ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تور بىكەتلەرنى ئارلاۋىتىپ تۆۋەندىكى رەسىمنى ئۈچۈرتۇپ قالدىم . سىلەرنىمۇ كۇرۇپ باقسۇن دەپ يوللاپ قۇيدۇم ...............
يۇقاردىكى رەسىمنى چۈشۈنۈش ..............(ئاستىدىن ئۈستىگە)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن -ئىنسانلار ئادەمنىڭ پەرزەنتىللىرىدۇر ، ئادەم تۇپراقتىن يارتىلدى .
ئادەم ئەلەيھىسسالام -ئىدرىس ئەلەيىسسالام -نوھ ئەلەيسىسسالام-سالھ ئەلەيھىسسالام-لوت ئەلەيھىسسالام-ھود ئەلەيھىسسالام-ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام-شۇئەيىب ئەلەيھىسسالام-ئىسھاق ئەلەيھىسسلام-ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام-ياقۇپ ئەلەيھىسسالام-يۇسۇف ئەلەيھىسسالام-ئايۇف ئەلەيھىسسالام-زۇلكىفىل ئەلەيھىسسالام-يۇنۇس ئەلەيھىسسالام-داۋۇت ئەلەيھىسسالام-سۇلايمان ئەلەيھىسسالام-يەھيا ئەلەيھسسالام-ئىلياس ئەلەيھىسسالام-مۇسا ئەلەيھىسسالام-ھارۇن ئەلەيھىسسالام-ئىيسا ئەلەيھىسسالام-مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام .(ئۇلارغا اللەنىڭ رەھمىتى ۋە تىنىچ ئامانلىقى بولسۇن)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: پەيغەمبەرلەر قىرىنداشلاردۇر ....ۋە ئۇلارنىڭ دىنى بىردۇر . مۇسلىم توپلىغان.
پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى توغرىسىدا قۇرئان كەرىمدىكى تۆۋەندىكى ئايەتلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ بىقىڭ!
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان اللەنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئى (ۋەھىي نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!)(1)تۇر! (ئىنسانلارنى) ﷲنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر.(2) مۇدەسسىر سۈرىسى 1-2-ئايەت.
ئى ئىنسانلار! پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن ھەق (دىن) ئېلىپ كەلدى، ئىمان ئېيتىڭلاركى، (بۇ) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىق، ئەگەر ئىنكار قىلساڭلار (يەنى كۇفرىنى داۋاملاشتۇرساڭلار) (ﷲ سىلەردىن بىھاجەت). چۈنكى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ﷲ نىڭدۇر (يەنى ﷲ نىڭ مەخلۇقاتىدۇر، مۈلكىدۇر). ﷲ (بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.(170)سۈرە نىسا170-ئايەت
ئىنسانلار (دەسلەپتە) بىر ئۈممەت (يەنى ھەق دىندا) ئىدى (كېيىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتىپ، بەزىسى ئىمان ئېيتماي ئىختىلاپ قىلىشتى)، ﷲ (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (كۇففارلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى.(213) سۈرە بەقەرە 213-ئايەت
ئېيتقىنكى، « مەن (ﷲ ئىنسانلارنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن) تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەسمەن، (مەندىن ئىلگىرىكى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ۋەھىي بىلەن كەلدىم، نېمىشقا مېنى ئىنكار قىلىسىلەر؟) ماڭا ۋە سىلەرگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقمايمەن (چۈنكى ﷲ نىڭ تەقدىرىنى ئالدىن ئۇققىلى بولمايدۇ)، مەن پەقەت ماڭا ۋەھىي قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىمەن، مەن پەقەت (سىلەرنى ﷲ نىڭ ئازابىدىن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».(9) سۈرە ئەھقاف 9-ئايەت
(ئى مۇھەممەد!) كىشىلەرنى (يەنى كۇففارلارنى) ئازاب كېلىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن ئاگاھلاندۇرغىن، (بۇ كۈندە) زالىملار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە قىسقىغىنا ۋاقىت مۆھلەت بەرگىن (يەنى دۇنياغا قايتۇرغىن)، دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلايلى، پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشەيلى» دەيدۇ. (ئۇلارغا) سىلەر ئىلگىرى، بىز ھەرگىز يوقالمايمىز، دەپ قەسەم ئىچمىگەنمىدىڭلار؟ (دېيىلىدۇ) .(44)سۈرە ئىبراھىم 44-ئايەت
ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن كېيىن ﷲ نىڭ ئالدىدا كىشىلەر (يەنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن بولسا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتاتتىم ۋە ئىتائەت قىلاتتىم دېگۈچىلەر) گە باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دوزاختىن)ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.(165) . سۈرە نىسائ 165-ئايەت.
ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىي ۋە ناسارالار) بىزگە (ساۋاب بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (ئازابتىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىدى دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، پەيغەمبەرلەر ئۈزۈلۈپ قالغان بىر زاماندا سىلەرگە (شەرىئەتنى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرىنى) بايان قىلىپ بېرىدىغان رەسۇلىمىز كەلدى، ھەقىقەتەن سىلەرگە خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلدى (ئەمدى سىلەرگە ئۆزرە قالمىدى). ﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.(19) سۈرە مائىد 19-ئايەت
بىز پەيغەمبەرلەرنى پەقەت (ساۋاب بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (ئازابتىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىمىز، ئىمان ئېيتقان ۋە (ئەمەللىرىنى) تۈزىگەن كىشىلەرگە (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر.(48) سۈرە ئەنئام
مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، لېكىن (ئۇ) ﷲنىڭ پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر (ﷲ ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلىكنى ئاخىرلاشتۇرغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق پەيغەمبەر كەلمەيدۇ)، ﷲ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر (سىلەرنىڭ سۆز- ھەركىتىڭلاردىن ھېچ نەرسە ﷲ غا مەخپىي ئەمەس) .(40) سۈرە ئەھزاپ 40-ئايەت
كاپىرلار جەھەننەمگە توپ- توپ بولۇپ ھەيدىلىدۇ، ئۇلار جەھەننەمگە يېتىپ كەلگەندە، جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «ئاراڭلاردىن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرىدىغان، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشنىڭ بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىگەنمۇ؟ » دەيدۇ. ئۇلار: «شۇنداق (پەيغەمبەرلەر كەلگەن، بىزنى ئاگاھلاندۇرغان)، لېكىن ئازابقا دۇچار بولۇش ھۆكمى (كۇفرى ۋە قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن) كاپىرلارغا تېگىشلىك بولدى» دەيدۇ.(71)سۈرە زۇمەر 71-ئايەت
(ئى مۇھەممەد!) «(بۇ) ھەق (قۇرئان) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نازىل بولىدۇ، خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن» دېگىن، بىز ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن تۈتۈن پەردىلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدىغان ئوتنى تەييارلىدۇق، ئۇلار (تەشنالىقتىن) سۇ تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش، يۈزلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان (ناھايىتى قىزىق) سۇ بېرىلىدۇ، بۇ نېمىدېگەن يامان شاراب! جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي! .(29) سۈرە كەھف 29-ئايەت
مەنبە قۇرئان كەرىم تەرجىىمىسى ۋە مەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jangqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-20 04:51 PM