مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 843|ئىنكاس: 13

دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەركەت سۆزدىن غالىپ كېلىدۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36749
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9228
تۆھپە نۇمۇرى: 1660
توردا: 10303 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2013-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 10:13:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» دۇر. بۇ كۈن ئىنسانلارنى كىتاب ئوقۇب بىلىمدىن تەڭ بەھىرلىنىشكە چاقىردىغان، تۇرمۇشنى، ھاياتنى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ مەنلىك ئۆتكۈزۈشكە چاقىردىغان خاسىيەتلىك كۈندۇر. بۇ كۈن يەنە دۇنيادا «ئەدەبىياتقا سىمۋول قىلىنغان كۈن» دەپمۇ تەرىپلىندۇ. بۇ يىل 16-قېتىملىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى. ئۇنداقتا بۈ كۈن قانداق بارلىققا كەلگەن؟بۇ كۈندە قانداق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدۇ؟ بۇ كۈننىڭ ئەھمىيتى قانداق؟

  
بىرىنچى: «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» نىڭ بارلىققا كېلىشى.

  
دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىنىڭ تولۇق ئاتىلشى«دۇنيا كىتاب ۋە نەشىر ھوقۇقى كۈنى» بولۇپ ئادەتتە يەنە قىسقارتىلىپ «دۇنيا كىتاب كۈنى» دەپمۇ ئاتىلدۇ. بۇ ئاتالغۇنى ئەڭ دەسلەپ خەلئقارا نەشىرىيات سودىگەرلىرى ئويۇشمسى ئوتتۇرىغا قويغان. 1972-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن مەدەنىيەت مەھەكمىسى پۈتۈن دۇنياغا «ئوقۇشچان جەمئىيەتكە يۈزلىنىش» چاقىرغىنى چىقارغان ھەم جەمئيەتتكى ھەر بىر ئادەمدىن كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇشنى ئۆز تۇرمۇشنىڭ زۆرۈر مەزمۇنىغا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 1995-يىلى خەلقئارا نەشىرىيات سودىگەرلەر ئويۇشمىسىنىڭ 25-قېتىملىق يەر شارى خارەكتىرلىك قورۇلتىيىدا «دۇنيا كىتاب كۈنى» ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە ئىسپانىيە ھۆكۈمتى تەرپىدىن بۇ پىلان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن مەدەنىيەت مەھكىمىسىگە رەسمىي يوللانماقچى بولغان. كېيىن روسىيەنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن «دۇنيا كىتاب كۈنى» دىگەن نام «دۇنيا كىتاب ۋە نەشىر ھوقوقى كۈنى» دىگەنگە كېڭەيتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتتى مائارىپ-پەن مەدەنىيەت مەھكىمسىنىڭ 1995-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە ئېچىلغان 28-قېتىملىق قورۇلتىيىدا قارار ماقۇللىنىپ ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنىنى «دۇنيا كىتاب ۋە نەشىر ھوقۇقى كۈنى» قىلىپ بىكىتىش رەسمىي قارار قىلىنغان.«دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى»نى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى قىلىپ بېكىتىشنىڭ ئالاھىدە مەناسىمۇ بار. ئىسپانىيەنىڭ كاتايلۇنىيە دىگەن يېرىدىكى خەلىقلەر ئارسىدا ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى بىر پارچە كىتاب سېتىۋالغان كىشىگە بىر تال ئەتتىرگۈل سوۋغا قىلىشتەك ئەنئەنۋى پائالىيەت داۋام قىلىپ كەلگەن.رىۋايەت قىلىنىشىچە كاتايلونىيەدە جورجى ئىسىملىك بىر يىگىت بىر مەلىكىنى ۋەھشى ھايۋاننى ئۆلتۈرۈپ قۇتۇلدۇرۇپ قالغان ئىكەن. رەھمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن مەلىكە يىگىتكە كۈچ ۋە بىلىمنىڭ سىمۇۋۇلى سۈپىتىدە بىر كىتاپ سوۋغا قىلىپتۇ. يىگىتمۇ مەلىكىگە بىر تال ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىپتۇ. بۇ دەل 4- ئاينىڭ 23- كۉنى ئىكەن. شۇنىڭدىن كىيىن بۇ يەردىكى كىشىلەر ئارىسىدا ھەر يىلى مۇشۇ كۈن كەلگەندە قىز- ئاياللار يىگىتى ۋە يولدىشىغا كىتاپ تەقدىم قىلىپ، يىگىتلەر ۋە ئەرلەر قىز دوستى ۋە ئايالىغا ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىپ بۇ كۈننى خاتىرلەيدىغان بولۇپتۇ.

