مىللىيچە كىيىم-كېچەكتىكى سىياسىۋېيلىك
يەرشارى ۋاقىت گىزىتى
دولان تەرجىمىسى
كەمىنە مۇنبەرلەردەئىلان قىلىنغان مىلىيچە كىيىم-كېچەكنى سىياسىۋىيلاشتۇرىشقا ئائىت يازمىلارنى ئوقۇپ بەكمۇ ھەيران قالدىم، زادىكىم مىلىيچە كىيىم-كېچەكنى « سىياسىيۋىلاشتۇرىۋاتىدۇ؟ »،ئەجىبا ئاشۇلارنىڭ دىگىنى ئەمىلىيەتمۇ؟، ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا ئۇنى تەكىتلەش بىھاجەت، ھۇقۇقدارلار دىقەتقىلسىلا بولدى، ئەگەر ئۇنداق بولمىساھوقۇقدارلار ئويلىنىپباقسا بولىدۇ، ئۇنداقتا زادىكىم كۈندىن-كۈنگە مۇرەككەپلىشىۋاتقان مىلىيچە كىيىم-كېچەكنى سىياسىۋىيلاشتۇرىشتەك سەزگۇر مەسىلىگە رىجىسۇرلىققىلىۋاتىدۇ!
( يەرشارىۋاقىت گىزىتى 20130321 )
يېقىندائاياقلاشقان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، مەملىكىتىمىزدىكى ئازسانلىق مىللەت ۋەكىل،ئەزالار ئۆزلىرىنىڭ رەڭگارەڭ مىللىيچە كىيىمىنى كېيىپ خەلق سارىيى ۋە ھەرقايسى يېغىن سورىنىغا ئۆزگىچە ھۇسىن قوشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ كىيىم-كېچىكى كۇندىلىك تۇرمۇشتا كىيىدىغان كىيىمى بولسىمۇ بىراق بەزى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ كىيىم-كېچىكى تارىخقا ئايلانغان بولۇپ، ئادەتتە مۇزىيلارداساقلانغان ياكى سەھنە كىيىمىگە ئايلىنىپ قالغان، بۇلارنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەكنى كىيىپ يېغىنغا قاتنىشىشى، ئاساسلىقى تاشقى دۇنياغا دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ھاكىمىيەتكە قاتنىشىش ھوقۇقىنى نامايەن قىلىشتىن ئىبارەت.
80-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرى پەقىر مەركىزى مىللەتلەر ئونۋىرسىتىتىدائوقۇۋاتقان ۋاختىمدا، سىنىپتىكى ساۋاقداشلار مىللىيچە كىيىمنى كېيىپ خەلق سارىيىدا كۆپ قىتىملىق سىياسىيپائالىيەتكە قاتناشقان، بىز بۇ پائالىيەتتە ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ ئازسانلىق مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ سىرىتقا قارىتا تەشۋىقاتلىق رولىنى ئېلىپ، تۇرلىك سىياسىي پائالىيەتتە ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ باراۋەر ئاساستا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش بولغان. بۇ خىل تەشۋىقات شەكلى تاكى بۇگۇنگىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ.
نۆۋەتتەدۆلەت ئىچىدىكى تاراتقۇلاردا بەزى رەھبەرلەرنىڭ ئازسانلىق مىللەت رايۇنى،تەجرىبىخانا، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئالدىنقى سىپى ۋە ئورگانلارنىڭ ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى كۆزدىن كەچۇرىۋاتقىننى دائىم كۆرۇپ تۇرىمىز، تىلىۋىزوردىكى بۇ كۇرىنىشلەردە شۇجايدىكى مىللىيچە كېيىنگەن ئازسانلىق مىللەت كىشىللىرى رەھبەرلەربىلەن ھەمىشە بىرگەتۇرىدۇ. ھەرقىتىم مۇشۇنداق كۇرىنىشنى كۆرسەم كۇلىپكىتىمەن، بۇ كۇرىنىشتىكى مىللىيچە كىيىنگەنلەرنىڭ ھەممىسى « ۋەزىيەت تەقەززاسى » ئۇچۇن كېيىنگەنلەرئىكەنلىگىنى بىلىمەن، چۇنكى ئەمىلىيەتتە قانداق مىللەت بولىشىدىن قەتئى نەزەرخىزمەت ئۇستىدە چوقۇم خىزمەت كىيىمى كىيىدۇ، مىللىيچە كىينىشى ناتايىن.
