ۋىسالسىز ئاشىق
شىئېرى ھىكايە
1
قۇياش كۈلۈپ كەلگەندە سەھەر،
كۆزۆم چۈشتى كۆلنىڭ بويىغا.
مىنى كۆرۆپ چۆچۆپلا كەتتىڭ،
چۈشۈپ كەتتى قاپاقمۇ سۇغا.
مەجنۇنتاللار قالدى ھەيرانە ھەس،
كۆل سۈيىمۇ كەتتى دولقۇنلاپ.
مەيىن شامال چۈشتى ئۇسۇلغا،
قۇشقاچلارمۇ كەتتى ۋىچىرلاپ.
تۇرۇپ قالدىڭ جايىڭدا جىمجىت،
بىلەلمەستىن نە قىلارىڭنى.
سۈزۈپ ئالدىم قاپاقنى سۇدىن،
سۇ ئۇسۇپ سۇندۇم ساڭا ئۇنى.
"رەھمەت"دىدىڭ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ،
قاپاقنى ھەم قوشقوللاپ ئىلىپ.
كۆتۆرمىدىڭ بىشىڭنى يەردىن،
ئاي جامالىڭ ئوتتەك قىزىرىپ.
كىتىپ قالدىڭ قاپاقنى يۈدۈپ،
ئىزىڭ قالدى توپىلىق يولدا.
تىقىمىڭغا چۈشكەن چىچىڭىنى،
ئوينىماقتا شاماللار ئاستا.
2
كۈندە كەلدىم كۆلنىڭ بويىغا،
قاراپ چىقتىم ئىزىڭغا بىرلەپ.
كۆرۆنمىدى قاراڭمۇ سىنىڭ،
كەچ بولدى كۈنمۇ تەستە ئەجەپ.
قۇياش سۆيگەن ئۈچىنجى سەھەر،
كەلدىڭ ئاستا يۈدۈپ قاپاقنى.
چۆچۆپ كەتتىڭ يەنە تۇيۇقسىز،
كۆرۆپ مەندەك ئوروق ئاۋاقنى.
تۇرۇپ قالدىڭ جايىڭدا جىمجىت،
كۆزلىرىڭدە شەبنەم تامچىسى.
مەڭزىڭ تامان ئاققاندا گۈلۈم،
يۈرىگىمدە ئاتنىڭ قامچىسى.
سۇ ئالغىلى كەلدىڭ يەنە،
تاشلىۋەتتىڭ قاپاقنى سۇغا.
مەيىن شامال توختىدى بىر پەس،
مەجنۇنتاللار چۆمدى قايغۇغا.
دولقۇنلىغان كۆلنىڭ سۈيىمۇ،
جىمىپ قالدى بىر پەستىن كىيىن.
جىمجىتلىقنى بۇزدى قۇشقاچلار،
ۋىچىرلاپ سايراپ توختىماستىن.
چۆكۆپ كىتەي دەپتۇ قاپاقمۇ،
بىرىپ سۈزدۈم قاپاقنى يەنە.
شۇنچىلىك ئاستا ئۇسسىساممۇ،
توشۇپ قالدى بىر دەمدە يەنە.
تۇتۇپ تۇردۇم قاپاقنى يەنە،
توشمىسىكەن مەڭگۈ مۇشۇنداق.
سىنىڭ بىلەن ئۆتسەم بىر ئۆمۈر،
بولسام رازى مەڭگۈلۈك قونداق.
ئاستاغىنە ھۆتۆلۆپ قويدۇڭ،
خىيالىمدىن ئويغاندىم بىردىن.
سۇندۇم ئاستا قاپاقنى ساڭا،
"رەھمەت"دىدىڭ ئىلىپ قولومدىن.
كەتتىڭ يەنە ئاستا قەدەمدە،
ئىزلىرىڭنى يولدا قالدۇرۇپ.
قاراپ تۇردۇم كەينىڭدىن ئۇزاق،
يۈرىكىمنى تەسەللى تاپتۇرۇپ.
پىچىرلىدىم ئىچىمدە شۇنداق،
ئۈچ كۈنگىچە كۆرمىسەم سىنى.