  
بۇ ھال كېيىن شۇ يەردىكى كىشلەرنىڭ ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدە ئېلىپ باردىغان ئەنئەنۋى پائالىيتىگە ئايلىنىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىسپانىيەنىڭ مەشھۇر يازغۇچسى سىرۋانتېس(1616-1547) ۋاپات بولغان كۈن. ئىسپانىيەدىكى داڭلىق يازغۇچىلار بۇ كۈنى بىر يەرگە يىغلىپ سىرۋانتېسنىڭ «دونكىخوت» ناملىق روماننى ئىككى مىنۇتتىن ئۈنلۈك ئوقۇش پائالىيتىنى ئېلىپ باردىكەن. دەل مۇشۇ كۈنى يەنە دۇنيانىڭ يەنە بىر يېرىدە- ئەنگىليەدە مەشھۇر داراماتروگ شېكىسپىر خاتىرلىندۇ. شېكىسپىر 1564-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى توغۇلۇپ 1616-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋاپات بولغان. ئەنگىليە خەلقى بۇ ئاجايىپ ئوخشاش كۈننى زور داغدۇغا بىلەن خاتىلەپ ئۆزلىرنىڭ شېكىسپىردىن ئىبارەت بۇ ئەدەبىيات پىشۋاسىغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى بىلدۈرشىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتتى مائارىپ-پەن مەدەنىيەت مەھكىمسىنىڭ بۇ كۈننى دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى قىلىپ تاللشىمۇ بىر تەرەپتىن دۇنيادىكى مەشھۇر يازغۇچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت جەمئيتى ۋە مەدەنىيتىنىڭ ئالغا بېسىشىغا كۆرسەتكەن ئۆچمەس تۆھپىلىرنى كىشلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كەڭ ياشلارغا، بالىلارغا كىتاب ئوقۇشتىن كېلدىغان خوشاللىقنى بايقۇغۇزۇش ئۈچۈن بولغان.

  
ئىككىنچى، «كىتاب ئوقۇش كۈنى» دىكى پائالىيەتلەر.

  
دۇنيادا كىتاب ئوقۇش كۈنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بۇ پائالىيەت يۈزدىن ئوشۇق دۆلەت ۋە رايۇنغا كېڭيىپ داغدۇغلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا. ھەر يىلدىكى كىتاب ئوقۇش كۈنىدە بىر چاقىرىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ شۇ چاقىرىق ئاستىدا ھەر قايسى چوڭ كىتابخانلار، ئاخبارات ۋاستىلىرى، نەشىرىياتلار، مەكتەپلەر، سودا سارايلار، ئىجتىمائىي رايۇنلار كىتاب سوۋغا قىلىش، كىتاب ئوقۇش، ئويۇن قويۇش قاتارلىق مول-پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ كىشلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىغا ئىلھام-مەدەت بېرىدۇ. 2009-يىلدىكى كىتاب ئوقۇش كۈننىڭ چاقىرغى «كىتاب ئوقۇب بىرلىكتە ئۆسەيلى» دىگەندىن ئىبارەت بولغان. 2010-يىلىدىكى چاقىرغى بولسا«كىتاب ئوقۇپ شاتلىنايلى» دىگەندىن ئىبارەت بولغان.

  
نۆۋەتتە ئىلمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزدىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايۇنىدا كىتاب ئوقۇش كۈنى پائالىيتى تەشكىللىك ھەم داغدۇغلۇق قانات يايدۇرۇلماقتا. دۆلىتىمىزدە 1997-يىلى تەشۋىقات مىنىستىرلىگى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىگى، دۆلەت مائارىپ كومتىتى، رادىئو مىنىستىرلىگى، ئاخبارات نەشىرىيات باش مەھكىمسى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئويۇشمىسى، ئىتپاق مەركىزىي كومتىتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق توققۇز ئورۇن بىرلىكتە «مەملىكەت بويىچە بىلىم قورلۇشى» نى تەشكىللەپ يولغا قويۇش ھەققىدە ئۇختۇرۇش» نى تارقىتىپ «ئومۇمى خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ ئوقۇشچان جەمئىيەت قورۇش» نى مەقسەت قىلغان «بىلىم ققورۇلش» نى تەشەببۇس قىلدى. 2000-يىلدىن باشلاپ مەملىكەتلىك بىلىم قورلشى رەھبەرلىك گۇرپپۇسى ھەر يىلى 12-ئاينى ئېلمىزنىڭ «ئومۇمى خەلق كىتاب ئوقۇش ئېيى» قىلىپ بىكىتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى 12-ئايدا ئېلمىزدە ھەر قايسى جايلاردا كىتاب ئوقۇپ بىلىم تارقىتىشنى تەشەببۇس قىلدىغان بىر خىل پائالىيەت ئۆتكۈزلۈپ كېلىنمەكتە. مەملىكىتمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆگۈنۈش تىپىدىكى جەمئىيەت قورۇش، ئۆگۈنۈش تىپىدىكى ئورگان-تەشكىلات قۇرۇش ئۆگۈنۈش تىپىدىكى ئائىلە قورش قىزغىنلىقى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرلۈپ دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈننىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ بېيتىلدى ۋە چوڭقۇرلاشتۇردى.

