ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار !
بىزدە ھازىر نىمە كەمچىل
ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق نورغۇن ياشلىرىمىزنېڭ ،سىتودىنتلىرىمىزنېڭ خىزمەت تېپىش ھەلەكچىلكىدە چېپىپ يۈرۋاتقىقىنىنى ،ئۆزكۆڭلۈدىكىدەك خىزمەت تاپالماي زاماندىن ،مەلۇم كىشلەردىن ،مەلۇم ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئاغرىنىپ تۇرمۇشىنى چىچىلاڭغۇلۇق ئىچىدە ئۆتكۈزۋاتقىنىنى ؛بىر كىشلىك خىزمەتكە ئىرىشىپ بولغانلارنېڭ بولسا خىزمەت ئورنىدىن ،ىىزمەت مۇھىتىدىن ۋە ياكى مائاشىنېڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسلىكىدىن ،ىىزمىتىنېڭ جاپالىغلىقىدىن ۋايساپ تۇرمىشىنى ئۆكۆنۈش ئىچىدە ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى ؛ يەنە نورغۇن ياشلىرىمىزنېڭ بولسا گۈلدەك ياشلىقىنى كايىپ -ساپا ئىشلارغا سەرىپ قىلىۋاتقانلىقىنى ،ئۆزىگە ماس ئورۇن تاپالماي ،جەميەتنېڭ بۇلۇڭ -پۇچقاقلىرىدا يۈرۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز .ئەمسە ئويلاپ باقايلى ،ئۇلار زادى نىمە ئۈچۈن تۇرمۇشنېڭ ھەرخىل سىناق -توسالغۇللىرىغا تەمكىنىك بىلەن مۇئامىلە قىلالمايدۇ؟؟!!خىزمىتىگە ئۆزىنى بېغىشلىيالمايدۇ ؟؟!ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇنغا ئىرشەلمەيدۇ ؟!!!!........
ئەمەلىيەتتە مۇنداق ۋايساشلارنى ،ئۆكۈنۈشلەرنى كۈندە دېگۈدەك ئاڭلاپ تۇرىمىز ،بەزىدە ئۆزىمىزمۇ مۇشۇنداق ئۈمۈدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالىمىز .ئەمسە،قانداق بىر سەۋەب ببىزنى مۇشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى ؟بىزدە زادى نىمە كەمچىل ؟!
مىنېڭچە بىزدە نېمىنېڭ كەمچىللىكىنى مۇنداق ئۈچ نەرسىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ
1-مىننەتدارلېق ،ئۇلۇغ ئىەەم ئاللاھ بىز بەندىلەرگە ياخشى ئەمەللەرنى قىلسۇن دەپ پۇت -قول ،ئۆزىنى ۋە ئۆز تۇمۇشىنى ئۆزگەرتسۇن،ئۆز يارلىشىنېڭ ھېكىمىتىنى چۈشەنسۇن دەپ ئاڭ ، تەپەككۇر ئاتاقىلغان شۇنېڭ بىلەن بىرگەنورغۇن ھېكىمەتلەرنى ،سىرلارنى ۋە غايەت زور مۆجىزىلەرنى ئۆز قوينىغا يۇشۇرغان كەڭ تەبئەتنى ياراتقان .بىراق بىز تا ھازىرغىچە ئۆزىمىزنېڭ بۇ دۇنياغا زادى نىمە مقسەت ،نىمەھېكىمەت بىلەن يارىتالغانلىقىمىز ھەققىدە ئويلڭنىپ باقماي ياشاۋاتىمىز .ئۆزىمىز تېرشىپ ئەمەل قىلماي ،ئاللاھتىن ئاغرىنىپ ،تۇرمۇشتىن زارلىنىپ ،زاماننى تىللاپ ئكز ھورۇنلىققمىزنى نىقاپلاپ كەلمەكتىمىز .يۈرۈگىمىزنى سىلاپ تۇرۇپ ئويلانمىدۇق ،تەبئىتنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتمىدۇق ،ئەمەلىيەتتە بىز تەبىئەتنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىدىغان بولساق نورغۇن كەشپىياتلارنى بايقىغان ،نورغۇن مۆجىزىلەرنېڭ ھېكمىتىنى سې قىلغان بولاتتۇق ... دۇنيا تەرەققىياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئەڭ يېڭى كەشپىياتلارنېڭ كۆپىنچىسىنېڭ كەشپىياتچىلارنېڭ تەبئەت دۇنياسىدىن ئالغان ئىلھامىنېڭ ھوسۇلى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز .نىمە ئۈچۈن بىز كەشىپ قىلالمايمىز ؟نىمە ئاللاھ بىز بەندىلەرگە ئاتاقىلغان نەرسىلەرنېڭ قەدرىگە يەتمەيمىز ؟نىمە ئۈچۈن ئۇلۇغ ئاللاھتىن مىننەتدار بولمايمىز ؟؟؟!!!.... مانا بۇ بىز ئاغرىنىشتىن ئىلگىرى ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم مەسلە .
