ھ"نى،
مېھنىتىمدە ھەققە ئىشلەپ، تەرىم ھالال.
چۈشلىرىمنى چىنپۈتۈپ چىشىم بىلەپ،
چۆكتىما "چ"دىن چىقىپ چەشمە ئارا.
گۈزەل گۈللەر گۈلىستاندا ئاچقان چېچەك،
گۇۋاھ بولسۇن ماھىتامان يوقتۇر گۇناھ.
ۋۇجۇدۇمدا ئاققان غۇرۇر قېىنىمدىن،
ۋىجدان بىلەن باقتىم يىراق ۋەسلىڭگە.
پىژغىرىم ئىسسىق كۆيدۈرۈپ"ۋاژ -ۋاژ "...
"ژۈرۈگۈم"نى يەتكۈزسۇن باھار پەسلىڭگە.
ئۈزۈلمەيمەن ئۈمىدىمنى ئۆزۈڭدىن،
ئۈزۈپ ئۆتەي دەشىت-چۆل قىرغاقىدىن.
ئول قاشلىرىڭ ئورغاق ئاي بولۇپ،
ئوسمىلارغا ئورىنىپ ئەختىرى قىياقىدىن.
ئۆتتى ئۆمرۈم ئۆزۈمدىن تاپماي ئارام،
ئۆي ماكانىم غېرىپ شۇنچە تاۋۇشىڭىسىز.
ئۇۋالىڭغا قالماي بىرەر ئۇۋا ياسىيالماي،
ئۇسسۇلۇقىم قانماس قوغۇن، تاۋۇزىڭىسىز...
جاپايىڭدا قالسام جۈرئىتىم جايىدا،
جان بىلەن جابدۇنارمەن ھەر جەڭلىرىڭگە.
دۇنياغا دۈملەنگەن دەردىم دوئېلىدا،
دۆلىتىمچۈن دەررۇ ئېسىلىپ يەڭلىرىڭگە.
غارىڭدا غەيۇر بېقىپ نى غەيۋەتلەردە،
غۇرۇر غەزىپىدىن يېتەرمەن غەلبەڭگە.
ئىڭڭلەپ تۇغۇلغانمەن، ئىڭراپ يېتىپ،
ئەڭ ئۇلۇغ ھەققىڭ ئۈچۈن كۆلبەڭگە.
خىجىلمەن بايان ئەتمىش خىلىمدا،
خۇرسەن بولدۇم "خ"ھەرىپڭدە تاماملاپ.
خىزىر سۈپەت خانلىرىڭ خاتالاشماي ۋاھ،
خەزىنە قىلدى ھەر خىلىڭدا تاماملاپ...
"ئا"غا يېتىپ كەلدىم ئاللاھىمنى سېغىنىپ،
"س"بىرلە ساتارىمدا سازلىرىمنى سايرىتىپ.
بەرمىشىم ئەھدىم مېنىڭ بۇرچىمغا جاۋاپ،
تىل ئۈچۈن ئەل قەلبىنى دائىمان يايرىتىپ!
ھەر بوغۇمدا ئىنتىلىپ ھەق سۆز ئۈچۈن،
ئەيلىمەك بولىمەن جۈملىدە دىلنى راۋان!
نە خىجالەت ئاھ،نېتەي كۆرمەس كۆز ئۈچۈن،
بەلكى بولغاي بۇ تىلىم ئول كۆزگە زۇۋان!!!