  
دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى پائالىيتى ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئوخشىمغان دەرىجىدە ۋە ئوخشىمغان ئۇسۇللاردا ئېلىپ بېرىلدۇ. مەسلەن: ئەنگىليەنى ئالساق، ئەنگىليەدە كىتاب ئوقۇش كۈنى پائالىيتى 3-ئايدىلا باشلىنىپ كېتىدۇ. مەكتەپلەر، كۈتپخانىلار، كىتاپخانلار ئويۇشتۇردىغان كىتاب ئەسەرلىردىكى پىرسۇناژلارنى دوراش موسابىقسى، چۈشلۈك دەم ئېلىشتا ھېكايە سۆزلەش پائالىيتى، كىتاب كۆرگەزمىسى ئېلىپ بېرىش، قىممىتى بىر فونسترلىڭلىك كىتابقا ئالماشتۇرۇلدىغان بىلەت تارقىتىش...قاتارلىق تۈرلۈك خاتىرلەش پائالىيەتلەر مىڭ خىلدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

  
دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى ئىسپانىيەدە تېخىمۇ قىززىپ كىتىدۇ. چۈنكى ئىسپانىيەدە كىتاب ئوقۇش كۈننى ئۆتكۈزۈش ناھايتى ئوزۇن يىلاردىن بىرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر ئەنئەنە. ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدە ھەر قايسى جايلاردا چوڭ-كىچىك كىتاب كۆرگەزمىلىرى ئېچىلدۇ. كوچىلاردىمۇ كىتاب يايمىلىرى ئېچىلىپ قاينام-تاشقىنلىق مەنزىرە بارلىققا كىلدۇ. قىزىق يىرى شۇكى، بىر پارچە كىتاب سېتىۋالغان كىشىگە بىر تال ئەتتىرىگۈل سوۋغا قىلىندۇ. بۇ كۈنى كىتابلارنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلگەن بىلەن ئەتتىرگۈلنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كېتىدۇ.

  
بۇ كۈندە ھەر يىلى مىكسىكىدا بولسا ئىسپان تىلدا سۆزلىشدىغان دۆلەتلەربويىچە خەلقىئارالىق كىتاب كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ كىلنىۋاتىدۇ.نەشىرىيات سودىگەرلىرى،ئەدەبىياتۋاستىچىللىرى،تەرجىمانلار،كۇتۇبخانا خادىملىرى بىريەرگە يىغىلىپ سودا خاراكتىلىك ياكى كەسپى خاراكتىرلىك ئالماشتۇرۇشلارنى ئىلىپ بارىدۇ.بۇ كۆرگەزمە 9 كۈن داۋام قىلىدۇ.كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان ئادەم سانى تەخمىنەن تۆت يۈز مڭغا يېقىنلىشىپ جەنۇبى ئامرىكا بويىچە ئەڭ چوڭ،ئەڭ تەسىرى بار پائالىيەت بولۇپ قالىدۇ.

  
ياپۇنيە ھۆكىمىتى كىتاپ ئوقۇش كۈنۈنى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىر ۋاقتتا بۇكۇننى يەنى ياپۇنيەنىڭ‹‹بالىلاركىتاب ئوقۇش كۈنى›› قىلىپ بېكىتكەن.بۇنداق قىلشاتىكى مەقسەت بالىلار كىچكىدىن كىتاب ئوقۇشقا يىتەكلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تىل،تەسەۋۋۇرقابىليىتىنى تەربىيەلەش شۇنىڭدەك كىشىلىك ھايات تەجرىبىللىرى بىلەن چوڭقۇرراق ئۇچراشتۇرۇش ئىكەن.كورىيە ھۆكۈمىتى ھەر يىلى4-ئاينىڭ23-كۈنى ‹‹دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى››خاتىرە ماركىسى تارقىتىپ كېلىۋاتىدۇ.بۇنداق قىلىش ئارقىلىق كورىيە باللىرىنىڭ ئوقۇغان كىتاب ۋە يازغان خەتلىرىنىڭ بۇ ماركا ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر-بىر يېرىگىچە يىتىپ بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىدىكەن.

  دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈ نىنى خاتىرلەش يۈزسىدن ئۆتكۈزىلدىغان پائالىيەتلەرنىڭ مەزمۇنى مول،شەكلى ھەرخىل بولۇپ ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ئۆزئالدىغا ئىلىپ بىرىلىدۇ.بۇ پائالىيەت ئاساسلىغى جەمىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ۋە يازغۇچىلار،نەشىرياتچىلار،ئوقۇتقۇچىلار،كۈتۈپخانىلار،ئاممىۋى تەشكىلاتلار،ئاخپارات تارقىتىش ۋاستىللىرى قاتارالىق تەرەپلەرنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى ۋە قوللىشى،قاتنىششى بىلەن قانات يايدۇرلىدۇ.بۇ كۇندە نەشىرياتچىلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن-مەدەنيەت مەھكىمسى تەرپىدىن بۇخاتىرە كۈنىگە ئاتاپ مەخسۇس لايھىلەنەن بەلگە چۈشۈرۈلگەن ئەسەرلەرنى،بۇيۇملارنى سېتىش پائالىيتى ئېلىپ بارىدۇ.ئېقتىسادى قالاق رايۇنلارغا ۋە باشقا تۆۋەن قاتلام رايۇنلىرغا ،كۈتۈپخانلارغا كىتاب ئىئانە قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.ئوقۇتقۇچىلار مەكتەبلەردە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كىتاب ئوقۇش مۇسابىقىلىرىنىى تەشكىللەيدۇ.يازغۇچىلارنى،ئوقۇرمەنلەرنى،ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ئاتا-ئانلارنى بىريەرگە يىغىپ ئەدەبىيات توغرىسىدا لېكسىيەلەرنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.ياش پىدائىلارنى تەشكىللەپ ياشانغانلار،ئەمالارنىڭ ئۆيلىرىگە،ئۇلارغا كىتاب ئوقۇپ بىرىش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ.ئاممىۋى ئاخبارات تارقىتش ۋاستىللىرى بولسا بۇ كۈندە گېزىت،
ژۇرنال بەتلىرىگە كىتاب ئوقۇش،نەشىر ھوقۇقى دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇنلاردىكى ماقالىلەرنى باسىدۇ.رادىئو-تېلۋىزىيە ئېستانسىلىرى بولسا كىتاب ئوقۇش مەزمۇن قىلىغان مۇھاكىمە،زىيارەت،مۇسابىقلەرنى تەييارلاپ ئاڭلىتىدۇ ياكى كۆرسىتىدۇ.يېڭى يازغۇچى،شائىرلارنى،مۇزىكانتلارنى تونۇشتۇرىدۇ.يازغۇچى-شائىرلار كىتابخانلار بىلەن بىرلىكتە ئىمزالىق كىتاب سېتىش پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بارىدۇ.ئوقۇمۇشلۇق زادلار ئېقتىساد بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىى،نەشىر ھوقۇقى قانۇنى،ئاپتۇرلۇق ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىش ھەركىتى قاتارلىقلار مەزمۇن قىلىنغان ئەركىن مۇھاكىمە-مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. كۈتۈپخانلار بولسا بۇ كۈننى ئومۇمى خەلق كىتاب ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى توپلاپ ئوقۇرمەنلەرگە تارقىتىپ بىرىدۇ. تام گېزىتى، قار دوسكا چىقىرىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن بۇ كۈننى خاتىرلەيدۇ.

  
ئۈچۈنچى «كىتاب ئوقۇش كۈننى» دە كىتاب ئوقۇيلى.

  
كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇش توغىرسىدا داناللار، يازغۇچى-شائىرلار، ئالىملار ناھايتى كۆپ ھېكىمەتلەرنى قالدۇرغان. ئولۇغ پىرولتارىيات يازغۇچىسى گوركىي« كىتاب ئىنسانىيەتتنىڭ ئالغا بېسىشىدىكى پەلەمپەي» دىگەن. مەشھۇر دىراماتروگ شىكېسپىر« كىتاب دۇنيادىكى ئەڭ زور ئوزۇقلۇق» دىگەن. بىز ئاددەتتە كىتابنى تۈگمەس بۇلاققا ئوخشىتىمىز، كىتاب ئىنسانلار ئۈچۈن خوشاللىق بەخىش ئىتىپلا قالماستىن، يەنە ئىنسانىيەت ئەقىل-پاراسىتىنىڭ، بىلمىنىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. كىتاب-ئۇ نۇرلۇق چىراغ، كىتاب-ئۇ پايانىي يوق دېڭىزدۇر. كىشى تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئالىمەن دەيدىكەن كىتابقا مۇراجئەت قىلشى كېرەك! بىلىم ئېلىپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئويلىسا كۆپ كىتاب ئوقۇشى كېرەك.

  
جەمئيەتتە كىتاب ئوقۇماي ئالىم بولغان، كىتاب ئوقۇماي ياراملىق بولغان كىشى يوق. ئىنسانىيەت جەمىيتىنىڭ تەرەقىياتىغا ھەسسە قوشقان بارلىق ئىستىدات ئىگلىرى توختىماي كىتاب ئوقۇش، كىتاب ئوقۇپ تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق يىتشىپ چىقان.

  
بەزى كىشلەر ئۆزىنى كۆپ كىتاب ئوقۇغان دەپ ئۆزىنى قالتىس چاغلايدۇ. خۇددى دۇنيادىكى بارلىق بىلىملەرنى ئاشۇ ئوقۇغان كىتابلىرىدىن بىلىپ بولغاندەك ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە سىز بىلەن بىز ئوقۇيدىغان كىتاب تېخى كۆپ، كىتابنى قانچە ئوقۇساق شۇنچە ئازلىق قىلىدۇ. خۇددى دېڭىزنىڭ چېتى كۈرۈنمىگەندەك كىتاب ئوقۇشنىڭمۇ ئاداقى مەنزىلىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. بىز كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇماسلىقىمىز كېرەك. كىتابنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇشققا ئەھمىيەت بىرىشمىز كېرەك. كىتاب ئىچىدىكى بىلملەرنى كالىمىزغا، قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر يېرىگە ئىگەلىۋېلشىمىز لازىم. شۇنداق قىلالىساق، كىتاب بىز ئۈچۈن ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ بولغان بولدۇ.