قارلىق تۇتۇپ كەل تۆتىنجى كۈن،
كۆل يۈزىدە كۆرىسەن مىنى...
3
ئۆتتى كۈنلەر شۇنچىلىك ئاستا،
ئۈچ كۈن گويا ئۈچ ئەسىر كەبى.
تاتىلىماقتا شىرىن ئازاپ،
يۈرۈگۈمنى شۇنداق ئەسەبى.
ئۈچىنجى كۈنى قۇياش كۈلۈپ،
كەلدىڭ يەنە قاپاقنى يۈدۈپ.
شۈكرى دىدىم ئىچىمدە مىڭلاپ،
ئەتلەس ئىچىدە سىنى كۆرۆپ.
تۇرۇپ قالدۇق قارىشىپ بىر پەس،
پىچىرلاشماقتا كۆزلىرىمىز.
بىرەر ئەسىر تۇرساقمۇ يەنە،
تۈگىمەيدۇ يۈرەك سۆزىمىز.
سۇ ئۇسسىغىلى ماڭدىڭ يەنە،
مەن ئىلىپ بىرەي دىدىم شۇئان.
گەپ سۆزسىزلا قاپاقنى سۇندۇڭ،
ئاي چىھرىڭدە خىجىللىق ئايان.
-بۇرۇن ئۈچ كۈندە كىلەمتىڭىز؟
-ياق كۈندە،ھە ئۈچ كۈندە.
-كۈندە بىر كەلسىڭىز بولماسمۇ؟
-شۇ...سۇ تىجەيمەن دەپ،ئۈچ كۈندە.
سەۋەپ ئىنىق بولدىغۇ ئاخىر،
كۈندە كەلگىن گۈلۈم تارتىنما.
سۇ ئۇسسىغىلى مەن تەييارغۇ،
كۈندە ئۇسسۇپ بىرەي خالىساڭلا.
-كۈندە كىلىڭ سىزنى ساقلايمەن،
-"رەھمەت"كىشلەر كۆرۆپ قالىدۇ.
-سىزنى خىجالەتتە قويمايمەن،
-مەن قايتاي دادام كىپ قالىدۇ.
كىتىپ قالدىڭ يەنە بۈگۈنمۇ،
قەدەملىرىڭ شۇنچىلىك ئاستا.
كۆرىۋالسۇن دىدىڭمۇ قىنىپ،
قانارمەن قاچان ۋىسالىڭغا...
4
ئۆتتى كۈنلەر شۇنچىلىك خۇشال،
كۈندە ساڭا سۇ ئۇسسۇپ بىرىپ.
تاشلىۋەتمىدىڭ قاپاقنىمۇ،
مەنمۇ كۆندۆم قولوڭدىن ئىلىپ.
كەلمەك بولدى ئەلچىلەر دىسەم،
خىجىللىقتا قىزاردى يۈزۈك.
ئاي چىھرىڭنى يۇيۇپ ئۈلگۈردى،
خۇشاللىقتا چاقنىغان كۆزۆڭ.
كىرىپ كەتتى ئەلچىلەر بۈگۈن،
خوشخەۋەردە چىققاي ئىلاھىم.
داستىخاننى ياندۇرۋىتىپتۇ،
ئاھ نەقەدەر كۆرۆمسىز چىرايىم.
گەپ باشلىدى ئەلچىلەر بىرى،
- ماقۇل بوپتۇ ئەلچى ھاجىمغا.
تەڭلىكتە قويمىغايلا دىدى،
سىلىپ داستخان ئالدىمىزغا.
كەلدىم تۈندە كۆلنىڭ بويىغا،
سۈكۈناتقا چۆمۆپتۇ ئالەم.
سىڭىپ كەتتى ياشلىرىم كۆلگە،
ئاھ پەلەككە يەتكەيمۇ نالەم...
تۈنەپ چىقتىم كۆلنىڭ بويىدا،
جىمجىت جاھان گويا قەلبىمدەك.
ئۆز-ئۆزىنى سەزمەيدۇ شۇتاپ،
ئازابلارغا يەم بولغان يۈرەك.
