مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5506|ئىنكاس: 37

مەن ساراڭ ئەمەس (تۈگىدى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 08:58:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فىرۇزە نۇرى بۇۋاي ھەم ئەنۋەر ئاكىنىڭ تەربىيەسى ئاسىتىدا قىسقىغىنە 6 يىل ھاياتىنى مۇشۇ خىلۋەت ئەمما تۇلىمۇ جىمجىت سەھرا قوينىدا ئۆتكۈزدى كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەڭ فىرۇزە شۇنچە ساغلام ۋە شۇنچە ئۇماق چىرايىدىن كۈلكە يىغىپ تۇرىدىغان بولۇپ چوڭ بولدى.
ئەنۋەر ئاكا ۋە ئائىلىدىكىلىرىنى فىرۇزەنى كۆزگە ئىلمايتى پەقەت ئۇنىڭدىن 5 ياش چوڭ كىلىپ قالىدىغان زۈھرە شۇنداقلا نۇرى بۇۋاي فىرۇزەنى تۇلىمۇ ياخشى كۆرەتتى.بىراق فىرۇزە چوڭ بولغانسىرى پاتىمە شۇنداقلا ئەركىن بۇ كىچىك نارسىدە قىزنى ياراتماي دائىم خارلايدىغان ھەر كەلگەنلىرىدە فىرۇزەنى تىللاپ ئۆيدىن قوغلايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.بىراق نۇرى بۇۋاي ھەمىشە فىرۇزەنى ھىمايىسىگە ئىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن بالىلىرى يەنە ئارتۇقچە گەپ قىلىپ تۇرالمايتى
نۇرى بۇۋايمۇ شۇ تەرىقىدە ياشقا چوڭ بولۇپ سالامەتلىكى كۈندىن -كۈنگە ئېغىرلىششىقا باشلىدى.بالىلىرىمۇ ئارىلاپ-ئارىلاپ كىلىپ تۇراتتى،بىراق نۇرى بۇۋاي ئۆلۈمىدىن كىيىن فىرۇزەنىڭ خارلىنىپ قالىدىغانلقىنى چۈشىنەتتى .زۈھرەغۇ ئولارنىڭ سىڭلىسى بىراق فىرۇزەچۇ ؟
-بۇۋا..دورىڭىزنى ئىچىۋىلىڭ..
فىرۇزە شۇنداق دىگىنىچە بىر ئىستاكان قايناقسۇ بىلەن دورىنى ئىلىپ كىردى.نۇرى بۇۋاينىڭ كۆزلىرى نەمدەلگەن ئىدى نۇرى بۇۋاي سۇلغۇن كۈلۈمسىرەپ قۇيدى
-فىرۇزە قىزىم ...كىچىك ۋاقتىڭدا سىزنى تۇنجى قىتىم كۆرۈپ بىقىۋالغىنىم ئىسىڭىزدە بارمۇ؟
-ھەئە..بۇۋا...ئىنىق ئىسىمدە گەرچە مەن كىچىك بولساممۇ ھەممىلا ئىشنى ئىنىق ئەسلىيەلەيمەن تىخى مىنىڭ دادامنى دەيمەن ئۇنىڭ ماڭا ھازىرلا كىلىمەن دەپ قۇيۇپ كىتىپ قالغىنى ئويلىسام بىر قىسىما بولۇپ قلالىمەن ئۇ زادى قامداق دادا بولغۇيتى؟؟؟
-ماڭا قاراڭ جىىنىم قىزىم...بەلكىم شۇ دادىڭىزنىڭ ئويلىغانلىرى بار بولغۇيتى...بەلكىم بىرەر سەۋەپتە شۇنداقمۇ قىلغان بولغۇيتى..سىزنى 5 ياشقا كىرگۈزۈپ قۇيۇپ ھەرگىز سىزنى تاشلاپ قويۇپ كىتىپ قالمايدۇ بۇنىڭغا ئىشىنىمەن
-مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن..نىمىشقىمۇ بۇ دۇنياغا تۈرەلگەن بولغۇيتۇم بۇۋا..بىراق تەلىيىمگە سىز بار...ئاللاھ ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسىكەن ئىلاھىم...
-قىزىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن قازا قىلىپ كەتسەم..
-بۇۋا نىمىلەرنى دەيدىغانسىز ھەرگىز ئۇنداق دىمەڭ بۇۋا..مەن سىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن
-قىزىم گىپىمنى ئەستايىدىل ئاڭلاڭ قىزىم..
دىدى نۇرى بۇۋاي خىرىلدىغىنىچە:راستىنلا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆلۈپ كەتسەم بۇ ئۆينىڭ ئىچىدىكى كىتاپ جاھازام ئىچىدە بىر كىتاپ بار شۇنىڭ ئىچىدە بىر بانكا كارتىسى بار شۇ پۇلنى ئىلپ ئىشلىتىڭ مەخپى نۇمۇرىنى 123123 ھەرگىز ئۇنۇتماڭ...
-جىنىم بۇۋا بىلدىم مىنى ئۇنداق قۇرقۇتماڭچۇ..ناۋادا سىزگە بىرەر ئىش بولۇپ قالسا مەن قانداقمۇ سىزگە چىدايمەن جىنىم بۇۋا...
-ئۆزۈمنىڭ ھالى ئۆزۈمگە ئايان جىنىم قىزىم بۇ ئەجەل دىگەن بار نەرسە بۇنىڭغا بىرەر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ سىز ئۈچۈن ئون يىل ياشىۋالغان بولساممۇ ئارمىنىم يۇق ئىدى قىزىم.
شۇ ئارىدا زۈھرە يۈگۈرۈپ كىرىپ كەلدى ۋە نۇرى بۇۋاينىڭ پىشانىسىگە تاتلىققىنە سۆيۈپ قۇيدى
-جىنىم دادا خىلى ياخشى بولۇپ قالدىڭمۇ ؟
-كۆرۈپ تۇرغىنىڭدەكلا قزىم ..مەن ساڭا تۈنۈگۈن دەيدىغاننى ددىم سەنغۇ فىرۇزەنى ياخشى كۆرىسەن ئەمما بۇنىڭدىن كىيىنمۇ دائىم فىرۇزەگە كۆيۈنگىن بۇنى بىلدىڭمۇ؟
-ۋاي جىنىم دادا خاتىرجەم بولۇڭچۇ ..چوقۇم شۇنداق قىلىمەن .فىرۇزەمۇ ئۆزۈمنىڭ ئۆز سىڭلىمغا ئوخشاش تۇرسا..ھە راسىت ئاكام بىلەن ھەدەملەر تىلفۇن قىپتۇ بۈگۈن كىلىمىز دەيدۇ...
-بوپتۇ قىزىم ئوخشىتپ پولۇ ئەتلەچ تۇرۇڭلار ئەمسە..
فىرۇزە بىلەن زۈھرە كۈلۈپ قۇيۇپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى ئاندىن چىقىپ كەتكىنىچە خىلى ئۇزۇندىن كىيىن ئەنۋەر ۋە پاتىمەلەر يىتىپ كەلدى .
نۇرى بۇۋاينىڭ كىسىلى كۈندىن-كۈنگە ئىغىرلىشىپ كىتىپ باراتتى ئارىدىن 18 كۈن ئۆتۈپ كەتتى بىر كىچىسى نۇرى بۇۋاي تۇيۇقسزلا جان ئۈزۈپ بۇ دۇنيادىن شۇنداقلا بۇ پانىي ئالەمدىن ئۆمۈرلۈك خۇشلاشتى يىغلاشتى قاخشاشتى ئەمما ھىچنىمە ئورنىغا كەلمىدى.
مەھەللىدىكى جامائەتلەرمۇ مىراسنى لىللا بۆلۈپ نۇرى بۇۋاينىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى تولۇق ئاخىرلاشتۇردى بۇ چوڭ ئۆينى ئەنۋەرگە ئۆيدىكى مال -چارۋا شۇنداقلا باشقا نەرسىلەرنى پاتىمەگە 80 مو دەك ئاق يەرنى زۈھرەگە بۆلۈپ بەرگەن ئىدى
فىرۇزە بۇۋىسىنىڭ ۋەسىيتى بويىچە ھىلىى بانكا كارتىسىنى تىپىپ ئالدى ۋە .ئۇنى مۇستەھكەن ساقلاش ئۈچۈن كىيملىرىنىڭ ئارىسىغا سىىلپ قۇيدى ھازىرقى بالىلار ئۈچۈن قىيىن بولغان مەسىلە فىرۇزەنى قانداق قىلىپ بۇ ئۆيدىن يۇقىتىش بولغان ئىدى.
ئەنۋەر فىرۇزەنى ئۆيگە ئىلىىپ كىتىپلا قالسا ئايالىنڭ يەنە غەلۋە قىلىپ تۇرىۋىلىشىدىن ئەنسىرەيتى پاتىمە ھەرگىز فىرۇزەنى باقمايتى يەنە كىلىپ زۈھرە ئەمدىلا 16 ياشنىڭ چاممىسىنى ئالدى يەنە كىلپ زۈھرەمۇ ھەر ئىككىلا ئۆيگە ئارتۇقلىق قىلىپ قالاتتى چۈنكى زۈھرە ئاكا-ھەدىلىرىنىڭ مىجەزىنى بىلەتتى.
پاتىمە زۈھرەنى ئۆزىنىڭ باقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئىلىپ كەتتى ئەنۋەرنىڭ ئايالىمۇ فىرۇزەنى ھاقارەتلەپ بۇ ئۆيدىن چىقىرىۋىتىشنىڭ قەستىگە چۈشتى بىراق ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تاپقان بىردىنبىر باھانىسى فىرۇزەنىڭ سارڭلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئىلىپ كىلىش بولغان ئىدى بەلكىم بۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر سەۋەپ بولۇشى كىرەكتە...
پاتىمە ئۆزىنىڭ دوختۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا مۇۋاپىق بىرەر ئامالنى تىىپ چىقىشنى ئويلاشتى ئاندىن فىرۇزەنى گىلەم يۇيۇش شۇنداقلا سوغۇق سۇغا قۇل تىققۇزۇپ ئۇنىڭ ئاغرىپ قىلىشنى ساقلاپ ئولتۇردى بىراق فىرۇزە ھىچ ئاغرىپ قالىدىغاندەك كۆرۈنمەيتى .كۈنلەر ئۆتۈپ 9 كۈندىن كىيىن بىركۈنى كەچ فىرۇزە قاتىق قىززىپ كىتىپ قالدى.
پاتىمە بۇنى بىلىپ تۇلىمۇ خۇش بولدى ۋە ئاندىن ئۇنى دوختۇرخانىغا ئىلىپ كىرگەندىن كىيىن  ئاياللار كىسەللىكىگە سالىدىغان ئۇكۇلنى ئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەن بىر قىزغا سىلىۋەتتى فىرۇزەنىڭ پۈتۈن بەدىنى قىززىپ ئاغرىشقا باشلىدى فىرۇزە ئاغرىق ئازابىغا چىدىماي چىرقىراپ يىغلاشقا باشلىدى.
پاتىمە بولسا ھىچ نىمنىنى كۆرمىگەن ۋە ئاڭلىمىغاندەك ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىۋەردى بىراق بىر ھازادىن كىيىن ئۆيدىن نىمىنىڭدۇر چىقىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى پاتىمە يۈگۈرۈپ كىرگىنىدە ئۆيىدىكى دىرىزە ئەينىكى چىقىۋىتىلگەن ئىدى.
بەلكىم فىرۇزەنىڭ ئاغرىق ئازابىغا چىدىماي دسىرىزىگە ئۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىدىن بولسا كىرەك پاتىمە فىرۇزەنى تۇتىۋالدى ۋە سىلكىشلەپ نەچچىنى ئۇرۋەتتى ۋە ھىچنىمنى چاندۇرماي ئۇنى ****دوختۇرخانىسىغا ئىلىپ كەلدى .دوختۇر فىرۇزەنىڭ نۇرمال ئىكەنلكىنى ئىيىتسىمۇ بىراق پاتىمە ئىلگىركى دىئاگنۇز قەغەزلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىۋلدى يەنە كىلىپ دوختۇرلارمۇ فىرۇزەنىڭ ئاياللار كىسىلىگە سالىدىغان ئۇكۇلنىڭ سىلىنغانلىقىنى بىلىپ پاتىمەدىن سورىغىندا پاتىمە بۇ بىر ساراڭ قىز ئۆيگە قۇيۇپ قويسام ئۆزى سىلىۋاپتۇ دىگەندەك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىۋالدى.