  
«دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» نىڭ بىز ئۈچۈن قىمىتتى ئىنتايىن زور. جەمئيتىمىز بىلىم ئىگلىكى جەمئىيتىگە قەدەم باسماقتا. ئىلىم-پەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا. بىلىش ئەقلىلىشىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە. بۇنداق جەمئيەتتە كىتاب ئوقۇشلا بىزنى جەمئىيەت بىلەن ماس قەدەمدە بىزنى ئالغا باستۇرىدۇ. بىز دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈندىن ئىبارەت مۇشۇنداق خاسىيەتلىك كۈننى خاتىرلەشنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ، كىتاب ئوقۇشقا ئىنتىلىشتەك ئىسىل خىسلەتنى جارىي قىلدۇرشىمىز، ھەمەيلەننى كىتاب ئوقۇپ مەدەنىيەت ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈشكە دەۋەت قىلشىمىز كېرەك. بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيتى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتلىك، مەڭگۈ كىتاب ئوقۇيدىغان پۇقرالاردىن بولۇشقا ئاساس سېلشىمىز كېرەك. مانا بۇ بىزنىڭ كىتاب ئوقۇش كۈنىدىكى نىشانىمىزدۇر.

  
كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيتى شۇ يەردىكى بۇ بىزگە بىلىم بىرىپ روھىمىزنى مول، ھېسياتىمىزنى جۇشقۇن ئادەمگە ئايلاندىردۇ. بىزنىڭ دۇنياننى بىلشىمىزگە يول ئېچىپ بىرىدۇ. قەلبىمىزنى دۇنياننىڭ ھەر قايسى جايلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ. بىز كىتاب ئارقىلىق دۇنيادىكى ئىنسانلار بىلەن سىردىشالايمىز. ئۇلارنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى، نىمىلەرنى قىلۋاتقانلىقىنى، يەنە نىمە ئىشلارنى قىلماقچى ئىكەنلكىنى بىلەلەيمىز. بىز يەنە كىتاب ئارقىلىق بۈگۈنكى دۇنيادىكى يېڭى-يېڭى ئىلىم-پەن ئۇچۇرلىرى بىلەن تونۇشۇپ، دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ تەرەققىيات سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشالايمىز. كىتابنىڭ بۈەۈنكى كۈندە مەنىۋىي قىمىتىدىن باشقا يەنە ئىقتىسادىي قىمىتىمۇ كۈنسايىن روشەنلەشمەكتە. نۆۋەتتە كىتابخانىلارغا قارايدىغان بولساق، يېزا-ئىگلىكى، چارۋىچىلىق ۋە باقمىچىلىققا، قول-ھۈنەرۋەنچىلىككە شۇنڭدەك تۈرلۈك ئىگلىك تىكلەش يولىرغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى تونۇشتۇردىغان، چۈشەندىردىغان كىتابلارنىڭ كۆپلەپ نەشىر قىلىنۋاتقانلىقنى كۆرىمىز. بۇنداق كىتابلار نەق ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارتىدىغان ۋە رىئاللقتا ئىگلىك تىكلەشكە ياردەم بىردىغان خارەكتىرى بىلەن ئۆزىنىڭ قىمىتىنى جارىي قىلدۇرماقتا.

  كىتاب كىشلەرنىڭ دۇنياننى توغرا بىلىشتىكى قۇرالى بولۇپلا قالماستىن يەنە، كىشلەرنىڭ تۇرمۇشتىكى يېقىن ھەمراھىغا ئايلانماقتا. ئۇ كىشلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىپ، ئەقىل كۆرسەتكۈچى، يول كۆرسەتكۈچلۈك رول ئوينىماقتا. دېھقانلار، چارۋىچىلار شۇنڭدەك، قول-ھۈنەرۋەنلەر ئۆز ساھاسىگە دائىر كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىقمۇ ئۆزلىرنىڭ ئىلمىي ئىش قىلىش سەۋىيتسىنى ئاشۇرىماقتا. نۆۋەتتە يېزا-كەنىتلەردە دېھقانلار ئۈچۈن قىرائەتخانىلار قورۇلۋاتىدۇ. دېھقان ئائىلىلىردىمۇ كىتاب بولۇش شەكىلىنۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەمىسى كىتابنىڭ ئىقتىسادىي قىمەت يارتىۋاتقانلىقنىڭ نەتىجىسدۇر.بىزدە كىتاب ئوقۇش زىيالىلارنىڭ قىلدىغان ئىشى دەپ قارىلدىغان بىر يامان ئادەت بار. بۇ ئادەتنىڭ تەسىرى ھازىرمۇ بەزى يەرلەردە ساقلانماقتا. ھەتتا بەزىدە«كىتاب ئوقۇغانغا قورساق تۇيامدۇ؟» دەپمۇ قويمىز. بىزنىڭ خەلقىمىز ئۇزاق مەزگىل جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغىلىنىش جەريانىدا ئەقلى ئەمگەكنڭ رولىنى تەرك ئىتىشتەك ئادەتكە كۈنۈپ قالغان. ھەممە نەرسىنى قول سېلىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىقلا بەرپا قىلىپ كەلگەچكە ئەقلىي ئەمگەكنىڭ رولىغا بولغان چۈشەنچىسى سۇسلاپ كەتكەن. زىيالىلرمىز زىيالى پېتى، دېھقانلىرىمىز دېھقان پېتى ياشاۋىردىغان ھالەت ئىككى خىل ئەمگەكنىڭ ئۆز-ئارا سېڭشىشنى توسۇپ كەلگەن. كىشلىرمىز بۈگنكى كۈندە ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىپ، كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇشنىڭ قىمىتىنى باشقىدىن مۆلچەرلىمەكتە. كىتابنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشغا ئېلىپ كىلۋاتقان پايدىسنى تونۇپ يەتمەكتە. ئىلمىي تېرىقچلىق قىلىش، ئىلمىي باقمىچىلىق قىلىش يولدا كىتاب تەمىنلىگەن بىلنلەرنى يىتەكچى قىلماقتا. ھازىرقى يۈزلىنىشتىن قارىغاندا كىتاب ساقلاش، ئائىلە كۈتب
خانىسى قىلىش شەھەرلەردىن يېزىلارغىمۇ كېڭىيۋاتىدۇ. بەزى دېھقانلارنىڭ ئلايىگە كېرسىڭىز يېزا-ئىگلىكىگە، يېڭى ئۇچۇرلارغا دائىر مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى كۈرەلەيسىز.

