koklan يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 08:44 AM 
ھەي بۇرادەر ، كىم شۇنداق دەيديۇ ، سىز بىرسىدىن شۇنداق ...
گەرچە ۋەتەننى ھەم مىللەتنى سۆيۈش ۋەجدان ھەم غۇرۇر جەھەتتىن دىنىمىزدا تەكىتلەنسىمۇ لېكىن ھەدىس دەرىجىسىدە ئەمەس. شۇنداقلا ئەسلىسى ھەدىس بولمىغان ھەقىقەتەنمۇ توغرا بولغان بىرگەپنى ھەدىس دەپ سۆزلەپ يۈرۈش مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چاپلانغان تۆھمەت بولۇپ، بۇنداق ھەدىس ئويدۇرۇپ چىقارغان كىشىلەر دوزاختىن ئۆزىگە بىر كىشىلىك جاي ھازىرلىغان بولىدۇ.
«ۋەتەننى سۆيۈش ئىماننىڭ جۈملىسىدىن» دېگەن بۇ يالغان ھەدىسنى مۇجتەھىدلەردىن ئىبنى سالىھ ۋە ئىبنى ئۇسەيمىيلەر يالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. چۈنكى بۇ ھەدىس كىشىلەرنى بىر بىرىگە دۈشمەن بولۇشقا ۋە ۋەتىنىنى قوغداشنى ئىمان يۈزسىدىن دەۋا قىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئازارلىشىشغا سەۋەب بولىدۇ.
لېكىن بىر مۇسۇلمان بولغۇچىغا پەرز بولغان ئەقىدىلەردىن ئابرويىنى، مال - مۈلىكىنى، دىنى ئىتىقادىنى، تاجاۋۇزچىلاردىن ۋەتىنىنى قوغداش قاتارلىقلار بار بولۇپ مۇشۇلارنى قوغداش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن مۇسۇلمانلارنىڭ شىھىت ھېسابلىنىدىغانلىقى ھەققىدە سەھىھ ھەدىسلەر بار.
شۇڭا «ۋەتەننى سۆيۈش ئىماننىڭ جۈملىسىدىن» دېگەن سۆز بىزنىڭ رايىمىز ھەم ئارزۇيىمىزغا مۇۋاپىق، شۇنداقلا بەزى ھەدىسلەردە ۋاستىلىك تەكىتلەنگەن بولسىمۇ بۇ سۆزنى ھەدىس دەپ ئىتىراپ قىلىشقا بولمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-21 12:59 PM