2-مەسئۇلىيەتچانلىق ،جەميەت ئىقدىساتىنېڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كىشلەرنېڭ ماددى جەھەتتىكى ئېتىياجى ۋە ئىنتىلىشلىرى ئېشىپ ۋە كۆپ خىللىشىپ ئۇلارنېڭ مەقسەت -مۇددىئالىرى تەبىيلا مۇشۇ خىل ئېتىياجلىرىنى قاندۇرۇشقا مەركەزلەشتى ،شۇنېڭ بىلەن ئۇلاردا ئۆزىنىلا مەركەز قىلىش ،ئۆزىنېڭ ھوقۇقى،يۈز- ئابرويى ئۈچۈنلا تېرىشىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالدى ،مەسىلەن ؛ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق كۆپىنچە ئوتـتۇرا-باشلانغۇچ ئەتراپىدىكى مىللى سودىگەرلىرىمىزنېڭ (ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى تۈزىمىسەك،باشقىلارنى قانداق تۈزىگىلى بولىدۇ ) ماگزىنلىرىدىكى ئۇششاق يىمەكلىكلەرنېڭ قانچىلىكىنى بىر قەدەر ئىشەنچ بىلەن ئىستىمال قىلغىلى بولار ؟! ئۇلار نىمە ئۈچۈن دۇكانلىرىغا سالغان ماللارنېڭ تەركىبىگە ۋە كىلىش مەنبەسىگە چەك قويمايدۇ ؟چۈنكى بۇماللارنېڭ باھاسى ناھايىتى ئەرزان ،ئوقۇغۇچىلارنېڭ ئىستىمال سەۋيىسىگە ئىنتايىن ماس كىلىدۇ .شۇڭا ئۇلار مۇشۇ ئاجىزلىقتىن پايدىلنىپ ،كىيىنكى ئەۋلادلارغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ .بۇ پەقەت جەميىتىمىزدىكى ئەڭ كىچىك بىر ھادىسە ،بۇنداق مەسىللەر ھازىرقى ئۇيغۇر جەميىتىدە ساماندەك ،ئۇيغۇرلارغا زېيىنى ئەڭ چوڭ بولىۋاتقان زەھەرلىك چىكىملىك ،ئىچىملىك ۋە ئەيدىزلارمۇ ھەم ....
ئەمەلدارلىرىمىز ئۆزلىرىنېڭ يۇز -ئابرويى ،ھوقۇق-مەنپئەتى ،دەرىجىسىنېڭ ئۆسۈشى كويىدا ،ئۆز خەلقىگە ،ئۆز مىللىتىگە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ ،شۇڭا خەلق ئۇلارغا ئىشەنمەي ،ئۇلارنى يۆلىمەي يۈرۈيدۇ .ئۇلار بولسا خەلىقىنى چۈشەنمەي، خەلىققە تايانماي يۈرۈيدۇ ،شۇنېڭ بىلەن ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەلمەي ،باشقىلار سېزىپ بەرگەن سىزىقتا مېڭىشقا مەجبۇر بولىمىز .ئاقىۋەتتتە زىيان يەنىلا شۇ مىللەتكە بولىۋاتقان .