  
كىتاب ئوقۇش جەمئىيەتنى ئۆزگەرتمەكتە. كىتاب ئوقۇش ئادەملەرنى ئۆزگەرتمەكتە. ئادەملەر ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەت، ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيا توغىرسىدىكى بىلىشلىرنى كىتابقا پۈتمەكتە ھەم كىتابتىن ئالماقتا شۇڭا كىتاب ئوقۇيلى؟ كىتاب ئارقىلىق روھىي دۇنيارىمىزنى مول قىلايلى. روس مىللىتىنىڭ كىتابخۇمارلىقى ھەمەيلەنگە ئايان. روسىيە ئەينى يىلاردا ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتا قالغاندا روس خەلقى«ئۆيمىزدە بولكا بولمىسىمۇ كىتاب بار» دەپ كۆڭلىنى توق تۇتۇپ يۈرۈپتىكەن. مانا بۇ نىمدىگەن ئالىيجانابلىق ھە! روس خەلقىنىڭ شۇنچە زور ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلاردىن غالىب كىلىب، بۈەۈنكىدەك قايتا تەرەقىياتقا ئىرشەلىشىدە كىتابنىڭ ئۇلارغغا بېغىشلىغان روھىي كۈچۈ مۆلچەرلىگسىز بولدى. دېمەك، كىتاب بۈگۈنكى ئىنسانلار ئۈچۈن مەنىۋىي ئوزۇق ھېسابلىندۇ. ئۇنىڭ روھىي قۇدىرىتى ئىنسانلارنىڭ ئالغا ئىنتىلشىدىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن يەنە ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى چۈشۈنشىدە، ئۆز-ئارا ئىناق-ئىتپاق ياشىشىدىمۇ ئىپادىلىندۇ. ئۆز ھاياتىنى سۈيۈپ گۈزەلىك يارتىشى ئۈچۈن تىرشىشىدىمۇ ئىپادىلىندۇ.

  «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى»ھەمەيلەنگە ئورتاق كۈن. بۇ كۈندە تېخىمۇ كۆپ كىتاب ئوقۇيلى! تېخىمۇ كۆپ كىتابنى دوست تۇتايلى
!

مەنبە:خەلىق تورى

بىر كىتاب بىر دۇنيا، سىز ئوقۇمىغان كىتاب سىز ئۈچۈن يېڭى بىر كىتاب ،سىز ياخشى كۆرۈپ ئوقۇغان كىتاب ياخشى كىتاب،كىتابى بولۇش ۋە كىتاب ئوقۇش ئوخشاشلا ئادەمگە ىۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ.

مەن يېقىندا ئۆزۈم ۋە دوسلىرىم يىغىپ ساقلىغان بىر قىسىم كىتابلارنى يىغىپ ئاددى بىر يايما ئاچقان،مەنزىلى كىتاب لازىم بولغاندا غېرىبانە كۆلبەمگە قەدەم تەشرىپ قىلارسىلەر.مەنزىلى:http://kitabim.taobao.com

كۆلبەمدىكى بىر قىسم كىتابلارنىڭ ئۇچۇرلىرى :

