ئادەتتىكى ئەزا
بىر تامچە سۇ بىر دەريا ساۋاب نورمال تۇرار گىرادۇسىمىز، ئايلانغاندا ساۋاب چەمبىرى ، چوكىلاردا كۈلگەن كۆڭۈلنىڭ، ئەجەپ شېرىن بىلىنەر تەمى. بەرىكەتلىك دەستۇرخان بىرلە ، ھالال رىزىق تاپار دۇئالار . قوشماق مېغىز بولسا كۆڭۈللەر چىن ئېتىقاد ئىماننى تاۋلار. توپلىغاندا قان تەرىمىزنى ، ئەل رىزقىنى قويايلى ئايرىپ. مۇشتاق بولساق دۇنيا ئىشقىغا، شەيتان كېلەر پەردىشەپ قايرىپ. چاپلاشقاندا يەكچەشمە خىيال ، داتلىشىدۇ سۆيگۈ زەنجىرى . يىلتىزلىرى تۇتاش دىللارغا ، سىڭىپ تۇرسۇن سۆيگۈ يامغۇرى . تەڭ ياسىساق سۆيگۈ مۇنارى ، سەييارىلەر قىلىدۇ تاۋاپ.
نەم بولسا گەر سائىل لەۋلىرى ، بىر تامچە سۇ بىر دەريا ساۋاب. ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن
پاش قىلىش
تىرىشچان ئەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئۈمىدلىك ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