                                      روھى كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسى

دوختۇرلارمۇ شەھەرلىك رۇھى كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئىلىپ كەلدى ئەمەليەتتە بۇ قىز تىخى كىچىك يەنە كىىلپ ساق بىراق پاتىمەنىڭ بۇ رەززىل سۈقەستى بۇ قىزنى شۇنچە ساراڭ ھەم بىر گومۇش ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قۇيغان ئدى.ئەمەليەتتە سەبىي بىر گۈدەك قىزنىڭ بۇنداق دوختۇرخانىلاردا خارلىنىپ قىلىشى ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش ئىدى
فىرۇزە روھى كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا ھىچكىمگە گەپمۇ قىلمىدى پەقەت بىشنى تۆۋەن سىلىپ يىغلىغىنچە ئىلىپ كىلىندى فىرۇزە ئۈچۈن ئىيىتقاندا دوختۇرخانا ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچە تىنىچ ۋە شۇنچە ياخشى بىر جاي ئىدى.ناۋادا فىرۇزە ئۆزىنىڭ ساق ئىكەنلىكىنى قانچە دىسىمۇ كىممۇ فىرۇزەگە ئىشەنسۇن؟ھەممەيلەننىڭ مەقسىتى بۇ كىىچك قىزنى كۆزدىن يۇقىتىش ئەمەسمۇ...
فىرۇزە دوختۇرخاننىڭ ئالدىغا كەلگىنىدە بىر قانچە دوختۇر سىستىرالار يۈگۈرۈپ چىقىپ فىرۇزەنىڭ يىنىغا كەلدى ۋە مەسئۇل دوختۇرغا قاراپ سورىدى
-دوختۇر بۇ كىچىك قىز كىمۇ؟سىزنىڭ قىزىڭىزمۇ؟نىمانچە ئۇماق ھە..
-نىمىلەرنى دەيدىغانسىلەر ؟مەن تىخى خۇتۇن ئاماي تۇرۇپ نەدىكى قىزىم بولسۇن؟بۇ قىز پەقەت شۇ بىمار ..ئۆزۈڭلار بىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇڭلار،،،
-نىمە سىز نىمىشقا تۇي قىلىمغان؟سىز سەت بولغاچقا قىزلار تەگمەمدۇ يا؟
دىدى فىرۇزە دوختۇرۈغا قاراپ .
دوختۇرخانىدىكى سىستىرالار پاراققىدە كۈلۈپ تاشلاشتى .دوختۇرمۇ فىرۇزەگە ھەيرانلىق ئىچىدە قاراپلا قالدى ئەمەمليەتتە بىر ساراڭ قىز قانداقمۇ نۇرمال ئادەملەردەك بۇنداق ئۇقۇملارنى ئويلاپ يىتەلىسۇن؟
-ۋايجان دوختۇر..ساپمۇساق قىزنى ساراڭ دەپ ئادەمنى شۇنداقمۇ ئەخمەق قىلغان بارمۇ؟قارىڭە سىزنى ..نىمانچە تاتلىق قىز بۇ..
دىدى بىر سىىتىرا فىرۇزەنى ئەركىلتىپ
-رەھمەت ھەدە ..سىزمۇ بەك ئۇماق ھەم ئاقكۆڭۈل ئىكەنسىز..
دوختۇرمۇ فىرۇزەگە قاراپ بىر ئاز ئىككىلىنىپ قالدى ۋە فىرۇزەنى 3 -قەۋەتتىكى تەكشۈرۈش ئۆيىگە ئىلىپ چىقىشنى ئىيىتتى.فىرۇزەنىڭ ھەر قايسى تۈردىكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى نۇرمال ئادەملەردەكلا چىققان ئىىد بۇنىڭ تىگىگە يىتەلمىگەن دوختۇر فىرۇزەدىن سورىدى.
-سىىزنى بۇ دوختۇرخانا ئىىلپ كەلگەن ئايال سىزنىڭ نىمىڭىز بولىدۇ ئاپىڭىزمۇ؟
-ياق ئاكا..ئۇ مىنىڭ ھاممام ..ئەمەليەتتە تۇققاندارچىلقىمىز يۇق...
-نىمىشقا سىزنى بۇ دوختۇرخانىغا يەنى روھى كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئەككىلىپ قۇيىدۇ ؟ئەممەليەتتە سىز تىخى ساق تۇرمامسىز؟
-بۇنى ىمىشقا دەمسىز؟ئۇلار مىنى بىقىشنى پەقەت خالىمايدىكەن شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق قىلغان مەنمۇ قارىشلىق بىلدۈرەلمەيمەن ئەمەليەتتە بۇ دۇنيا رەززىلىككە تۇلغان ئىكەن مىنىڭ بۇ دوختۇرخانىدا ساراڭ بولۇپ مۇشۇلارغا ئوخشاش ھەممىنى ئۇنۇتقۇم بار...
دوختۇر تىخى 11 ياشلار چاممىسىدىكى بۇ قزىنىڭ گەپلىرىدىن ئەجەپلىنىپلا قلاغان ئىدى تىخى كىچىك ئەمما بىشىدىن نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ ئۆتكەنلىكى بىلىنىپلا تۇراتتى دوختۇر تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن گەپمۇ قىلماي فىرۇزەگە قاراپ قۇيدى
-ئۇنداقتا سىزنى قۇيۇپ بەرسەم بۇ دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتسىڭز نىمە ئىش قىلىسىز يەنە كىلىپ سىز دىگەن قىز بالا..دوختۇرخاىدا تۇرۇڭ دىسەم سىز ساقلا تۇرسىڭىز...مەن ھاممىڭىزنىڭ ئۈستىدىن چوقۇم سوتقا ئەرىز سۇنىمەن.
-ئۇنداق قىلماڭ ئاكا..مەن ئۇلارغا يات يەنە كىلىپ قانداشلىقىم يۇق مەن شۇنداق تۇرۇپ ئۇلارنى قايتا پاراكەندە قىلىشنى خالىمايمەن مۇستەقىل كۈچۈمگە تايىنىپ مۇستەقىل ياشىغۇم بار....
-شۇنداقتىمۇ پاتىمە دوختۇر دىگەن بىر دوختۇر سىزگە بۇنداق قىلسا قانداق بولىدۇ؟بىلەمسىز سىزنىڭ ساراڭ دىگەن چاپلانغان بىر تامغا مەڭگۈ سىزگە بىسىلىپ قالىدۇ مۇمكىن ئەمەس ئۈچۈرەلمەيسىز..كىيىن كۈنلەرنڭ بىرىدە ئۆزىڭىزنىڭ مۇشۇ دوختۇرخانىغا كىرگىنىڭىزگە ئۆكۈنمەي قالمايسىز..
-ئاكا..بەلكىم گىپىڭىزنىڭ ئاساسىي بولۇشىم مۇمكىن بىراق مەن سىزنىڭ بۇ مەخپىيەتلىكنى ساقلاپ بىرىشىڭزىنى ئۈمۈت قىلىمەن بولامدۇ؟
-ساقلاپ تۇرۇڭ سىڭىللم ..مەن دوختۇر بىلەن سىزنىڭ ئىشىڭىز ئۈستىدە ئالاقىلىشاي..سىزنى دوختۇرخانىدىن چىقىرىۋەتمىسەك بولمايدۇ تىخى كىچىككەنسىز ئەمەسمۇ؟
فىرۇزە دوختۇر ئىشخانىسىدا ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتى بىر ئازدىن كىيىن يىشى 41 ياشلار ئەتراپىدىكى كۆزەينەك تاقىۋالغان سالاپەتلىك بىر ئادەم كىرىپ كەلدى
-قانداق ئەكرەم؟ئىشلار ياخشىدۇ ئۇكام؟نىمە ئىشلارنى قىلىپ كەتتىڭ؟
-ۋۇي..ئىرشات ئاكا قانداق ئەھۋالىڭ؟فەرۇق  ياخشىدۇ؟نىمە قىلىپ كەتتىڭ ؟ھەدەمچۇ ياخشىدۇ ئاكا؟
-ۋاي ياخشى..بۈگۈن بۇ تەرەپلەردىن ئۆتۈپ قالغان ئىدىم شۇڭا سىنى بىر كۆرۈپ ئۆتەي دەپ كىلىشىم دىگىنە ..نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟
-شۇ ئىشلار بىلەن بولۇپ كەتتىمغۇ..كۈندە دوختۇرخانىغا بىرىپ كىلىپ دىگەندەك..
فىرۇزە گەپ -سۆز قىلماي دوختۇرنىڭ ئىشخانسىدىن چىقىپ كەتتى بىر ھازادىن كىيىن ئەكرەم دوختۇر ئەتراپىغا قارىغىنىدا ھىچكىم يۇق ئىدى.ئۇ قانچە قىلىپ ئىزدەپمۇ فىرۇزەنى تاپالمىغان ئىدى
بىراق فىرۇزە ئاللىقاچان بۇ دوختۇرخانا ئىچىدىن چىقىپ كىتىپ بولغان ئىدى دوختۇرلارمۇ شۇنداقلا ئىشىك باقار ئادەممۇ بۇ كىچىك ھەم ئۇماق قىزنى دوختۇرخانىغا ئوينىغىلى كەلگەن بولسا كىرەك دەپ كارى بولمىغان ئىدى.
فىرۇزە دوختۇرخانىدىن چىقىۋالغاندىن كىيىن ئەتراپىغا قارىدى تەخمىنەن ناماششام بولۇپ قالغان ئىدى فىرۇزە يۇلنىڭ بۇيدىكى بىر ماگزىن ئالدىغا كىلىپ تۇختىغىنچە ئۇخلاپ قالدى .
ئاردىن 2 سائەت ئۆتكەندىن كىيىن قارشى تەرەپتىن كەلگەن كۆك رەڭلىك سانتانى ماشىنا فىرۇزەنى تارتىقىنىچە ئىلىپ ماڭدى فىرۇزە يەنە يىراق بىر يەرگە يەنە ئىلگىركىگە ئوخشاش بۆرىلەر ۋادىسىغا ئىلىپ ماڭغان ئىدى.