تاڭ ئاتتى ئاسمان كۆزىدە ياش،
ئاران قالدى ھەم تۆكۆلەلمەي.
بۇ ئازابنىڭ قايناملىرىدا،
ئامالسىز مەندەك مۈكۈنەلمەي.
تۆكۆلۆپ كەتتى بىردىن ئاسمان،
ئۈستى-بىشىمدا يامغۇرنىڭ كۈيى.
يۇيۇلۇپ كەتسە ئازابلىرىم ھە،
مۇڭلۇق سايراپ قۇشقاچنىڭ تىلى...
ئۆتتى ئاستا ئازابلىق كۈنلەر،
ئىچ-ئىچىمدىن سۆڭەكنى غاجاپ.
يۈرىكىمگە بىرەيمۇ تەسەللى،
ئۆتۆپ كىتەر بۇ كۈنمۇ دەپ ئالداپ...
5
ساپمۇساق بىر ھەپتىدىن كىيىن،
كەلدىڭ يەنە قاپاقنى يۈدۈپ.
تۇرپ قالدىڭ جايىڭدا ئۈنسىز،
ئاھ كۆزۆڭدە مۇنجاق تۆكۆلۆپ.
ئىششىپتۇ ھەم قىزارغان كۆزۆڭ،
ساق قويماپتۇ سىنىمۇ ئازاپ.
بۇدرۇققىنە يۈزلىرىڭ قىنى،
ئاران قاپسەن چىرايىڭ ياداپ.
گەپ-سۆزسىزلا تۇرۇشتۇق ئۇزۇن،
ياش تۆكىدۇ كۆزىمىز تىنماي.
توختايدىغاندەك ئەمەس ھىچبىر،
يۈرىكىمىزگە ئازاپ پاتماي.
سۈرتمەك بولدۇڭ يىشىمنى ئاستا،
تۇتىۋالدىم قولۇڭنى لىكىن.
-سۈرتۈپ بولالامسەن بىر ئۆمۆر،
ئاھ يۈرۈكۈم تاپقايمۇ تەسكىن.
-مەن سىزگە سۇنى ئۇسسۇپ بىرەي،
سەزمەي قالدىم ئاۋازىم تىترەك.
يەنە يىغلىشىپ كەتتۇق بىر پەس،
ياشلىرىمىز قۇرىماس كۆلدەك...
سۇنى ئىلىپ سۇنغاندا ساڭا،
يەردە ياتار قاپاق پارچىسى.
دەردىمىزگە چىدىمىدى بەلكىم،
سىخى كائىناتنىڭ بارچىسى.
سۆز باشلىدىم يىغىدىن پەسلەپ،
-نىمە ئۈچۈن داداڭ قوشولماس.
دىمىدىڭمۇ داداڭغا گۈلۈم،
بۇ ھىجرانغا جىنىم توشۇماس.
"-كىچىكىمدىن ئانام يوق مىنىڭ،
مىڭ جاپادا دادام ئۆستۆردى.
مەن دادامغا دىدىم ۋە لىكىن،
دادام تەڭلىكتە كۆز ياش تۆكتى.
مەن تويلاشماقچى بولغان يىگىت،
بىر ھاجىمنىڭ قارى بالىسى.
دادام شۇنداق دىدى ئاخشام،
مەن دادمنىڭ يۈرەك پارىسى.
تونۇشماستا سىز بىلەن بۇرۇن،
ئۈچ يىل ئىلگىرى باھار پەسلى.
ئەلچى بولوپ كىرىپتۇ ھاجىم،
دادام ماقۇل بوپتىكەن ئەسلى.
مەن بۇنىڭدىن ئەسلا خەۋەرسىز،
ئاخشام ئۇختۇم بۇ ئىشنى تىخى.
يىنىپ كىتىڭ دىدىم دادامغا،
دادام بەكمۇ ئاقكۆڭۆل كىشى.
قىزىم دىدى دادام مۈكچىيىپ،
يولۋاس ئىزىدىن يانماس ئەسلا.
سەن جاھاندا بىرتاللا قىزىم،
تەڭلىكتە قويما مىنى دۇنيادا.
ئالدىڭىزدا خىجىلمەن سىزنىڭ،
رازى قىلماق بولدۇم دادامنى.
چۈشەنگەيسىز قەلبىمنى مىنىڭ،
دىلىڭىزدىن سۆيسىڭىز مىنى."
كۆز يىشىمىز بۇلدۇق-بۇلدۇقلاپ،
بۇلاق بولوپ تاشتى ئاخىرى.
رىسىق پىشانە شۇ بولسا كىرەك،
ھەممىز خۇدانىڭ چاكىرى.
يانجۇقىڭدىن ئىلىپ قولياغلىق،
سۇندۇڭ ماڭا ئۈن-تىنسىز يىغلاپ.
گەپ سۆزسىزلا ئالدىم مەنمۇ ھەم،
يۈرىكىمگە باستىم ئاۋايلاپ.
كەتمەك بولوپ ماڭدىڭ تىۋىشسىز،
"بەخىتلىك بول"دىيەلىدىم ئاران.
مەن كىمگىمۇ ئىيتاي دەردىمنى،
ئەي سۆيۆملۈك ۋاپاسىز جاھان...
6
تويۇڭ بولدى ئاخىرى بۈگۈن،
نىمىدىگەن ئازابلىق كۈن بۇ.
شاماللارمۇ ئوينىماس ئۇسۇل،
قاياقلارغا كەتتى قۇشلارمۇ.
جىمىملا كىتىپتۇ كۆل سۈيى،
مەجنۇنتاللار ئىيتمايدۇ ناخشا.
ئىزلىرىڭلا قاپتۇ ئۆز پىتى،
سەن ماڭغان شۇ توپىلىق يولدا.
قولياغلىقنى ئىلىپ قولومغا،
بىسىپ باقتىم يۈرەككە نەچچە.
ئازابلىرىم پەسىيدىغاندەك،
سۈرۈپ باقتىم پىچاقنى بىلەككە.
چۈشۈپ كەتتى تۇيۇقسىز يەرگە،
قولياغلىقنىڭ ئىچىدىن قەغەز.
ئۇچار قۇشلار كەلدى بىردىنلا،
كەپتەر بىلەن توشۇپتۇ پەغەز.
ھەيران قالدىم ئىچىپ قەغەزنى،
يىزىلغان ئىككى قۇر قانلىق خەت.
"مەھمۇد مىنى كەچۈرەلەرسىزمۇ،
ۋاپاسىز يارىڭىز خەلچەم"دەپ...
قولياغلىقنى ئاۋايلاپقىنە،
ئىسىپ قويدۇم سۆگەت شىخىغا.
قانلىق خەتنى بىسىپ يۈرەككە،
سەكرىدىم دەل كۆلنىڭ ئوتتۇرغا.
بەخىتلىك بول سۆيۈملۈك خەلچەم،
ۋىسالىڭسىز قاراڭغۇ دۇنيا.
بىرەلمىدىم ساڭا بىر سوۋغات،
سۆيگۈم بولسۇن مەڭگۈ تۇتىيا...
خاتىمە
قۇياش كۈلۈپ چىققاندا سەھەر،
لەيلەپ قالسام كۆلنىڭ يۈزىگە.
يۈرىكىڭگە بەرگىن تەسەللى،
ياش كەلمىسۇن ئويچان كۆزۆڭگە.
مۇشۇ كۆلگە كۆمۆپ قويۇڭلار،
قاپاق يۈدۈپ خەلچەم كىلىدۇ.
سۇ ئۇسسۇپ بىرىمەن يەنە مەن،
چۈشۈپ كەتسە سۈزۈپ بىر كۈنى...
ئۆمەرجان مامۇت شىپايى
گۇما
قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭلارنى ئايىمىغايسىزلەر.
مومكىن بولسا مۇڭلۇق بىر مۇزىكا يوللاپ قويساڭلا،مەن يوللاشنى ئۇقمايدىكەنمەن.رەھمەت...
2013.4.20
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tamken تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-20 07:52 PM