1.      ۋىجدان سوتى ئالدىدا

ئاپتۇرى:جاپپار قاسىم

نەشىر قىلغان ئورۇن:مىللەتلەر نەشىرياتى

نەشىر قىلغان ۋاقتى:1995-يىلى 3-ئاي،1-نەشىرى 1-باسىمىسى

سېتىلىش باھاسى:30 يۈۋەن

2.سىرلىق قەلەندار

ئاپتۇرى:گۇلنار

نەشىر قىلغان ئورۇن:مىللەتلەر نەشىرياتى

نەشىر قىلغان ۋاقىت:1995-يىلى 1-ئاي،1-نەشىرى1-باسمىسى

سېتىلىش باھاسى:60 يۈۋەن

4.تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما

ئاپتۇرى:يالقۇن رۇزى

نەشىر قىلغان ئورۇن:شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى

نەشىر قىلغان ۋاقىت:1999-يىلى 12-ئاي، 1-نەشىرى 1-باسمىسى

سېتىلىش باھاسى:45يۈۋەن

5. .قىزىلتاغ باتۇرلىرى

ئاپتۇرى:قېيۇم تۇردى

نەشىر قىلغان ئورۇن:شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى

نەشىر قىلغان ۋاقىت:1974-يىلى 2-ئاي،1-نەشىرى 1-باسمىسى

سېتىلىش باھاسى:45 يۈۋەن

6.ئاھ رەھىمسىز دەريا

ئاپتۇرى:مۇختار ئۆمەر

نەشىر قىلغان ئورۇن: شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى

نەشىر قىلغان ۋاقىت:2008-يىلى 10-ئاي

سېتىلىش باھاسى:30 يۈۋەن

10.يۇلتۇزلۇق تۈنلەر

ئاپتۇرى: پىرىمقۇل قادىروۋ

نەشىر قىلغان ئورۇن:مىللەتلەر نەشىرياتى

نەشىر قىلغان ۋاقىت:1988-يىلى 4-ئاي

سېتىلىش باھاسى: 30 يۈۋەن

11.نۇزۇگۇم

ئاپتۇرى:تۇرغۇن توختەم

نەشىر قىلغان ئورۇن: شىنجاڭ ياش ئۆسمۇرلەر نەشىرياتى

نەشىر قىلغان ۋاقىت:2001-يىلى 10-ئاي،1-نەشىرى 1-باسىمىسى

سېتىلىش باھاسى:60 يۈۋەن


12.قاچقۇن كارۋان
ئاپتۇرى:سەمەت دوگايلى
نەشىر قىلغان ئورۇن:شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى
نەشىر قىلغان ۋاقىت:1987-يىلى 10-ئاي،1-نەشىرى 1-بېسىلىشى
بەت سانى:604
باھاسى:65 يۈۋەن
13.تەڭرىتاغدا گۈلدۈرماما
ئاپتۇرى:سەيپىدىن ئەزىزى
نەشىر قىلغان ئورۇن:مىللەتلەر نەشىرياتى
نەشىر قىلغان ۋاقىت:1990-يىلى
باھاسى:120يۈۋەن
14.زۇلۇم زىندانلىرىدا(قازاقچە نەشىرى)
ئاپتۇرى:سەيپىدىن ئەزىزى
نەشىر قىلغان ئورۇن:مىللەتلەر نەشىرياتى
نەشىر قىلغان ۋاقىت:1983-يىلى
باھاسى:50 يۈۋەن
سېتىلىش باھاسى:60 يۈۋەن
15.چاھار دەرۋىش
1983-يىلى نەشىر قىلغان 1-نەشىرى 1-بېسىلىشى
باھاسى45 يۈۋەن
16.تەڭرىتاغ بۇركۈتى
ئاپتۇرى:سەيپدىىن ئەزىزى
1988-يىلى نەشىر قىلغان 1-نەشىرى 1-بېسسىلىشى
باھاسى 65يۈۋەن

ئاستىدىكى كىتابلارنى يېزىشقا خو ش ياقمىدى،ئاساسەن 1-كىتاب 1-نەشىرى

1.كىرورەنگە سەپەر              سىتەيىن(ئەنگىلىيە)                  60 يۈۋەن

2.قەشقەرگە قايتا سەپەر         گۇننار يارىڭ(شىۋېىتسىيە)            90 يۈۋەن

3.مەھمۇد قەشقىرى             پەرھات جىلان                       200 يۈۋەن

4.مەھمۇد قەشقىرى            مەمەت زۇدۇن سېدىق ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر   180 يۈۋەن

7.جەمشىتنامە            ئابدۇقېيۇم                           100 يۈۋەن

8.سەھىھۇل بۇخارى     مۇستافا                                   120 يۈۋەن

9.غەربى رايۇنغا كەلگەن ئېكىسپىدىتسىيىچىلەر                        60 يۈۋەن

10.يۈرەك سۆزى           نىم شېھىت                              50 يۈۋەن

12.ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇغىسىدا                                     40 يۈۋەن

13.تۇرىك تارىخى    لىنگەن                                      60 يۈۋەن

14.تۈرىك قاغانلىقى تارىخى                                       40 يۈۋەن

15.كەلگۈسىنىڭ شائىرى                                            20 يۈۋەن

16.سەيپىدىن ئەزىزى شېئىرلىرى                                   30 يۈۋەن

19.ئىبراھىم مۇتئى ئىلمى ماقالىلىرى                                65 يۈۋەن

20.ۋىسال كۈيلىرى            مىرزاھىت كېرىم                       70 يۈۋەن

21.ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى                      700 يۈۋەن

23.مېڭبىر كېچە (5 توم)        35 يۈۋەن

24.لېيغان بۇلاق(3،4،5،6) قىسىم   500 يۈۋەن

يۇقىرقى كىتابلار قانۇنلۇق نەشىرى ئەپكارلاردا بېسىلغان ھەقىقى نەشىردىكى كىتابلار ئەگەر ئىچتىياجلىق بولسىڭىز بىۋاستا تاباۋدىن سېتىۋالسىز ياكى مەن بىلەن ئالاقە قىلسىڭىزمۇبولىدۇ.تېلفۇن:18883251563

چ چ:10355817434

كىتابلار پەقەت بىر نۇسخىدىنلا بار پۇرسەتىنى چىڭ تۇتۇڭ.ھەرۋاقىت سېتىلىپ كېتىشى مومكىن.