                   <<بۆرىلەر ۋادىسى>>
فىرۇزە كۆزىنى ئاچقىنىدا قاپقاراڭغۇ ۋە بىر زەي ئۆيدە ياتقان ئىدى يەنە تىخى ئەتراپىدا 14-15 ياشلار چاممىسىدىكى بىر قانچە بالا ھەم 12-13 ياشزلار چاممىسىدىكى بۇغداي ئۆڭ كەلگەن بىر قىز قاراپ تۇراتتى فىرۇزەنىڭ پۈتلۈل بەدىنى ئاغرىشقا باشلىدى.
-بۇ قەيەر؟
-بىزمۇ بىلمەيمىز..بىراق ئاڭلىشىمىزچە ئادەم بىدىكلىرى بىزنى بۇ يەرگە ئىلىپ كەپتۇ..بىز كىلىپ بولغىنى 1 يىل ئەراپىدا بولۇپ قالدى.
دىدى بىر قىز ئۇھ تارتىپ قۇيۇپ
-نىمىشقا؟سىلەر نىمىشقا قىچىپ كەتمەيسىز؟
-ئۇنداق ئاسان ئەمەس...بىزنىڭ بۇ يەردە قىلىدىغان ئىشىمىز ئوغۇرلۇق ھەم ئاق تاماكىنى يەتكۈزۈپ بىرىشتىن ئىبارەت ..ناۋادا ئۆلچەمگە يەتمىگەن ئەھۋال ئاسىتدا تاياق يەيدىغان گەپ..ئىشقىلىپ بۇ لارنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قىلىشتىن خۇدايىم ساقلىسۇن....
-سىزنىڭ ئىسمىڭز نىمۇ؟سىز نەدىن بۇ يەرگە قانداق بولۇپ كىلىپ قالغان؟
-مىنىڭ ئىسمىم رەنا مەن كورلىدىن بۇ قىز مىنىڭ سىڭلىم ئىسمى بەرنا...سىزنىڭچۇ ئىسمىڭز نىمۇ؟
-مىنىڭ ئىسىمىم فىرۇزە مەن غولچىدىن..بۇ يىل 12 ياشقا كىرىپ بولدۇم.سىزچۇ قانچە ياشقا كىردىڭز؟نىمىشقا  بۇ يەرگە كىىلپ قالغان؟
-مەندىن 3 ياش كىچىككەنسىز..سىڭلىم بىلەن تەڭ كىلىپ قالىسىزكەن..بىز بىر يىلى قىشتا ئاپام بىلەن دادام تۈگەپ قىلىپ سىڭلىم ئىككىمىز جەميەتكە چىقىپ كەتتۇق ئاندىن كىيىن بىزنى سالى دەيدىغان بىر بايۋەچچە تۇتۇپ مۇشۇ يەرگە ئىلىپ كەلدى تەخمىننەن 13 كە يىقىن بالىلارنى تۇنۇپمۇ قالىمەن بەزىلىرى 7-8 يىللىق بولغانلار دەڭە..
فىرۇزە بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئىغىر ئۇھ تارتىپ قۇيدى ئۇ ئەمدى قانداق قىلىشنى قانداق قىىلپ بۇ بۆرىلەرنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغىننى بىلمەيتى،بىر ئازدىن كىيىن ئىشىكنىڭ تاراقشىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ بىر قانچەيلەن كىرىپ كەلدى
-سالى ئاكا..نەچچە كۈن بولدى قۇرسىقىمىز بەك ئاچتى كىلەر قىىتم ئۇنداق قىلمايمىز بۇلدى بىزنى چىقىرىۋىتىڭچۇ...
-ھە.؛؛ھەرقىتىم شۇنداقلا دەيسەن يەنە قاچانغىچە مەيلى دەپ يۈرىۋىرىمەن ئاۋال مۇشۇنداق زەي ئۆينىڭ تەمىنى تىتپ باققىن ئاندىن سىنىڭ ئەھۋالىڭغا قاراپ بىرنىمە دەي...
فىرۇزە ئىغىر ئۇھ تارىتتى شۇ تاپتا غەزەپتىن كۆزلىرى قىززىرىپ كەتكەن ئىدى بىر ھازادىن كىيىن ئادەملەر فىرۇزەگە مەنسىتمىگەندەك قاراپ پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قۇيدى
-بۇ ھىلىقى سىتىلغان شۇم شۇمۇ ئەمەسمۇ؟
-شۇ ..شۇ..شۇ...قارىسام جىن غاجاپ قۇيغان ئاۋاقكەنغۇ بۇ..بىكارغىلا 5 يىللىقىنى سىتىۋالدىڭىز دەيمىنا خوجايىن..
-مەيلى ئەمەسمۇ..بۇ قىز بالا خەقنى كاۋاپخانىغا بۆلۈڭلار..بۇلار ئاشخانىغا قاراششۇن بىراق كىلەر قىتىم مال ئىلىپ كەلگەندە ئەركىكىنى ئىلىىپ كىلىڭلار...
سالى باي شۇنداق دەپ چىقىپ كىتىشكە تەمشەلدى
-قىنى دەڭە مىنى كىم سىتىۋەتتى،،مىنى سىتىۋەتلكەن كىمكەن ئۆزى؟
-بۇ ساڭا مۇھىم ئەمەس..ئولتۇرىشىڭنى بىل ساراڭ...
سالى ئىشىكنى زەردە بىلەن يىپىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى فىرۇزە ھەرھالدا باشقىلارغا ئوخشاش ئوغۇرلۇق قىلمايدىغىننى بىلىپ خىلى يەڭگىللەپ قالدى،،بىراق ئۆزىنى كىمنىڭ سىتىۋەتكەنلىكى ئۇنىڭ كاللىسىنى ئەگىپ كىتەلمەيتى
ئارىدىن 4 كۈن ئۆتۈپ كەتتى ،سالى باي فىرۇزەنى خاڭجۇنىڭ شەھەر ئىچىدىكى كەڭ كۆلەمدىكى ئاشخانىسى بار ئىدى سالى باي فىرۇزە شۇنداقلا رەنا بەرنا قىزلارنى باشلاپ بۇ ئاشخانىغا ئىلىپ كەلدى بىشىدا قىچىپ كىتىشنى ئويلىغان فىرۇزە كىيىنكى كۈنلىرىدە بۇ ئارزۇيدىنمۇ ۋاز كىچىپ قالدى

قانداق دىگەندە سالى باي ئۇلارنىڭ ھەممىلا ئىشىغا ئارلاشمايتى ئۇلار پەقەت كەلگەن مىھمانلارغا چاي قۇيۇش شۇنداقلا ئاشخانىنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىغا قارىشىپلا بىرەتتى .يەنە كىلىپ دەم ئىلىش كۈنلىرى ئۇلار خالىغان چاغدا سىرىتلارغا چىقالايتى،ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇپ قۇيمايتى .