ئاتا-ئانىلارچۇ ؟ ئاز ساندىكى ئاتا-ئانىلار ئۆز كۆڭۈل خۇشىنېڭ كەينىگە كېرىپ ئۆز پەرزەنتلىرىگە،ئۆز ئائىلسىگە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ،پەرزەنـت تەربىيسىگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ ،قايسى بىر يازغۇچىمىز ئېيتقاندەك ؛<مەدىنيەتلىك قېرىلار دۇنياسى بولمىغان مىللەت ،نادانلىق پاتقىقىدا ئېڭراۋاتقان مىللتتۇر > چوڭلار كىچىكلەرگە ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئۈلگە بولغاندا ئاندىن كىيىنكى چوڭ پۇشايماننېڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئازساندىكى چوڭلار تېىى ھېس قىلىپ يىتەلمەيۋاتىدۇ .شۇڭا نورغۇن ياش غۇنچىلار ئۆز ئورنىنى تاپالماي جەميەتنېڭ چاڭ -توزانلىرى ئاستىدا قېلىۋاتىدۇ ۋەھاكازالار .يۇقارقىلارنېڭ تۈپ مەنبەسى يەنىلا مەسئۇلىيەتسىزلىك .
3- ئىنسانلار تۇرمۇشىنېڭ تۈپ قانۇنىيتى بولغان مۇھەبـبەت ،گەرچە ھازىر ئاڭلايدىغانلىرىمىز مۇھەبــبەت ناخشىللىرى ،ئوقۇيدىغىنىمىز مۇھەبـبەت ھېكايىللىرى بولسىمۇ بىراق ،بىز بۇ يەردىكى <مۇھەبـبەت >ئۇقۇمىنى ناھايىتى تا مەنىدە قوللىنىپ كەلمەكتىمىز .مۇھەبـبەت -ئۇ دۇنيادىكى مەڭگۇلۈك ئۆلمەس تېما .ئىسلامنېڭ ئاساسىمۇ مۇھەبـبەت ،مۇھەبـبەت ئۇ بىزدېن ئالدى بىلەن ئاللاھنى سۆيۈشنى ،ئاتا-ئانا ،دوسـت -بۇرادەلىرىمىزنى سۆيۈشنى ،ئاللاھ يولىدا دىنى قېرىنداشلىرىمىزنى سۆيۈشنى ۋە ئاللاھ يولىدا ئاللاھنېڭ بارىلىق مەۋجۇداتلىرىنى سۆيۈشنى تەلەپ قىلىدۇ .بىراق بىزدە كەم بولىۋاتقىنى نەق ئىسلامنېڭ ئاساسى بولغان ،
ئىنسانلار تۇرمۇشىنېڭ تۈپ قانۇنىيتى بولغا -مۇھەبـبەت .بىزدە مۇھەبـبەت كەمچىل بولغاچقا بىر-بىرمىزنى سۆيەلمەي، بىر-بىرمىزنى كۆرەلمەي، بىر-بىرمىزنى كەچۈرەلمەي ،بىر-بىرمىزگە يار- يۆلەكتە بولماي بىر-بىرمىزگەتايانماي ،ئۆز-ئارا ئتـتىپاقلاشماي ،ئۆز-ئارا ئۇرۇشۇپ ،ئۆز-ئارا تالىشىپ ،ھەممىنى ئۆزىمىزگە مەكەزلەشتۈرۈش ،ھەممىنى ئۆزىمىزگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىمىزگىمۇ ،ئۆزگىگىمۇ كۆڭۈلسىزلقك ،ئاپەت ئېلىپ كىلىپ تۇرمۇشىمىزنى مەنىسىزلىك، زىددىيەت ئىلكىدە ئۆتكۈزىۋاتىمىز .ھاياتنېڭ ھەقىقى مەنىسىنى ھېس قىلالمايۋاتىمىز.شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە قايسى يولدا ،قانداق مېڭىشىمىزنى بىلەلمەي ئىسەنگىرەپ قېلىۋاتىمىز .
يىغېنچاقلىغاندا ،بىزدە زادى نىمە كەمچىل ھەربىرىمىز ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىپ بېقىشىمىز كېرەك .
كەمتۈك يەرلىرى بولسا توغرا چۈشۈنەرسىلەر .