قورقمايمەن
‹چانايمەن›شئېرىغا جاۋاپ شئېر
ئانامغىمۇدېمەيمەن،دادامغىمۇ دېمەيمەن،
تەھدىت سالدى ماڭا دەپ ھەدەمگىمۇ دېمەيمەن.
چۆچەك ئېيتىپ چوڭ قىلغان مومامغىمۇ دېمەيمەن،
《توغرايول》دا ماڭساڭ سەن ،قېچىشتىن مەن قورقمايمەن.
كۆڭۈل بۆلۈرئاپاممۇ،ئاسراپ باقار داداممۇ،
ئۆتكۈزگەچكەياشلىقنى تەنبىھ بىرەر ئاچاممۇ.
ئەتتىگەندىن كەچكىچە سېنى دەپلا يىغلايمەن،
تەستەك بەرسە مەيلىغۇ ئاكامدىنمۇ قورقمايمەن.
چېپىپ يۈرسەڭ قاۋاققا، قوللىرىڭدا تاماكا،
يامان كۆرۈپ ئەلۋەتتە دەيدۇ بېرەي ياخشىغا.
سۆزلىدى كۆپ دوستلىرىڭ ئوقۇتتى دەپ باخشىغا،
سۆيۈپ قالغاچ مەن سېنى يامان سۆزدىن قورقمايمەن.
ئۆتكۈزدۇق بىزنەچچە يىل كۈندە ئۇچۇر يوللىشىپ،
ئايدىڭلاردا كۆرۈشكەن ھەممە يۈرسە ئۇخلىشىپ.
بولاي دېگەن ۋاپادار سېنىڭ بىلەن تويلىشىپ،
بىلمەپتىمەن ھالىڭ شۇ،ئايرىلىشتىن قورقمايمەن.
چاناش دېمەي ئالدىدا سويۇپ كەلگىن پاشاڭنى،
تىلىپ قالار بىلىگىڭ بېلەپ بېرەي پىچاقنى.
كۆرۈنمىسە كۈزۈڭگە ئاشىقلقتىن باشقىسى،
نېمەقېلساڭ قىلمامسەن،مەن سېنىڭدىن قورقمايمەن.
ئاينۇرئەخمەت‹ئەدىبە›
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-20 08:02 PM