فىرۇزەنىڭ 2 يىل ۋاقتى شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتتى.ھەم مەنىلىك ھەم بىرخىل ئۆزگىچە بىراق 2 يىلدىن كىيىن ھەممىلا ئىش باشقىچە بولۇپ قالدى سالى باينىڭ قىلمىشلىرى ئاشكارلىنىپ ئاشخاننىنى تاقاپ قىچىپ كەتتى كىتىدىغان چاغدا فىرۇزەلەرنى ئىنتايىن ئەسكى بىر لۈكچەككە قالدۇرۇپ قۇيدى

ئۇ لۈكچەكنى باشقىلار <<ياۋۇز بۆرە>>دەپ چاقىرىپ قۇيۇشاتتى بىراق بۇ كىىشى تۇرقىمۇ بەك سۈرلۈك ھەم  ئاجايىپ ئىدى.شۇ سەۋەپتىن بولسا كىرەك.بۇ ئەتراپتىكى ھەممىلا بالىلار ئۇنىڭدىن بەكلا قۇرقاتتى فىرۇزە ياۋۇز بۆرىنىڭ قۇلىغا چۈشكەندىن باشلاپ كۈندە مەجبۇرى ئوغۇرلۇققا چىقاتتى يەنە تىخى مۇددەتكە يەتكۈزەلمىگەندە ئۇلاردىن يەتكۈچە تاياق يەيتى.
فىرۇزەنىڭ قەلبى بۇ ئەلەمدىن پۇچلىنىپ كۈنلىرىنى شۇنچە تەستە ۋە شۇنچە ئەلەم ئىچىدە ئۆتكۈزىۋاتقان ئىدى ئەمەليەتتە فىرۇە شىنجاڭغا قايتىپ كىتىشنى شۇنچىلك ئارزۇ قىلاتتى ئەپسۇس بۇ مۇمكىن بولمايدىغاندەك قىلاتتى.فىرۇزەنىڭ شىنجاڭدىن قايتىپ كەلگىنىگە 2 يىرىم يىلدىن ئىشىپمۇ قالدى بەلكىم شۇ تاپتا شىنجاڭدا نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ ئۆتكەندۇ ھە؟

فىرۇزە دىرىزە يىنىدا خىيال سۈرۈپ تۇرغىندا رەنا ئاستا قەدەملەر بىلەن كىرىپ كەلدى ۋە فىرڭزەنىڭ كەينىگە بىرنى مۇشىتلاپ قۇيدى فىرۇزە قۇرقۇپ كەينىگە قارىغىندا رەنا ئىدى
-يا..ئاللاھ..ئادەمنى ھەجەپ قۇرقۇتتۇڭ ھەدە؟
-نىمە بولدۇڭ؟خىيال سۈرۈپ تۇرۇپ كىتىپسەنغۇ؟ھەجەپ زىرىكىشلىك ھە؟
-رەنا ھەدە ...سىنى مۇشۇ چاغقا قەدەر ئۆز ھەدەمگە ئوخشاش كۆرۈپ كەلدىم خالىساڭ ساڭا بىر گىپىم بار ئىدى ئاڭلامسەن؟
-سەن گەپ قىلساڭ ئاڭلىمايدىغان ئىش بولامدۇ قىنى دىگىنە نىمە گەپ؟
-يىقىنراق كىلە
فىرۇزە بۇش ئاۋازدا پىچىرلىدى:ھەدە بىز قىچىپ كىتەيلىچۇ؟
-نىمە ساراڭ بولدۇڭمۇ؟سەنمۇ بىلىسەن بۇلارنىڭ چاڭگىلدىن قۇتۇلۇش شۇنچە ئاسانمۇ بۇ ھەرگىز مۇمكىن بولمايدۇ...
-ئۇغۇ..شۇ قىنى بىرەر ئامالىنى قىلمامدۇق؟سەنمۇ بىلىسەنغۇ..بۇ ساقچىلار نىمىشقا بىزنىڭ نەدىلىكىمىزنى سۈرۈشتە قىلمايدىغاندۇ دەيمەن؟
-ئۇلارنى بىلىسەن بىزنىڭ ئىشلارغا كۆڭۈل بىلىدىغان نەدىكى ۋاقتى دەيسەن؟يۇقىرىدىن بىسىم قىلمىسا ئۆز ئالدىغا ھەركەت قىلالمايدۇ ھەم بىزدەك يىتىملارنى ئىزدەيدىغان كىممۇ چىقسۇن دەيسەن؟
فىرۇزە رەنا ۋە بەرنالار بىلەن قىچىپ كىتىش پىلاننىنى تۈزدى بىراق بۇ پىلارنلارنىڭ ھەممىسى مەغلۇپ بولۇپ كەتتى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشكارلىنىپ قىلىپ ياۋۇز بۆرىدىن يەتكۈچە تاياق يەپ ئۇلارنىڭ رەززىل جازالىرىغا ئامال يۇق بوي سۇنۇشقا مەجبۇر بولدى

يەنە كىلىپ ياۋۇز بۆرە رەنانى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ ئۆلىكىنى تاشلىۋەتتى ئەمەليەتتە ھازىرقى بۇ جەميەتتە بۆرەك شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئەزالىرىنى سىتىش مودا بولغانغا ئوخشاش ئۇلار رەنانىڭ ئۇستىخانلىرىنى پارە-پارە قىلىپ بۆرەكلىرىنى دوختۇرخانغا سىتىۋەتتى ،بىشىدا دوختۇرخانىدىكىلەر خۇش بولۇپ سىتىۋالدى بىراق كىيىن قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ مەلۇماتى بويىچە ئۇلار دائىم بۇ يەرگە بۆرەكلەرنى ساتقىلى كىلىدىغان بىر قانچە جىنايەتچىنى تۇتۇپ بەردى

ساقچىلار ئۇزۇندىن-ئۇزۇن سوراق قىلىش ئارقىلىق بۇ ئادەم بىدىكلىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ ئۇلارنى ئادىللىق بىلەن قانۇننىڭ تۇرى بويىچە بىر تەرەپ قىلدى.فىرۇزە شۇنداقلا بەرنا رەنانىڭ ئۆلۈمىدىن قاتتق ئەپسۇسلىناتتى بىراق ئۇلارمۇ كىيىن ئاملسىز بۇ رىئاللىققا بوي سۇنۇشقا مەجبۇر بولدى.

شۇنداق قىلىپ ئۇلار يەنە 4 ئاينى بۇ لۈكچەكلەرنىڭ قۇلىدا ئۆتكۈزدى بۇ يەردە غولچىلىق بالىلاردىن بىر قانچىسى بار ئىدى ئۇلارمۇ ئوخشاشلا 4-5 ياشلار ۋاقىتلىرىدا بۇلاپ كىلىنگەن بولۇپ ھازىر ئۇلارمۇ 16-17 ياشلارغا كىرىپ قالغان ئىدى.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەيەردىلىكىنى ھەم ھىچنىمنى بىلمەيتى.

كۈنلەر ئۆتۈپ فىرۇزەنىڭ تىلىكى ئىجابەت بولۇپ قالدى بولغاي ساقچىلار بۇ ئادەم بىدىكلىرى تۇغۇرلۇق نۇرغۇن يىپ ئۇچى تىپىپ چىقتى ،ۋە بىر مەرتەمدىلا بۇ 300 گە يىقىن شىنجاڭدىن بۇلاپ كىلىنگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنى يۇرتقا قايتۇردى بۇنىڭدىن فىرۇزە شۇنداقلا رەنا بەرنا لار شۇنداقلا ئەلى ،ئەسقەر،نەبى،مۇرات،قاتارلىق بالىلار بۇرۇندىن باشلاپ خىلى يىقىن ئۆتەتتى شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلار سەپەرنى بىللە قىلىپ نۇرغۇن جاپادا ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلدى

-ئاھ..گۈزەل ماكان...گۈزەل ئۈرۈمچى..
بەرنا پۇيىزدىن چۈشۈپلا ئۈرۈمچىنىڭ تۇنجى ئۇرۇلغان ئىللىق شامالنىڭ خۇش ھىدىدىن ھوزۇرلىنىپ پىقىراپ كەتتى .ھەممەيلەننىڭ كەيپىياتى شۇنچە ياخشى ھەممەيلەن شۇنچە تتىك ئىدى ،ئۇلار كىلىپلا ئۈرۈمچىدىن ياتاق ئىلىپ كىرىپلا تازا قانغۇچە ئۇخلىۋالدى ئاندىن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ بىردەم ئۈرۈمچىنى ئايلانغاندىن كىيىن بىر ئاشپۇزۇلغا كىرىپ تاماق بۇيرىتىپ قويغاندىن كىيىن ئۆز پاراڭلىرىغا چۈشۈپ كەتتى.

-نەبى ئاداش ئەمدى خوتەنگە قايتامسەن؟
-شۇنداق بولۇپ قالدى ئاداش..دادام بىلەن ئاناملارغا خەۋەر قىلدىم ،ئۇلارمۇ شۇنداق خوش بولدى ئەمدى مەن خوتەنگە بىرىپ ئانامنىڭ خىزمىتنى قىلاي..ھەي..7 يىل بوپتۇ يىشىمز 17 گە بىرىپ قاپتۇ مانا...
-ساڭا خىلى كۆنۈپمۇ قالغان ئىدۇق،،بىراق ئەمدى سەنمۇ خوتەنگە كىتىپ قالىدىغان بولۇپ قالدىڭ ساڭا راستىنلا چىدىماي قالدۇق جۇمۇ..
-ئاداش بىز يەنە ئىزدىشىپ تۇرمامدۇق..ھەي..رەناگۈلنىمۇ ئۇزىتىپ قويدۇق ئويلىساملا كۆڭلۈم يىرىم بولىدۇ ئاداش ئەمدى بۇ قىزلارغا ياخشى قارىغىن بۇ قىزلارنى 1-ىنجىدىن ئاللاھقا 2-ىنجى دىن سەن بىلەن ئەسقەر مۇرات 3ىڭلارغا ئامانەت قىلدىم.
-ئەنسىرمە ئاداش..يەنە خوتەنلەرگە بارساق سىنىمۇ ئىزدەيمىز سەنمۇ غولچىلارغا كىىلپ قالساڭ بىزنى ئىزدىگىن ئالاقىلىشىپ تۇرايلى ماقۇلمۇ؟
-ماقۇل ئاداش..شۇنچە ئۇزۇن يىل بىللە يۈرگەن ئىدۇق سىلەرنى تاشلاپ قويۇپ كىتىپ قىلىشقا پەقەت كۆڭلۈم ئۇنىماۋاتىدۇ جۇمۇ...سىلەر ياكى ئۇنىمايسىلەركەن خوتەنگە ئىلىپ كىتەي دىسەم..
-ئۇنداق دىمە ئاداش..بىزمۇ ساڭا چىدىمايمىز بىراق ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن بىزگىمۇ ئاسان ئەمەس..سەن يۇرتقا ماڭغىن مەن كىيىن قىزلارنى ئىلىپ بارىمەن يىنىڭغا..
بالىلار ئۇزۇندىن ئۇزۇن پارڭلىشىپ ئاشخانىدىن چىقتى ئاندىن نەبىنى خوتەنگە يۇلغا سىلىپ قۇيۇپ يەىە ياتاققا  قايتىپ كىرىشتى

                        يۇرتقا قايتىش.
ماشىنا غولچنىڭ شەھەر ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بىكەتكە كىلىپ تۇختىدى فىرۇزە بىلەن بەرنا شۇنداقلا مۇرات،ئەلى ئەسقەر بالىلار ئىغىر ئۇھ تارتىپ ئەتراپىغا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كىيىن يەنە ياتاق ئىلىپ ياتاققا كىرىپ كەتتى .
-بالىلار بۇ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن بىرى نۇرغۇن پۇلنى چىقىم قىلىپ بولدۇق بىرەر ئىشنىڭ بىشنى تۇتۇپ قىلغان بولساق ياخشى بولاتتى .يەنە كىلىپ بىزمۇ ئوخشاشلا يىتىم بالىلار بارىدىغان يەر يۇق..
دىدى ئەسقەر ئۇھ تارتىپ
-ماڭا بىزنىڭ ئاات-ئانىمىز ھايات دىگەن ئەمەسمۇ؟ئەمدى بىردىنلا ئاتا-ئانىڭز يۇق بولۇپ قالدى دەڭە..
دىدى بەرنا چاقچاق ئارىلاش
-ئۇنداق ئەمەس بىراق شۇ ئاتا-ئانامنى قەيەردىن تاپىمەن؟ئەمدى ئۇلارنى  تاپالماسلىقىم مۇمكىن ئۇنىڭدىن كۆرە فىرۇزە بىلەن تۇي قىلىپ ئۆي تۇتۇپ قالغىنىم ياخشى ئەمەسمۇ...
-ئەسقەر دىگەن يۈزى قىلىن ..دەۋاتقان گىپىنى..
فىرۇزەنىڭ يۈزلىرى ھۈپپىدە قىززىرىپ كەتتى،
-تۇي دىگەننى ھامان قىلىدىغان گەپقۇ..يىشىممۇ 18 گە بىرىپ قاپتۇ ...راسىت سىلەر قىزلار قانداق قىلماقچى بولىۋاتىسىلەر؟
-قانداق قىلاتتۇق؟بىز بىرەر پىرەنىكخانىغا كىرىپ پىرەنىك پۇشۇرۇشنى ئۈگىنەيلى..بىزغۇ ئايرىم تۇرىمز..بىراق سىلەر ئوغۇللار بىلەن يۈرسەكمۇ قاملاشماس...ئەڭ ياخشىسى ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قىلايلى..
-نىمە بوپتۇ..ئايرىم ياتاق ئىلىپ بەردۇققۇ...يەنە نىمە دىگىنىڭز بۇ...
-ئۇغۇ شۇ..بىراق باشقىلار ئۇنداق ئويلىمايدۇ دە...ئۇنداق بولسا سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنىڭ ئىشىنى قىلىڭلار ..كۆرشۈپ تۇرساق بولىدۇ ئەمەسمۇ..
-بولمايدۇ..سىلەرنى ئىشلەيدىغان يەرگە ئۆزىمىز ئىلىپ بارايلى...بىز خاتىرجەم بولالمايمىز سىزلەردىن..
دىدى ئەلى سۆزىنى بۆلۈپ
-توغرا دەيسەن..راسىت بۇ قىزلارنىڭ بۇ بىر قۇر كىيىمدىن باشقا ھىچنىمسى يۇق ..ئازراق پۇلنىڭ يۇلىنى قىلىپ كىيىم ئىلىپ بىرەيلى..
-قىززىق گەپ قىلدىڭ ئەسقەر...ئۆزىمىزگە كىيىدىغان كىيىم يۇق قىزلارغا كىيىم ئىلىپ بىرەمدۇق تىخى؟
-نىمە بوپتۇ ئاداش،،بىز دىگەن ئوغۇل بالا،،يىرتىق ئاياق كىيىپ يۈرسەكمۇ باشقىلارنىڭ كارى يۇق.ئەمما ئۇلار قىز بالا چىرايلىق يۈرسۇن...
دىدى ئەلىمۇ ئەسقەرنىڭ گىپنى قۇۋۋەتلەپ،
-بولدى قىلىڭلارچۇ،،سىلەرنى بۇنداق ئاۋارە قىلساق قانداق بولىدۇ؟
دىدى بەرنا ئوڭايسىزلىنىپ
-ئۇنداق دىمەڭلار،،ھىچقىسى يۇق..
بالىلار شۇنداق دەپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىشتى ئۆزىنىڭ يىنىدىكى پۇلنى قوشتى بىراق 200 گە ئازراقلا چىقىشقان ئىدى.بالىلار چىقىپ بىر جۈپ ئاياغ شۇنداقلا بىرجۈپتىن گاڭسەرنى شۇنداقلا ئىشتاننى ئىلىپ كىرىپ قىزلارغا بەردى ئاندىن يەنە كىچىچە ئارام ئالماي ئىشلەپ يۈرۈپ 300 يۈەندىن ئارتۇق پۇل يىغىپ ئىلىپ كىردى.
يەنە كىلىپ ياتاققا پۇل تۆلەشتەك ئىشلار ئۇلارنىڭ بىشىنى قاتۇرغان ئىدى ئۇلار ئۆزئارا پاراڭلىشىپ فىرۇزە بىلەن بەرنانى شەھەر ئىچىدىكى بىر پىرەنىكخانىغا ھۈنەر ئۈگىنىشى ئۈچۈن ئەككىرىپ بەردى

ئوغۇللار ئۆزى بىر رىستۇراندا ياتاقتا يىتىپ ئىشلەيدىغانغا دىيىشىپ شۇ رىستۇراندا قىلىپ قىلىشتى ،فىرۇزەنىڭ كۈنلىرى شۇ پىرەنىكچىلىكنى ئۈگىنىش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى.
كۈنلەر ئۆتۈپ فىرۇزە 17  ياشقا كىرىپ قالدى يەنە كىلىپ مۇھاببەتنى نەپرەتنى تۇلۇق چۈشىنىپ يەتكۈدەك بولۇپ قالغان ئىدى يەنە كىلىپ فىرۇزە چوڭ بولغانسىرى ئەسقەر بىلەن چىقىشىپ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى بۇ ئىككەيلەن بىر-بىرىنى شۇنداق ياخشى كۆرىشەتتى.
بەرنامۇ كۈندىن -كۈنگە چوڭ بولۇپ ئەلى بىلەن ئاشۇق-مەشۇقلاردىن بولۇپمۇ قالغان ئىدى .مۇرات بولسا ئۆزىنىڭ بىلگەن سەنىمگە دەسسەپ بالىلاردىن ئايرىلىپ ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتى ئاقسۇغا كىتىپ قالدى .
فىرۇزە بىلەن بەرنا توغرىلا 1 يىرىم يىل ھۈنەر ئۈگىنىپ بۇ پىرەنىكچىلىككە خىلى پىشىىشپ قالدى بىراق چوقۇم دۇككان ئىچىش ئۈچۈن پۇل لازىم، بولاتتى.
-ئاداش..بىرەر دۇككان ئاچقان بولساق ياخشى بولاتتى ھە...
-شۇنى دىمەمسەن؟مەن دۇككان ئىچىشنى شۇنداق خالايتىم بىراق ھەر ئايدا ئالدىغان پۇل چاغلىقلا يەنە كىلىپ دۇككان ئىچىشقا نۇرغۇن پۇل كىىتپ قالىدىغان گەپ قانداق قىلىش كىرەك؟
دىدى فىرۇزە ئۇھ تارتىپ
-شۇنى دىگىنە...بۇ ھەرگىز مۇمكىن بولمايدۇ..بولمىسا نەبىگە تىلفۇن قىلىپ دەپ باقامدۇق يا؟ئاز-تولا پۇل بىرىپ تۇرسا ئەجەپ ئەمەس...
-بولدى قىلغىنە..ئەسقەر بىلەن ئەلى بىلىپ قالسا خاپا بولىدۇ...
فىرۇزە شۇنداق دىگەچ ئىلگىرى نۇرى بۇۋاينىڭ ئۆزىگە قالدۇرغان بانكا كارتسى ئىسىگە كەلدى تۇغرا شۇ كارتىدىكى پۇلنى ئىشىلتىش كىرەك...
فىرۇزە شۇنداق خىياللارنى قىلپ پۇلنى ھويلدىكى ئۈرۈك دەرىخى يىنىغا كۆمۈپ قويغىنى ئىسىگە كەلدى ۋە پىرەنىكخاندىن رۇخسەت سوراپلا سۈيدۈڭنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ ئەتراپىغا شۇنچە نەزەر سىلىپ قارىماقتا ئىدى.
-توۋا...مانا بىردەمدىلا ھەممە يەر پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپتۇ ..غولجا سەن نىمانچە ئىللىق نىمانچە گۈزەل ھە..مانا 5 يىلدىن بىرى سۈيدۈڭگە بىرىپمۇ باقماپتىمەن دىسە..راسىت پۇل يەنە ئۈرۈك دەرىخىنىڭ ئارقىسىدىكى كۆمۈپ قويغان يەردە بارمىدۇ؟قانداق كىرەرمەن؟
فىرۇزەنىڭ كاللىسىنى ئاللا تاغۇل خىياللار چىرمىۋالدى ماشىنا سۈيدۈڭ تەۋەسىگە كىردى فىرۇزە ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىغا ئاساسەن ماشىندىن چۈشۈپ قالدى كىچىك ۋاقىتلىرىدا دادىسى تاشلاپ قويۇپ كەتكەن جايغا كىلىپ تۇختىغىندا ئىغىر ئۇھ تارتىپ قۇياتتى.