كىيىم-كېچەك بىرمىللەتنى باشقا مىللەتتىن پەرىقلەندۇردىغان بىرخىل ئالاھىيدىلىك بولۇپلا قالماستىن بەلكى تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ مۇئايەن ئىپادىسى. نۆۋەتتە خەنزۇلارنىڭ مىلىي كىيىم-كىچىكىنىڭ قايسى ئىكەنلىگىنى كىم ئېيتىپبىرەلەيدۇ؟ خەن كىيىممۇ؟ يەكتەكمۇ؟ جوڭسەن پورمىسىمۇ؟ ياكى نىمچە كۆينەكمۇ؟.نىمچە كۆينەك مانجۇلارنىڭ كىيىمى بولسىمۇ نۆۋەتتە جوڭگونىڭ ئەنئەنىسىنىڭ بىرقىسمىغا ئايلاندى، ھازىر نىمچە كۆينەك كېيىنىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپقىسمى مانجۇئەمەس. كاستۇن-بۇرىلكا چەتتىن كىرگەن بولسىمۇ بىراق ھەممە مىللەت ئومۇمىيۇزلىك كېيىدۇ، بىزنىڭ كاستۇن-بۇرۇلكا كىيىشىمىز غەرىپنىڭ ھەممە نەرسىسىنى قۇبۇلقىلغانلىقىمىزنى بىلدۇرمەيدۇ. ئۇنداق ئىكەن نىمە ئۇچىن ئازسانلىق مىللەتكىيىم-كېچىكىگە سىياسىي مەنىگە ئىگە قىلىپ سىياسىيلاشتۇرىپ، چۇشەنمەسلىك پەيداقىلىمىز؟ مەملىكىتىمىزدە ئىلگىرى شەخىسنىڭ كىيىنىشى ئارقىلىق سىياسىي مەيدانىغاھۆكۇم قىلىدىغان ۋاقىتلارمۇ بولغان، بەزى غېرىپ تارقاتقۇسى جوڭگو رەھبەرلىرىنىڭ كىيىنىشى ئارقىلىق جوڭگونىڭ سىياسىي يۈنىلىشىگە باھابەرگەن ئەھۋاللارمۇ بولغان،ئەمىلىيەت بۇنىڭ خاتا ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىدى.
قانداق كىېنىش شەخىسنىڭ ئۆزئەركى، سىياسىي يۇكسەكلىككە كۇتۇرىشنىڭ پەقەتلا زرۇريىتى يوق.دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ ئۇتۇقلىق بولىشىدا مىلىيچە كىيىم-كېچەكنى سىرىتقا كۆزكۆزقىلىش بىھاجەت، ئۇنداق بولمايدىكەن تەخىمۇ كۆپ بولغان مىللىي كىيىم-كېچەكنى سىياسىۋىلاشتۇرىش ھادىسسى پەيدا بولۇپ، ئەمىلىي خىزمەتكە پايدىسىز تەسىر پەيداقىلىدۇ. مىللىي كىيىم-كىچەك ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىستېتىك گۇزەللىكىنىڭ مەھسۇلى،شۇنداقلا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كېيىنىش ھوقۇقى، ئەڭ ياخشىسى شەخىسنىڭ تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ئاقىلانىلىقتۇر. ھەرقايسى مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ كىيىم-كېچىكىنى كېيىشى ھەرگىزمۇ ئۆزئۇزىنى بىكىندۇرىپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر تەركىپلىرىنى قۇبۇلقىلماسلىقتىن دىرەك بەرمەيدۇ. مىللىي كىيىم-كېچەكنى سىياسىيۋىلاشتۇرىشنى تۇگېتىپ، كىيىمنىڭ ئەسلى ماھايىتىنى توغرا چۇشەنسەكلا، ئاندىن مىللىي كىيىم-كېچەكنى سىياسىۋىلاشتۇرىشنىڭ قۇرالىغا ئايلىنىپ قىلىشنىڭ ئۇنىملىك ئالدىنى ئالىمىز.
قىسقىسى،ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەرخىل سورىنلاردا قانداق كېيىنىشى پۇتۇنلەي شەخىسنىڭ تاللىشى، چۇنكى مىللىي كىيىم-كېچەك كۆپخىل مەدىنىيەت ئامىلىنىڭ ئىپادىسى، ھەرگىزمۇ رەڭگارەڭ سىياسىينىڭ قۇربانى ئەمەس.
مەنبە:
http://blog.sina.com.cn/s/blog_60f25ed70102e9bn.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-20 08:00 PM