يىـڭى ئــەزا
خىيانەت ئېزىز مەتكىرىم(ئاتەش) ئۆتكەن ئىدىم شۇنچە ئۇزۇن ئىشقىڭدا كۆيۈپ ، بۇلبۇل بۇلۇپ دىل بېغىڭدا سۆيگۈڭنى كۈتۈپ. لىكىن بولدى ئېرىشكىنىم ھەسرەت ئاقىۋەت، ئۆز دوستۇمغا كۆڭۈل بىرىپ يۈردۈڭ سەن كۈلۈپ
* بىلىنمىدى مەۋجۇتلۇقۇم تۇرساممۇ ھايات، ساختا دوستلۇق قىلدى بىزنى ئاخىرى ۋەيران. بەرگەن مىھرىم ئۈچۈن قىلغان خىيانىتىڭگە، سەنمۇ بولدۇڭ ئاقىۋەتتە تۆكۈلگەن رەيھان.
* يۈرىكىمنى يارا قىلغان سۆيگۈم سەن ئىدىڭ، سىنى مەندەك تاشلىغاندا پۇشايمان يىدىڭ. كەتكەنلەرنىڭ كەلمىكى بار ئىكەن ئۆلمىسە، كىلىپ سىزنى سۆيۈشكە مەن رازىمەن دىدىڭ * ۋاپاسىزغا كۆڭۈل بىرىپ لىۋىگە سۆيۈپ، ئالدانغاندا كىلىپ يايرىم سۆيەمسەن مىنى. ھازىرمۇ ھەم سۆيسەممۇ يار سىنى چىن دىلدىن، لىكىن قۇبۇل قىلالمايمەن،كەچۈرگىن مىنى. * رەنجىمە ئېزىز مەتكىرىم ئاتەش سۆيمىدى مىن دەپ سۆيگەن يارىڭدىن، رەنجىمە ئەقىدەڭ ئاچمىسا چىچەك. ئوخشىماس ھەر كىمنىڭ ئارزۇ-ئارمىنى، بار بەلكىم ئۇنىڭدا ئۆزگە بىر تىلەك. * بىراۋنىڭ سۆيگىسى ساڭىمۇ مەنسۇپ، مەيلى سەن تون كەيگىن ۋەياكى جەندە. ۋەلىكىن باقمايدۇ مۇھەببەت كۈلۈپ، رىسقى يوق بەخـتكە تەلمۈرسە بەندە. * رەنجىمە بىرەلمەس سۆيگۈ مىھرىدىن، رەنجىمە كۆيدۈرگەن سۆيگۈ ئىشقىدىن. سۆيگىنىڭ سۆيمىسە بەختىنى تىلەپ، ئۆزۈڭنىڭ بەخـتىنى ئىزدە باشقىدىن. * قەدىردانىڭ بۇلالماي ئۆتتۈم ئېزىز مەتكىرىم ئاتەش ناخشا ئېيتىپ ھەر كۈنى سەھەر، مەھەللەڭدىن نەچچە رەت ئۆتتۈم. ئىشىنىپ مەن مۇھەببىتىمگە، ساداقەتتە بىر سىنى كۈتتۈم. * لىكىن كىرەك قىلمىدىڭ پەقەت ، چىن سۆيگۈمنى ساداقەتنى سەن. توي ناخشسى ئاڭلىنىپ بۈگۈن، بارالمىدىم مەھەللەڭگە مەن. * سۆيسەممۇ يار سىنى چىن دىلدىن، قەدىردانىڭ بۇلالماي ئۆتتۈم. تويۇڭ بۇلۇپ ئۈزۈلدى ئۈمىد، مەھەللەڭدىن ئامالسىز يۈتتۈم
پاش قىلىش
سۆيمىگەننى سۆيمىسۇن قىزلار ئېزىز مەتكىرىم ئاتەش قىزغىنىدۇ نۇرىنى بىزدىن، ئاي يۈزىنى تۇسۇپ بۇلۇتلار. بىرەلمەيدۇ مۇھەببىتىنى ، سۆيمىگەننى سۆيسىڭىز قىزلار. * سۆيگۈ ئىزدەپ چىكىپ رىيازەت، ئېرىشكىنى ھەسرەت -نادامەت. بار قەلبىدە چوڭقۇر جاراھەت، سۆيمىگەننى سۆيسىڭىز قىزلار * .ماڭغان يول بولمىسۇن خاتا، سۆيگۈ ئىزدەپ چەكمىسۇن جاپا، گۇناھى يوق تارتمىسۇن جازا، سۆيمىگەننى سۆيمىسۇن قىزلار. * سۆيگۈ سىنى يىغلاتسا ئەگەر ئېزىز مەتكىرىم ئاتەش سۆيگۈ سىنى يىغلاتسا ئەگەر، ھېچكىشىگە سۆزلەپ يۈرمە دەرت. يىغلىتاركەن گاھىدا شۇنداق، ئاتا قىلىپ مۇھەببەت ھەسرەت. * سۆيگۈ سىنى يىغلاتسا ئەگەر، ۋاقىت بىلەن ئۆتۈپ كىتىدۇ. سەن دەردىڭنى سۆزلىسە\ڭ ئەمما، دەردى يوقلار كۈلۈپ كىتىدۇ. * سۆيگۈ سىنى يىغلاتسا ئەگەر، ساڭا ئازاب ئېلىپ كەلسە ھەم. ئويلاۋەرمە تۈنۈگىنىڭنى، قويغىن گۈزەل ئەتىگە قەدەم
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