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gawda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-20 10:16 PM  


تەۋەرۈك كىتابلار دۇنياسى
http://kitabim.taobao.com

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4231
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20179
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1675 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 10:57:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قىسىم كىتابلار سەل قىممەتمۇ يا؟

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85410
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 576
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-9-25
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 11:44:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھ، رەھىمسىز دەريا دىگەن ئەختەم ئۆمەرنىڭ كىتابى، مۇختار ئۆمەرنىڭ ئەمەس. ئەمما بىر قىسىم كىتابلار ھەقىقەتەن قىممەتكەن. لېيىغان بۇلاقنىڭ يەتتە قىسمىنى 230 يۇەنگە ئالغان ئىدىم. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتىنى 220 ئالغان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94994
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 605
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 287 سائەت
تىزىم: 2013-4-18
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 11:44:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن ،نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولدۇم .تور كىتابخانىڭىزمۇ ياخشىكەن ،بۇلۇپمۇ ئىچكىردىكى قېرىنداشلىرىمغا تېخىمۇ قۇلايلىق يارتىپ بېرىپسىز.ئاللاھىم ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.
توغرا ،كىتاب بىزنىڭ مەنىۋى بۇلىقىمىز ،بىزنىڭ يول باشچىمىز.كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز كىتابنى ئۇلۇغلىغان روس خەلقىنىڭ بۇ ئالىيجاناب روھى ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان .تېخىمۇ كۆپ دوستلىرىمىزنىڭ كىتابنى يېقىن دوست قىلىۋېلىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن.

پاتەم بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 11:54:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھەركەت سۆزدىن غالىپ كېلىدۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36749
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9228
تۆھپە نۇمۇرى: 1660
توردا: 10303 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2013-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 11:58:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلال يوللىغان ۋاقتى  2013-4-21 11:44 AM
ئاھ، رەھىمسىز دەريا دىگەن ئەختەم ئۆمەرنىڭ كىتابى، مۇخ ...

دىققەت قىلماي خاتا يېزىپ قاپتىمەن،ئەسكەرتىپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت ،سىز سېتىۋالغىنى كۆچۈرۈلمە نۇسخسى ياكى ئوغرى نۇسخىسى ئوخشايدۇ .ھەقىقى 1-نەشىرىنى ھەرگىز سېتىۋالالمايسىز   .
http://www.kitapim.com
بۇ يەرگە كىرىپ قاراپ بېقىڭ ئاندىن ھەقىقى نەشىرىدىكى كونا كىتابلارنىڭ باھاسىنى بىلىق قالسىز

تەۋەرۈك كىتابلار دۇنياسى
http://kitabim.taobao.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85410
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 576
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-9-25
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 12:04:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gawda يوللىغان ۋاقتى  2013-4-21 11:58 AM
دىققەت قىلماي خاتا يېزىپ قاپتىمەن،ئەسكەرتىپ قويغىنى ...

بولىدۇ، سىزدە ئانا يۇرتنىڭ بىرىنچى نەشىرى بامۇ؟ ياكى تاپقىلى بولارمۇ، مېنىڭكىنى ۋاپادار دوسلۇرۇم سوراپ ئېلىپ كېتىپ ‹يۈتتۈرۋىتىپتۇ›  بوسا ماڭا بىر ياردەم قىلسىڭىز.

ھەركەت سۆزدىن غالىپ كېلىدۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36749
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9228
تۆھپە نۇمۇرى: 1660
توردا: 10303 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2013-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 01:22:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلال يوللىغان ۋاقتى  2013-4-21 12:04 PM
بولىدۇ، سىزدە ئانا يۇرتنىڭ بىرىنچى نەشىرى بامۇ؟ ياكى  ...


كەچۈرۈڭ يوق،  ئۇستىدىكى سىزگە قالدۇرغان تور كىتابخانىسىغا كىرىپ قاراپ باقسىڭىز بولىشى مومكىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gawda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-21 01:22 PM  


تەۋەرۈك كىتابلار دۇنياسى
http://kitabim.taobao.com

ھەركەت سۆزدىن غالىپ كېلىدۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36749
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9228
تۆھپە نۇمۇرى: 1660
توردا: 10303 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2013-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 05:11:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyol يوللىغان ۋاقتى  2013-4-21 10:57 AM
بىر قىسىم كىتابلار سەل قىممەتمۇ يا؟

باھاسىنى يەنە كېلىشسەك بولىدۇ

تەۋەرۈك كىتابلار دۇنياسى
http://kitabim.taobao.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38436
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3934
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 2597 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2013-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 06:26:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتاب ئوقۇش كۈنىدە سىلەرگە بىر كىتابنى تەۋسىيە قىلاي كىتاب نامى ‹‹(شېرىن بۇلاق ) ئەسلى باھاسى 68 يۇەن بىراق شەخسى  كىتابخانىلاردا 80 -85 يۈەندىن ساتىدىكەن ، مەزمۇنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتى سۆزلەنگەن ،ھەر بىر مۇسۇلمان ئوقۇپ قويۇشقا تىگىشلىك كىتاب

笑只是个表情,于快乐无关 
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش