مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1385|ئىنكاس: 16

Bossنىڭ پاراڭلىرىدىن ئىككى شىڭگىل. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88424
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2834
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2012-12-10
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 11:37:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام، ئەزىزلەر! بۇ يازمىدا كۆپچىلىك دىققەت قىلىۋاتقان بىرقانچە مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بىر-ئىككى شىڭگىل پاراڭ قىلماقچى.
1). 4-ئاينىڭ 19-كۈنى كارب دىڭىز دىڭىز بۇيىدىكى ئۈرۈمچى بىلەن بولغان تەخمىنىي ئارىلىقى 19مىڭ كىلومىتىر بولغان لاتىن ئامىرىكا دۆلىتى-ۋېنسوئىلا. ئۆزىنى چاۋىسنىڭ ئوغلى دەپ ئاتايدىغان، چاۋىس ھايات چېغىدا ئورۇنباسارلىققا بەلگىلەنگەن مادورو پىرىزدىنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، 2019-يىلىغىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھاياتىنى باشلىدى. ئۇ بەش كۈن ئاۋۋالقى سايلامدا ئۆكتىچى پىرىزدىنت نامزاتى-كاپرېلىس ئۈستىدىن %1تىن سەل ئۇشۇق بولغان قوللاش ئۈستۈنلۈكى بىلەن غەلىبە قىلغانىدى. سايلام نەتىجىسى ئىلان قىلىپ مادورو رەسمىي پىرىزدىنتلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرىۋالغىچە كاپرېلىسنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن مادورۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئارىسىدا تۈقۈنۈش يۈز بىرىپ ئۆلۈم-يىتىم كۆرۈلدى. گەرچە ئۆكتىچىلەر سايلام نەتىجىسىنى ئىتىراپ قىلمىغان، بەزى سايلام بىلىتىنى قايتا ھىساپلاشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ 19-چىسلا مادورۇ ئالدىن بىكىتىلگىنى بۇيىچە ۋەزىپە تاپشۇرىۋالدى. بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا مادورۇ كاپرېلىس بىلەن ئالاقىلغان.
مەنچە يېقىنقى سايلام مەزگىلىدىن مادورۇ ھوقۇق تاپشۇرىۋالغىچە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يۈزبەرگەن ئىشلار،كىيىنچە ۋېنسوئىلادا بىرخىل سىياسىي مۇناسىۋەت ھالىتى شەكىللەندۈرىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، سايلام مەزگىلىدا قانداق كونكىرت ئەھۋال يۈزبەردى دىگەندە؛ بىرىنچىدىن مادورونى قوللاش نىسپىتى سايلامدىن بۇرۇنقى كۆزلەنگەن نىسپەتتىن كۆپ كىچىك بولدى. چۈنكى بەزى تەھلىلچىلەر ئۇنى %5تىن خېلى يۇقىرى بولغان ئۈستۈنلۈك بىلەن ئۇتۇپ چىقىدۇ دىگەنىدى. تېخى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى بىر قېتىملىق ئەلرايى تەكشۈرۈشتە مادورونىڭ سايلىنىشىنى قوللايدىغانلار كاپرىلىسنى قوللايدىغانلاردىن %18 كۆپ بولغان. ئەمما، رەسمىي سايلامدا مادورۇ بىلەن كاپرېلىسنىڭ قوللاش پەرقى %2 كە بارمىدى. ئۆكتىچىلەرنىڭ سايلام نەتىجىسىدىن گۇمانلانغانلىقىغا قارىغاندا ھەقىقىي پەرق بۇنىڭدىنمۇ كىچىك بۇلىشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن؛ مادۇرۇ بىلەن كاپرىلىس ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ كۆرسىتىش ۋە يول قۇيۇش. كاپرېلىس سايلام نەتىجىسىگە قايىل بولمىغاندىن كىيىن 17-چىسلا قوللىغۇچىلىرى كەڭ-كۈلەملىك نامايىش قىلىشقا چاقىرغانىدى. ئەمما، كىيىن بۇ پىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئىلان قىلدى. ئارقىدىن مادورۇ 17-چىسلا نامايىش قىلىشنى چەكلىدى. ھەم 19-چىسلا ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىشتىن بۇرۇن كاپرېلىسقا تېلىفۇن ئۇرۇپ كۆچ كۆرسەتمەسلىكنى ئۆتۈنگەن. كاپرىلىس بۇ ئىلتىماسنى قۇبۇل قىلىپ مادورۇغا يول قويغان.
ئۇمۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا؛ چاۋىس لاگىرىكىلەرنىڭ ۋېنسۇئىلادىكى جەلىپ قىلىش كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلىدى. ئەلۋەتتە، بۇ مادورۇنىڭ چاۋىس بولمىغانلىقى ئەمەس، بەلكى ئاساسلىق مەسىلە چاۋىسنىڭ ئىقتىسادى سىياسىتىنىڭ ۋېنسۇئىلادىكى نامراتلارنىڭ قۇرسىقىنى تويغۇزۇشتا كۆپرەك تەسىر كۆرستىپ جەمئىيەت تەرەققىياتى  نىسپەتەن ئۈنۈملۈك رول ئوينىيالمىغانلىقىدا. يېقىنقى بىرقانچە يىل مابەينىدە ۋېنسۇئىلادا پۇل پاخاللىشىش، جەمئىيەت ئامانلىق، ئىشسىزلىق مەسىلىلىرى بارغانسىرى ئېغىرلىشىپ قوللىنىۋاتقان سىياسىي-ئىقتىسادى تەدبىرلەرنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلماي ماھىيەتتە يىڭى مەسىلىلەرنى پەيدا قىلغانلىقى ۋېنسۇئىلالىقلار ئىنكار قىلىدىغان ئىش ئەمەس. بەلكىم بەزى ساياھەتچىلەر ۋېسۇئىلادىكى جۇڭگۇلۇقلار بىلەن جۇڭگۇ تاۋارلىرى كۆرۈپ مەسىلىنىڭ بىر بۇرجۇكىنى چۈشۈنۈپ قېلىشى مۇمكىن.
خوش! چاۋىسنىڭ سىياسىتى ۋېنسۇئىلانىڭ ئىقتىسادى گۈللىنىش مەسىلىنى ھەل قىلىشتا مۇكەممەل ۋە ئۈنۈملۈك بولمىغانىكەن، گەرچە ئۆزىنى چاۋىسنىڭ ئوغلى دەپ قارىغان مادورۇ ھوقۇق تۇتقان بولسىمۇ ئىلگىرى سىياسەتلەردە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارامدۇ؟  مەنچە شۇنداق. چۈنكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكى ماھىيەتتە بۇرۇنقى سىياسەتنى قوللايدىغان ئاممىنىڭ ئازايغانلىقىدىن ئىبارەت. يەنە بىر جەھەتتىن ئەگەر مادۇرۇ سىياسەت جەھەتتە تەڭشەش ئېلىپ بارمىسا دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ھارىنى تېپىشى ناھايىتى تەس. خەلىقنىڭ تۇرمۇشى ۋە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك كىرىزىسلار ھەل قىلىنماي سۇزۇلۇپ كىتىۋەرسە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر كۇچىغا چىقىپ قارشى شۇئار توۋلىشى مۇقەررەر.
مادورۇنىڭ سىياسەت تەڭشىشى كاپرىلىس تەشەببۇس قىلغان بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىشتىن كىلىدۇ. جۇڭگۇ، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن سودا-ئالاقە مۇناسىۋىتىدىمۇ شۇ سەۋەپلىك ئۆزگۈرۈش يۈز بىرىشى مۇمكىن.
2) يېقىندا ئىسرائىلىيە قۇراللىق قىسىملىرىنىڭ شىتاب باشلىقى بەننى مۇخپىرنىڭ زىيارىتىنى بۇقۇل قىلغاندا؛ ئىسرائىلىيە ئامىرىنىڭ ياردىمى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ ئىرانغا ئوت ئېچىپ ئۇنى مەغلۇپ قىلالايدۇ دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. گەرچە ھەربىي ئىشلار نوقتىسىدىن ئىراننىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان يەككە سوقۇشتا مەغلۇپ قىلىنىشى كۆپ كىشىلەر قۇشۇلمايدىغان پەرەز بولسىمۇ، بەننىنىڭ ئىپادىسىدىن ئىشەنچ ۋە كەسكىنلىكتىن بەكرەك ئەندىشە قىلىش ۋە جىددىيلىشىشنىڭ ئىسرائىلىيىنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.
بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن ھازىرغىچە ئىسرائىلىيە بىرقانچە قېتىم ئىرانغا ئوت ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ھەممىسى ئامىرىكىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى. چۈنكى ئىران ھازىر تەكىتلىنىۋاتقان ئىران يادرو خەتىرىنى ياۋرۇپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامىرىكا بەك ئېغىر بولغان تەھدىت پەيدا قىلدى دەپ قارىمايدۇ. ئەمما، ئىسرائىلىيە ئۇنداق ئەمەس، ئۆزىنى رايۇن تەڭپۇڭلۇقىدىكى مۇھىم بىر تەرەپ دەپ قارايدىغان ئىسرائىلىيە مەلۈم بىر ئۆزگۈرۈشنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇستەھكەم ئورنىنى تەۋرىتىپ قۇيۇشنى  خالىمايدۇ. ئوتتۇرا شەرقتىكى پارس-ئەرەب-يەھۇدىلار ئارىسىدىكى ئۈچ تەرەپلىك ئۇيۇندا قايسى ئككى تەرەپ سوقۇشسا قالغان بىر تەرەپ ئامىرىكا بىلەن بىرخىل تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مۇناسىۋىتى شەكىنللەندۈرۈپ پايدا ئالىدۇ. ئىسرائىلىيە نەچچە قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا ئىزچىل غەلىبە قىلىپ كەلدى. ئەگەر بولمىش ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بىرىدىغان مەلۈم ئۇرۇشنى باشقا تەرەپكە ئاغدۇرۇپ ئۆزىنى ئۇرۇش ئۇتىدىن ساقلاپ قالالىسا بۇندىن بۇرۇنقى غەلىبە مىۋىسىنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرالايدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولماي رايۇننىڭ سىياسىي تەرتىپى ئىسرائىلىيىنىڭ مۇھىم ئورنىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان يۈزلىنىشكە قاراپ تەرەققىي قىلسا، تىلاۋىفنىڭ بۇرۇنقى نەتىجىلىرى يىڭى خىرىسقا دوچ كىلىدۇ.
مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئېچىلغان ئالماتا دىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئىران يادرو مەسىلسى سۆھبىتىدە ئىلگىرلەش كۆرۈلمەي ئاخىرلاشتى. ئىران قارىماققا ۋاقىت سۇزۇش ئۇيۇنى ئويناۋاتقاندەك، باشقا دۆلەتلەر بىلمەسكە سالغاندەك تەسىر بەردى. بۇنى بەننىنىڭ گېپى بىلەن بىريەرگە قويساق ئۈستىدىكى پەرىزىمىز دەلىللەشكە ئېرىشىدۇ.
قىسقىچە ئېيتقاندا؛ ئوتتۇرا شەرقتە يىتەكچى دۆلەتلىك ئورنىنى تالىشىدىغان تۈركىيىنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىگە سوغۇققان پوزىتسىيە تۇتۇشى، ھەتتا ئىراننىڭ يادرو ئىنىرگىيىسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىشى. ئىراننىڭ يادرو تەھدىتىگە ئامىرىكىنىڭ <بىلدىم> دەپ قۇيۇپ پەرۋاسىز پوزىتسىيە تۇتىشى ئىسرائىلىيىنىڭ ئەندىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. شۇڭا ئۇ نىسپەتەن سەزگۈر ئۇچۇرلار بىلەن بىر تەرەپتىن ئىراننى ئاگاھلاندۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن ئامىرىكا-ياۋرۇپاغا ئىران مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى كەسكىنراق قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
ئامىرىكىنىڭ قوللىشى بولمىغان ئەھۋالدا ئىسرائىلىيىنىڭ يەككە ھالدا باش-باشتاقلىق بىلەن ئىرانغا ھەربىي ھۇجۇم  قوزغاش ئىھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك. ئالدىنقى ئايدا ئوتتۇرا شەرقنى زىيارەت قىلغان ئوباما ئىسرائىلىيىنىڭ بىخەتەرلىك ھۇقۇقى بىلەن پەلەستىننىڭ  دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىنى ئوخشاشلا تەكىتلىدى. ئەمما، ئىسرائىلىيىنىڭ كىيىنكىسىنى ئاڭلىغۇسى يوق ئىدى.


----
مەنزىل-كەمىنە.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94430
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 107
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2013-4-6
ئاخىرقى: 2013-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 11:03:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باللا  ئىككى قىتىم  ئوقۇڭلار....ئاندىن بىلىسىلەر

پادىشاھ

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80202
يازما سانى: 572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1088
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 258 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 11:48:26 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
قانۇن تۈزۈملەرگەئاڭلىق رىئايەقىلايلى!..
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89660
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 348
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-1-6
ئاخىرقى: 2013-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 01:11:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91476
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1420
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2013-2-10
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 12:45:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىسمىممۇ   جىسمىممۇ   ئەزەلدىنلا  يىك ،
يىك كەبى تۈپ -تۈزمەن ئىگىلمەيدۇ يىك.
يىقىلىپ   كەتسەممۇ  تۇرىمەن   دەرھال  ،
ئەجداتتىن  قېپ قالغان  لەقىمىممۇ   يىك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31310
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5054
تۆھپە نۇمۇرى: 197
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2011-2-21
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 01:15:15 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ياخشى تېملارھەقىقەتەن كۆرۇپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ..ئەسلى باغداشتكى  مۇشۇ مەزمۇنغا ئوخشاش تېمانەخ پاتىرول ئەپەندىنىڭ ئۆزى شۇكەن ئەمەسمۇ... ئۇيغۇر مۇنبەرلىردە پاتىرول ئەپەندىدەك مۇلاھىزچلەر ئاز بولغاچقا مەن تېخى بۇ كىمدۇ دەپ قاپتىمەن.

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89660
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 348
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-1-6
ئاخىرقى: 2013-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 01:04:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھىچكىمنىڭ ھىچكى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11987
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8411
تۆھپە نۇمۇرى: 441
توردا: 1051 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2013-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 02:34:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىمۇ سىز پاترولكا.ئۇزۇن بولدى مۇنبەرلەردە يۇقاپ كەتتىڭىز .باسباسقا سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزنى كۆرگىلىلا كىرەتتىم مەن. ئۇزۇندىن بۇيان تور ئارلاپ سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى كۆرەلمىگەچكە.سىزگە بىرەر كىلىشمەسلىك بولمىغاندۇ ھە. سىياسىنىڭ تەتۈر شامىلىغا ئۇچراپ قالمىغاندۇ ھە. دەپ ئويلاپ ئۈلگۈرگەنمۇ بولدۇم. ھە نىم بولسا ساق سالامەت تۇرۇپسىز بۇنىڭدىن بەك خۇش بولدۇم.  
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەم مەن سىزنىڭ مۇشۇ كورىيە يېرىم ئارال مەسىلىسىگە قانداق قارايدىغانلىقىڭىزنى بەكلا بىلگۈم بار ئىدى. ھازىر تازا ئەۋجىگە چىققان يېرىم ئارال ۋەزىيىتى سەل پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندەك جىمىپ قالدى. يېرىم ئارال ۋەزىيىتى تۇغۇرلۇق خەۋەرلەرمۇ ئازلاپ قالدى. كىم بودەكمۇ راسا سەكرەپ ئەمدى بىشىنى ئىچىگە تىقىۋالدى.
سىزدىن سوراپ باقسام. بۇنداق بۇلىشىدا قانداق ئارقا كۆرنۈش باردۇ. ئامىركىنىڭ تەييالىقى پۈتمىگەنمىدۇ. ياكى دۆلىتىمىز بىرەر ئاكتىپ رول ئوينىغانمىدۇ. بۇ قىتىم يېرىم ئارالدا ئۇرۇش بۇلامدۇ. ئاۋال ئۇتتۇرا شەرىقتىكى ئۇيۇننىڭ ئاخىرىنى ئويناپ بۇلۇپ ئاندىن ئامىركىنىڭ ئاسىياغا قايتىشتىكى بىر پېچكا بولغان كورىيە يېرىم ئارال مەسلىسىنى چۇۋۇپ چىقارمۇ. ئەگەر بۇ  ئۇرۇش پارتىلىسا رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر ئاممىسىغا بولغان تەسىرى قانداق بۇلار.  
مۇشۇ نۇختىلانى چۆرىدىگەن ھالدا بىر تەھلىل قىپ باققان بولسىڭىز سىزدىن ھەممىمىز بەك بۇش بولغان بۇلاتتۇق.
مەن بۇ سۇئاللارنى باس باس مۇنبىرىدە سوراپ باقاي دىگەن لىكىن  مەن باسباسقا ئەزا ئەمەس. شۇڭا مىسرانىمدا بولسىمۇ سوراپ باققۇم كەلدى ئەيىپكە بۇيرىماسسىز .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sarsan0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-22 02:39 PM  


ۋەتەن ساتقان خائىنلارنى تۇپراقمۇ ئۆز قوينىغا ئالمايدۇ............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88424
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2834
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2012-12-10
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 09:13:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Rocky يوللىغان ۋاقتى  2013-4-22 01:04 PM
پاترولكا بەزى خەنزۇچە تورلاردا ئامېركىنىڭ زايومىنى سې ...


جۇڭگۇ روسىيىدىن زىمىن سېتىۋالىمىز  دىسە كۈلكىلىك گەپ بۇلۇپ قالىدۇ. مەنچە بۇ ئۇدۇللۇق ئېيتىلغان گەپ ئەمەس، ئامىرىكىنىڭ دۆلەت زايۇمى(ئولپان چېكى) نى سېتىۋالماي روسىيىدىن زىمىن سېتىۋالايلى دىگىنىنىڭ مۇنداق ئىككى مەنەسى بار؛
1) ئامىرىكىنىڭ زيۇمى(ئولپان چېكى)نى سېتىۋالىدىغان پۇلنى ھەربىي خىراجەتكە سەرپ قىلىپ ئارمىيىسىنىڭ كۈچىنى تىز قۇدرەت تاپقۇزغاندىن كىيىن ئۇچۇپ يۈرۈپ گۇمپا كۆرسىتىپ بىر ئىككى پەشۋا-مۇشت بىلەن روسلارنىڭ بۇرنىنى ئىزىۋىتىپ يىراق شەرقنى قايتۇرىۋالايلى دىمەكچى . يەنى ئۇلار ئامىرىكا ئىنىرگىيە بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە جۇڭگۇنىڭ تۇمۇرىنى تۇتىۋالدى، ئەگەر بايلىقى مول يىراق شەرقنى تىزلىكتە تارتىۋالساق ئىنىرگىيە تەمىنلەشتە ئۇزاق ۋاقىت ئۈزۈكچىلىك پەيدا قىلماي قىسقا ۋاقىتتا ئىزىغا چۈشۈرىۋالايمىز دەپ ئويلىغان بۇلىشى مۇمكىن.
2) يەنە بىر خىل قاراش؛ روسىيىنىڭ يىراق شەرقنى ئېچىپ ئىقتىساد گۈللەندۈرۈش پىلانىدىن پايدىلىنىپ كۆپلەپ مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق  بايلىق ۋە سانائەت ساھاسىدە چوڭ ئۆلۈشنى ئىگىلەيلى دىمەكچى. بۇندق بولغاندا روسىيىنىڭ خەرىتىسى ئۆزگەرمەيدۇ، ئەمما كۆپلىگەن بايلىق ۋە پۇل جۇڭگۇغا ئاقىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   .patrol. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-22 09:14 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88424
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2834
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2012-12-10
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 09:32:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sarsan0995 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-22 02:34 PM
ياخشىمۇ سىز پاترولكا.ئۇزۇن بولدى مۇنبەرلەردە يۇقاپ كە ...

مەن قىسقىچە قىلىپ بىرقانچە جاۋاپ بىرەي.
1)يېرىم ئارالدا ئۇرۇش پارتلاش، مۇھىمى ئامىرىكىنىڭ ئۇرۇش قوزغىشى كۆپ ئامىللارنىڭ يېغىندىسىدا ئاندىن يۈز بىرىدىغان ئىش. بۇقېتىمقى يېرىم ئارالدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى ئاكتىپ پەيدا قىلغۇچى ئامىرىكا ئەمەس بەلكى شىمالىي كورىيە. پىيۇڭياڭنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمىنى يىرتىپ تاشلىشىدىن قارىغاندا ئۇ ئامىرىكا بىلەن تەڭ ئورۇندا ئولتۇرۇپ سۆزلىشىشنى ئىستەۋاتىدۇ. يەنى شىمالىي كورىيە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىپ يېرىم ئارالنىڭ ئۇزۇن يىللىق ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش ياساشقا تىرىشماقتا.
ئىككىنچىدىن؛ ئاكتىپلىق بىلەن ئۇرۇش قوزغاشنىڭ، ھېچ بولمىغاندا ئامىرىكا-كورىيىنىڭ سەزگۈر قارايدىغان بەزى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنىڭ قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كىلىدىغانلىقى شىمالىي كورىيىگە ئايان. ئۇ گەرچە سىياسى تاكتىكا بىلەن غەۋغا قىلىپ باقسىمۇ قاپ يۈرەكلىك بىلەن مۇنارغا مۇشت كۆتۈرەلمەيدۇ، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ناھايىتى خەتەرلىك. ھەم كىم جۇڭئىن يىڭى تەختكە چىقتى ئارمىيە ۋە ئامما ئارىسىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىرە مەيدان بۇران چىقىرىپ قويسا رەھبەرلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەشتە رولى بۇلىدۇ.
...
يېرىم ئارالنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بۇ قېتىمقى جىدددىيلىشىش توغرىسىدا بىر نەرسە يازماقچى ئىدىم، بەلكىم شۇ چاغدا تەپسىلىيرەك توختىلارمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش