|
|
|
|
بۇ ھەپتە ئالتۇن بازىرى ئۈچۈن كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ چۈشۈش بولغان ھەپتە ھىساپلىندۇ .
ئۆتكەن ھەپتە ئالتۇن باھاسى ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا 1596 دوللار بولسا بۇ ھەپتە ئەڭ تۆۋەن چۈشكەن نۇقتا 1320 نوقتا بولدى .
ئالتۇننىڭ چۈشۈپ كىتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئامرىكا فىدىراتسىيە بانكىسىنىڭ زايۇم سىتىۋىلشنى مۇشۇ يىلنىڭ ئوتتۇرغىچە ئازايتىش 2014-يىلدىن بۇرۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشى ،بولۇپمۇ ئامرىكا ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنشى ئالتۇن -كۈمۈش باھاسىنى تۆۋەنگە باستۇرغان .
ئالتۇن يەنە چۈشەرمۇ ؟
گەرچە ئالتۇن باھاسى 1320 دوللارغا چۈشكەن بولسىمۇ يەنە ئىككى كۈنگە قالمايلا ئەڭ تۆۋەن نوقتىدىن 100 دوللار ئۆرلەپ تۈنۈگۈن 1420 دوللاردىن ئاشتى .
19-ئاپرىل چۈشتە ئاسىيا ئالتۇن بازىرىنىڭ جانلىنشى بىلەن ئالتۇن قاڭقىپ چىقىپ 1420 نوقتىدىن ئىشىپ كەتتى .
گەرچە كەچتە يەنە تۆۋەنلەپ 1400 نۇقتىدىن چۈشكەن بولسىمۇ ھەپتىلىك بازار 1400 نوقتىنىڭ ئۈستىدە توختىدى .بۇ ئالتۇن بازىرىنىڭ يەنىلا جانلىنىش ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ .
ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئالتۇن يۈنىلىشى مىنىڭچە 1435---1450 نوقتىغىچە ئۆرلەپ قىلىشى مۆمكىن .
ئۇزاق مۇددەتتىن قارىغاندا ئامرىكا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنشى ۋە ئامرىكا زاپاس پۇل كۆمتىتى باشلىقلىرى ئىيىتقاندەك ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %7 ئەتراپىدا كونتىرۇل قىلالىسا بۇ ئەلۋەتتە ئالتۇنغا بىسىم ئىلىپ كىلىشى مۇقەررەر .
مەنبە . بىر مىسقال مۇنبىرى www.1miskal.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1miskal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-20 08:45 PM
|
|
|
|
|
|