فىرۇزە خىلى يولنى ئۆزى بىسىپ ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ تۇختىدى تەلىيىگە ئىشىك تاقاق ئىدى فىرۇزە ئۆگزىدىن ئارتىلىپ چۈشەلمەيدىغانلىقىنى ھسىس قىلىپ ئارقا تامدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ ئۈرۈك دەرىخى يىنىغا توختاپ يەرنى تىرناقلىرى بىلەن تاتلاشقا باشلىدى بىراق ھىچ چىقىدىغاندەك قىلمايتى.

فىرۇزە ئەتراپىغا قاراپ بىر تىشاڭنى ئىلىپ كىلىپ يەرنى كوچىلاپ تۇلىمۇ تەستە بانكا كارتىسىنى تاپتى يەر تىگىدە ئۇزۇن تۇرغاچمۇ زەي تارتىپ پۇراق چىقىپ كەتكەن ئىدى فىرۇزە يەرنى قايتا تىندۇرۇپ چىقىپ كىتەي دەپ تۇرىشىغا زۈھرە باغقا كىرىپ قالدى ۋە فىرۇزەنى كۆرۈپ ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەيلا يۈگۈرۈپ كىلىپ ئۇنى چىڭڭىدە قۇچاغلىۋالدى
-بۇ راسىت سەنمۇ فىرۇزە....سىنى قانچىلىك سىغىنغىنمىنى بىلەمسەن؟.ئادەمنى شۇنداق ئەنسىرتەمسەن؟
-جىنىم ھەدە..مەنمۇ سىنى بەكلا سىغىندىم ...ھە راسىت سەن مۇشۇ ئۆيدە تۇرىۋاتامسەن؟
فىرۇزە زۈھرەنىڭ قوللىرىنى تەستە ئاجىرىتپ ئۇنىڭ ئىسسىق قوللىرىنى چىڭڭىدە سىقىمدىۋالدى
-نىمىسىنى دەيسەن؟ماڭە..ھويلىغا كىرەيلى چاي ئىچكەچ پارڭلىشىمىز..
فىرۇزەنىڭ رەت قىلىپ تۇرۋالغىنى كۆرگەن زۈھرە خاپا بولۇپ زورلىدى
-تۇرە..ئۆيدە ھىچكىم يۇق..ھىچكىم كەلمەيدۇ..مەنمۇ بۈگۈن مەلۇم بىر ئىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدىم ھىچكىم كەلمەيدۇ بۇ ئۆيگە ...
فىرۇزە ئىلاجىسىز  ئورنىدىن تۇرۇپ زۈھرە بىلەن ھويلىغا چىقىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن زۈھرە بىر نەرسىنى ئىسىگە ئىلىلپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى ۋە بىر كورا ئەتكەن چاينى ئىلىپ چىقتى
-نىمانداق جىق چاي بۇ،،،نىمە قىلاتتىڭ بۇنداق جىق چاينى؟
-مىنى بىلىسەنغۇ باياتىن كاللام جايىدا ئەمەس سىنى ئويلاپ چاي ئەتكەن ئىدىم بەك جىق بولۇپ قاپتۇ ئەسلى سىنىڭ رىزىقىڭ بولسا كىرەك...
فىرۇزە كۈلۈپ قۇيۇپ زۈھرەنىڭ قولدىكى چاينى ئالدى ۋە كۈلۈپ قۇيدى.بىراق زۈھرەنىڭ بۇ چوڭ ئائىلىدە يالغۇز قالغىندىن ئەجەپلىنىپ سورىدى.
-ھەدە.بۇ ئۆيگە نىمە بولۇپ كەتتى؟بۇ ئۆينى ئەركىن تاغامغا بەرگەن ئەمەسمۇ؟
-ھەئە..سىنى ھەدەم روھى كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئىلىپ كىرىپ بەرگەن كۈنى كەچتە يۇلدىشى ۋە بالا-چاقىلىرى بىلەن بىر قىتىملىق ئوت ئاپىتىدە قازا قىلدى ئاندىن...
زۈھرە گىپىنىڭ ئاخىرنى دىيىشكە جۈرئەت قىلالمىغان ھالدا بۇقۇلداپ يىغلاۋەتتى فىرۇزەنىڭ كۆزلىرىمۇ قىززىرىپ كەتتى
-جىنىم ھەدە..نىمە دىىدىڭ؟پاتىمە ئاپام ۋە ئۆيدىكىلىرى قازا قىلدىمۇ؟
-ھ...ھە،...ھەئە....
زۈھرە تىخىمۇ ئىسەدەپ يىغلاشقا باشلىىدى.
-ھەدە،،كىين قانداق بولدى؟
-ئاندىن سىنى ئىچكىرگە سىتىۋەتكەن ئادەم دەل ئەنۋەر تاغامكەن..
-نىمە مىنى ئەنۋەر تاغام...
-شۇنداق سەن دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتكەن كۈنى ئەنۋەر تاغام چىقىپ كەتكىنىڭنى بىلىپ ئۇلارغا سىنى سىتىۋەتكەن ئىكەن سەن كىتىپ 22 كۈن بولغاندا ئەنۋەر تاغامنى ھىچ گەپتىن ھىچ گەپ يۇق تۇك سوقۇۋەتتى.ئاندىن ئايالى رازىيەم ھەدەم بۇ ئۆينىڭ جاي خىتنى تالشىپ سوقۇشۇپ يۈردى.ئاندىن مەھەللىىدكى جامائەتلەر ئارلىشىپ يۈرۈپ ئۆينى ماڭا قۇيۇپ قويدى.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان فىرۇزە ئۆزىنى تۇتىۋالاماي يىغلاپ كەتتى زۈھرەمۇ فىرۇزەگە چىڭڭىدە ئىسىلپ ئىسەدەپ يىغلاۋەتكەن ئىدى،

-ئاندىن قانداق قىلدىڭ؟مۇشۇ سەھرادا تۇرۇپ قالدىڭمۇ قانداق؟
-ياق...ياخشىلىق ھامان ياخشىلىقكەن ئەنۋەر ئاكام ئۆلۈپ كىتىپ 39 كۈن بولغاندا بىر ئادەم كىرىپ كەلدى سەۋەبىنى سورىسام سەن تۇغۇرلۇق گەپ قىلدى سىنىڭ خەۋىرىڭنى ئاڭلاپ ئىزدەپ كەلگەن ئىكەن
-مىنىمۇ؟كىمكەن؟
-سىنىڭ داداڭ نۇردۇن ئاكام...سەن تۇغۇرلۇق خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ شۇنچە يىراق يەردىن سىنى ئىزدەپ كەپتۇ بولغان ئىشلارنى ئاڭلاپ بەك پۇشايمان قىلدى...ئاندىن مىنىمۇ شەھەرگە ئىلىپ كىرىپ كەتتى،مەن سىلەرنىڭ ئۆيدە چوڭ بولدۇم ...
-شۇنداقمۇ؟ادادم مىنى ئىزدەپ كەپتىمۇ؟يەنە قايسى يۈزى بىلەن؟
-ئۇنداق دىمە..نۇردۇن ئاكاممۇ قاتتىق پۇشايمان قىلىپتۇ ..قالغان گەپنى داداڭنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلىغىن ماقۇلمۇ؟
-ماقۇل ھەدە،،،دادامنىڭ ئەھۋالى ياخشىمۇ؟
-ياق سالامەتلىكى سەل ناچار..سىنىڭ سىڭلىڭ سەبىھە بىلەن ئىنىڭ سەردار ھازىر 11 ياشقا كىردى شۇنداق تاتلىق ھەم ئۇماق چوڭ بولدى..ساڭىلا ئوخشايدۇ..
-راسىتمۇ؟
-راسىت سەنچۇ؟سەن كەتكەندىن بىرى ئەينى چاغدا سىنىڭ كىتىپ قالغان چىغىڭدا سەن ئۈچۈن بىرەر ئىغىز گەپ قىلالمىغىنىمغا ئۆكىنىمەن..
-ئۇنداق دىمە ھەدە...سەن بۇرۇندىنلا ماڭا كۆينەتتىڭ مىنى بەك ياخشى كۆرەتتىڭ بۇ ماڭا ئايان...مەن ئاكام بىلەن ھەدەمنىڭ مىجەزىنى بىلىمەن ئۇلار ھەرگىز سىنىڭ گىپىڭنى ئاڭلىمايدۇ..
-مۇشۇنچىىلك چۈشەنگىنىڭگە رەھمەت...سەنچۇ ئۆزۈڭنىڭ ئىشلىرىدىن سۆزلەپ بەرمەمسەن؟
فىرۇزە ئۆزىنىڭ بىشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى بىرمۇ-بىر سۆزلەپ بەردى بۇنى ئاڭلاپ زۈھرەنىڭ بۇ قىزغا تىخىمۇ ئىچى ئاغرىپ كۆزىگە لىققىدە ياش كەلدى.
ئۇلار ئىشىك دىرىزلەرنى چىڭڭىدە تاقاپ ماشىندىن بىرنى تۇسۇپ شەھەر ئىچىگە قاراپ ماڭدى شەھەر ئىچىگە كىرىپ تۇرىشىغا بەرنا بىلەن ئەسقەر يۇلنىڭ بويىدا پاراڭلىشىپ تۇراتتى ئەسقەر زۈھرە بىلەن فىرۇزەنى كۆرۈپ يۈگۈرۈپ كىلىپ كۆرۈشتى.
-ئەخمەق قىز نەگە كىتىپ قالدىڭىز؟سىزنى ساقلاپ تۇرغىلى 2 سائەت بولدى...
-شۇ مەن سۈيدۈڭگە بىرىپ كەلدىم ئەسقەر بۇ قىز مىنىڭ ھەدەم ئىسمى زۈھرە،،تونۇشۇپ قىلىڭلار..ھەدە ساڭا باياتىن گىپىنى قىىلپ بەرگەن بالا مۇشۇ بالا شۇ...
-ئەسقەر...مۇشۇ بالا شۇمۇ؟
دىدى زۈھرە كۈلۈپ قۇيۇپ.
-ھەئە،،مەن شۇ ..فىرۇزە ئىلگىرى سىز تۇغۇرلۇق گەپ قىىلپ بەرگەن ئىدى...كۆرۈشكىنىمگە مەمنۇن بولدۇم.
-مەنمۇ باياتىن سىز تۇغۇرلۇق ئاڭلىغان ئىدىم مىنىڭ سىڭلىمنى قانداقراق بالا بىر سولتەك كەلتۈرۋالغاندۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم سىڭلىم بىلەن بەك ماس كەپسىلەر...
-رەھمەت سىزگە...
ئەسقەر فىرۇزەگە شەرەت قىلىپ قۇيۇپ ئىلىپ كەتتى.
-فىرۇزەگە سىزگە بىر خۇش خەۋەرنى دەيمەن ئاڭلاشىنى خالامسىز يۇق؟ئاڭلاپ خاپا بولمايسىز جۇمۇ...
-ۋايجان قىنى دەڭە..خۇش خەۋەر دىگەن تۇرۇپ نىمە خاپىلىقكەن ئۇ...
-مەن دادام بىلەن ئاپامغا سىزنى تۇنۇشتۇردىغان بولدۇم بۈگۈن كەچتە..قانداق بارامسىز؟
-نىمە؟دادىڭز بىلەن ئاپىڭىزنى تاپتىڭزمۇ؟نىمىشقا ماڭا ئەمدى دەمسىز؟مەن كىچىك بالىمۇ سىز ئەخمەق قىلىدىغان تازىمۇ بىر...
-مەن سىزگە ئەسلى بۇرۇنلا دەي دەپ ئويلىغان ئەمما سىز بىلەن پاراڭلىشالماي قالدىم شۇ ...تاپقىنىمغا 45 كۈندەك بولدى...
-بىراق مەن خىجىل بولىمەن بۇنى بىلدىڭزمۇ يۇق؟
-ۋاي دادام بىلەن ئاپام سىزنى يەۋىتەمدۇ؟نىمانچە قىلىپ كىتىسىز؟بىر كۆرشۈپ قۇيۇڭ ماقۇلمۇ؟بولىڭە ھازىرلا بىرىپ سىزگە چىرايلىق كىيىمدىن 2 قۇر ئالىمىز....
-ئەسقەر مىنىڭمۇ سىزگە گىپىم بار ئىدى مەنمۇ دادامنى تاپتىم بۈگۈن كۆرۈشمەكچى ....ناۋادا سىز خالىسىڭزلا يەنە كىيىنچە كۆرۈشكىلى بارسام قانداق بولار؟
-راسىتمۇ؟نىمانچە ياخشى..قانداق بولۇپ ؟
فىرۇزە بولغان ئىشلارنى بىرۇ-بىر سۆزلەپ بەردى.ئەسقەرمۇ ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى ۋە فىرۇزەگە مەدەت بەرمەكتە ئىدى.
-ئەسقەر دادىڭزغا ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى دىدىڭىزمۇ يۇق؟مىنى ئىچكىردە تۇرغان قىزئىكەن دەپ كۆزىگە ئىلمىسا قانداق قىلىمەن؟
-ئۇنداق بولمايدۇ،،ئۇلارغا كىيىنچە چۈشەندۈرۈپ قۇيىمەن ماقۇلمۇ؟ئەمسە دادام ئاپاملار بىلەن بىر نەچچە كۈندىن كىيىن كۆرىشىڭ ئەمسە..ھە راسىت بۇ تىلفۇننى سىزگە ئالدىم كارتىمىزمۇ قۇشماق كارتا دەڭە...
-رەھمەت سىزگە ئەسقەر،،،
فىرۇزە خۇشال بولۇپ ئەسقەرنىڭ قولىدىكى تىلفۇننى قولىغا ئالدى.ۋە ئەسقەر بىلەن خۇشلاشقاندىن كىيىن زۈھرە بىلەن بىرلىكتە نۇردۇننىڭ ئۆيىگە كەلدى ئىشىك ئالدىغا كىلىپ تۇرىشغا سەردار بىلەن سەبىھە فىرۇزەگە قاراپ قۇيۇپ قاراپ تۇراتتى.

-فىرۇزە بۇ سىنىڭ سىڭلىڭ بىلەن ئىنىڭ .....
-سەردار بىلەن سەبىھە...شۇلار شۇمۇ؟ئاھ خۇدا،،،نىمانچە چوڭ بولۇپ كەتكەن ھە..
فىرۇزە كىلپلا ئۇلارنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ قۇيغاندىن كىيىن ھويلا ئىچىگە كىردى نۇردۇن ئاكا شۇنداقلا ئايالى رازىيە ھەدە ھويلىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى فىرۇزە ئىشىكتىن كىرىشى بىلەن تەڭ نۇردۇن ئاكا يۈگۈرۈپ كىلىپ فىرۇزەگە قاراپ تۇرۇپلا قالدى.
فىرۇزە ئەمدى بويلرى ئىگىز ھەم چىرايلىق كۈلۈپ قالسا زىناقلىرى بىلىنىپ تۇرىدىغان چىرايلىق بىر قىز بولۇپ چوڭ بولغان ئىدى نۇردۇن ئاكا 11 يىلدىن كىيىن فىرۇزەنى قايتا ئۇچراتقىنىدا قەلبى لەرزىگە كىلىپ پىشانىسگە تاتلىق سۆيۈپ قويۇپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى.فىرۇزەمۇ دادىسىنى قۇچاغلىغىنچە خىلى ئۇزۇنغىچە يىغلاپ كۆرۈشكەندىن كىيىن ئۆيگە كىرىپ ئولتۇردى.

ئۇلار بىردەم ئۆز پاراڭلىرى بىلەن بولۇشۇپ ئولتۇردى.

-دادا سىزدىن سورايدىغان بىر سوئالىم بار ئىدى..ئەينى چاغدا مىنى نىمىشقا تاشلاپ قۇيغان ئىىدىڭىز؟
-قزىىم بۇ سۇئالنى ھامان سورايدىغىنىڭزنى بىلەتتىم..ئىلگىرى مەندىمۇ ئىلاج بولمىغان سەردار بىلەن سەبىھە كىچىك ئىدى نەچچە بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش ماڭا ئىغىر كەلدى شۇنىڭ بىلەن سىزنى باياندايغا تاشلاپ قۇيۇپ كىتىپ قالدىم ..بىراق يۇلنىڭ يىرىمىغا كىلىپ قاتتىق پۇشايمان قىلدىم ھەم كەينىمگە قايتىپ قارىغىنمدا سىز ئاللىقاچان غايىپ بوپسىز،؛؛؛

-ئاندىنچۇ دادا؟شۇنىڭ بىلەن مىنى تاشلاپ قويۇپ كارىڭىز بولمىدىمۇ قانداق؟
-ئۇنداق ئەمەس .ئۇ كۈنى سىزنى تاپالماي ئىلاجىسىز قايتىپ كەلدىم چۈنكى مەن رازىيە بىلەن يەنى ھازىرقى ئۆگەي ئاپىڭىز بىلەن تۇي قىلىشقا دىيىشكەن ئىدىم تۇي قىلىپ بولۇپ 2 كۈندىن كىيىنلا مىنى ساقچىخانىدىن تۇتىۋالدى ئاردىدىن 6 يىل ئۆتۈپ تۈرمىدىن چىقتىم سىزنىڭ ئىز-دىرىكىڭزنى قىلىپ سۈيدۈڭگە باردىم ھەممە گەپنى ئاڭلاپ تۇلىمۇ ئازاپلاندىم.
-دادا سىزنىڭ بەلكىم شۇ چاغلاردا ئويلاشمايلا شۇنداق قىلىپ قالغان بولغۇيتىڭز..بىراق سىز ھازىر پۇشايمان قىلدىڭز..سىزنىڭ ئازاپلىنىپ قىلىشىڭىزنى خالىمايمەن...
بۇ كىچە بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۇزۇندىن ئۇزۇن پاراڭلاشتى ئەمما نۇردۇن فىرۇزەگە ئۆگەي ئىكەنلىكىنى ئىيتىشقا جۈرئەت قىلالمىدى..



                            ******************************************************************
نۇردۇن ئاكا فىرۇزەنىڭ پىرەنىك دۇكىنىدا ئىشلىگىنى ئاڭلاپ فىرۇزەگە بىر دۇككان ئىچىپ بەردى بەرنا ھەركۈنى دۇككاندا ئىشلەيدىغان ئەمما ئۆيى يىراق قۇنۇپ ئىشلەيدىغان قىزلار بىلەن دۇككاندا قونۇپ ئىشلەيتى.
فىرۇزەنىڭ سودىسىمۇ يامان ئەمەس كىتىپ باراتتى زۈھرەمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ كەسپى دوختۇرلۇق ئىدى ئوقۇش پۈتتۈرشىگە تەخمىنەن 2 يىلچە بار ئىدى.
فىرۇزە پىرەنىكخانىدا ئىشلەۋاتقانلىرىدا ئەسقەر ئىشىكنى چىكىپ كىرىپ كەلدى.ۋە دۇككاندىكى قىزلار بىلەن سالاملىشىپ بولۇپلا فىرۇزەنىڭ يىنىغا كىلىپ تۇختىدى.
-فىرۇزە يۈرىڭە..سىرىتقا چىقىپ پاراڭلىشايلى...
ئۇلار سىرىتقا چىقىپ ئەتراپتىكى بوش ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن ئەسقەر  كۈلۈپ قۇيۇپ سۆزىگە كىرىىشتى.
-فىرۇزە ئەتە سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى ئۆتكۈزۈپ بىرەي دىگەن ئىدىم..ئەتە چوقۇم ۋاقىت چىقىرىڭ جۇمۇ ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ..
-سىزنى يەنە ئاۋارە قىلىپ قۇيۇپتىمەن دە سىزگە كۆپ رەھمەت
-ياقەي تۈزۈت قىلماڭ..راسىت ئەتە تۇغۇلغان كۈنىڭڭىزگە ئاپام ۋە دادامنىمۇ چاقىرىپ قۇيدۇم چوقۇم ۋاقتىدا كىلىڭە ھەرگىز ئۇنۇتماڭ...
-نىمە دەيدىغانسىز ئادەمنى خىجىل قىلىپ...
-نىمىگە خىجىل بولىسىز ئەتە  18 ياشقا كىرىسىز كىچىك بالىدەك ئۆتىۋىرىدىغان ئىش ئەمەس چوقۇم كىلىڭ ھە ..مەن سىزنى دەپلا ئۆتكۈزىمەن...ئەتە قۇدىلار بىر  كۆرىشىۋالمامدۇ؟
-چاقچاقنى قۇيىڭە...دادامنىڭ يىندا سەت بولمامدۇ؟يەنە كىلىپ سىزنىڭ ئۆيدىكىلەر باي بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر نامراتراق..بىز سىلەرگە ماس كەلمەيمىز ....بىراق..
-ۋاي ...بۇنداق چاقچاقلارنى قايتا قىلماڭ دادام ساقچى ئاپام دوختۇر شۇ...ئائىلە ئىقتىسادىمىزمۇ نۇرمال نىمىشقا بۇنداق دەيسىز؟يەنە شۇنداق دىسىڭىز سىزدىن بەك خاپا بولۇپ قالىمەن جۇمۇ..
-بولىدۇ..بولىدۇ..دىمىگەن بولاي..ئەتە چوقۇم بارىمەن خاتىرجەم بولۇڭ..

ئەتىسى كەچ فىرۇزە زۈھرەگە خەۋەر قىىلىپ بەرنا لارنى ئىلىپ بۇ تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرىشىغا كەلدى.ئەسقەرنىڭ ئاتا-ئانىسى فىرۇزەنى كۆرۈپ خىلى ياخشى مۇئامىلىدە بولدى تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى ئاخىرلىشىشقا ئازلا قالغاندا تۇغۇلغان كۈن سوۋغاتلىرىنى بىرىپ بولۇپ ئۇزىتىپ قۇيدى
فىرۇزەمۇ ئەسقەرنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ياخشى مۇئامىلىسىدىن خوش بولۇپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى .فىرۇزە مۇشۇ كۈندىن ئىتبارەن دائىم دىگۈدەك ئەسقەرنىڭ ئاپسى بىلەن شۇنداقلا دادىسى ئىرشات بىلەن كۆرۈشۈپ ئالاقە قىلىپ تۇردى .
ئەسقەرنىڭ بىر ئاكىسى بارئىدى ئاكسىمۇ  22-23 ياشلار چاممىسىدىكى بىر خىل جىمغۇر بالا بولۇپ  بەك جىق ئىشلارغا ئارلىشىپ كەتمەيتى.

كۈنلەر ئۆتۈپ ئەسقەر بىرەر ئىشنىڭ بىشنى تۇتماقچى بولدى،ئۇنىڭ كومپىيۇتىرغا ئالاھىدە قىززىقىشى بار ئىدى شۇ سەۋەپتىن ئەسقەر ئۈرۈمچىگە بىلىم سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى ئەسقەر ماڭىدىغان كۈنى ئەسقەر بىلەن فىرۇزە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن پاراڭلانى قىلىشتى گەرچە فىرۇزەگە ئاسان تۇختىمىسىمۇ ئۇ يەنىلا ئىلاجىسىزلىقتىن ئەسقەرنى ئۇزىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

ئەسقەر مۇ فىرۇزەگە كۆزى قىيمىغان ھالدا ئۇزىتىپ قۇيدى ۋە ئاندىن باشلىرى قىيغان ھالدا پويىز ئىستانسىدىن چىىقپ تۇرىشىغا مۇراتنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى

-قانداقراق فىرۇزە خانقىز ياخشىدۇ؟
-ۋۇي...مۇراتقۇ سىز..قانداق ئەھۋالىڭز؟ياخشىمۇسىز؟
-يا..ئاللاھ..ياخشى تۇرۇپسىزمۇ؟نىمە قىلىپ بىرەرى بۈگۈن بىرەر يەرگە ماڭغانمۇ نىمىگە كەلگەن ئىدىڭىز؟راىست بەرنا ياخشىمۇ؟
-ھەئە..ئۇ قىزمۇ بەك ياخشى ..سىزچۇ ئاقسۇدىن قاچان كەلگەن؟
-مەن كەلگىلى ئۇزۇن بولدى..خوتەنلەرگە بىرىپ نەبى بالىلار بىلەن كۆرۈشتۈم سىلەرنى سورىدى ھەم سالام ئىيىتتى ...
-شۇنداقمۇ؟نىمانچە ياخشى..سىزچۇ راسىت ...غولچىغا تۇيۇقسىزلا كىلپ قاپسىزغۇ؟مەن تىخى سىزنى ھازىر ئاقسۇدا بولسا كىرەك دەپ ئويلاپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ..
-شۇ..سىزنى كۆرگۈم كىلىپ...
-مىنىمۇ؟ۋاي ئاللاھ..ئەلى بىلەن ئەسقەرلەرمۇ سىزنىڭ ئاغىنلىرىڭىز جۇمۇ..بۇ گىپىپڭىز راستىنلا قاملاشماي قالدى ھە...
-شۇ..شۇ..شۇ..شۇنداق قىلىپ ئەسقەر ئۈرۈمچىگە كەتتى دەڭ...
-ھەئە..سىز قانداق بىلىسىز؟
-مەن نىمىشقا بىلمەيتىم...مەن بىلىمەن شۇ..
ئۇلار شۇنداق پاراڭلىشىپ تۇرغىندا ئىرشات ئاكا ۋە ئايالى ئامىنە ھەدە كىلىپ قالدى .فىرۇزە ئۇلارنى كۆرۈپ ھودۇققىنىچە تۇرۇپلا قالدى مۇراتمۇ ئۇلارنى كۆرۈپ فىرۇزەنىڭ قۇلىنى چىڭڭىدە تۇتىۋالدى.ئۇلارنىڭ خاتا چۈشىنىشى تىخىمۇ كۈچەيگەن ئىدى.





شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 08:59:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكاينىڭ ئاخىرى ئەتە يۇللىنىدۇ ..ئەتە بارلىق قىسىملىرىنى تۇلۇق يۇللىنىپ بولىدۇ ...ئىنشائاللاھ.....................................

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94851
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 221
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2013-4-15
ئاخىرقى: 2014-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 12:07:39 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشىكەن     سوراپ باقاي بۇ راس بولغان ۋەقەلېكمۇ يا توقۇلمۇمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94851
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 221
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2013-4-15
ئاخىرقى: 2014-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 12:15:37 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
11111111111

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94621
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1105
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 809 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 12:24:48 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىقىپ قالدىم،ئاخىرىغا تەشنامەن،قۇلىڭىزغا دەرت تەگمىسۇن،،،،

http://xadiman.tawarim.com/   تاۋارىم شادىمان بالىلار دۇنياسىغا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ،ئوماقلىرىڭىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بوپ قالغۇسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93957
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2013-3-27
ئاخىرقى: 2014-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 08:45:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 09:59:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
0998eSiL يوللىغان ۋاقتى  2013-4-21 12:07 AM
بەك ياخشىكەن     سوراپ باقاي بۇ راس بولغان ۋەقەلېكمۇ يا ...

بۇ ھەقىقى بىر ۋەقەلىك ...پەقەت شۇ ھەدەمنىڭ  ئىشلىرىنى ھىكايە قىلىپ يىزىپ چىقتىم...........

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49551
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3789
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2189 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 10:43:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jelwa يوللىغان ۋاقتى  2013-4-21 09:59 AM
بۇ ھەقىقى بىر ۋەقەلىك ...پەقەت شۇ ھەدەمنىڭ  ئىشلىرىنى ھ ...

   فېروزەنىڭ سىڭلىسمۇ؟

سەۋر قىل !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49551
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3789
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2189 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 11:05:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بىر ئادەم بىر كۈنى بىر يېتىمنىڭ پۇتىغا كىرگەن تىكەننى چىقىرىۋېتىپتۇ.ئۇ ئادەم ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن،بىر كۈنى مەشھۇر سوپى سەدردىن ئۇ ئادەمنىڭ جەننەتتە سەيلە قىلىپ يۈرۈپ:‹‹بىر تىكەن ۋەجىدىن ماڭا شۇنچە چىرايلىق گۈللەر ئېچىلدى....››دەۋاتقىنىنى ئاڭلاپتۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
太阳 + 59 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 59   باھا خاتىرىسى

سەۋر قىل !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 11:06:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulqinay يوللىغان ۋاقتى  2013-4-21 10:43 AM
فېروزەنىڭ سىڭلىسمۇ؟

ياقەي....ئىشقىلىپ يىقىن ئۆتىدىغانلاردىن.....ئەمما تۇققاندارچىلقىمىز يۇق........

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش